قار
پايانى يوق كۇمۇش دىڭىزنىڭ ،
قار بىسىپتۇ كەڭرى دالىنى .
دەل -دەرەخلەر ئاق رومال ئارىتقان ،
ئەسلىتىدۇ ئاق چاچ ئانىنى .
...
....
ياتار ئەنە ئىتىزلار -قىرلار ،
ئاپپاق قارنى قۇچاقلاپ مەھكەم .
يۇمشاق مامۇق يىيىپ قويغاندەك ،
كورىنىدۇ ئاجايىپ كوركەم .
دەيدۇ ئىتىز ئاق قارغا ھامان :
سەن بىرەرسەن تەنلىرىمگە جان .
كەلگىنىدە گۇلباھار پەيتى ،
مەن بىرەرمەن مايسىلارغا قان .
ياغقىن ..ياغقىن ئاسمان چىچىكى ،
خۇشاللىنىپ ئالقىشلاي سىنى .
تاتلىق -تاتلىق مەي بىرىپ تەنگە ،
قىزىلگۇلدەك ياشناتقىن مىنى .
1962-يىلى 1-ئاي ئۇرۇمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-13 10:03