ئۇ يېشىل ھايات قوينىغا كىرىپ كەتتى
مەھمۇتجان يانتاق
(مەرھۇم شائىر قۇربان بارات ۋاپاتىغا)
ئىشىكلەرنىڭ قوڭغۇراقلىرىدىن ئاڭلىنىۋاتقان ئاچچىق قىسمەتنىڭ ھىدى
قەلب ئېچىشقاندا تۇزنىڭ نېمە كېرىكى بۈگۈنكى خىياللارغا.
ئاغۇنىڭ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن تولۇن ئاينىڭ ھەسرىتى
تاش تۆكۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق ئېچىرقىغان جانلارغا.
شائىر ئاتالماقنىڭ تەسلىكىنى تاملارغا ھېس قىلدۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر جەريان
بىر مىسرا شېئىرنىڭ ئىچىدىن ئۇچۇپ چىقتى ئاسمان.
كۆك خۇمارىنى بېسىپ بولغىچە كۆيۈپ كەتتى قارا يامغۇر
ۋادەرىخ! توپىلارنىڭ قوينىدا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ ئەمدى ئارمان.
قەلەم ئەسلى بىر بۈيۈك سەلتەنەتتۇر جاھان ھامىيلىقىدا
قاتار-قاتار سۇنغان روھلارنىڭ ئازابىنى سۆزلەش بىھاجەت.
قۇربان باراتنىڭ تاۋۇتى كىرىپ كەتتى يېشىل ھايات قوينىغا
يىلتىزلاردىن كەلگەن سادانى قويىۋېتىش سۆيگىدۇر پەقەت.
ئازاپلارنى تېرىپ يۈرمىسەكمۇ ئۇ ئۈنىدۇ يۈرەككە
يەتتە ئىقلىمنىڭ خورجىنىدا سارغىيىپ كەتتى بۇ نىمجان ۋۇجۇد.
ئۇ زەپەردەس پالىۋانلاردەك ئايلانغانتى بىر گىگانىتقا
بۇ دەم كۆيمەكتە بۇ روھىمدا يالقۇنلىغان جۇت.
|