بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azizjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-15 04:12 PM
تۇرۇش كېرەك بولسا ئەگەر بۇ يېنىمدا،
خانىمىمدىن ئەنسىرەش سىزگە نەھاجەت؟
مۇھەببەتلىك گۈلگۈن خۇشبۇي شارابلاردىن،
يۈرەك قېنىپ ئۆتمەس ئەسلا بۇ ھەقىقەت!
كۆڭۈل خالار كۆڭۈل ئىزدەپ چاڭقىغاننى،
تاش-تاياققا تېڭىلمايدۇ بۇ بىر ئۇدۇم.
ساھبجامال جىلۋىسىدىن مەرت يىگىتمۇ،
يازدا سايە بولار سىزگە قىشتا ئوتۇن.
قەلەم تۇتۇپ يازدىڭىزمۇ ماڭا قوشاق؟
ياكى يۈرەك تۇتتىڭىزمۇ يۈرەك سوراپ؟
مىڭ يۈرىكىم سادىغىڭىز بېشىڭىزدىن،
ئەل قىزىدىن كەچسەم مېنىڭ ھالىم خاراپ.
كۆرۈشكەنگە باج ئېلىنماس مىڭ قېتىملاپ،
سەھەرلەردە قالار تۇمان كەتمەس تاراپ.
چايخانىنىڭ ئاغچىسى سىز يولۇچىدۇرمەن،
چاي خۇمارىم بېسلىمايدۇ سىزنى خالاپ.
قەلەمكەشكە قەلەم تۇتۇپ بېرەي جاۋاب،
تۇلپارىڭىز سەپەرلەردە ھارماي چاپسۇن.
مۇنبەردىكى قان-قېرىنداش، قەۋمداشلار،
چاقچاقلاردىن بولۇپ مەستخۇش ھەپتە ياتسۇن.