قايسى چاغ
شىرزات ئادىلجان ھۈكەر
سېھىرلەيدۇ كۆزلىرىڭ جادۇ قىلدىڭ قايسى چاغ ،
يۈرۈكۈمنى پىچاقتا يەتمىش تىلدىڭ قايسى چاغ .
بۇلبۇل بىلەن نەغمىدە سەن تۇراتتىڭ بەسلىشىپ ،
بىر بېقىپلا دىلىمدا ئوتتەك ياندىڭ قايسى چاغ .
تاتلىق بېقىپ قارىما چىدىمايدۇ بۇ كۆزۈم ،
روھنى تەندىن چىقىرىپ جاننى ئالدىڭ قايسى چاغ.
مېھمان بولۇپ كەتمىگىن دىل خانەمگە ھەر قېتىم ،
بىر كۈن قونۇپ ماڭغىدەك بولۇپ كەلدىڭ قايسى چاغ.
سۆيۈپ تاشلاپ كەتكىنىڭ ئەسلى ئەمەس شۆپۈكۈم ،
يەردىن تېرىپ بىرەر رەت رەتكە سالدىڭ قايسى چاغ.
ئىلتىماسىم شۇ جېنىم ماڭا كۆڭۈل بەر كېلىپ ،
سىقىمدىسام قولۇڭنى مەن بىرلە چاندىڭ قايسى چاغ .
2015-يىل 24- نويابىر، ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-24 10:41
|