تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى 2016-1-11 14:43 
«كۈلكە جاننىڭ ئۇزۇقى»دەيدىغان گەپ بار. مۇنبەرداشلىرىم ...
1- رەتتىكى ئاغا دوستىڭىزدىن ئوتلۇق سالام !
بىر يىللاردا ، كىشىلەرگە شادلىق ئاتا قىلغۇچى تۇداخۇن [ رەھمەتلىكنىڭ روھى ئەمىن تاپقاي ! ]
دىيارىمىزغا بىر توي مەرىكىسى ئۈچۈن كەلگەنىدى. تومۇز پەسلى بولغاچقا، رېستۇراندىن چىقىپ ، تالادا
بىر دەم سەگىدۇق. شۇ ئارىلىقتا بىر مۇنچە ياشلار تۇداخۇننى ئورىۋېلىپ، قىقاس-چوقان كۆتىرىۋەتتى.
مەنمۇ ئارىلىققا قىستۇرىلىپ، شۇنداق چاك بېسىۋاتقان چاخچاقلاردىن ھۇزۇرلاندىم ھەمدە بىر پۇرسەتتە،
تۇداخۇنغا بولغان ئىززەت-ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بىر نەچچە ئېغىز تاتلىق گەپلەرنى تېرىشتۇرگەنىدىم، ئەمما، تۇداخۇن تازا ئاڭقىرالماي قالدى. مەن شۇ ھامان تۇداخۇننىڭ يېنىغا كېلىپ ئوچۇقىراق سۆزلەش مەقسىتىدەزوڭزۇيۇپ روبىرو ئولتۇردىم. بەكمۇ چېچەن تۇداخۇنمۇ دەرھال باداشقاننى
قۇرۇپ ئولتۇردىدە : ھە، ئەمدى راۋۇرۇس ، بەخۇدۈك پاراڭلىشايلى، دىدى. شۇ تاپتا، مەن يەرگە كىرىپ
كەتكۈدەك بولدۇم .مانا بۇ- ئەدناسى بىر ئۈگۈت بولدى. شۇ يىللاردىن بېرى مەن ، ئادىمىيلىك ، چىن دوستلۇقنىڭ ھاياتى كۈچىنىڭ - سەمىمىيلىك، باراۋەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ ھەم چۈشەندۈرۈپ
كېلىۋاتىمەن. رەھمەتلىك تۇداخۇن ئەنە شۇنداق غۇرۇرلۇق، ئالىجاناب پەزىلەتلىك دوستىمىز ئىدى،
تۆرىبەگ قىزىنىڭ ئەسلەتكەنلىكىگە رەھمەت !