ساڭا سۆزلىسەم
~
قاسىمجان ئوسمان
~
قالىمەن نېمە دېيىشنى ئۇنتۇپ
قۇرقۇيدۇ ئاتاشتىن ئىسمىڭنى تىلىم
قېچىپ يۈرۈپ روھىمدىن تېنىم
~
يېڭى بىر شېئىر يېزىشىم كېرەك
ئاق قەغەزنى بىلىپ بىر ياپراق
ساڭا ئەل بولغان مىسرايىم ئۈچۈن
~
باشقا بىرىنى يازسام
چايقىلىدۇ دېڭىز
ئاتمايدۇ تاڭ، كەلمەيدۇ باھار
قارلىغاچتەك قانمايدۇ تىلىم
گاچا سۆيگۈمنى قىلالماي ئىزھار
~
نەقەدەر ھارغىن دەقىقىلەر بۇ
مېڭىپ يۈرسەم باياۋىنىڭدا.
ئېقىپ كەلسەم دەريالىرىڭنىڭ،
ئات ئىزىدەك چوڭقۇرلىقىدا.
~
مەدھىيەلىشىمگە بەرسەڭ بىر پۇرسەت
بەلكىم شۇ چاغ ئۆلەرمەن سۆزدە
ئۆچۈۋاتقان نۇرلاردىن چىقىپ،
ئاستا ھەمدە مۇڭلۇق سۈكۈتتە.
~
ساڭا سۆزلىسەم
تېپىلمايدۇ يالغۇز ھەسرىتىم
تېپىلمايدۇ سۆز
ئەي، مېنى مەندىن كۈتكەن پەرشتەم…