كۆرۈش: 59|ئىنكاس: 0

فەرىدۈددىن ئەتتار ۋە قۇشلار تىلى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 22:58:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              
     فەرىدۈددىن ئەتتار ۋە قۇشلار تىلى ھەققىدە

             بەزى مەلۇماتلاردا فەرىدۈتتىن ئەتتار Feridüddin Attar 1120-يىلى نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ 1194- يىلى ئەتراپىدا ۋاپات بولغان مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى ( سوفى ) ۋە شائىر. ئۇ  ھەكىم ۋە دورىگەر بولۇپلا يەنە ئەتتار( ئاتتار) تەخەللۇسى بىلەن نام چىقارغان . تاچۇ ئارىفىن نەجمەتتىن كۇبرەۋىگە باغلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە تەسەۋۋۇپ ئىلمىگە ئىشتىياق قىلىپ ، ھەزرىتى مەۋلانە ، سەيىخ غالىپ ۋە باشقا تەسەۋۋۇپچىلار( سوفىلار) تەرىپىدىن ئۇلۇغلانغان ۋە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان .
      يەنە باشقا بىر مەلۇماتلارغا ئاساسەن ، ئىسمى مۇھەممەد بولۇپ ، 553- يىلى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى نىشاپۇرغا قاراشلىق كەدكەندە تۇغۇلۇپ ، 627- يىلى جەمادىيەل ئاخىرىنىڭ ئونلىرى موڭغۇللار تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان .
      ئۇ شېئىرلىرىدا ‹‹ ئاتتار( ئەتتار)›› ۋە ‹‹ فەرىد ›› تەخەللۇسىنى قوللانغان . يىگىرمە – يىگىرمە بەش ياشلىرىدا تەسەۋۋۇپقا ئىشتىياق باغلىغان ، ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئالىم ئىدى. ئۇ ‹‹ مانتىقۇت تايىر ›› ،‹‹ مۇختارنامە ››،‹‹ ئەسرارنامە ››، ‹‹ ھۈسرەۋنامە ( ئىلاھنامە)›› ، ‹‹ مۇسىبەتنامە ›› ۋە ئۇلۇغ سوپىلارنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن ‹‹ تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا ››قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان .
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى 1187- يېزىلغان دەپ قارىلىپ كەلگەن  Tuyûrnâme  ‹‹ تۇيۇرنامە ›› ( مانتىقۇتتايىر ۋە ياكى مانتىق ئال تايىر – قۇش تىلى ) ناملىق 4931 بېيىتلىق ئەسەردۇر.
       ئەتتار ، قۇش تىلى ياكى قۇشلار مەجىلىسى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ مەسنەۋىسىدە ، تەسەۋۋۇپتىكى بىرلىكنى ( تەسەۋۋۇپتىكى پەلسەپەۋى ئىدىيەلەرنى ) ئەكىس ئەتتۈرگەن .
بۇ ئەسەرنىڭ تىلى گۈزەل ، پاساھەتلىك بولۇپلا قالماستىن يەنە مول سېموۋۇللۇق تىل ۋاستىلىرى قوللىنىلغان ۋە ھەقىقەتنى غا ئىزدىگەنلەر يەنى ھەقىقەت يولىغا ماڭغانلار قۇشلارغا سېمۇۋۇل قىلىنغان .
        ئەسەردىكى ھۆپۆپۈپ   Hüthüt  ئۇلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى يەنى توغرا يولنى كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ ، ئۇلار ئىزدەۋاتقان سۇمرۇغ ئىسىملىك ئەپسانىلەردىكى غايىۋى قۇش ئاللاھنىڭ ھوزۇرى ۋە بارلىقى سۈپىتىدە سېموۋۇللاشتۇرۇلغان.
     ئەسەردىكى مەۋجۇتلۇق بولسا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا يېتىشكەندىلا ھەقنىڭ ( ئادالەتنىڭ ) مەيدانغا چىقىدىغانلىقى ، ھەقنىڭ ( ئادالەتنىڭ ) ئاخىرى خەلىق بىلەن بىرلىشىدىغانلىقىدەك مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان .

قىسقارتىلما (قىسقىچە مەزمۇنى ) :

       ‹‹ .... كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، دۇنيادىكى پۈتۈن قۇشلار بىر يەرگە توپلىنىپتۇ . توپلانغان قۇشلارنىڭ ئارىسىدا ھۆپۆپۆپ ، پاختەك ، شاتوتى ، كەكلىك ، بۇلبۇل ، قىرغاۋۇل ، كۆك كەپتەر ،قارچۇغا ۋە باشقا قۇشلارنىڭ ھەممىسى بارئىكەن. ئۇلار پادىشاھسىز دۆلەت بولامدۇ دەپ ئويلاپ ئۆزلىرىنى باشقۇرىدىغان بىر پادىشاھنى سايلاپ چىقماقچى بوپتۇ .
       ھۆپۆپۆپ سۆز باشلاپ :
       ئۆزىنىڭ ھەزرىتى سۇلايماننىڭ پوچتىكىشى ( پوچتىكەش) ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن قۇشلارنىڭ سۇمرۇغ ئىسىملىك بىر پادىشاھىنىڭ بارئىكەنلىكىنى ،ھەرقانداق بىر قۇشنىڭ بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى ، ھەرزامان قۇشلارغا سۇمرۇغنىڭ پادىشاھ بولۇپ كەلگەنلىكىنى ، ئەمما ئۇ مىڭلارچە نۇر ۋە زۇلمەت پەردىلىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ‹‹ بىزگە بىزدىنمۇ يېقىن ، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن يىراق ›› ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپتۇ .
      ھۆپۆپۆپ سۇمرۇغنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن قۇشلارغا يول باشلىغۇچى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىشى بىلەن قۇشلارنىڭ ھەممىسى ھۆپۆپۆپكە ئەگىشىپ سۇمرۇغنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ . ئەمما يول بەك ئۇزۇن ، مەنزىل يىراق بولغاچقا قۇشلار ھېرىپ – چارچاشقا باشلاپتۇ . سۇمرۇغنى كۆرۈشكە نىيەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھۆپۆپۆپنىڭ يېنىغا كېلىپ ھەرخىل باھانە سەۋەپلەرنى تېپىپ ئۇنىڭغا ھال ئېيتىشقا باشلاپتۇ . چۈنكى قۇشلارنىڭ ئەسلى مەقسىدى سۇمرۇغنى كۆرۈش ئەمەس ، بەلكى ئاسايىشلىق ۋە راھەت – پاراغەت ئىكەن . مەسىلەن : بۇلبۇلنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى گۈل ، شاتۇتىنىڭ ئارزۇ قىلغىنى ئابىھايات ، توزنىڭ مەقسىدى جەننەت ، غازنىڭ باھانىسى سۇ ، كەكلىكنىڭ ئىزدىگىنى گۆھەر ئىكەن ، ھۇمانىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى بولسا  نەپىس ، كىبىر ۋە غۇرۇر ئىكەن ، بۈركۈت ئورۇن – مەرتىۋە سەۋداسىدا ، ئۈۋەيىك ( پاختەك تۈرىدىكى بىر قۇش ) نىڭ ئىستىكى دېڭىز، تاغ قۇشقىچىنىڭ ئارزۇسى خارابىلەرگە كۆمۈلگەن ئالتۇن –كۆمۈش ، قۇيرۇق سالا ( ئۈستى كۈلرەك قۇيرۇقى سېرىق بىرخىل ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق قۇش ) نىڭ ئىزدىگىنى قۇدۇق ئىچىدىكى يۇسۇف ، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق قۇشلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارزۇ ئىستەكلىرى ۋە باھانىلىرى بارئىكەن .
       ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇلىرىنى ۋە ھەرخىل باھانە سەۋەبلىرىنى ئاڭلىغان ھۆپۆپۆپ ھەممىسىگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارنى بېرىپتۇ . سۇمرۇغنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە گۈزەللىكىنى چۈشەندۈرۈپ مونۇلارنى دەپتۇ :
     سۇمرۇغ ئاشكارە بولمىغان بولسا ، ئۇنىڭ سايىسى كۆرىنەرمىدى ؟ سۇمرۇغ يوشۇرۇنغان بولسا ، ئالەمدە ئۇنىڭ كۆلەڭگىسى بولارمىدى ؟ ( بۇ يەردە سايىسى ( كۆلەڭگىسى ) بولغان ھەرقانداق نەرسە كۆزدە تۇتۇلغان ) ئاۋۋال ئۇ يەردە مەيدانغا چىققان سۇمرۇغنى كۆرەلىگۈدەك كۆزۈڭ بولمىسا ، كۆڭلۈڭ ئەينەكتەك سۈزۈك ئەمەس دېمەكتۇر. ھېچكىمدە ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرەلىگۈدەك كۆز يوق . ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن سەبىر –تاقىتىمىز قالماس. ئۇ ئۇلۇغلىقى بىلەن بىر ئەينەك ياراتتى ، ئۇ ئەينەك دەل كۆڭۈلدۇر. كۆڭۈلگە قاراپ ئۇنىڭ يۈزىنى كۆڭلۈڭدە كۆر .
       ھۆپۆپۆپنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قايىل بولغان قۇشلار يەنە ئۇنىڭ باشچىلىقىدا سۇمرۇغنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . ئەمما يول ئۇزۇن ، جاپالىق بولغاچقا ، يولدا ئاغرىپ قالغان ۋە ھالسىزلانغان قۇشلار يەنە ھەرخىل باھانە سەۋەبلەرنى تېپىشقا باشلاپتۇ . بۇلارنىڭ ئارىسىدا ، نەپسانىيەتچىلىك ، بايلىق ، سېغىنىش، رەنجىش،ھېجران ، ئۆلۈم ،قورقۇنۇچ ، ئۈمۈدسىزلىك ، مەينەتچىلىك ، ئەندىشە ، ھىممەت ، ۋاپا، كىبىر ، ھوزۇر، قاراڭغۇلۇق ۋە تەمەخورلۇق قاتارلىق باھانە سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى بارئىكەن . ئارىدا بىرقۇش ‹‹ يەنە قانچىلىك يول قالدى ؟›› دەپ سوراپتۇ .
ھۆپۆپۆپ زېرىكمەي – تېرىكمەي ھەممىسىگە يەنە لايىقىدا جاۋابلارنى بېرىپتۇ . ئالدىدا يەنە بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەتتە ۋادا ( ئويمان ،كېچىك ) نىڭ بارلىقىنى ، بۇ يەتتە ۋادىدىن ئاشقاندىن كېيىن سۇمرۇغنى تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ .
ھۆپۆپۆپنىڭ ئېيتقان يەتتە ۋادىسى( داۋان ، ئويمان ، كېچىك ) تۆۋەندىكىلەردۇر:
1.  داۋان ـــــــــــــــــــ ئازۇ – ئىستەك
2. داۋان ــــــــــــــــــــ ئاشىق
3. داۋان ــــــــــــــــــــ مەرىپەت
4. داۋان ــــــــــــــــــــ قانائەتچانلىق
5. داۋان ــــــــــــــــــــ بىرلىك ( ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش –تەۋھىد ، يالغۇزلۇق ، يىگانىلىق )
6. داۋان ــــــــــــــــــــ خەيىر –ساخاۋەت ۋە پېقىرلىق
7. داۋان ــــــــــــــــــــ يوقلۇق
       قۇشلار غەيرەتكە كېلىپ يەنە يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . ئەمما كۆپىنچىسى يەم ئىزدەپ بىر يەرلەردە قېلىپ قاپتۇ ، بەزىلىرى سۇسىزلىق ۋە ئاچلىقتىن جان بېرىپتۇ ، يەنە بەزىلىرى يېرىم يولدا يۈتۈپ كېتىپتۇ ، بەزىلىرى ئېگىز تاغلارنىڭ تۆپىسىدە جان بېرىپتۇ ، بەزىلىرى كۈننىڭ ئىسسىقىدا قۇرۇپ قاپتۇ ، بەزىلىرى ۋەھشى ھايۋانلارغا يەم بولۇپ كېتىپتۇ ياكى ئېغىر كېسەللەر سەۋەبىدىن ئارقىدا قاپتۇ ،بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا باھانە – سەۋەپ تېپىپ توپتىن ئايرىلىپتۇ .
       يۇقاردىكى سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت ( ھەققانىيەت) يولىدىكى زۇلمەت ۋە نۇر ھېجاپلىرى ئىكەن. بۇ ھېجاپلاردىن پەقەت ئوتتۇز قۇش ئۆتۈپ كېتىپتۇ . بارلىق داۋانلارنى بېسىپ ،مەنزىلگە يېتىپ ھارغىنلىقتىن ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن قۇشلارنىڭ ئالدىغا بىر كىشى ئۇچراپتۇ . ئۇلار ئۇ كىشىدىن  ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئىزدەۋاتقان سۇمرۇغنى سوراپتۇ . شۇنىڭ بىلەن سۇمرۇغ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىر خىزمەتكار كېلىپ ،ئوتتۇز قۇشنىڭ ھەربىرىگە بىردىن يازما بېرىپ ئوقۇشقا بۇيرۇپتۇ . يازمىلاردا ئوتتۇز قۇشنىڭ سەپەر جەريانىدا بېشىغا كەلگەن ھەربىر توسالغۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىلغان ئىش ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق يېزىلغان ئىكەن . دەل شۇ ۋاقىتتا سۇمرۇغ مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپتۇ ۋە ئوتتۇز قۇش مەيدانغا چىقىپ كۆرۈنگەن سۇمرۇغنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشىپتۇ . چۈنكى ، ئۇلار ئۆزلىرىنى سۇمرۇغ ھالىتىدە كۆرۈپتۇ . قۇشلار سۇمرۇغ ، سۇمرۇغمۇ قۇشلاردىن ئىكەن . شۇ چاغدا سۇمرۇغدىن بىر سادا كېلىپ :
        ‹‹ سىلەر ئوتتۇز قۇش بۇيەرگە كەلدىڭلار ، ئوتتۇز قۇشنى كۆردۈڭلار . قانچىلىك كۆپ ياكى قانچىلىك ئاز كەلگەن بولساڭلار كۆردىغىنىڭلار يەنە شۇنچىلىك بولاتتى . چۈنكى بۇ يەر بىر ئەينەكتۇر ›› دەپتۇ .
        ئوتتۇز قۇش ئۆزلىرىنىڭ سۇمرۇغ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن يولىمۇ ، سەپىرىمۇئاخىرلىشىپ ، يول باشلىغۇچىنىڭمۇ كېرىكى قالماپتۇ . ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يوقاپ كەتكەن قۇشلار قايتا تىرىلىپ ،قايتىپ كەپتۇ . ئاتتار بۇنى يېزىش ئارقىلىق ‹‹ ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتلىقنى ›› ئىپادىلىگەن .
        قۇش تىلى مەسنەۋىلەر ئارىسىدىكى مول سېموۋۇللۇق مەزمۇنغا ئىگە ئەسەرلەرنىڭ بىرى . ئەسەردە قۇشلار ‹‹ ھەقىقەت ( ھەققانىيەت) يولىنىڭ يولوچىلىرى ››، سۇمرۇغ ‹‹ ھەقىقەتنىڭ دەل ئۆزى ›› قىلىنىپ تەسۋىرلەنگەن.
       ئاتتار ئەسرىدە تۇرمۇشتا ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭلا جاپا- مۇشەققەت پەلەمپەيلىرىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىنى بېسىپ چىقىپ ئاخىرىدا مەقسىدىگە يېتەلەيدىغانلىقى ۋە بۇ جاپا- مۇشەققەت پەلەمپەيلىرىنىڭ ئىنساننىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرى سەۋەبىدىن مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
       ئەسەردە ھۆپۆپۆپ ‹‹ سىرتىدا تەرىقەت تونى ، بېشىدا ھەقىقەت تاجى باردۇر ›› دەپ تەسۋىرلەنگەن بولسا ، ئەسەردىكى تەڭرىگە سېموۋۇل قىلىنغان سۇمرۇغنى ‹‹ شۈبىھسىزكى بىزنىڭمۇ بىر پادىشاھىمىز باردۇر ، ئۇ قاپ تېغىنىڭ ئارقىسىدىدۇر ›› ،‹‹ ئىسمى سۇمرۇغدۇر، قۇشلارنىڭ پادىشاھىدۇر ، ئۇبىزگە يېقىندۇر لېكىن بىز ئۇنىڭدىن بەكمۇ يىراق ›› دەپ تەسۋىرلىگەن . بۇ تەسۋىرلەردىن كېيىن سەپەر تەييارلىقىنى باشلىغان قۇشلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئايرىم – ئايرىم تەسۋىرلىگەن ۋە ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى بايان قىلغان . بۇ جەرياندا ھەربىر قۇشقا بىردىن ئالاھىدىلىكنى مۇجەسسەملىگەن .
       ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن بەزى ۋەقەلەر، قىسسىلەرگە تارىختا ياشاپ ئۆتكەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قىسسىلىرى ،ھاياتى ۋە خاراكتىرلىرى سىڭدۈرىۋىتىلگەن . قۇشلارنىڭ بىر-بىرلەپ كېلىپ ، ھۆپۆپۆپتىن سورىغان سوئاللىرى تەسەۋۋۇپ ئىلمى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ ، ھۆپۆپۆپ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قايىل قىلارلىق جاۋاپلارنى بەرگەن بولسىمۇ ئۇلار يەنە باشقا باھانىلەرنى تېپىپ چىققان .
     ئوتتۇز قۇش سۇمرۇغنى كۆرگىنىدە ،ئۆزلىرىنىڭ دەل سۇمرۇغ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ . دەرگاھ ئەسلىدە ئەينەكتۇر . بۇ ئەسەردە ‹‹ ئۇ دەرگاھتىن بىر سادا كەلدى : ‹‹ قۇياشقا ئوخشاش بۇ دەرگاھ بىر ئەينەكتۇر ›› دەپ تەسۋىرلىنىدۇ . قۇشلار مانا مۇشۇنداق پانى ئالەمدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن تىرىلىدۇ . بۇ نۇقتىدا قۇشلارنىڭ كەلگەن يېرىنىڭ ھاياتلىق ، تىرىكلىك ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ .
       ئاتتارنىڭ قۇشلار تىلى دېگەن بۇ ئەسىرى تەسەۋۋۇپ ئىلمى تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر ماتىريال بولۇپ كەلمەكتە . ئەسەرگە تەسەۋۋۇپنىڭ پىرىنسىپلىرى ، ئالاھىدىلىكلىرى ، تەركىبى ۋە ئېتقاد قاراشلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار باشتىن ئاخىر ئۇستىلىق بىلەن سىڭدۈرىۋىتىلگەن .  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش