گۇمىدا ئۆتكۈزۈلگەن يازغۇچى ، شائىر،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى،قادىناس دوستۇم ئابدۇقادىر سادىرنىڭ ئىككى رومانىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن نەشىردىن چىقىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىگىگە بېغىشلانغان تەبرىكلەش پائالىيىتى-ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەتتە ياراتقان مول مەنىۋىي ئەمگەكلىرىنىڭ ئەدەبىيات ئاشىنالىرى قەلبىدىكى مۇقەررەر ئىنكاستۇر. بۇ پائالىيەتتىن دوستۇم بەگتۈرك ئارقىلىق خەۋەر تاپقان بولساممۇ،ئائىلىدىكى جىددى ئىش تۈپەيلىدىن بۇ ساھىب قەلەمنى يۈزمۇ-يۈز تەبرىكلەپ قولىنى چىڭ سىقالمىغانلىغمدىن(گەرچە تېلىفۇن دا ئۆزرەمنى ئېيتىپ كەچۇرۇم سورىغان بولساممۇ) تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پائالىيەت كە ئىشتىراك قىلغان ياسىنجان سادىق چوغلان، ئابدۇكېرىم قادىر، قاۋۇل ساۋۇر، مۇھەممەد ئەمەت چوپانى، شائىر دوستۇم ۋارىسجان قاسىم قاتارلىق مۆھتىرەم ئەزىزلەر بىلەن دىدارلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغىنىمغا قاتتىق ئۈكۈندۈم.
" C4 @) e) a1 G! j4 @7 g9 y$ g
$ }; v4 Y- U5 }9 ?" H2 X9 j' pتېنىڭىز ئامان بولسۇن ئابدۇقادىر،
ئۆمرىڭىز نۇرغا تولسۇن ئابدۇقادىر،
بەيگىدە ئۈزگەن قەلەم تۇلپارىڭىز،
تېخىمۇ جەۋلان قىلسۇن ئابدۇقادىر .
لەپىلدەپ تۇرسۇن ھامان قۇت بايرىغىڭىز،
ئىلاھىم، كۆز تەگمىسۇن ئابدۇقادىر.5 y# E3 g" ]+ f5 Z K* n$ p
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-18 12:44
6 B, ]4 m3 ^9 @! {3 |. r; E( v& U$ b, f" H B& g