كۆرۈش: 543|ئىنكاس: 21

مەڭگۈلۇك سىر (تەرجىمە ) ئايجامال مۇھەممەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 279
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 13:09:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                   مەڭگۈلۇك سىر
                                                                    جوۋ خەيلياڭ

   ئايال كۆز يۇمۇش ئالدىدا ، توختىماستىن قىزىنىڭ ئىسمىنى چاقىردى.ئۇ ئاللىقاچان ئەس – ھۇشىنى يوقاتقان بۇلۇپ، ئاۋازىنى ھەتتا ئۆزىمۇ ئاڭلىيالمايتتى. كېيىن ئاۋازىمۇ چىقمىدى.ئاغزى ئېچىلىپ ، كۆز ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى . ئەر ئۇنى يۆلىگەچ، مەن بىلدىم،بىلدىم دەيتتى ،ئۇ ئايالنىڭ قولىنى تۇتۇپ سۆيدى، لېكىن بۇ قول مۇزلاشقا باشلىغان،  ئېكراندىكى ئېلىكتىر دولقۇنى بىر تۈز سىزىققا ئايلاندى .
   ماشىنا ھادىسىسىدە ئېغىر يارىلانغان ئايال دوختۇرخانىدا ئىككى كۈن ئەزرائىل بىلەن ئېلىشتى. ئەر قىزىنى ئەكىلىشنى ئېيتىۋىدى، ئايال سەكراتتا تۇرۇپ ئۇنىمىدى ، ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ قىزىنى قۇرقۇتۇۋەتمەسلىكنى ئېيتتى .
ئەمدىلا بىر ياشقا توشقان قىزى يېزىدا مومىسىنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى.بىر ياشقا كىرگەن قىزچاق ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ پەرقىنى بىلمەيتتى.رەسىملىك كىتابىدىكى چىرايلىق كۆك رەڭلىك يۈك ماشىنىسىنىڭ ئاپىسىنى بۇ دۇنيادىن ئەكەتكىنىنى بىلەلمەيتتى .
بىر ئايدىن كېيىن ئەر قىزىنى قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇ قىزىغا :“ئاپىڭىز كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتتى.ناھايىتى يىراق يەرگە كەتتى. ئۇ يەرنى خەرىتىدىنمۇ تاپقىلى بولمايدۇ....ناھايىتى ئۇزاقتا قايتىپ كېلەلەيدۇ ” دىدى يۇ بۇرۇلۇپ دەرىزە سىرتىغا قارىۋالدى .لېكىن كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى .
   ئەر قىزىغا ھىكايە ئېيتىپ بېرەتتى ،كىيىملىرىنى يۇيۇپ ، تاماق ئېتپ بېرەتتى . ئۇيۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەردى ؛ئۇنى يەسلىگە بەردى . بېشىغا بىر تال ئانتېنانى قىستۇرۇۋېلىپ ، تاشقى پىلانىتا ئادەملىرىنى دورايتتى؛ئۇنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ۋە ئېرەمباغقا ئاپىرىپ ئوينىتاتتى .مۈرىسىگە مىندۈرۈۋېلىپ،شامالدەك تېز يۈگۈرەيتتى.ئەر ئۇنى ئاپىسىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشاتتى.ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىنى ئىللىقلىققا تولدۇرماقچى بولاتتى .ئەمما قىزى ھەمىشە گەپنى بۇراپ، ئۇنىڭدىن ئاپام قاچان قايتىپ كېلىدۇ دەپ سوراپ تۇرۇۋالاتتى.
باشقىلار توختىماستىن ئەرگە قىز دوست تونۇشتۇراتتى. ئەر پەقەت رەسمىيەت يۈزىسىدىن بىر قېتىملا كۆرۈشۇپ قوياتتى. چۈنكى ئۇ ئايالىنى سېغىناتتى ، سېغىنغانسېرى توختىماي كۆز يېشى قىلاتتى، ئازابلىناتتى ،چاچلىرىمۇ ئاقىرىشقا باشلىدى . بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 30 نەچچە ياشقا كىرگەن ئىدى .
   ئۇ قىزىنىڭ ئاپىسىنى سېغىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ يەنە قىزىنىڭ خاتىرىسىدە ئاپىسىنىڭ غۇۋا كۆلەڭگۈسى بارلىقىنى بىلەتتى . بىر ياشتا قانچىلىك نەرسە ئېسىدە قالىدۇ ؟ قىزى ئاپىسىنى سېغىناتتى. چۈنكى قىزى باشقا بالىلارغا، باشقا بالىلارنىڭ ئاپىسى بارلىقىغا زوقى كېلەتتى. ”ئاپىڭىز ئىنتايىن يىراق يەرگە كەتتى. ئۇ يەرنى خەرىتىدىنمۇ تاپقىلى بولمايدۇ ، ئىھتىمال تىزلىكتە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن “. دادىسى مۇشۇنداق دەيتتى.مومىسىمۇ، خوشنىلارمۇ، يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ شۇنداق دەيتتى. ھەمىشە بۇ گەپنى دەپ بۇلۇپلا ئۆزلىرىنى ئەيىپلەيتتى .
ئاخىرى ئايالىنىڭ ئاچىسى يىراق شەھەردىن بۇ يەرگە كەلدى.ئۇ ئەرگە  نەسىھەت قىلىپ يەنە ئۆيلىنىۋېلىشىنى ئېيتتى. قېيناچىسى :” سىز نيۇنيۇ بىلەن بىر ئۆمۈر بۇنداق ئۆتەلمەيسىز “دىدى .ئەر ئالقانلىرىنى جۈپلەپ تۇرۇپ ئېيتتى :”مەن ئۇنى ھېلىمۇ شۇنداق ياخشى كۆرىمەن، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم “.” ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن .مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم .....ئۇ سىزنىڭ ئايالىڭىز ، مېنىڭ قېرىندىشىم ..سىز بۇنداق كېتىۋەرسىڭىز تۈگشىپ كېتىسىز.بىرسىنى تېپىپ تۇرمۇشىڭىزنى قايتا باشلاڭ. نيۇنيۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش سىڭلىمنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئارزۇسى ئىدىغۇ؟ “ئەر گەپمۇ قىلماستىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇردى . ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى . شۇنداق! نيۇنيۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئايالىنىڭ ئارزۇسى ئىدىغۇ ؟ ئۇ يەنە قىزىنى قاچانغىچە ئالداپ ئۆتىدۇ؟ بىچارە نيۇنيۇ ئالتە ياشقا كىرىپمۇ قالغان تۇرسا !
   ئەر راستىنلا ياخشى ئايالغا ئۇچرىدى. ئايال ئېغىر – بېسىق، ئاق كۆڭۈل ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەيلە قىلاتتى، مۇڭدىشاتتى. كىر – قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرەتتى .يەسلىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ ئوغرىلىقچە نيۇنيۇنى كۆرەتتى.ئەر ئۇنىڭ قىزى بىلەن بالدۇر كۆرۈشۈشىنى خالىمايتتى . ئۇ شۇنچە يىلدىن بېرى قىلىۋاتقان يالغانچىلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قىزىنىڭ گۆدەك قەلبىنىڭ ئازابلىنىشىدىن قورقاتتى . ئۇنداقتا ئىككى يىل ساقلاش كېرەك. ئۇ چاغدا قىزىمۇ چوڭ بولۇپ قالىدۇ ، شۇ چاغدا بارلىق ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەپ بېرىشنى ئويلىدى .
    بىر كۈنى ئەر كۈلۈپ تۇرۇپ قىزىغا ئاپىڭىز قايتىپ كېلىدىغان بولدى دىدى.قىزى ھاڭ- تاڭ بۇلۇپ دادىسىنىڭ گېپىگە ئىشەنگۈسى كەلمىدى. دادىسى:” لېكىن ئاپىڭىز ئورۇقلاپ قاپتۇ، نيۇنيۇ،...سىز ئاپىڭىزنى ئەسلىيەلەمسىز؟“دەپ سورىدى.قىزى بېشىنى بۇراپ، ئۇزاق ئويلىنىپ، بېشىنى چايقىدى. دادا كۈلۈمسىرىدى.كۆڭلىدە بىر ئاز بىئاراممۇ بولدى ، يەنە ئازراق خاتىرجەممۇ بولغاندەك بولدى، نىمىلا بولمىسۇن قىزى يەنىلا كىچىك بالىدە !
   ئايال ساياھەت چامادىنىنى سۆرىگىنىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلدى.ئايال ئىككى غۇلىچىنى يېيىپ قىزنى چاقىرىدى.قىزچاق تەمتىرەپ ئورنىدىن قىمىر قىلماي تۇرۇپ قالدى.”ئاپىڭىزنى تونۇمايۋاتامسىز؟ “،نيۇنيۇ چۆچۈدى، لېكىن يەنىلا ئالدىغا مېڭىشقا پېتىنالمدى.دادىسى”تېز ئاپا دەپ چاقىرىڭ “دىۋىدى قىزچاق ئاپا دىگىنىچە ئايالنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋالدى . دادا شۇ پەيتتە ئايالنىڭ كۆزلىرىنىڭ ياشقا تولغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
   چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئايال نيۇنيۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى.ئايال”مەن سىزگە ھىكايە ئېيتىپ بېرەيمۇ  “دىۋىدى ، قىزچاق دەرھاللا”مەن سىزنىڭ ئاپام ئەمەسلىكىڭىزنى بىلىمەن، ...سىز ئاپامنىڭ دوستىمۇ؟ “ ئايال تۇرۇپلا قالدى.”ئاپام ئۆلۈپ كېتىپتىكەن..مەن مومامدىن ئاڭلىدىم، ئالدىنقى كۈنى مومام بوۋامغا دەۋاتقاندا مەن ئاڭلاپ قالدىم...پەقەت بوۋام، مومام، يەنە مەنلا بۇ ئىشنى بىلىمىز، ھازىر سىزمۇ بىلدىڭىز، ئاپام مەن بىر ياشقا كىرگەندە ئۆلۈپ كېتىپتىكەن. ئۇ مەڭگۈ قايتىپ كېلەلمەيدۇ. ئەمما باشقىلار ۋە دادام ئاپامنى ناھايىتى يىراق يەرگە كاماندىروپكىغا كەتتى دەپ ئويلايدۇ... “ئايال بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى.
  ”ئەگەر سىز ماڭا ۋە دادامغا ياخشى قارىسىڭىز، مەن سىزنىڭ ئاپام بۇلۇشىڭىزغا قوشۇلىمەن “قىزچاق ئايالنىڭ قولىنى تارتىپ ئەكىلىپ، كىچىك بارمىقىنى جىپسىلاشتۇرۇپ تۇرۇپ:”بۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مەڭگۈلۈك سىر بولۇپ قالسۇن، ھەرگىزمۇ دادام بىلىپ قالمىسۇن...ئەگەر ئۇ بىلسە ئىنتايىن ئازاپلىنىدۇ... “
  دادىسى ئىشىك ئالدىدا لېۋىنى چىشلىگىنىچە جىمجىت تۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتى، كۆز ياشلىرى يۈزلىرىنى بويلاپ ئېقىۋاتاتتى ..

( كىچىك ھىكايىلەردىن تاللانمىلار ) ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 15- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayjamal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 13:14  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 453
تۆھپە : 0
توردا: 72
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 19:48:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايجامالنىڭ تەرجىمە تىلى ماڭا تولىمۇ يېقىشلىق بىلىنىدۇ.

ئۇ ئانا تىلدىكى (ھېكايە، پوۋېست)ئىجادىيەتلىرىدە ئۆزىنىڭ سۈيۈملۈك ئاۋازىنى پات- پات يەتكۈزۈپ تۇرسا، دەيمەن.

http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1074
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 202
تۆھپە : 0
توردا: 45
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 00:38:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنىڭ تۇنجى تەرجىمىسىنى ئوقۇپ بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم. (قەيەردە ئوقۇغىنىم يادىمدا قالماپتۇ) سىزمۇ بەك ئېسىل تەرجىمە قىلىپسىز، يۇرتدىشىم. شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىدىكى ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ بەك خۇش بولدۇم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 635
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1482
تۆھپە : 5
توردا: 332
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 01:07:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدىن تۇلىمۇ سۈيۈندىم. شۇنداق يىقىشلىق تەرجىمە بوپتۇ رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 279
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 12:03:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qasimjanosman يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 19:48
ئايجامالنىڭ تەرجىمە تىلى ماڭا تولىمۇ يېقىشلىق بىلىنىد ...

قاسىمجان ، مېنى رىغبەتلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت . چوقۇم ئىجادىيەتتىمۇ نەتىجە قازىنىشقا تىرىشىمەن !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 279
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 12:05:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇران يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 00:38
بۇ ئەسەرنىڭ تۇنجى تەرجىمىسىنى ئوقۇپ بەك تەسىرلەنگەن ئ ...

رەھمەت سىزگە ، سىزنىڭمۇ ئىجادىيەتتە نەتىجە قازىنىشىڭىزغا ، يۇرتىمىزنىڭ پەخىرلىك يازغۇچىسىغا ئايلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 279
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 12:06:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلداش يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 01:07
ئەجرىڭىزدىن تۇلىمۇ سۈيۈندىم. شۇنداق يىقىشلىق تەرجىمە  ...

دىلداش ، سىزگىمۇ رەھمەت !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  191
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2136
تۆھپە : 1
توردا: 258
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 13:17:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن، تەرجىمىسىمۇ ياخشى چىقىپتۇ، تەرجىمە ئىشلىرىڭىز ئۇتۇغلۇق بولسۇن، ھارمىغايسىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 46
توردا: 235
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 14:16:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش: ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

بىكارچىلىقتا بەكرەك زىرىكىپ كىتىدىغىنىمنى بايقىدىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 279
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 14:29:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
risaletmerdan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 14:16
ئاداش: ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

رەھمەت سىزگە رىسالەت ، سىزنىڭمۇ ئىجادىيىتىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  674
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 12
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 15:21:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ئايجامال! ئەسلى ئەسەر ئاپتۇرى جوۋ خەيلىياڭ بىلەن ئوبدانلا  تونۇشىمەن، ئۇ شەندوڭ ۋېىخەيلىك، ھازىرقى زامان خەنزۇ ئەدەبىياتىدا  بەلگۈلۈك  تەسىرگە ئىگە  كەسپى يازغۇچى، ماڭا ئۆزىنىڭ  ئىككى پارچە ھېكايىلار توپلىمىنى ئەۋەتىپ بەرگەن  ئىدى،تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇش خىيالىدىمەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى «كۆك يىلان»ناملىق پوۋسىتىنى تەرجىمە قىلىپ «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»دە ئېلان قىلغان ئىدىم، مۇشۇ ئاينىڭ  ئاخىرى كىتاپ بولۇپ نەشىردىن چىقىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە نەپ بېرىدۇ دەپ  قارايمەن...  پات يېقىندا  ساۋاقداشلارنى  يوخلاپ ئۈرۈمچىگە  بارىمەن، تەرجىمە تەپسىلاتى  ھەققىدە   شۇ چاغدا   ساۋاقداشلار بىلەن  مۇزاكىرىلەشسەك!  ئاخىرىدا  تەرجىمە  ئىشلىرىڭىزگە  مۇۋاپىقىيەت  تىلەيمەن......

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 279
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 15:32:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشاد يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 15:21
تەرجىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ئايجامال! ئەسلى ئەسەر ئاپ ...

رەھمەت سىزگە دىلشات ئاكا، مەدەتلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم، مەنمۇ بۇ ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىنى تېپىپ تەرجىمە قىلىشنى ئويلاۋاتقان.بولسا مەندەك يېڭى ئۆگەنگۈچى تەرجىمانغا ئىلھام ، مەدەتلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 627
تۆھپە : 2
توردا: 165
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 16:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە تىلى شۇنداق راۋان ،يېقىشلىق تەرجىمە قىلىنىپتۇ.مەزمۇنىمۇ ياخشى تاللىنىپتۇ. تەرجىمە ئىجادىيىتىڭىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 279
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 16:43:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاق گۈل يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 16:30
تەرجىمە تىلى شۇنداق راۋان ،يېقىشلىق تەرجىمە قىلىنىپتۇ ...

مەدىتىڭىزدىن سۆيۈندۈم  ، ئاق گۈل !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 632
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 22:35:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەدە،ھارمىغايسىز!
بولسا بۇ ئەسەرنى «ئەدەبى تەرجىمىلەر»ژورنىلىغا بەرسىڭىز!
..
ئورخان پامۇك سىزگە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيدۇ!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-18 22:35  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش