كۆرۈش: 806|ئىنكاس: 4

فەرىدۈددىن ئەتتار ۋە قۇشلار تىلى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
              
     فەرىدۈددىن ئەتتار ۋە قۇشلار تىلى ھەققىدە

             بەزى مەلۇماتلاردا فەرىدۈتتىن ئەتتار Feridüddin Attar 1120-يىلى نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ 1194- يىلى ئەتراپىدا ۋاپات بولغان مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى ( سوفى ) ۋە شائىر. ئۇ  ھەكىم ۋە دورىگەر بولۇپلا يەنە ئەتتار( ئاتتار) تەخەللۇسى بىلەن نام چىقارغان . تاچۇ ئارىفىن نەجمەتتىن كۇبرەۋىگە باغلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە تەسەۋۋۇپ ئىلمىگە ئىشتىياق قىلىپ ، ھەزرىتى مەۋلانە ، سەيىخ غالىپ ۋە باشقا تەسەۋۋۇپچىلار( سوفىلار) تەرىپىدىن ئۇلۇغلانغان ۋە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان .
      يەنە باشقا بىر مەلۇماتلارغا ئاساسەن ، ئىسمى مۇھەممەد بولۇپ ، 553- يىلى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى نىشاپۇرغا قاراشلىق كەدكەندە تۇغۇلۇپ ، 627- يىلى جەمادىيەل ئاخىرىنىڭ ئونلىرى موڭغۇللار تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان .
      ئۇ شېئىرلىرىدا ‹‹ ئاتتار( ئەتتار)›› ۋە ‹‹ فەرىد ›› تەخەللۇسىنى قوللانغان . يىگىرمە – يىگىرمە بەش ياشلىرىدا تەسەۋۋۇپقا ئىشتىياق باغلىغان ، ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئالىم ئىدى. ئۇ ‹‹ مانتىقۇت تايىر ›› ،‹‹ مۇختارنامە ››،‹‹ ئەسرارنامە ››، ‹‹ ھۈسرەۋنامە ( ئىلاھنامە)›› ، ‹‹ مۇسىبەتنامە ›› ۋە ئۇلۇغ سوپىلارنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن ‹‹ تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا ››قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان .
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى 1187- يېزىلغان دەپ قارىلىپ كەلگەن  Tuyûrnâme  ‹‹ تۇيۇرنامە ›› ( مانتىقۇتتايىر ۋە ياكى مانتىق ئال تايىر – قۇش تىلى ) ناملىق 4931 بېيىتلىق ئەسەردۇر.
       ئەتتار ، قۇش تىلى ياكى قۇشلار مەجىلىسى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ مەسنەۋىسىدە ، تەسەۋۋۇپتىكى بىرلىكنى ( تەسەۋۋۇپتىكى پەلسەپەۋى ئىدىيەلەرنى ) ئەكىس ئەتتۈرگەن .
بۇ ئەسەرنىڭ تىلى گۈزەل ، پاساھەتلىك بولۇپلا قالماستىن يەنە مول سېموۋۇللۇق تىل ۋاستىلىرى قوللىنىلغان ۋە ھەقىقەتنى غا ئىزدىگەنلەر يەنى ھەقىقەت يولىغا ماڭغانلار قۇشلارغا سېمۇۋۇل قىلىنغان .
        ئەسەردىكى ھۆپۆپۈپ   Hüthüt  ئۇلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى يەنى توغرا يولنى كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ ، ئۇلار ئىزدەۋاتقان سۇمرۇغ ئىسىملىك ئەپسانىلەردىكى غايىۋى قۇش ئاللاھنىڭ ھوزۇرى ۋە بارلىقى سۈپىتىدە سېموۋۇللاشتۇرۇلغان.
     ئەسەردىكى مەۋجۇتلۇق بولسا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا يېتىشكەندىلا ھەقنىڭ ( ئادالەتنىڭ ) مەيدانغا چىقىدىغانلىقى ، ھەقنىڭ ( ئادالەتنىڭ ) ئاخىرى خەلىق بىلەن بىرلىشىدىغانلىقىدەك مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان .

قىسقارتىلما (قىسقىچە مەزمۇنى ) :

       ‹‹ .... كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، دۇنيادىكى پۈتۈن قۇشلار بىر يەرگە توپلىنىپتۇ . توپلانغان قۇشلارنىڭ ئارىسىدا ھۆپۆپۆپ ، پاختەك ، شاتوتى ، كەكلىك ، بۇلبۇل ، قىرغاۋۇل ، كۆك كەپتەر ،قارچۇغا ۋە باشقا قۇشلارنىڭ ھەممىسى بارئىكەن. ئۇلار پادىشاھسىز دۆلەت بولامدۇ دەپ ئويلاپ ئۆزلىرىنى باشقۇرىدىغان بىر پادىشاھنى سايلاپ چىقماقچى بوپتۇ .
       ھۆپۆپۆپ سۆز باشلاپ :
       ئۆزىنىڭ ھەزرىتى سۇلايماننىڭ پوچتىكىشى ( پوچتىكەش) ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن قۇشلارنىڭ سۇمرۇغ ئىسىملىك بىر پادىشاھىنىڭ بارئىكەنلىكىنى ،ھەرقانداق بىر قۇشنىڭ بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى ، ھەرزامان قۇشلارغا سۇمرۇغنىڭ پادىشاھ بولۇپ كەلگەنلىكىنى ، ئەمما ئۇ مىڭلارچە نۇر ۋە زۇلمەت پەردىلىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ‹‹ بىزگە بىزدىنمۇ يېقىن ، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن يىراق ›› ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپتۇ .
      ھۆپۆپۆپ سۇمرۇغنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن قۇشلارغا يول باشلىغۇچى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىشى بىلەن قۇشلارنىڭ ھەممىسى ھۆپۆپۆپكە ئەگىشىپ سۇمرۇغنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ . ئەمما يول بەك ئۇزۇن ، مەنزىل يىراق بولغاچقا قۇشلار ھېرىپ – چارچاشقا باشلاپتۇ . سۇمرۇغنى كۆرۈشكە نىيەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھۆپۆپۆپنىڭ يېنىغا كېلىپ ھەرخىل باھانە سەۋەپلەرنى تېپىپ ئۇنىڭغا ھال ئېيتىشقا باشلاپتۇ . چۈنكى قۇشلارنىڭ ئەسلى مەقسىدى سۇمرۇغنى كۆرۈش ئەمەس ، بەلكى ئاسايىشلىق ۋە راھەت – پاراغەت ئىكەن . مەسىلەن : بۇلبۇلنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى گۈل ، شاتۇتىنىڭ ئارزۇ قىلغىنى ئابىھايات ، توزنىڭ مەقسىدى جەننەت ، غازنىڭ باھانىسى سۇ ، كەكلىكنىڭ ئىزدىگىنى گۆھەر ئىكەن ، ھۇمانىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى بولسا  نەپىس ، كىبىر ۋە غۇرۇر ئىكەن ، بۈركۈت ئورۇن – مەرتىۋە سەۋداسىدا ، ئۈۋەيىك ( پاختەك تۈرىدىكى بىر قۇش ) نىڭ ئىستىكى دېڭىز، تاغ قۇشقىچىنىڭ ئارزۇسى خارابىلەرگە كۆمۈلگەن ئالتۇن –كۆمۈش ، قۇيرۇق سالا ( ئۈستى كۈلرەك قۇيرۇقى سېرىق بىرخىل ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق قۇش ) نىڭ ئىزدىگىنى قۇدۇق ئىچىدىكى يۇسۇف ، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق قۇشلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارزۇ ئىستەكلىرى ۋە باھانىلىرى بارئىكەن .
       ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇلىرىنى ۋە ھەرخىل باھانە سەۋەبلىرىنى ئاڭلىغان ھۆپۆپۆپ ھەممىسىگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارنى بېرىپتۇ . سۇمرۇغنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە گۈزەللىكىنى چۈشەندۈرۈپ مونۇلارنى دەپتۇ :
     سۇمرۇغ ئاشكارە بولمىغان بولسا ، ئۇنىڭ سايىسى كۆرىنەرمىدى ؟ سۇمرۇغ يوشۇرۇنغان بولسا ، ئالەمدە ئۇنىڭ كۆلەڭگىسى بولارمىدى ؟ ( بۇ يەردە سايىسى ( كۆلەڭگىسى ) بولغان ھەرقانداق نەرسە كۆزدە تۇتۇلغان ) ئاۋۋال ئۇ يەردە مەيدانغا چىققان سۇمرۇغنى كۆرەلىگۈدەك كۆزۈڭ بولمىسا ، كۆڭلۈڭ ئەينەكتەك سۈزۈك ئەمەس دېمەكتۇر. ھېچكىمدە ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرەلىگۈدەك كۆز يوق . ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن سەبىر –تاقىتىمىز قالماس. ئۇ ئۇلۇغلىقى بىلەن بىر ئەينەك ياراتتى ، ئۇ ئەينەك دەل كۆڭۈلدۇر. كۆڭۈلگە قاراپ ئۇنىڭ يۈزىنى كۆڭلۈڭدە كۆر .
       ھۆپۆپۆپنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قايىل بولغان قۇشلار يەنە ئۇنىڭ باشچىلىقىدا سۇمرۇغنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . ئەمما يول ئۇزۇن ، جاپالىق بولغاچقا ، يولدا ئاغرىپ قالغان ۋە ھالسىزلانغان قۇشلار يەنە ھەرخىل باھانە سەۋەبلەرنى تېپىشقا باشلاپتۇ . بۇلارنىڭ ئارىسىدا ، نەپسانىيەتچىلىك ، بايلىق ، سېغىنىش، رەنجىش،ھېجران ، ئۆلۈم ،قورقۇنۇچ ، ئۈمۈدسىزلىك ، مەينەتچىلىك ، ئەندىشە ، ھىممەت ، ۋاپا، كىبىر ، ھوزۇر، قاراڭغۇلۇق ۋە تەمەخورلۇق قاتارلىق باھانە سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى بارئىكەن . ئارىدا بىرقۇش ‹‹ يەنە قانچىلىك يول قالدى ؟›› دەپ سوراپتۇ .
ھۆپۆپۆپ زېرىكمەي – تېرىكمەي ھەممىسىگە يەنە لايىقىدا جاۋابلارنى بېرىپتۇ . ئالدىدا يەنە بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەتتە ۋادا ( ئويمان ،كېچىك ) نىڭ بارلىقىنى ، بۇ يەتتە ۋادىدىن ئاشقاندىن كېيىن سۇمرۇغنى تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ .
ھۆپۆپۆپنىڭ ئېيتقان يەتتە ۋادىسى( داۋان ، ئويمان ، كېچىك ) تۆۋەندىكىلەردۇر:
1.  داۋان ـــــــــــــــــــ ئازۇ – ئىستەك
2. داۋان ــــــــــــــــــــ ئاشىق
3. داۋان ــــــــــــــــــــ مەرىپەت
4. داۋان ــــــــــــــــــــ قانائەتچانلىق
5. داۋان ــــــــــــــــــــ بىرلىك ( ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش –تەۋھىد ، يالغۇزلۇق ، يىگانىلىق )
6. داۋان ــــــــــــــــــــ خەيىر –ساخاۋەت ۋە پېقىرلىق
7. داۋان ــــــــــــــــــــ يوقلۇق
       قۇشلار غەيرەتكە كېلىپ يەنە يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . ئەمما كۆپىنچىسى يەم ئىزدەپ بىر يەرلەردە قېلىپ قاپتۇ ، بەزىلىرى سۇسىزلىق ۋە ئاچلىقتىن جان بېرىپتۇ ، يەنە بەزىلىرى يېرىم يولدا يۈتۈپ كېتىپتۇ ، بەزىلىرى ئېگىز تاغلارنىڭ تۆپىسىدە جان بېرىپتۇ ، بەزىلىرى كۈننىڭ ئىسسىقىدا قۇرۇپ قاپتۇ ، بەزىلىرى ۋەھشى ھايۋانلارغا يەم بولۇپ كېتىپتۇ ياكى ئېغىر كېسەللەر سەۋەبىدىن ئارقىدا قاپتۇ ،بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا باھانە – سەۋەپ تېپىپ توپتىن ئايرىلىپتۇ .
       يۇقاردىكى سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت ( ھەققانىيەت) يولىدىكى زۇلمەت ۋە نۇر ھېجاپلىرى ئىكەن. بۇ ھېجاپلاردىن پەقەت ئوتتۇز قۇش ئۆتۈپ كېتىپتۇ . بارلىق داۋانلارنى بېسىپ ،مەنزىلگە يېتىپ ھارغىنلىقتىن ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن قۇشلارنىڭ ئالدىغا بىر كىشى ئۇچراپتۇ . ئۇلار ئۇ كىشىدىن  ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئىزدەۋاتقان سۇمرۇغنى سوراپتۇ . شۇنىڭ بىلەن سۇمرۇغ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بىر خىزمەتكار كېلىپ ،ئوتتۇز قۇشنىڭ ھەربىرىگە بىردىن يازما بېرىپ ئوقۇشقا بۇيرۇپتۇ . يازمىلاردا ئوتتۇز قۇشنىڭ سەپەر جەريانىدا بېشىغا كەلگەن ھەربىر توسالغۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىلغان ئىش ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق يېزىلغان ئىكەن . دەل شۇ ۋاقىتتا سۇمرۇغ مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپتۇ ۋە ئوتتۇز قۇش مەيدانغا چىقىپ كۆرۈنگەن سۇمرۇغنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشىپتۇ . چۈنكى ، ئۇلار ئۆزلىرىنى سۇمرۇغ ھالىتىدە كۆرۈپتۇ . قۇشلار سۇمرۇغ ، سۇمرۇغمۇ قۇشلاردىن ئىكەن . شۇ چاغدا سۇمرۇغدىن بىر سادا كېلىپ :
        ‹‹ سىلەر ئوتتۇز قۇش بۇيەرگە كەلدىڭلار ، ئوتتۇز قۇشنى كۆردۈڭلار . قانچىلىك كۆپ ياكى قانچىلىك ئاز كەلگەن بولساڭلار كۆردىغىنىڭلار يەنە شۇنچىلىك بولاتتى . چۈنكى بۇ يەر بىر ئەينەكتۇر ›› دەپتۇ .
        ئوتتۇز قۇش ئۆزلىرىنىڭ سۇمرۇغ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن يولىمۇ ، سەپىرىمۇئاخىرلىشىپ ، يول باشلىغۇچىنىڭمۇ كېرىكى قالماپتۇ . ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يوقاپ كەتكەن قۇشلار قايتا تىرىلىپ ،قايتىپ كەپتۇ . ئاتتار بۇنى يېزىش ئارقىلىق ‹‹ ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتلىقنى ›› ئىپادىلىگەن .
        قۇش تىلى مەسنەۋىلەر ئارىسىدىكى مول سېموۋۇللۇق مەزمۇنغا ئىگە ئەسەرلەرنىڭ بىرى . ئەسەردە قۇشلار ‹‹ ھەقىقەت ( ھەققانىيەت) يولىنىڭ يولوچىلىرى ››، سۇمرۇغ ‹‹ ھەقىقەتنىڭ دەل ئۆزى ›› قىلىنىپ تەسۋىرلەنگەن.
       ئاتتار ئەسرىدە تۇرمۇشتا ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭلا جاپا- مۇشەققەت پەلەمپەيلىرىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىنى بېسىپ چىقىپ ئاخىرىدا مەقسىدىگە يېتەلەيدىغانلىقى ۋە بۇ جاپا- مۇشەققەت پەلەمپەيلىرىنىڭ ئىنساننىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرى سەۋەبىدىن مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
       ئەسەردە ھۆپۆپۆپ ‹‹ سىرتىدا تەرىقەت تونى ، بېشىدا ھەقىقەت تاجى باردۇر ›› دەپ تەسۋىرلەنگەن بولسا ، ئەسەردىكى تەڭرىگە سېموۋۇل قىلىنغان سۇمرۇغنى ‹‹ شۈبىھسىزكى بىزنىڭمۇ بىر پادىشاھىمىز باردۇر ، ئۇ قاپ تېغىنىڭ ئارقىسىدىدۇر ›› ،‹‹ ئىسمى سۇمرۇغدۇر، قۇشلارنىڭ پادىشاھىدۇر ، ئۇبىزگە يېقىندۇر لېكىن بىز ئۇنىڭدىن بەكمۇ يىراق ›› دەپ تەسۋىرلىگەن . بۇ تەسۋىرلەردىن كېيىن سەپەر تەييارلىقىنى باشلىغان قۇشلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئايرىم – ئايرىم تەسۋىرلىگەن ۋە ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى بايان قىلغان . بۇ جەرياندا ھەربىر قۇشقا بىردىن ئالاھىدىلىكنى مۇجەسسەملىگەن .
       ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن بەزى ۋەقەلەر، قىسسىلەرگە تارىختا ياشاپ ئۆتكەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قىسسىلىرى ،ھاياتى ۋە خاراكتىرلىرى سىڭدۈرىۋىتىلگەن . قۇشلارنىڭ بىر-بىرلەپ كېلىپ ، ھۆپۆپۆپتىن سورىغان سوئاللىرى تەسەۋۋۇپ ئىلمى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ ، ھۆپۆپۆپ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قايىل قىلارلىق جاۋاپلارنى بەرگەن بولسىمۇ ئۇلار يەنە باشقا باھانىلەرنى تېپىپ چىققان .
     ئوتتۇز قۇش سۇمرۇغنى كۆرگىنىدە ،ئۆزلىرىنىڭ دەل سۇمرۇغ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ . دەرگاھ ئەسلىدە ئەينەكتۇر . بۇ ئەسەردە ‹‹ ئۇ دەرگاھتىن بىر سادا كەلدى : ‹‹ قۇياشقا ئوخشاش بۇ دەرگاھ بىر ئەينەكتۇر ›› دەپ تەسۋىرلىنىدۇ . قۇشلار مانا مۇشۇنداق پانى ئالەمدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن تىرىلىدۇ . بۇ نۇقتىدا قۇشلارنىڭ كەلگەن يېرىنىڭ ھاياتلىق ، تىرىكلىك ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ .
       ئاتتارنىڭ قۇشلار تىلى دېگەن بۇ ئەسىرى تەسەۋۋۇپ ئىلمى تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر ماتىريال بولۇپ كەلمەكتە . ئەسەرگە تەسەۋۋۇپنىڭ پىرىنسىپلىرى ، ئالاھىدىلىكلىرى ، تەركىبى ۋە ئېتقاد قاراشلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار باشتىن ئاخىر ئۇستىلىق بىلەن سىڭدۈرىۋىتىلگەن .  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-4-17 17:53:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                    ھەزرىتى  ئەلشىر  نەۋائىمۇ  بۇ ئەسەرگە  يەتتە  يېشىدىن باشلاپ  بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنى يادلاشقا باشلىغان  ھەم  بەزى غەيرىيلىكلەر كۈرۈلگەندە  ئائىلىسى  تەرىپىدىن  بۇ كىتابنى ئوقۇشنى چەكلىگەن ئىكەن، بىراق نەۋائى  ئۇندىن كېيىن چىرايى سارغىيىپ ئەھۋالى يامانلاشقان ،شۇنىڭ بىلەن ئۆيىدىلەر  ئۇنى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنتۇلدۇرغان.  كېيىن نەۋائى  بۇ كىتابقا بولغان ھۆرمىتىگە  ئۇنى تەرجىمە قىلغاچ ئۆزىنىڭ ئىجادى پىكىرلىرنى قوشۇپ «قۇشلار تىلى »(لىسانۇتتەير) يېزىپ چىققانىكەن.

ۋاقتى: 2013-5-8 12:02:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇشلارنىڭ ئۆزىگە خاس تىل ئالاھىدىلىكىنى چۇقۇم تەتقىق قىلىش كېرەك

ۋاقتى: 2013-5-8 13:08:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىگاران خانقىز،

مەشھۇر پارس شائىرى ۋە مۇتەپەككۇر پەرىدىددىن ئەتتار(1145___ 1229)نىڭ ئەسىرى «مەنتىقۇت-تەير»دۇر. يەنى ‹قۇشلار نۇتقى›دۇر! مانا مۇشۇ ئەسەر نەۋايىنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋالغان بولۇپ، نەۋايى بۇنىڭ تەسىرىدە «لىسسانۇت-تەير»، يەنى ‹قۇشلار تىلى›نى يېزىپ قالدۇرغان. «قۇشلار نۇتقى» بىلەن «قۇشلار تىلى» ئوتتۇرىسىدا پەرق بار، ئەلۋەتتە! شۇڭا، بۇ ئىككى ئەسەرگە پەرقلىق مۇئامىلىدە بولۇشىمىز كېرەك..


«شېئىرىيەت ساھەسىدە شۇنچە مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغان بولساممۇ، بىر خىيال زادىلا يادىمدىن چىقمايتتى. يەنى ‹تەڭرى مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلسا، بۇ دەپتەر(‹مەنتىقۇت–تەير›)نى تەرجىمە ئۇسۇلى بىلەن يېزىپ چىقسام› دېگەن ئارزۇ كۆڭلۈمدە ھامان ساقلىنىپ كەلدى. بىراق، بۇ بەك مۈشكۈل ئىش بولۇپ، مەن ئۇنى بېجىرىشكە ئاجىز ئىدىم. شۇ تۈپەيلىدىن قەلەمگە قول ئۇزىتالماي كەلگەنىدىم.
مەن ئاقىۋەت شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۆمرۈم تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. مەن بۇ كىتابنى يازالماي ئۆلۈپ كەتسەم، بۇ ئالەمدىن شۇ ئارمان بىلەن، ياق، بەلكى ئاشۇنداق ئوتتا ئۆرتىنىش بىلەن كېتىپ قالىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمرۈم ئاتمىشقا قەدەم قويغاندا، قۇش تىلىنى شەرھلەش ئۈچۈن قەلەم ئۇچلىدىم...» («لىسسانۇت-تەير»(قۇشلار تىلى)گە قارالسۇن)

ۋاقتى: 2015-7-6 23:50:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتتارى توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، ناۋايى دۇنياسىغا كېرىش بالىلىق بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنداق ئەسەرلەرنىڭ كۆپرەك تۇرۇنۇشتۇرلىشىغا كۈچ چىقرالايدىغانلارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش