سۇ خارابىلىكىدە ياڭرار چۈش قوڭغۇراقلىرى
(شېئىرلار)
يىراقلاردا...
~
قاسىمجان ئوسمان
~
-ئەمدى سەن ئۇنى ئويغىتالمايسەن! ئاھ، گۆردە قاچان تاڭ ئېتىشى مۇمكىن…
-گىيوتې
1
زېمىن ئۇ -
تۇغۇلۇش ئالدىدىكى تۇخۇمى قۇياشنىڭ
ئاسمان تەڭرىنىڭ ئالقىنى كەبى
تېمىتار يامغۇرنى، سېپەر قارلارنى
دەريالار تاغلارنىڭ چەكلەنگەن سۈيى
ئېقىپ بارار قۇمغا، دېڭىزغا
…
يىراقلاردا ئۇچقان تۇرنىلار ،
چوققىلاردا ھوۋلار شاماللار .
قېنى سېنىڭ يورۇق ئاۋازىڭ
ئىزدىسەم گەر ئاپپاق تېنىڭنى
مەڭگۈ مېنىڭ بۇلۇتلىرىمدۇر
كۆكسۈڭدىكى نۇرلۇق بالباللار…
2
ھاياتىم بار بولغاندىن بۇيان
دەرەخلەر قۇشلارغا
قۇشلار ئاسمانلارغا
كۆز ياشلار ناتىۋان سېغىنغۇچىلارغا
تەۋە بولغاندەك ئەشۇ قىممەتلىك ھاياتىم
ئۆلۈمنىڭ ئىشىكىگە قاراپ
كېچە قەلەندەرىدەك يۈرۈپ كەلمەكتە
ئۇنىڭغا تەۋە بولىۋاتقىنى پەقەت
خاتىرلەنمەيدىغان كۈنلەر…
ياكى ئۇنتۇلغان ھەسرەت.
3
غەم-غۇسسىلەر كېپىنەك گويا
شاماللارغا ئىلىنىشىپ قالغان
سۆيگۈسىگە قېنى تامچىغان
دەرىخا، بۈگۈنكى ياۋايى ئىستەكلىرىمنىڭ تۇرار جايى قاراڭغۇ
ھەم تار بىر ماكان بولدى
قەلبىمدىكى كومزەكلەر يوقلۇققا لىق تولدى
ئىچىدە پەقەت يوشۇرۇن كۈتۈش
سۈكۈت مېۋىسىنى يېتىلدۈردى
سۇ خارابىلىكىدە ئاي ئىلاھى
…
4
نەقەدەر مەيۈس ھەمدە شادىمان
يولۇچىمەن قاچقان تۈنلەرگە؛
نەقەدەر ياسالما ھەمدە جەۋھەرسەن
سۆزلىرىمنى غەمكىن يادلىغان
…
ئۇچۇشتىن قالماقتا خىيال كەپتىرى
خەتمۇ يوق ئۇ ئېلىپ ماڭغان كىتابتا
چېتىلار كۆڭۈلنىڭ يىپەك زەنجىرى
5
قاتماقتا جىلغىدا ئاققان مۇدھىش قان
تۆكۈلەر يوپۇرماق كەچكۈز لېۋىگە
قاتماقتا قەلبىڭدە ئاداققى ئىنسان
دەرۋىشلەر ھۈم سالغان قارا ئۆڭكۈردە
بىر زاھىد ئاھ ئۇرار سۈكۈتلىرىڭگە
قەبرىلەر قاتارى يورىغان كۈيدە
6
قالىدۇ ئۇ يەردە نۇرغۇن ناخشىلار
چېقىلغان شېشىلەر چالار نەي كۈيى
ئاھ، سۇنغان قەبرەمدۇر ئاخىرقى تېشىم
ئۇ يەردىن چىققۇسى پەرىلەر ئۈنى
ئالقىنىڭ ئىچىدە دەۋرەر كۆز يېشىم
بارىمەن،
بولغاندا يالغۇزدېمىگەنمىدىڭ،
كەل-
پەيتى كەلدى چىڭقىلىشلارنىڭ
قەبرەمدە يالغۇزمەن، قېنىسەن قېنى!؟
2016-1-1
ئۆپكەن سىماھ
~
~
-سېنىڭ دەرگاھىڭدا يوق نەرسە دەل ھەسرەتتۇر، مەن شۇنى ئېلىپ باراي.
-«ۋەقپنامە»دىن
~
ئاستا-ئاستا يېيىلغان تۇمانلار
سېنى قاراڭغۇلىقىغا يوشۇرغان ئاي نۇرى
يىراققا سوزۇلغان مەۋھۇم يوللاردىن
يېتىپ كېلەر زۇلمەت چېگراسىغا بارلىق يولۇچى
ئۇ يەردە سەن نۆلدىن باشلاپ يارىتىسەن
ئويغا سۈرگۈن بولالمايدىغان لاماكانلىقتا
دوقمۇشىمدىن ئۆتەر دەپ
سېنى كۈتمەكتىمەن
كۈتكەن كەبى تاڭ ئېتىشىنى
كۆڭۈل ئۆيۈڭدە
~
ئۆچۈۋاتقان ئاداققى خەتلەر
شاماللاردا تارقىتار پۇراق
يۇقالغاندەك تۇنجى ئاشىقلىق
چۈش ئىلكىدە ئۇزاقتىن ئۇزاق
~
ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن بىر تەڭتۇشۇم
ئونسەككىز ياشتا
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا
ئۇنىڭ ئەرۋاھى ئەگىپ يۈرەر
كىملەرنىدۇر دۇئا قىلار دەپ
ماشىنىلار يەنە ئاۋالقىدەكلا
ئۆتۈشۈپ يۈرەر
~
ناۋادا مەن بۇنچە ئۇزاق ياشايدىغانلىقىمنى بىلسەم
سۆيەر ئىدىم باشتىن ھەممىنى
كۈتەر ئىدىم ئاتا-ئانامنى
باقار ئىدىم بالىلىرىمنى
قۇچاقلايتىم چىن مېھرىم بىلەن
تۇنجى قېتىم كىرسەم باغرىغا
ئويغاتمىغان ئاشۇ جاناننى
~
ئامال يوق، ھەر دەقىقە ئويلاپلا كەلدىم،
خۇددى ھېلىلا دەرەخكە ئۈسسۈپ
تۇيۇقسىزلا ئۇسسۇزلۇق ئارا
بىر مۇنچىدا جان بېرىدىغاندەك،
نام نېشانسىز كېتىپ قالىدىغاندەك
ئالدىرىدىم ئۆلۈم بېكىتىدە
ئەرۋاھلارنىڭ ھەممىسى كېتىپ
مەنلا يالغۇز قالىدىغاندەك
~
دەرىخا…
بىلىمەن نۇرغۇن ئىشىم قالىدۇ ئېنىق
يازالمىغان لېرىكىلىرىمدەك
ئېيتالمىغان ئاداققى ناخشام
ياڭرار مەڭگۈ قارلىق كېچىدە
يار چىقمىغان دەسلەپكى ئاخشام
~
دەرىخا…
ئۆتمەكتىمەن ئوچۇق ئىشىكتىن
مېنى كۈتتۈڭ ئەسرلەر بويى
قولۇمغا قاراپ قالارسەنمۇ؟
كۆزلىرىمگە مەيۇس باقارسەنمۇ؟
مېنى ئىستىگەن پەرىشتە ئېزىپ قالغاننى
يەنە بىر رەت يۈزۈمگە سالارسەنمۇ؟
-
مەن ھالسىرىدىم،
ساڭا يۈدۈپ كەلگىنىمنى يۈرىكىمدىن ئال
مەن يېنىكلەي، ئۆز ئۆزۈڭگە قال!
ساڭا ھېچنىمە ئەپكىلەلمىدىم سوۋغاتلىق ئۈچۈن
ئېلىپ كەلدىم بۇ بېغىڭدا يوق ئەسلا
لىققىدە ھەسرەت مېۋىسى قاچىلانغان
ئۆتمە تۆشۈك روھىمنىڭ سېۋىتىنىئېلىپ...
2016-1-2
قاردا ئېرىۋاتقان قۇيرۇقلۇق خىيال
~
كىلماتى ئىللىق،
گۈللىرى خۇشپۇراق،
تۆت پەسلى كۈلگەن باھاردەك
ئاسمىنىدا لىققىدە زۇمرەت
دەريالىرىدا قاشتېشى ياتقان
سىرلىقلىق دەرىجىسى بەش يۇلتۇزلۇق
مېنىڭ بۇ غېرىبانە قەلبىم.
~
يۈتىۋەتكەن ھەسرەتلىرىنى
تۆكىۋەتكەن قاسراقلىرىنى
قانىتىۋەتكەن مەخپىيەتلىكىنى
ئادەملەرنىڭ ۋەيلۇنگاھى
ئۇچار قاناتلارنىڭ جەننىتى بولمىش
بۇ مېنىڭ ۋەيرانە قەلبىم
~
ھالاكەت جىلغىلىرىدا
ئەڭ چىرايلىق ئەلەم خىياللىرىمۇ
بۇ يەردىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن قاچالماس،
بىگۇناھ ھايۋانلارغا مېھىر شەپقەت نە،
سىرتقى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان
ئادەملىكىنى تەكشۈرۈشتىن قالغان خارابىلەردە
ھايۋان سۆڭەكلىرىنىڭ چۈشى مېۋىلەۋاتقان
مېنىڭ تەمكىن بىچارە قەلبىم
~
سىلەر نېمە ئويلىدىڭلار مېنى «يوق ئۇ» دەپ،
سىلەرنىڭ ئاسمىنىڭلاردا ھور بىلەن ئىس تۇرامدۇ يەنە؟
ئاغزىڭلاردا ئارام ئېلىۋاتامدۇ ئاچ ئەرۋاھلار
تېنىڭلاردا قىينالدىمۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر
ئۇندا ئېغىر تىنىۋاتامدۇ سارغۇچ ھەسرىتىڭلار
~
بۇ يەرگە زادى نېمە يوشۇرۇنغان
سىرلىق ھالدا جەسەتلەرنى لەيلىتىپ تۇرغان
بۇغدا كۆلىدە قالغان خىيالىم
نېلۇپەر بەرگىدە ئۇخلاۋاتقان قىزنىڭ چۈشىدەك
ئۆتۈپ كەتتى بىر تالاي زامان
يۈرۈڭلار،
كېتەيلى يىراق!
زامانلاردىن زېرىككەن زامانلارغا
ئەي، قاردا ئېرىۋاتقان نۇرلاردەك
ئاخىرلاشمايدىغان نەم قۇيرۇقلۇق مۇدھىش خىياللار...
~
2016/1/29