يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئا.ئا.سەئىدى

شائىر قۇربان باراتنىڭ تۇنجى شېئىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-2-18 22:34:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەم1 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-14 12:13 AM
قۇربان بارات شېئىرىمۇ يازىدىكەن -دە ئەسلىدە،يېشىل ھاي ...

ياق، قۇربان بارات ئەزەلدىن شېئىر يازمىغان. ئۇ بۇ شېئىرىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىپلا شېئىر يازمىغان، كېيىن نۇرغۇن رومانلارنى يازدى. سىلى بىلەن تەڭ ياشتا چىقامدىكىن.


ۋاقتى: 2016-2-18 22:38:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەم ھەدەمنىڭ ئىنكاسىغا بەك ئۇزۇن كۈلۈپ سالدىم. بىراق، كۈلۈپ بولۇپ، رەھمەتلىك ئىدىل بوۋاينى ئەسلەپ قالدىم ۋە شائىر قۇربان بارات بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر سۆھبىتىنى يوللاپ قوياي دېدىم.
ئىدىل ئاكا، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇ مۇنبەردە بىز بىلەن تەڭ پاراڭلىشىپ، ئېسىل ئەسەر ۋە تەۋۋەررۇك سۆزلەرنى قىلىپ بېرەتتى. مانا ھەش پەش دېگۈچە ئىككى يىلدىن ئارتۇق بولۇپتۇ.

ۋاقتى: 2016-2-18 22:41:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ جاۋابى




شائىرنىڭ جاۋابى


ئىدىل:قۇربان بارات ئەپەندى،سىزنىڭ جۇڭگۇ ۋە دۇنيا ئەدىبلىرىدىن تۇتقان ئۇستازلىرىڭىز بارمۇ؟
قۇربان بارات:مەن دۇنيا ئەدىبلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاتار، ئەزەربەيجان تىللىرىدىكى تەرجىمىلىرى ئارقىلىق، كېيىنرەك، يەنى ئالىي مەكتەپنىڭ كېيىنكى يىللىقلىرىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى ئارقىلىق ئۇچراشتىم، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك باشلانغۇچ مەكتەپتە روس شائىرلىرىدىن ئا. س. پۇشكىن، م. يۇ. لىرمونتوۋ، گىرتىسىن ھەم نىكراسوۋ بىلەن  ئۇيغۇر ئەدىبلىرىدىن ئۆمەر مۇھەممىدى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زۇنۇن قادىرىلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەنتونۇشتۇم، كېيىنكى  زورئەدىبلىرىمىزنىڭ  «غۇنچە»،  «قانلىق داغ» ناملىق  دىرامىلىرىنىڭ  غۇلجىدا بېسىلغان كىتابچىلىرى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە قولىدىن قولغا ئۆتۈپ ئوقۇلاتتى، ئۇندىن تاشقىرى مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا غۇلجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە نەشر قىلىنغان «ئىتتىپاق» ژۇرنىلىنىڭ ھەممە سانلىرى، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىن كېلىدىغان، «شەرق ھەقىقىتى» «قازاق ئىلى» ناملىق ئۇنۋىرسال ژۇرناللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇق سانلىرى بار ئىدى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەنىدىن كېيىن، مەن ئوقۇيدىغان كىتابلارنىڭ ژۇرناللارنىڭ دائىرسى تېخىمۇ كېڭەيدى، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كۇتۇبخانىسى تېخىمۇ باي ئىدى، دۇنيا ئەدەبىياتى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىياتى روس كىلاسسىك ئەدەبىياتى سوۋىت ئەدەبىياتى، ھىندىستان ئەدەبىياتى ئىران ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بار ئىدى، ئەڭ مۇھىمى، ئۆز بېكىستاننىڭ ئەدەبىيات ژۇرنىلى «شەرق يۇلتۇزى» ئايمۇ ئاي كېلىپ تۇراتتى، بۇ ژۇرنال مرنى قىزىقتۇرۇپ قويدى، مەن بۇ ژۇرنال ئارقىلىق ئۆز بېكىستاننىڭ ئۆتكەن ئەسرنىڭ 40-50- يىللىرىدا ئۆتكەن شائىرلىرى بىلەن، غايۇر غولام خەمد ئالىمجان، زۇلپىيە، مىرزا شەيخزادە مىرموھسىن قاتارلىقلار بىلەن ۋە باشقا ئەدىبلىرى بىلەن تونۇشتۇم، مەن بۇ ژۇرنالنى ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ تاكى 1962- يىلى بۇ ژۇرنالنىڭ كېلىشى توختاپ قالغانغا قەدەر ئايمۇ– ئاي سانمۇ–سان ئوقۇدۇم، بۇ ژۇرنال ئۇيىللاردا ئۈرۈمچىدىكى «جۇڭگۇ سوۋىت دوستلۇق كۇتۇبخانىسى» دېگەن كۇتۇبخانىغا كېلىپ تۇراتتى، بۇ ژۇرنال ماڭا بەدئىي ئەدەبىياتنى مەخسۇس ئۆگىتىدىغان يەنە بىر ئالىي مەكتەپ بولغانىدى، چۈنكى ئۇ ژۇرنالنىڭ سەۋىيسى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، رومانلارنى پارچىلاپ ئېلان قىلاتتى، ئەدەبىي بەس- مۇنازىرىلەر بولاتتى، ئەدەبىيات نەزەرىيسى بويىچە تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلاتتى، باشقا ئەللەر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدىبلىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ تۇراتتى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر كىلاسسىكلارنى يادلايتتى ۋە تەتقىق قىلاتتى، بىز ئۈرۈمچدىكى ئۇ كۇتۇبخانىغا دائىم باراتتۇق، ژۇرنالنىڭ ھەر بىر يېڭى سان كەلگەندە تالىشىپ يۈرۈپ ئۆچرەت بولۇپ كۆرەتتۇق، مەن ئۇ كۇتۇبخانىغا تولاراق شائىر تۇرسۇنئاي ھۈسەين بىلەن بىللە باراتتىم، شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭمۇ ئۇ ژۇرنالنىڭ يېڭى سانىنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم.

ئوتتۇرا مەكتەپتە، شۇنداق باي كۇتۇبخانىنى باشقۇرۇش ئىشى پىئونېرلار چوڭ ئەترىتىگە تاپشۇرۇلۇپ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈپ قالغانىدى، مەن ئۇ كۇتۇبخانىغا خالىغان ۋاقتىمدا كىرىپ- چىقالايتتىم، خالىغان كىتاب ياكى ژۇرنالنى ئالالايتتىم، شۇڭا، يازلىق ۋە قىشلىق تەتىل مەزگىلىلىرى ئۆيدە ئوقۇيدىغانغا ئۇ كىتابلاردىن خۇرجۇننىڭ ئىككى كۆزىگە لىق قاچىلاپ ئۇنى دادامنىڭ ئىشىكىگە ئارتىپ ئېلىپ چىقىپ كېتەتتىم، تەتىلدىن يىغىلغاندا ئەكىرىپ، جاي- جايىغا قويۇپ قوياتتىم.

ئالىي مەكتەپكە كېلىپ، مېنىڭ دەسلەپ كىرگەن يېرىممۇ بۇ مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسى بولدى. بۇ كۈتۈپخانىمۇ ناھايىتى باي ئىدى. مەن ئۇنى ئارىلاپ يۈرۈپ، ئارىسىدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئوتتۇرا مەكتەپتىلا ئوقۇپ بولغانلىقىمنى بايقاپ ھەيران بولدۇم، بار كىتابلاردىن ئوقۇمىغانلىرىم ناھايىتى ئاز قالغان ئىدى، مەن ئۇلارنى 1- يىللىق ئىچىدىلا ئوقۇپ تۈگەتتىم، 2- يىللىققا كۆچكەندە، ئۇيغۇرچىدا مەن ئوقۇيدىغان كىتاب قالمىدى.لېكىن كىتاب ئوقۇمىسام بولمايتتى، خەنزۇتىلىدىكى كىتابلارنى مەن ئۇ چاغدا تېخى ئوقىيالمايتتىم، شۇڭا، تىل جەھەتتىن ئوڭايراق چۈشىدىغان ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز، ئەزەربەيجان تىللىرىدىكى كىتابلارنى ئوقۇشقا تۇتۇش قىلدىم. ئىنىستىتونىڭ كۈتۈبخانىسىدا بۇ تىللاردىكى كىتابلارمۇ نۇرغۇن ئىدى. بۇ تىللاردا، مەن ئۇكرائىن شائىرى تاراس، شىۋچىنكۇ، تاتار شېئىرلىرىدىن ئابدۇللا توقاي، ھادى تاقتاش، مەجىت غاپورىلار، ئازاربەيجان شائىرى سەمەد زورغۇن، ئا.س.پۇشكىننىڭ تولۇق توملىرى، قازاق شائىرلرىدىن ئاباي، قاسىم ئامانجولوۋ، ئىران شائىرلىرىدىن ھاپىز شىرازى، شەيخ سەئىدى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشتىم، بۇ تىللار بىلەن ئۇيغۇرتىلى ئارىسىدىكى قىسمەن فونتېك پەرقلەرنى ۋە تەلەپپۇز خۇسۇسىيەتلىرىنى ئوڭايلا ئاڭقىرىپ ئالدىم.شۇنىڭ بىلەن، كىتاب ئوقۇشتا ۋە دۇنياۋىي شېئىرىيەتتىن ئۆگىنىشتە ماڭا يېڭى بىر مەنبە ئېچىلدى.مەن ئەنگىلىيە شائىرلىرىدىن بايروننى، شىكىسپىرنى ۋە باشقا ياۋروپا شائىرلىرىنى ئۆزبېك، قازاق تىللىرىدىكى تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن ئۆگەندىم. شىكىسپىر دىراماتورگ بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئوپىرالىرىدىكى مونولوگ ۋە دېئالوگلار پۈتۈنلەي شېئىر ئىدى. مەن خەنزۇتىلىنى 1962- يىلىدىن 1965- يىلى ئارىلىقىدا ئۆگىنىۋالدىم.كېيىن بۇ تىلدا جۇڭگونىڭ تاڭ دەۋرى، سۇڭ دەۋرى شېئىرلىرى، 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ ئالدى – كەينىدە ئوتتۇرىغا چىققان، غەربتىن ئۆگەنگەن دېموكراتىك شائىرلىرى، ئەي چىڭ، گوشاۋچۈەنلەر بىلەن ئۇچراشتىم ھەم بۇ تىلدا ئەنگىلىيە شائىرى ئىلزاۋېتا، دىئابىتنىڭ 8 مىسرالىق سونېتالىزىنى ئوقىدىم.ئومۇمەن ئۇيغۇر تىلى ھەم يۇقارقى تىللاردا مەلۇم بولغانلار شائىر بولسا، مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلاجى بار ئىزدەپ تېپىپ ئوقىدىم، ئۆگەندىم. مېنىڭ ئۆگىنىشىم قارا – قويۇق بولمىدى. ئۆزەمگە ياققانلىرىنى تاللاپ ئۆگەندىم. مېنىڭ ئۇ شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشۇم، بەزىلىرىنى تەكرار –تەكرار ئوقۇشۇم نۇقۇل ئوقۇپ خەۋەردار بولۇش ئۈچۈنلا ئەمەس ئىدى. مەن ئوقۇش – ئۆگىنىش ئارقىلىق ئانالىز قىلىپ، ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا خاس بولغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىزلەپ تاپاتتىم، ئۇلارنى بىر – بىرىگە سېلىشتۇراتتىم، ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقلىرى ۋە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە كونكرېت تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۆزۈم پەرقلەندۈرگەن، سەزگەن خۇسۇسىيەتلىرىنى يىغىنچاقلاپ، يازمىچە خاتىرىلەر قالدۇراتتىم. مېنىڭ مۇنداق خاتىرەلىرىم بىر نەچچە قېلىن دەپتەر بولغانىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى بولغان ئون نەچچە يىللىق بىكارچىلىقتا، مەن باشقىلار قاتارىدا كوچا –كويلاردا يۈگرەپ يۈرمەي، تەنھا بولۇۋېلىپ، مەخسۇس ئىجادىيەت، تەتقىقات ۋە ئۆگىنىش بىلەنلا بولدۇم. قەدىمقى ئۇيغۇرتىلى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر چاغاتاي ئەدەبىي تىلنى ئۆگەندىم، چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي يېزىقىنى ئۆگىنىۋېلىپ، لۇتپى، سەكئاكى، ئاتايى، ئابدۇراخمان جامى، ئەلشىر ناۋائى، مەشرەپ، ھۈۋەيدا، سوپى ئاللا يار قاتارلىق شائىرلىرىمىزنىڭ قوليازما ۋە تاش باسما ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. بۇ ئەسەرلەر ۋە بۇ شائىرلار مېنى مىللىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئۆتمۈشى ۋە تارىخى بىلەن ئۇچراشتۇردى. بۇ جەرياندا بىرمۇنچە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قوليازما ئەسەرلەرنى قايتىدىن كۆچۈرۈپ چىقىپ ساقلاپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرىمۇ بار.

يۇقارقى مەن ھەرخىل تىللاردا ئۇچراشقان ھەم ئۆگەنگەن شائىرلارنىڭ ھەممىسىنى، مەن ئۇلاردىن ئۆگەنگەن بولغاچقا، ماڭا ئۇستاز بولغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ كۆپرەك ھەم ئىزچىل ئۆگەنگىنىم ئا.س پۇشكىن بىلەن م.يۇ. لېرمونتوۋ، ئۆمەر مۇھەممىدى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ بولدى.

خىزمەت ئۇنۋانىڭىز، تەتقىقات نەتىجىلىرىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ باقامسىز؟

مەن 1984- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا مۇھەررىرلىك كەسپى بويىچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋان ئالغانىدىم. 1987- يىلى شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا كاندىدات ئالىي مۇھەررىرلىك ئۇنۋانىنى ئالدىم. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە كەلسەك، مېنىڭ تەتقىقاتىم ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدبىياتى، ئەدەبىياتشۇناسلىق ۋە شېئىرىيەت نەزەرىيسى ساھەسىدە بولدى. كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا، مەن «دوۋان سەكئاكى»، «دىۋان لۇتپى»، «دىۋان ئاتايى»، «دىۋان نوبىتى»، «دىۋان زوھۇرى»، ئەلشىر نەۋائىنىڭ خەمسەسى تەركىبىدىكى داستانى «سەددى ئىسكەندەر»، «ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئۆزبېك خەلق داستانى «ئارزگۈل» قاتارلىق كىتابلارنى نەشرگە تەييارلىدىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە «دىۋان زوھىرى»نى نەسرىي يەشمە ۋە قوليازمىسىنىڭ فوتو سۈرىتى بىلەن قوشۇپ نەشر قىلدۇردۇم. قالغانلىرىنى ترانسكىرىپسىيەسىنى توغرىلاش ۋە لۇغەت تەييارلاش يولى بىلەن نەشر قىلدۇردۇم، ئۇنىڭدىن تاشقىرى، 1996- يىلى 11- ئايدا تۆمۈر داۋامەت، مەمىتىمىن يۈسۈپ ئاكىلارنىڭ چاقىرتىشى بىلەن بېيجىڭگە بېرىپ، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ناملىق 13 چوڭ كىتابنى نەشرگە تەييارلاشقا قاتناشتىم. مېنىڭ بۇ قۇرۇلۇشتىكى ئىشىم ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرىنىڭ چاغاتايچىسى بىلەن خەنزۇچە تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرۇپ توغرىلاش، خەنزۇچىسىنى بېكىتىش بولدى. بۇ ئون ئۈچ چوڭ كىتاب 1997- يىلى جۇڭگو قامۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىدىكى تەتقىقاتىمدا مەن «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى قەلئەسىنىڭ ئۇل تاشلىرى — قەدىمقى شېئىرلىرى»، «ئۇلۇغ شائىر — مېخائىل يورىيۋىچ لېرمونتوۋ»، «تۈندە ئۇچقان يالغۇز قۇش» ، «شائىر ئەلقەم ئەختەمنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى خاس ئۇسلۇبى توغرىسىدا تەتقىقات»، «تۈگىمەس ناخشا، —شېئىر ئەمەسمۇ؟»، «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ»—رېئالىزىملىق ئىجادىيەت مىتودىنىڭ مەھسۇلى»، «مەن ۋە شېئىرىيەت»، «ئەدەبىيات تارىخىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سەھىپلىرى»، «شائىر ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ ئۇيغۇر يېڭى شېرىيەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تارىخىدا تۇتقان ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر توغرىسىدا»، «ژورنالىست ئابلىمىت سادىق ۋە يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «شائىر مۇھەممەتچان راشىدىننىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسىدىكى خەلقچىلىق غايىسى ۋە شېئىرلىرىنىڭ خەلق قوشاقلىرى ۋە بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا»، «ئۇستاز شائىر مۇھەممەت رەھىم ئاكىنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى ئىلمىي ئىنتىزامچانلىقى»، «مول مېۋىلىك ئۆتكەن ئەللىك يىل»، (ئاتاقلىق ئالىم ئىمىن تۇرسۇن توغرىسىدا)، «ئۇيغۇرلاردا ئەدەبىي تەرجىمە ۋە ئاتاقلىق تەرجىمان توختى باقى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەر ۋە دېسىرتاتسىيەلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدىم ۋە ئالاقىدار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا چوڭ يىغىندا ئوقىدىم.

شېئىرىيەت نەزەرىيسى تەتقىقاتىدا، «شېئىر دېگەن نېمە؟» «ئەلشىر نەۋائى غەزەللىرىدىكى شېئىرىي غۇۋالىق»، قاتارلىق تەتقىقاتلىرىمنى ئېلان قىلدىم. «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»مۇخبىرلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب»، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىئو ئىستانىسى مۇخبىرنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب»، «شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانىسى مۇخبىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب»، «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى مۇخبىرىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب»لاردا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى ۋە تۈپ ئۆلچەملىرى توغرىسىدا توختالدىم.

ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات ئارقىلىق، مەن نەزەرىيە جەھەتتىن شېئىرىيەتنىڭ ئۆلچەم سېستىمىسىنىڭ مۇنداق ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانىدىم. بۇنىڭ 1- تۈركۈمى شېئىرنىڭ سەنئەت ئۆلچەملىرى، يەنى خاراكتېرلىق، ماھىيەتلىك ئۆلچەملىرى بولۇپ، بۇ تۈركۈمگە شېئىرىي پىكىر، شېئىرىي ئوبراز، شېئىرىي ھېسسىيات، شېئىرىي لوگىكا، شېئىرىي خىيال، شېئىرىي تەسەۋۋۇر، شېئىرىي سۈرەتلەش، شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي تەپەكۇر، شېئىرىي نۇتۇق، شېئىرىي غۇۋالىق كىرىدۇ؛ ئۆلچەملەرنىڭ 2-تۈركۈمى شەكىل ئۆلچەملىرى بولۇپ، بۇ تۈركۈمگە ھەرخىل ئىجادىيەت مىتودلىرىنى قائىدە –تەلەپلىرى، تۈر ۋە ژانىر ئۆلچەملىرى، شېئرىي قۇرۇلما، شېئىرىي تىل كىرىدۇ؛ 3-تۈركۈمى تەييارلىق ئۆلچەملىرى بولۇپ، بۇنىڭغا شېئىرىي دىت، شېئىرىي ئىلھام، شېئىرىي دېتال، شېئىرىي كەيپىيات قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئەمدىكى ئىش بۇ ئۈچ تۈركۈم ئۆلچەم سېستىمىسىدىكى ھەربىر ئۆلچەم توغرىسىدا بىردىن ئىلمىي ماقالە يېزىپ، ئۇ ئۆلچەملەرنىڭ نەزەرىيۋى ئاساسلىرى بىلەن مەشغۇلات ئەمەلىيىتىنى نەمۇنىلىك مىساللار بىلەن ياشلارغا ۋە كېيىنكىلەرگە چۈشەندۈرۈپ بېرىش، بۇ بىلىم ھاسىلاتلىرىنى ئەۋلادقا مىراس قىلىپ قالدۇرۇش كېرەك. مەن ھازىر مۇشۇ ئەمگەك ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمەن. شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2007- يىللىق نەشر پىلانىدا مېنىڭ «مەن ۋە شېئرىيەت» ناملىق كىتابىمنى ئاپتونوم رايونلۇق نەشرىيات – ئاخبارات ئىدارىسىگە تەستىقلاتقان ئىدى، يۇقىرىدا تېمىلاردا يازغان ۋە يېزىلىۋاتقان ماقالىلىرىمنىڭ تولۇق تاماملىنىشنى ساقلاپ، بۇ ماقالىلەرنىمۇ شۇ كىتاب تەركىۋىگە ئالماقچى بولۇپ، مۇھەررىرلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، كىتابنىڭ نەشرگە بېرىلىشنى كېچىكتۈردۈم.

ئىدىل: سىز شېئىرىيەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئايرىم بىر ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلامسىز؟

قۇربان بارات:مەن ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىرىيىتىدە ئايرىم بىر ئېقىمغا ئەمەس، ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇبقا، يەنى ئۆزۈمنىڭ ئۇسلۇبىغا ۋەكىللىك قىلالايمەن.ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىرىيىتى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ئۇ ھازىرقى زامان شېئىرىيىتى دەۋرى ئارقىلىق ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتى ھەم قەدىمقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخى دەۋرلىرىگىمۇ باغلىنىپ تۇرىدۇ.ئۇ دەۋرلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلىرىنىڭ بىر ئانا يىلتىز بويىچە داۋاملىشىدىغان ئورتاقلىقمۇ ھەم ھەر بىرىسىنىڭ ئۆزلىرىگىلا خاس بولغان ئۆزگىچىلىكلىرىمۇ بار. مەنمۇ دەل مۇشۇ قانۇنىيەت دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلدىم.

مەن يازما شېئىرىيەت بىلەن ئۇچراشقان ۋە ھەۋەس قىلىپ ئۇنى تەقلىد قىلىشقا ۋە ئۆگىنىشكە كىرىشكەن ئەڭ دەسلەپكى يىللاردا دۇچ كەلگىنىم، تەقدىرنىڭ ماڭا كۆرسەتكىنى روس كلاسسىك شېئىرىيىتى — ئا.س. پۇشكىن ۋە م.بۇ.لېرمۇنتۇۋلارنىڭ شېئىر ۋە داستانلىرى بولغاچقا، كېيىنرەك تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغانلىرىم ئۆزبېك ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ شېئىرلىرى ۋە دۇنياۋى ئەدەبىياتتىن قىلغان شېئىر – داستان تەرجىملىرى بولغاچقا، ئەڭ دەسلەپتىلا ئوقۇم ۋە ئاڭ جەھەتتىن، شېئىرىيەت مانا مۇشۇنداق بولسا كېرەك دېگەن چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالغان. شېئىرىيەتنىڭ ئۇ ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئەمەلىيىتى مېنىڭ ئىجادىيىتىمگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تەسىر كۆرسەتتى.كېيىن، ھايات يولۇمدا ئۆگەنگەن باشقا كۆپلىگەن شائىرلارنىڭ ئۆگىنىشكە ۋە قۇبۇل قىلىشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلىرىمۇ مەندە ئۆز تامغىسىنى قالدۇردى. ئۇلارنىڭ ئىلھامىدا، ئۆزەم ئەقىل ئىشلىتىپ مۇستەقىل ياراتقان ۋە ئىجاد قىلغان ئالاھىدىلىكلەرمۇ كۆپىيىپ بارىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ، شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە مېنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبىمنى شەكىللەندۈردى. مېنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتدە ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقانلىقىمغا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 1958- يىلىدىن 1962- يىل ئارلىقىدا جامائەتچىلىك دىققەت قىلغان ھەم ئۇنى ئېتىراپ قىلغانىدى.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى مۇخبىرىنىڭ:«ئۆزىڭىزنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە شەكىللەندۈرگەن خاس ئۇسلۇبىڭىز ۋە بەدىئىي ماھارەت جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكىڭىز توغرىسىدا ئازراق سۆزلەپ بېرەمسىز؟ دېگەن سۇئالىغا مەن مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم: «مېنىڭ خاس ئۇسلۇبىم ۋە ئۆزگىچىلىكلىرىم توغرىلىق ئەدەبىياتشۇناسلار، ئوبرازچىلار ۋە ئەدەبىيات تارىخچىلىرى ئۆز تەتقىقاتلىرىدا كۆپ قېتىم، خېلى تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكەن. ئۇلار مېنىڭ ئۇسلۇپ جەھەتتىكى خاسلىقىمنى ئاساسەن توغرا يەكۈنلەپ چىقتى. ئۇلار دىققەت قىلغان تەرەپلەر ۋە يەكۈنلىگەن نۇقتىلارنى مەن ئۆزەممۇ ياخشى بىلىمەن. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئاڭلىق تۈردە ياراتقان ۋە ئىزچىللاشتۇرغان. ئۇلارنى يىغىنچاقلىساق مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ:

1. ئوبرازلىق قۇرۇلما. مېنىڭ ھەر بىر پارچە شېئىرىمدە، داستانلىرىمنىڭ ھەر بىر ئىپزودى ۋە ئابزاسىدا بىر ئوبرازنىڭ شېئىرىي گەۋدىسى بولىدۇ. بۇ ئۆزگىچىلىك ئەنئەنىۋى غەزەل شېئىرىيىتى ۋە قەسىدىچىلىكتىن پەرق قىلىدۇ. مەن ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان شېئىرىي پىكىر، يۈرگۈزمەكچى بولغان شېئىرىي مۇھاكىمە شۇ ئوبرازلارنىڭ يارىتىلىشى ۋە تۈگەللىنىش جەريانىدا ئۆزىنى ئايان قىلىدۇ. مەن ۋاستە قىلىدىغان، تايىنىدىغان شېئىرىي ئوبراز بولمىغان شارائىتتا ئوڭايلىقچە شېئىر يازمايمەن. مېنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامىمنى كۆپىنچە تەسادىپىي بايقىلىپ قالغان ئوبراز دېتاللىرى قوزغاپ قويىدۇ.

2.مەن ئاتۇش شەھرىنىڭ شىمالىغا، تەڭرى تېغى تىزىملىرىنىڭ ئاراچ يېرىگە، قاتمۇقات تاغ چوققىلىرى ئارىسىدىكى تار تۈزلەڭلىككە جايلاشقان ئازغۇ دېگەن قەدىمىي يۇرتتا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم ئون يېشىمغا قەدەر شۇ يۇرتتا ئۆتتى. بۇ يۇرتنىڭ ئاجايىپ تەبئىتى ۋە ھەيۋەتلىك كۆرىنىشلىرى بار ئىدى. بۇ يۇرت مەندە تەبىئەتكە نىسبەتەن تۇغما ھېرىسمەنلىك پەيدا قىلغان ۋە مەندە تەبىئەتنى قىزىقسىنىپ، ئىنچىكىلەپ كۈزىتىشتەك بىر ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئادەت مەندە ئۇزۇن يىل جەريانىدا مول تەبىئەت جۇغلانمىسى ھاسىل قىلدى. تەبىئەت جۇغلانمىسى ئوبرازلىق شېئىرىيەتتە كەم بولسا بولمايدىغان شېئىرىي دېتال بايلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭ شېئىرىي ئوبرازلىرىم كۆپىنچە تەبىئەت دېتاللىرى ياردىمى بىلەن شەكىللىنىدۇ.

3. مانا شۇ سەۋەبتىن، ئوبرازلار ۋاستىسى بىلەن ئادەمنى تەبىئەتلەشتۈرۈش ۋە تەبىئەتنى ئادەملەشتۈرۈش، ئىككىسىنى بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈپ بىر ئوبراز گەۋدىسى ھاسى قىلىش، تەبىئەت سىموۋۇلىزىمغا بېرىلىش مېنىڭ شېئىرىي ئىپادىلەشتىكى بىر خىل خاسلىقىم بولۇپ قالغان.

4.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مېنىڭدە شېئىرىي مۇلاھىزىلەر، شېئىرىي پىكىرلەرنىڭ تىرەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىجادىيلىقى ۋە لوگىكىچانلىقى تەبىئەت دېئالىكتىسى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرى زېمىنىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

5.خىيالچانلىق ۋە تەنھالىققا بېرىلىش، ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسى دائىرىسىدە ياشاشتەك بىر خىل مىجەز مېنىڭ خاراكتېرىمدە بالدۇرلا ئايان بولغانىدى. مېنىڭ شېئىرىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىمدىكى رومانتىك ۋاستىلەر، باياننى شېئىرىي خىيال ئارقىلىق قانات يايدۇرۇش ۋە ئوبرازنى ئىدىئاللاشتۇرۇش خاھىشى مانا شۇ ئىچكى سەۋەبتىن پەيدا بولغان.

6.شۇنداق بولغاچقا، مېنىڭ ئىجادىيەت مىتودلىرىنى تەتبىق قىلىشىم ۋە ئۇسلۇبىمدا رومانتىزملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى بېسىمراق ئۇرۇندا تۇرىدۇ . قالغان رېئالىزىملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە رېئالىزىملىق ئۇسۇل بىلەن رومانتىزملىق ئۇسۇل كىرىشتۈرۈلگەن ئىجادىيەت مىتودلىرىنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىمەن. مېنىڭ يازغانلىرىم ئادەتتە شېئىرىيەتنىڭ لېرىك شېئىرلار، لېرو –ئىپىك شېئىرلار ۋە ئىپىك شېئىرلار تۈرى دائىرىسدە بولىدۇ، لېرۇ – ئىپىك شېئىرلار تۈرىدە يازغانلىرىم سەل كۆپرەك.»

مېنىڭ بۇ جاۋابىم مېنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبىمنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

ئىدىل : قۇربان بارات ئەپەندى ، شېئريەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ باققان بولسىڭىز.
قۇربان بارات :بۇ جەريانغا ناھايىتى ئۇزاق بولدى، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن باشلاپلا يەنە ساۋادىم چىقىپ خەت يازالايدىغان، كىتاب  ئوقۇيالايدىغان  بولغاندىن  باشلاپلا  شېئر  يېزىشقا كىرىشكەن، بۇنىڭغا  باغۇ- بوستان تاغ ئارسىغا جايلاشقان گۈزەل يۇرتىمىزدىكى خەلقنىڭ ئەركىن خاراكتېرى  خۇشۋازلىقى ، ئەتىگەن- كەچلەردە  تۇشمۇ- تۇشتىن  ئاڭلىنىپ  تۇرىدىغان ناخشىلار، ئۇلارنىڭ رىتىملىق قاپىيەلىك ۋە تەسىرلىك ھېس-ھاياجانلىق سۆزلىرى ، ئۇلارنىڭ مېنىڭ سەبى قەلبىمدە قالدۇرغان ئىزلىرى قوزغىغان ئەكس تەسىرى سەۋەب  بولغان  بولسا  كېرەك . مېنىڭ ئانامنىڭ ئاكىلىرىنىڭ  ئاياللىرى  ئىچىدە خەلق  چۆچەكلىرى  ۋە خەلق  داستانلىرىنى  كۆپ بىلىدىغان ، كەچلىرى يۇلتۇزلۇق ئاخشاملاردا ھويلىغا كىگىز سېلىنغان سوپىدا  ئولتۇرۇپ،  بىز بالىلارنى ئەتراپىغا ئولاشتۇرۇپ ئۇلارنى سۆزلەپ بېرىدىغان ھاممىلىرىم  بار ئىدى،  ئۇ  چۆچەكلەر  ۋە داستانلار بىزنى قىزىقارلىق خىيالىي دۇنياغا باشلاپ  كېتەتتى،  ئۇندىن  تاشقىرى  مەن  ساۋادىم چىقىپلا  كىتاب  ئوقۇشقا  كىرىشىپ  كەتكەنىدىم. ئوقۇيدىغانلىرىم  مەكتەپنىڭ  ھەر قايسى يىللىقىلىرىنىڭ تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى ۋە قولۇمغا چۈشۈپ قالغان ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىدى، بۇ خىل كىتابلار مەكتەپتە ۋە كىشىلەرنىڭ قولىدا  نۇرغۇن بولۇپ،  ھەممىسىلا  سابىق  سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كېلەتتى، مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇيغۇر  تىل- يېزىقىدا  ئىدى ، مەن 3- يىللىقتا  ئوقۇۋاتقان چېغىمدا  بىر كۈنى  ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىغا كىرسەم  بىر  ئوقۇتقۇچى روس  كىلاسسىك  شائىرلىرىدىن ئا. س. پۇشكىننىڭ «داستانلار» دېگەن كىتابى بىلەن گىرېتسىننىڭ «ئوغرى سېغىزخان» ناملىق داستاننىڭ كىتابىنى ۋە ئۆزبېك يازغۇچىسى ئايبېكنىڭ «قۇتلۇق قان» ناملىق  رومانىنى  ئوقۇۋېلىشقا ئارىيەتكە بېرىپ تۇردى، ئۇزاق ئۆتمەي بازار  كۈنىدە  ئاتۇشتىن  چىققان  بىر يايمىچى  سودىگەرنىڭ ئالدىدىن روس شائىرى م. يۇ. لېرمۇنترۇنىڭ «داستانلار» دېگەن كىتابى بىلەن «ئاشق غېرىب» ناملىق كىتابىنى، ئاركادى گايدار دېگەن يازغۇچىنىڭ «تىمۇر ۋە ئۇنىڭ كوماندىسى» ناملىق كىتابىنى 14 دانە تۇخۇمغا ئايرىۋاشلاپ سېتىۋالدىم. بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بىساتىمدا تۇنجى قېتىم  ئۆزۈمنىڭ  كىتابلىرى بار بولدى. بۇلار ئاساسەن دېگۈدەك شېئر- داستانلار ئىدى . مەن ئۇ كىتابلارنى تەكرار ئوقۇدۇم، ئەمدى ئويلاپ باقسام بۇ كىتابلار ئارقىلىق مەن دۇنياۋىي داڭلىق شائىرلاردىن  ئا. س  پۇشكىن ۋە م. يۇ. لېرمونتوۋلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك شېئرىيىتى بىلەن  شۇ ۋاقىتتىلا  ئۇچراشقان  ئىكەنمەن، ئۇلارنىڭ داستانلىرى ۋە شېئىرلىرىدىكى راۋان گۈزەل، ئوبرازلىق ھېسىياتلىق سۆزلەر ۋە چىرايلىق بايانلار مېنىڭ بالىلىق قەلبىمگە قۇمغا سۇ سىڭگەندەك سىڭىپ، مەندە شېئرىيەتكە بولغان ھەۋەس ۋە مۇھەببەتنى بالدۇرلا پەيدا قىلىپتۇ، بالا نۇرغۇن نەرسىلەرنى دوراش يولى بىلەن ئۈگىنىدۇ، ئۆزىگە ياققان، ئۆزى خالىغان، ئۇمۇمەن ئۆزى كۆرگەن ھەممە ئىش ھەرىكەتنى دوراپ باقىدۇ، مېنىڭ «شېئر» يېزىشمۇ مان شۇ دوراشتىن باشلاندى، ئۇنىڭ ئالدىدا 2- يىللىقتا  قوشاقلار توقۇپ  يۈرگەنىدىم، ئۇ كىتابلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن «شېئىر» يېزىشقا كىرىشتىم، مېنىڭ بۇ يەردە شېئر دېگەن سۆزنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويۇشۇم ئۇ يازغانلىرىم  تېخى  شېئىر  ئەمەس  ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ مەن ئۇلارنى سېنىپ تام گېزىتىدە  ئېلان  قىلىپ  تۇراتتىم،  تەنەپپۇسلاردا سىنىپنىڭ دوسكىسىغا بور بىلەن چىرايلىق قىلىپ يېزىپ قوياتتىم، مەن 4 يىللىق تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى 1955- يىلى 7- ئايدا تۈگىتىپ، شۇ يىلى 9- ئايدا ئاتۇش شەھىرىدىكى ياتاقلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ — قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردىم، مەن بۇ جەريانلارنى «شېئىرىيەت ۋە مېنىڭ  بالىلىق  دەۋرىم» دېگەن  ئەسلىمەمدە  يازدىم . بۇ ئەسلىمە «كىروران» ژۇرنىلىنىڭ 2008- يىلى 1- ساندا بېسىلىپ چىقتى. ئوتتۇرا مەكتەپتە، مېنىڭ شېئر مەشىقىمگە  تىل-  ئەدەبىيات  مۇئەللىمىمىز شائىر ئابلىكىم ھاجىيۇپ يىتەكچىلىك قىلدى، مېنى شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ مۇنتىزىم ئىلمىي يولىغا باشلاپ كىردى، ئۇ  مۇئەللىم  تۈزىتىپ  بەرگەن شېئرلىرىمدىن  بىرى  «كاككۇك» دېگەن  شېئرىم  شۇ ۋاقىتتىكى جەنۇبىي شىنجاڭ گېزىتىدە بېسىلىپ چىقتى، تۇنجى شېئرىمنىڭ مەتبۇ ئاتتا ئېلان قىلىشنى ماڭا  زور ئىلھام  بولدى  ۋە مېنى شېئرىيەت ئىجادىيىتى دېگەن بۇ يولغا مەڭگۈلۈك كىرگۈزۈپ قويدى.
1958- يىلى 9- ئايدا مەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىردىم . بۇ كەسپتە 4 يىل ئوقۇدۇم. بۇ ئىنستوتقا كىرگەن يىلىلا نۇرغۇن شېئرلىرىم «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ  ھەپتىلىك  ئەدەبىيات بېتىدە ، «شىنجاڭ ياشلىرى» گېزىتىدە ، «شىنجاڭ پېئونېرلىرى» گېزىتىدە ۋە «تارىم ژۇرنىلى» دا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىشقا باشلىدى، بۇلۇپمۇ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ھەر ھەپتىدە ئۈزۈلمەي چىقىدىغان ئەدەبىيات بېتىدە ئېلان قىلىندى، بۇ بەتتە 4 يىل جەرياندا ھەپتىمۇ– ھەپتە، ئايمۇ– ئاي چىقىپ تۇردى ، «تارىم» ژۇرنىلىدا بولسا 1960- يىلى «توي» ۋە «قىزىلگۈل» ناملىق ئىككى چوڭ داستانىم ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئەدەبىيات ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ تونۇلۇپ قالدىم  ۋە  نام چىقاردىم  بۇ  ۋاقىتتا  مەن تېخى مەكتەپتە ئوقۇغۇچى ئىدىم.
1999- يىلى  شەنشى  پىداگوگىكا  ئۇنۋېرستېتى  جۇڭگۇ تىل- ئەدەبىياتى  فاكولتېتىنىڭ پىروفېسورى ۋۇي جىيەنگو بىلەن ئىلمىي پىداگوگىكا  ئىنىستوتېنىڭ  باشلىقى  پىروفېسورى  ۋۇ شىياۋجىڭ بىرلىشىپ مەن توغىرلىق «پۇشكىن  قۇربان  باراتنىڭ  شېئريەت  ئىجادىيىتىنىڭ بوشلۇقلىرىنى ئېچىشىدا ھەمراھ بولدى» ناملىق چوڭ تىپتىكى بىر ئىلمىي ماقالە يازدى، ئۇلار بۇ ماقالىنى شۇ يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئىلمىي  مۇھاكىمە  يىغىندا  ئوقۇدى  ۋە «ئىلمىي پىداگوگىكا ئىنىستوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ شۇ يىللىق 3- سانى (خەنزۇچىسى) دا ئېلان قىلدى، ئۇلار بۇ ماقالىسىدا مېنىڭ ئىجادىيەت جەريانىمنى 4 دەۋرگە بۆلگەن بولۇپ، مېنىڭ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستوتىدا ئۆتكەن 4 يىللىق  ئوقۇغۇچىلىق  ۋاقتىمغا  نىسبەتەن  مول بولغان ئىجادىيەت جەريانىمنى  مېنىڭ  ئىجادىيەت جەريانىمنىڭ 2- دەۋرى دەپ قارىغانىدى، مېنى ئۇلارغا بىزنىڭ شېئريەت پىراكتىكىسى ئوقۇتقۇچىمىز بولغان  شائىر  مۇھەممەتجان  سادىق  مۇئەللىم تونۇشتۇرغان ئىكەن.
مەن شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدا 1962- يىلى 10- ئايدىن 1970- يىلى 3- ئايغا قەدەر ئىشلىدىم، ئۇدا 8 يىل ھەر يىلى 2- ئايدىن 11- ئايغا قەدەر سىرتتا  بولۇپ، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەممە ۋىلايەت، شەھەرلىرىگە قەدەر بېرىپ مۇخبىرلىق قىلدىم، قىش پەسلى، ئۈرۈمچىدە بولۇپ، شەھەر مۇخبىرلىقى بىلەن شۇغۇللاندىم، بۇ جەرياندا جەمئىيەت بىلەن كەڭ  ئۇچراشتىم،  ھەر  ساھە  ھەر كەسپتىكى نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلدىم، جەمئىيەتنى ۋە  ئادەملەرنى  ئۈگەندىم،  تاغلارغا،  چۆللەرگە ۋە چەكسىز يايلاقلارغا بېرىپ يۇرتىمىزنىڭ خىلمۇ خىل گۈزەل، پايانسىز، ھەيۋەتلىك  تەبئىتى  بىلەن ئۇچراشتىم، قارلىق تاغلار، چوڭقۇر جىلغىلار، تاغ شاماللىرىدا تەۋرەپ  تۇرغان  ئورمانلار،  شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان سانسىز دەريا ئېقىنلىرىدا، بوستانلىق ۋادىلار ۋە ئالتۇن قۇملۇق چۆللەردە ياشايدىغان، ئەمگەكچان، تىرىشقاق، ئاددىي ساددا ۋە ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان جانلىق،  قەدىرلىك  ئادەملەر مەندە كۆپلىگەن شېئرلارنى پەيدا قىلدى، 1962- يىلدىن  1966- يىلنىڭ يىل ئاخىرىغا قەدەر مەن مەتبۇئاتتا نۇرغۇن لىرىك شېئر، ئىپىك شېئر، لىرو ئىپىك شېئر ۋە باللادىلارنى  ئېلان  قىلدىم،  بۇ ئەسەرلىرىم ئاساسەن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئەدەبىيات بېتىدە ۋە «تارىم ژۇرنىلى» دا مەركەزلىك ئېلان قىلىندى.
مەن 1966- يىلى يىل ئاخىرىدىن 1978- يىلى يىل ئاخىرىغا قەدەر ئۇدا 12 يىل مەتبۇئاتتا بىرمۇ بىر شېئر ئېلان قىلمىدىم، ئۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلى  ئىدى،  زامان  ئۆزگىرىپ  كەتكەن، مەتبۇئاتتا ئەدەبىيات تامامەن ئىزىدىن  چىقىپ  «4كىشىلىك گورۇھ» نىڭ  قىپيالىڭاچ  سىياسىي تەشۋىقاتىغا ئايلىنپ كەتكەن بولۇپ، مېنىڭ ئۇ ئېقىمغا ئەگەشكۈم كەلمىدى، خالىمىدىم، مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، شېئرلارنى  بەدىئي  ئەدەبىياتىنڭ  مەھسۇلى  ئەمەس، ياسالمىلىق ۋە ساختىلىق دەپ قارىدىم. ئەمما  بۇنىڭلىق  بىلەن  شېئر  يېزىشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىدىم، ئۆزۈم ئىلمىي دەپ قارىغان ئۆلچەملەردە شۇ زاماننى راستى بىلەن رىيال ئەكس ئەتتۈرىدىغان، خەلقنىڭ تارتىۋاتقان زۇلىمىنى ۋە كەيپىياتىنى،  ئوي- خىيالىنى  ۋە  نارازىلىقىنى ئوبرازلاشتۇرىدىغان شېئرلىرىم يۇشۇرۇن ھالەتتە  يېزىلدى  ۋە  ساقلاندى،  مەدەنىيەت  ئىنقىلابى يىللىرى ئۆي ئاختۇرۇلۇش خەۋپى ھەر قاچان بار بولغاچقا، مەن ئۇ  شېئرلىرىمنىڭ  قوليازمىلىرىنى ھەرگىز ئۆيدە قويمىدىم، باشقا يەرلەردە يۆتكەپ يۈرۈپ يۇشۇرۇپ ساقلىدىم، بىر  مەزگىل  كورلىدا چارباغ يېزىسىدا مەن يۆتكىلىپ بارغان شىنخۇا 2- زاۋۇدىدا قوليازمىلارنى سۇ ئۆتمەيدىغان پىلاستېر بىلەن مەھكەم ئوراپ، چىڭ باغلاپ،  يېرىم كېچىدە  چىقىپ  ئەتراپتىكى  زەيكەشلەرنىڭ  سۇ چاشقانلىرى كولاپ قويغان كامارلىرىغا تىقىپ قويدۇم، بىر مەزگىل كورلىنىڭ لەڭگەر يېزىسىدىكى روزىشام قازاق دېگەن دېھقاننىڭ ئۈزۈم ساقلايدىغان خالىي قازنىقىدا قويدۇم  كېيىن  ئاتۇشقا ئېلىپ كېتىپ، دادام يېڭى قوپۇرىۋاتقان ئۆي تېمىنىڭ قېتىغا ئېلىۋەتتىم، بۇ زامانىسىغا  نىسبەتەن  تەتۈر بولغان، خەۋپلىك شېئرلار 80 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ تولۇق بىر توپلام بولالايتتى. 1978- يىلى 3- ئۇمۇمىي يىغىنىدىن كېيىن زامان ئوڭشىلىپ، بۇ شېئرلارنى مەتبۇئاتتا  ئېلان  قىلىش  مۇمكىن بولدى، بۇ شېئرلارنىڭ «ئاپەتلىك يىللاردىن ئاچچىق خاتىرە» دېگەن ئۇمۇمىي نام ئاستىدا يېزىلغان «كېسىلگەن توغراق»،  «دىۋاننىڭ ھەيكىلى»،  «ئامىنە»،  «دەريا شارقىرايدۇ قاراڭغۇلۇقتا»،  «يىغا قوشىقى»، «قىزنىڭ ئۆلۈمى»، «كەچكۈز سولىرى»، «چېچەك جۇدۇنى»، قاتارلىق سەككىزپارچە شېئر دەسلەپ «بوستان» (ھازىرقى كىرورەن) ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىدا ۋە «ئاتۇش نەزمىلىرى» دېگەن كىتابتا ئېلان قىلىندى، كېيىن 1981- يىلى  شىنجاڭ  خەلق  نەشرىياتى  نەشر قىلغان «يېشىل ھايات» ناملىق  توپلامىمغا  كىردى،  قالغانلىرىنىڭ  ھەممىسى يۇقارقىلارغا قوشۇلۇپ، شىنجاڭ ئۇنۋىرستېتى نەشرىياتى 1998- يىلى نەشر قىلغان «قۇربان بارات ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ناملىق 5 توملۇق كىتابنىڭ 1- تومىغا كىرگۈزۈلدى.
مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مىسلى كۆرۈلمىگەن، ھەممە يەرنى تىرورلۇق، باستۇرۇش قاپلىغان، زۇلۇم- زۇلمەت ھەددىدىن ئاشقان ئاشۇ ئاپەتلىك قاباھەتلىك ھەم ئون نەچچە  يىل  سوزۇلغان  سېرىقتال يىللاردا يەر ئاستىغا كۆچۈپ يۇشۇرۇن ھالەتتە ئىجاد قىلىنغان. كېيىن زامان ئوڭشالغاندىن كېيىن مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئەدەبىي ئەسەرلەر ئەدەبىيات تارىخىي دەرسلىكلىرىدە «جاراھەت ئەدەبىياتى» دەپ ئاتالدى. مەن بۇ تارىخنىڭ ئاشۇ بىر دەۋردىكى ئاساسلىق ۋەكىلى بولۇپ قالدىم، ئەدەبىيات تارىخىدا شۇنداق دەپ يېزىلدى، بۇنىڭغا  مېنىڭ  ئاشۇ  يىللاردا يېزىلغان 80 نەچچە پارچە شېئرىم سەۋەب بولدى، بۇ شېئرلارنىڭ شۇ يىللاردا يېزىلغىنىغا شائىر ئوسمانجان ساۋۇت جامائەت پىكرى ئالدىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى، 1968- يىلى  8- ئايدا  ئۇ مېنى شىنجاڭ گېزىتىدىكى ياتىقىمغا يوقلاپ بارغىندا مەن ئۇنىڭغا  يۇقارقى  تۈركۈمدىكى  شېئرلىرىم ئىچىدىن «ئافارىس» ( كېيىن  «قاراگۈلى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن )، «پەرۋانە توغرىلىق ناخشا» ،  «قىش قوشىقى»، «شىمال يۇلتۇزلىرىغا تەلمۈرۈپ»، «جاڭگال يولى» قاتارلىقلارنى ئوقۇپ بەرگەنىدىم، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئېسىدە قالغان ئىكەن، كېيىن، «قۇربان بارات  بۇ شېئرلارنىڭ  مەدەنىيەت  ئىنقىلابىدىن كېيىن يېزىپ تولۇقلاپ  قويدىغۇ  دەيمەن» دەپ  غەيۋەت قىلغانلارغا: «قۇربان ئۆز ۋاقتىدا ئۇ شېئرلاردىن بەزىلىرىنى بىزگە ئوقۇپ بەرگەن، مەن گېزىتخانىدىكى  ياتىقىدا  ئۆز  قۇلىقىم  بىلەن ئاڭلىغان تۇرسام؟ » دەپ رەددىيە بەردى.
مەن مەتبۇئاتتا  شېئر  ئېلان  قىلمىغان. ئۇ 12 يىل  جەريانىدا  يۇقارقى  زور  بىر تۈركۈم شېئرلىرىمدىن تاشقىرى، چەتئەل شائىرلىرىنىڭ  نەمۇنىلىك  شېئرلىرىنى  تەرجىمە  قىلدىم. «يوقالماس پەلەستىن» ناملىق  يىرىك  داستانىمنى يازدىم،  مەن بۇ داستانىمنى ئاساسەن كورلىدا باسما زاۋۇتىدا تۇرغان 10 يىل ئىچىدە داۋاملىق يازدىم، ئۇنىڭ ئايرىم بابلىرىنى چەرچەن، چارقىلىق ناھىيلىرىدىن ئىزلەپ كەلگەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى، ياش ھەۋەسكارلار ئۆز ۋاختىدا بىز ساقلاپ بېرەيلى، مۇمكىن بولسا قوليازما قىلىپ كۆچۈرۈپ تارقىتايلى، دەپ ئېلىپ كەتكەنىدى، بۇ داستانىم كېيىن شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1984- يىلى نەشر قىلغان. «ئاق روماللىق پەرىزات» ناملىق داستانلار توپلامىدا ئېلان قىلىندى، ئۇنى  مەن داستان  دەپ  ئاتاپ  قويغىنىم  بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر شېئرىي رومان، كۆلىمى چوڭ 7000 مىسرادىن  ئاشىدۇ ، مەن چوڭ  كۆلەملىك دەۋرىي خارەكتېرى بار داستانلارنى شېئرىي رومان دەپ ئاتىسىمۇ  بولىدۇ،  دەپ  قارايمەن. مېنىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن  يېزىلغان «ئاق روماللىق  پەرىزات» ناملىق  داستانىممۇ شۇنداق.
1978- يىلدىن باشلاپ، مېنىڭ ئىجادىيەت يېزىقچىلىق ھاياتىمنىڭ 4- دەۋرى باشلاندى، ئۇنىڭ3- دەۋرى 1966- يىلدىن 1978- يىلغا قەدەر بولغان ئارلىقتىكى «جاراھەت ئەدەبىياتى» يارىتىش جەريانى بولغانىدى، بۇ 4- دەۋر پۈتۈن 80- يىللارنى، 90- يىللارنى ۋە ھازىرغا قەدەر بولغان جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالدى، بۇ جەريان كۆپ ھوسۇللۇق ۋە كۆپ تەرەپلىمە ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان بىر  جەريان  بولدى، بۇ ئەمگەكلەر شېئر داستان ئىجادىيىتى، شېئر داستان تەرجىمىسى، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى  نەشرگە تەييارلاش ، كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى، ئەدەبىياتشۇناسلىق شېئريەت نەزەرىيسى  تەتقىقاتى  ۋە مەشھۇر ئەدىبلەر ھەققىدە يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلەردىن ئىبارەت بولدى، مەن  ئىجادىيىتىمنىڭ  بۇ دەۋردە «قېرىنداشلار ھېيتىڭلارغا مۇبارەك!»، «قانائەتسىز  كېپىنەك»، «يامغۇرسىز چاقماق»، «ئىز ئۆزگەرتىدىغان دەريا»، «يۈز يىللىق تارمار»، «ئىرەن قىزىللىقى ۋە بۇلبۇللار»،  «مەشئەل  كۆتۈرگەن ئۇلۇغ بوۋىلار» قاتارلىق يېڭى بىر تۈركۈم شېئرلىرىمنى يازدىم. چەتئەللەردە يۈرگەندە «ۋارشاۋا»، «كۈلۈمسىرەش»، «ئالدىراش بۇلۇتلار»، «دەرەخ ۋە بىنا»، «ئادەم، مىتسكىۋىچنىڭ ھەيكىلى»، «شەھەر ۋە ئىنسان»، «ئاققان يۇلتۇزلار- كۆچكەن  يۇلتۇزلار»،  «ئىستانبولنىڭ  كەپتەرلىرى» قاتارلىق شېئرلىرىمنى يازدىم. «ئاق روماللىق  پەرىزات» ناملىق چوڭ داستانىمنى، «ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز»، «ئاقارغان چاچ توغرىلىق ناخشا»، «ئىنسان ۋە زېمىن»، «مەن ئەقىل ئىزلەيمەن»، «لەگلەك»قاتارلىق داستانلىرىمنى يازدىم ۋە ئېلان قىلدىم. 1990- يىلى بىلەن 1993- يىل ئارىلىقىدا سابىق باشلىقىم ۋە ئۇنى قۇتراتقانلار بىلەن ئەسلازۆرۈر بولمىغان بىر جەڭگە ئۆزۈمنى ئاقلاش ۋە قوغداش يۈزىسىدىن  كىرىپ  قالغان. ئۇدا  ئۈچ  يىل پاراكەندىچىلىك تارتقان بولساممۇ، ئەمما  ئىجادىيىتىمنى توختىتىپ  قويمىدىم،  ئىدارىدا  نورمال ئىشلىيەلمىگەچكە، يېتەرلىك ۋاختىم بولغاچقا، يازماقچى بولغانلىرىمنى يېزىۋەردىم، ئۇلار مەتبۇئاتتا ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇردى. ژۇرنالىستلاردىن «شىنجاڭ مەدەنىيتى» دىن قۇربان ھامۇت، «تارىم ژۇرنىلى»دىن ئوسمانجان ساۋۇت، «شىنجاڭ گېزىتى» دىن ئابلەي، خالىدە ئىسرائىل، يۈسۈپجانلار مېنىڭ بۇ بىر مەزگىلدىكى ئىجادىيىتىمگە تولۇق ھېسداشلىق بىلەن مۇئامىلە  قىلدى،  ئادىل  ۋە دوستانە بولدى، مېنىڭ ئۈستۈمدىن توختىماي تارقىلىۋاتقان چىدىماس ئىغۋالار بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىدى، مەن ئۇلارنىڭ ئىلمىيلىكىدىن ناھايىتى مىننەتدار بولدۇم.
ئىدىل : شائىر ئەپەندى ،سەمىمىي سۆھبىتىڭىزگە رەھمەت !


ئىدىل : سىز شېئىرنى قانداق يازىسىز؟ قانچە شېئىرلار توپلىمى، قانچە نەسرى ئەسەرلەر توپلىمى نەشر قىلدۇردىڭىز؟
قۇربان بارات : مېنىڭ ھاىرغىچە 25  كىتابىم نەشىردىن چىقتى . بۇنىڭ ئىچىدە شېئىر – داستان ئىجادىيىم ئون خىل كىتاب . يېڭى يازغان شېئىر – داستانلىرىم ۋە چەتئەل كلاسسىك شائىرلىرىنىڭ (.لېرمونتوۋ، گىيۇتى، بايرون، شىللىر قاتارلىقلارنىڭ) شېئىرلىرىنىڭ تەرجىمىسىدىن يەنە بىر كىتابىم تەييار بولۇۋاتىدۇ.
بىر ئىش بىلەن دائىمىي يوسۇندا، ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللانسا، ئادەمدە ئالاقىدار كەسپىي ئادەتلەر، يەنى شەرتلىك رىفلىكىس شەكىللىنىدۇ. شېئىرىي دىت بىلەن شېئىرىي ئىلھام، شېئىرىي خىيال بىلەن شېئىرىي تەسەۋۋۇر، بۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن شېئىرىي لوگىكىغا ئېرىشىپ، شېئىرىي ئوبراز ۋە شېئىرىي پىكىر يارىتىش مانا شۇنداق تەكرار دەۋر قىلىدىغان ئادەتلىك جەريان. شېئىرىي دىت ھاياتلىق جەريانىدا ئۇچرىغان ۋە ئۇچرايدىغان شېئىرىي دېتاللارنى، يەنى شېئىر چىقىدىغان ماتېرىياللارنى بايقاشتا، ئۇنى دەرھال تۇتۇۋېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان كەسپىي ئادەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كەسپىي ئادەتنى، يەنى شېئىرىي دىتىنى يېتىلدۈرۈش شائىر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شېئىرىي دىتقا ئىگە بولغان ئادەم شېئىر دېتاللىرىنى ھەرقاچان، ھەر زاماندا، ھەرقانداق يەردە ئۇچرىتالايدۇ. مۇنداق دېتاللار ئۇنىڭغا تەبىئەتتە، جەمئىيەتتە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ھەر خىل ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە، ئىچكى دۇنيا ھادىسلىرىنىڭ تاشقى شەكىل ئېلىشىدا، ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا قىلىشقان پاراڭلىرىدىمۇ دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇ ھەتتا بەزىدە بىر ئېغىز گەپ، بىرەر ھېسىي ھادىسىنىڭ تاشقى ئىپادىدە ئايان بولۇشى بولۇشىمۇ مۇمكىن. مۇنداق دېتاللار شائىردا ئىلھام قوزغايدۇ. ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. قىزىقتۇرىدۇ. ھاياجانلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا شېئىرىي خىيال ۋە تەسەۋۋۇر قوزغايدۇ. مانا شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ مۇرەككەپ روھى جەريانى ۋە جاپالىق ئەمگىكى باشلىنىدۇ. شېئىرىي دېتال ۋە ئۇ قوزغىغان شېئىرىي ئىلھامىنىڭ ئۆزى تېخى شېئىر ئەمەس، ئۇلار پەقەت شېئىرنىڭ تۆرىلىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. شېئىرنىڭ تۆرىلىشى بولسا ئاڭلىق ۋە قانۇنىيەتلىك جەريان بولۇپ، بۇ جەريان ئالدى بىلەن شائىر كاللىسىدا، ئىجادىي ئويلىنىشلىرىدا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى، قۇرۇلمىسنى ۋە مۇددىئاسىنى (شېئىرى پىكىرنى) يازىدۇ، بۇ تەييارلىقتىن كېيىن ئاندىن قەغەز يۈزىگە چۈشۈپ، يېزىق ھالىتىگە ئايلىنىدۇ. يەنى ئاۋۋال كاللىدا يېزىلىپ بولۇپ، ئاندىن قەغەز يۈزىگە چۈشىدۇ. مەنمۇ شېئىر – داستانلىرىمنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن يازىمەن. ئۇلار قەغەز يۈزىگە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل تاشلاپ قويۇپ، كېيىن ئۆزگەرتىش، زادى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەندە، ئاندىن بېكىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمەن. ئادەتتە كاللىدىكى تۆرىلىش جەريانى جاپالىق بولغاچقا، شېئىرلىرىمنىڭ قەغەزگە چۈشكەندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشى ئانچە كۆپ بولمايدۇ. مەن، شېئىر يازىمەن دەپلا، ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر ياقتىن ئويلاپ، بىر ياقتىن يېزىشنى، مۇنداق ئۇسۇلنى ئانچە قوللىمايمەن. چۈنكى، ئادەمنىڭ بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا ئويلاپ يېتەلىگەنلىرى چەكلىك بولىدۇ. ئالدىراپ قالىدۇ ۋە يازغانلىرىمۇ قالايمىقانلىشىدۇ، تولا ئۆزگىرىدۇ، مۇقىملىق ۋە پۇختىلىق بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، يېزىلغان شېئىرمۇ كۆڭۈلدىكىدەك، يېڭى، ئىجادى ۋە چوڭقۇر پىكىرلىك بولۇپ چىقالمايدۇ. كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ
–سىز شېئىرنىڭ ئىدىيۋىلىكى بىلەن مۇزىكىلىقنى قانداق چۈشىنىسز؟
شېئىرنىڭ ئىدىيۋىلىكى — شېئىرنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسىنى، شېئىرنىڭ مەقسىتى بولىدۇ. شېئىرنىڭ مەقسىدە شۇ شېئىردا يارىتىلغان شېئىرىي پىكىر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن، شېئىرىي پىكىر ئىجادىي يېڭى بولۇش كېرەك. زامانداشلار، تارىختىكىلەر، ۋەتەنداشلار، چەتئەللىكلەر بۇرۇن ياراتقان، ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان پىكىر – مۇلاھىزىلەرنىڭ تەكرارلىنىشى، كۆچۈرۈلمىسى، ئۆزگەرگەن، باشقىدىن قۇراشتۇرۇلغان شەكىلدە قايتا بايان قىلىنىش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. مۇنداق ھادىسىلەرنى مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان. كۆپ ئوقۇغان ئادەملەر ئوڭايلا سېزىپ ئالالايدۇ. ئىككىنچىدىن، شېئىرىي پىكىر خەلق كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى، خاھىشى ۋە ئىنتىلىشلىرىگە ئۇيغۇن ئىجابى، ئىلغار بولۇشى، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. خەلققە تارىخ ۋە رىياللىقنىڭ ماھىيەتلىك ھەقىقەتلىرىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك يوسۇندا، بايان قىلىپ بېرىدىغان، ھاياتلىق قانۇنىيەتلىرى ۋە ھايات ھەققىقەتلىردىكى باشقىلار سېزىپ، ئويلاپ يېتەلمىگەن نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان پىكىرلەر، ئىدىيە، كەيپىيات ۋە خاھىشلار شېئىردا ئۆزى كۆزلىگەن ئىستېتىك تەسىر ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇ شۇندىلا ھەقىقىي شېئىر بولۇپ چىقىدۇ. قىسقىسى، شېئىر خەلقنىڭ ياشاش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىشى، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق مەۋجۇدىيىتى ۋە ياشاش يولىدىكى جاپالىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشى، ئۇلارنى روھلاندۇرۇش، ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى قىلىشى لازىم. ئەكسىچە، ئۇلارنى پاسسىپ تەرەپكە سۆرىسە، چۈشكۈنلۈك، روھسىزلىق ۋە ئۈمىدسىزلىككە قاراپ ئىتتەرسە بولمايدۇ. مۇنداق قىلىش ئاجىزلار ۋە مەغلۇبلارنىڭ ئىشى، بۇ خىل ئىدىيۋى كەيپىياتنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.
شېئىرنىڭ مۇزىكىلىقى دېگىنىمىز شېئىردا ئاھاڭدارلىق، شېئىرىي ئاھاڭدارلىق شېئىرىي شەكىل ۋە شېئىرىي تىل ئاقرىلىق بارلىققا كېلىدۇ. شېئىرىي شەكىللەر خىلمۇ – خىل، رەڭمۇ – رەڭ بولىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بارماق ۋەزىن شېئىرلىرىنىڭ شەكىلىلا 60-70 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ ۋەزىندىكى شېئىر شەكىللىرى ئەڭ قەدىمقى، ئىپتىدائى تۈركىي قەۋملەردە، جامائە دەۋرىدە تىل پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان. ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا بارغانسېرى كۆپەيگەن. شاخلانغان، بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئاھاڭلارنىڭ سېستىمىسى ۋە قانۇنىيىتىنى ھاسىل قىلغان. كېيىنكى دەۋرلەردە ئەرەپ ئەدەبىياتى ۋە پارس ئەدەبىياتىدىن قۇبۇل قىلغان ئارۇزۋەزنى شېئىرىيىتىنىڭ شېئىر شەكىللىرىمۇ كۆپ خىل، ئوخشىمىغان بەھرىلەر بويىچە ئايرىپ ھېسابلىساق، ئۇ شەكىللەرمۇ 30-40 خىلدىن ئاشىدۇ. بارماق ۋەزىن شەكىللىرى بىلەن ئارزۇ ۋەزنى شەكىللىرىنى قوشقاندا 100 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ يۈز نەچچە خىل شەكىل يۈز نەچچە خىل رېتىملىق ئاھاڭ پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئاھاڭلار بارماق ۋەزىن شەكىللىرىدە تۇراق، ۋەزىن، قاپىيەلەر ئارقىلىق، ئارزۇ ۋەزنى شەكىللىرىدە بەھرىلەرنىڭ خىلمۇخىللىقى (سۆزلەرنىڭ ئۈزۈك، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئوخشاش سانىدا، تەرتىپلىك ئالمىشى ئارقىلىق تۈزۈلۈشى) بىلەن پەيدا بولىدۇ. شەكىل ئوخشىمىسا ئاھاڭ ئوخشىمايدۇ. بۇ خۇددى تارلىق چالغۇلارنىڭ بېسىلغان پەدىسىنىڭ ئورنى ئۆزگەرسە ئاھاڭ ئۆزگەرگەندەكلا بىر ئىش . شېئىرىي ئاھاڭدارلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شېئىرىي شەكىللەردە ناھايىتى ئىنتىزامچانلىق ۋە شەكىل ماھارىتىدە ئىزچىل، قاتتىق ئېلىپ بېرىلغان مەشىق ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
شېئرىىي تىل شېئىرىي ئاھاڭدارلىقنى روبايقا چىقىرىدىغان يەنە بىر ۋاستە، شېئىرىي تىل – بەدىئىي تىلنىڭ جەۋھىرى، ئۇ ناھايىتى تاللانغان، سۈزۈلگەن، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ھېس – تۇيغۇلۇق، ئادەمدە كەيپىيات ۋە ھاياجان قوزغايدىغان، ئاھاڭدار يەككە سۆزلەردىن ئىبارەت بولىدۇ. شائىرلار ئادەتتە شېئىرىي سۆزلەرنى مەرۋايىت خىللىغاندەك خىللايدۇ. بىر سۆز، بىر ئىبارە ئۈستىدىمۇ كۈنلەپ – ھەپتىلەپ ئويلىنىدۇ. مەقسەتكە باب سۆزلەرنى تاللاپ بېكىتىشتە ناھايىتى ئىجتىھاد قىلىدۇ. جاپا چېكىدۇ، شۇندىلا شېئىرىي تىل شېئىرىي تىل بولۇپ چىقىدۇ. شېئىرىي تىل ئادەتتە خەلقنىڭ ئىستىمالدىكى جانلىق تىلى زېمىندىن تاللاۋېلىنسا، چۈشىنىشلىك ۋە راۋان بولسا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئۇيغۇر جانلىق تىلىدا (ئاغزاكى تىلدا) مۇنداق ئىمكانىيەت ناھايىتى كەڭرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ لېكسىكا سوستاۋى باي، ئادەتتە بىرلا ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغانغا كەمىدە تۆت – بەشتىن سۆز تېپىلىدۇ. قايسى سۆز مەقسەتكە ئۇيغۇن، باب بولسا، شۇ سۆزنى ئىشلەتسەك قايسى سۆز ئەڭ ئاھاڭدار ۋە راۋان بولسا، شۇڭا تاللىۋالساق بولىدۇ. ناخشا تېكىستلىرى ۋە دېكلاماتسىيە قىلىنىدىغان شېئىرلاردا ئوچۇق بوغۇملۇق، سوزۇق تاۋۇشلىرى راۋان، ياڭراپ چىقدىغان سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلەتكەن ياخشى، شۇندا ئۇلارنىڭ ئاھاڭدار بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
   –سىزنىڭ نەسىرىڭىزدە نەزمىنىڭ ياكى نەزمىڭىزدە نەسرنىڭ ئالاھىدىلىكلىر بارمۇ؟
–شېئىرنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك لېرىك شېئىر، ئىپىك شېئىر، لېرو – ئىپىك شېئىر دېگەن ئۈچ تۈرى بار.ئىپىك شېئىر بىلەن لېرىك ئىپىك شئېىرلاردا سىز ئېيتقان ئالاھدىلىك بولىدۇ. مەن بۇ ئىككى تۈرلۈك شېئىر تۈرىدىمۇ كۆپ يازىدىغان بولغاچقا، مەندە بۇ ئالاھىدىلىك بار. ئىپىك دېگەن سۆز ۋەقەلىك دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. ئىپىك شېئىرلار دېگىنىمىز ۋەقەلىك شېئىرلار، لېرو – ئىپىك شېئىرلادىكى ۋەقەلىك ئامىللىرى شېئىرىي بولۇپ، ئادەتتىكى نەسرىي ئەسەرلەردىكى ۋەقەلىك خاراكتېر ئېتىبارى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. نەسرىي ئەسەرلەردە ۋەقەلىك پۈتۈن گەۋدىگە ئىگە بولۇپ، باشلىنىشى، راۋاجى، تۈگەلىنىشى، يەنى يېشىمى بولىدۇ. شېئىرلاردا بولسا ئۇنداق بولمايدۇ. ئىپىك شېئىرلار ۋە لېرو – ئىپىك شېئىرلار ئۈچۈن بىز ۋەقەلىكنىڭ لازىم بولغان كىچىك بىر پارچىسىنى، بېرەر ھالىتى بىلەن بىرەر كۆرىنىشنى ئۈزۈپ ئالىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋەقە دېتاللىرىنىڭ ئۆزى شېئىرىي خۇسۇسىيەتلىك بولۇش كېرەك، ئادەتتىكى ۋەقەلىك بايانى بولۇپ قالسا بولمايدۇ.شېئىرىي ۋەقەلىك ياكى ئۇنىڭ ئۈزۈۋېلىنغان پارچە دېتاللىرى گۈزەل، ھاياجانلىق، تەسىرلىك، خىيالغا باي ۋە غايىۋىلاشقان بولىدۇ. بۇ خىل دېتاللار شائىردا تاشقى دۇنيانىڭ ئىچكى دۇنياغا ئايلىنىشتەك بىر ئىجادىيەت جەريانىدىن ئۆتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ لېرىك ئامىللارغا تۇلۇق تۇيۇنغان بىر ھالەتتە ئوبرازلىق ھاسىل قىلىدۇ. سىز دېگەن نەزمىدىكى نەسرىي گۈزەللىك مانا شۇ ئىپىك دېتاللار ۋە ئۇلارنىڭ شېئىرىي ئوبرازغا ئايلىنىشى ئارقىلىق بايان بولىدۇ.

–ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شېئىرىڭىز قايسى؟

«كېسىلگەن توغراق»، «دىۋاننىڭ ھەيكىلى»، «دەريا شارقىرايدۇ قاراڭغۇلۇقتا»، «ئىز ئۆزگەرتىدىغان دەريا»، «يۈز يىللىق تارمار»، «مەشئەل كۆتۈرگەن ئۇلۇغ بوۋىلار»، «شىمال يۇلتۇزلىرىغا تەلمۈرۈپ»، «تاغلار قوشىقى»، «جاڭئال يولى» قاتارلىقلار.

–ئۆز مىجەزىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟ سىزنىڭ ياقتۇرىدىغان ئادىتىڭىز، ياقتۇرمايدىغان ئادىتىڭىز قايسى؟

–مىجەزىمگە كەلسەك، ئادەملەرنىڭ مىجەز –خۇلقى ئۇلارنىڭ ئۆمۈر يوللىرىدا ئۆزىنىڭ تۇغما ئىزچىللىقىنى ساقلىغاندىن باشقا، يەنە شارائىتلارنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىرىپمۇ تۇرىدىكەن. مەن بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋىرىمدە تىنچ –مۇلايىم، باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆتەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، خۇشچاقچاق، دائىم خۇشال –خۇرام يۈرىدىغان، تىرىشقاق، ئۈمىدۋار مىجەزلىك ئىدىم.كېيىن ئون يىللىق مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ روھىي زەربىسى، ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىقلار، ياش –ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ بارغاندىن كېيىنكى كەچمىشلىرىم، كەسىپداشلارنىڭ سەھەتخورلۇقى، ئۆچمەنلىكى، ئۇلار ئۇيۇشتۇرغان يوقىتىش ئۇرۇشلىرى، پىتنە –پاساتلار ۋە زەربىلەر مېنى كۆپ يىللاپ خاپىچىلىق ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويدى. مىجەزىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئىنكاسىم تېز، ئاچچىقىممۇ تېز بولۇپ قالدى. خۇشال– خۇراملىقىم يوقالدى. ئەسەبىلىرىم ھەرقاچان يۇقىرى مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرىدىغان، ئېلىشقاق، مۇنازىرچان بولۇپ قالدىم. ئادەملەر بىلەن قويۇق باردى– كەلدى قىلىشتىن ئۆزەمنى تارتتىم. ئادەملەر ئۇ يىللاردا مەن توغۇرلۇق گەپ بولسا: «ھە، ئۇنىڭ بىر قولىدا ئوت، بىر قولىدا سۇ، چېقىلغىلى بولمايدۇ» دىيىشتى. ۋاقىت ئاخىرى ئۇ جاراھەتلەرنىمۇ ساقايتتى. تېنچ، خاتىرجەم بولۇپ قالدىم. ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشمايدىغان، ئۆزەمنىڭ تەنھا، تېنچ ئەمگىكى بىلەنلا ئۆتىدىغان بولۇپ ئۆزگەردىم.

مېنىڭ ياقتۇرىدىان ئادەتلىرىم سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، كىشىلەرگە خەيرىخاھلىق ۋە ھېسداشلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، گېپىدە تۇرىدىغان بولۇش، ئادىللىق، تىرشقاقلىق، ھۇشيار، چېچەن بولۇش. ياقتۇرمايدىغان ئادەتلىرىم يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك، سۈيقەست، ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق ھەددىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك، مەن ھەممە يەردە ۋە ھەممە ئىشتا ئەتراپىدىكى ئادەملەرنى چاياندەك چېقىپلا يۈرىدىغان شەخسلەرنى ئۆچ كۆرىمەن.

–سىز ئەڭ كەچۈرمەيدىغان قىلىق نېمە؟.
–مەن ئەڭ كەچۈرمەيدىغان قىلىق — چېقىمچىلىق، كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش، گۇناھسىز ئادەملەرنى ئۇۋالچىلىقتا قويۇش.

– سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئاۋۇندۇرىدىغان ئەرمىكىڭىز نېمە؟

–كىتاب ئوقۇش، گېزىت – ژۇرنال كۆرۈش.

–سىزنىڭ يېقىندىكى ئەڭ يېڭى نەزمىڭىزنىڭ ماۋزۇسى نېمە، مەزمۇنىچۇ؟

–ئالدىرىماي، ئارىلاپ تاشلاپ قويۇپ، قايتا – قايتا ئويلىنىپ يېزىۋاتقان داستانلىرىم بار، مەزمۇنى تەبىئەت بىلەن ئىنسان، تېمىسى تېخى بېكىتىلمىدى.

– قۇربان بارات ئەپەندى ، سەمىمىي سۆھبىتىڭىزگە رەھمەت !



ۋاقتى: 2016-3-5 16:21:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-18 10:34 PM
ياق، قۇربان بارات ئەزەلدىن شېئىر يازمىغان. ئۇ بۇ شېئىر ...

    نىمانداق تاققۇ-تۇققۇ گەپ بۇ،ئۆزىڭىزنىڭ ئىنكاسىنى ئۆزىڭىز ئىنكار قىلىۋىتىپسىزغۇ،قۇربان باراتنىڭ شېئىر يازىدىغانلىقىنى ھەر قانداق بىر نەرسە يېزىپ باققان ئادەم بىلىدۇ.ئايشەم خانىم  قەستەن بىلمىگەن بولۇپ سوراۋاتقان گەپ،بولمىسا ئۇزۇن يىل مائارىپ سىپىدە خىزمەت قىلغان ئادەم مۇشۇنداقمۇ سۇئال سورامدۇ.
   بۇ قۇربان باراتنىڭ تۇنجى يازغان شېئىرى بولماستىن بەلكىم تۇنجى ئىلان قىلىنغان شېئىرى.شېئىر يىزىشتا تۇغما تالانىت يوق تىرىشچانلىق بار ھەرقانداق بىر داڭلىق شائىرمۇ بىۋاستە بۇنداق ئەسەرلەرنى يازالىشى ناتايىن.  
      بىز بىر سەنئەتكارنىڭ پەقەت سەھنىدىكى تالانىتىنىلا كۆرىمز سەھنە ئارقىسىدىكى جەريانلار دىن بىزنىڭ خەۋرىمىز يوق.

ۋاقتى: 2016-3-8 16:15:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش