كۆرۈش: 4776|ئىنكاس: 75

تاھىر ھامۇت: ئاشىق (داستان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-15 02:35:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-19 07:33 PM  

ئاشىق

(داستان)

تاھىر ھامۇت
1
بىز مۇشۇ دۇنيادا سىلەر بىلەن بىللە تۇرىمىز
شامال بىلەن سۇ ، ئوت بىلەن تۇپراق بىللە تۇرغاندەك
ئۆلۈپ بولدۇق ، ئەمدى ئۆلـمەيمىز
خۇددى ۋاقىتنىڭ چېكى بولـمىغاندەك
بىز گەرچە گۇناھكار بولساقمۇ
بىز گەرچە يامان ھېسابلانساقمۇ
بىز گەرچە مەينەت ئاتالساقمۇ
ئۇلاردىن قورقۇپ   
سىلەردىن نېرى تۇرۇپ
يالغۇز دەرەخلەرنى
كونا تۈگمەنلەرنى
ئەسكى تاملارنى
تاشلاندۇق ئۆيلەرنى
كۆۋرۈكلەرنىڭ ئاستىنى
يول بويلىرىنى
گۆرىستانلارنى
ئەخلەت، كۈل، يۇندا تۆكۈلىدىغان يەرلەرنى
ئېغىللارنى
قانلىق ئازگاللارنى
دوقمۇشلارنى
ئېقىن بويلىرىنى   
قاراڭغۇ بۇلۇڭلارنى
خارابىلەرنى   
ماكان تۇتىمىز
سىلەر بىلىدىغان نەرسىلەرنىمۇ بىلىمىز
سىلەر بىلـمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ بىلىمىز
سىلەر قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلالايمىز
سىلەر قىلالـمايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلالايمىز
بىز سىلەرنىڭ ۋەھىمەڭلارنىڭ بىر قىسىمى
(سىلەر كىچىكىڭلاردىن تارتىپ بىزدىن قورقىسىلەر )
بىز سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلارنىڭ بىر قىسىمى
( سىلەر بىز توغرىلىق ھېكايىلەرنى توقۇيسىلەر )
بىز ھەتتا سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنىڭ بىر قىسىمى
(سىلەر بىز ئارقىلىق بەزى مەقسىدىڭلارغا يەتمەكچى بولىسىلەر(
بىزنىڭ ئىسمىمىز بار جىسمىمىز يوق
بىزنىڭ روھىمىز بار تېنىمىز يوق
بىز كۈندۈزى ئۇخلايمىز
كېچىلەردە سىلەرگە
ئاق چاچلىق موماي ، قارا مۈشۈك، كۆك  ئۆچكە
ياكى قىزىل ئوت بولۇپ كۆرۈنىمىز
2
ئۇلارمۇ بىز بىلەن بىللە تۇرىدۇ
ئۇلارمۇ ئۆلۈپ بولغان ، ئەمدى ئۆلـمەيدۇ
لېكىن ئارىمىزدا زور پەرق بار   
ئۇلار ئارزۇلۇق
ئۇلار خاقانلار  
ئۇلار باتۇرلار
ئۇلار ئەجداتلار
ئۇلار كۈچلۈك
ئۇلار ياخشى
ئۇلار   
سىلەر سالغان بۇي بىلەن
سىلەر قىلغان قان بىلەن
سىلەر ئوقۇغان دۈرۈت بىلەن
كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولىدۇ
ئاق ئاغىماقلارنى مىنىپ
شاھانە تونلارنى كىيىپ
ئالتۇن تاجلارنى تاقاپ
تۇغ ـ ئەلەملەرنى تۇتۇپ
كۆك ئاستىدا
يەر ئۈستىدە
شامال ئىچىدە
بۇلۇت ئارىسىدا
قولىغا قىلىچ ، نەيزە ، خەنجەر، ئايپالتا   
سەدەپ يا ياكى تاش ئوقلارنى ئېلىپ
سىلەرنى قوغدايدۇ  
بىزنى پايلايدۇ
سەيشەنبە ، چارشەنبە ، شەنبە كۈنى كېچىلىرى  
تەرەپ ـ تەرەپتىن چاقىرىلىپ
بىزنى قوغلايدۇ
ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرەلـمىسىمۇ
لېكىن بىز ئۇلاردىن ئۆلگۈدەك قورقىمىز
3
سەن تۆرىلىشتىن ناھايىتى نۇرغۇن يىللار بۇرۇن  
دەل سەن ياشاۋاتقان مۇشۇ يەردە   
ھازىرقى ئۆزۈمگە ئايلاندۇرۇلغان كونا بىرىمەن
مەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ ئاددىلارنىڭ  بىرى
بۇرۇنمۇ ئاددىي بىر ئادەم ئىدىم
بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ۋە ئۆزگىرىشلەرنى  
ناھايىتى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان كۆرۈپ كەلدىم
سىلەردىكى گۈزەللىك ۋە قۇدرەتنى
ئۇلاردىكى پاراغەت ۋە قۇۋۋەتنى
بىزدىكى ئىقتىدار ۋە جۈرئەتنى
سىلەردىكى بىچارىلىك ۋە ئەخمەقلىقىنى
ئۇلاردىكى ئۇلاردىكى رەھىمسىزلىك ۋە مەنمەنلىكنى
بىزدىكى مەھكۇملۇق ۋە مەنىسىزلىكنى
تولا باشتىن كەچۈرۈپ زېرىكتىم
مەن ياشىغان ئۇ چاغ ھازىرغا ئوخشىمايتى
لېكىن مەن بۇرۇننىمۇ ، ھازىرنىمۇ ياخشى كۆرمەيتىم
مەن تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي
دادام ۋە ئۈچ ئاكام ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئىكەن  
ئانام : بىز كۆكتىن تامدۇق ، يەردىن ئۈندۇق ، دەيتى
مەن بۇ گەپنى چۈشەنمەيتىم
ئەمما بۇ گەپكە ئىشىنەتتىم
مۇنداق بىر ئىشنى كېيىن ئۇقتۇم :  
مەن بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە
ئانام باشقا ئەرگە تەگمەكچى بولۇپ
نائۇستا قېرى جادۇگەرنىڭ گېپىگە كىرىپ  
مەن بىر كېسەلـمەن بوۋاقنى  
تۆگە گۆشى شورپىسىغا ئوغا سېلىپ ئىچۈرۈپ  
ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بوپتۇ
(يىغلاپ تۇرۇپ )
لېكىن ئەكسىچە
شورپا ماڭا يېقىپ قېلىپ
قۇۋۋىتىم ئۇرغۇپ تېشىپ  
ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېڭىپ كېتىپتىمەن
ئانام مېنى باغرىغا بېسىپ
بىر تەرەپتىن يىغلاپ
بىر تەرەپتىن كۈلۈپتۇ
ماڭا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ  
نىيىتىدىن يېنىپتۇ   
نۇرغۇن بالىلارغا ئوخشاش
ئات مىنەتتىم
قوي باقاتتىم
ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتىم
بالىلار توپ ـ توپ بولۇپ ئوينايتۇق  
دەريادا ، كۆللەردە
سۇغا چۆمۈلەتتۇق   
بېلىق تۇتاتتۇق
قۇملۇقتا ، جاڭگاللاردا   
توشقان سوقاتتۇق   
موللاق ئاتاتتۇق  
سىرىلىپ چۈشەتتۇق
كۈن ئۆتتى
ئاي ئۆتتى
يىل ئۆتتى   
يىگىت بولدۇم
ساق ـ سالامەت ، بىجىرىم ئىدىم
ھەممە ئەركەككە ئوخشاش
كىچىكىمدىن قانمايدىغان بىر ئىستەك بار ئىدى
چوڭلار بىزگە
ئەر ـ ئاياللار ئارىسىدىكى ئىشنى ھېكايە قىلىشاتتى
لاپ ئېتىپ ماختىنىشاتتى  
يۇرتتا مەلۇم بىر گۈزەل ئايالنىڭ بۇزۇق ئىكەنلىكىنى
تاما ۋە ھەسرەت بىلەن سۆزلىشەتتى
نوچى تاز ۋە مادا ئېشەك ھەققىدە
ئاجايىپ ـ غارايىپ ئەپسانىلەرنى توقۇشاتتى
بۇنداق گەپلەرنى كىچىكىمدىن ئاڭلاپ
يات جىنىسلارغا ھەۋەس قىلاتتىم
ھايۋانلارنىڭ جۈپلەشكىنىگە قاراپ كېتەتتىم
مەھەللىدىكى قىزلارغا نىيەت بۇزاتتىم
لېكىن قورقۇنچاق ئىدىم
ئىستىكىم كۆزۈمنى قىزارتىۋەتسىمۇ
ئىستىكىم بۇرنۇمنى كۆپتۈرىۋەتسىمۇ  
ئىستىكىم تېنىمگە پاتمىسىمۇ  
چىدايتىم
ئۆزۈمنى بېسىشقا كۈچۈم يىتەتتى
لېكىن بىلـمىدىم نە ئۈچۈنكى     
بىرەر قىزنى ياخشى كۆرەلـمەي
ياكى
بىرەر قىزنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشەلـمەي ئۆتتۈم
ئۇنچە سەتمۇ ئەمەس ئىدىم
ئۇنچە ئەسكىمۇ ئەمەس ئىدىم  
ئانام غېمىمنى قىلىپ  
بىر قىز تېپىپ
پات يېقىندا   
مەن بىلەن كۆرۈشتۈرمەكچى بولغان
ئەپلىشىپ قالسا  
مېنى ئۆيلەپ قويماقچى بولغان
(بۇ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى )
دەل شۇ چاغدا ئاشۇنداق بولدى
مەن باتۇر ئەمەس ئىدىم
قەھرىمانلارغا چوقۇنىدىغان بىر دەۋردە  
يېڭىش ھەممىدىن ئەلا بىر دەۋردە
كۈچلۈكلەرنىڭ دۇنياسىدا
مەن تۇغما قورقۇنچاق ئىدىم
يالغۇز ئادەملەردىنلا ئەمەس   
تەڭرىلەردىن بەك قورقاتتىم
تەڭرىلەردىن بەك قورقاتتىم
تەڭرىلەردىن بەكمۇ قورقاتتىم
شۇڭا ، پەقەتلا شۇڭا
تەڭرىلەرگە ئىشەنمىسەم دەيتىم
تەڭرىلەر ھەققىدىكى مۇراسىملاردىن
تەڭرىلەرگە ئائىت گەپ ـ سۆزلەردىن
تەڭرىلەرگە تەۋە نەرسىلەردىن
نېرى قاچاتتىم   
تەڭرىلەرنىڭ بولـماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم      
ئۆزۈمنى ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئارىسىدا سېزەتتىم
ئۆزۈمنى گۇناھ بىلەن ساۋاب ئارىسىدا كۆرەتتىم
شۇ سەۋەبتىن      
ماڭا تەڭرىلەرنىڭ غەزىپى ياغقانمىش
ئاشۇ ئاي تولغان كېچە   
مېنى ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان يېرىمدىن تارتىپ چىقىپ
ئانامنىڭ يېرىم يالىڭاچ ھالدا يالۋۇرۇپ يىغلاشلىرىغا پەرۋا قىلـماي
مەن تېخى ئۇيقۇدىن تۈزۈك ئويغىنىپ بولغۇچە
مەن تېخى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە   
مېنى سۆرەپ ئاپىرىپ   
مەھەللە ئوتتۇرىسىدىكى ئاق قورام تاشقا يۆلەپ
ئايپالتا بىلەن كاللامىنى ئېلىشتى
ئايپالتا بىسىنىڭ بوينۇمدىن ئۆتۈپ
تاشقا غاراچلاپ تەگكەنلىكىنى ئېنىق ئاڭلىدىم  
بەلكىم دادامنىڭ ئەرۋاھى ھەسرەت ئىچىدە قاراپ تۇرغاندۇ  
بەلكىم ئاكىلىرىمنىڭ ئەرۋاھلىرى ئېچىنىش ئىچىدە كۆرۈپ تۇرغاندۇ     
تېنىم ئىككى پارچە بولدى
قېنىم تەڭرىلەرگە ئاتالدى
ئەسلى ئەجدات بولاتتىم
ئەمدى خائىن بولدۇم
ئەسلى ئۆز بولاتتىم
ئەمدى يات بولدۇم
ئەسلى ئەرۋاھ بولاتتىم
ئەمدى جىن بولدۇم
ئەسلى ياخشى بولاتتىم  
ئەمدى يامان بولدۇم
ئەسلى پاكىز بولاتتىم
ئەمدى مەينەت بولدۇم      
تېنىمنى مەھەللە سىرتىدىكى قارا قورام تاش ئۇستىگە تاشلاشتى  
بېشىمنى ئىگىز خادىغا چېچىمدىن ئېسىشتى   
ئۈچ كۈن تېنىم بىلەن بېشىم ئارىسىدا يۈردۈم
كۆزۈمنىڭ قارىسىنى چوقۇماقچى بولغان قۇزغۇنلارنى
تاشلاندۇق تېنىمنى يىمەكچى بولغان چىلبۆرىلەرنى
زىنھار يېقىن كەلتۈرمىدىم
يۈزىنى تاتىلاپ قان قىلغان
چاچلىرىنى چۇۋۇپ يۇلغان ئانامنىڭ
يۈزلىرىنى سىلىدىم
ياشلىرىنى ئېيتتىم
چاچلىرىنى سۆيدۈم
ئۇ مېنىڭ شۇ يەردە بارلىقىمنى بىلەتتى
لېكىن مېنى كۆرمەيتى
يەنە شۇ تەڭرىلەرگە نالە قىلاتتى
ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇراتتى  
ئاۋۋال ئۇلاردىن ئەجداتلار كېلىپ مېنى قوغلىدى
مېنى قامچا بىلەن ساۋىدى  
دەريا بويىغا كېتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن يەنە كەلدىم
ئانامنى نەزىر قىلغىلى قويۇشمىدى  
ئاندىن ئۇلاردىن  باتۇرلار كېلىپ مېنى قوغلىدى
مېنى خەنجەرلەردە كەستى  
چۆلگە  قېچىپ كېتىپ يەتتە كۈندە قايتىپ كەلدىم
ئاخىردا ئۇلاردىن خاقانلار كەلدى
ماڭا نەيزىلەرنى تىقتى
شۇ قاچقانچە
مەندەكلەرگە تەئەللۇق يەرلەردە
گۆرىستانلاردا
قانلىق ئازگاللاردا
يول بويلىرىدا
ئېقىن باشلىرىدا
چوڭ كۆۋرۈكنىڭ تەگلىرىدە
يۇندا ئازگاللىرىدا
ئەسكى تاملاردا
قاراڭغۇ كامارلاردا
سەرسان بولۇپ يۈردىم
ياتلارغا ، مەينەتلەرگە ، گۇناھكارلارغا
سۈرگۈنلەرگە ، يامانلارغا قوشۇلدۇم
شۇنچە ئۇزۇن
ئاچ ، سەرسان ، يىگانە ، جىمجىت ئۆتتۈم
( ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئانامنى زادىلا ئۇچراتمىدىم)
ھېچكىمگە چېقىلـمىدىم
ھېچكىم بىلەن تالاشمىدىم
باشقىلار بوزەك قىلسا جىم تۇردۇم  
قورقۇپ ، قېچىپ ، مۆكۈنۈپ يۈردىم  
تاكى ئاشۇ كۈنى   
سېنى ئۇچراتقانغا قەدەر
4
ئۇمۇ بىر ئاي تولغان كېچە ئىدى
بىر سالقىن يەكشەنبە ئىدى  
سەن ۋېلسىپىت مىنىپ  
مېنىڭ يېنىمدىن ئۆتۈپ قالدىڭ  
تېخى يېقىندا   
دىۋىلەرنىڭ سەركەردىسى سەنجىۋانى دىۋە
كۆۋرۈك ئاستىدىكى ئۇۋامنى تارتىۋالغانىدى     
مەن ئامالسىز
مەھەللە سىرتىدىكى يول بويىدىكى
يالغۇز قېرى سىدە دەرىخىگە كۆچۈپ كەلگەن ئىدىم
كېچىدە بۇ يەردىن دائىم ئادەم ئۆتەتتى
يالغۇزلۇقتا ئىچىم پۇشۇپ
(بۇ مېنىڭ بىردىنبىر دەردىم ئىدى )
ئۆتكەن ھەر بىر ئادەمگە دىققەت قىلاتتىم
لېكىن بىركىمگە چېقىلىش نىيىتىم بولـمىغاچ
ھېچقانداق ئادەمگە قىزىقمايتىم
قاراڭغۇ چۈشۈپ ئۈزۈن ئۆتمەي      
سىدە ئۈستىدە ئولتۇرۇپ
ۋەلسىپىتنىڭ جىرىڭلاپ ماڭغان تىۋىشىنى ئاڭلاپ پەسكە قارىدىم
ئاي نۇرىدا
سېنى شۇنچە ئېنىق كۆردۈم
ئاي نۇرىدا
سېنى بەكمۇ تونۇش سەزدىم
ئاي نۇرىدا  
سېنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم  
ئاي نۇرىدا
مەندە زادى بولۇپ باقمىغان
مەندە زادى بولۇپ باقمىغان
مەندە زادىلا بولۇپ باقمىغان
بىر ھال يۈز بەردى
ئاي نۇرىدا
ئويلىنىشقا ئۈلگۈرمەيلا   
ئىككىلىنىشكە ئۈلگۈرمەيلا   
شاختىن ئۇچۇپ ساڭا ئەگەشتىم
سەن خۇددى مېنى سەزگەندەك
ياكى
يالغۇز سېدىدىن قورققاندەك
ۋەلسىپىتنى تېخىمۇ ئىتتىك ھەيدىدىڭ
ئاھ ، نەقەدەر شېرىن  
سېنىڭ تېنىڭدىن چىققان سۇس خۇشپۇراق     
ئاھ ، نەقەدەر گۈزەل
سېنىڭ يۈزۈڭ ، كۆزۈڭ ، ئاغزىڭ ، بۇرنۇڭ ، لەۋلىرىڭ
ئاھ ، نەقەدەر سېھىرلىك   
سېنىڭ چۆچۈپ تۇرغان روھىڭ ، تىترەپ تۇرغان تېنىڭ
مەن ئەتراپىڭنى ئايلىنىپ  
سېنى راسا كۆرىۋالدىم
سېنى راسا پۇرىۋالدىم
سېنى راسا تۇنۇۋالدىم   
ساڭا شۇنداق ئەگىشىپ
ئىشىكىڭ ئالدىغىچە باردىم
ئۆيگە كىرىشكە جۈرئەت قىلالـماي  
تالادا تەنھا قالدىم
5
ئەمدى مەن ئۈچۈن ئاجايىپ كۈنلەر باشلاندى
كۈندۈزلىرى ئۇيقۇسىز ۋەيران
كېچىلىرى ئاۋارە سەرسان
سەندىن ئايرىلغۇم كەلـمەيتى
سېنى كۆرۈپ تۇرۇشتىن باشقا ئىشىم يوق ئىدى
سەن كۈل تۆكسەڭ
سەن يۇندا تۆكسەڭ
سەن ئەخلەت تۆكسەڭ
بىزگە مالاللىق يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن
بىزگە بولغان ھېيىقىش ۋە ھۈرمەت بىلەن  
چىن كۆڭلۈڭدىن چىقىرىپ
پوش ، پوش ، پوش ... دەيتىڭ
مەن بۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتىم
سېنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىڭ
سېنىڭ ئىخلاسمەنلىكىڭ
سېنىڭ قورقۇنچاقلىقىڭ
مېنى ئاجايىپ تەسىرلەندۈرەتتى
سەن سىنىپتا دەرس ئاڭلاۋاتقاندا
سەن مەكتەپ ھويلىسىدا كىتاب ئوقۇۋاتقاندا
سەن كارىدوردا ساۋاقداشلىرىڭ بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا
سەن ۋېلسىپىت بىلەن ئۆيۈڭگە قايتقاندا
سەن تاماق يەۋاتقاندا
سەن دەرس ئۆگىنىۋاتقاندا
سەن قاچا يۇيۇۋاتقاندا
سەن خىيال سۈرىۋاتقاندا
سەن يۇيۇنىۋاتقاندا
سەن دۇئا قىلىۋاتقاندا   
ھەتتا سەن ھاجەتخانىدا ئولتۇرغاندا
ھەرقانداق جاي ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتا
مەن سەن بىلەن بىللە ئىدىم
(بىردىنبىر كىرەلـمەيدىغان يېرىم
سېنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە ھۇجرا ئۆيۈڭ ئىدى
چۈنكى ئۇ ئۆيدە يوغان بىر تىكلىمە ئەينەك بار ئىدى )
سەن ماڭغان يولدا تۇراتتىم
سەن ئولتۇرغان يەردە ياتاتتىم
سەن سۇ ئىچكەن جۈمەكنى سۆيەتتىم
سەن مىنگەن ۋېلسىپىتنى سىلايتىم
سەن تاماق يىگەن قاچىلارنى يالايتىم
سەن كىيگەن كىيىملەرنى تۇتاتتىم  
سەن تۇتقان نەرسىلەرنى پۇرايتىم   
سەن بۇلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدىڭ
سەن مېنى تونىمايتىڭ
سەن مېنى بىلـمەيتىڭ
سەن مېنى ھېس قىلـمايتىڭ  
سېنىڭ مېنى تونۇشۇڭ
سېنىڭ مېنى بىلىشىڭ
سېنىڭ مېنى ھېس قىلىشىڭ
ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى
مەن ئۆزۈمگە ئوخشىمايۋاتاتتىم  
مەن ئاشىق بولغانىدىم
مەن ساڭا ئاشىق بولغانىدىم
بۇ ئاشىقلىق مەن ھايات چاغدا ماڭا نىسىپ بولـمىغان
ئۆلگەندىن كېيىنمۇ
شۇنچە نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان
ماڭا زادى ئۇچراپ باقمىغان
نېسىۋەم ئىدى
مەندەك بىر سۆيگۈسىز ئۈچۈن
مەندەك بىر سۈرگۈن ئۈچۈن  
مەندەك بىر مەھكۇم ئۈچۈن
مەندەك بىر مەشئۇم ئۈچۈن
بۇ سۆيگۈنىڭ
بۇ سەۋدانىڭ
بۇ ۋەسۋەسىنىڭ   
قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكى ساڭا نامەلۇم ئىدى
6
قىش كېلىپ تەتىل بولدى  
سەن تالاغا كۆپ چىقماس بولدۇڭ  
مەن ئۆيۈڭنىڭ ئەتراپىدا چۆگىلەپ يۈردۈم   
چېچىلغاق ئوي ـ خىيالىم  
تىزگىنسىز قىلىقلىرىم  
بىسەرەمجان ئەھۋالىم  
كەم ـ كۈتىسىز ئاشىقنىڭ ئىدى
كۈندۈزلىرى سېنى ھويلىدا كۆرەتتىم  
سىرىتلارغا چىققاندا
ساڭا ئەگىشەتتىم   
سەن بىلەن بىللە ئىدىم  
لېكىن ئېھتىيات بىلەن ئارىلىق ساقلايتىم
(ئۇلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقاتتىم )
زىمىستاننىڭ ئۇزۇن كېچىسى
ھۇشسىز دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىدا تەلـمۈرۈپ
خەتەرلىك چوكا مۇزلارنىڭ ئىچلىرىدە تەلـمۈرۈپ
زەھەرلىك تىكەنلەرنىڭ ئۇچلىرىدا تەلـمۈرۈپ  
قۇترىغان شىۋىرغاننىڭ دۈمبىسىدە تەلـمۈرۈپ
غەمكىن قار گۈللىرىنىڭ ئۆتكۈر بىسلىرىدا تەلـمۇرۈپ
تېڭىرقىغان قېرى قاغىنىڭ قاناتلىرىدا تەلـمۈرۈپ
سېنىڭ يالغۇز تالاغا چىقىشىڭنى كۈتەتتىم
تاسادىپىي چىقىپ قالساڭ  
بۇ جاھانغا پاتماي كېتەتتىم  
سېنىڭ ئاياق تۈۋىڭدە ، سېنىڭ باش ئۈستىڭدە
سېنىڭ كەينىڭدە ، سېنىڭ ئالدىڭدا  
ئايلىنىپ يۈرەتتىم  
چاچلىرىڭغا، قوللىرىڭغا، كىرپىكلىرىڭگە  
لەۋلىرىڭگە ، مۈرىلىرىڭگە ، بىلەكلىرىڭگە
قوناتتىم  
سېنى  
ساڭا قورقۇنچ ئېلىپ كېلىدىغان قاراڭغۇدىن
ساڭا زەخمە يەتكۈزىشى ئېھتىمال خەتەرلەردىن
قوغدايتىم
دەل شۇ چاغدا  
دەل شۇ چاغدا  
مەن بىلەن ئالاقىسى يوق بىر مىسكىنلىك  
مەن بىلەن ئالاقىسى يوق بىر مىسكىنلىك  
مەن بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق بىر مىسكىنلىك
سەندە باشلاندى
سېنىڭ شوخلۇقلىرىڭ ئازايدى  
مەن ئامراق بىغەملىكىڭ ئازايدى   
سېنىڭ جەلپكارلىقىڭنى ياراتقان  
سېنىڭ قىممىتىڭنى ياراتقان  
ماڭا ئۈمىد بەخش ئەتكەن  
ماڭا قۇۋۋەت بەخش ئەتكەن   
تەنھالىقىڭ ئاجىزلاشتى   
مەن بىلەتتىم
(بىلـمىسەم نەقەدەر ياخشى ئىدى )
ھامان مۇشۇنداق بولاتتى  
بۇ ئون يەتتە ياشلىق قىزنىڭ گۈزەل دەردى ئىدى
بۇ مەن چوقۇم يۈزلىنىدىغان دەھشەتلىك قىيناق ئىدى
سىلەردە پەقەت بىرلا پارچە سۆيگۈ خېتى بار ئىدى
كىم سۆيگۈ ئىزھار قىلـماقچى بولسا  
شۇ خەتنى كۆچۈرۈپ ئۆز ئىسمىنى يېزىپ  
سۆيگۈ ئىزھار قىلىنغۇچىغا بېرەتتى   
ساڭا ئاشۇنداق خەتلەر كېلىشكە باشلىغانىدى
سەن تەكلىماكاننىڭ مۇشۇ بىر بۇرجىكىدە ياشايدىغان
ئاددىي بىر قىز ئىدىڭ   
مەندەك بىر سەن بىلەن بىر دۇنيادا  
ئەمما باشقا شەكىلدە ياشىغۇچىغا نىسبەتەن
سەن تولىمۇ ئاجىز بىر ئىنسان ئىدىڭ
( سىلەر تولىمۇ ئاجىز ئىنسان ئىدىڭلار )
ساڭا ھەۋەس بىلەن قارىغانلارنى  
ساڭا نيىتىنى بۇزغانلارنى
ساڭا چاقچاق قىلغانلارنى
ساڭا ئاشىق بولغانلارنى
ساڭا سۆيگۈ ئىزھار قىلغانلارنى  
كېسەل قىلىلالايتىم
مېيىپ قىلالايتىم   
ساراڭ قىلالايتىم  
ھەتتا ئۆلتۈرىۋېتەلەيتىم   
لېكىن ساڭا ئاشىق بولغانلىقىم ئۈچۈنلا  
پەقەت ساڭا ئاشىق بولغانلىقىم ئۈچۈنلا   
رەشىك دەردىدە ھەرقانچە پارچىلانساممۇ   
قارا يىپتەك ئۈزۈلسەممۇ   
ئاق لاتىدەك يىرتىلساممۇ  
ئۇنداق قىلـمىدىم
ھەممىدىن مېنى قىينايدىغىنى بۇ ئەمەس ئىدى
ھەممىدىن مېنى قىينايدىغىنى  
سېنىڭ قەلبىڭدە ئەركەكلەرگە ئويغانغان  
بارا ـ بارا كۈچىيىۋاتقان ئىشىق ئىدى  
ھەتتا  
سېنىڭ ئۇلارغا كۈلۈپ قارىشىڭ
سېنىڭ ئۇلارغا چاقچاق قىلىشىڭ
سېنىڭ ئۇلار ئۈچۈن يوشۇرۇن ھاياجانلىنىشىڭ
ئوتلۇق نەپەستە ئۇھ تارتىشىڭ ئىدى  
شۇنداق چاغلاردا  
مەن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالـمايتىم
ئۆزۈمنى ئۆزۈم بوغۇپ
قۇيۇندەك پىرقىراپ
بوغۇلۇپ چىرقىراپ
ئاسمان بىلەن يەر ئارىسىدا قىسىلاتتىم
سەن مەڭگۈ ھېس قىلالـمايدىغان ئوقۇبەت ئىچىدە قىينىلاتتىم
شۇنداقتىمۇ سەندىن زىنھار ئاغرىنمايتىم
سەندىن ئاغرىنمىغىنىم ئۈچۈن بۇ ئازابقا چىدايتىم   
چۈنكى سەن ئىنسان ئىدىڭ  
سېنىڭ ئۆز ھاياتىڭ بار ئىدى   
سەۋەب ۋە نەتىجىسى مېنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان
جەريانى مېنىڭكىگە يەتمەيدىغان  
سۆيگۈڭ بار ئىدى
مەن بۇنى ئەلەم ئىچىدە چۈشىنەتتىم  
لېكىن ئەمدى يامان بولغىنى  
سەن ھوجرا ئۆيۈڭگە بېكىنىۋېلىپ  
تالاغا كۆپ چىقماس بولدۇڭ  
ئۇ ئۆيدىكى ئاشۇ رەزىل چوڭ ئەينەك  تۈپەيلى
مەن ئۇ ئۆيگە كىرەلـمەيتىم
7
مەن سېنى كۆرەلـمىگەنسېرى  
جىددىيلىشىشكە باشلىدىم
بۇنداق جىددىيلىك بىز ئۈچۈن خەتەرلىك ئىدى
مەن ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق ئىدى
مەن خۇددى كېسەل بوپ قالغاندەك
ئۆزۈمدە بىر خىل ئەسەبىيلىكنى سېزىشكە باشلىدىم  
جىددىيلىشىش مېنى قۇترىتىۋاتاتتى
ساڭا يېقىنلىشىشنى   
سەندىن ھېچ ئايرىلـماسلىقنى ئىستەيتىم  
بىزگە نىسبەتەن  
ماڭا نىسبەتەن  
بۇ بەك ئاسان ئىش ئىدى  
بىز سىلەر قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلالايتۇق
بىز سىلەر قىلالـمايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلالايتۇق
لېكىن ئۇنداق قىلىشنىڭ بەدىلى بار ئىدى  
مەن يەنە بىر قېتىم قاتتىق جازالىناتتىم   
سەنمۇ تارتىپ باقمىغان ئازابقا دۇچار بولاتتىڭ
مەن قانداق قىلاي  
مەن قانداق قىلاي  
مەن زادى قانداق قىلاي  
بىزنىڭ ئۈستۈنلىكىمىز دەل بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز ئىدى
مېنىڭ ئۈستۈنلىكىم ھەم مېنىڭ ئاجىزلىقىم ئىدى
دەرەخلەرنىڭ ئۇنتۇلغان كاۋاكلىرىدا
ئەنجان تامنىڭ پىنھان يېرىقلىرىدا
ئىشىكلەرنىڭ كونىرىغان يوچۇقلىرىدا
كېسەكلەرنىڭ قاراڭغۇ ئاراچلىرىدا   
ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇرۇپ  
جىددىيلىك ۋە ئىزتىراپ ئىچىدە  
ئىككىلەندىم  
ئىككىلەندىم  
يەنە ئىككىلەندىم  
نىيىتىمدىن يېنىش ئۈچۈن  
ئەڭ خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ بەرگىنى پۇراپ باقتىم
ئەڭ جەزبىدار  شەپەق نۇرلىرىدا تۇرۇپ باقتىم
ئەڭ سۈزۈك سۇنىڭ كۆپۈكلىرىدە ئۈزۈپ باقتىم
ئەڭ سېھىرلىك كۈيلەرگە ئىسقىرتىپ باقتىم   
ساڭا چەكسىز ئاشىق ئىكەنلىكىمنى
ساڭا شەكسىز ئاشىق ئىكەنلىكىمنى
ساڭا شەرتسىز ئاشىق ئىكەنلىكىمنى   
ئۆزۈمگە تەكرار ـ تەكرار دەپ باقتىم   
لېكىن  
شۇ جىددىيلىكنى   
شۇ ۋەسۋەسىنى  
شۇ كۈچنى  
زادىلا يېڭەلـمىدىم
8
دائىم تەكرارلىنىدىغان ئاشۇ دۈشەنبە كۈنى
ھەممە يەرنى قار قاپلىغان ئايدىڭ كېچە  
سەن يەنە ھويلىدىكى ھاجەتخانىغا چىقتىڭ
قاردا غاچىلداپ ماڭغان ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپلا
سېنى تونۇۋالدىم
سەن ھاجەتخانىغا كىرىپ
شۇنداق چاققانلىق بىلەن
گۈزەل قىياپەتتە ئولتۇردۇڭ
پوش ، پوش ، پوش ...
مەن ئەمدى قاراپ تۇرالـمىدىم
مەن ئەمدى چىداپ تۇرالـمىدىم
مەن ئەمدى كۈتۈپ تۇرالـمىدىم
ئايىقى چىقماس تەقىدىرىمگە تەۋەككۇل قىلىپ
بېشىمغا نېمە كەلسە كۆرەي بولدى دەپ  
ساڭا كېلىدىغان ئازاب ـ ئوقۇبەتنى قايرىپ قويۇپ
دەل پەيتىنى تاللاپ
ئىچىڭگە كىرىۋالدىم   
ھەش ـ پەش دېگۈچە
366 تال تومۇرۇڭغا
444 پارچە ئۇستىخىنىڭغا
تارقالدىم
ئاشۇ دەقىقىدە
دەل ئاشۇ دەقىقىدە   
سەن بىلەن پۈتۈنلەي قوشۇلدۇم
سېنىڭ جېنىڭ مېنىڭ جېنىم بىر جان بولدى
مانا بۇ مېنىڭ خىيالىم ئىدى
مانا بۇ مېنىڭ ئارمانىم ئىدى
مانا بۇ مېنىڭ ۋىسالىم ئىدى
ئاشۇ دەقىقە
دەل ئاشۇ دەقىقە
ۋۇجۇدۇڭغا ئىللىق بىر سېزىم تارقالدى
پىسىڭڭىدە بىرنى كۈلدىڭ
سەندە زادى بولۇپ باقمىغان
سەندە زادى بولۇپ باقمىغان
سەندە زادى بولۇپ باقمىغان
بىر ھال يۈز بەردى  
مەن سېنىڭ ئەڭ نازۇك جايلىرىڭغا بارغاندا
سەن ئاجايىپ بىر لەززەت ئىچىدە ئاھ ئۇردۇڭ
بوش ئېچىلغان ئاغزىڭدىن كىرگەن ئۆتكۈر سوغ ھاۋا
ۋۇجۇدۇڭنى تىترەتتى
لېكىن سەن چېچەنلىك بىلەن
دەرھال خۇدۇڭنى يىغىپ
ئۆيگە ئىتتىڭ ماڭدىڭ  
ئۆيگە ئىتتىك ماڭدۇق
ئەمدى مەن سېنىڭ خۇيۇڭنى تىزگىنلىيەلەيتىم  
ئەمدى مەن سېنىڭ خۇدۇڭنى باشقۇرالايتىم  
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەقلىڭنى ئازدۇرالايتىم  
ئەمدى مەن سېنىڭ زېھنىڭنى ئېلىشتۇرالايتىم
ئەمدى ھوجراڭدىكى ھېلىقى رەزىل چوڭ ئەينەك
كارغا كەلـمەيتى  
سېنى ئۇچراتقاندىن بۇيان
مەن سېنى خۇشال يۈرسە دەيتىم
مەن سېنى ئېچىلىپ ـ يېيىلىپ كۈلسە دەيتىم
ئەمدى مەن سېنى شاتلىققا ئېرىشتۈرەلەيتىم  
ئەمدى مەن سېنى بەختىيارلىققا چۆمدۈرەلەيتىم
مانا ئەمدى مەن سېنى كۈلدۈرۈشكە باشلىدىم
سەن
ئىچ ـ ئىچىڭدىن توختىماي
كۈلەتتىڭ
كۈلەتتىڭ
كۈلەتتىڭ
كۈلۈپ ھالىڭدىن كەتكەندە توختايتىڭ
چارچاپ ئۇخلاپ قالغاندا توختايتىڭ
كۈلەتتىڭ
كۈلەتتىڭ
كۈلەتتىڭ
لېكىن
سېنىڭ كۈلىۋاتقىنىڭ مېنىڭ كۈلكەم ئىدى
نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان مەن كۈلەلـمىگەن كۈلكە ئىدى
تاغلارنىڭ ھىدى سىڭگەن
دەريالارنىڭ تەمى سىڭگەن
قۇملۇقلارنىڭ رەڭگى سىڭگەن
ۋاقىتنىڭ ئوتىدا كۆيگەن
ماكاننىڭ سۈيىدە ئاققان
يالغۇزلۇقنىڭ ئىچىگە سولىنىپ تۇرغان
مىسكىنلىكنىڭ ئاستىدا بېسىلىپ قالغان
سۈپىتى ۋە شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن
كونا كۈلكە ئىدى
بۇ كۈلكىنىڭ ئاۋازى سېنىڭ كۈلكەڭنىڭكىگە ئوخشىمايتى
بۇ كۈلكىنىڭ سىياقى سېنىڭ كۈلكەڭنىڭكىگە ئوخشىمايتى
بۇ كۈلكىنىڭ ئۇدارى سېنىڭ كۈلكەڭنىڭكىگە ئوخشىمايتى
شۇڭا ئاتا ـ ئاناڭ ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭ
سېنىڭ كۈلكەڭنى تونۇيالـمىدى
ھەيرانۇ ھەس بولۇشتى
سېنى كۈلكىدىن توسۇپ باقتى
ساڭا نەسىھەت قىلىپ باقتى
سېنى ئەيىپلەپ باقتى
سېنى تىللاپ باقتى
لېكىن ئامالسىز قالدى
شۇ چاغدىلا ئىشنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ
ۋەھىمىگە چۈشۈشتى  
سېنىڭ ئەھۋالىڭ ھەش ـ پەش دېگۈچە يۇرتقا پۇر كەتتى  
ئەھلى مەھەللە  
سېنى قۇيۇندا قاپتۇ دېيىشتى
سېنى ساراڭ بوپ قاپتۇ دېيىشتى   
يىرگىنىش ۋە ئىچ ئاغرىتىش بىلەن ساڭا قاراشتى
تۆۋە دەپ ياقا چىشلەشتى   
تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ پىشكەللىك
تۇيۇقسىز باشقا چۈشكەن بۇ ئاپەت
ئاتا ـ ئاناڭنى پاراكەندە قىلىۋەتتى  
ئۇكىلىرىڭنى ساراسىمىگە سالدى
ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭنىڭ بېشىنى قاتۇردى
مەن سېنىڭ گۈزەل ئىچىڭدە ئىدىم
خۇددى بىر ئۆمۈر ئوغرىلاشنى ئارزۇ قىلغان نەرسىسىنى
ئاخىر قولغا چۈشۈرگەن نومۇسسىز ئوغرىدەك
خۇشاللىق ۋە دەككە ـ دۈككىدە مەست ئىدىم
ئۆزۈمنى راھەت ۋە شادلىق ئىچىدە ئالدىراش سېزەتتىم
لېكىن ئۆزۈمگە قەتئىي ئوخشىمايۋاتاتتىمكى
پەرۋاسىز ئۇششۇققا
رەھىمسىز شەخسىيەتچىگە
مېھىرسىز قاراپ تۇرغۇچىغا  
ئايلانغان ئىدىم
9
مۇشۇنداق بولاتتى
مۇشۇنداق بولۇشى ئېنىق ئىدى
مۇشۇ كۈن ئاخىر كېلەتتى
مەن ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەندە  
(ھازىرقى ئۆزۈمگە ئايلاندۇرۇلغاندا)
مۇشۇنداق بولۇشى پىشانەمگە پۈتۈلگەنىدى
مەن ساڭا چاپلىشىپ  
ئۆزۈمنى بىلـمەي يۈرگەن ئاشۇ كۈنلەر
ئەمەلىيەتتە
يوشۇرۇن ئىزتىراپ ئىچىدە
مۇشۇ كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتۈش جەريانى ئىدى
مېنىڭ باشقا چارەم يوق ئىدى
ئىلاجىسىزلىق مېنىڭ تەقدىرىم ئىدى
چارشەنبە كۈنى كەچتە
بىز قوشنا مەھەللىىكى ئەما باخشىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىلدۇق  
بۇ باخشى بىزنىڭ كۈشەندىمىز ئىدى
بۇ باخشى ئۇلارنىڭ سىردىشى ئىدى
بۇ باخشى بىزنىڭ بېشىمىزغا ئاپەت ياغدۇراتتى
بۇ باخشى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئامەت ياغدۇراتتى
بىز بىلەن ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا
بۇنداق يامان باخشى ناھايىتى ئاز ئىدى  
12 يېشىدا ئۇنى
ئۇلاردىن بۇقا خاقان
ھەر كۈنى كەچتە جاڭگالغا ئېلىپ كېتىپ
ئۈچ يىل ئۈچ ئاي ئۈچ كۈن مەخسۇس تەربىيىلىگەن ئىدى  
ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە
مۇدھىش كەيپىياتتىن ۋە ئازابلىق بىشارەتتىن
قانچىلىك ۋەھىمىگە چۈشكىنىم
چاندۇرماي جىم تۇرىۋالغىنىم
ئۆزۈمگە ئايان
بۇ قورقۇنچنى بېشىغا كەلـمىگەنلەر
تەسەۋۋۇرمۇ قىلالـمايدۇ
بۇ قورقۇنچنى ھەرقانداق بىر تىلدا تەسۋىرلىگىلى بولـمايدۇ
بۇ قورقۇنچنى ھېچقانداق شەكىلدە ئىپادىلىگىلى بولـمايدۇ   
ئۇ بىزنى كۆرۈپ
تىترەپ تۇرۇپ
ئىشەنچ بىلەن   
بىرسى چاپلىشىپتۇ
ئەركىكى چاپلىشىپتۇ
بەك چىڭ چاپلىشىپتۇ
بەك جاھىلى ئىكەن
بەك ئەسكىسى ئىكەن
بەك كونىسى ئىكەن
دەپ ھۆكۈم قىلغاندا  
سېنى سۇپىدىكى كىگىزدە ياتقۇزغاندا
قاراڭغۇ تار ئۆينىڭ تۆت تېمىغا
قىرىق تال نوكچا چىراقنى ياققاندا
ئادراسمان بىلەن قوي مېيىدا بۇي سالغاندا
يېنىڭغا سۈت بىلەن ئەينەكنى قويغاندا
«ئازايىم» دۇئاسىنى ئوقۇپ ئۇلارنى چىللىغاندا   
قولىغا خەنجەر ئېلىپ ساڭا تەڭلەپ مېنى قورقۇتقاندا
چىلان شېخى بىلەن سېنىڭ بەدىنىڭگە ئۇرۇپ
كۆچ ، كۆچ ، كۆچ ، ئەسكى تامنىڭ قېشىغا بار  
كۆچ ، كۆچ ، كۆچ ، يالغۇز دەرەخنىڭ قېشىغا بار
كۆچ ، كۆچ ، كۆچ ، تۇل خوتۇننىڭ قېشىغا بار
كۆچ ، كۆچ ، كۆچ ، كونا تۈگمەننىڭ قېشىغا بار
كۆچسەڭ كۆچتىڭ  
كۆچمىسەڭ  قوڭاڭغا بورا يۆگەپ ئوت قويىمەن
دەپ مېنى سەندىن ئايرىۋەتمەكچى بولۇپ
تەھدىت سالغاندا
كۈلىۋېرىپ ھالىڭدىن كەتكەن سېنىڭ  
ئەتراپقا ۋە ئۆزۈڭگە دىققەت قىلغۇدەك مادارىڭ يوق ئىدى
مەن بولسام سېنىڭ ئىچىڭگە تېخىمۇ مەھكەم ئورناپ
جان - جەھلىم بىلەن ئورۇنسىز تىركىشىۋاتاتتىم
ئاندىن ئۇ ئۇلۇغ روھلار نامىدىن دەم سېلىپ خىتاب قىلغاندا
تورۇستىن ئارغامچا چۈشۈرۈپ
ئاق ، كۆك ، قارا ، قىزىل لاتىدا تۇغ باغلىغاندا
سېنى ئاشۇ ئارغامچىغا ئېسىلدۇرۇپ
داپ چېلىپ دۈرۈت ئوقۇپ مېنى ئويناتماقچى بولغاندا
سېنى قامچا بىلەن ئۇرۇپ ھەيدەپ ئارغامچىنى چۆگىلەتكەندە
سەن
چۆگىلەپ
چۆگىلەپ  
چۆگىلەپ
بىھۇش بولغاندا
دەل مۇشۇ چاغدا
ئۇلار كەلدى
ئۇلار كەلدى
ئۇلار كەلدى  
قوللىرىدا مىسران قىلىچ
ۋۇجۇدىدا كۈچ ـ قۇۋۋەت
ئارقىسىدا قىزىل شامال
ئاشۇنداق سۈر ـ ھەيۋە بىلەن كەلدى
ئاسماننى تىتىرىتىپ
يەرنى تەۋرىتىپ
ئاشۇنداق كەلدى  
ئەمدى ھېچقانداق ئۈمىد قالـمىغان ئىدى
مەن سېنىڭ تېنىڭدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر ئىدىم
ئىلاجىسىزلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكى
مەندە نۇرغۇن قېتىم نامايەن بولغان
ئەمدى يەنە بىر قېتىم بېشىمغا كەلگەن ئىدى
مەغلۇبىيەتكە تەكرار ـ تەكرار يۈزلەنگەن ئىدىم
يېڭىلىشقا قايتا ـ قايتا كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم
قوغلىنىش ئەمدى ئېغىر كەلـمەيدۇ دەپ ئىشەنگەن ئىدىم
لېكىن ئۇنداق بولـمىدى
ئۇنداق بولـمىدى
يەنە بىر قېتىم خورلۇق ۋە ئەلەمگە دۇچار بولغان ئىدىم
ئاشۇنداق ھالدا
سېنىڭ سىلىق تېنىڭدىن
سېنىڭ ئىسسىق جېنىڭدىن
يېنىپ چىقىدىغان بولدۇم
زادىلا كۆزۈم قىيماي  
زادىلا كۆزۈم قىيماي  
زادىلا كۆزۈم قىيماي  
سەندىن  
ئاستا
ئاستا
ئاستا
ئا ـ ج ـ ر ـ ى ـ د ـ ى ـ م
مەن سېنىڭ ئىچىڭدىن يېنىپ چىققان ئاشۇ ئاۋازنى  
سەندىن ئاجرىغان ئاشۇ مۇڭلۇق ئاۋازنى
سىلەر ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئاشۇ بىنەپشە ئاۋازنى  
سەن ئاڭلىيالـمىدىڭ ، سەن ئاڭلىيالـمايتىڭ
10
مەن سەندىن يېنىپ چىقتىم
سەندىن يېنىپ چىقتىم
يېنىپ چىقتىم
چىقتىم
قىش كېچىسىنىڭ ئېغىر قوينىدا
سوغۇق قاراڭغۇلۇقنىڭ ئەڭ قويۇق ئىچكىرىسىدە
مەن بىر يىگانە مەغلۇپ  
مەن بىر ھىجرانكەش بىچارە
مەن بىر ئىلاجىسىز قوغلاندى
سەندىن يىراققا كېتىۋاتاتتىم  
مەن ۋە سەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ يۇرت ۋە ئۇنىڭ
توپىلىرى ، سۇلىرى ، تاشلىرى
قۇشلىرى ، دەرەخلىرى ، گىياھلىرى
قۇياشلىرى ، ئايلىرى ، يۇلتۇزلىرى
رەڭلىرى ، پۇراقلىرى ، ئاۋازلىرى
روھلىرى ، ئادەملىرى ، ھايۋانلىرى
.... نىھايەتكى .....
سەن بىلەن باغلىنىشلىق ھەممە نەرسە  
مەندىن ئاستا ـ ئاستا يىراقلاۋاتاتتى
مېنىڭ ئېلىپ ماڭغىنىم كۈچلۈك ئەسلىمە بىلەن
مۇنداق بىر ئاجىز ئىشەنچ ئىدى :   
سېنىڭ ئىچىڭ چوقۇم مېنى ئىزدەيدۇ   
ئۈگىلىرىڭ ۋە تومۇرلىرىڭ
ئۇستىخانلىرىڭ ۋە سۆڭەكلىرىڭ
چوقۇم مېنى سېغىنىدۇ
سېنىڭ روھىڭ ھامان مېنى چاقىرىدۇ
سەن ئۆزۈڭدە مەڭگۈ بىر كەمتۈكلۈكنى ھېس قىلىسەن
سەن كەلگۈسىدە يارىڭ بىلەن سۆيۈشكەنلەردە
سەن كەلگۈسىدە ئازابلىنىپ ياش تۆككەنلەردە
سەن كەلگۈسىدە ئېرىڭ بىلەن بىللە ياتقانلاردا   
سەن كەلگۈسىدە يولدا كېتىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشكەنلەردە
سەن كەلگۈسىدە قارا بېسىپ چۆچۈپ ئويغانغانلاردا
سەن كەلگۈسىدە بالىلىرىڭنى تۇغقانلاردا
سەن كەلگۈسىدە ھېرىپ ھالىڭدىن كەتكەنلەردە
سەن كەلگۈسىدە چوڭقۇر يالغۇزلۇق ئىچىدە قالغانلاردا
سەن كەلگۈسىدە كېچىدە ۋېلسىپىت مىنىپ ماڭغانلاردا
سەن كەلگۈسىدە ئىچ-ئىچىڭدىن قاقاھلاپ كۈلگەنلەردە
سەن كەلگۈسىدە كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلاردا
ۋە ئەڭ ئاخىر
سەن ئىنسانلىقنى تاماملاپ سەكراتقا چۈشكەندە  
بۇنى غىل ـ پال سېزىسەن ئەمما بىلەلـمەيسەن
مەيلى نېمە دەي ئەمدى بەرىبىر بولدى  
ماڭا ئايان ئىدىكى
مۇشۇنداق بولاتتى
تاغلارنىڭ ھىدى ھامان تاغلاردا قالىدۇ  
دەريالارنىڭ تەمى ھامان دەريالارغا يانىدۇ
قۇملۇقلارنىڭ رەڭگى ھامان قۇملۇقلارغا بارىدۇ
مەنمۇ ئەمدى ئۆزۈمگە قايتىمەن
خەتەرلىك ناتونۇش جايلارغا كېتىمەن
بۇ ھەسرەت - نادامەت ماكانىدىن ئۇزايمەن  
سەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىمەن
مەن ئۆلۈپ بولغان ، ئەمدى ئۆلـمەيتىم
لېكىن يەنە بىر قېتىم تەلتۆكۈس ئۆلگۈم كەلدى  
بۇ دۇنيادىن ئۈزۈل ـ كېسىل يوقاپ كەتكۈم كەلدى  
بەلكىم شۇ چاغدىلا بۇ مەنزىلسىز مۇساپىنى ئاياقلاشتۇراتتىم
بەلكىم شۇ چاغدىلا بۇ چىدىغۇسىز ناتىۋانلىقتىن قۇتۇلاتتىم
بەلكىم شۇ چاغدىلا بۇ نەتىجىسىز ئىشىقنى ئېلىپ كېتەتتىم
بەلكىم شۇ چاغدىلا سەن بىخەۋەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەتتىم   
ئەلۋىدا
ئەي مېنىڭ باغرىم
سەن مېنى بىر تال ئىنچىكە يىپ دەپ بىلگىن  
سەن مېنى بىر دەستە خىرە نۇر دەپ بىلگىن
سەن مېنى بىر لەھزە ئۈزۈك تاۋۇش دەپ بىلگىن   
سەن مېنى بىر مەشۇقسىز ئاشىق دەپ بىلگىن
سەن مېنى روھلارنىڭ ئەڭ ئاجىزى دەپ بىلگىن  
سەن مېنى بىر يەككە ـ يىگانە جىن دەپ بىلگىن     
ئەي مېنىڭ باغرىم
مەن كەتتىم
شۇنداق
شۇنداق  
ئەمدى كەلـمەيمەن
ئەمدى كەلـمەيمەن  

2015 ـ يىل 31 ـ دېكابىر   

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-17 12:12:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام تورداشلار . مەن يازغۇچىلار تورىغا تۇنجى كىرىشىم . ئاشىق داستانىنى ياقتۇرغان دوستلارغا رەھمەت . پىكىر بەرگەن دوستلارغىمۇ رەھمەت . مېنىڭ مۇنداق بىر گەپنى دېگۈم كەلدى : ئەمەلىيەتتە ، بىزنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىغا بولغان نۆۋەتتىكى بىلىمىمىزنى كۆزدە تۇتقاندا ، بىزنىڭ  چەتئەل ئەدىبلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تونۇشىمىز تېخى ساۋاد ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ ، مەيلى ئەدىنۇس بولسۇن ياكى پەدىنۇس بولسۇن . چۈنكى ئەدىنۇس توغرىلىق گەپ قىلغان ۋە ئۇنى كۆككە كۆتۈرگەن ھېچقايسىمىز نە ئەرەب تىلى نە ئېنگلىزچە بىلـمەيمىز . چالا بىلگەن خەنزۇچىمىز بىلەن خەنزۇ تىللىق بولـمىغان ئادەمگە باھا بەرسەك لىللا بولـمايدۇ . شۇڭا ھاياجىنىمىزنى بېسىۋېلىپ ئەتراپىمىزغا قارايلى ، مادارىمىز بولسا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ھادىسىلەرنى قايىل قىلارلىق ماقالىلەر بىلەن تەتقىق قىلايلى.

ۋاقتى: 2016-2-17 21:09:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتتېكىن ئەپەندىم ، مەن خەنزۇچىدىن باشقا تىلنى تۈزۈك بىلـمەيمەن ، شۇڭا بىلىدىغانلىرىم كۆپ ئەمەس . سىز شۇنچە جىق تىللارنى بىلگەندىكىن بۇ يەرگە ئەدىنۇسنىڭ خەنزۇچە ئۈزۈندىلىرىنى چاپلاپ ئاۋارە بولـماي سىز ئېيتقان ئاۋۇ كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ ۋە ئوغرىلارنىڭ قىلـمىشلىرىى پاكىت بىلەن پاش قىلىپ چاۋىسىنى چىتقا يايسىڭىز ياخشى بولاتتى .ئادەمنى ماختاش ئاسان ، تىللاشمۇ ئاسان ، پاكىت كۆرسىتىپ ئىلـمىي تەتقىق قىلىش ئاسان ئەمەس .سىز ئاشۇنداق قىلغان بولسىڭىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن چوڭ ئىش قىلغان بولاتتىڭىز .

ۋاقتى: 2016-2-17 20:51:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-2-17 12:53:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋانگارد شائىرلار ۋە تەرجىمانلارنىڭ 4 ـ قېتىملىق يىغىلىشىدا دىلـمۇرات مۇتەللىپ «شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ شېئىرلىرىدىكى شەھەر تېمىسى » دېگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە ئوقىدى .دىلـمۇرات مۇتەللىپنىڭ ئەسلى كەسپى ئەدەبىيات ئەمەس ، لېكىن ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى سىرىتقا تونۇشتۇرۇش جەھەتتە بىرمۇنچە ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلەرنى قىلىپلا قالـماي ، يەنە ئەدەبىياتقا دائىر ماقالىلەرنىمۇ يېزىۋاتىدۇ .شۇ كۈنى يىغىلىشقا قاتناشقانلار ئۇنىڭ ئاشۇ ماقالىسىدىن بەكلا خۇرسەن بولۇشتى ، ھەتتا بەزىلەر ماقالە دېگەن ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەندە دەپ قېلىشتى .مېنىڭچە ، ئاددىي ئوقۇرمەن بىلەن ئۆزىنى مۇتەخەسىس دەپ چاغلايدىغان كەسپىي ئادەم ئوتتۇرىسىدا پەرق بولۇشى كېرەك . ئاددىي ئوقۇرمەن بىر ئەسەرنى ياخشىكەن ياكى ناچاركەن دېسە بولىۋېرىدۇ ، لېكىن كەسپ ئەھلى ئۆز گېپىنىڭ زاكونىنى دېيەلىشى كېرەك .

ۋاقتى: 2016-2-15 12:05:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى سۆيۈپ ئوقۇدۇم. تىراگىدىيىلىك تۇيغۇ قەلبىمنى جۇغۇلداتتى....

ۋاقتى: 2016-2-15 02:41:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ داستاننى قالدۇرماي ئوقۇۋاتىمەن. سۈزۈك بىر ئېرىق سۇنىڭ ئاشىق يۈرىكىدە بۇلدۇقلاۋاتقان سىماھى كۆزلىرىمنى لال، قەلبىمنى خۇمار قىلدى. تاھىركامنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-2-15 08:49:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىركامنىڭ كۆرۈمسىز ئايال دېگەن شېئىرىنى ئوقۇپ شېئىردىكى يۈكسەك پەللىنى تاپقان بولسام روھ ھەققىدىكى بۇ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز كاتتا تىرىلوگىيەسىدىن دەريادەك ھاياجانلانغانىدىم...
بارلىق رومانلارنى پارغا ئايلاندۇرىۋەتكەن بۇ گۆھەر ئەسەرنى كەلگۈسىدە جەڭ ئېلان قىلىدىغان ئۆرنەك سۈپىتىدە قەدىرلەپ ساقلايمەن.

ۋاقتى: 2016-2-15 12:20:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ،ئۇلار ....تاھىر ھامۇت ھەقىقى شائىر .شېئىرنى ئۇنىڭدىن ئۆگەنسە بولىدۇ ...ئۇ ھەقىقى يوقلۇقنى ئاشكارلغۇچى

ۋاقتى: 2016-2-15 17:25:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-2-15 17:49:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىر ھامۇتنىڭ «ئاشىق»ناملىق داستانى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ....ئۈن دىداردا تولۇق
ئوقۇپ چىققان ئىدىم،بۈگۈن يازغۇچىلار تورىدىمۇ يەنە بىر نۆۋەت ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغۇنىمدىن خۇرسەنمەن. يارايدىلا....!

ۋاقتى: 2016-2-15 19:16:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-15 07:23 PM  
قاراتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-15 05:25 PM
جۇلا بۇرادەر، قىسقىچە بەرگەن بۇ باھادىن داستاننى ھەم ...


دوستۇم قاراتۇغ، بۇ ئەسەرنىڭ چوڭقۇرلىقىغا يېتىشتىكى پەقەت كىچىككىنە بىر كۆز (قۇدۇق مەنىسىدىكى)نى ئوتتۇرىغا قويۇپسەن، بۇ ئەسەردىن شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ زىل-زىلىگە كەلدىمكى، تەندىن ئاجراپ چىققان روھنىڭ تۇرار دەرگاھى بولغان جەننەتتە ئارامخۇدا راھەتنىڭ پەيزىنى سۈرمەي، يەنىلا پانىيدىكى ئازاپلىق ھاياتىنىڭ داۋامىنى سۈرۈشكە بولغان چەكسىز تەشنالىقى، مۇھەببىتى ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆزلەنگىنى ئۈچۈن.
مۇھەببەتنى سۆزلەشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كامالەتلىك پەللىسىنى كىم يارىتالىغان؟
مەن ھازىرچە بۇ ئەسەرگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى شۇنچىلىك بايان قىلىپ تۇراي، چۈنكى بۇ ئەسەر بەكلا يۈكسەك سەۋىيىدە چىققان، مەن بۇ ئەسەرگە دۇنياۋىي سەۋىيە، دەپ يۇقۇرى باھا بېرىمەن. سۈرىيىلىك شائىر ئەدىنۇسنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر نادىر شېئىرى بولۇشى ناتايىن، دوستۇم.

ۋاقتى: 2016-2-15 21:26:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېسىل كىتابلارنى ھەقىقىي ھەزىم قىلىپ ئوقۇغاننىڭ بەركەتلىك مېغىزى مانا مۇشۇ تاھىر ھامۇتنىڭ شېئىرى ئىجادىيىتىدىكى يۈكسەك پاراسىتىدا جۇلاسىنى تاپقان...ياشاپ كەت تاھىر ھامۇت!...

ۋاقتى: 2016-2-15 23:03:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-15 11:06 PM  

سۈرىيىلىك شائىر ئەدىنۇسنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر نادىر شېئىرى بولۇشى ناتايىن، دوستۇم.
----------------
ئەنۋەر ،  ئمىنىڭچە  ەدونىسنى مىسالغا ئېلىشنىڭ ھىچقانداق زۆرۈرىيتى بولمىسا كىرەك. چۈنكى ئەدونىس ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز چوڭقۇرلاشقىنى يوق.  ئەدونىسنىڭ روھى دۇنياسى ئىنتايىن مۇرەككەپ شەخس. ھەتتا دىننىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىمىغان.  
      بۇ داستاندىكى ئالاھىدىلىك سۆز ئورنىنى قەستەن ئالماشتۇرماسلىق. يەنە بىر ئالاھىدىلىك سىدام تىل بىلەن چوڭقۇرلىيالىغان. ئورۇنسىز زورۇقۇش يوق. ئۈچىنچى بىر ئالاھىدىلىك تۇيغۇدىكى ئەڭ نازۇك تەرەپلەرنى دەل ۋە  ئەڭ ئورۇنلۇق  سۆز بىلەن ئىپادىلىيەلىگەنلىكىدە.
     ئادەم ھامان تىرادىگىيەنى ئىزدىگۈچى. داستان ياخشى يېزىلغان. ئەمما ئاشىقلىقنىڭ ئىچكى نىداسى ئاچچىق  ئەمما تەلپۈنۈشچان تېرادىگىيەلىك پەللىگە يىتىشكە ئازراق ئارلىق قالغان. بۇ بەلكىم قەستەنلىك ئىچىدىكى كەمتۈكلۈك بولسا كىرەك.  تاھىرغا ئامەت يار بولغاي....
   

ۋاقتى: 2016-2-16 13:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    داستاننى بىر پۈتۈن ھالەتتە قايتا ئوقۇپ يەنە بىر قېتىم زوق ئالدىم.

ۋاقتى: 2016-2-16 13:08:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arttekin يوللىغان ۋاقتى  2016-2-15 11:03 PM
سۈرىيىلىك شائىر ئەدىنۇسنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر نادىر شېئىر ...

دوستۇم مۇختار، ئەدىنۇس توغرىلىق ئېيتقىنىڭىز توغرا، مەن بۇ ئەسەرنىڭ كۆڭلۈمدىكى مۇۋەپپىقىيىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كاللامغا شاققىدە كەلگىنى بويىچە بەك ئويلىنىپ يۈرمەيلا شۇنداق يازغانىدىم.
سىزمۇ ئوبدان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، بەلكىم سىزنىڭمۇ ۋاقتىڭىز قىس بولسا كېرەك، (نىمانداق رېتىمى تېز بۇ كۈنلەرنىڭ) بەزى جەھەتتە تەڭقىسلىقتا قالغاندەك قىلىسىز، مەن پىكىرلەرنىڭ رەڭگا-رەڭ بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. تەنقىتكە ئۇچرىسام قارشى تەرەپنىڭ دادىللىقى ئۈچۈن نومۇر بېرىمەن.
بەزىلەردەك كىچىككىنە تەنقىتكە چىدىيالماي ئىككى ئاي قوشاق قېتىپ ھازا ئېچىپ، ھەممە يەردە ئەرز-ھال ئېيتىپ، ئېزىلگەن پورېلتارىيات قىياپىتىگە كىرىۋالمايمەن. گەپ بولسا دەۋېرىڭ، مەن شۇنداق سۆيۈندۈم.

باھا سۆز

مۇبارەك بولسۇن، جۇلا، ئەپەندىم، بولدى قىلساقمىكىن...  ۋاقتى: 2016-2-16 04:46 PM
ۋاقتى: 2016-2-16 13:47:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2016-2-16 01:08 PM
دوستۇم مۇختار، ئەدىنۇس توغرىلىق ئېيتقىنىڭىز توغرا، م ...

ئەنۋەرنىڭ ئىنكاسلىرى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇدە!

ۋاقتى: 2016-2-16 18:51:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنىۋەرنىڭ ئىنكاسلىرى ئادەمنى راستلا سۆيۇندۇردۇ ئەمما «پار»غا ئايلاندۇرىۋەتتى دىگەن گەپنى  مۇشۇ يەردە  ئىشلەتسە ئىزىغا دەسسىمەي قالامدۇ - قانداق ؟

ۋاقتى: 2016-2-16 21:20:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەدئىي تەپەككۇرنىڭ يۈكسەك نامايەندىللىرى داۋاملىق موشۇنداق تەرىپ سۆزلۈرىمىزنىڭ نامراتىقىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ …

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش