كۆرۈش: 1902|ئىنكاس: 26

«يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىنى تارقىتىش يىغىنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1334
تۆھپە : 18
توردا: 323
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 10:55:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىنى تارقىتىش ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى


يېقىندا يەكەن ناھىيەسىدە ‹‹يەكەن ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىنى تارقىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا «يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ نەشر قىلىنىش ئەھۋالى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇپ ئاپتور ۋە ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان كونكىرىت ئۆلچەم ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتورلار بەس-بەس بىلەن پىكىر قىلىپ، «يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈستىدە  ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.يىغىندا يەنە ناھىيەنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىدىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، يېڭى بىر يىللىق ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ قېتىملىق يىغىنغا ناھىيە تەۋەسىدىكى يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچى، ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ  50 نەپەردىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
«يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى پەسىللىك ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشقۇرۇشىدا يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئاخبارات نەشىرىيات ئىدارىسىنىڭ كونكىرت مەسئۇللىقىدا چىقىرىلىپ، ئىچكى قىسىمدا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ خەۋىرى.

DSCF2943.JPG


DSCF2944.JPG


DSCF2954.JPG



DSCF2960.JPG
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-19 17:47  


idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 13:48:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ ئەپەندىننىڭ ھېممىتىدە بۇ ژورنال بىلەنمۇ  يۈز  كۆرىشەرمىز

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 772
تۆھپە : 3
توردا: 169
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 13:53:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانىنى ئوقۇپ شۇنداق خۇش بولدۇم. ئەسەرلەرمۇ ئوبدان تاللىنىپتۇ. ژۇرنالمۇ شۇنداق كۆركەم لاھىيىلىنىپتۇ.  مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ژۇرنالغا كۆڭۈل بۆلگەن چۇغلانبەگ قاتارلىق بارلىق ئەزىمەتلەرگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1427
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 238
تۆھپە : 0
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 19:15:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇر ئىكەن .  داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇرلارنى يوللاپ تۇرشىڭلرنى ئۈمد قىلىمەن!
قولىڭلارغا ئۇلۇغ ئاللا دەت بەرمىسۇن!

ئابدۇرېھىمجان (كەشپى)

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 532
تۆھپە : 22
توردا: 122
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 19:27:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچكى قىىسمدا تارقىتىلغان ژۇرناللار كۆپەيگلى توردى، بۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشنىڭ ئىپادىسى، مۇمكىن بولسا پوچتىخانلاردا تارقىتىلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 714
تۆھپە : 1
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 19:38:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇنمۇ بىر قېتىم دەپ ئۆتكەن، يەنە دەيمەن. بۇ ژۇرنالنىڭ چىقىشى تولىمۇ بىر ياخشى ئىش. ئەمما ژۇرنالنىڭ كوررېكتورلۇق ھالقىسىدا ئېغىر مەسىلە بار. بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بەزى ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىيلىكىمۇ ئانچە ئەمەس. ئەمدى تۇنجى قەدەمدە ھەممە تەرەپنىڭ مۇكەممەل، ياخشى بولۇشى ناتايىن. بىراق، مۇكەممەللىككە، تىرىشچانلىققا قاراپ يۈزلەنسە،چوقۇم ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن! مېنىڭچە، بۇ ژۇرنالمۇ بۇندىن كېيىن مۇشۇ مەسىلىلەرگە دىققەت قىلسا، ئاندىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشالايدۇ  . (ئاندىن بۇ ھەقىقىي تۆھپە بولىدۇ)

ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 567
تۆھپە : 3
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 20:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەركەندە مەيدانغا كەلگەن بۇ ئەدەبىيات گۈلشەنىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ۋە خۇشال بولدۇم. يەركەن دىيارىدىكى ئەدەبىيات سۆيەر قېرىنداشلارنى مۇبارەكلەيمەن. بارلىق ئۇيغۇر جامائىتىمىزنى قۇتلۇقلايمەن. ژورنالنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىشىگە تۆھپە قوشقان، ئېچىلمىغان ئىشىكلەرنى چەككەن، يوللارنى بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن بېسىپ ئىز سالغان ئەزىزلەرگە ئىھتىرام!
ئەلتۇغ ئاكا، ئېنىق ۋاقتى چىسلاسىنى ئەسكەرتىپ تۈزىتىپ قويسىڭىز بولاپتىكەن.

ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت. _ رەشىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 251
تۆھپە : 0
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 20:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژۇرناللار ئاشكارا تارقىتلسا ياخشى بولاتتى.شۇنداق قىلالىساق ئەدەبىياتىمىز تخىمۇ رەڭدارلىشاتتى.

بۇ مەينەت مەندە تۇرماس،ئۇ دۆلەت سەندە.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1478
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 886
تۆھپە : 0
توردا: 87
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 20:59:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قەدىمىگە ئۇتۇقلار  تىلەيمەن.

ئوتمۇشنى يىتىلەپ سەرگەندار ياپراق،
  يۇرمەكتە قىشتىكى سوغوق كاچكۈلدا .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1478
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 886
تۆھپە : 0
توردا: 87
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 20:59:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قەدىمىگە ئۇتۇقلار  تىلەيمەن.

ئوتمۇشنى يىتىلەپ سەرگەندار ياپراق،
  يۇرمەكتە قىشتىكى سوغوق كاچكۈلدا .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  365
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 297
تۆھپە : 2
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 23:14:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈركۈت يوللىغان ۋاقتى  2013-1-9 19:38
مەن بۇرۇنمۇ بىر قېتىم دەپ ئۆتكەن، يەنە دەيمەن. بۇ ژۇرن ...

تۈنجى سان بەكلا ئالدىراش چىقىشقا توغرا كېلىپ قالغاچقا شۇنداق بولدى.بىر قىسىم ئىشلارنى ھەقىقەتەن ئالدىن مۆلچەرلىمەك تەس.بۇ سەۋەنلىك چوقۇم تۈزۈتۈلىدۇ.كېيىنكى سانلىرىنىڭ سۈپەتلىك چىقرىلىشىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

تۈنجى رەت ئۇچرىشىش ئايرىلىش ئۈچۈن،
ئاخىرقى ئايرىلىش كۈل بولۇش ئۈچۈن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1503
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 223
تۆھپە : 0
توردا: 52
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 23:49:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلى بۇرادەر بەش قولنى بىراقلا ئېغىزغا تىقىقىلى بولمايدۇ، ساكرائۇل دېگەندەك، بەزى  ئامىللار ژورنالنىڭ ئالدىراپلا چىقشىغا سەۋەپ بولغان، مېنىڭچە بۇ ژورنالنىڭ كىيىنكى مەنزىلى پارلاق... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇڭلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-10 08:42  


مەن ئىچ-ئىچىمدىن كۆيۈپ تۈگەيمەن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 538
تۆھپە : 6
توردا: 86
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:09:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ئەھمىيەتلىك ئىش، ئالدى بىلەن يوقنى بار قىلىش مۇھىم، قالغان ئىچكى ئىشلارنىڭ چوقۇم كۆڭۈلدىكىدەك بولىدىغانلىقىدا گەپ يوق، بىر ژۇرنالنى يېڭىدىن بارلىققا كەلتۈرمەك تولىمۇ قىيىن، ئۇنى ئوچۇق تارقىتىلىدىغان قىلماق ھازىرقى شارائىتتا بەسى مۈشكۈل ئىش. يەكەندىكى مەرىپەتپەرۋەر رەھبەرلەر ۋە ئەدەبىيات سۆيەر دوستلارنىڭ بۇ قۇتلۇق قەدىمىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇ ژۇرنالنىڭ كېيىنكى قەدەملىرىنىڭ خۇددى يەكەن دەرياسىدەك ئۈزۈلمەي، جۇلالاپ ئېقىپ تۇرىشىغا سەمىمىي تىلەكداشمەن. بىزمۇ ئاشۇ ئېقىنغا بىر قەترە بولۇپ قېتىلىشقا تاييارمىز.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1544
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:56:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇد بولسۇن! يەكەندىكى قەلەمكەش دوستلارغا ئىجادىيەت ئۈچۈن يەنە بىر مەيدان ھازىرلىنىپتۇ. ژۇرنالنى روياپقا چىقىرىشقا كۈچ قاتقان ئەزىزلەرنىڭ مۇبارەك تەنلىرى ئامان بولغاي!
بۇ يىغىندا سۈرەت تارتىلغان بولۇشى مۈمكىنغۇ، بولسا يوللاپ قويساڭلار!  

www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  263
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 323
تۆھپە : 0
توردا: 126
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 00:36:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ يەكەن ئەدەبىياتى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئايرىلماس تەركىۋىيى قىسمى .ئۇنىڭدا ئۇيغۇر روھىيىتى  تەپەككۇرى ۋە گۈزەل جىلۋىلىرى نامايەن بولغاي .  بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغان  يەكەندىكى  قېرىنداشلارغا   سالاملار  بولغاي .!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش