يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: تۆرىبەگ قىزى

تۆرىبەگ قىزى: كېلىڭلار، پۇخادىن چىققۇچە كۈلەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-19 14:04:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇۋايىت(جۇدۇن) ئاكىمىزغا :

ئابدۇۋايىت ئاكامنى مەھەللىدىكى ياشلار «ئابدۇۋايتاڭكام» دەپ ئاتىشىدىكەن. ئابدۇۋايتاڭكام مەھەللىدىكى  ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دەريا بويىغا تاشقىنغا قارىشى دامبا باسقىلى بېرىپتۇ. قارىسا ياش بالىلار ساپلا تاماكا چېكىشىپ، يۇمۇر ئېيتىشىپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئابدۇۋايىتاڭكامنىڭ جۇدۇنى ئۆرلەپتۇدە«كىمدە كىم ئالدىنىقى سەپكە ئاتلىنىپ ياخشى ئىشلىمىسە تېرىلغۇ يېرى تارتىۋېلىنىدۇ»دەپ قوقاق ساپتۇ، ئۆزى بولسا ئېگىز يەرگە چىقىۋېلىپ بېلىنى سىلاپ تۇرۇپتۇ.
بۇنى كۆرگەن بەستخور ياشلار دەپتۇ ،- ئابدۇۋايتاڭكا سىلىمۇ چۈشمەملا دەرياغا؟!
ئابدۇۋايتاڭكام قىلچىمۇ پېتىنى بۇزماي نېمە دېگەندۇ بىلەمسىلەر؟...


- مەن ھەممىڭلارنىڭ تاڭكىسى بولغاندىكىن دەرياغا چۈشمەي مەشەدىرەك تۇراي، ئىچىمگە سۇ كىرىپ كېتىپ چۆكۈپ كېتىپ قالسام«ۋاي تاڭكام»دېگەنگە ئورنىغا كەلمەيدۇ،- دەپتۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-19 14:11:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىگە بېغىشلانغا يومۇر ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرغان سەلىمە ھەدەمگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر.

نە سىلەرسىز مەن...
نە مەنسىز سىلەر
مەنىسىزلىكلەر!
سىلەرنى چاقىرىۋاتىمەن گۈل بىلەن ئۇرۇپ،
باغرىم لەختە-لەختە قان،
ئۇخلاۋاتامسىلەر بۇلبۇل بولۇپ..........

ئىھسان بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2016-1-19 14:35:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-1-20 11:52:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە يۇمۇرنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپتۇغۇ؟ ئىجادىي يۇمۇرلار بەك ياخشىكەن، چارچىغاندا ئۇسسىغان يەرگە باردىدە بۇ.

باھا سۆز

ئىش چاتاق جۇمۇ...  ۋاقتى: 2016-1-20 11:52 PM
سىزنىمۇ ئوخشىتىمەن پات ئارىدا،روھى جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ تۇرمىسىڭىز  ۋاقتى: 2016-1-20 11:45 PM
ۋاقتى: 2016-1-20 14:06:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-19 14:04
ئابدۇۋايىت(جۇدۇن) ئاكىمىزغا :

ئابدۇۋايىت ئاكامنى مەھە ...


     بىر قېتىملىق جەنۇب سەپىرىمدە ئونسۇغا چۈشۈپ ، ‹‹ تۆرىبەگ قىزى›› نى كۆرىۋېلىش ئىستىكىدە، بەكمۇ تەستە  قاسىما 35-نۇمىرلىق قوروسىنى تېپىپ كىردىم. گۈلزارلىق ھويلىدا بىر مۇنچە ‹‹ بەگ›› لەر
ۋايتاڭكام، ۋايتاڭكام...  دەپ چېپىشىپ يۈرەتتى. ئاڭغېچە، مودىلكەبى چىرايلىق قىز- پاتىگۈل ئالدىمغا چىقىپ  قىزغىن سالام بەردى :
        - ۋاي، ئابدۇۋايىتاڭكام كېلىپ قاپتىغۇ، مەرھابا ، مەرھابا.
        - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىڭلىم،  مەن  كەلگىچە،  بالىلار مېنى تونۇپ بوپتىغۇ، ئۇلارمۇ ‹‹ مۇنبەر ›› گە
چىقىپ تۇرىدىكەندە،
        - ھا، ھا، ھا، بالىلارغا بايام دۇكاندىن ‹‹تانكا ››  ئېلىپ بەرگەنىدىم، تىزگىنەكنى ياخشى
باشقۇرالماي، تانكىسىنى ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىققا چۈشۈرىۋېتىىپتىكەن، شۇڭا ‹‹ ۋاي، تاڭكام ›› ،
ۋاي، تاڭكام ››- دەپ جىدەل قىلىشىۋاتىدۇ،
         بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.جۇدۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-20 15:55  


باھا سۆز

رەھمەت .  ۋاقتى: 2016-2-13 02:27 PM
جۇدۇن ئاكىمىزنىڭمۇ يۇمۇرغا ئېپى باركەن. رەھمەت ئاكا!  ۋاقتى: 2016-2-7 12:47 PM
ھا ھا ھا...  ۋاقتى: 2016-1-25 01:38 PM
ۋاقتى: 2016-1-21 02:18:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كۈندە قارايمەن مۇنبەرگە، ماڭا نۆۋەت كەلگەنمىكى دەپ، قارىسام يەنە يوق، قارىغاندا پاتىگۇلنىڭ خىيالىدىن خېلىلا يىراقتا ئ‍وخشايمەن، يەنىلا تاقەت قىلىپ كۈتۈپ باقاي!

باھا سۆز

مانا كەتتى ئەمىسە، تېرىكسىڭىز تېرىگە يۆگەيمىز جۇمۇ!  ۋاقتى: 2016-1-25 02:50 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-24 14:53:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shaidayi يوللىغان ۋاقتى  2016-1-21 02:18
كۈندە قارايمەن مۇنبەرگە، ماڭا نۆۋەت كەلگەنمىكى دەپ،  ...

ئالدىنقى يىلى گۇمىدا يەر تەۋرەپ نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ كەتتىغۇ؟ ئېسىڭلاردا بار ھەقىچان. جىق شائىرلىرىمىز «يەر تەۋرىدى، يۈرەك تەۋرىدى»...دېگەندەك بىر قاتار شېئىرلارنى يېزىپ كەتكەن مۇنبەردە شۇ ۋاقىتتا.
يەر تەۋرىگەندە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەر قاتارىدا شەيدائىينىڭ ئۆيىمۇ باركەندە، كۆڭلى يېرىم ئۆزىچە ئولتۇرۇپ «ۋاي ھەسرىتىم، ۋاي دەدىم،
                            كۈمەچ نان بولسىمۇ يەدىم»
دەپ ئولتۇرسا بىر مۇخبىر كېلىپ مىكرافۇننى شەيدائىينىڭ ئاغزىغا توغرىلاپ تۇرۇپ سوراپتۇ؛
- يىگىت سىزنىڭمۇ ئۆيىڭىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇدە، تۇرمۇشىڭىزغا كېتەرلىك لازىمەتلىكلەردىن نېمە لازىم، ھازىز نېمىلەر بار؟ سۆزلەپ باقامسىز؟
شەيدائىي ئۆزىگە-ئۆزى سۆزلەپ دەردىنى ئېيتقىلى ئادەم تاپالماي، قورسىقى ئېچىپ تۇرغاندا مۇخبىرنىڭ قولىدىكى مىكرافۇن خۇددى كۆسەيگە سانجىپ قويغان كەسمە تورتتەك كۆرۈنۈپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن «ئاللا نادان زورىخان»نى توۋلىغان پەدىگە ئاھاڭغا چۈشۈرۈپ شۇنداق دەپتۇ؛
             - يەر تەۋرىدى،قاچقۇدەك مادارىم بار،
                توسقىلى مادارىم يوق.
                ئۆينى تۇتۇپ بولغۇچە ئۆرۈلدى،
                يۆلىگىلى ئامالىم يوق.
                ئۆزىڭىز نەدىن كەلدىڭىز، نەچچىگە كىردىڭىز؟تونۇشۇپ قالىلى،
                ئا دادامنىڭ ئايالى بار، مېنىڭ ئايالىم يوق...


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-24 15:09:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشات مەتنىياز يوللىغان ۋاقتى  2016-1-20 11:52
بۇ يەردە يۇمۇرنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپتۇغۇ؟ ئىجادىي يۇمۇرلا ...

شائىر دىلشات مەتنىياز بېلىق تۇتۇشقا ھەۋەس قىلىدىكەن. شۇڭا ھەركۈنى كۆل بويىغا بېرىپ بېلىق تۇتقاچ شېئىر يازىدىكەندە. بىر كۈنى يەنە سىرتقا ماڭسا ئايالى؛
-ئەتتىگەندە يانا نەگە؟-دەپ سوراپتۇ.
-كۆل بويىغا بېلىق تۇتقىلى،- دەپلا چىقىپ كېتىپتۇ دىلىشاتچان.
ئايالى ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ چارچاپ تۇرسا بىر تېلىفۇن كەپتۇ. تېلىفۇننى ئالسا بىر ئايال «تىز كېلىڭ، ۋايجان، مەن تۇغىدىغان ئوخشايمەن تىزراق...»دەپلا تېلىفۇننى قويىۋېتىپتۇ. ھېرىپ-چارچاپ ، كۈندە كۆل بويىغا بېلىق تۇتقىلى كېتىۋېلىپ ئۆينىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمايۋاتقان ئېرىدىن رەنجىپ تېرىكىپ تۇرغاندا توغرا-خاتاسىنى ئايرىپ ئولتۇرغىدەك ھەپسىلىسى يوق ھەدىمىز دەرھال بىزنىڭ مۇنبەردىكى مۇنۇ شائىر دىلىشاتچانغا يىغلاپ تۇرۇپ تېلىفۇن قىلسا بولىدۇ، - ۋەي نەدە؟
- شۇ نەدە بولتىم، بېلىق تۇتۇپ شۇ ...
- بولدى تىز قايتىپ كەل، تۇتقان بېلىقلىرىڭدىن  بىرسى ھېلى تېلىفۇن قىلدى، بېلىجانلىق بولاي دەپقاپسەن....  

ۋاقتى: 2016-1-24 15:37:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-1-24 20:53:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەسلەپتكى يومۇرلارنى ئىچىمدە ئوقۇپ ئاۋازسىز كۈلۈپ ئولتۇراتتىم، «ۋاي تاڭكام» غا كەلگەندە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي خۇددىي ئېتىلداق (پوجاڭ) ئېتىلغاندەك قاقاقلاپ كۈلۈپ ساپتىمەن. ئۆيدىكىلەرمۇ بۇ تۇيۇقسىز كۈلكەمدىن ھەيران بولۇشۇپ «ۋاي نېمە ئىش بولدى» دەپ سورىشىپ كەتتى.
شۇنداق قىلىپ بۇ يۇمۇرىڭىزغا بىر ئائىلە كىشىلىرى تەڭ كۈلۈشتۇق. بىزگە كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-25 14:43:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇردۇنى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-24 20:53
دەسلەپتكى يومۇرلارنى ئىچىمدە ئوقۇپ ئاۋازسىز كۈلۈپ ئول ...

ئادەم نېمىگە مۇھتاج بولسا شۇنى قوغلىشىدىغان گەپكەن. دىلى سۇنۇق بىر بەندە بولغانلىقىم ئۈچۈن خۇشاللىق دېگەنگە ئېغىر ئاياغ ئايال گازىرغا سېزىك بولغاندەك خۇمار بولۇپ كەتتىم. ھەي نۇردۇنى، سىزگە كىم دېگەندۇ مېنى ناخشا ئېيتالايدۇ،دەپ. ئاشۇ قەلەمكەشلەرگە زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇلغان كۈنى سىز تويۇقسىزلا ئىسمىمنى ئېلان قىلىپ قويۇپ، سەھنىگە چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم، نېمە دەيمەن؟ سەھنىگە چىقىپ ئاۋال «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!» دەپ كۆپچىلىككە سالامىمنى يەتكۈزدۈم. ئاندىن بىردەم تۇرۇپ قالدىم، بۇرنۇمنى بوش، بوش چىمداپ قويساممۇ كۈلۈپ كېتىۋاتىسىلەر، بېشىمنى تاتلاپ تۇرساممۇ كۈلىسىلەر، گېلىمنى قىرىپ بولۇپ دەيدىغان گېپىمنى تاپالماي يانچۇقۇمنى ئاختۇرساممۇ كۈلىسىلەر...شۇ ھالىتىم كۆز ئالدىڭىزغا كەلدىمۇ ھازىر. ئويلىسام ئۆزۈممۇ كۈلۈپ كېتىمەن. يومۇر سۆزلىمەيمۇ سىلەرنى خېلى كۈلدۈرگەن تۇرسام يەنە قانائەت قىلماي بىرەر مۇقام توۋلاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالدىڭلار. كۆڭلۈڭلارنى يەردە قويىدىغان ئادەممۇ مەن؟! ئۆزۈمنىڭ دەردمەنلىكىمگە يارىشا «زۆھرەجانىم»نى توۋلاپ بەرمەكچى بولدۇم. بىراق بەك ھۇدۇقۇپ كەتتىممۇ بۇ ناخشىنىڭمۇ بېشىنى تاپالماي ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ئېيتىشقا باشلىدىم.

                        زېمىننى باسسۇن قانىم مېنىڭ،
                        پەلەكتىن ئاشسۇن زارىم مېنىڭ،
                        پەرىشاندۇر ھالىم مېنىڭ ھەي...

يۈرىكىم ياپراقتەك تىترەپ ناخشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتاتتىم، ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرلەپ كەلگەن بىر يىغا بۇ ناخشىنىڭ ئەۋجى بولغان ئاخىرقى مىسراسىنى يۈتۈپ كەتتى بولغاي،مۇزىكىمۇ ، ناخشىمۇ توختاپ قالدى،
                     4- مىسرا:
                    يومۇر سۆزلەيدىغان ھېسام قۇربان يوق!

مەن يوقارقى مىسرانى گەپ قىلىپ دەۋەتكەندىن كېيىن ۋاڭڭىدە يىغلىۋەتتىم. قىزىق يېرى ھەممىڭلار يەنە بىر قېتىم شۇنداق قاتتىق كۈلدۈڭلاركى،- توۋا خۇدايىم، جاھاندا مۇشۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئادەم كۈلدۈردىغاندىن بىر مەنلا بولسام كېرەك.
(ئەپسۇسكى، بۇنى ئاھاڭى بىلەن دىگىلى بولمىدى-دە مۇنبەردە)

باھا سۆز

ۋاي رەھمەت،ئوقۇيدىغان داخان ئىزدەپ يۈرەتتىم...  ۋاقتى: 2016-1-25 03:23 PM
ئوڭشۇلۇپ قالىسىز-سۈف!  ۋاقتى: 2016-1-25 03:17 PM
ۋاقتى: 2016-1-25 15:09:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوش ئامەت رىستورانىنىڭ ئالدىدىكى دوقمۇشتا ئىككى ئەركەك بىر-بىرىنى تىللاشقىنى تۇرۇپتۇ؛
          _سەن بىر ئىت؛_ دەپتۇ ئۇلاردىن بىرسى.
          _ سەن ئىتنىڭ بالىسى، _ دەپتۇ يەنە بىرسىمۇ بوش كەلمەي.بۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تۇرغان ئۈچىنچى كىشى،
           _ئىككىڭلار ئاتا- بالا ئىكەنسىلەرغۇ،نىمىشقا ئۇرۇشىسىلەر؟_دەپتۇ-دە كىتىپ قاپتۇ.



ۋاقتى: 2016-1-25 15:10:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوش ئامەت رىستورانىنىڭ ئالدىدىكى دوقمۇشتا ئىككى ئەركەك بىر-بىرىنى تىللاشقىنى تۇرۇپتۇ؛
          _سەن بىر ئىت؛_ دەپتۇ ئۇلاردىن بىرسى.
          _ سەن ئىتنىڭ بالىسى، _ دەپتۇ يەنە بىرسىمۇ بوش كەلمەي.بۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تۇرغان ئۈچىنچى كىشى،
           _ئىككىڭلار ئاتا- بالا ئىكەنسىلەرغۇ،نىمىشقا ئۇرۇشىسىلەر؟_دەپتۇ-دە كىتىپ قاپتۇ.



باھا سۆز

ھاھاھا رەھمەت ئاكا...  ۋاقتى: 2016-1-25 03:21 PM
ۋاقتى: 2016-1-25 22:08:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                            پو ئېتىش

-بىزنىڭ بۇ يەردە قىشتا بەك سوغۇق بولىدۇ.ئەگەر ئىنەكنىڭ قوسىقىغا مەش قويوپ قويولمىسا، ئەمچىكىدىن مارۇژنى چىقىدۇ.
-ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ!بىزنىڭ يۇرتتا ياز كۇنى بەك ئىسسىق بولىدۇ.شۇڭا مىكىيانلار پىششىق تۇخۇم كاكىلاپ قويمىسۇن دەپ،مىكىيانلارنى شامالدۇرغۇچ بىلەن سەگىتىپ تۇرىمىز.



ۋاقتى: 2016-1-28 11:25:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-25 14:43
ئادەم نېمىگە مۇھتاج بولسا شۇنى قوغلىشىدىغان گەپكەن. د ...

ئاتنى باغلاڭ شادىغا،
قوينى ھايداڭ پادىغا،
پاتىگۈلنىڭ بېشىدىن،
ئوتتۇز يىگىت سادىغا!

      بۇ قوشاقنى 100 يىل بۇرۇن تۆرىبەگ بوۋىمىز توقۇپ، ئەۋلادىغا مىراس قالدۇرغان ئىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش