«كۈلپەتلىك تەقدىر»،«ئىسمايىل ھاجى»رومانلىرىنىڭ نەشىردىن چىقىىش مۇناسىۋىتى بىلەن شائىر،يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرغا تون كىيدۈرۈلدى
0 k% _% H: f# l; a% E5 D
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى، گۇما ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ پەخرى رەئىسى، گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ پىنسىيۇنىرى،ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە تونۇلغان شائىر،يازغۇچى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقادىر سادىرنىڭ«كۈلپەتلىك تەقدىر»ناملىق رومانى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى.يىقىندا «مىللەتلەر نەشرىياتى»بۇ مۆھتىرەم يازغۇچىنىڭ«ئىسمايىل ھاجى» ناملق بىئوگىرافىك،تارىخىي رومانىنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى. ئىككى رومان ئارقىمۇ-ئارقا نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ساھىب قەلەم مۆھتىرەمنىڭ خىزمەتداشلىرى ۋە دوستلىرىدىن گۇما ناھىيەلك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى كۆكتېرەك يېزا ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى،ئەدەبىيات سۆيەر دوستى غەيرەت مامۇت،گۇما ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،لېرىك شائىر،گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئابلەت ئەخمەت،ئەدەبىي تەرجىمان،گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى دۇۋا بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم ئوسمان ھەقيار قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىزادى جەھەتتىن قوللاپ تەشكىللىشى،گۇما ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى گۇما ناھىيەسىدىكى روھلان رىستۇرانىدا قەلىمى پىشقان بۇ سەركە يازغۇچىنىڭ مۇۋەپپەقىيتىنى تەبرىكلەش،تون كېيدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. يەكەن ناھىيەسىدىن تونۇلغان يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان،ئابدۇكېرەم قادىر،تارىخ تەتقىقاتچىسى ئابدۇقادىر داۋۇت قاتارلىق 18 نەپەرئەدىب؛قاغىلىق ناھىيەسىدىن شائىر قاۋۇل ساۋۇر،شائىر،يازغۇچى مۇھەممەت ئەمەت چوپانى،شائىر ۋارىسجان قاسىم قاتارلىق بەش نەپەر ئەدىب؛خوتەن شەھرىدىن خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنڭ باش كاتىپى،تونۇلغان يازغۇچى،«يېڭى قاشتېشى»يورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تۇرسۇنجان مۇھەممەت،يازغۇچى،«يېڭى قاشتېشى» يورنىلىنىڭ مۇھەررىرى مۇھەممەدسىلىم مۇھەممەدقاسىم،شائىر ئەركىن داۋۇت ئوغۇز،شائىرغوجامۇھەممەت مۇھەممەت،بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى،شائىر جاسارەت جاپپار قاتارلىق بەش نەپەر ئەدىب؛قاراقاش ناھىيەسىدىن يازغۇچى ئابدۇلھەمىد ياسىن،بالىلارئەدەبىيات يازغۇچىسى ئەخمەتجان ئابدۇللا؛گۇما ناھىيەسىدىن گۇما ناھىيەلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى،شائىر ئابدۇلھەكىم تالىپ،يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شائىر ئابلەت ئەخمەت،ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتىكىن،باش كاتىپ،شائىر ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك ۋە مۇھەممەت كامال خۇشخۇي،غوجامۇھەممەت قابىز،مامۇت ئۆمەر،ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزات قاتارلىق ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 30 نەپەر ئەزاسى؛گۇما ناھىيەلىك مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ سازەندىلىرى؛پەخىرلىك شائىر،يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى، ئەنۋەر پازىل،مۇھەممەت ئىسمايىل قاتارلىق دوستلىرى ھەمدە پىشقەدەم مائارىپچىلاردىن بولۇپ جەمئى 120 گە يىقىن كىشى بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەت داۋامىدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلارجەمئىيتىنىڭ ئەزاسى،تونۇلغان شائىر مۇھەممەت كامال خۇشخۇي ئىككى رومان توغۇرسىدا ئۇچۇربەردى.يازغۇچى تۇرسۇنجان مۇھەممەت،يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان، شائىر،يازغۇچى مۇھەممەت ئەمەت چوپانى قاتارلىقلار شائىر،يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرنىڭ ئىككى رومانىنىڭ بەدىئىي مۇۋاپىقيىتى توغرىسىدا پىكىر دۇردانىلىرىنى بايان ئەيلىدى.گۇما ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋەكىللىرى شائىر ،يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرغا تون ياپتى،يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلارجەمئىيىتى،قاغىلىق ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى،قاراقاش ناھىيەلىك يازغۇچىلارجەمئىيىتى ۋەكىللىرى قىممەت باھالىق سائەت،ئايپۇن،كىتاب قاتارلىقلار بىلەن شائىر،يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرنىڭ ئىجادى مۇۋاپىقىيەتلىرىنى تارتۇقلىدى.ئابلىكىم تالىپ،ۋارىسجان قاسىم،ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك،ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزات،ئابلكىم مۇھەممەد ساكرائۇلى،ئىمىنتوختى توختىباقى سەزگۈر قاتارلىق شائىرلار ئىلگىر ئاخىربولۇپ بۇ موھتېرەم قەلەم ساھىبىنىڭ ئىجادى مۇۋاپىقىيەتلىرىگە ئاتالغان شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ پائالىيەت ئەھلىنىڭ قەلب سەتھىسىگە كۆڭۈل چەشمىلىرىنى چاچقۇ قىلدى.پائالىيەت تولۇق بىركۈن داۋاملاشتى.پائالىيەت ئاخىرىدا ئەدەبىيات ئاشىناسى،گۇما ناھىيە قوشتاغ يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا ئەخمەت گۇما بازىرى ئاتچاپما يار بېغىدا پائالىيەت ئەھلىگە ئۇزىتىش چېيى بەردى.
سەمىمىي ئۈمىد:
پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالاقىدار سۈرەتلەرنى ئنىكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-18 11:41 ) t/ ]# y2 l8 K, t$ \ \1 ^7 w
% c) i; V6 ~! e# r