كۆرۈش: 1553|ئىنكاس: 14

«خانتەڭرى تور ژۇرنىلى»2012-يىل 1-سانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 10
تېللا: 956
تۆھپە : 4
توردا: 525
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 03:57:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكوم ھۆرمەتلىك تورداشلار، دوستلار!

يېڭى يىللىق سوۋغىمىز سۈپىتىدە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىۋاتقان «خانتەڭرى تور ژۇرنىلى»مىز، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتى - «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى تورى»نىڭ سىفىرلىق نەشر ئەپكارى بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندىن قوللىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەر جەھەتتىن مەدەت بېرىشى، ژۇرنالنى ئىشلەشكە قاتناشقان مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ ئەجىر - مېھنىتى نەتىجىسىدە مانا ھازىر ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇ.

ژۇرنالدىكى ئەسەرلەر ياش، ئۈمىدلىك قەلەم ساھىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بولۇشىغا قارىماي بەدىئىيلىك جەھەتتىنمۇ ئادەمنى خېلى رازى قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياشلاردىكى يېڭىلىققا ئىنتىلىش روھى مەزكۇر ژۇرنالدىكى ئەسەرلەردىمۇ روشەن ئەكىس ئېتىدۇ.

بىز بۇندىن كېيىن مەۋقەنى ياش قەلەم ئىگىلىرىنى بايقاش، يېتەكلەشكە قارىتىپ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن يېڭى بىر ئەۋلاد كۈچ ئۇلىغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

ژۇرنىلىمىز پەسىلدە بىر سان، يىلدا تۆت سان چىقىرىلىدۇ. ئېلان قىلىنىدىغان ئەسەرلەر تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدىن تاللىنىدۇ ۋە ئەسەرلەرنىڭ يېڭى، ئىجادىي بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈلگەن، باشقا مەتبوئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر دىققەتسىزلىكتىن ئېلان قىلىنىپ كەتسە قەلەم ھەققى بېرىلمەيدۇ ۋە بۇنداق ئاپتورنىڭ كېيىنكى ئەسەرلىرىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىدۇ.ئەلۋەتتە، بۇ بىزنىڭ خەيرىلىك بىر مەنزىلگە قاراپ بېسىۋاتقان تۇنجى قەدىمىمىز، تەييارلىقلىرىمىزنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، ئەسەر تاللاش، تېخنىكا ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئىقتىدارىمىزدىكى كەمچىلىكلەر تۈپەيلى تۇنجى قەدەمنى تولۇق، ئۇتۇقلۇق باستۇق دەپ ئېيتالمايمىز. كۆپچىلىكنىڭ بىزگە ئىلھام بېرىشىنى، يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

«خانتەڭرى تور ژۇرنىلى» ـــ سىزنىڭ ژۇرنىلىڭىز، ژۇرنىلىمىزنى نادىر ئەسەرلىرىڭىز بىلەن قوللاش ھەم سىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچىڭىز! قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتايلى!



ھۆرمەت بىلەن:



«خانتەڭرى تور ژۇرنىلى» تەھرىراتى

64676418201201101400062571137667291_003.gif


64676418201201101400062571137667291_000.gif


64676418201201101400062571137667291_002.gif


64676418201201101400062571137667291_001.gif


باش نازارەتچى:غەيرەت ئاسىم

باش مۇھەررىر: ئەيبۇ ياقۇپ

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى

بۇ ساننىڭ نۆۋەتچى مۇھەررىرى: ئابدۇرېشىت ئېلى

مەسلىھەتچىلەر:ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىت بەرقىي، ئابلا ئىسھاق پەرۇزان

ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئىشلىگۈچى: ئەلگىيار مۇنبىرى

كومپيۇتېردا:مۇختەرجان زېمىن غېرىبى


تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈۋېلىڭ:
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://115.com/file/e7zi3qcr
چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن كومپيۇتېردا بىۋاسىتە ئىجرا قىلسىڭىز بولىدۇ.
بىلەلمىگەنلەر چۈشۈرۈش ئادرىسىغا كىرىپ ئەڭ ئاخىرقى ئىستۇندىكى تېلېگراف مۇلازىمىتېرىدىن چۇشۇرۇڭ. 电信下载دىگەن ئىستۇنغا مائۇسنى ئەكىلىپ مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى باسسىڭىز 目标另存为 دېگەن يەر كۆرۈنىدۇ شۇنڭ بېسىپ ساقلىماقچى بولغان دىسكا ۋە ھۆججەت خالتىسىنى تاللاپ بولۇپ بىكىتىڭ ، شۇنىڭ بىلەن مانا مۇنداق چۈشۈدۇ.










idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  510
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 241
تۆھپە : 0
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 09:33:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتىگۇ ياحشى لايىلىنىپتۇ

نىمىلارنى خىيال كىلىپ نىمىلار ئەمەلگە   ئاشار بۇدۇنيادا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1377
تۆھپە : 10
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 11:01:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرلارغا ئۇتۇق ، مۇھەررىرلەرگە ساقلىق تىلەيمەن.

يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 462
تۆھپە : 1
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 23:01:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«خانتەڭرى»گە سەپەر



(خانتەڭرى تور ژورنىلىنىڭ 2012- يىللىق 1- سانىدىكى ئەسەرلىرى ئۈستىدە)



ئۆمەر ماخمۇت



شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يېقىندىن قوللىشى، يىتەكچىلىك قىلىشى ۋە شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەر جەھەتتىن مەدەت بىرىشى نەتىجسىدە روياپقا چىققان① «خانتەڭرى تور ژورنىلى» شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىدە كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئويغۇر تور ئەدەبىياتى دۇنياسىدا قەلەم ھەققىلىق نەشىر ئەپكارى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ بوشلۇقنىڭ تولدۇرۇلۇشى ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن يېشىل چىراق يېقىپ، ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىنىڭ داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، يېڭىلىق يارىتىش، دادىل ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا زور ئىلھام بەخىش ئەتتى.

تۇنجى سان(2012- يىللىق 1- سان) ژورنال ئىشلىنىش جەھەتتىكى نەپىسلىك، ئەسەر تاللاشتىكى قاتتىقلىق، ئەسەر تەھرىرلەشتىكى يۇقىرى ماھارەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ژورنالنى توردىن چۈشۈرۈپ كۆرگەن ھەربىر ئوقۇرمەن ئۇنىڭ جەلىپكارلقىدىن مەمنۇن بولماي قالمىدى. بۇ ژورنالنىڭ يەنە بىر خاس ئالاھىدىلىكى، يېڭى كۈچلەرنى بايقاش، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ھەمدە ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بىرىش ئۈچۈن دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدىدۇر.

يوقىرىدا بىز بۇ ژورنالنىڭ روياپقا چىقىشى ھەققىدىكى دەسلەپكى مەلۇماتلارنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. نۆۋەتتە بۇ سان ژورنالنىڭ ئەسەرلەر بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى، ئەسەرلەرنىڭ بەدىئى قىممىتى، مۇۋاپىقىيىتى ۋە ئەسەر ئاپتۇرلىرىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەر ئۈستىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئەسەرلەرگە ژانىر ئالاھىدىلىكى  بويىچە قىسقىچە دىئاگىنۇز قويۇپ چىقىمىز.

1.  2012- يىللىق 1- سان ژورنالنىڭ ئەسەرلەر بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى

بۇ سانغا بىرىلگەن ھەرقايسى ژانىردىكى ئەسەرلەر جەمئىي 61 پارچە، ئىگىلىگەن كۆلەم 124 بەت بولۇپ، تەسىس قىلىنغان سەھىپلەر «نەسىرى ئەسەرلەر»، «شېئىرلار»،«يۈزمۇ- يۈز»، «چەتئەل ئەدەبىياتى»، «مۇھاكىمە ۋە تەقرىز»، «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە «نەسىرى ئەسەرلەر» نىڭ ئىگىلىگەن(كۆلەم) نىسبىتى تەخمىنەن %33، «شېئىرلار» نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %28، «يۈزمۇ- يۈز» سەھىپىسى (ئەدەبىي سۆھبەت) نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %7 ، چەتئەل ئەدەبىياتى سەھىپىسنىڭ ئىگىلىگەن نسىبىتى تەخمىنەن %2.5، «مۇھاكىمە تەقرىز» سەھىپىسنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %27، «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى» سەھىپىسنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %2.5 بولغان②. يۇقارقى سىتاستىكىلىق مەلۇماتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەرقايسى ژانىردىكى ئەسەرلەر ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن سەھىپىلەرگە تەكىشى تەقسىملەنگەن بولۇپ، مەلۇم بىر ژانىرغا ئېغىپ كېتىپ، يەنە بىر ژانىرنى چەتكە قېقىش ئەھۋالى ساقلانمىغان. بۇ مۇھەرىرلەرنىڭ ئەسەر تاللاش ۋە ئەسەر سەھىپىلىرىنى بىكىتىش جەھەتتە مول مەزمۇنلۇق، كۆپ تەرەپلىملىك بولۇشنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. ئەسەرلەرنىڭ بەدىئى قىممىتى، مۇۋاپىقىيىتى ۋە ئەسەر ئاپتۇرلىرىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە

بۇ مۇلاھىزە سەھىپىلەرنى بىرلىك قىلىپ، ئومۇمىيىلىقنى چىقىش قىلىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شوڭا مۇلاھىزىدىن ئاۋال ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئومۇمىيىلىق بىلەن ئايرىملىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى توغرا چۈشىنىشنى سورايمىز.

1) نەسىرى ئەسەرلەر ھەققىدە

نەسىرى ئەسەرلەر سەھىپىسىدە زۆھرەگۈل ھامۇت ئاپتۇرلىقىدىكى «سۈكۈتلۈك نەپەس» ناملىق پوۋىست بىلەن رىسالەت مەردان ئاپتۇرلىقىدىكى «مەن يەنە ئېلەڭگۈچ» ناملىق ھىكايە بىرىلگەن بولۇپ، «سۈكۈتلۈك نەپەس» ناملىق پوۋىستنىڭ يېرىمى كىيىنكى سانغا قالدۇرۇلغان، بۇ ئەھۋالدا بىز پەقەت پوۋىستنىڭ يېرىمى ھەققىدىلا كۆز قاراشلىرىمىزنى بايان قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز.

«سۈكۈتلۈك نەپەس» ناملىق پوۋىسىت باشلانمىسىدىنلا، چىگىش بىر زىدىيەتنى ئوقۇرمەنگە پۇرىتىپ ئۆتۈپ، ئەسەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان. ئەسەر ۋەقەلىكى ئاشۇ زىدىيەتنى چۆرىدەپ، «ئەلفىرە» بىلەن «شەۋكەت» نىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى ئىناقسىزلىقنىڭ مەنبەسىنى يۇرۇتۇپ بىرىش ئۈچۈن تەرەققى قىلغان. ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا بىز يەنە، ئاپتۇرنىڭ كۈچەۋاتقىنى پەقەت «شەۋكەت» نىڭ مەسئۇلىيەتىسىزلىكىلا بولماستىن، بەلكى مۇشۇ خىل مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى ئۈچۈن يول قويىۋاتقان تاشقى ئامىللار (قېينئانا...) نىڭمۇ سەۋەنلىكى بارلىقىنى ھىس قىلالايمىز. بەلكىم بۇ ئىناقسىزلىقنىڭ مەنبەسى يەككە يۆنلىشلىك بولماسلىقىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭغا يەنىلا پوۋىستنىڭ كىيىنكى يېرىمى ئوقۇش ئارقىلىق جاۋاپقا ئىرىشكىلى بولىدۇ. ئاپتۇر ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئائىلە، نىكاھ، تۇرمۇش مەسىلىلىرى ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىپ، ئائىلە زىدىيەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ، ئىزدەنگەن ھەمدە ئوقۇرمەنلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا تاشلىيالىغان بولسىمۇ، تىل ئىشلىتىش جەھەتتە قىسمەن سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمىغان.

«-ئەلفىرە، ئالدىدىكى پور كۆتەكتەك گەۋدىگە ئۆزىنى ئېتىپ سېمىز بوينىغا گىرە سالدى-دە ...» بۇ ئۈزۈندىدە، «پور كۆتەكتەك گەۋدە» كىنايە تۈسنى ئالغان بولۇپ، ئەسلى ئەسەردىكى كەيپىياتقا ماس كەلمەيدۇ. يەنە «تۈكۈرۈكلىرىنى كۈچەپ يۇتۇش» دېگەندەك قوپال تەسۋىرلەر ئەسەر تىلىغا نۇقسان يەتكۈزگەن. ئومۇمەن، ئاپتۇر بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە تىل ئىشلىتىشقا يەنە ئازىراقلا كۈچىسە نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەسەرلەرنى ھۇجۇدقا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن.

«مەن يەنە ئېلەڭگۈچ» ناملىق ھىكايىدە «ئەركىن» بىلەن «نۇرىمان» نىڭ مۇھەببەت كەچمىشلىرى ئاساسى لىنىيە قىلىنغان بولۇپ، تۇرمۇش چىنلىقى مول، ئاددى ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق ئەسەر بىلەن ئوقۇرمەننىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشتۇرۇلغان. ئەسەردىكى نۇرىمان ئىرادىلىك، قەيسەر، مۇستەقىل مەيدانغا ئىگە، ئىپەتلىك قىز. ئەركىن بولسا، مەردانە، كەسكىن يىگىت. ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئىجابىي تەرەپلىرىمۇ ئۆز- ئارا زىدىيەت(ئوقۇشماسلىق) پەيدا قىلىپ، ھىكايە سيۇژىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرۈتكە بولغان. مېڭنىچە، ئىجابىي ئوبرازلارنىڭ ئۆز- ئارا زىدىيەت پەيدا قىلىشى مەزكۇر ھىكايىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقىيىتىدۇر.

2) شېئىرلار ھەققىدە

شېئىرىيەت سەھىپىسىدىكى شېئىرى ئەسەرلەر، ئاساسەن ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىدە باشلامچى ئورۇندا كېتىۋاتقان سەرخىل ئاپتۇرلار قوشۇنىنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

(1) باغلانما تەسەۋۇر ئارقىلىق شېئىرى كەيپىيات يارىتىش.

ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ 2- ئەۋلاد سەركىلىرىدىن بىرى بولغان، غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «سۆيگۈنىڭ ئەڭ يىراق تاغلىق كەنتىدە» ناملىق شېئىرى باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق شېئىرى كەيپىيات يارىتىشنىڭ ئۈلگىسى بولالايدۇ.

«سۆيگۈنىڭ ئەڭ يىراق تاغلىق كەنتىدە ∕ قالايدۇ بىر قىزچاق ئىشىق ئوتۇمنى» بۇ مىسرالار تەسەۋۇر يىپ ئۇچى بولغان  «قىزچاق» ، « ئىشىق ئوتى» قاتارلىقلارنى چىقىش نوقتىسى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

«ئاھ، تېخى بىر قېتىم يەپمۇ باقمىدىم ∕ ئۇ قىزچاق دەرد بىلەن ئەتكەن ئاشنى مەن» بۇ يەردە تەسەۋۋۇر يىپ ئۇچى ‹قىزچاق›ئاشكارە ھالدا تەكرارلاندى. يەنە بىر تەسەۋۋۇر يىپ ئۇچى بولغان «ئىشىق ئوتى»، دەل باغلانما تەسەۋۋۇرىمىزنى قاناتلاندۇرۇشنى شەرت قىلىدۇ. يەنى، ‹قىزچاق› نىڭ دەرد بىلەن ئېتىدىغان ئېشى، ئىشىق ئوتىنى قالاپ تۇرۇپ ئېتىدىغان ئاش ئەمەسمۇ؟

(2) بىۋاستە تۇيغۇنى ئىپادىلەش ئارقىلىق شېئىرى كەيپىيات يارىتىش. بىۋاستە تۇيغۇ شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ھاياجانلىق شىۋىرلاشلارنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، ئۇ لوگىكىلىق قانۇنىيەت ۋە ئەقلىي تەپەككۈرنىڭ توسۇقلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپلا ئۆزىنى ئاشكارلايدۇ. ياش شائىر ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ «دىلمۇراتنىڭ ھىكايسى» ناملىق شېئىرى بىۋاستە تۇيغۇ ئارقىلىق شېئىرى كەيپىيات يارىتىشنىڭ بىر نامايەندىسى بولالايدۇ.

«دىلمۇراتنىڭ ئىسمى ئاق،

ئۇدۇلدىن قارىساڭ.

دىلمۇراتنىڭ ئىسمى يوق

چاقىرماق بولساڭ.»



(«دىلمۇراتنىڭ ھىكايسى» دىن پارچە)

يۇقارقى مىسرالار ئاجايىپ سۈزۈك بىر تويغۇنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ساپ ھىسيات شائىر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن سۇغۇرلۇپ چىققان. مىسرالار ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ، «دىلمۇراتنىڭ ئىسمى»، «ئۇدۇلدىن قارىسا ئاق» «چاقىرماق بولسا يوق» بولىدىغان شېئىرى تۈس پەيدا قىلغان.

«دىلمۇرات ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بىلىدۇ،

شوڭا ئۇنىڭ ئىسمنى بىلمەيدۇ ھېچكىم.»



(«دىلمۇراتنىڭ ھىكايىسى» دىن پارچە)

بۇ مىسرالاردا بولسا، لوگىكىلىق قانۇنىيەت، شېئىرنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىگە ئورۇن بوشىتىدۇ. دىلمۇراتنىڭ ئۆز ئىسمىنى بىلىشى بىلەن «ھېچكىم»نىڭ دىلمۇراتنىڭ ئىسمىنى بىلمەسلىكى لوگىكىلىق قانۇنىيەتكە خىلاپ، چۈنكى ‹دىلمۇرات› بولغان ئىكەن، «ھېچكىم» بولماسلىقى كېرەك. ئەمما شېئىرنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى، ئۇ مىسرالارنى ‹دىلمۇرات ھىچكىمنىڭ ئۆز ئىسمنى بىلمەيدىغانلىقىنلا بىلىدۇ› دېگەن مەنىگە يۈكلەيدۇ...

(3) يېڭىچە تەپەككۈردىكى شېئىرىلىشىش. ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىدە، كىشنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئۆزگىچە يول تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىر ياش شائىر بار، ئۇ دەل ئوسمانجان مۇھەممەد پاسىئان. پاسىئان شېئىرلىرىدىكى تەپەككۈر ئۆزگىچىلىكى، پەلسەپىۋى پۇراق، شېئىرى تىل قاتلىمىدىكى بۆسۈش ئىنتايىن جەلىپكارلىققا ئىگە. ئۇنىڭ «ھىچقانداق نەرسە» ناملىق شېئىرىدا مەن، ئۆزىنى ئۈچ خىل ئېھتىماللىققا قويىدۇ. بىرىنچى، ‹كۆز بولۇشقا توغرا كەلسە، قارغۇنىڭ كۆزى بولۇش›. ئىككىنچى، ‹پۇت بولۇشقا توغرا كەلسە، ئۈستەلنىڭ پۇتى بولۇش›.ئۈچىنچى، ‹باش بولۇشقا توغرا كەلسە، شەيتاننىڭ بېشى بولۇش›. ئاخىرىدا يەنە مەن، بۇ ئۈچ خىل ئېھتىماللىقنىڭ ھەممىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ چاغدا شېئىرنىڭ بىزگە قىلىدىغان خىتابى، مەزكۇر شېئىردىكى ‹قارغۇنىڭ كۆزى›، ‹ئۈستەلنىڭ پۇتى›، ‹شەيتاننىڭ بېشى› دېگەن سۆزلەرگە قايتا قاراپ چىقىش بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا بىز، ‹مەن› نىڭ شەكىلسىزلىكىنىڭ مۇشۇ ئۈچ خىل ئېھتىماللىق ئارىسىدىكى شەكىلسىزلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۈچ خىل ئېھتىماللىق (‹قارغۇنىڭ كۆزى›،‹ ئۈستەلنىڭ پۇتى›، ‹شەيتاننىڭ بېشى) دىن ئوقۇرمەن ئۆزى مەنە قاتلىمىنى قىزىپ چىقىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، «ساقى»، «يولۇچىلارنىڭ ئاخىرقىسى»، «قوغدالمايدىغان بىرىلا» قاتارلىق كۆپ قسىىم شېئىرلار پاسىئاننىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، ئوقۇرمەن بىلەن شېئىر ئوتتۇرسىدا شۇنچىلىك زىل مۇناسىۋەت بارلىقىنى ھىس قىلىشقا بولىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا، بۇ سان ژورنالىنىڭ شېئىرىيەت سەھىپىسىگە يەنە، «بەددۇئا» (مۇتەللىپ مەڭسۇر ئوۋچى)، «زېرىككەن شامال» (ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىم)، «مەن يۈسۈپ ئەمەس»(رەخىم ياسىن قاينامى)، «جۇنۇن مەرغۇلى» (ئەراپات ئابدۇرۇسۇل) قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئېسىل شېئىر غەزەللىرى بىرىلگەن بولۇپ، ھەر بىر پارچە شېئىردا شائىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش ماھارىتى نامايەن قىلىنغان.

3) يۈزمۇ- يۈز (ئەدەبىي سۆھبەت) سەھىپىسى ھەققىدە

«ئوسمان قاۋۇل بىلەن سۆھبەت» تېمىسىدىكى مەزكۇر ئەدەبىي سۆھبەت، يازغۇچى ئوسمان قاۋۇلنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى، ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىش ئەھۋالى ھەمدە ئىجادىيەت قارىشى قاتارلىق مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىر يازغۇچىنىڭ سەمىمىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئاساستا، ھەقىقى بىر ئەدىپكە خاس سالاپەت بىلەن، سۆھبەت تېمىسىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلشى كىشنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. «سۆھبەت» نى ئوقۇغاندىن كىيىن، بىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىدىكى تەخىرسىز تىمىلارنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق تونۇپ يېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بوش ساھەلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويغا چۆكىمىز.

بۇ سۆھبەت نۇرغۇنلىغان ياخشى تېمىلارنى يۇرۇتۇپ بەرگەن ھەمدە كۆپلىگەن ئىجابىي پىكىرلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەمىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئاز بىر قسىم يەڭگىلتەكلىككە يول قويغان.

«... سىزنىڭچە بىر ئەدىپنىڭ مەسئۇلىيىتى قانداق بولۇشى كېرەك؟

«مېنىڭچە بىر ئەدىپ ئەقەللى ئادىملىك پەزىلىتىنى ھازىرلىشى زۆرۈر. كۆرىۋاتىمىز خېلە ياخشى نەرسىلەرنى يېزىپ ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، ئادىمىيىلىك پەزىلىتىنىڭ ناچارلىقىدىن پۈتكۈل ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ نامىنى بۇلغاپ يۈرگەنلەرنى. شۇ نوقتىدىن ئادەم بولۇش مەسئۇلىيىتى ئەڭ مۇھىم دەپ قارايمەن. ئادىمىيىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھازىرلىمىغان ئادەمنىڭ ئەدىپ بولۇشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى ۋە لازىمى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەدىپ كىشلەرنى تەربىيىلەيدۇ، جەمئىيەتنى يىتەكلەيدۇ ۋاھاكازا دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ». بۇ ئۈزۈندىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئادىمىيىلىك مەسئۇلىيىتىنى تۇرغۇزۇش، («كۆرۈۋاتىمىز ياخشى نەرسىلەرنى يېزىپ، ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىكەن بولىسمۇ، ئادىمىيىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھازىرلىماي، ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ نامىنى بۇلغاپ يۈرگەنلەر» دېگەندەك) ھىچبىر ئاساس كۆرستىلىمىگەن، تومتاق پىكىرنى ئۆزىگە تېرەك قىلغان. يازغۇچى بۇ نوقىتنى باشقىچە پىكىر يۆنلىشىدە تۇرۇپ يۇرۇتۇپ بەرگەن بولسا مۇۋاپىق بولاتتى. شوڭا بىز بۇ نوقتىغا تەنقىدى پوزىتسىيىدە قارايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، «ئەدىپ جەمئىيەتنى تەربىيىلەيدۇ، يىتەكلەيدۇ دېگەنلەرنىڭ ھەممسى قۇرۇق گەپ» دىيىلىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكلەرنىڭ كىشلەر قەلبىدىكى ئوبرازى سۇندۇرۇلغاندەك تەسىر پەيدا قىلىنغاندىن سىرىت، بىر تەرەپلىمە پىكىر ئارقىلىق بىر توپ ئىچىدىكى ئىلغار پىكىرلىكلەرنىڭ شۇ توپقا تەسىر كۆرسىتىدىغان رولى ئىنكار قىلىنغان. مۇشۇ نوقتىدىن، يازغۇچىلارنىڭ سۆھبەت داۋامىدا بىر قىسىم ئىنچىكە نوقتىلارغا يەنىلا دىققەت قىلىشى زۆرۈرلىكىنى كۆرۋالىغىلى بولىدۇ.

چەتئەل ئەدەبىياتى سەھىپىسىدىكى «قالتىس ئوغۇل» ناملىق ھىكايە تەرجىمە ئەسەر بولغاچقا، ئاپتۇر تەرجىمە قىلغان مەنبە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارغا ئىرىشىش ئىمكانىيىتى بولماسلىق سەۋەبىدىن بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈلمىدى.

4)        «مۇھاكىمە ۋە تەقرىز» سەھىپىسىدىكى ئەسەرلەر ھەققىدە

(1) ئايسىمە ئىدىرىس ئاپتۇرلىقىدىكى «يېڭى ئەسىردىكى چاغداش ياش شائىرلار» تېمىسىدىكى ماقالە، 21- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدا مەيداغا كەلگەن ئاۋانگارت ياش شائىرلار ھەمدە ئۇلارنىڭ شېئىرىيەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۈستىدە ئەتىراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، دەۋىرداش ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى تىل ئىشلىتىش ئۆزگىچلىكى، تەپەككۇر قاتلىمى، ئۆز- ئارا تەسىرچانلىقى ۋە  بىر- بىرىدىن پەرىقى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇپ چىقىشتا ئىجابىي رول ئوينىغان. ماقالە ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ مەنبەلىك، ھەر تەرەپلىملىك پىكىر قاتلىمىدىن، مۇئەللىپنىڭ بۇ يازما ئۈچۈن خېلىلا ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

بۇ يەردە، يەنە ماقالىدە سەل قارالغان بىر نوقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈر. يەنى، مىسال ئالغان ۋەكىللىك شائىرلارنىڭ ئىسىملىرى ھەدىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن (ژورنالنىڭ 91- بېتىگە قارالسۇن) ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ ۋەكىللىك شائىرلارنىڭ ماقالىدىكى تەكرارلىنىش قېتىم سانىمۇ نورمىدىن ئېشىپ كېتىپ، ماقالىنىڭ قىزىقىتۇرۇش كۈچى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ مايىللىقىنى تۆۋەنىلىتىۋەتكەن.

(2) پاتىگۈل نىياز ئاپتۇرلىقىدىكى «تۇمارىس روھى قېنىمىزدا» ناملىق يازما، شائىرە رۇقىيە ئابدۇللانىڭ «تۇمارىس» داستانى ھەمدە ‹مەن›نىڭ «تۇمارىس» ھەققىدىكى بارلىق ھاسىلاتلىرىنى تۇتقا قىلىپ، ئۇيغۇر قىز ئاياللىرى قەلبىدىكى شىجائەت، قەيسەرلىك، شەرىم- ھايا قاتارلىقلارنى يۇرۇتۇشنى ئاساسى لىنىيە قىلغان. ‹مەن›نىڭ بىر قېتىملىق قىزىپ قېلىشىدىن كىيىن، مومىسنىڭ چۆچىكى ئارقىلىق تۇرمارىس روھىنىڭ ئۆز تېنىگە سىڭىشى، ھەمدە مۇشۇ روھنى ھەممە ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىغا مەنسۇپ روھ دەپ قارىشى. ئوقۇرمەننىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق تارىخ ۋە يېقىنقى زاماندىكى «تۇمارىس» روھى قەلبىگە مۇجەسسەملەنگەن، «نۇزگۇم»، «رىزۋانگۈل»، «زۆھرەگۈل» ۋە شۇنىڭدەك نامسىز ھالدا ئۆز قەدىر- قىممىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئويغۇر قىز ئاياللىرى بىلەن قىزلىق قەدىر قىممىتىنى، غورۇر، ۋىجدانىنى يوقاتقانلارنى سېلىشتۇرما قىلىپ ئويلىنىش ئېلىپ بېرىش، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭمۇ ئانا بولىدىغانلىقىنى كۈچەپ تەكىتلەش بىر پۈتۈن مۇۋاپىقىيىنى نامايەن قىلغان.

(3) «”ئوبزورچىلىقتىكى يېڭى شەكىل“ رىۋايەتكە جان كىردى» ناملىق ماقالىدە ئاپتۇر ھەلىمە تۇردى، ئەخمەتجان خۇمانىڭ «رىۋايەتكە جان كىردى» تېمىسىدىكى ئۆزگىچە ئوبزورى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، مەزكۇر ئوبزورنىڭ «ئوبزور تىلى»، «تويغۇ» ئىپادىلىشى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشقان. «رىۋايەتكە جان كىردى»، ھەلىمە ئېيتقاندەك «...ئوبزورچىلىقنىڭ تەرتىپ ۋە شەكىللىرىگە قارغۇلارچە ئېسلىمىغان، يېڭى بىر شەكىل...» بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قۇبۇل قىلىشى بىر قەدەر قىينغا چۈشۈشى تۇرغانلا گەپ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئوبزورنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ، ئېنىقىسىز نوقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈش، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. يېڭىلىق ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەرنى قوللاش، ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش يوللىرى ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگۈزۈش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يەنە بىر بوشلۇق، ھەلىمەنىڭ بۇ ماقالىسى بىزگە مۇشۇ بوشلۇققا سەل قارىماسلىق توغرسىدا ئەسكەرتمە بىرىپ ئۆتۈپتۇ.

5) خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى سەھىپىسىدىكى «تايچاق بىلەن تەخەي» ناملىق چۆچەك ھەققىدە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنى ساقلاپ قېلىش بىلەنلا كۇپايە قىلماي، تەرەققى قىلدۇرۇش ھەمدە داۋاملىق بېيىتىش ئەدەبىياتىمىزدىكى تەخىرسىز بىر تېما بولسىمۇ، بۇ توغرسىدا قەلەم تەۋرىتىۋاتقانلارنىڭ بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا چىقىشى، كىشنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ئىش ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ بۇ ژانىر ئۈسىتىدە قەلەم تەۋرىتىپ، دادىللىق بىلەن مەيدانغا چۈشكەنلىكى ھەقىقەتەن ئالقىشلاشقا تىگىشلىك روھ.

«تايچاق بىلەن تەخەي» ناملىق چۆچەك خەلق تىلىغا يېقىن، شېئىرى كەيپىيات قويۇق، ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىدىيۋى مەزمۇن چوڭقۇر، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. چۆچەكتە، تايچاق بىلەن تەخەي كىنايىلىك بايانلار ئارقىلىق روشەن سېلىشتۇرما قىلىنىپ، تىرىشچانلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئۇتۇقلار بىلەن ھۇرۇنلۇقتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەت ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بىرىلگەن. مۇشۇ نوقتىلارنى كۆزدە تۇتقاندا، مەزكۇر يازما مۇۋاپىقىيەتلىك پۈتۈپ چىققان، بىر ياخشى چۆچەك ھېسابلىنىدۇ.

ئومۇمەن، بۇ سان ژورنالغا بىرىلگەن كۆپ قىسىم ئەسەرلەر يۇقىرى بەدىئى ماھارەت بىلەن يېزىلغاندىن باشقا، پىشىپ يىتىلگەن تىل ۋە جانلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى، خىلمۇ – خىل ژانىرلاردا ئۆز سىھىرى كۈچىنى نامايەن قىلغان. شوڭا بىز مەزكۇر سانىنى سەرخىل ئاپتۇرلار قوشۇنىدىن تەركىب تاپقان تەلەيلىك بىر سان دىيىشكە ھەقلىقىمىز.





مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:

①خانتەڭرى تور ژورنىلىنىڭ تۇنجى بېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىن پايدىلىنىلدى.

② ئەسەرلەرنىڭ ژورنال بېتىدە ئىگىلىگەن بەت سانىغا ئاساسەن سىتاستىكا تۇرغۇزۇلدى.




Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 14:21:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژورنالنىڭ ئىككىنچى سانى قاچان چىقىشنى ئويلاۋاتىدۇ؟

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  726
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 14
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 19:56:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورلارنىڭ باشسۇرىتىنى قوشساڭلار!!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  425
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 42
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 15:53:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېيىنكى سانىنى كۆرۈشكە تەقەززامەن....

ئىنسان بۇ دۇنيادا ئىككى قېتىم ياشىمايدۇ. ئەمما، بىر قېتىم ياشاشنىمۇ بىلمەيدىغانلار تۇلا.. !

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  350
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 62
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 12:43:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرگەندىن كېيىن ئېچىلمىدى، بەك ئەپسۇس، كۆرەلمىدىمدە.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 512
تۆھپە : 2
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 13:22:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈشۈرىدىغان يۈزنى تاپالمىدىم...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1166
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 213
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 22:14:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.مۇشۇنداق ياخشى ئىشلار ئۇزۇلمىگەي.

سىنىڭ تىلىڭدا،ئىسىمىنى چاقىردىم ئاستا.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  350
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 62
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 14:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمىغان، ئەمما بىرەر تور بەتتە ئېلان قىلغان ئەسەر بولسا بولامدۇ؟

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  812
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 71
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 17:28:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژۇرنال لازىم بولغانلار ماڭا ئۇچۇر قىلىپ ئېلخەت ياكى باشقا ئالاقە ئۇسۇلىنى قالدۇرۇڭلار ، مەن يوللاپ بېرەي .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  488
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 29
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 01:53:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ شۇنداق قىلىڭ  .

ئوزۈمنى ئۇنتۇپ قالساممۇ باشقىلارنى ئۇنتۇپ قالمايمەن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  177
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 640
تۆھپە : 0
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 06:55:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى سانغا مۇبارەك بولسۇن.
بەزى سۆزلەر ئۇلىنىپ يىزىلىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2030
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 8
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 20:46:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«خانتەڭرى تور ژۇرنىلى'نىڭ كېيىنكى سانلىرى قاچانراق چىقىدىغاندۇ -ھە!كۆرۈشكە بەكمۇتەقەززا بولىۋاتىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆكلەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-2 20:49  


تۇردى ئىسرائىل
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش