يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: HURYET

شائىر قۇربان بارات ۋاپات بولدى (خەۋەر ۋە مەرسىيەلەر)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 20:24:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىنسان  دىگەن  شۇنداق  بىقۇۋۇل    رەيھانگۈل  ئ‍وسمان  باھار  كەتتى  چىچەكلەر  كۆرمەي  ، توپا  باستى  يۇمران  شاخلارنى  ،  ئ‍ۆچتى  بۈگۈن  نۇرلۇق  بىر  يۇلتۇز  ،  دەرىتكە  سىلىپ   سانسىز  دىللارنى  ،     كەتتى  بۈگۈن  بىر  يىشىل  ھايات  ، يىشىللىقنى  باغرىغا  باسماي  ، ئ‍ەجەل  ئ‍اتلىق    مەڭگۈلۈك  سەپەر  ،  ئ‍اسمانلارنى كەزدى  توختىماي   ،   ئ‍ىنسان  دىگەن ئ‍ەجەپ  بىقۇۋۇل  ، ئ‍ىچىرقىغان  ئ‍ۆلۈم  ئ‍الدىدا  ،  غىرىپلىققا  چۆكسە  قەبرىلەر  ، روھلار  تامان  ئ‍ەگىيدۇ  قۇشلار   ،  ئ‍ۆلۈم  دىگەن  قەرەلسىز  ئ‍وقتۇر  ،   خىلى  بۇرۇن  تەككەن  دادامغا  ،   سەبرىلەرگە  ئ‍ۇلاشماي  يەنە  ، ئ‍اھ  نەزىرى  چۈشكەن  ئ‍اكامغا  ،  شۇندىن  بىرى  خىيال  ئ‍ىچىدە  ، كەتكەنلەرنى  ياد  ئ‍ىتىپ  يۈردۇق   ، باغرىمىزغا  كۆچتى  غىرىپلىق  ،   كۈلگەنلەرگە  قاراپ  ھەم  كۈلدۇق  ،  ئ‍ۈلۈم  بەلكىم   بىغەم   يولۇچى  ، خالىغاندا  كىلىدۇ  يوقلاپ  ،   قەبرىلەرگە  قونغاندا  قۇشلار  ،   شامال  كىلەر  دۇئالار  يادلاپ   ،   باش  باھارنىڭ  تۇنجى  كۈنىدە  ، ،يىغا  باستى  زىمىننى  پۈتۈن  ،  روھلار  چىقتى  بەلكى  ئ‍اسمانغا  ،   دۇ ئ‍ا  تىلەپ  ئ‍ۆلۈملەر  ئ‍ۈچۈن   ،      2016-6-مارىت    ئ‍اقتۇ

ۋاقتى: 2016-3-6 20:53:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز شائىر قۇربان بارات ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيتىدىكى بىر چوققا ئىدى... مەرھۇمغا جەننەتتىن ئورۇن تىلەيمەن! ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبرى تىلەيمەن!ئىچىمدىكى بالىق قايغۇ-ھەسرىتىمنى تۆۋەندىكى مەرسىيە ئارقىلىق ئىپادىلەيمەن:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-6 20:38  


        
        
تەبىئەتتەك ياشايدۇ شائىر   

ئىستىداتلىق شائىر،ئەدەبىي تەرجىمان،ئىجتىھاتلىق مۇھەررىر قۇربان باراتنىڭ ۋاپاتىغا ئاتايمەن

ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك

     چېچەك قىساي دېگەندە باغلار،
  ئۇستاز شائىر يۈمدى كۆزىنى.   
    پۈتمەي تۇرۇپ ئاخىرقى شېئىر،
تۇپراققىلا كۆمدى سۆزىنى.

   بارمىقىدىن چۈشتى سىيرىلىپ،
        ساق ئاتمىش يىل كىشنىگەن قەلەم.
تىلدى يەنە زىدە يۈرەكنى،
نەيزىسىنى ئۇشلىغان ئەلەم.

ئاتۇشتىكى گىگانىت تاغلار،
چۆكۈپ كەتتى بىر تامچە ياشقا.
ئاغۇدىكى(1)*خىلۋەت بۇلاقلار،
بىر ئىسىمنى ئويىدى تاشقا.

كەلدى ھۆڭرەپ كۆنچى بويىدىن،
<< ئاپئاق رومال ئارتقان پەرىزات>>(2)*.
<< قار گۈلى>>گە(3)* كەتتى كۆمۈلۈپ،
ئۈرۈمچىدە << ياپيىشىل ھايات>>(4)*.

ئاسمىنىدىن ئۆچتى سەنئەتنىڭ،
ئېگىز ئۇچقان بۇركۇت ئاۋازى.
ئارمان بولۇپ قالدى ئۇيغۇرغا،
ئانا تىلنىڭ سۈزۈك پەرۋازى.

ئۇ كۈيلىگەن ئەزىز ئانا يەر،
ئىسسىق تەننى باستى باغرىغا.
تەبىئەتتەك ياشار ئۇ ئەمدى،
سادا بېرىپ تەڭرى تېغىغا.  

ئىزاھات:ئاغۇ(1)_ شائىر تۇغۇلغان يېزىنىڭ ئىسمى.
(2)،(3)،(4) شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

2016-يىلى نورۇز ئېيىنىڭ 6-كۈنى(يەكشەنبە)،گۇما


ۋاقتى: 2016-3-6 21:52:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەرھۇم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى شۇڭقارجان 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  ئۇدۇلىدا  مېنى قىزغىن ئىززەت-ئىكراملار بىلەن قارشى ئېلىپ ئۆيىگە تەكلىپ قىلغانىدى.  شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە بېرىش پۇرسىتى كۆپ بولمىغاچقا، مەن مەرھۇم بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغانىدىم.
   بۈگۈن شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدا مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق قايغۇردۇم. مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى ىەيرلىك بولغاي! ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبىر تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-3-6 22:06:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان بارات ئەپەندى ھەقىقەتەن ياخشى شائىر ئىدى. ئۇنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيتىگە قاتقان تۆھپىلىرىنى ھەرقاچان قايىللىق بىلەن ئەسكە ئالىمىز.

مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-6 22:21:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتقان شائىر
(مەرھۇم قۇربان باراتقا مەرسىيە)
مۇستاپا ئابدۇلھەق

ئانا  تىل دەرىخىدىن
بىر تال يوپۇرماق لەيلەپ چۈشتى
ئانا يەرنىڭ قوينىغا،
لىرىكىغا پۈركەنگەن بىر شائىر
دۇنيادىن كۆچۈپ كەتتى
كۆڭۈللەردىن ئۇچۇپ كەتتى
‹‹يېشىل ھايات››نىڭ قوينىغا...

ئېقىپ كەتتى بەلكىم
ئۆزى سالغان شېئىر قەبرىستانىغا،
دەپنە قىلدى شائىرىنى ئۈرۈمچى
ھەسرەتكە تولغان كىشىلەرنىڭ دىلىغا...
ئەلۋىدا! شائىر دېدىم
كۆزۈمدە تۇپراق، قەلبىم لىرىكا!...
6.مارت

ۋاقتى: 2016-3-6 22:55:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم شائىرغا جەننەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-6 22:57:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ئاسان بولۇشىنى، ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ سەۋىر قىلىشىنى تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-3-6 23:29:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر، مەرھۇم قۇربان باراتقا يېزىلغان مەرسىيەلەرنى مۇشۇ كوزنەككە يوللايلى!

ۋاقتى: 2016-3-7 00:37:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ھايات ئالدىسا سېنى،
زەخمەت چەكمە بولـما بىئارام.
ھەممە ئۆتۈپ كېتەر بىر پەستە
ئۆتكەن كۈنلەر بولۇر قەدىردان.

مەرھۇم تەرجىمە قىلغان پوشكىن شېئىرلىرىنى تاللىق ئېرىقتا پۇتۇمنى سۇغا چىلاپ ئولتۇرۇپ شېئىر ئىشقىنى باسقان 17 يېشىم يادىمدىن كەچتى. مىس چەۋەنداز توپلىمى كارۋات بېشىمدىن ئايرىلـمايدىغان كىتابلىرىمنىڭ بىرى ئىدى. ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىپسىز ئۇستاز، جەننىتى فېردەۋس نېسىپ بولغاي، ئامىن.

ۋاقتى: 2016-3-7 09:15:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان بارات ئاكا ئەدەبىياتىمىزدىكى مەڭگۈ سولماس بىر يېشىل قانات ئىدى...ئۇستازنىڭ ئۇ ئالەملىكى خەيرلىك بولغاي...

ۋاقتى: 2016-3-7 09:56:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئۇستازنى ياد ئېتىمەن!

ۋاقتى: 2016-3-7 10:27:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا:
يېشىل ھايات،
قۇربان باات.
داستان يېزىپ،
ئەلگە تارات!
دەپ قوشاققا قېتىپ يۈرگەن ئىدۇق. بۇ ئۇلۇغ شائىرىمىزدىن ئايرىلىپ قاپتۇق. شائىرنىڭ ئاخرەتلىكى ياخشى بولغاي!

ۋاقتى: 2016-3-7 10:36:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    قۇربان بارات ئاكا بىزگە ئاجايىپ شېئىرلارنى يېزىپ بەرگەن قالتىس شائىر ئىدى،مەرھۇمنىڭ ئېمانىغا سالامەتلىك،ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەبرە تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-7 10:44:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم شائىر قۇربان بارات ئەپەندىنىڭ  ۋاپاتىدىن قاتتىق قايغۇردۇم...مەرھۇمنىڭ كىسىلگەن توغراق ناملىق بىر يۈرۈش ناھايىتى ئىسىل شېئىرلىرى كورلا دىيارىدا ياشىغان چېغىدا يېزىلغان ئىدى. ھازىرقى كروران ژورنىلىنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن بەلگىلىك كۈچ چىقارغان ئىدى....مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەت بولغان.....

ۋاقتى: 2016-3-7 11:28:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        
ئابابەكرى توختى
قۇربان بارات

بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپ
سېنىڭ شېئىرلىرىڭنى ھەجىلەپ ئوقۇپ،
ساۋات چىقىرىپ،
  يۈرىكىمدە ئۆچمەس بىر ئوتنى لاۋۇلدىتىپ،
كەلدىم بۇ ياشقا.
شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن تېخى،
ئەمما سېنىڭ يازغانلىرىڭنى شېئىر دەيمەن،
«يوقالماس پەلەستىن»نى،
«ئاق روماللىق پەرىزات»نى،
«ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز»نى،
«ئاقارغان چاچ توغرىلىق ناخشا»نى،
يەنە نۇرغۇن –نۇرغۇن شېئىرلارنى،
ئوخشىتىمەن زۇلمەتلىك قەلبلەرگە،
نۇر چاچقان بىر قۇياشقا.

سېنى يەنە تىز پۈكمەس قەھرىمانغا ئوخشىتىمەن،
قولۇڭدا مىلتىق يوق، قەلەم بار.
يۈزسىز يىللار ۋە تەتۈر پەلەك بىلەن ئېلىشىپ،
قانغا بويۇلۇپ ياتقىنىڭدا
كۆكسۈڭدىكى ئوق ئىزلىرىدىن ئېچىلغان گۈللەر
تاڭ جىلۋىسىگە قوشۇلۇپ يالتىرايدۇ،
قايسى گۈزەللىك يەتسۇن بۇ يالتىراشقا؟

شائىرلىق قىسمەت ئېدى،
سېنىڭ قىسمىتىڭ
ھەممە شائىرغا نېسىپ بولىدىغان قىسمەت ئەمەس،
ھەممە شائىر قېنى بىلەن شېئىر يازمايدۇ،
ھەممە شائىر سەپ ئالدىدا بايراق كۆتۈرۈپ ماڭالمايدۇ،
ئۇلارغا بۇ دۇنيا پۇرسەت بەرمەيدۇ،
سەندەك ياشاشقا.

تالاشقان شەھەرلىرىڭ قالدى دەيتتى بوۋام،
كەتتىڭ...
مىليۇن كۆزلەرنى تولدۇرۇپ ياشقا.
ئەمدى كىم
كېسىلگەن توغراققا قاراپ چېكىدۇ پەرياد،
سەندىن باشقا...
2016-يىلى 3-ئاينىڭ6-كۈنى، يەكشەنبە كەچ، يېڭىشەھەر


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش