سەيلە قىلىش
گۈزەلنۇر ھېيت تەرجىمىسى
تەڭرى ماڭا بىر قۇلۇلىنى يىتىلەپ سەيلە قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى .مەن ئىتتىك ماڭسام بولمايتتى ، قۇلۇلە جېنىنىڭ بارىچە ئالغا قاراپ ناھايىتى ئاستا ئۆمىلىمەكتە ئېدى ، مەن ئۇنى ئالدىرىتاتتىم ، ئۇنىڭغا ۋارقىرايتتىم ، ئۇنى ئەيىبلەيتتىم !
قۇلۇلە خۇددى كەچۇرۇم سوراش نەزىرىدە « غەيرەت قىلىۋاتىمەنغۇ›› دىگەندەك ماڭا قارايتى .مەن قۇلۇلەنى ئىتتىرەتتىم ، سورەيتىم ، ھەتتا ئۇنى تىپەتتىم ! قۇلۇلە تەر ئاققۇزۇپ ،ئېغىر تىنغىنىچە داۋاملىق ئالغا قاراپ ئۆمىلىمەكتە ئىدى .... مەن شۇنىڭغا ھەيران قالدىمكى ، تەڭرى نېمىشقا ماڭا بىر قۇلۇلەنى قېتىپ سەيلە قىل دەيدىغاندۇ ؟ ئەي تەڭرىم ! بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ ئاسماندىن سادا چىقمىدى .
ھىم ! بەلكىم تەڭرىم يەنە قۇلۇلە تۇتقىلى كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ! ماقۇل ! مەن قولۇمنى قويۇۋاتتىم ! ئىش قىلىپ تەڭرىنىڭ كارى بولمىغان ئىشقا مەن كوڭۇل بولۇپ نېمە قىلىمەن ! قۇلۇلە داۋاملىق ئالغا قاراپ ئۆمىلىمەكتە ، مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قەدەملىرىمنى توختۇتۇپ ئاچچىق بىلەن كەلمەكتىمەن ! ئالدىرماي خىيال بىلەن كېلىۋاتاتتىم ....ھەي ؟!تۇيۇقسىز شۇنداق خۇشپۇراق گۈلنىڭ ھىدىنى پۇرىدىم ، ھە ،ئەسلىدە يان تەرەپتە بىر گۈللۈك بار ئىكەن ئەمەسمۇ ! مەن يەنە ئىللىق شامالنىڭ يۈزۈمنى سىپاپ ئۆتكىنىنى ، ئەسلىدە كېچىدىكى شامالنىڭ شۇ قەدەر يېقىملىق بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم . مەن يەنە قۇشلارنىڭ ،قۇرۇت -قوڭغۇزلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ،ئاسماننى قاپلىغان ساناقسىز يۇلتۇزلارنى ، نۇرغۇنلىغان گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆردۇم !!!
ھەي؟ بۇرۇن مەندە نېمىشقا بۇنداق تۇيغۇ بولۇپ باقمىغان بولغىدى ؟ كېيىن بىلدىمكى ، مەن خاتالىشىپتىمەن ! ئەسلىدە تەڭرى قۇلۇلەنى مىنى يىتىلەپ سەيلە قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان ئىكەن ئەمەسمۇ !!
[ 散 步 ]
上帝给我一个任务,叫我牵一只蜗牛去散步。我不能走得太快,蜗牛已经在尽力的爬,每次却总是挪那么一点点,一点点……我催它,我唬它,我责备它!
蜗牛用抱歉的眼光看着我彷佛说:[人家已经尽了全力!]
我拉它,我扯它,我甚至想踢它!
蜗牛流着汗,喘着气,往前爬着,爬着……真奇怪 !
为什么上帝要我牵一只蜗牛去散步?
上帝啊!这是为什么?天上一片安静。
唉!也许上帝又抓蜗牛去了!好吧!就松开手吧!反正上帝不管了,我还管什么! 任着蜗牛往前爬,我在后面生闷气,待放慢了脚步,静下心来,走着,走着…… 咦?
!忽闻到了花香,原来,这边有个花园!我感到微风吹到我的脸上, 原来夜里的风是这么温柔 。 还有!我听到了鸟声,我听到了虫鸣,我看到满天的星斗,好多,好亮丽!
咦? 以前怎么没有这些体会?我这才想起来 ,莫非是我弄错了!原来上帝叫蜗牛牵我去散步!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaprak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-13 22:48