ئۇۋۇلاپ داۋالىنىش كونتېكىستى
~
قاسىمجان ئوسمان
~
قاراپ تۇرغان جۈپ-جۈپ كۆزلەرگە
تەلمۈرىۋاتقان لەۋلەرنىڭ ئىچىدىن چىقىشقا
تەمشىلىۋاتقان قۇچقاچ تىللىق يۈرەكلەر
سېنىڭ كېچىلەرنى نۇر يىپلىرىغا كەشتىلىۋاتقىنىڭنىدىن
بىخەۋەر، ئۇلار بىخەۋەر
~
بىلمەيدۇ ھېچكىم
سېنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىڭنىڭ ئوماقلىقىدىن
مېنىڭ ئەڭ تەمكىن ھوزۇرلىنىدىغانلقىمنى
بىلمەيدۇ ھېچكىم
مەندىلا مەۋج ئۇرىدىغانلىقىنى ئوكيانلاردەك
سېنىڭ ئىشقىڭنىڭ
~
بىلەتتىم، مېنىڭ قايغۇ دولقۇنلىرىدا
ئۆلۈمتۈك كېچىلەردە
ئۇنتۇلىدىغان شاماللاردا
قالغىنىمنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن
ئەڭ گۈزەل جىلمىيىشلىرىڭ بىلەن
مەندىن ئازابىڭنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىڭنى
~
ئاشۇ ئۇزاق مىڭ كېچە كۈندۈزلۈك باياۋاندىن
جۇلدۇر كېپەنلىك سەپەرلەردىن
ئاشۇ مەنىسىز چۆچەك ۋە قىسقا دىيالۇگلاردىن
مەشرەپ كەبى مەست
قەلەندەردەك ناتىۋان
شائىرلارنىڭ كاتتىسىدەك
تېنچ-ئامان قايتىپ كەلگىنىمدە
بىلدىم گۈزەلىم
مېنىڭ چاچلىرىمغا كىرىپتۇ چۈشلەر ئاقلىقى
سېنىڭ ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىڭ
ئېگىلىپتۇ مېنىڭ قوۋۇرغامدەك
بىراق، دېمىدىڭ بىرەر رەت ئىڭراپ
“كىرىپتۇ چېچىڭىزغا ئاق”!
~
شۇنداق چۈشلىرىمىزگە كىرەتتى ھەممە
سۆيۈشلەر، سىقىلىشلار
ئەمدى ئىككىمىز، گويا ئىككى روھتىن
پۈتىۋاتقان بىر جۈپ مەڭگۈ تاش
قارىشىپ، قارىشىپ
كۈلسەك كۈلۈشۈپ
يىغلىساق ئۆزىمىز بىلىپ
ئۇۋىلىماقتىمىز رېئاللىق دەرىخىدە
ئۇۋىلانماقتىمىز
بىر بىرىمىزنىڭ قوللىرىدا
ئۇزاق-ئۇزاقلارغا داۋاملىق بىللە مېڭىشلار ئۈچۈن…
~
2016/3/15سەيشەنبە