كۆرۈش: 91|ئىنكاس: 4

گۈلدەستە__يۈسۈپجان بارات جەۋھىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  398
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 105
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 13:48:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            گۈلدەستە
يۈسۈپجان بارات جەۋھىرى
1
بىمارغا بارلىقىڭ تەقدىم،قولۇڭ دائىم  شىپاھ دوختۇر،
چىرايىڭدا قوياش چاقنار،يۈرەكىڭ  ئوت -لاۋا دوختۇر.
بىمارنىڭ ساقلىقى بەختىڭ،ئۇنىڭچۈن كۆيمىكىڭ ئەھدىڭ،
تۈمەن دىلدىن كېچە-كۈندۈز ياغار ئالقىش ساڭا دوختۇر.
2
بوغۇنلارغا كۆيەر دائىم ھايات شامىڭ بۈيۈك ئۈستاز،
ساناقسىز غۇنچىغا كۈن-تۈن يۈرەك باغرىڭ كۆيۈك ئۇستاز.
سىنىڭ شاھانە تەختىڭدۇر،ئۆمۈر ئۆتكەن ئەشۇ مۇنبەر،
ئەجىر-مېھنەت دېڭىزىدا گويا غەۋۋاس يىتۈك ئۇستاز.
3
ئېتىزغا گۈل ،نەقىش چەكتى جاپاكەش مېھنىتىڭ  دېھقان،
تالاي دىللارغا كۈچ بەردى،ھوسۇلۇڭ نېھمىتىڭ دېھقان.
كۆڭۈل-كۆكسۈڭ گويا ئالەم،سېخىلىقتا ئۆزۈڭ ھاتەم،
يۈرەكتە يادلىنار مەڭگۈ ئىسىل شۇ خىسلىتىڭ دېھقان.
4
كەشىپ ئەتمەك ئۈچۈن كۆيدى يۈرەك باغرىڭ قېنىڭ ئالىم،
ئىلىم-پەن ئىشقىدا ئۆتتى پۈتۈن ئۆمرۈڭ سېنىڭ ئالىم.
يىشىلدى ئىجتىھات  بىرلە،ئىلىمنىڭ تىلسىمى پۈتكۈل،
سالامەت بولغۇسى دەر ئەل،مۇبارەك شۇ تىنىڭ ئالىم.
5
ئىجادقا ئىختىرا قىلغان ئىلىم پەرۋانىسى شائىر،
يۈرەككە ياقتى زەمزەمدەك كۈيۈڭ دۇردانىسى شائىر.
شىرنىلەر يىققۇچى گۈلدىن،ھەسەلنىڭ ھەرىسىدۇرسەن،
ھايات گۈلزارىدا ھارماس،چىلىش مەردانىسى شائىر.
6
چىقاردىڭ ئاق توقاچ گىردە،تونۇردا مىڭ كۆيۈپ ناۋاي،
سۇنارسەن  ئەلگە ئاق ناننى سەھەردە يەڭ تۈرۈپ ناۋاي.
دىلىڭغا شادلىقىڭ سىغماس تونۇردىن چىقسا ئاي پارلاپ ،
ئەبەتكە  ئەل ئۈچۈن كۆيگىن ،كەسىپنى سەن سۆيۈپ  ناۋاي.
7
پۈكۈلمەيدۇ جاپالاردا ئىگىلمەس قامىتىڭ باغۋەن،
قاداق قوللاردا پارلايدۇ بەخت-ھەم ئامىتىڭ  باغۋەن.
ئۆتەر ئۆمرۈڭ ئېتىز–باغدا تۈمەن گۈللەرنى پەرۋىشلەپ،
ۋەتەن–ئەلگە سۇنۇلغان بۇ ،گۈلۈڭدۇر راھىتىڭ باغۋەن.

mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 487
تۆھپە : 1
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 20:08:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەتتە تال گۈل - يەتتە قەسىدە !
ئادەملەرنىڭ ئەڭ توھپىكارلىرىنى مەدھىيەلەپسىز . بارىكاللا !

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1411
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 159
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 23:11:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق كەسپ ئىگىلىرىگە جەۋھىرى  نامىدا  ئوتلۇق سالام ۋە ئالى  ئېھتىراملار بولسۇن!...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 779
تۆھپە : 1
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:40:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلدەستىلەردىن يۈرەك شادلاندى. ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.گۈلدەستىنىڭ  ئۇتۇقى بىلەن سىزنى تەبرىكلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1578
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 107
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 13:22:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەۋھىرى ئۇستازنىڭ يېقىشلىق مىسرالىرىدىن دىللار سۈيۈندى،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش