يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1845|ئىنكاس: 44

قاسىمجان ئوسمان: سۇ خارابىلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.ئوسمان غازى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 09:20 PM  

سۇ خارابىلىكىدە ياڭرار چۈش قوڭغۇراقلىرى
(شېئىرلار)

aaaa.png


يىراقلاردا...

~
قاسىمجان ئوسمان
~
-ئ‍ەمدى سەن ئ‍ۇنى ئ‍ويغىتالمايسەن! ئ‍اھ، گۆردە قاچان تاڭ ئ‍ېتىشى مۇمكىن…
-گىيوتې
1
زېمىن ئ‍ۇ -
تۇغۇلۇش ئالدىدىكى تۇخۇمى قۇياشنىڭ
ئ‍اسمان تەڭرىنىڭ ئ‍القىنى كەبى
تېمىتار يامغۇرنى، سېپەر قارلارنى
دەريالار تاغلارنىڭ چەكلەنگەن سۈيى
ئ‍ېقىپ بارار قۇمغا، دېڭىزغا
يىراقلاردا ئ‍ۇچقان تۇرنىلار ،
چوققىلاردا ھوۋلار شاماللار .
قېنى سېنىڭ يورۇق ئ‍اۋازىڭ
ئىزدىسەم گەر ئ‍اپپاق تېنىڭنى
مەڭگۈ مېنىڭ بۇلۇتلىرىمدۇر
كۆكسۈڭدىكى نۇرلۇق بالباللار…
2
ھاياتىم بار بولغاندىن بۇيان
دەرەخلەر قۇشلارغا
قۇشلار ئ‍اسمانلارغا
كۆز ياشلار ناتىۋان سېغىنغۇچىلارغا
تەۋە بولغاندەك ئ‍ەشۇ قىممەتلىك ھاياتىم
ئ‍ۆلۈمنىڭ ئىشىكىگە قاراپ
كېچە قەلەندەرىدەك يۈرۈپ كەلمەكتە
ئ‍ۇنىڭغا تەۋە بولىۋاتقىنى پەقەت
خاتىرلەنمەيدىغان كۈنلەر…
ياكى ئۇنتۇلغان ھەسرەت.
3
غەم-غۇسسىلەر كېپىنەك گويا
شاماللارغا ئ‍ىلىنىشىپ قالغان
سۆيگۈسىگە قېنى تامچىغان

دەرىخا، بۈگۈنكى ياۋايى ئ‍ىستەكلىرىمنىڭ تۇرار جايى قاراڭغۇ
ھەم تار بىر ماكان بولدى
                   قەلبىمدىكى كومزەكلەر يوقلۇققا لىق تولدى
ئ‍ىچىدە پەقەت يوشۇرۇن كۈتۈش
سۈكۈت مېۋىسىنى يېتىلدۈردى
سۇ خارابىلىكىدە ئاي ئىلاھى
4
نەقەدەر مەيۈس ھەمدە شادىمان
يولۇچىمەن قاچقان تۈنلەرگە؛
نەقەدەر ياسالما ھەمدە جەۋھەرسەن
سۆزلىرىمنى غەمكىن يادلىغان
ئ‍ۇچۇشتىن قالماقتا خىيال كەپتىرى
خەتمۇ يوق ئ‍ۇ ئ‍ېلىپ ماڭغان كىتابتا
چېتىلار كۆڭۈلنىڭ يىپەك زەنجىرى
5
قاتماقتا جىلغىدا ئ‍اققان مۇدھىش قان
تۆكۈلەر يوپۇرماق كەچكۈز لېۋىگە
قاتماقتا قەلبىڭدە ئ‍اداققى ئ‍ىنسان
دەرۋىشلەر ھۈم سالغان قارا ئ‍ۆڭكۈردە
بىر زاھىد ئ‍اھ ئ‍ۇرار سۈكۈتلىرىڭگە
قەبرىلەر قاتارى يورىغان كۈيدە
6
قالىدۇ ئ‍ۇ يەردە نۇرغۇن ناخشىلار
چېقىلغان شېشىلەر چالار نەي كۈيى
ئ‍اھ، سۇنغان قەبرەمدۇر ئ‍اخىرقى تېشىم
ئ‍ۇ يەردىن چىققۇسى پەرىلەر ئ‍ۈنى
ئ‍القىنىڭ ئ‍ىچىدە دەۋرەر كۆز يېشىم

بارىمەن،
بولغاندا يالغۇزدېمىگەنمىدىڭ،
كەل-
پەيتى كەلدى چىڭقىلىشلارنىڭ
قەبرەمدە يالغۇزمەن، قېنىسەن قېنى!؟
2016-1-1

ئۆپكەن سىماھ


~
-سېنىڭ دەرگاھىڭدا يوق نەرسە دەل ھەسرەتتۇر، مەن شۇنى ئېلىپ باراي.
-«ۋەقپنامە»دىن

ئاستا-ئاستا يېيىلغان تۇمانلار
سېنى قاراڭغۇلىقىغا يوشۇرغان ئاي نۇرى
يىراققا سوزۇلغان مەۋھۇم يوللاردىن
يېتىپ كېلەر زۇلمەت چېگراسىغا بارلىق يولۇچى
ئۇ يەردە سەن نۆلدىن باشلاپ يارىتىسەن
ئويغا سۈرگۈن بولالمايدىغان لاماكانلىقتا
دوقمۇشىمدىن ئۆتەر دەپ
سېنى كۈتمەكتىمەن
كۈتكەن كەبى تاڭ ئېتىشىنى
كۆڭۈل ئۆيۈڭدە

ئۆچۈۋاتقان ئاداققى خەتلەر
شاماللاردا تارقىتار پۇراق
يۇقالغاندەك تۇنجى ئاشىقلىق
چۈش ئىلكىدە ئۇزاقتىن ئۇزاق

ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن بىر تەڭتۇشۇم
ئونسەككىز ياشتا
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا
ئۇنىڭ ئەرۋاھى ئەگىپ يۈرەر
كىملەرنىدۇر دۇئا قىلار دەپ
ماشىنىلار يەنە ئاۋالقىدەكلا
ئۆتۈشۈپ يۈرەر

ناۋادا مەن بۇنچە ئۇزاق ياشايدىغانلىقىمنى بىلسەم
سۆيەر ئىدىم باشتىن ھەممىنى
كۈتەر ئىدىم ئاتا-ئانامنى
باقار ئىدىم بالىلىرىمنى
قۇچاقلايتىم چىن مېھرىم بىلەن
تۇنجى قېتىم كىرسەم باغرىغا
ئويغاتمىغان ئاشۇ جاناننى

ئامال يوق، ھەر دەقىقە ئويلاپلا كەلدىم،
خۇددى ھېلىلا دەرەخكە ئۈسسۈپ
تۇيۇقسىزلا ئۇسسۇزلۇق ئارا
بىر مۇنچىدا جان بېرىدىغاندەك،
نام نېشانسىز كېتىپ قالىدىغاندەك
ئالدىرىدىم ئۆلۈم بېكىتىدە
ئەرۋاھلارنىڭ ھەممىسى كېتىپ
مەنلا يالغۇز قالىدىغاندەك

دەرىخا…
بىلىمەن نۇرغۇن ئىشىم قالىدۇ ئېنىق
يازالمىغان لېرىكىلىرىمدەك
ئېيتالمىغان ئاداققى ناخشام
ياڭرار مەڭگۈ قارلىق كېچىدە
يار چىقمىغان دەسلەپكى ئاخشام

دەرىخا…
ئۆتمەكتىمەن ئوچۇق ئىشىكتىن
مېنى كۈتتۈڭ ئەسرلەر بويى
قولۇمغا قاراپ قالارسەنمۇ؟
كۆزلىرىمگە مەيۇس باقارسەنمۇ؟
مېنى ئىستىگەن پەرىشتە ئېزىپ قالغاننى
يەنە بىر رەت يۈزۈمگە سالارسەنمۇ؟
-
مەن ھالسىرىدىم،
ساڭا يۈدۈپ كەلگىنىمنى يۈرىكىمدىن ئال
مەن يېنىكلەي، ئۆز ئۆزۈڭگە قال!
ساڭا ھېچنىمە ئەپكىلەلمىدىم سوۋغاتلىق ئۈچۈن
ئېلىپ كەلدىم بۇ بېغىڭدا يوق ئەسلا
لىققىدە ھەسرەت مېۋىسى قاچىلانغان
ئۆتمە تۆشۈك روھىمنىڭ سېۋىتىنىئېلىپ...
2016-1-2

قاردا ئېرىۋاتقان قۇيرۇقلۇق خىيال
كىلماتى ئىللىق،
گۈللىرى خۇشپۇراق،
تۆت پەسلى كۈلگەن باھاردەك
ئاسمىنىدا لىققىدە زۇمرەت
دەريالىرىدا قاشتېشى ياتقان
سىرلىقلىق دەرىجىسى بەش يۇلتۇزلۇق
مېنىڭ بۇ غېرىبانە قەلبىم.
يۈتىۋەتكەن ھەسرەتلىرىنى
تۆكىۋەتكەن قاسراقلىرىنى
قانىتىۋەتكەن مەخپىيەتلىكىنى
ئادەملەرنىڭ ۋەيلۇنگاھى
ئۇچار قاناتلارنىڭ جەننىتى بولمىش
بۇ مېنىڭ ۋەيرانە قەلبىم
ھالاكەت جىلغىلىرىدا
ئەڭ چىرايلىق ئەلەم خىياللىرىمۇ
بۇ يەردىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن قاچالماس،
بىگۇناھ ھايۋانلارغا مېھىر شەپقەت نە،
سىرتقى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان
ئادەملىكىنى تەكشۈرۈشتىن قالغان خارابىلەردە
ھايۋان سۆڭەكلىرىنىڭ چۈشى مېۋىلەۋاتقان
مېنىڭ تەمكىن بىچارە قەلبىم
سىلەر نېمە ئويلىدىڭلار مېنى «يوق ئۇ» دەپ،
سىلەرنىڭ ئاسمىنىڭلاردا ھور بىلەن ئىس تۇرامدۇ يەنە؟
ئاغزىڭلاردا ئارام ئېلىۋاتامدۇ ئاچ ئەرۋاھلار
تېنىڭلاردا قىينالدىمۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر
ئۇندا ئېغىر تىنىۋاتامدۇ سارغۇچ ھەسرىتىڭلار
بۇ يەرگە زادى نېمە يوشۇرۇنغان
سىرلىق ھالدا جەسەتلەرنى لەيلىتىپ تۇرغان
بۇغدا كۆلىدە قالغان خىيالىم
نېلۇپەر بەرگىدە ئۇخلاۋاتقان قىزنىڭ چۈشىدەك
ئۆتۈپ كەتتى بىر تالاي زامان
يۈرۈڭلار،
كېتەيلى يىراق!
زامانلاردىن زېرىككەن زامانلارغا
ئەي، قاردا ئېرىۋاتقان نۇرلاردەك
ئاخىرلاشمايدىغان نەم قۇيرۇقلۇق مۇدھىش خىياللار...
2016/1/29







ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-28 17:37:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ئۈمىد) يوللىغان ۋاقتى  2016-2-28 12:35 PM
مەن بۇ شېئىرلارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەزەلىي ۋە چەكسىز تىل ...

نوتو توغۇرلۇق قانچىلىك نەرسە بىلىسىز؟

قاسىمجان ئوسماننىڭ ئۆز  نامىدا ئېلان قىلغانلىقىنىڭ ئۆزى ھەر قانداق تامغىدىن ئىناۋەتلىك.

باھا سۆز

توغۇرلۇق-توغرىلىق...  ۋاقتى: 2016-3-5 09:24 AM
ۋاقتى: 2016-2-27 23:28:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مەن 1-بولۇپ قاسىمانىكامنىڭ خارابىسىگە شۇررىدە ئېرىپ كەتتىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 00:04:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.ئوسمان غازى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-28 12:11 AM  

مەن بۇ يەردە بەك ئۇزاق تۇرۇپ قالغان
قاسىمجان ئوسمان
-ئۇلار سېنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيدۇ.
-جامىس بالدېۋىن
~
ئۆڭكۈر
قارا ئۆڭكۈر
رەڭگى ئاپپاق قار رەڭگىدە لېۋى بار ئۆڭكۈرنى
مېنىڭ چۈشۈمدىكى ماكانىم دېدىم
شۇندىن بۇيان تۇرۇپ قالدىم
تامدىكى سۇدىن
ئەينەكتىكى قىيامەتتىن
جۈمەكلەرنىڭ تومۇرىدا قاينىغان يوشۇرۇن ئاڭدىن
يۇيۇنىۋاتقان تېرەمدە سويلاۋاتقان ھوردىن
ئالاۋۇدۇننىڭ سېھىرلىك چىرىقىدىن چىققان ئىسىدىن ئۆزۈمنى كۆردۈم
~
شەھرىزاتنىڭ ھايات قېلىپ جىنسى ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن
توقۇپ چىققان مىڭ بىر كېچىسىدە
ئالدىنقى قېتىم ساداقەتسىزلىكتىن باشلىنىپ
كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى سەھەردە
پەيدا بولغان مۇھەببەتنىڭ
رىۋايەت دېڭىزىدا دولقۇنلىغانچە
خىيال ئارا بەكمۇ ئۇزۇن
بەكمۇ ئۇزاق تۇرۇپ قالدىم
چىڭقى چۈش.
چۈشتە نە پەسىل
ئۇيقۇمدا يۈگىرەپ يۈردۈم كەڭ بىر دالادا
ئاتقا ئايلىنىپ قالدۇردۇم نەسىل
…كۈپكۈندۈزدە
سۇغا چۈشتۈم ئۇزاقتىن ئۇزاق
سېنى ئەسلىدىم، سۇدىن چىقتۇق
سۇ ئىدى پىراق…
پايانى يىراق، پايانى يىراق
2016/2/5




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 00:07:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاشۇ يەردىلا…
قاسىمجان ئوسمان
مەن ئاشۇ يەردىلا بولىمەن چەكسىز
ئاشۇ يەردىلا كۈلىمەن ئۈنسىز
ئاشۇ يەردە، پەقەت ئاشۇ يەردۇر
مېنىڭ ئەركىن نەپەستىكى مۇشەققەتلىرىم چېچەكلەيدىغان
سېنىڭ مەن ئۈچۈن يۇينىۋاتقان ئەينەكسىز
خىيالسىز
غەرەزسىز قەلبىڭدىكى ئىپەك ھۇجراڭدۇر
- مەن دېگەن ئۇ يەر
دالا بىپايان
ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمەيدۇ غىچىر-غىچىر
قار ئۈستىدە قان ئىزى قالدۇرۇپ
ئۆلۈم ئۈچۈن ئۇزاققا قاچقان جەرەندەك ھاياجىنىمىزنى ئوۋلاشلىرىمىزغا
ئاندىن بايقايمىز سۆزلىنىۋاتقان
كېسىلىۋاتقان تىل ياكى ئوي ئىكەنلىكىمىزنى
قالغان تالادا
بىز ئۇ يەردە ئاخىرلاشمايدىغان
بىز ئۇ يەردە يېڭىدىن ئېچىلىۋاتقان
بىز ئۇ يەردە خۇشپۇراق تارقىتىدىغان سەھەر ۋە ئۇنىڭدىكى نۇرلارغائوخشاش
سۇنىمىز
سويلايمىز
قاراڭغۇغا چۆكىمىز
يورۇيمىز پەنجىرىسىدە ئەسلەرنىڭ
شۇ يەردە ھالىمىزدىن كېتىۋېتىپ
شېئىر ئوقۇيمىز
ھەر بىر مىسرا بىردىن ھېكايە ئۇندا
ھالسىزلانغانچە يەنە بىر قېتىم تۇغۇلماقچى بولىمىز
يۈكسەكلىك ئارا
مەن ئاشۇ يەردىلا
سېنى كۆرەلەيمەن، كۆزۈم ئەما
يۈرىكىم ئۆتمە تۆشۈك
پۇتلىرىم بىماغدۇر بولسىمۇ تۇرىمەن تىك ئەينەكتەك مەغرۇر سىياقتا
سەن ئۇنى سۈرتىسەن
كۆزلىرىڭ ياش دەرياسى ئۇنىڭغا تاشقىنلاۋاتقان
مېنى پەقەت مېنىلا يۇيۇندۇرۇشلاردا
تەبئىي رەۋىشتە سۆيەلەيدىغان
ئاشۇ يەردە مەن
ئاشۇ يەردە مەن
شۇنداق،
ئۇ يەردە ھازىرنىڭ مەڭگۈلىكى پورەكلىگەن
ئىككىمىزنى كېلەرمىكىن دەپ
قاردىن ئاق، كېچىدىن قارا يارقىن لەھزىدە
كۈتمەكتە ھىجران ياكى غايىبلىق
سۇدىن قاتتىق، ئاسماندىن لەرزان
يۈكسەك رەۋىشتە…
2016/2/18




ۋاقتى: 2016-2-28 00:38:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمجاننىڭ شېئىرىي قەسىرىدە سەيرى ئ‍ېتىش نېمە دېگەن ھوزۇرلۇق.

ۋاقتى: 2016-2-28 11:37:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەندىلا بۇ شېئىرلىرىڭنى ئوقۇپ ، ساڭا تېخىمۇ ئىلھام ، ئىزدىنىش تىلىدىم ، ئىنىم ! ئامان بول ...

باھا سۆز

دېگىنىڭ كەلسۇن ، ئاكا.  ۋاقتى: 2016-2-29 08:57 PM
ۋاقتى: 2016-2-28 12:35:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-28 12:50 PM  

مەن بۇ شېئىرلارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەزەلىي ۋە چەكسىز تىل ئىمكانىيەت دۇنياسىدا تۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم...  ئاپتۇرغا سالام ۋەتەھسىنلەر بولسۇن..رەھمەت.

‹نوتو›..... بۇ باياناتتىكى پۇراقلاردىن بۇ شېئىرلار خالىمۇ قانداق؟.. ئۈستىگىمۇ ‹نوتو› دەپ يېزىلماپتىغۇ?
XD

باھا سۆز

ئاپتور.. بىلىۋالدىم رەھمەت ئاكا..  ۋاقتى: 2016-3-5 09:59 PM
ئاپتۇرغا-ئاپتورغا...  ۋاقتى: 2016-3-5 09:25 AM
ۋاقتى: 2016-2-28 14:21:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نەچچە ھەرىكەتچان نەپىس گۈزەل سەنئەت كارىدورىنى ئايلىنىپ چىققاندەك بولدۇم، سۆزلەر ئارا چېقىلىۋاتقان گۈزەل ئىماگلار قاسىمجاننىڭ ئىستىداتتا بارغانسېرى ئۆرلەۋاتقانلقىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ، تېخىمۇ ئېچىل دوستۇم.

باھا سۆز

ھەممىمىز يولدا...ئاداش  ۋاقتى: 2016-2-29 08:58 PM
ۋاقتى: 2016-2-28 20:02:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋادا مەن بۇنچە ئۇزاق ياشايدىغانلىقىمنى بىلسەم
سۆيەر ئىدىم باشتىن ھەممىنى
كۈتەر ئىدىم ئاتا-ئانامنى
باقار ئىدىم بالىلىرىمنى
قۇچاقلايتىم چىن مېھرىم بىلەن
تۇنجى قېتىم كىرسەم باغرىغا
ئويغاتمىغان ئاشۇ جاناننى
شائېرنىڭ ئىستىداتىتىغا تەشەككۈرلەر بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-2-29 11:12:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بىرىدىن ئ‍ېسىل شېئىرلارنى تولىمۇ كېچىكىپ ئ‍وقۇپتىمەن.

ۋاقتى: 2016-2-29 12:20:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2015-يىللىق نادىر شېلار ناملىق توپلامغا قاسىمجاننىمۇ كىرگۈزۈش كېرەك

باھا سۆز

رەھمەت ئاداش، ئۇ باشقا ئىشلار  ۋاقتى: 2016-2-29 08:57 PM
ۋاقتى: 2016-2-29 12:21:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگۈزۈش كېرەك ئ‍ىدى، ئ‍ۇ شېئىرلارنىشېئىرلارنى كىم تەرجىمە قىلىپتىكىن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-29 20:13:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈڭ بىلىسەن
قاسىمجان ئوسمان
تۇيۇقسىز توختاپ قالغان يامغۇردەك
تۇيۇقسىز كەتكىنىڭنى ئۆزۈڭ بىلىسەن
قايغۇنى يارىتىۋاتقىنىمدا كەلگەن تېۋىشتەك
تۇيۇقسىز يارىلانغىنىمنىمۇ ئۆزۈڭ بىلىسەن
ئەي، مېنى قارىغا ئالغان قارا پەرىشتە
بىلگەندىن بىلمەي قالغىنىم ياخشى ئىدى
كۆرگەندىن كۆرمەي قالغىنىڭ ياخشى بولغاندەك
كېلىش بىلەن كېتىشنىڭ ئارلىقىدا
نېمىلەر يۈز بېرىدۇ مەن بىلمەيمەن
بۇنى پەقەت ئۆزۈڭ بىلىسەن
ئەي، چىدىماي يەنە قايتىپ كەلگۈچىلەرنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى بىرى
شۇنداق بولدى
يەنە شۇنداق بولىدىغاندەك…
2016/2/26




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-29 20:14:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىمىز
قاسىمجان ئوسمان
ئىككىمىز دېگىنىمدە كىمنى قوشۇپ دېدىم
بۇ ساڭىلا ئايان
بىللە سەپەرگە چىقىش ئۈچۈن
بىر يولدا ماڭارمىز ھامان
مەن ئاق سىزىق تەرەپتە ئاۋۇ تەرەپتەك
سەن سېرىق سىزىقتىن تۇرىسەن يىراق
تېرەكلەر، بۇغدايلىقلارنىڭ سايىسى
چەتتىكى چۆل ۋە ئېكىنزار
يىراقلاردا قالىدۇ بىراق
ئىككىمىز
كېچىدىن كېلىمىز كۈزدىكى يازغا
ئاستا ماڭغان كەبى بۇلۇتلار
ئاستا تارقىغان كەبى تۇمانلار
ئاستا ئېچىلغان كەبى گۇگۇم
ئۇنتۇپ قالغاندەك چېچەكلەشنى باھاردا
ئىككىمىز
بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتىمىز
ئۆتكەندەك بۇ يەردىن ئۆتمۈشتە ئاتلار
ئۆتىمىز پاسىلىدىن ئىككى دۇنيانىڭ
ئۆتكىنىدەك
قۇشلار، ھاۋالار، ياتلار، يېقىنلار
ئىككىمىز
ئۇزاق تەييارلىقتىن كېيىن
كۈلۈپ
مېڭىۋاتىمىز ئۆلۈم دېگەن ئېگىز داۋاندا…
2016/2/26




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش