- UID
- 1
- يازما
- 68
- ھوقۇقى
- 255
- 真实姓名
- شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
- نادىر
- 10
- جۇغلانما
- 532
- تىزىملاتقان
- 2012-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-15
|
ئەسسالامۇئەلەيكوم ھۆرمەتلىك تورداشلار، دوستلار!
يېڭى يىللىق سوۋغىمىز سۈپىتىدە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىۋاتقان «خانتەڭرى تور ژۇرنىلى»مىز، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتى - «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى تورى»نىڭ سىفىرلىق نەشر ئەپكارى بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ يېقىندىن قوللىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەر جەھەتتىن مەدەت بېرىشى، ژۇرنالنى ئىشلەشكە قاتناشقان مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ ئەجىر - مېھنىتى نەتىجىسىدە مانا ھازىر ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇ.
ژۇرنالدىكى ئەسەرلەر ياش، ئۈمىدلىك قەلەم ساھىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بولۇشىغا قارىماي بەدىئىيلىك جەھەتتىنمۇ ئادەمنى خېلى رازى قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياشلاردىكى يېڭىلىققا ئىنتىلىش روھى مەزكۇر ژۇرنالدىكى ئەسەرلەردىمۇ روشەن ئەكىس ئېتىدۇ.
بىز بۇندىن كېيىن مەۋقەنى ياش قەلەم ئىگىلىرىنى بايقاش، يېتەكلەشكە قارىتىپ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن يېڭى بىر ئەۋلاد كۈچ ئۇلىغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تىرىشىمىز.
ژۇرنىلىمىز پەسىلدە بىر سان، يىلدا تۆت سان چىقىرىلىدۇ. ئېلان قىلىنىدىغان ئەسەرلەر تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدىن تاللىنىدۇ ۋە ئەسەرلەرنىڭ يېڭى، ئىجادىي بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈلگەن، باشقا مەتبوئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر دىققەتسىزلىكتىن ئېلان قىلىنىپ كەتسە قەلەم ھەققى بېرىلمەيدۇ ۋە بۇنداق ئاپتورنىڭ كېيىنكى ئەسەرلىرىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىدۇ.ئەلۋەتتە، بۇ بىزنىڭ خەيرىلىك بىر مەنزىلگە قاراپ بېسىۋاتقان تۇنجى قەدىمىمىز، تەييارلىقلىرىمىزنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، ئەسەر تاللاش، تېخنىكا ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئىقتىدارىمىزدىكى كەمچىلىكلەر تۈپەيلى تۇنجى قەدەمنى تولۇق، ئۇتۇقلۇق باستۇق دەپ ئېيتالمايمىز. كۆپچىلىكنىڭ بىزگە ئىلھام بېرىشىنى، يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
«خانتەڭرى تور ژۇرنىلى» ـــ سىزنىڭ ژۇرنىلىڭىز، ژۇرنىلىمىزنى نادىر ئەسەرلىرىڭىز بىلەن قوللاش ھەم سىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچىڭىز! قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتايلى!
ھۆرمەت بىلەن:
«خانتەڭرى تور ژۇرنىلى» تەھرىراتى
باش نازارەتچى:غەيرەت ئاسىم
باش مۇھەررىر: ئەيبۇ ياقۇپ
مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى
بۇ ساننىڭ نۆۋەتچى مۇھەررىرى: ئابدۇرېشىت ئېلى
مەسلىھەتچىلەر:ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىت بەرقىي، ئابلا ئىسھاق پەرۇزان
ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئىشلىگۈچى: ئەلگىيار مۇنبىرى
كومپيۇتېردا:مۇختەرجان زېمىن غېرىبى
تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈۋېلىڭ:
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://115.com/file/e7zi3qcr
چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن كومپيۇتېردا بىۋاسىتە ئىجرا قىلسىڭىز بولىدۇ.
بىلەلمىگەنلەر چۈشۈرۈش ئادرىسىغا كىرىپ ئەڭ ئاخىرقى ئىستۇندىكى تېلېگراف مۇلازىمىتېرىدىن چۇشۇرۇڭ. 电信下载دىگەن ئىستۇنغا مائۇسنى ئەكىلىپ مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى باسسىڭىز 目标另存为 دېگەن يەر كۆرۈنىدۇ شۇنڭ بېسىپ ساقلىماقچى بولغان دىسكا ۋە ھۆججەت خالتىسىنى تاللاپ بولۇپ بىكىتىڭ ، شۇنىڭ بىلەن مانا مۇنداق چۈشۈدۇ.
|
|