يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ق.ئوسمان غازى

قاسىمجان ئوسمان: سۇ خارابىلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-15 01:15:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى سىز يازالمايۋاتامسىز يا مەن چۈشىنەلمەيۋاتىمەنمۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-16 12:22:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شادىمان ۋەدە …
قاسىمجان ئوسمان

بىز تۇيۇقسىز يارىلانغاندىن بېرى
جىنلار دوختۇرخانىسىدا بەك ئۇزاق يۈرۈپ كەتتۇق
ئەسەبىي جىننىڭ قەستىنى يوقىتىش ئۈچۈن
بىز ئۇنىڭ تېنىدىن يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ
چېچىدا ئۇنى شامالغا ئېسىپ قويغاندىن بېرى
ئىچىمىزدىكى بارلىق جاھىللىقى تاماملاندى
ۋە  شۇ شامالزارلىقتا ئۇ ئەبەدىيلىك يىغا ئاۋازىنى ياڭرىتىپ قالدى

شۇندىن بېرى  
مەن ئۇنى ھەر كۈنى قايتا،قايتا ئوپراتسىيە قىلماقتىمەن
يارىمنىڭ ئۆركەشلەيدىغان
داۋاملىشىدىغان
ئەبەدىي ئۇنتۇلمايدىغان سۆزلىرىگە خۇمار بولغاندەك

ئۇ  
مەن
يار
ۋە باشقىلار شۇندىن بېرى ئۆلۈمنى مەنسىتمىدۇق
ۋە ھېچكىمگە بۇ داۋاملىشىشنى تىنمىدۇق

~  شۇندىن بېرى
بىز كېلىشلەردە مەن كەلدىم دەيمىز
كېتىشلەردە خوش دېمەيمىز، دېيىشتۇق…

2016/3/13

ۋاقتى: 2016-3-19 20:17:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالىدۇ ئ‍ۇ يەردە نۇرغۇن ناخشىلار
چېقىلغان شېشىلەر چالار نەي كۈيى
ئ‍اھ، سۇنغان قەبرەمدۇر ئ‍اخىرقى تېشىم
ئ‍ۇ يەردىن چىققۇسى پەرىلەر ئ‍ۈنى ...

ئىسىل...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-23 14:53:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇۋۇلاپ داۋالىنىش كونتېكىستى

قاسىمجان ئوسمان

قاراپ تۇرغان جۈپ-جۈپ كۆزلەرگە
تەلمۈرىۋاتقان لەۋلەرنىڭ ئىچىدىن چىقىشقا
تەمشىلىۋاتقان قۇچقاچ تىللىق يۈرەكلەر
سېنىڭ كېچىلەرنى نۇر يىپلىرىغا  كەشتىلىۋاتقىنىڭنىدىن
بىخەۋەر، ئۇلار بىخەۋەر

بىلمەيدۇ ھېچكىم
سېنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىڭنىڭ ئوماقلىقىدىن
مېنىڭ ئەڭ تەمكىن ھوزۇرلىنىدىغانلقىمنى
بىلمەيدۇ ھېچكىم
مەندىلا مەۋج ئۇرىدىغانلىقىنى ئوكيانلاردەك
سېنىڭ ئىشقىڭنىڭ



بىلەتتىم، مېنىڭ قايغۇ دولقۇنلىرىدا
ئۆلۈمتۈك كېچىلەردە
ئۇنتۇلىدىغان شاماللاردا
قالغىنىمنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن
ئەڭ گۈزەل جىلمىيىشلىرىڭ بىلەن
مەندىن ئازابىڭنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىڭنى

ئاشۇ ئۇزاق مىڭ كېچە كۈندۈزلۈك باياۋاندىن
جۇلدۇر كېپەنلىك سەپەرلەردىن
ئاشۇ مەنىسىز چۆچەك ۋە قىسقا دىيالۇگلاردىن
مەشرەپ كەبى مەست
قەلەندەردەك ناتىۋان
شائىرلارنىڭ كاتتىسىدەك
تېنچ-ئامان قايتىپ كەلگىنىمدە
بىلدىم گۈزەلىم
مېنىڭ چاچلىرىمغا كىرىپتۇ چۈشلەر ئاقلىقى
سېنىڭ ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىڭ
ئېگىلىپتۇ مېنىڭ قوۋۇرغامدەك
بىراق، دېمىدىڭ بىرەر رەت ئىڭراپ
“كىرىپتۇ چېچىڭىزغا ئاق”!

شۇنداق چۈشلىرىمىزگە كىرەتتى ھەممە
سۆيۈشلەر، سىقىلىشلار
ئەمدى ئىككىمىز، گويا ئىككى روھتىن
پۈتىۋاتقان بىر جۈپ مەڭگۈ تاش
قارىشىپ، قارىشىپ
كۈلسەك كۈلۈشۈپ
يىغلىساق ئۆزىمىز بىلىپ
ئۇۋىلىماقتىمىز رېئاللىق دەرىخىدە
ئۇۋىلانماقتىمىز
بىر بىرىمىزنىڭ قوللىرىدا
ئۇزاق-ئۇزاقلارغا داۋاملىق بىللە مېڭىشلار ئۈچۈن…

2016/3/15سەيشەنبە



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-23 14:54:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈش-سۆيۈلۈش كومپىلىكىسى

قاسىمجان ئوسمان

بىز ئەمگەكنى سۆيىمىز
ئاسماننى سۆيگەندەك
بىز ۋەتەننى سۆيىمىز
ئانىمىزنى سۆيگەندەك
بىز تازىلىقنى سۆيىمىز
سۆيگىنىمىزنى سۆيگەندەك
بىز خەلقنى سۆيىمىز
تەبىئەتنى سۆيگەندەك
بىز بىر بىرىمىزنى سۆيىمىز
ھاۋاغا مۇھتاج بولغاندەك
ئۆزىمىزنىمۇ سۆيىمىز
سۇغا تەشنا بولغاندەك

ئىشقىلىپ بەك جىق نەرسىلەرنى
ئىشقىلىپ سۆيمىسىمۇ بولىدىغان ھەر نېمىلەرنى
سۆيۈشكە مەجبۇر بولىمىز

شۇنداق بولۇپ كەلدى
بۇ سۆيۈشلەرنىڭ تەڭسىز تەخسىماتىدا كىمنىڭ نېمىنى
نېمىنىڭ نېمنى
ئۆينىڭ تالانى
تالانىڭ دەرەخلەرنى
بىر بىرىگە سىغدۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى
ئېسىمىزدىن چىقىپ كەتكۈچە
سۆيىمىز، سۆيىمىز…

بىز ئاشۇنداق غەلىتە بىر تەم ئىچرە
تۈگىشىپ كېتىمىز
مانا بۇ بىزنىڭ سۆيۈشنىڭ مەنىسىزلىكىدە
ياشاش لوگىكىمىزدۇر
تېتىقسىز كۈنلەرنىڭ ئىسراپچىلىقىدا…

2016/3/20



ۋاقتى: 2016-3-28 05:21:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسرالار مىسرالاردا چاقماقتەك چېقىلىپ ، تۇيغۇلار تۇيغۇلاردا قەنىتتەك ئ‍ېرىپ ، ئ‍ىماگلار ئ‍ۆز ئ‍ۆزىدە توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرغان بۇ مىسرالار مېنى ئ‍ۆزىگە تولىمۇ مەپتۇن قىلدى ، بەرىكەتلىك بولغايسىز

ۋاقتى: 2016-3-28 05:21:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسرالار مىسرالاردا چاقماقتەك چېقىلىپ ، تۇيغۇلار تۇيغۇلاردا قەنىتتەك ئ‍ېرىپ ، ئ‍ىماگلار ئ‍ۆز ئ‍ۆزىدە توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرغان بۇ مىسرالار مېنى ئ‍ۆزىگە تولىمۇ مەپتۇن قىلدى ، بەرىكەتلىك بولغايسىز

ۋاقتى: 2016-3-29 01:46:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنئەنىمۇ، زامانىۋىيلىقمۇ بالقىپ تۇرغان بۇ شىئېرلارنىڭ بەزىلىرىنى ھەزىمقىلىشقا قۇربىم يەتمىسىمۇ ، يېقىن كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش