قار
ئوسمانجان ساۋۇت
پايانى يوق كۈمۈش دېڭىزنىڭ،
قار بېسىپتۇ كەڭرى دالىنى .
دەل-دەرەخلەر ئاق رومال ئارتقان،
ئەسلىتىدۇ ئاق چاچ ئانىنى .
ياتار ئەنە ئېتىزلار،قىرلار،
ئاپئاق قارنى قۇچاقلاپ مەھكەم .
يۇمشاق مامۇق يېيىپ قويغاندەك ،
كۆرىنىدۇ ئاجايىپ كۆركەم .
دەيدۇ ئېتىز ئاق قارغا ھامان :
سەن بېرەرسەن تەنلىرىمگە جان .
كەلگىنىدە گۈلباھار پەيتى ،
مەن بېرەرمەن مايسىلارغا قان .
ياغقىن،ياغقىن ئاسمان چېچىكى،
خۇشاللىنىپ ئالقىشلاي سېنى .
تاتلىق-تاتلىق مەي بېرىپ تەنگە،
قىزىلگۈلدەك ياشناتقىن مېنى.
1962-يىلى 1-ئاي ئۈرۈمچى
forum.php?mod=viewthread&tid=11925