ئاۋال پاتىگۈل تۆرىبەگ قىزىنىڭ ھازىر جاۋاپ ئىسىل يۇمۇر دىن ئورۇن بەرگىنىگە رەخمەت!
يېقىندا تۇققان يوقلاپ ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىگە بېرىپ قالدىم،رەستىدە كېتىۋاتسام ،ئېگىز بوي، سالاپەتلىك، كىلىشكەن بىر خانىم يېنىمدىن ئەدەپ بىلەن سالام قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى،دەماللىققا تونىيالماپتىمەن،ئارقىسىدىن گىنرالدەك روھلۇق قەدەم ئېلىشلىرىغا قاراپ:مەن ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان شائىرە تۆرىبەگ قىزى شۇبولمىسۇن يەنە...؟- دېدىمدە،كەينىدىن بېرىپ سالام قىلدىم.
-ئەسسالام، تۆرىبەگ قىزى،تېېچلىقمۇ؟...
- سىز؟...
- مەن ئەھەدى...
-ھې.... ئەھەدىكامكەنسىزغۇ... مېنى قانداق تونۇپ قالدىڭىز؟
-شۇ يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى باش سۈرىتىڭىز بىلەن،بىر ئوقۇسا يۈرەككە ئورناپ كېتىدىغان تېتىملىق شېئىر، نەسىرلىرىڭىزدىن بولمامدۇ؟...
-مەنمۇ سىزنى مۇنبەردە تونۇپ قالغان،شۇڭا بايا سالام قىلغانتىم...
-سىز بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولغۇم بار ئىدى...
-كەچۇرۇڭ،مەن بەك ئالدىراش، يېقىندا باشلىغان بىر يىرىك ئەسىرىمنى پۈتكۇزىۋەتمىسەم بولمايدۇ،مۇنبەردە كۆرۇشسەك قانداق؟
تۆرىبەگ قىزى شۇنداق دېدى-دە،مەن بىلەن خوشلۇشۇپ ئالدىراپ كېتىپ قالدى. شۇندىن كېيىن مەن ھەركۈنى مۇنبەرگە كىرىپ ئۇنى ئىزدەيدىغان بولدۇم.