كۆرۈش: 533|ئىنكاس: 33

ھۈكەر: شېرىن ھىجران

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 12:08 PM  

                 شېرىن ھىجران

                     

           شىرزات ئادىلجان ھۈكەر


غېرىپ تۈندە يۈرەك شۇنداق سوقار مەردانە-مەردانە،
دەرەخلەردەك شىۋىرلاشقا بېرەر ئىمكانە-ئىمكانە.

يېرىپ ئۆتتى تولۇن ئاينى خىيال دۇلدۇلى چاپچىپ،
يۇلتۇزلارنى قېزىپ ئىزدەپ تاپار چايخانە-چايخانە.

ئىسسىق چايدىن كېلەر خۇش ھىد تاراپ ھەر جايغا،ھەر يانغا،
بولۇپ مەسىتخۇش يۈرەك-تاللار ئاڭا مەستانە-مەستانە.

ھېقىقتەك قىپقىزىل لەۋلەر، قىيا قاشلىق، زىبا يۈزلەر،
ئېلىپ جاننى، يۇلۇپ چاچنى قىلار پايخانە-پايخانە.

جامالى ھۆر، پەرى بىر يار قونۇپ ئەنبەر-جاۋاھىرغا،
كېلەر خۇشبۇي ئىپارخاندەك پۇراپ رەيھانە-رەيھانە.

سېھىرلىك شۇ بۇلاق كۆزدىن تاشار دەريا سۈيى يانغا،
پۈتۈن جانلار تۇنجىقماقتا بولۇپ قۇربانە-قۇربانە.

يىلان باغرى قارا قاشتىن، ھىلال كىرپىك، تىك قاڭشاردىن،
چىقىپ بىر ئوق ئاياغلاشسا شېرىن ھىجرانە-ھىجرانە.

2016-يىل 24-فېۋرال،   ئۈرۈمچى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-24 12:08:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىن كېيىن غەزەل يازسىڭىز، قاپىيە بىلەن رادىفنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋېلىڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 12:52:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 12:08 PM
بۇنىڭدىن كېيىن غەزەل يازسىڭىز، قاپىيە بىلەن رادىفنىڭ  ...

تەلىم بەرگەنلىرىگە ھەشقاللا!  لېكىن مەن بۇ يەردە رادىف ئىشلەتمىدىمغۇ.  قاپىيىلىرى پەقەت جۈپ سۆز شەكلىدە ئالدىم.  سىزنىڭ ئويلىرىڭىزنى ئاڭلاپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىمەن .

ۋاقتى: 2016-2-24 17:42:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 12:08 PM
بۇنىڭدىن كېيىن غەزەل يازسىڭىز، قاپىيە بىلەن رادىفنىڭ  ...

بۇ غەزەلدە مەن رادىف كۆرمىدىمغۇ؟ بۇ قانداق گەپ بوپ كەتتى ئەمدى!

باھا سۆز

شۇنداق  ۋاقتى: 2016-2-24 10:08 PM
ۋاقتى: 2016-2-24 19:40:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالىس يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 05:42 PM
بۇ غەزەلدە مەن رادىف كۆرمىدىمغۇ؟ بۇ قانداق گەپ بوپ كە ...

رادىفلا ئەمەس، قاپىيەمۇ يوق.

ۋاقتى: 2016-2-24 19:41:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رادىف بىلەن قاپىيە ئىككىسى باشقا-باشقا ئۇقۇم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 20:34:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 07:40 PM
رادىفلا ئەمەس، قاپىيەمۇ يوق.

قاپىيەمۇ يوق نەرسىنىڭ غەزەل ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز؟ قاپىيە بولمىغان نەرسە شېئىر بولمايىتتى، بۇ يەرگە ئىلھام-مەدەت  بولسۇن ئۈچۈن تەستىقلاپ قويدىڭىزمۇ؟  
مەن  بۇنىڭدىن باشقا رادىفلىق غەزەللەرنىمۇ يازغان تېمامغا كىرسىڭىز تاپالايسىز ،  تېخى بەزىلىرىنىمۇ سىز تەستىقلىغان.    ئەمدىلىكتە  قاپىيەسى يوق شېئىرنى تەستىقلاپ بۇ يەردە بۇنداق دېيىشىڭىزنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم!

ۋاقتى: 2016-2-24 21:43:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 10:04 PM  
ھۈكەر يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 08:34 PM
قاپىيەمۇ يوق نەرسىنىڭ غەزەل ئىكەنلىكىنى قانداق بىلد ...


ھۈكەر سوئاللىرى:
قاپىيەمۇ يوق نەرسىنىڭ غەزەل ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز؟ قاپىيە بولمىغان نەرسە شېئىر بولمايىتتى، بۇ يەرگە ئىلھام-مەدەت  بولسۇن ئۈچۈن تەستىقلاپ قويدىڭىزمۇ؟  
مەن  بۇنىڭدىن باشقا رادىفلىق غەزەللەرنىمۇ يازغان تېمامغا كىرسىڭىز تاپالايسىز ،  تېخى بەزىلىرىنىمۇ سىز تەستىقلىغان.    ئەمدىلىكتە  قاپىيەسى يوق شېئىرنى تەستىقلاپ بۇ يەردە بۇنداق دېيىشىڭىزنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم!


جاۋاپ:
قاپىيەمۇ يوق نەرسىنىڭ غەزەل ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز؟
ئارۇز ۋەزنىنى  بىلگەنلىكىم ۋە غەزەلنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن.

قاپىيە بولمىغان نەرسە شېئىر بولمايىتتى،
بۇ سوئالىڭىزدىن سىزنىڭ شېئىر يازالىسىڭىزمۇ، شېئىر ھەققىدىكى بىلىمىڭزىىنىڭ تولىمۇ يۈزەكى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن. شۇڭا، جاۋاپ بېرىشمۇ ئارتۇقچە ئىكەن.

بۇ يەرگە ئىلھام-مەدەت  بولسۇن ئۈچۈن تەستىقلاپ قويدىڭىزمۇ؟
بۇنى «شېئىر ئىكەن، ئارۇز ۋەزنىگە چۈشۈپتۇ» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن تەستىقلىدىم.
  
مەن بۇنىڭدىن باشقا رادىفلىق غەزەللەرنىمۇ يازغان تېمامغا كىرسىڭىز تاپالايسىز، تېخى بەزىلىرىنىمۇ سىز تەستىقلىغان.

ئىزدىسەم ئەلۋەتتە تاپالايمەن. مەن تەستىقلىمىغان تېمىلارنىمۇ ئاساسەن ئوقۇپ چىقىمەن.

ئەمدىلىكتە  قاپىيەسى يوق شېئىرنى تەستىقلاپ بۇ يەردە بۇنداق دېيىشىڭىزنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم!
بۇنى ئالدىدا دەپ بولدۇمغۇ!؟ چۈشەنمىگۈدەك نېمىسى بار!؟ مەن سىزنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان مۇكەممەل غەزەللەردە رادىف بىلەن قاپىيەنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋالسا، قاپىيە بىلەن رادىفنىڭ ئىككى ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ئايرىۋالسا دېمەكچى.
يەنە دېمەكچىمەن: مىسرانىڭ قايسى جايى قاپىيە ۋە رادىفنىڭ ئورنى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالسا، ئەڭ مۇكەممەل غەزەلدە ھەم قاپىيە، ھەم رادىف بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكچى.




ۋاقتى: 2016-2-24 21:45:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماسىلا يوق .شېئىرنى ئوقۇپ ئزوق ئالدۇق

باھا سۆز

ئالدى بىلەن ئىملانى توغرا يېزىشنى ئۆگىنىڭە!  ۋاقتى: 2016-2-24 09:52 PM
قوينى قاسساپ سويسۇن!  ۋاقتى: 2016-2-24 09:51 PM
ۋاقتى: 2016-2-24 21:46:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمىي نۇقتىدىن قارىساق بولدىقاپىيە يوقشېئىرلار كوپقۇ

باھا سۆز

ئارۇز ئوخشىماس!  ۋاقتى: 2016-2-24 09:52 PM
ۋاقتى: 2016-2-24 21:50:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 10:00 PM  

           شېرىن ھىجران

                     

           شىرزات ئادىلجان ھۈكەر


غېرىپ تۈندە يۈرەك شۇنداق سوقار مەردانە-مەردانە،
دەرەخلەردەك شىۋىرلاشقا بېرەر ئىمكانە-ئىمكانە.

يېرىپ ئۆتتى تولۇن ئاينى خىيال دۇلدۇلى چاپچىپ،
يۇلتۇزلارنى قېزىپ ئىزدەپ تاپار چايخانە-چايخانە.

ئىسسىق چايدىن كېلەر خۇش ھىد تاراپ ھەر جايغا، ھەر يانغا،
بولۇپ مەسىتخۇش يۈرەك-تاللار ئاڭا مەستانە-مەستانە.

ھېقىقتەك قىپقىزىل لەۋلەر، قىيا قاشلىق، زىبا يۈزلەر،
ئېلىپ جاننى، يۇلۇپ چاچنى قىلار پايخانە-پايخانە.

جامالى ھۆر، پەرى بىر يار قونۇپ ئەنبەر-جاۋاھىرغا،
كېلەر خۇشبۇي ئىپارخاندەك پۇراپ رەيھانە-رەيھانە.

سېھىرلىك شۇ بۇلاق كۆزدىن تاشار دەريا سۈيى يانغا،
پۈتۈن جانلار تۇنجىقماقتا بولۇپ قۇربانە-قۇربانە.

يىلان باغرى قارا قاشتىن، ھىلال كىرپىك، تىك قاڭشاردىن،
چىقىپ بىر ئوق ئاياغلاشسا شېرىن ھىجرانە-ھىجرانە.

2016-يىل 24-فېۋرال،   ئۈرۈمچى



قىزىل بوياپ قويۇلغان ئورۇندىكى قاپىيە، كۆك بوياپ قويغان ئورۇندىكى رادىف بولىدۇ. ئەمدى سىزدىن سوراپ باقاي: بۇ غەزەلدە قاپىيە ۋە رادىف بارمىكەن؟

قاپىيە قاپىيەلىشەلەيدىغان سۆزنى، رادىف ئوخشاش بىر سۆزنى كۆرسىتىدۇ.
ۋاقتىم بەك قىس بولغاچ، مانا مۇشۇنچىلىك چۈشەنچە بېرەي.

ئابدۇقادىركام، ئالاھىدىن، ئابدۇسالام مۇھەممەت بەگزات...قاتارلىق يىتۈك ئارۇزچىلاردىن تەلىم ئالسىڭىز تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويالايدۇ.  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 22:26:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 09:50 PM
شېرىن ھىجران

                     

ئۆزۈمنىڭ غەزەل ژانىرىغا شىلتىڭ ئېتىپ بېقىشىپ غەزەلنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن بولغان ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ژانىرنىڭ تەلەپلىرىنىمۇ ئوبدان بىلىمەن.  لېكىن مەن ئۆگەنگەن "رادىف" بىلەن "قاپىيە" ھەرگىز سىز دېگەندەك ئەمەستى. مەن خاتا ئۆگەندىممۇ ياكى سىزنىڭ خاتامۇ بىلمىدىم ، بۇنداق  دېسەم مېنى باشقىچە چۈشىنىپ قالماڭ . دۇنيادا نۇقسانسىز ئادەم بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۆزۈمنىڭ شېئىرىدىكى قاپىيە دەپ ئالغانلىرىم دەل تۆۋەندە كۆرسىتىلگەنلەر ، ئۇنى مەن پەقەتلا رادىف دەپ قارىمايمەن. مەن ئۆگەنگەندەك رادىف بولىدىغان بولسا "مەردانە-مەردانە" دېگەن سۆز باشتىن ئاخىر ئۆزگەرمىگەن بولاتتى.


  مەردانە-مەردانە،
ئىمكانە-ئىمكانە.

چايخانە-چايخانە.
مەستانە-مەستانە.

پايخانە-پايخانە.

رەيھانە-رەيھانە.

قۇربانە-قۇربانە.

ھىجرانە-ھىجرانە.


مېنىڭ ئىلگىرىكى شېئىرنىمۇ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.  بۇنىڭدا مەنچە "رادىف" بىلەن "قاپىيە" ئېنىق ئايرىلغان.   
forum.php?mod=viewthread&tid=34026

ئەمدى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۇستاتلىق قىلىپ بىھۆرمەتلىك قىلغان بولسام مېنى ئەپۇ قىلىڭ.

ۋاقتى: 2016-2-24 22:46:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپۇ قىلغۇدەك سىز يا مېنى يا تىللىمىسىڭىز، نېمە قىلغىنىڭىزنى ئەپۇ قىلغۇدەكمەن ئۇكام!؟ ئەپۇ قىلغۇدەك سىزدىن ھېچ يامانلىق ئۆتمىدى.
مېنىڭ سەمىمىي ياردەم گېپىمنى چۈشەنمەپسىز. سىز مېنىڭ ئوغلۇمدىنمۇ كىچىك بولۇشىڭىز مۇمكىن. مېنىڭ ئىنكاسىمنى دادىنىڭ ئوغلىغا قىلغان چۈشەندۈرۈشى دەپ بىلىڭ!

ۋاقتى: 2016-2-24 22:47:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 10:58 PM  

ئۇلىنىشتىكى بۇ غەزەلدە رادىف بار. بىراق، قاپىيە بۇزۇلغان.


سېھىرلەيدۇ كۆزلىرىڭ جادۇ قىلدىڭ قايسى چاغ ،
يۈرۈكۈمنى پىچاقتا يەتمىش تىلدىڭ قايسى چاغ .

بۇلبۇل بىلەن نەغمىدە سەن تۇراتتىڭ بەسلىشىپ ،
بىر بېقىپلا دىلىمدا ئوتتەك ياندىڭ قايسى چاغ .

تاتلىق   بېقىپ  قارىما چىدىمايدۇ  بۇ  كۆزۈم ،
روھنى تەندىن چىقىرىپ جاننى ئالدىڭ قايسى چاغ.

مېھمان بولۇپ كەتمىگىن دىل خانەمگە ھەر قېتىم ،
بىر كۈن قونۇپ ماڭغىدەك بولۇپ كەلدىڭ قايسى چاغ.

سۆيۈپ تاشلاپ كەتكىنىڭ ئەسلى ئەمەس شۆپۈكۈم ،
يەردىن تېرىپ بىرەر رەت   رەتكە سالدىڭ قايسى چاغ.

ئىلتىماسىم   شۇ  جېنىم  ماڭا كۆڭۈل   بەر كېلىپ ،
سىقىمدىسام قولۇڭنى مەن بىرلە چاندىڭ قايسى چاغ .


سىز  ئاخىرقى بىر بوغۇم قاپىيە كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا قاپىيە تولۇق كەلدى، دەپ ئويلىۋاپسىز.
ئاخىرقى بىر بوغۇم ئەمەس، قاپىيەگە ئىشلىتىلگەن، يەنە مەن قىزىل بوياپ قويغان بىر سۆز قاپىيەگە تولۇق كېلىشى كېرەك!



ۋاقتى: 2016-2-24 22:57:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 11:00 PM  

يەنە دەپ قوياي: ھەقىقىي غەزەل ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلىشى ھەم ۋەزىنگە تولۇق چۈشۈشى كېرەك!
ئۇلىنىشتىكى بۇ "غەزەل'' ئارۇزدا يېزىلمىغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش