يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1498|ئىنكاس: 4

تەسەۋۋۇپ تارىخىدىكى مەشھۇر تەسەۋۋۇپچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەسەۋۋۇپ تارىخىدىكى مەشھۇر تەسەۋۋۇپچىلار

1. ھاسان باسرى
2. ھېجرى ئۈچىنجى ئەسىردىكى تەسەۋۋۇپچىلار ① ھارىس ئەل مۇھاسىبى ② ھارراز ③ ئىبىن كەررام ④ جۈنەيىد
3. ھەللاج
4. غەززالى
5. مۇھددىن ئىبىن ئارابى
6. مەۋلانە جەلالەددىن رۇمى
7.  ئەرزۇرۇملۇق ئىبراھىم ھاككى

1. ھاسان باسرى – ھېجرى 1- ئەسىرنىڭ 641-642- يىللىرىدىن 728- يىلىغىچە ياشىغان . ئەسلى ئىسمى ھاسان بىن ئەبىل ھاسان ياساربولۇپ ، دادىسىنىڭ ئىسمى فىرۈز ، يەسار ياكى جافەر، ئانىسىنىڭ ئىسمى ھايرى ( خەيرى ) . 641- يىلى مەدىنە مۈنەۋۋەردە تۇغۇلۇپ 728- يىلى بەسرە ( بەسىر ) دە ۋاپات بولغان . قەبرىسى بەسىردىكى سالىھىييە دەپ ئاتىلىدىغان جايدا.
       ھاسان باسرى ھەزرەتلىرىنىڭ دادىسى بەسىرلىك بولۇپ ،مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن فىرۇز ۋە ياسار دېگەن ئىسىملارنى قوللانغان . مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن جافەر ئىسمىدە ئاتالغان . ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ مەيساننى بۇيسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشكەن جافەر ئەسھابى كېرەملەر ئىچىدىكى زەيىدبىن سابىت ئەل ئەنسارىنىڭ قۇلى بولغان . ئانىسى ھايرە ( خەيرى) خاتون ، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى بولغان ئۈممۈسەلەمەرادىيوللاھۇ ئەنھانىڭ دېدىكى بولۇپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلغان . ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن توي قىلغان . ھەزرىتى ئۆمەر خەلىپە بولغان يىلى يەنى 641- يىلى بۇ ئككىسىنىڭ تۇنجى پەرزەنتى ھاسان باسرى دۇنياغا كەلگەن . جافەر تۇنجى پەرزەنتىگە ئىسىم قويدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى خەلىپە ئۆمەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارغان . ھەزرىتى ئۆمەر بۇۋاقنىڭ يۈزىنى كۆرگەندىن كېيىن ‹‹ ئىسىمى ھاسان ( گۈزەل ) بولسۇن ›› دېگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاققا ھەزرىتى ئۆمەر تەرىپىدىن ھاسان دېگەن ئىسىم قويۇلغان .
      تېخى مۇسۇلمان بولمىغان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى مەدىنىدىكى ۋادىل كۇرا دېگەن جايدا ئولتۇراتتى . ئانىسى خەيرى ھەزرىتى ئۈممۈ سەلەم رادىيوللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىپ تۇراتتى . بۇنادق ۋاقىتلاردا ئۇ بۇۋاق ھاساننىمۇ بىللە ئېلىپ باراتتى . ئانىسى ئۈممۈسەلەمەنىڭ خىزمىتى بىلەن سىرىتقا چىقىپ كەتكەندە ھاسان يىغلاپ كەتسە ، ئۈممۈ سەلەمە ئۇنى مېھرى بىلەن قولىغا ئېلىپ باغرىغا باساتتى ۋە ھەتتا ئۇنى ئىمىتكەن ۋاقىتلىرىمۇ بولغان . ئۈممۈ سەلەمە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ ‹‹ يا رەببىم ، سەن بۇ بالىنى ئىمام قىلغىن ، ئىنسانلار ئۇنىڭغا بوي سۇنسۇن ، ئۇنىڭ تۇتقان ھەق يولىدا ماڭسۇن ›› دەيتتى .
      بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ھاساننىڭ ئاتا – ئانىسى مۇسۇلمان بولۇپ ، قۇللۇقتىن ئازاد قىلىندى . ھاسان باسرىنىڭ باللىقى مەدىنە مۈنەۋۋەردە ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئەرەپچىنى پۇختا بىلەتتى . ئۇ ئانىسى بىلەن ئۈممۈ سەلەمەنىڭ يېنىغا كېلىپ كېتىپ يۈرۈپ ئىسلام ئەخلاقى بىلەن يېتىشىپ ، كىچىكىدىلا قۇرئان كەرىمنى يادلاپ بولدى . ئون بەش ئون ئالتە ياشلىرىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە مەدىنە مۈنەۋۋەردىن ئايرىلىپ ، شۇ زامانلاردا ئىلىم مەركىزى بولغان بەسرىگە كۆچۈپ كەلدى . ئۇلار دادىسىنىڭ يۇرتى بولغان بەسىرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ، ئابدۇللاھ بىن ئابباس ، ئەنەس بىن مالىك ،ئابدۇرراھمان بىن سەمۇرە ، سەمۇرەبىن جۈندەپ ، ئىھياد بىن ھىمار ، مالىك بىن ياسار ۋە ئەسۋەد بىن رادىياللاھۇغا ئوخشاش ساھابىلارنىڭ ئىلىم مەجلىسلىرىگە ۋە سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىپ ، ھەدىس ، تەپسىر ، فىكىخ ئىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللەپ يۈكسەك ئىلىم ساھىبى بولغان . كېيىن ئىسلام قۇشۇنلىرى بىلەن جەڭلەرگە قاتىنىشىپ خۇرراسان ۋالىسى بولغان ۋە خۇراساندىمۇ ئىلىم ئەھلى بىلەن بىرگە بولۇپ ئىتقاد ، ئىمان ، زاھىر ئىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللىگەن . ئۇ تەسەۋۋۇپ يولىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئۈنچە – مەرۋايىت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىپ كەتكەن . بۇ مەزگىللەردە تىجارەت بىلەن رۇم دىيارىغا ( ئانادولۇ ) بارماقچى بولۇپ يولغا چىققان ھەم قەيسەرى شەھرىگە كەلگەن . قەيسەرىدە تىجارەت رۇخسەتنامىسى ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمدارلارغا قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى بېرىدىغان قائىدە بويىچە ، ھاسانمۇ قەيسەرى ۋەزىرىگە قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى يوللىغان ، ۋەزىر ئۇنى يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان مۇراسىمغا قاتنىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان .
       ئۇقاتناشقان بۇ مۇراسىم ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىپ ، بۇدۇنيادىكى مال – دۇنيا، يۇقرى مەنسەپ ، گۈزەللىكلەرنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ ئاخىرەتكە يۈزلەنگەن ۋە قايتىشىدا شەھەرگە كىرىپلا تىجارەتتە تاپقان دۇنيالىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇھتاجلارغا ، نامراتلارغا تارقىتىپ بېرىپ ، بەسرى ھاكىمى بولغان مۇھسىن ئەلىگە قول بېرىپ تەسەۋۋۇپ يولىنى تۇتقان . ئۇ تەسەۋۋۇپ يولىدا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە تېز ئىلگىرلەپ مەنىۋى دەرىجىگە يۈكسەلگەن . ھېچقانداق ۋاقىتتا خەلىقتىن بىرنەرسە تەلەپ قىلمىغان ، پەقەت ئۇستازى مۇھسىن ئەلىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ۋەز ئېيتىپ تالىپلارنى يېتىشتۈرگەن .
      ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولغان ۋاقىتلاردا شەھەرمۇ شەھەر ئايلىنىپ خەلىق ئارىسىغا چۆكۈپ ، قەيەردە بىرەر شەيىخ ياكى ۋەز ئېيتىۋاتقانلارنى كۆرسە شۇ يەردە توختاپ ۋەز نەسىھەت ئاڭلايتتى ، توغرا يولدىن ئايرىلغانلارنى ئەدەپلەيتتى . ئەلى مۇشۇنداق شەھەر كېزىپ يۈرۈپ بەسرىگە كېلىپ ، ئۈچ كۈن تۇرۇپ قالدى . ئۇ بىر مەجلىستە ھاسان باسرىنىڭ ۋەزلىرىنى ئاڭلىدى . مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى ئەلى ھاسانغا تەسەۋۋۇپقا مۇناسىۋەتلىك بولغان يۇشۇرۇن سىرلارنى ئېيتىپ چۈشەندۈردى . ھاسان باسرى ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلدى . ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىپ زىكىر تەلكىن بىلەن ئىنسانلارنى ئىسلامىيەتنىڭ ئەمىرى يۇسۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈپ تارقىتىشقا ئەمىر قىلدى ۋە تەرىقەتتىكى تۇنجى ‹‹ ئىجازەتنامە ›› نى يېزىپ ھاسان باسرىغا بەردى . تەرىقەت ئەھلى ئارىسىدىكى ئۇسۇل بولغان ‹‹ ئىجازەتنامە ›› يەنى قەغەزگە يېزىلغان رۇخسەتنامە مانا شۇ چاغدىن باشلانغان .
      ھاسان ئەل باسرى -19-14 ياشلىرىدا ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئاسىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش ئۇرۇشلىرىنى ، ھەزرىتى ئەلى ۋە مۇھالىفلىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇشلارنى ، جەمەل ۋەقەسى ۋە ئەلى بىلەن مۇئاۋىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار ، سىففىن ۋەقەسى ۋە جامائەتنىڭ سۈننى ، شىفى ، ھارجى دەپ ئۈچكە ئايرىلىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن .
      ئۇ كېسەل سەۋەبىدىن 728- يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ ئالدىنقى بىر جۈمە كېچىسى كەلمە شاھادەت ئېيتىپ 88 يېشىدا ۋاپات بولغان . مىيىتىنى تالىپلىرىدىن ئەييۈب بىلەن ھۈمەيدۇتتاۋىل يۇيغان . جۈمە نامىزىدىن كېيىن جىنازا نامىزى قىلىنغان .
      ھاسان باسرىنىڭ تەسەۋۋۇپتىكى يولىنى ئۇ تەربىيىلىگەن ئالىملار ئارىسىدىكى تۆت خەلىپە داۋاملاشتۇرغان . ئۇلار مالىك بىن دىنار، ئۇتبە ئى غۇلام ، ئبەۇ ھاشىمى مەككى ۋە ھاببى ئاجەمدۇر .
      ھاسان باسرىنىڭ ھەزرىتى ئەلىدىن ئالغان تەسەۋۋۇپتىكى يولى كېيىنكى چاغلاردا ئەدھەمىييە ۋە چەشتىييە دەپ ئاتالغان. ئۇ ھاياتىدا ئاللا يلىدا ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋە ساھابى كېرەملەرنىڭ يولىدا مېڭىپ ، ئىلمى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان .
      ئۇنىڭ قالدۇرغان ئەسەرلىرى :
      1. تەفسىرۇل ھاسەنىل باسرى
      2. كىتابۇل ھاسەن ئىبنى ئەبىل ھاسان فىل ئادەد ( قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك )
      3. رىسالەفى فادىل ھارامى مەككەتىل مۈكەررەمە ( مەككىنىڭ پەزىلەتلىرىگە دائىر )
      4. رىسالە ئابدىل مەلىك ئىبنى مەرۋان بىلەن ھاسەنىل باسرى ۋە جەۋابىھى ئالەيھا( خەلىپە ئابدۇلمەلىككە يېزىلغان رىسالە )
      5. رىسالە ئەربىئا ۋە ھامىن فارىدا( ئەللىك تۆت پەرىزنى چۈشەندۈرگەن كىتاپ)
      6. ئىماندىكى ئەللىك پەزىلەت توغرىسىدىكى رىسالە
      7. ئەل ئىستىغفاراتۇل مۇنكىزە منەننار ( ئەررابى ھىفزىييە دەپمۇ ئاتىلىدۇ تۆۋبە ھەققىدىكى كىتاپ )
      
      بەزى رىۋايەتلەردە ھاسان باسرى ئەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى بولغان ئۈممۈسەلەمەنىڭ قېرىندىشىنىڭ بالىسى بولۇپ ، ئۇنى ئۈممۈسەلەمە ئىمىتكەن دېيىلگەن . يەنە بەزى رىۋايەتلەردە ھاسان كىچىك چېغىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىچىپ قويۇپ قويغان سۈيىنى ئىچىۋالغاندىن كېيىن ، پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا ‹‹ ھاسان قانچىلىك ئىچكەن بولسا ، ئىچكەن سۈيى ئىلىم بولسۇن ›› دەپ دۇئا قىلغان دېيىلگەن . يەنە باشقا بىر رىۋايەتتە بولسا ، ئۈممۈسەلەمەنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرغان ھاساننى پەيغەمبىرىمىز قۇچىقىغا ئېلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلغان . مانا شۇنىڭدىن كېيىن ھاساندا ئۆزگۈرۈشلەر ۋە ھېكمەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىغان دېيىلگەن .
      مەنبە : Akara universitesi ilahiyat fakultesi yayinlari no:171
      Bilgi tezkiretulevliya.net ,  afyuksel.com , gavsulaza.de

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : نىگاران

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-8 20:34:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىگاران قالغان 6 نەپەر ئالىملىرىمىزنىڭكىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ يوللىمامسىز؟

ۋاقتى: 2015-3-7 21:04:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممتى بار تېمىكەن.

ۋاقتى: 2015-3-8 07:13:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىگاران،
ياخشى بىر ئەمگەكنىڭ باشلىنىىشى بوپتۇ. سىز بۇ تەسسەۋۇپچىلارنىڭ تەرجىمىھالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۋۇپقا مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنىمۇ بىرگە ئاغدۇرۇپ ماڭسىڭىز بەك ئېسىل ئىش بولاتتى. بۇنىڭدىن كېيىن تېما يوللىغاندا، ئىمكانىيىتىڭىز بولسا، مۇشۇ تەرەپلەرنى ئېتىباردىن يىراق قالدۇرمىغايسىز!

ۋاقتى: 2015-3-8 09:36:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ياخشى تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ بەزى ئىسىم، ئاتالغۇ ۋە سۆزلەرنى توغرا ئېلىنماي قاپتۇ.

ھاسان باسرى __  ھەسەن بەسىرى
ھارراز __ ھەرراز
ئارابى __ ئەرەبى
جەلالەددىن __ جەلالۇددىن
ھاسان بىن ئەبىل ھاسان ياسار __ ھەسەن بىن ئەبۇلھەسەن يەسسار
ھايرى __ ھەيرى
جافەر __ جەئفەر
رادىيەللاھۇ __رەزىيەللاھۇ
ھاسان __ ھەسەن
ئۈممە سەلەم رادىيوللاھۇ ئەنھۇ __ ئۇممە سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا
فىكىخ ئىلىملىرى__ فىقھ ئىلىملىرى
مۇھالىفلىرى__ مۇخالىپلىرى (قارشى تۇرغۇچىلار)
سۈننى ، شىفى ، ھارجى دەپ ئۈچكە ئايرىلىشلىرىنىڭ __ سۈننى، شىئە، خاۋارىج دەپ ئۈچكە ئايرىلىشلىرىنىڭ
ھاببى ئاجەم __ ھەببى  ئەجەم
تەفسىرۇل ھاسەنىل باسرى __ تەفسىرۇل ھەسەنىل بەسرى
كىتابۇل ھاسەن ئىبنى ئەبىل ھاسان فىل ئادەد __ كىتابۇل ھەسەن ئىبنى ئەبۇلھەسەن فىل ئادەت
رىسالە فى فادىل ھارامى مەككەتىل مۈكەررەمە __رىسالەئى فى فازىل ھەرەمى مەككەتۇل مۇكەررەمە
رىسالە ئابدىل مەلىك ئىبنى مەرۋان بىلەن ھاسەنىل باسرى ۋە جەۋابىھى ئالەيھا __رىسالەئى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان بىلەن ھەسەنىل بەسرى ۋە جەۋابىھى ئەلەيھا
رىسالە ئەربىئا ۋە ھامىن فارىدا __رىسالەئى ئەربەئە ۋە ھەمىن فەرىزا

باھا سۆز

تۈزەتمە بەرگىنىڭ بەك توغرا سەمىمىي ياردەم بوپتۇ.  ۋاقتى: 2015-3-8 09:48 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش