بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قاراتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-17 09:24 AM
ئادونىس توغرىسىدا گەپ قىلغاندا ھىچنىمىزىمچىلار، نوتوچىلارنىڭ تۇۋىقى سىرقىرايدۇ. ئەڭ چوڭ ھىچنېمىزىمچى يەنى ئەڭ چوڭ پىكىر ئېقىمى كۆچۈرگۈچى شەرمەندىلەرچە چەتئەلدە مەغرۇر ياشاۋاتقان بولسىمۇ، بۇلارنى بىلىپ يەتكۈچىلەر بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ بىلمەسكە سېلىپ دەججالنىڭ ئارقىسىدىكى ئەجۇجى-مەجۇجىلاردەك ھەممىنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ نەرە تارتىپ يۇرمەكتە.
-ماۋۇ گېپىڭنى قايتۇرۋالمىساڭمۇ، ئالدىراپ دەپ قويۇپسەن. چۈنكى سەن دەۋاتقان ئادەم ئە. ئوسمان ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ بۈگۈنىنى بۈگۈنگە ئەكەلگەن ئادەم. كۆزۈڭنى يۇمۇۋالساڭ، قارا سۈركىسەڭ گېپىڭنىڭ تۇتامى بولمايدۇ.
چۈنكى ئۇ ئوتتۇز يىلنىڭ ئالدىدىلا سېنىڭ مۇشۇنداق دېيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سەمىيمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپلا قالماي، 1999-يىلى 6-سان "تەڭرىتاغ' ژورنىلىدا ئەنۋەر ئابدۇرېھىمنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەندە ھەممىنى دېگەن.
ھەتتا، جاۋابىنىڭ بېشىدىلا، دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلەر، جۈملىدىن ئەرەب ئەدەبىياتىنى ئوقۇمىغان بولسا بۈگۈنكى ئويغۇنۇشقا كېلەلمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ھەم بىزنىڭ نەشىرىياتلىرىمىزغىمۇ، تەرجىمانلىرىمىزغىمۇ قانداق كىتابلارنى تونۇشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئالاھىدە پۇرىتىپ سۇئال قويغان. شۇ چاغدا ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن سەن بېيجىڭدا سېلىشتۇرما ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە ئوقۇۋاتقان بولۇشۇڭ مۇمكىن.
ئەسلى سەن بۇ يەردە، بۈگۈندە مۇشۇنداق قۇرۇق گەپ قىلغاندىن كۆرە ئاشۇ كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ چىقىرىپ بولۇشۇڭ كېرەك ئىدى.
سەن ئىسراپ بولغان بىربەندە، ھېلھەم كېچىكمەسلىكىڭ مۇمكىن. ئەدەبىياتىمىز سەندەك، ئەنۋەر جۇلادەك، تاھىر ھامۇت، پەرھات تۇرسۇندەك ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە نۇرغۇنلارغا داۋاملىق مۇھتاج. ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ بىرىمۇ ئەمەلگە ئاشقىنى يوق. ئەدەبىياتىمىز بىر قېتىملىق سىلكىنىشكە، ھەرىكەتكە مۇھتاج. قۇرۇق گەپكە ئەمەس. ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى پەرق ئەتسىمۇ يەنىلا ئۆزگەرمىگەن جاھىللار بۇ سەپتىن يا چىكەتمىدى، يا ئۆزى ھېچئىش قىلغىنى يوق.
مەن دېگەن ژورنالنى تاپالمىساڭ، مەن ماقالە ئىھتىياجى بىلەن كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈپ قويدۇم، يەنە بىر ئوقۇپ چىقساڭ بولىدۇ. ئۇ شۇچاغدىلا يېڭى شېئىرىيەت ھادىسسىنىڭ كۈچلۈك باياناتىنى ئېلان قىلىپ بولغان.
يەنە بىر گەپ، ئىنساك بىر سۇئالنى سەندىن سوراپتۇ، ئۇنىڭدا نوتوچىلار ھەققىدە گەپنى سەن قىلغاچقا ئۇمۇ سوراپتۇ. نوتوچىلارنىڭ مەقسىتى ئەدەبىياتىمىزدا يېڭى بىر سىلكىنىش، ھەرىكەت بولىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ قانداقتۇر يامان نىيەتلىك ئەدەبىيات ئېقىمى، ئىزم ۋە ياكى باشقا بىرنېمە ئەمەس.
ناۋادا بۇ گەپلەرگە ئىرەن قىلىشىنى خالىمىساڭ، "ئاشق' داستانى ئارقىلىق ھەممىنى دېسەڭمۇ بولىدۇ.
پەرھات تۇرسۇن بىر لېكسىيەسىدە، مەلۇم بىر ئەسەرنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەلۇم كۆز قارىشىنى ئىلگىرى سۈرەلىگەندىلا ئۇ ھەقىقىي ئوبزۇر بولىدۇ- مىسالغا ئېلىنغان ئەسەر پەقەت يېڭى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى پايدىلىنىلغان ماتېرىيال بولىشى كېرەككى، ئاشۇ ئەسەرگە بېرىلگەن ھەقىقىي باھا ياكى كەيدۈرۈلگەن تۇماق ئەمەس.--دېگەن.