يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: abdurexit eli

تاھىر ھامۇت: ئاشىق (داستان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-25 04:26:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىھەم يوللىغان ۋاقتى  2016-2-22 06:36 PM
ھازىرچە گېپىڭىزنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بارلىق رومان ...

ھەي سىز جۇلانىڭ گېپىگە خاپا بولۇپ خورىماي، بۇ شېئىر ئۇيغۇر رومانلىرىنىڭ ھېچقايىسىغا تەڭ ئەمەسكەن دەپ خوش بولسىڭىزلا بولمىدىمۇ!

ۋاقتى: 2016-2-25 11:08:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئاشق»دىگەن بۇ داستاننى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم،بۇنىڭدا«ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ»نىڭ ھەقىقى ماناسى يېشىلگەن ئېسىل ئىجادىيەت بوپتۇ دەپ ئويلۇدۇم،ئاشق قەلبىتىكى ھېس-ھاياجانلىق قۇرلار مېنى تەسىرلەندۈدى، توختىماي كۆيگەن شۇ يالقۇنلۇق يۈرەكنىڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۈمىتسىلىكتە قالغانلىقى كىشىنى ئېچىندۇرىدىكەن،ئەڭ ئاخىرىدىكى مۇنۇ قۇرلار بىلەن ئاشقلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىق مەزمون ئىپادىلىنىشى ماڭا بەك ياقتى.
«مەن سەندىن يېنىپ چىقتىم
سەندىن يېنىپ چىقتىم
يېنىپ چىقتىم
چىقتىم»
ئەمىليەتتە بىر ئاشق يۈرەكنىڭ ئاشقلىق قەپىزىدىن يېنىپ چىقىشى ئاسان ئەمەس......راستىنى دىسەم شۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزەمنى بىر خىل ئازادە ھېس قىلدىم....قېرىندىشىم تاھىر ھامۇت تەپەككۇرلىرىڭىز ھارمىغاي،ئىجادىيتلىرىڭىزگە بەرىكەت، ئۇتۇق، نەتىجىلەرنى تىلەيمەن!!!

ۋاقتى: 2016-2-25 13:27:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىر ھامۇت ئەپەندىم،ياخشى تۇرۋاتامسىز.مەن سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى تۈنجى قېتىم ئوقۇشىم.يەنى‹‹ئاشق››داستانىڭىزدىن باشلىدىم.داستان تىلىنى تولىمۇ ياخشى ئاپسىز.روھ بىلەن مەۋجۇدات،ئەپسانە بىلەن رىئاللىق،قەدىمىلىك بىلەن بۈگۈنكىلىك...بۇلار تولىمۇ ياخشى ئىپادىلەنگەن سىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن يەنىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرشىڭىزغا تىلەكداشمەن...

ۋاقتى: 2016-2-25 15:04:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئەسەرنى ياقتۇرغىنىدىن خوش بولدۇم ، رەھمەت

ۋاقتى: 2016-2-27 07:16:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ داستاننى ياقتۇردۇم،ماختاشلاردىن خالىي پىكىر بەرسەم تاھىركامنىڭ ئۆزىگە نېسبەتەن ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن سۆزلىرى ۋە ھىكايىسى بۇ داستاندا ۋايىغا يېتىپتۇ،يېڭى ۋە كونا بولغان بۇ داستاننى تاھىركامنىڭ ئۆز ئىزىدا تۇرۇپ قالمىغان بىر شائىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىدەك دەپ ئويلىدىم.

ۋاقتى: 2016-3-3 21:03:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار، مەن تاھىر ھامۇت ئاكىنىڭ ئاشىق دېگەن داستانىنى تېخى ئوقۇپ باقمىدىم، شۇڭا بۇ ھەقتە گەپ قىلـماي. لېكىن بۇ ھەقتىكى پاراڭلارنى ئوقۇپ باقتىم، ئارتتېكىن ئەپەندىنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە ئويلاپ باقتىم. مېنىڭچە بۇ قېرىندىشىمىز سۆز ئىشلىتىشكە دېققەت قىلـماپتۇ، بىراۋ مەلۇم بىر پەلسەپىۋى ئېقىمنىڭ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىپ (شۇ كىشىنىڭ شۇنداق قىلغان قىلـمىغانلىقى ماڭا نامەلۇم( ئۇنى ئەدەبى ھالەتتە خەلقىگە سۇنسا ئۇنى شەرمەندە دەپ تىللاش مېنىڭچە ئارتۇقچە. يەنە بىرى، مەلۇم ئىدىيە ياكى پىكىرنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ياكى ئۆز دەۋرىدىن كېيىنكى پىكىر ئىگىلىرىگە تەسىر قىلىشى نورمال ئىش، بۇنى كۆچۈرمىكەشلىك دېيىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. بۇ بىر ئۆز ئارا ئۆگىنىش، پىكىر قاتناشتۇرۇش، ئورتاق ئىلگىرىلەش، بىر بىرىمىزگە مەنىۋى نەپ بېرىش مۇنبىرى دەپ قارايمەن. بۇ يەردە باشقىلارنى تىل سېلىپ تىللاش بۇ مۇنبەرنىڭ مەن ھېس قىلغاندەك ئالاھىدىلىكلىرى ياكى مەقسىتىگە تازا ماس ئەمەسمىكىن دەيمەن...

ۋاقتى: 2016-3-3 21:08:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە يەنە گۇڭگا شېئىرچىلار، نوتوچىلار ھەققىدە گەپ بوپتۇ. خەنزۇ شائىرى گۇچېڭ يېرىم شائىر دېيىلىپتۇ، بۇنىڭغا سۆزلىگۈچى چۈشەنچە بەرسە ياكى پاكىت كۆرسەتسە. ئەدۇنىسنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىلا خەنزۇتىلى ياكى ئېنگلىز تىلىنى بىلـمەيدىغان بولـمىسا كېرەك. بۇنداق ئورۇنسىز تىل ھاقارەت، تالاش تارتىشلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق. شۇنىڭ ئورنىدا شۇ كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ قايسى پەلسەپىنى قانداقراق ئۆزلەشتۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ نېمە پىكىرلەرنى قوشقانلىقى، ئۇنىڭ قانداق بەدىئىيلەشكەنلىكى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىنسا ئېسىل ئىش بولارمىدىكىن، دەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش