ximal
ئىگىسى: ayimnisa

«ئايال يازغۇچىلار كىتاب ئوقۇش كۇرسى»ئېچىلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2599
تۆھپە : 7
توردا: 254
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 23:41:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىل-مەدەنىيىتمىزنىڭ پەرۋىشكارلىرىدىن بولغان سۆيۈملۈك ئاپا- ھەدىلىرىمىزگە، قەدىرلىك قۇرداشلىرىمىزغا، ئوماق سىڭىلچاقلارغا سالام....  تېنىڭلار سالامەت بولغاي.....

(قۇرداشلارغا، سىڭىلچاقلارغا تەكلىپ:   ئۈستىدىكى بەزى رەسىملەرگە قاراپ ئويلاپ قالدىم ،... بولسا ئىمكانىيىتڭلار يار بەرسە <ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرى>غا ، مىللىيىتىمىزگە خاسراق كۈرۈنسەڭلار...)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-27 16:28  


چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  413
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 508
تۆھپە : 0
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 23:49:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن. پۇرسەت دىگەن مانا شۇنداق بولدىغان . ھەر بىر گۇل شېخىدىن  خۇشپۇراق گۇللەرنىڭ ئېچىلىشغا تىلەكداشمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  126
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 299
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 00:25:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن   شائىر، تەتقىقاتچى، ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يازغۇچى غەيرەت ئاسىم، شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىدىن دوكتۇر ئابدۇللا مەتقۇربان،  مەتتۇرسۇن ئەلى قاتارلىقلار ئاياللار ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەپ بەردى ۋە كۇرسانتلار بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتى. لىكسىيە مەزمۇنلىرى كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن رەتلەپ يوللىنىلىدۇ.


سېنى شۇ قەدەر سۆيىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  729
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 290
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 08:53:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار بىر قۇلىدا بۈشۈك تەۋرەتسە ،يەنە بىر قۇلىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ. مۇبارەك ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت يولىغا ئۇتۇق ،ئەزىز قەلەم تۇتقان ھەم تۇتىۋاتقان قۇلىغا ساقلىق،باسقان ھەم ھەم بىسىۋاتقان ھەر بىرقەدىمىگە نۇسرەت تىلەيمەن!سىزلەرنىڭ ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ كۈڭۈل بىغىدا مەڭگۈ خۇشپۇراق چاچقان بىر جۈپ ئەتىر گۈللەرنى تالايلاپ بەرىق ئۇردۇرالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن!پائالىيىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!قەلبىم بىتىدىن سىلەرگە بىر مىسرا دەۋالاي!
ياشاڭلار ئەي ئۇلۇغلانغان ،قەدىرلەنگەن ئەدىبلىرىمىز،تۇتاي گۈلدەستە سىزلەرگە ،ياشاپ ئەل قەلبىدە ئۆتكەنلەر.تۇتۇپ بىر ئۆينى گۈل كەبى پۇرەكلەتكەن سىلەر ئەسلى،تىلەي سىزلەرگە مىڭ نۇسرەت،ئۇلۇغ ئارماننى كۈڭلىگە پۈككەنلەر.

كەچلكڭلار حەيرىلك بولسۇن!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 10:27:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى پائالىيەت خاتىرىلىرىدىن:

IMG_4240.JPG


IMG_4312.JPG


IMG_4309.JPG


IMG_4275.JPG


IMG_4266.JPG


IMG_4243.JPG


IMG_4322.JPG


IMG_4314.JPG


IMG_4318.JPG


IMG_4360.JPG


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 13:24:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخىوي قوشاقلار قىزىپ كىتىپتىغۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  545
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 184
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 16:09:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  368
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 280
تۆھپە : 6
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 17:32:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

،

    بۇسارەمنىڭ خېتىدىن قوزغالغان ئىلھام

   

سالام، جەنۇبى تاغدىكى بارلىق قەلىمى ئوتلۇق  ھەمشىرىلەر  ، سالام بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان رەئىسىسمىز ئازات سۇلتان ئەپەندى، غەيرەت ئاسىم ئەپەندى، سالام ،بۇ پائالىيەتنىڭ كونكىرىت ئېچىلىشىشغا كۈچ چىقارغان، يېتەكچىلىك قىلغان پەرىدە مالىك خانىم ۋە ئەيبۇ ياقۇپ ئەپەندى، ھەممىڭلارنىڭ ئېزىز تېنىڭلار ئامان بولغاي! جەنۇبى تاغدىكى پائالىيەتلەرنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشمەن!
مەن پەرىدە مالىك ھەدىمىزدىن ئاياللار ئىجادىيەت كۇرسىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا تولىمۇ خۇسەن بولغان ئىدىم. چۇنكى 2004-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ ئىجادىيىتىدە يۈكسىلىش بولغانلىقىغا ھەممىمىزنىڭ قايىللىقى بار ئىدى، ھەم نۇرغۇن ئايال ئىجادىيەتچىلىرىمىز مەيلى ئۆزلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش نۇقتىسىدىن بولسۇن مەيلى يېڭى يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىش نۇقتىسىدىن بولسۇن، مۇشۇنداق يىغىن، ئۇچرىشىشلارنىڭ كۆپرەك بولىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى. جۈملىىدىن مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدىم. شۇڭا مەن ھازىرغىچە ئۆزۈم سۆيۈپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئاياللار رومانلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ، مۇشۇ ھەقتە ماقالە يېزىپ مۇشۇ يىغىلىشتا ئوقۇماقچى بولغان، ھەتتا ماقالىنىڭ يېرىمىدىن جىقراقى پۈتۈپ قالغان ئىدى. ئەمما شاڭخەيگە بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ماقالە پۈتمەي قالدى، شاڭخەيدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقىم بولسىمۇ يەنە بەش كۈن ساقلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقى سەۋەپلىك، پەرىدە مالىك ھەدىمىزنىڭ تارتىشقىنىغا ئۆزرە ئېيتىپ، يۇرتقا قايتىپ كەلدىم. ئەمما مېنىڭ پۈتۈن ئوي خىيالىم يەنىلا ئاشۇ بارلىق خانىم قىزلىرىمىز يىغىلىشتا ئىدى.  پائالىيەت باشلانغاندىن بېرى كۈندە تورغا چىقىپ پائالىيەتتىن خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم،يۇ، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن جىددىلىشىپ ، تورغا تېلەكلىرىمنى يازالماي يۈردۇم.
بۈگۈن سەھەردە مەكتەپكە چىقسام مەكتىپىىمىزنىڭ ئالاقىچىسى قولۇمغا بىر خەتنى تۇتقۇزدى. خەتنىڭ ئادرىسى «ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيە قىزىل بازىرى بۇسارەم پالتىدىن»دەپ يېزىقلىق تۇراتتى. مەن ئىلگىرى بۇ ھەمشىرىمىزدىن خەت تاپشۇرىۋالمىغان(بىرە-بىرە ئوقۇرمەنلەردىن خەت كېلىپ قالىدۇ)، ئىسمىمىمۇ ناتونۇش تۇراتتى. مەن ئالدىراپ خەتنى ئاچتىم،  خەت ئۆلچەملىك ئىش قەغىزىگە ناھايىتى راۋان ، رەتلىك يېزىلغان بولۇپ، خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، خەتنىڭ مەزمۇنىنىڭ مەنلا ئەمەس، بارلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بىلەن، بولۇپمۇ ھازىر دەل جەنۇبى تاغدا مۇتائىلە قىلىۋاتقان ئايال قېرىمداشلىرىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ خەتنىڭ مەزمۇنىنى بىۋاستە تورغا يوللاپ ھەممەيلەننى خەۋەردار قىلىش نىيىتىگە كەلدىم، چۈنكى ، خەتنىڭ مەزمۇنى دەل ئەدەبىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.
«سالام ،ئايسىمە خانىم ، ئەزىز تەنلىرى ئامان بولغاي! مەن سىزنىڭ  «شىنجاڭ ئايالللىرى»غا چىققان ماقالىلىرىڭىزنى  ئوقۇپ سىزنى تونۇدۇم  ۋە شۇ ئادرىس بويىچە سىزگە خەت يازغىم كەلدى. مەن سىز بىلەن سىردىشىش ئىستىكىدە بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن، مەن بۇ يىل 39 ياشقا كىردىم، ئىككى بالام بار، يولدىشىم دىھقان، مەن يېزا بازىرىدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن. مەن 10 يېشىمدىن باشلاپ كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقاتتىم، ناھايىتى كۆپ كىتاپلارنى ئوقۇدۇم، بەزى چاغلاردا كىتاپلاردىن زېرىكىپ ئەمىلى تۇرمۇشقا قايتىمەن ، ئەمما يەنىلا كىتاپ ئوقۇمىسام تۇرالمايمەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئايال يازغۇچىلارنىڭ سانى بەك ئاز. بولۇپمۇ يىرىك ئەسەرلەرنى يازىدىغان ئايال يازغۇچىلار تېخىمۇ ئاز، ھەتتا يوق دىيەرلىك. مەن بىزنىڭ ئايال يازغۇچىلىرىمىزنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئايال يازغۇچىلاردەك ئۈزۈپ چىقىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ئەپسۇس ، ئكزەم ئوقۇشقا ئامراق بولغىنىم بىلەن ھىچنىمە يازالمايمەن.يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىممۇ بولمىدى، تالانتىممۇ يوق.
دىمەكچى بولغىنىم: مەن چەتئەلنىڭ ۋە مەلىكىتىمىزنىڭ خېلى كۆپ ئەسەرلىرىنى ئوقۇدۇم، مەن ئوقۇغان بىرمۇ ئەسەردە بىرەر مېيىپ، چىرايى سەت، كۆرۈمسىز ياكى يامان ئىش قىلغان ، يامان ئىش قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ بىرقىزنى باشقىلارنىڭ قوغلىشىپ ياىشى كۆرگەنلىكىنى ئوقۇمىدىم، ئۇچراتمىدىم، بەلكىم بولسىمۇ مەن كۆرمەي قالغاندىمەن. ئەگەر ياخشى كۆرۈشنى ئىپادىلىسىمۇ بۇ ھىسداشلىقتىن، ياكى بۇ قىزنىڭ ياخشىلىقىغا تاسادىپى جاۋاپ قايتۇرۇش يۈزىسدىن ،خالاس.
مېنىڭ يېقىن ئۆتىدىغان بىر دىھقان دوستۇم بار ئىدى. تاسادىپى كېسەل بىلەن ئون يىل ياتتى، ئېرى، ئاتا-ئانىسى ھارماي داۋالاتتى. ئۇ كېسەل دەردىدە قېرىپ ، كىچىكلەپ، چاچلىرى ئاقىرىپ، 90 ياشلىق مومايدەك بولۇپ قالدى، ئېرىنىڭ بالىلرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ، شۇڭا ئېرى مەجبۇرى ئاجرىشىپ، بالىلرىنىمۇ تاشلاپ باشقا خوتۇن ئالدى.
يەنە بىر تونۇشۇممۇ ئېرى بىلەن تەڭ ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ پۇت-قولى باسماس بولۇپ قېلىۋېدى، ئېرى ئۇنىمۇ تاشلىۋەتتى.
يەنە بىر مېيىپ قىز دەرستە شۇنچە ئەلاچى تۇرسىمۇ مېيىپلىقى سەۋەپلىك باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىدى. تولۇقسىزنىمۇ پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا ئاتا-ئانىسى«سەن بەرىبىر ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمەيسەن ،ئۆتسەڭمۇ كادىر بولالمايسەن، كادىر بولساڭمۇ، خەى مۇشۇنداق مېيىپنى كادىر قىپتۇ، دەپ سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ ، ياراتمايدۇ، مازاق قىلىدۇ»دەپ ئۇ قىزنى ئوقۇتمىدى، بىچارە قىز ئاىىرى ئوقۇشتىن كەچتى، چوڭ بولغاندا باشقىلار ئۇنى ياراتمىدى، ياخشى كۆرگەن يىگىتىگىمۇ ئېرىشەلمىدى....
بۇنداق ئەمىلى مىساللار بەك كۆپ خانىم. مەن يېقىندا «شىنجاڭ ئايالللىرى »ژورنىلىىدىن تۈركىيەلىك بىر ئايال يازغۇچىنىڭ نىكاھ ئىشلىرىدا ناھەقچىلىك ۋە بېسىمغا ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ ئەمىلى تۇرمۇشىنى يېزىپ ناھايىتى يۇقۇرى باھاغا ئېرىشكەنلىكىنى ئوقۇدۇم. سىز مەن ئويلىغاننى ئاللىقاچان ئويلاپ يەتتىڭىز، شۇڭا سىزنىڭ مۇشۇ تېمىنى ئويلنىپ ، بىرەر يىرىك ئەسەر يېزىپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مېنىڭ مۇنداق ئارزۇيۇم بار ئىدى:
1-جەمىيەتنىڭ يۇقۇرى تۆۋەن قاتلىمىدىكى ھەر خىل ئاياللارنىڭ ، مېيىپلارنىڭ، كېسەللىك ئازابى، مۇھتاجلىق ئازابى تارتىۋاتقانلارنىڭ تۇرمۇشى، مەركىزى شەھەردىكى ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدىن تارتىپ، دىھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئارزۇسىغىچە ،ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە سۆز تەلەپپۇزىنى تولۇق ئەكس ئەتتۇرۇپ بېرىدىغان يېڭى بىر ئاياللار تۇرمۇشى ئەكس ئەتكەن «يېڭى مىڭ بىر كېچە»ئەسىرى يېزىش
2-پۈتۈن بەدىنى ئوتتا كۆيۈپ، سەتلىشىپ كەتكەن ھەركەت قىلىشى قولايسىز ،يەنە بىرسى ناھايىتى سەت گاس گاچا بىر قىزنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى، مۇھەببەتلىك ھاياتى ،مۇھەببەت ئۈچۈن كۆپ جاپالارنى تارتىپ، ئاخىرىدا «پەرھات-شىرىن» دەك مۇرادىغا يەتكەنلىكى ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەختلىك ياشاپ ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا بىر ئەسەر يېزىش. مەن ناھايىتى كۆپ ۋەقەلىك ئويلىساممۇ ئۇنى رەتلىك ، سېستىمىلىق يېزىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ»
خەت مانا مۇشۇنداق يېزىلغان، مەن خەتنى ئۆز پېتى ئۇرۇپ چىقتىم. بۇ سارەم ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ماڭا بولغان تېلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ يەنە تور مۇڭداشقۇ نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. مەن خەتنى ئوقۇپ ئۇزۇن ئويلاندىم. نىمە دەپ جاۋاپ يېزىش ھەققىدە كاللامغا نۇرغۇن پىكىرلەر كەلدى. ئاىىرىدا مۇشۇنداق بىر خىەتنىڭ دەل ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا كەلگەنلىكىنىڭ ئۆزى يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئايال يازغۇچى شائىرەلىرىمىزگە قىلىنغان مۇراجىئەتتەك ھىس قىلىپ، ئۇنى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىگە سۇنغۇم كەلدى. گەرچە بۇسارەم سىڭلىمنىڭ يازغىنى شەخسى نامدىكى خەت بولسىمۇ ئەمما ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تېمىلىرى ، ئايال يازغۇچىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئورتاق دەپ قارىدىم. شۇڭا، مەن جەنۇبى تاغقا قەدەم تەشرىپ قىلغان خالىدە خانىم، تۇرسۇنئاي خانىم ۋە ئايشەم ئەىمەت خانىملارغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۇرۇش بىلەن بىللە ئۇلار يازغان رومانلارغا يانداشقا  ھالدا سىڭىللىرىمىز ، ئاچىلىرىمىزنىڭ يۇقارقى خەتتە ئوتتۇرىغا قويغان تېمىلاردىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن يىرىك ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى ئۈچۈن تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەم مەن بىلەن تەڭ يۇقارقى تېما ۋە خەت مەزمۇنىنى مۇزاكىرە قىلىپ، بۇسارەمگە مۇۋاپىق جاۋاپ تېپىپشىپ بېرىشنى ، بولسا تور يۈزىدە ئاشكارا جاۋاپ خەت قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەلكىم ، مېنىڭ قىلغانلىرىم ئارتۇقچىدۇر، ئەمما ، مەن يىغىنغا قاتنىشالمىغان ئەپسۇسلىقىمنى مانا مۇشۇ خەت ئارقىلىق بايان قىلىنغاندەك ھىس قىلدىم . مەن شاڭخەيدىكى بىر قېتىملىق مۇھاكىمىدىمۇ دىگەن «ئايال يازغۇچىلىرىمىز تېما دائىرىسىنى كەڭەيتسە، مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە چەمبىرىكىدىن چىقىپ، مۇھىت، مەدەنىيەت، ئەنئەنە تېمىلىرىغىمۇ يۈرۈش قىلسا »دەپ. بۇسارەم ئۆزى يازالمىسىمۇ بىزدىن يېزىشنى تەلەپ قىلغانكەن ، بىزمۇ ئويلىنىپ كۆرىشىمىز زۆرۈر دەپ قارايمەن. مېنىڭچە بۇمۇ يالغۇز بۇ سارەمنىڭلا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن تەلىپى. ئەگەر مەن نەخ مەيداندا بولغان بولسام ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرىنىڭ تېما تۇتۇش مەسىلىسىسنى چوقۇم ئوتتۇرىغا قوياتتىم. شۇڭا مەن جەنۇبى تاغدىكى كۆپچىلىكىنىڭ بۇسارەمنىڭ خېتىنىڭ مەزمۇنىنى ئويلىنىپ كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قىممەتلىك ۋاختىڭلارنى چىقىرىپ بۇسارەمنىڭ  خېتىنى ئوقۇشۇپ بەرەىنىڭلارغا رەھمەت !
ئاخىرىدا بۇ خاسىيەتلىك يىغىلىشنىڭ ئۇتۇقلۇق، غەلبىلىك ، نەتىجىلىك، گۈزەل ئەسلىمىلەر بىلەن ئاخىرلىشىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن! چەتئەللىكلەرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا«ساھىپجامال يازغۇچى-شائىرەلىرىمىز»ئامان بولغاي!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايسىمە ئىدىرىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-27 17:38  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  512
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 936
تۆھپە : 0
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 17:56:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغلانبەگ يوللىغان ۋاقتى  2012-6-25 17:54
بىر بىرىدىن ئېسىل،چىرايلىق،لاتاپەتلىك قىزلار جۇغلىشى ...

ما  چوغلانبەگ ئەپەندىگە  نېمە بولغاندۇ ؟«بىر بىرىدىن ئېسىل،چىرايلىق،لاتاپەتلىك قىزلار جۇغلىشىپتىكەن» دەپ كۆزىنىڭ شالىسىنى ئېقىتىۋاتامدۇ نېمە؟

مۇنبەردىكى تاققۇ-تۇققا سۆزلەيدىغانلاردىن ھەجەپ زىرىكتىم.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 453
تۆھپە : 3
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 18:05:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پائالىيەت ئۇچۇرىنى كۆرۈپ بەكمۇ سۆيۈندۈم. خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ ئىلھاملىرىغا يەنىمۇ ئىلھام قوشۇلغاي!
تۇرسۇنئاي ھەدەم، خالىدە ھەدەملەرنى كۆرۈپ ئۇلار بىلەن ئۇچراشقان مىنۇتلارنى ئەسلىدىم.

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1517
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 138
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 18:39:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادالەت ئابدۇرېھىم قەلىمى ئۆتكۈر ئايال يازغۇچىلارنىڭ بىرى.مەن ئادالەت خانىمنىڭ بۇندىن كىينىكى ئىجادىيتىگە يەنىمۇ زور مۇۋاپىقيەت تىلەيمەن.

كۆزۈڭنى يۇم، كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  182
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 938
تۆھپە : 4
توردا: 143
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 19:22:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بىرىدىن ئېسىل،چىرايلىق،لاتاپەتلىك قىزلار جۇغلىشىپتىكەن ،ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام ئۆز قولۇم بىلەن بىر پىيالەدىن  چاي سۇنىۋالاركەنمەن،ئەپسۇس....
كەمىنە چوغلانبەگدىن ھەممىلىرىگە سالام،ئالتۇن بويلىرى ئامان بولغاي !ئامىن!


دۇئالىرى ئىجابەت بولغاي .... ئامىننننننننننننننننننننن.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  126
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 299
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 22:49:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر جالالىدىن:
بىر مىللەتنىڭ ئايال يازغۇچىلار قۇشۇنىنىڭ شەكىللىنىشى، مەلۇم كۆلەم ھاسىل قىلىشى شۇ مىللەت ئۈچۈن،شۇ مىللەت ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر ئايال ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەر سان جەھەتتىن تۇيۇنۇپ، سۈپەت جەھەتتن ئىزدىنىدىغان دەۋر يىتىپ كەلدى. ئاياللار يەنىمۇ ئىزدىنىشى، تىرىشىشى، ئۆز مەسىلىسىنى ئۆزى ھەل قىلىشى كىرەك.
ئاياللاردىن ئايرىلغان ئەدەبىيات مەۋجۇت ئەمەس. ئاياللار ئەدەبىياتى مەسىلىسىگە كەلسەك، نۇقۇل ئاياللار يازغان، ئاياللار تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەدەبىياتلا ئاياللار ئەدەبىياتى بولمايدۇ، ئاياللار ئەدەبىياتىدا ئايال ئىجادىيەتچىلەر قۇشۇنى، ئاياللار تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ، ئاياللارنىڭ كۆزى، ئاياللارنىڭ نەزىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەر بولۇشتىن باشقا، يەنە ئاياللار ئەدەبىياتى ھەققىدە نەزىرىيە بولۇشى، ئوبزورچىلار بولۇشى، تەكلىپ-پىكىرلەر، تەنقىدلەر قانات يايدۇرۇلۇشى كىرەك.
   بىز ئەدەبىي ئىجادىيەتكە نىسبەتەن نەزىرىيەنى ئۈگىنىشنى چىڭ تۇتۇش، ئەسەر يازغاندا، ۋەقەلىكنىلا يېزىشتىن، روھىي-ھالىتى، مىجەز-خاراكتىرى، پىسخىكىسى، ئىچكى كەچۈرمىشلىرىنى يېزىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك. ئاياللار ئەدەبىياتىدا ئاياللىق تەپەككۈرنى گەۋدىلەندۈرۈش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم. بۈگۈنكى ئاياللار مەسىلىسىگە كەلسەك، زامانىۋى ئايال بىلەن ئەنئەنىۋى ئايالنىڭ پەرقى ئۇنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى مەسىلىسىگىلا باغلىق ئەمەس، ئەقىللىق ئايالغا قارىغاندا، ئاياللىقى كۈچلۈك ئايال دۇنيانى بەكرەك ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئاياللىقى ۋايىغا يەتكەن، ئاياللىقى گۈپۈلدەپ تۇرغان، ئاياللىق دۇنياسى پىشقان ئايال تېخىمۇ گۈزەل ۋە قۇدرەتلىك بولىدۇ. ئايال ئەدىبلەر ئادىمىيلىكنىڭ كۈچى، ئانىلىقنىڭ كۈچى، ئاياللىقنىڭ كۈچى قانداق بولىدۇ؟ دىگەن نۇقتا ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىشى ۋە بۇنى ئىجادىيەت ئەمىلىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە تىرىشىپ بېقىشى كىرەك. ئاياللار چۈشكۈنلۈكتىن، نارازىلىقتىن،ۋايساشتىن قۇتۇلۇپ، ئارزۇيىمىزدىكى ئەر، ئارزۇيىمىزدىكى ئائىلە، ئارزۇيىمىزدىكى ئايالنى، ئارزۇيىمىزدىكى كىشىلىك تۇرمۇشنى يېزىپ باقايلى. بۇنىڭ جەمىيەتكە نىسبەتەنمۇ ئىجابىي تەسىرى چۇقۇم كۆرىلىدۇ.
   ئۇنىڭدىن باشقا ئايال ئاپتۇرلاردا مۇتەپەككۇرلۇق سەۋىيىسى بولۇشى، قەلەمنى ۋەقەلىك ئۈستىگە ئەمەس، تەپەككۈر ئۈستىگە قۇيۇشى، ئەسەرلەردىن بىرخىل گۇمانتارلىق روھ، سىھرى كۈچ بالقىپ تۇرۇشى كىرەك.
    مۇھەببەت ئاساسىي ۋەقەلىك قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەردە، ئاپتۇرلار ئۆز سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە جەمىيەتتىكى، ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشى، ئىنساننىڭ ھەرتەرەپلىمە ئىھتىياجى، ئارزۇ-ئىزتىراپلىرىنى قېزىپ چىقىشى، يازغانلىرىنىڭ جەمىيەتكە نىسبەتەن، ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن ئىجابىي تەسىر ئېلىپ كىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرشچانلىق كۆرسىتىشى كىرەك.
   كىشىلىك ھايات توپ مۇسابىقىسىگە ئوخشايدۇ، بىز مۇسابىقە جەريانىدا يىڭىشنى، خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكنى ئارزۇ قىلىمىز، ئەمما، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سالىمىز، يىڭىلىپمۇ قالىمىز،  شۇڭا كىشىلىك ھاياتتتىكى غالىبىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز، مەغلۇبىيەتتىنمۇ ھۇزۇر ئالالايدىغان، قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇقنى كۆرەلەيدىغان بولۇشىمىز كىرەك.
  

سېنى شۇ قەدەر سۆيىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  126
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 299
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 23:00:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن دىلمۇرات تەلئەت ئەدەبىي تەرجىمە ھەققىدە سۆزلەپ بەردى، «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلىدىن گۈلباھار ناسىر كۇرسقا قاتنىشىۋاتقان ئايال ئەدىبلەرنى «ئاياللار ژورنىلى» غا ۋەكالىتەن  يازغۇچىلار ئائىلىسىگە ئالاھىدە يوقلاپ چىقتى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىن بېلىقىز ئابلىكىم نۆۋەتتىكى ئاياللار مەسىلىسى، ئاياللار ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىنى سۈيۈش، تاشقى قىياپىتى ۋە روھىي دۇنياسىدىن تەڭ بالقىپ تۇرىدىغان ئاياللىق سىھىر، ئاياللىق گۈزەللىك، ئاياللىق كامالەت يىتىلدۈرۈش ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەپ بەردى.
    چۈشتىن كىيىن ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى، ئابلا ئىسھاق پەروزان، تۇردى لىتىپ قاتارلىقلار ئايال ئەدىبلەرنى يوقلاپ چىقتى،
ئابلەت ئابدۇرەشىت بەرقى، ئابلا ئىسھاق پەروزان، ئەيبۇ ياقۇپ قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاياللار ئەدەبىياتى، ئاياللار ئەدەبىي ئىجادىيەت مىتودى، ئۆزلۈككە سادىق بولۇش، خاسلىق يارىتىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت، مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتنىڭ تەپسىلى مەزمۇنى داۋاملىق رەتلەپ يوللىنىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayimnisa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-28 21:10  


سېنى شۇ قەدەر سۆيىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  450
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 75
تۆھپە : 2
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 23:12:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۈرمەتلىك ئانىلار ، ھەدىلەر ، سىڭىللەر ! سىلەر ئۇيغۇرنىڭ ئەدىبەسى ، شائىرەسى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن بارلىق سۈيۈنۈش ، پەخىرلىنىش ۋە ئالقىشلار سىلەر ئۈچۈن ! سىلەر جەم بولغان بۇ ئەنجۈمەننىڭ خاسىيىتى ھەقىقەتەن چوڭ ! ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنشىدىن ئانچە چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ، سىلەرنىڭ مىھنىتىڭلار ، ئىزدىنىشىڭلار بىلەن يەنە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە رەڭلىنىدۇ ! بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ئۇ ئەكس ئەتتۈرگەن ۋە ئىپادىلىگەن مىللىيلىق ، كىرىزىس ۋە تىراگدىيەلەرنىڭ چېقىندىسى بىلەن ، شۇنداقلا ، ئۇنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن قانچىلىك ئۇچرىشالىغانلىقى بىلەن بولىدۇ . ئالدىنقىسى يازغۇچىدىكى دىتنىڭ ئۆتكۈر ۋە چۇڭقۇرلىقى بىلەن بولسا ، كىيىنكىسىدە تەرجىمان ۋە چىگىراسىز مۇھىت بىلەن بولىدۇ . ( مەمەدانلىق قىلغان بولسام كەچۈرگەيسىلەر )
دىيارىمدىكى ئايال ئەدىبەلەرنى كۆرۈپ ، مەرھۇم ھاياتنۇپۇس خانىمنى ھۈرمەت بىلەن ئەسلىدىم . ( كۈڭۈللەرگە يەتكۈزگەن مالاللىقىم ئۈچۈن ئەيىبلىكمەن )

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش