يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ھۈكەر

ھۈكەر: شېرىن ھىجران

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-24 22:57:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



      سىز «قاپىيە» دەپ تىزىپ قويغان ماۋۇ سۆزلەر:
     مەردانە-مەردانە،
ئىمكانە-ئىمكانە.

چايخانە-چايخانە.
مەستانە-مەستانە.

پايخانە-پايخانە.

رەيھانە-رەيھانە.

قۇربانە-قۇربانە.

ھىجرانە-ھىجرانە.

  قاپىيە ئەمەس. يەنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ئىمكانە، چايخانە، پايخانە، قۇربانە، ھىجرانە...» دەپ سۆز يوق. ئۇنى سىز زورلاپ خاتا ياساپ چىققان ۋە قاپىيە دەپ قارىغان.

بۇ سۆزلەرنىڭ ئىستېمال قىلىنىۋاتقان توغرا يېزىلىشى مانا :
مەردانە-مەردانە،

ئىمكان-ئىمكان.
چايخانا-چايخانا.
مەستانە-مەستانە.
پايخان-پايخان.
رەيھان-رەيھان.
قۇربان-قۇربان.
ھىجران-ھىجران.

   


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 23:35:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 10:57 PM
يەنە دەپ قوياي: ھەقىقىي غەزەل ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلىشى ھ ...

ماڭا بالىڭىز نەزىرىدە قاراپ تەلىم بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.

ئۇلانمىدىكى غەزەلنىڭ بەزى مىسرالىرى  راستىنلا ۋەزىن ئېتىبارىغا چۈشمەپتۇ. مەن يەنە بىر قاراپ تۈزىتەي. قىزىل رەڭلەردە بوياپ قويۇلغان يەرلەر ئاچ قاپىيە بولارمۇ، دەيمەنغۇ .   

رەھمەت سىزگە داۋاملىق تەلىم بېرىپ تۇرۇڭ ئۇستاز!!!  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 23:45:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 10:57 PM
سىز «قاپىيە» دەپ تىزىپ قويغان ماۋۇ سۆزلەر:
     مەرد ...

تەلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!!
مەن باشقىلارنىڭ شۇ خىل ئۇسۇلدا يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ شۇنداق يازغان.  
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتاقلىق شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر "باھارغا مۇشتاغلىق" ناملىق شېئىرىنىڭ قاپىيىلىرىمۇ مۇشۇنداققۇ!؟

ۋاقتى: 2016-2-25 00:09:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 10:57 PM
سىز «قاپىيە» دەپ تىزىپ قويغان ماۋۇ سۆزلەر:
     مەرد ...

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئۇستاز ،يازغۇچى -شائىرلارنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپلىرنىڭ بىرى دەل ئۆز مىللىتىنىڭ تىل -يېزىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە جەۋلان قىلدۇرۇش .
مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېئىرلاردا يېڭى سۆزلەرنى ئۆز ئەسەرلىرىدە قوللانسا بۇنىڭغا چەكلىمە قويۇلماسلىقى ،يىلتىزى بار سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنى قوشۇپ يېڭى سۆز ياساپ ئۇلارنى ئۆز شېئىرلىردا ئىشلەتسە بۇ ياخشى ئىشقۇ ،تىلمىزنىڭ جانلىقىلقىنى ئىپادىلگىلى بولىدىغۇ ،شۇڭا يۇقارىقى ياسالغان سۆز ،قاپىيە ئەمەس دېگەنلەرگە مۇشۇ نۇقتىدىن قاراپ بېقىشڭىزنى ۋە تەلىم بېرىشڭىزنى ئۈمىد قىلمەن .

باھا سۆز

ئاستىدىكى ئىنكاسىمدىن سوئالىڭىزغا جاۋاب تاپالايسىز. رەھمەت!  ۋاقتى: 2016-2-25 10:18 AM
ۋاقتى: 2016-2-25 10:16:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۈكەر يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 11:45 PM
تەلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!!
مەن باشقىلارنىڭ شۇ خىل ئۇ ...




       شۇنداق، ئۆتكۈر ئەپەندىم ئۇ شېئىرنى يازغاندا ئاشۇ شېئىردىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىملاسى شۇنداق ئىدى ھەم ئۇ زات شۇنداق تۈرلىنىدىغان سۆزلەرنى تاللاپ (قىسمەن كېتىپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا) ئىشلەتكەن. سىز ئىشلەتكەن قاپىيەنىڭ پەقەت بىرى شۇنداق تۈرلىنىدۇ. قالغانلىرى ئۇنداق ئەمەس. بىر مىللەتنىڭ تىلىنى بۇزۇش جقىنايەت ئۆتكۈزگەن بىلەن بارەۋەر.

ۋاقتى: 2016-2-25 11:02:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە ئۇستازلارنىڭ بالامنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن سۆيۈندۈم. ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق قاتتىق تەلەپ قويۇشى بىلەن ئوغلۇمنىڭ كۈتكىنىمىزدەك ياخشى بىر ئەدىپ بولۇپ چىقىشىدا سۆز يوق، ئەمما ئېلچىن ئەپەندىم بىلەن ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ بەرگەن پىكرىدە ئۆزلىرىنى شېئىر ئىجادىيىتىدە مۇكەممەل ، ئارۇز ۋەزىندە شېئىر يېزىشنىڭ نەزىريىسىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتىپ قويغاندەك تۇرىدۇ ، بۇ ھەقتە يۇقارقى ئەدىپلىرىمىزنىڭ بالامغا  بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن مەن بالامنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ، ئەمما ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئەپەندىنىڭ شائىرىمىز ۋە يازغۇچىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تىلدا  كەتكۈزۈپ قويغۇنىنى ئەپۇ قىلىپ ،بالامنىڭ تىلنى بۇزۇپ قويغانلىقى جىنايەت دەپ قارىغانلىقى تازا ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى ، بىز ئالدى بىلەن بۇ تەلەپنى بالىلارغا قويۇشتىن بۇرۇن نوپۇزلۇق ئەدىپلىرىمىزنىڭ سەۋەنلىكىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتسەك بولمايدۇ ،بۇنداق يېزىش ئۆرنىكىنى بالام كىلاسسىكلىرىمىز ۋە ھازىرقى دەۋىردىكى سەمەرىلىك شائىرلىرىمىز بولغان مەشرەپ، ياسىن زىلال قاتارلىق ئۇستاز شائىرلىرىمىزنىڭ ئىزىدىن بېسىپ ئىزدىنىۋاتىدۇ ھەم ئۈگىنىۋاتقان دەرسلىرىمۇ ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار . شۇنداق ئىكەن بالام سىزلەرنىڭ يېتەكلىشىڭلارغا مۇھتاج گۇناھ ئارتىپ قويساق سوغاق سۇ سېپىپ قويۇمىز.  

باھا سۆز

ئىككەيلەننىڭ يېشى ۋە شېئىرغان دەۋرى ئوخشىمايدۇ، يەنە بىرى، يوق ئادەمگە  ۋاقتى: 2016-2-25 01:32 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-25 11:55:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 10:16 AM
شۇنداق، ئۆتكۈر ئەپەندىم ئۇ شېئىرنى يازغاندا ئاش ...

  مەن  دىققەت   قىلماپتىمەن.  تۈزىتىۋالاي!

ۋاقتى: 2016-2-25 13:53:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوتا يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 11:02 AM
بۇ يەردە ئۇستازلارنىڭ بالامنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىگە كۆڭ ...




      ئىككەيلەننىڭ يېشى ۋە شېئىر يازغان دەۋرى ئوخشىمايدۇ، يەنە بىرى، يوق ئادەمگە گەپ قىلغاننىڭ پايسى يوق. سىزنىڭ بالىڭىز ھازىرقى ھالىتىدە ماڭسا ياخشى شائىر بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ. ئۇ گەپلەرنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بار.
     يەنە بىر نۇقتىنى ئەسكەرتتىم. بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ ئىملاسى 1950- يىللارنىڭ مابەينىدە جەمئىي سەككىز قېتىم ئۆزگەردى، ھەر قېتىم ئۆزگەرگەندە ئالدىنقى تېقىمدىكى بىلەن ئوخشىمايدىغان بىرمۇنچە پەرقلەر چىقتى. شۇڭا ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن ھۈكەرنىڭ شېئىر يازان ۋاقتىدا پەرق بولغاچقا، بۇرۇن يازغاننى ئەپۇ قىلىشقا بولىدۇ. يەنە كېلىپ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرىدىكى «ئە» بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەر بىلەن ھۈكەر ئىشلەتكەن سۆزنىڭ شەكلى ئوخشاشتەك قىلسىمۇ (يۇقىرىدا كۆرسىتىپ قويدۇم) چوڭ پەرق بار.
      يەنە بىرى، سىزنىڭ بالىڭىز (ھۈكەر)گە «جىنايەت» ئارتمىدىم. «كىم بۇزسا، شۇ جىنايەت ئۆتكۈزگەن بىلەن باراۋەر» دېدىم.
      بالىڭىزنىڭ تالانتى بار ئىكەن. چاپان ياپماي تەلەپنى چىڭراق قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر ھۈكەرمۇ بەزى بالىلاردەك سۆز تىزىپ ئويناۋاتقان بولسا، بۇ يەردە گەپ قىلىپ، ئۆزۈمنى ئاۋارە قىلمايتتىم. سۆزلىرىمنى توغرا چۈشىنەرسىز. رەھمەت!

باھا سۆز

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتىنى كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن...  ۋاقتى: 2016-2-25 01:57 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-25 15:33:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 01:53 PM
ئىككەيلەننىڭ يېشى ۋە شېئىر يازغان دەۋرى ئوخشىما ...

دادامنىڭ ماڭا قاتتىق تەلەپ قويغىنىدىن ھازىرقىدەك ئاز-تولا بىر نىمە جۆيلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ يەردە دادام سىلەرگە ئويلىغانلىرىنى ھەرگىزمۇ ھېسىيات ئارىلاشتۇرىۋىلىپ دېگەن يېرى يوق.  
سىز دېگەندەك ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ شېئىردىكى قاپىيىلىرى بىلەن مېنىڭ شېئىرىمدىكى قاپىيىلەر ئوخشىشىپ كېتىدۇ.(ھەرگىزمۇ ئۇستاز شائىرىمىز بىلەن ئۆزۈمنى سېلىشتۇرغىنىم ئەمەس)  دېمەك   ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ قاپىيىلىردە تاللىغان سۆز بىلەن مېنىڭ قاپىيىگە تاللىغان سۆزلىرىم باشقا-باشقا مەنىلارنى بىلدۈرگەنلىگى ئۈچۈن  سىز دەۋاتقان "چوڭ پەرق" شەكىللىنىپ قالغان شۇنداقمۇ؟!  
سىزچە "ئە" ھەرىپىنى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەردە يېزىلغان شېئىرنىڭ مەلۇم تۈردە يېقىشلىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟! ئەمەللىيەتتە بۇنداق يېزىلغان شېئىرلار ئاز ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىملاسىغا قويۇلغان "مەسئۇلىيەتسىزلىك" دەپ قارالسا، مەن چوقۇم ئۈستۈمگە ئالىمەن.  ئەسەرلىرىمگە تەنقىدى پىكىرلىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت سىزگە مۇئەللىم!!

ۋاقتى: 2016-2-25 15:41:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۈكەر يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 03:33 PM
دادامنىڭ ماڭا قاتتىق تەلەپ قويغىنىدىن ھازىرقىدەك ئاز ...

ئابدۇرېھىم مۇئەللىم تىلشۇناسلىق يۆنىلىشى بويىچە سىزگە ئازراق بىلىم بېرىپ قويدى. سىز باشقىچە چۈشۈنۈپ قېلىۋاتىسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-25 15:58:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-25 03:41 PM
ئابدۇرېھىم مۇئەللىم تىلشۇناسلىق يۆنىلىشى بويىچە سىز ...

  بىلدىم ،  مەن  يەنە  كۆپىرەك  ئويلىشىپ  باقاي ،  رەھمەت!

ۋاقتى: 2016-2-25 16:04:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك، مۇنازىرە بولغىنى ياخشى . بىزدە ھازىر ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ كېتىپ جايىغا سەكرەش خاھىشى ئېغىر. مېنىڭچە ئېرچىن ئەپەندى بىلەن ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئەپەندىنىڭ شېرزادقا نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە ئۈمىد تۇغۇلغاچقا ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ۋاقىت ئاجىرتىپ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىشى مېنى سۆيۈندۈردى.بولمىسا ئۇلاردا ئۇنچىلىكمۇ كۆپ ۋاقىتمۇ يوق. ئۆزۈم ئىقرارمەن يۇقارقى بەرگەن ئىنكاسىمدا ،ھەقىقەتەن ئوغلۇمغا چاپان ياپقاندەك تۇيغۇ بار. شېرزادنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىغا ، ئۇستازلارنىڭ پىكرىگە ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلىغان ئاساستا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.30يىلدىن ئوشۇق ئانا تىل ئۆتۈش جەريانىدا بىزنىڭ تىلىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە تىرىك شاھىد بولغۇنىم راسىت ،ھازىرقى ياشلىرىمىزدا شالغۇتلاشقان تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر ، بۇنى ھەل قىلىشتا ئۇستازلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭغا قوشۇپ ئېسىل ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇپ ئۆزىنى زەرەتلەپ تۇرىشىمۇ زۆرۈر .مەن سىلەرنىڭ پىكرىڭلارغا قوشۇلىمەن ھەم ھۆرمەت قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش