كۆرۈش: 688|ئىنكاس: 22

شائىر قۇربان باراتنىڭ تۇنجى شېئىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شائىر قۇربان باراتنىڭ تۇنجى شېئىرى

كاككۇك

كاككۇكۇم، چىرايلىقسةن كۆكلةم مةۋسۇمى
يۇرتۇمنى سېغىنىپ كةپسةن يىراقتىن.
تةبىئةت ياپيېشىل، نةپةس ئالىسةن_
گۈللةردىن ئۇرغۇغان شېرىن پۇراقتىن.

بوستانلار ئارىلاپ، باغلاردا سايراپ،
زېمىنگة تاشلايسةن مةپتۇن بىر نةزةر.
كۆزۈڭگة چېلىقماي قالغاندۇ تاشلىق،
قةدىمىي سايلىقلار، يانياقلىق يةرلةر.

ھة، بۈگۈن يۇرتۇمدا ئۆزگىرىشلةر چوڭ،
ۋادىغا ئايلاندى قاغجىراق تاشلىق.
دېھقانلار ئۆم بولۇپ كوپىراتىپتا،
ئويغانغان دةشىتلةردىن ئالماقتا ئاشلىق...
                                1956-يىل    ئىيۇل ،    ئاغۇ
______________
ئىزاھ : مةزكۇر شېئىر «بوستان» ژۇرنىلى  (يةنى ھازىرقى«كروران»ژۇرنىلى) نىڭ 1997-يىل 2-سانى 51 - بېتىدىكى  « مةشھۇرشائىرلىرىمىزنىڭ تۇنجى شېئىرى ۋة ۋةكىللىك شېئىرلىرىدىن نةمۇنة » سةھىپىسىدة ئېلان قىلىنغان.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-6 18:01:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇستاز شائىرىمىزنىڭ تۇنجى يازغان ئەمەس، تۇنجى ئېلان قىلىنغان شېئىرى بولسا كېرەك...

ۋاقتى: 2016-2-6 18:09:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قار


ئوسمانجان ساۋۇت

پايانى يوق كۈمۈش دېڭىزنىڭ،
قار بېسىپتۇ كەڭرى دالىنى .
دەل-دەرەخلەر ئاق رومال  ئارتقان،
ئەسلىتىدۇ ئاق چاچ  ئانىنى .

ياتار ئەنە ئېتىزلار،قىرلار،
ئاپئاق قارنى قۇچاقلاپ مەھكەم .
يۇمشاق مامۇق يېيىپ قويغاندەك ،
كۆرىنىدۇ ئاجايىپ كۆركەم .

دەيدۇ ئېتىز ئاق قارغا ھامان :
سەن بېرەرسەن تەنلىرىمگە جان .
كەلگىنىدە گۈلباھار پەيتى ،
مەن بېرەرمەن مايسىلارغا قان .

ياغقىن،ياغقىن  ئاسمان چېچىكى،
خۇشاللىنىپ ئالقىشلاي سېنى .
تاتلىق-تاتلىق مەي بېرىپ تەنگە،
قىزىلگۈلدەك ياشناتقىن مېنى.

1962-يىلى 1-ئاي  ئۈرۈمچى



forum.php?mod=viewthread&tid=11925

ۋاقتى: 2016-2-7 11:09:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى شېئىردىن ئوخشاش ھۇزۇر ئالدىم.....ئۇلار ھەقىقەتەن بالا چاغلىرىدىلا  چاقنىغان ئىكەندۇق..................

ۋاقتى: 2016-2-7 14:06:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەبئىي چىققان شېئىركەن .

ۋاقتى: 2016-2-7 14:06:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەبئىي چىققان شېئىركەن .

ۋاقتى: 2016-2-7 16:49:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بارمۇ؟  مەن كىچىك چاغلىرىمدا ئاپتورنىڭ «يېشىل ھايات» ناملىق شېئىرىنى ئەدەبىيات كىتابىمىزدا ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە.

تۇرماپمىدى ئاخشاملا تېخى،
دەل دەرەخلەر پوتلا چىقىرىپ.
مانا سەھەر باشقىچە ئالەم،
باغ يېتىپتۇ ھال رەڭ تۈس ئېلىپ.

مۇشۇ كوپلىتى ئېسىمدە قاپتۇ.

ۋاقتى: 2016-2-7 19:40:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    كىشى ئىسىملىرى ئالمىشىپ قالدىمۇ-يا؟

ۋاقتى: 2016-2-7 20:31:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان  قانداراق ئەھۋاللىرى؟ ئالمىشىپ قالماپتۇ ،ئىككىسى ئىككى شائىرنىڭ  تۇنجى ئېلان قىلىنغان شېئىرى ئىكەنغۇ ؟ ئوبدانراق قايلاپ   باقسىلا جۇما ھە ؟

ۋاقتى: 2016-2-7 21:01:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
F201103311003134466709991.jpg

ۋاقتى: 2016-2-7 21:04:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىسىلگەن توغراق
قۇربان بارات

ئەكەلدىم بازاردىن بىر ھارىۋا ئوتۇن،
قار‏-مۇزلار ئىلكىدە قالغاندا جاھان.
سوغۇقتا بىرىدۇ قۇياش تەپتىنى،
مەش ئوتى ئالتۇن رەڭ چېچەكلەيدىغان.

ئوتۇننى رەتلىدىم ۋە بايقىدىمكى،
ھەممىسى قۇرۇق شاخ ئەمەسكەن بىراق.
شاخلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى بىر توپ،
ياش ھەم ھۆل، يېڭىلا كېسىلگەن توغراق.

ئۇ مىنىڭ ئالدىمدا ياتاتتى جانسىز،
ئۆلۇم ئازاۋىدىن ئاچچىق تولغۇنۇپ.
ئانارنىڭ سۇيىدەك قانلىق كۆز يېشى،
كېسىلگەن جايىدا قاپتۇ مۇز بولۇپ.

مەن غالىپ ۋاقىتقا باغلىدىم ئىشەنچ،
ۋاقىت ھەل قىلىدۇ كۆپ مۇشكىلاتنى.
ئۇ ياشنى قېرىتىپ، ھۆلنى قۇرۇتۇپ،
كۆيگۇدەك قىلىدۇ سانسىز ھاياتنى.

ھۆل توغراق ھويلامدا ياتتى قىش بويى،
قەھىرتان سوغۇقلار مۇزلاتتى ئۇنى.
قىش ئۆتتى ۋە ئۇنى قويدى زەربىدە،
باھارنىڭ بورانلىق جۇدۇن- چاپقۇنى.

ياز كېلىپ باشلاندى ئىسسىق كۇنلەرمۇ،
بۇ توغراق ئاپتاپتا ياتتى ھالسىراپ.
ئويلۇدۇم ھۆللىگى يوقالدى بەلكى،
ئاپتاپ ۋە شامالدا قۇرۇپ- قاغىجاراپ.

لىكىن كىم ئويلاپتۇ؟ مەن ھەيران قالدىم،
توغراقنىڭ ئاداققى،مەغرۇر ئىشىدىن:
تومۇزدا نوتىلار چىقتى بىخ ئۇرۇپ،
ئۇنىڭ غول ۋە كېسىك بېغىشلىرىدىن.

دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ يېڭى بىخلار،
كېسىلگەن توغۇراقتىن تاپقان ئىدى جان.
نۇرلۇنۇپ تۇراتتى ئۇلار ياپ - يېشىل،
باھاردا ئويغانغان مايسىدەك يۇمىران.

ۋە ھەممە ھاياتلىق بوغۇنلىرىدەك،
كۆزگە تاشلىناتتى بۇدۇرۇق ھەم ئوماق.
سەبىي بىر نەزەردە بېقىپ جاھانغا،
كۇلەتتى بۆشۇكتە كۇلگەندەك بوۋاق.

تۇغۇلغان بۇ بىقلار ئاپتاپ قوينىدا،
تەلپۇنۇپ تۇراتتى ئەركە ۋە ئويناق.
قەيسەر بىر ھاياتنىڭ ئۆلمەس كۈچىنى،
نامايەن قىلاتتى كېسىلگەن توغراق.

بىلدىمكى،جاڭگالنىڭ بۇ نەۋقىرانى،
تېخى تىز پۇكمىگەن ئۆلۇم ئالدىدا.
ئۆلمىگەن،ئۆتسىمۇ شۇنچە ۋاقىتلار،
ئانا يىلتىزىدىن بولسىمۇ جۇدا.

ئويغاتتى پىكىرىمنى قايناق كۈچ بىلەن،
كېسىلگەن توغراققا ياشنىغان تىھال.
توغراقنىڭ تەغدىرى توغۇرلۇق مەندە،
قوزغالدى ئىلھاملىق،ئەركىن بىر خىيال.

ئويلۇدۇم: مېتالنىڭ قاتتىقى پولات،
تاۋلىنىپ چىقىدۇ يالقۇنلۇق ئوتتا.
قارغاينىڭ قامىتى ۋە يېشىللىقى،
دۇنياغا كېلىدۇ قاتتىق سوغۇقتا.

شۇ كەبى،توغراقنىڭ تەبىئىتىنى،
توۋلىغان جاڭگالنىڭ جەۋىرۇ جاپاسى.
بوستانلار ماكانى ئەمەس ئۇنۇڭكى،
ۋەتىنى - بىپايان قۇملار دۇنياسى.

ئۇ ئانا تۇپىراقتىن تېپىپ ھاياتلىق،
كەڭ چوللەر باغىرىدا ئۆسەر تۇغۇلۇپ.
بىر زامان دەريالارئاققان ئىزلاردا،
ياشايدۇ باراقسان بىر ئورمان بولۇپ.

ياز پەسلى ئالىدۇ ئۇنى قوينىغا،
قۇياشنىڭ يالقۇنى، چۆل بورانلىرى.
قىش كۇنى سوقىدۇ ئۇرۇپ ئاياۋسىز،
تىنىمسىز جەزىرە شىۋىرغانلىرى.

دەريالار قىلمايدۇ ئاڭا غەمخورلۇق،
ۋە ھېچكىم چول ئارا سۇغارماس ئۇنى.
ئېسىگە يەتكەندە يوقلايدۇ پەقەت،
ياز كەلكۇنلىرىنىڭ قىسقا تاشقىنى.

لىكىن ئۇ بەك ئۇزاق ئەسىرلەربويى،
ياشنىتىپ كەلمەكتە ھايات پەسلىنى.
ئۆسمەكتە چۆللەردە يامىراپ ھەرياققا،
ئۇزلۇكسىز كۆپەيتىپ يېشىل نەسلىنى.

دەھشەتلىك زەربىلەر، ياۋايى ئىقلىم،
يوق قىلىپ كېتەلمەس دۇنيادىن ئۇنى.
ئۇ ھامان ئۆسىدۇ بېسىپ كەلسىمۇ،
ئېقىندەك ئۆركەشلىك قۇملار دولقۇنى.

كېسىلگەن، تاشلاندۇق بىر ھالەتتىمۇ،
ئۇ مانا مۇشۇنداق گۇللەيدۇ يەنە.
يېشىل بىخ سۇرىدۇ خۇددى تىرەكتەك،
ھاياتى كۈچىنى قىلىپ تەنتەنە.

ئۇنىڭ بۇ ئاجايىپ گۇللەشلىرىدە،
يارىدار جەڭچىنىڭ كۇلۇشلىرى بار.
ئۆلىمى ئالدىدا ئاخىرقى قېتىم،
قىلىچقا تايىنىپ يۇرۇشلىرى بار.

ئۇ گويا ھاۋادا ئوق يىگەن لاچىن،
بۇلۇتلار باغىرىدا ياڭرىتار سادا.
ئۇ گويا زۇلمەتتە ئۆچكەن بىر يۇلتۇز،
نۇرلانغان ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا.

مەن ئاڭا تىكىلدىم مۇھاببەت بىلەن،
تۇغۇلدى قەلبىمدە مەغرۇر بىر قوشاق.
ئۆلمەس بىر خەلىقنىڭ تىمسالى بولۇپ،
كۆرۇندى كۆزۇمگە كېسىلگەن توغراق.

باھا سۆز

مەن بۇ شېئىرنى ئوقۇپ زىرىكمەيمەن. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.  ۋاقتى: 2016-2-8 08:39 PM
ۋاقتى: 2016-2-7 21:16:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچكۈز لىرىكىسى
قۇربان بارات

سۆيۈملۈك يۇرتىمىزغا كەچكۈز كەلدى،
شۈدېگەر ئېتىزلاردا ياتار داڭگال.
پايانسىز ئېكىنزارلار بوشاپ قالدى،
ئالتۇنرەڭ بولۇپ قالدى يېشىل جاڭگال.

قورۇلۇپ قالدى باغدا گۈل-چېچەكلەر،
كېپىنەك ئېتىلمايدۇ پۇراقلارغا.
قارلىغاچ پىشايۋانغا ئۇۋا سالماس،
تۇرنىلار ئۇچۇپ كېتەر يىراقلارغا.

ئىغاڭلاپ سوغ شامالدا مەجنۇنتاللار،
يوپۇرماق تاشلىشىدۇ بۇلاقلارغا.
ئانىلار ئەللەي ئېيتىپ كىچىلەردە،
يېڭىدىن پوسما تىكەر بوۋاقلارغا.

ئېھ،سەھرا!ئېھ،تەبىئەت قانچە گۈزەل،
گۈزەللىك تۈمەنمىڭ زوق  ئېتەر بەخش.
كەچكۈزنىڭ ئارقىسىدا قىش كېلىدۇ،
دېرىزە ئەينىكىگە ياساپ نەقىش.

ۋاقتى: 2016-2-8 15:46:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇرى يوللىغان ۋاقتى  2016-2-7 16:49
يەنە بارمۇ؟  مەن كىچىك چاغلىرىمدا ئاپتورنىڭ «يېشىل ھاي ...

بۇ  قۇربان باراتنىڭ ئەمەس، ئابلىز نازىرىنىڭ شېئىرىمىكىن

باھا سۆز

شۇنداقمۇ؟ قۇربان باراتنىڭ يېشىل ھايات ناملىق شېئىرىنى تاپساق بولاتتى  ۋاقتى: 2016-2-8 08:44 PM
ۋاقتى: 2016-2-14 00:13:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان بارات شېئىرىمۇ يازىدىكەن -دە ئەسلىدە،يېشىل ھايات دېگەن ئەسىرى دەرسلىكتە بارئىدىغۇ دەيمەن.قۇربان باراتنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-14 11:59:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يىغا قوشىقى»، «ئامىنە»، «دىۋانىنىڭ ھەيكىلى»، «دەريا شارقىرايدۇ قاراڭغۇلۇقتا»، «كەپتەرۋاز»، «يۈز يىللىق تارمار»...قاتارلىق ئېسىل شېئىرلىرىنىمۇ يوللاپ قۇيۇڭلار!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش