ئارتتىكىن،
ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ گېپى سەمىيمىي گەپ بولۇپتۇ.
ئەمما سەن دېگەندەك بىرلا شائىرنى بايراق تىكلىۋېلىش ئەدەبىياتنى بىر ئىزىدا سەكرەشكە مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ.
ئە ئوسمان ئەينى چاغدا ناۋايىدىن كېيىن شېئىرىيتىمىز چۆكۈپ كەتتى دېگەن. يەنىمۇ يېڭى شائىرلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن "بىز ئىستىھكام قۇربانلىرى بولدۇق" دېگەنگە لايىق بىر تۈركۈم ئەگەشكۈچىلەر ۋە ساختا مۇدىرنىزمچىلارنى تۈركۈملەپ يېتىشتۈرگەنلىكى ھەقىقەت. بىراق ئۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى تالانىتنى تېخىمۇ قېزىپ چىقىشتا بىر مېنۇتمۇ توختاپ قالغان ئەمەس. خۇددى سەن 3-سىنىپتىن تارتىپ ھازىرغىچە تىل ئۆگۈنىۋاتقانغا ئوخشاش. ئۇ ئۆگۈنۈپلا قالماي، ئۇيغۇر تىلى ئۇستىسى دېيىشكە لايىق يېتىشىپ چىقتى. بۇ نۇقتىدا ئۇنى شېئىرىيەتتىكى تىلشۇناس دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شېئىرلىرىدا شەكىل بىلەن مەزمۇن ئاجايىپ بېرىكتۈرۈلگەن. ھەر بىر مىسراسى ئىنتايىن پۇختا شېئىرىي جۈملە ھالىتىدىن تېيىپ كەتمىدى. ئۇنىڭ بۇ ماھارىتىنى ئىگەللىيەلمىگەن نۇرغۇن شائىرلار ئۆزلىكىدىن چېكىندى. بىراق بىر قىسىم شەكىلۋازلار جۈملىنى نەسىرىلەشتۈرۈشتەك تەلۋىلىك بىلەن بۇ ساھەنى ئاسان كوچىغا ئايلاندۇرىۋەتتى. يېڭى ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئىچىدە بۇ خىل شئېرىي جۈملە تۈزۈشنى بىلىدىغانلىرى بەكمۇ ئاز، بەكمۇ ئاز.
ئۇ خەلقارادىكى داڭلىق شائىرلاردىن مەھمۇد دەرۋىش، ئەدنۇسلار بىلەن ھەرقاچان پىكىرلىشەلەيدىغانلىقى ۋە ئەڭ يېڭى نەزەرىيلەرنى بىۋاستەە ياكى ۋاستىلىك ھالدا بىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىجادىيەت ئەمىلىيتىدە ئۈزلىكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتتى دېيىشكە بولدۇ. ئۇنى كۆچۈرمىچى دېسەك، بارلىق يېڭى تالانتلارنىمۇ كۆچۈرمىچى دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ئاندىن يەنە تېيىپچان ئېلىيۇفتىن بۇيانقى گەپنى، ئويغۇنۇشلارنى زادىلا يوق دېسەك بولىدۇ. ھەتتا بارلىق يېڭىلىق قوبۇ قىلغۇچى ئورنىدا تۇرغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق باشلامچىلارنىمۇ مەۋجۇد ئەمس دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇ ئەدنۇسلارنىڭ سەنئەت ئىدىيەسىنى ئۆزى قوبۇل قىلىپ، ئاندىن بىزگە بىزلەشتۈرۈپ بەردى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچبىر ئەسەرلىرى، ماقالىسىنى مېنىڭ دەپ باققىنى يوق.
شۇنىڭغا كۆرە، بىزدە يەنە پەرھات تۇرسۇن، تاھىر ھامۇتتەك ئۆز يولىدا ، ئۇنىڭغىمۇ ئەگەشمەي مېڭىۋەرگەن چوققىلار بار. ئۇلاردىن كېيىن چىققانلارمۇ بار. بۇ سەپ بارا بارا ئەخلەتتىن قۇتۇلۇشقا باشلاۋاتىدۇ، ئەمما يەنە ئەخلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ يېڭى ئەخلەتلىرى داۋاملىق چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۆزىچە ئەنئەنىنى جان تىكىپ قوغداۋاتقانلارمىش. قىزىق ھەم قارا يۇمۇردەك ئىشلار كۆپ.
ئەمما، سەن يازغان ياكى يېزىۋاتقان ماقالەڭدىكى "پارادوكىس' نى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ پارادوكىس رومىي، مەنسۇر ھەللاجىدىن تارتىپ شاھمەشرەپكىچە ھەتتا زامانىمىزدىمۇ بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.
پارادوكس ئاتالغۇسىنى تۇنجى بولۇپ، پەرھات تۇرسۇن ئەدەبىياتىمىزغا ئېلىپ كىرگەن.
ئەلۋەتتە سەن كۆرگىنىڭ كۆپ بولغانىكەن، ئېسىل ماقالىلەرنى ياز، سۇنغىن، قارا قويۇق تەنقىدتىن تەربىيەلەش، يېتەكلەش، بىلدۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم. ئىلمىي بولمىغان ھۆكۈملەرنى ئىلمىي يوسۇندا چۈشەندۈر. بولمىسا يېڭى شېئىرىيەت ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ۋارسىلىرىمۇ ئۆزىگە ئىشەنمەس بولۇپلا قالماي، نۇرغۇن ئادەم قايمۇقۇپ كېتىدۇ. ئۇچاغدا ساڭا باشقىچە تون نپىچىلىپ كېتىدۇ. بۇنى مەن دېمىسەممۇ بىلىسەن.
تاھىر ھامۇتنىڭ "سىلەر قانچىلىك ئوقۇغان" دېگەن گېپى ئاشۇ ئەدنۇسلارنىڭ ئەسلى تېكىستىنى قانچىلىك ئادەم بىلىدۇ، دېگەنلىكى بولىشى مۇمكىن، بۇ ھەرگىزمۇ ئارتتىكىن ئوقۇمىغان دېگەنلىك ئەمەس. ئەمدى ئۆگىنىش ئىنقىلاۋىنىڭ دەۋرى كەلدى، ئەدەبىياتتىكى توسقۇنلۇقلارغا سۈكۈت قىلماسلىقنىڭ دەۋرى كەلدى. ئەلەم تارتقان پەرھات تۇرسۇنلار قايتا تەكرارلانماسلىقى كېرەك. ئۇمۇ بولمايدۇ، بۇمۇ بولمايدۇ دەپ قارا قويۇق ھالدا قازىلىق قىلىش تەكرارلانماسلىقى كېرەك. بىلىدىغانلار يول ئېچىشى، تەربىيەلىشى، ئاسرىشى كېرەكنىڭ دەۋرى كەلسۇن.