ximal
كۆرۈش: 3871|ئىنكاس: 79

تۈركزات:گۇما ناھىيەسىدە كاتتا تەبرىكلەش پائالىيىتى بولدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  103
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1227
تۆھپە : 2
توردا: 133
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 09:06:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«كۈلپەتلىك تەقدىر»،«ئىسمايىل ھاجى»رومانلىرىنىڭ نەشىردىن چىقىىش مۇناسىۋىتى بىلەن شائىر،يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرغا تون كىيدۈرۈلدى

/ `1 f, X/ l  X9 q/ d4 q5 A! k

      ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى، گۇما ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ پەخرى رەئىسى، گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ پىنسىيۇنىرى،ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە تونۇلغان شائىر،يازغۇچى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقادىر سادىرنىڭ«كۈلپەتلىك تەقدىر»ناملىق رومانى  ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى.يىقىندا «مىللەتلەر نەشرىياتى»بۇ مۆھتىرەم يازغۇچىنىڭ«ئىسمايىل ھاجى» ناملق بىئوگىرافىك،تارىخىي رومانىنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى. ئىككى رومان ئارقىمۇ-ئارقا نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ساھىب قەلەم مۆھتىرەمنىڭ خىزمەتداشلىرى ۋە دوستلىرىدىن  گۇما ناھىيەلك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى كۆكتېرەك يېزا ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى،ئەدەبىيات سۆيەر دوستى غەيرەت مامۇت،گۇما ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،لېرىك شائىر،گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئابلەت ئەخمەت،ئەدەبىي تەرجىمان،گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى دۇۋا بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم ئوسمان   ھەقيار قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىزادى جەھەتتىن قوللاپ تەشكىللىشى،گۇما ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى گۇما ناھىيەسىدىكى روھلان رىستۇرانىدا قەلىمى پىشقان بۇ سەركە يازغۇچىنىڭ مۇۋەپپەقىيتىنى تەبرىكلەش،تون كېيدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. يەكەن ناھىيەسىدىن تونۇلغان يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان،ئابدۇكېرەم قادىر،تارىخ تەتقىقاتچىسى ئابدۇقادىر داۋۇت قاتارلىق 18 نەپەرئەدىب؛قاغىلىق ناھىيەسىدىن شائىر قاۋۇل ساۋۇر،شائىر،يازغۇچى مۇھەممەت ئەمەت چوپانى،شائىر ۋارىسجان قاسىم قاتارلىق بەش نەپەر ئەدىب؛خوتەن شەھرىدىن خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنڭ باش كاتىپى،تونۇلغان يازغۇچى،«يېڭى قاشتېشى»يورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تۇرسۇنجان مۇھەممەت،يازغۇچى،«يېڭى قاشتېشى» يورنىلىنىڭ مۇھەررىرى مۇھەممەدسىلىم مۇھەممەدقاسىم،شائىر ئەركىن داۋۇت ئوغۇز،شائىرغوجامۇھەممەت مۇھەممەت،بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى،شائىر جاسارەت جاپپار قاتارلىق بەش نەپەر ئەدىب؛قاراقاش ناھىيەسىدىن يازغۇچى ئابدۇلھەمىد ياسىن،بالىلارئەدەبىيات يازغۇچىسى ئەخمەتجان ئابدۇللا؛گۇما ناھىيەسىدىن گۇما ناھىيەلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى،شائىر ئابدۇلھەكىم تالىپ،يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شائىر ئابلەت ئەخمەت،ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتىكىن،باش كاتىپ،شائىر ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك ۋە مۇھەممەت كامال خۇشخۇي،غوجامۇھەممەت قابىز،مامۇت ئۆمەر،ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزات قاتارلىق ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 30 نەپەر ئەزاسى؛گۇما ناھىيەلىك مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ   سازەندىلىرى؛پەخىرلىك شائىر،يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى، ئەنۋەر پازىل،مۇھەممەت ئىسمايىل قاتارلىق دوستلىرى ھەمدە پىشقەدەم مائارىپچىلاردىن بولۇپ جەمئى 120 گە يىقىن كىشى بۇ پائالىيەتكە  ئىشتىراك قىلدى.

   پائالىيەت داۋامىدا  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلارجەمئىيتىنىڭ ئەزاسى،تونۇلغان شائىر مۇھەممەت كامال خۇشخۇي ئىككى رومان توغۇرسىدا ئۇچۇربەردى.يازغۇچى تۇرسۇنجان مۇھەممەت،يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان، شائىر،يازغۇچى مۇھەممەت ئەمەت چوپانى قاتارلىقلار شائىر،يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرنىڭ  ئىككى رومانىنىڭ بەدىئىي مۇۋاپىقيىتى توغرىسىدا پىكىر دۇردانىلىرىنى بايان ئەيلىدى.گۇما ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋەكىللىرى شائىر ،يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرغا تون ياپتى،يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلارجەمئىيىتى،قاغىلىق ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى،قاراقاش ناھىيەلىك يازغۇچىلارجەمئىيىتى ۋەكىللىرى قىممەت باھالىق سائەت،ئايپۇن،كىتاب قاتارلىقلار بىلەن شائىر،يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرنىڭ ئىجادى مۇۋاپىقىيەتلىرىنى تارتۇقلىدى.ئابلىكىم تالىپ،ۋارىسجان قاسىم،ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك،ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزات،ئابلكىم مۇھەممەد ساكرائۇلى،ئىمىنتوختى توختىباقى سەزگۈر قاتارلىق شائىرلار ئىلگىر ئاخىربولۇپ  بۇ موھتېرەم قەلەم ساھىبىنىڭ ئىجادى مۇۋاپىقىيەتلىرىگە ئاتالغان شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ پائالىيەت ئەھلىنىڭ قەلب سەتھىسىگە كۆڭۈل چەشمىلىرىنى چاچقۇ قىلدى.پائالىيەت تولۇق بىركۈن داۋاملاشتى.پائالىيەت ئاخىرىدا ئەدەبىيات ئاشىناسى،گۇما ناھىيە قوشتاغ يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا ئەخمەت گۇما بازىرى ئاتچاپما يار بېغىدا پائالىيەت ئەھلىگە ئۇزىتىش چېيى بەردى.

    سەمىمىي ئۈمىد:

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالاقىدار سۈرەتلەرنى ئنىكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلمىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-18 11:41  9 y$ b; f2 T8 J
4 c' R3 @# B" Q' T

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1612
تۆھپە : 114
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 10:18:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موبارەك بولسۇن! گۇمىدىكى بارلىق ئۇستازلارغا سالاملار بولسۇن. ئۇستازنىڭ «شېئرىيەت رىسالىسى» ناملىق ئەسىرىنىڭ تىزراق نەشىر قىلىنىشىنى كۈتىۋاتىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  913
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 684
تۆھپە : 0
توردا: 127
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 10:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتتا ئىش بوپتۇ .مۇبارەك بولسۇن .يازغۇچىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئۆمىرىگە بەركەت تىلەيمەن .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1136
تۆھپە : 6
توردا: 144
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 10:42:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەت ھەقىقتەن ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر پائالىيەت بولدى .خەلقىمىز يەنىلا يازغۇچىلارنى چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلەيدىكەن . مەن يىزىقچىلىقنىڭ ھەقىقى ھۆرمىتىنى شۇ سورۇندا تونۇپ يەتتىم . بۇ سورۇننى ئۇيۇشتۇرغان بارلىق مۆھتىرەملەرگە كۆپتىن -كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن . ھەمدە يەكەن ، قاغىلىق ، قاراقاش ، خوتەن تەرەپلەردىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق مۆھتىرەملەگە ئۆز نامىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن .ئۇستاز ئابدۇقادىر سادىرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ، ئىجادىيەتلىرىنىڭ مول بولۇشىنى ، بىزگە تاتلىق شېئىرلارنىمۇ ئاتا قىلىپ تۇرىشىنى تىلەيمەن .3 A, x% U8 E+ U
بۇ پائالىيەتكە يەنە خوتەن شەھەر « يېڭى ئېقىم » كىتابخانىسىنىڭ خوجايىنى ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئانمۇ قاتناشقان بولۇپ ، ئۇ ئابدۇقادىر سادىرغا « ئىسمائىل ھاجى » ناملىق روماندىن 15 نى سوۋغا قىلدى .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1010
تۆھپە : 2
توردا: 261
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 11:05:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى كاتتا ئىش بوپتۇ،يازغۇچىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە بەرىكەت،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 688
تۆھپە : 0
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 11:23:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كاتتا سورۇن بوپتۇ، ئۇستاز ئەدىپ ئابدۇقادىر سادىرنىڭ  تېنى ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇشىنى تىلەيمەن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 966
تۆھپە : 2
توردا: 199
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 11:52:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. قەيەردە ئەدىبلەرنىڭ ئەتىۋارى بولسا، چۇقۇمكى شۇ يەردە ئۇلارنىڭ قەلىمىدىن تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەر ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. گۇما ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كاتتا ئەنجۇمەننىڭ پۈتۈن خوتەن دىيارىدىكى ھەممە يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئۈمىد-ئىستەكلىرىگە ئوت يېقىشىنى، ئۇلارنىڭ تېخىمو مول ھۇسۇلنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئەنجۈمەنگە قاتناشقان ھەممە دوست-يارەنلەرگە ئالىي ئېھتىرام!7 z8 X, K3 Z5 Y, p
$ t$ E2 m! S4 Z: [

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  118
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 12:07:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر ئاكا ھۆرمىتى ۋە ھەقىقىي ئەمگەكلىرى بىلەن تون كىيىشكە ھەقلىق. مۇبارەك بولسۇن! ئۇنىڭ قەدىرىنى قىلغانلارغا ئاپىرىن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1015
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 134
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 12:09:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ. ئۆز ھۆرمىتىمىزنى ئۆزىمىز قىلساق، ئاندىن باشقىلارمۇ ھۆرمەتلەيدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  161
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 265
تۆھپە : 0
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 12:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايىلا كىتابخانىدا «ئىسمايىل ھاجى» رومانىنى بىرەر قور ۋاراقلاپ چىقتىم. تىلى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ئۇزاق ۋاقىتلىق ئەمگەك، مېھنەتنىڭ مەھسولى ئىكەن. چوقۇم سېتىۋىلىپ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىمەن.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  365
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 390
تۆھپە : 2
توردا: 79
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 13:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكەن دىيارىدىكى ئەدىپلەر ئابدىقادىر ئاكا بىلەن بىرگە' |1 u6 H5 p' H
照片0455.jpg
3 q+ S, o3 A! J; p( u7 w
  W9 O" K# l# Y* J1 q9 S* P5 ]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sakarauli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-17 13:05  % T$ C% g' _5 l& c- a4 {( Y7 R# _

3 g5 q$ g( x7 O0 I& w( d" X
تۈنجى رەت ئۇچرىشىش ئايرىلىش ئۈچۈن،
ئاخىرقى ئايرىلىش كۈل بولۇش ئۈچۈن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  286
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 715
تۆھپە : 0
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 13:04:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارغا ئىھتىرام، ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ، گۇمىدىكى ئۇستازلارنىڭ بۇ خاسىيەتلىك قەدىمى مەڭگۈ داۋام ئەتكەي.

قۇربان قىلىپ ئەزىز تېنىنى،
يۇرۇقىنى بەردى بىزگە شام.
چۆرۈۋەتتۇق پەگاغا ئەپسۇس،
ئېلىكتىرگە ئېرىشكەن ئاخشام.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  365
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 390
تۆھپە : 2
توردا: 79
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 13:06:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇما يولىدا
9 }, @6 x( Z' Q4 p
# P+ v) H( v% b5 o* G. { 照片0444.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sakarauli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-17 13:07    f8 p: E7 `* O

0 |* Q6 Z$ r3 C2 {7 I) `
تۈنجى رەت ئۇچرىشىش ئايرىلىش ئۈچۈن،
ئاخىرقى ئايرىلىش كۈل بولۇش ئۈچۈن.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2654
تۆھپە : 84
توردا: 523
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 13:09:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالغان رەسىملەرنىمۇ يوللاپ قۇيايلى ... بەك ئەھمىيەتلىك ئىش بۇلۇپتۇ. ئابدۇقادىر سادىر ئاكىمىزنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق تېنى سالامەت بولسۇن !

مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  365
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 390
تۆھپە : 2
توردا: 79
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 13:14:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.jpg
غوجىمۇھەممەت كېيىن كەلدى; F6 \- o4 a4 w2 b
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sakarauli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-17 13:15  : T6 v+ U/ j" o' C: {

5 n0 u* h* U; I6 ?' d( v& {: P
تۈنجى رەت ئۇچرىشىش ئايرىلىش ئۈچۈن،
ئاخىرقى ئايرىلىش كۈل بولۇش ئۈچۈن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش