«يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىنى تارقىتىش ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
يېقىندا يەكەن ناھىيەسىدە ‹‹يەكەن ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىنى تارقىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا «يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ نەشر قىلىنىش ئەھۋالى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇپ ئاپتور ۋە ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان كونكىرىت ئۆلچەم ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتورلار بەس-بەس بىلەن پىكىر قىلىپ، «يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.يىغىندا يەنە ناھىيەنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىدىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، يېڭى بىر يىللىق ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ قېتىملىق يىغىنغا ناھىيە تەۋەسىدىكى يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچى، ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ 50 نەپەردىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
«يەكەن ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى پەسىللىك ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشقۇرۇشىدا يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئاخبارات نەشىرىيات ئىدارىسىنىڭ كونكىرت مەسئۇللىقىدا چىقىرىلىپ، ئىچكى قىسىمدا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ خەۋىرى.