ئۈرۈمچىنىڭ تېغىدا،
تاغ،جىرادىن چاڭ چىقتى.
كېچە ئەمەس ،كۈندۈزدە،
قۇياش،چولپان ئاي چىقتى.
تاغ تۇرادا گۈل چىراي،
بىرى قۇياش،بىرى ئاي.
ئوت يۈرەك شۇ دوستلارنىڭ ،
بويلىرىدىن ئايلىناي.
بىرى كەپتۇ خوتەندىن،
ياڭاق ھىدى تارىتىپ.
بىرى كەپتۇ قەشقەردىن،
بارچە ئەلنى قارىتىپ.
قارىمايدەك قاراكۆز،
لاتاپىتى ئۆزگىچە.
چىللىسىڭىز دىدار بىز،
كۈز كېتىپ قىش كەلگىچە.
بىر جاناننىڭ تېنىدىن،
ئەنجۈر ھىدى پۇرىدى.
چاقماق كەبى سۆزىدىن،
دىل خەزنىمىز يورىدى.
ئالمىزاردىن بىر جانان،
ئالما ھىدى تاراتتى.
يەنە قاچان دىداربىز،
يوللىرىغا قاراتتى.
تىلى چۈرۈك نەشپۈتتەك،
بىرى تاتلىق سايرىدى.
ئىجادىدىن-ئەجرىدىن،
كۆڭۈللەر زەپ يايرىدى.
گۈرۈچ ئەمەس ،داڭلىقكەن،
شايار ،توقسۇ قىزلىرى.
كۆڭۈللەردە ئەستىلىك،
شېرىن تاتلىق سۆزلىرى.
قىزىپ كەتتى ئەنجۈمەن.
ئۈرۈمچىنىڭ تېغىدا،
بولماس بۇنداق شاھ سۆبەت،
شاھ غوجامنىڭ بېغىدا.
بەس-بەس بىلەن ئېچىلدى،
دانالارنىڭ بۇلىقى.
قانچە ئاڭلاپ تويماسكەن،
ئەدىبلەرنىڭ قۇلىقى.
ئەتە-ئۆگۈن چۆمەرمىز،
بۇلاقلارنىڭ سۈيىگە.
دىل قانغۇچە تەڭكەشبىز،
دىلخۇمالىق كۈيىگە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ____kizilgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-25 23:06