يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: تۆرىبەگ قىزى

تۆرىبەگ قىزى: كېلىڭلار، پۇخادىن چىققۇچە كۈلەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-1-13 23:33:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوغلات يوللىغان ۋاقتى  2016-1-13 21:43
يومۇر يازغانغا تويغۇزۇپسىزمۇ نىمە؟

ئۇنداقتا بۈگۈن كەچتە تاماق يىمەيدىكەنسىز-دە.
بۇ چاقچاق،توغرا چۈشۈنىڭ ئۇكام.

ۋاقتى: 2016-1-13 23:57:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە سالامەتلىك، خاتىرجەملىك يار بولسۇن پاتىگۈل. قەلبىڭىزدىن ياخشىلىق ۋە مۇشۇنداق خۇشاللىقلار ئۆكسىمىسۇن.
بۇ چىرايلىق يۇمۇرلارنى ئوقۇپ شۇ يېقىملىق ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغاندەك بولۇپ قالدىم.

ۋاقتى: 2016-1-14 06:41:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-11 14:43
«كۈلكە جاننىڭ ئۇزۇقى»دەيدىغان گەپ بار. مۇنبەرداشلىرىم ...

‹‹ئايال كىشى قانچىلىك ئەقىللىق ،ۋىجدانلىق بولسا،ئۇنىڭ تارتقۇلۇقلىرى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.››
‹‹...ئەمما مەندەك ....››تىن باشلانغان قۇرلارغا جاۋاپ بولۇپ قالسۇن،قەيسەر سىڭلىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-14 18:21:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەدىبە سەلىمە ئابدۇلھەق كامال خانىمغا :

سەلىمە ھەدەمنىڭ قىزى مۇقەددەس ئۈچ ياش ۋاقىتلىرىدا ناھايتىمۇ ئوماق، ئەقىللىق ئىكەندە. بىر كۈنى خوشنا ئۆيدىكى تۆت ياشلىق شەمىسيەقىز سەلىمە ھەدەملەرنىڭكىگە كىرىپتۇ ۋە ئايىقىنى سېلىپ كارىۋاتقا چىقىپ مۇقەددەس بىلەن قونچاق فىلىم كۆرۈپ ئولتۇرسا تويۇقسىز توك كېتىپتۇ. مۇقەددەس ئاپىسىغا فىلىم كۆرەتتىم، دەپ قەغىشلىك قىلىغىلى تۇرغاندا شەمىسيەقىز كارىۋاتنىڭ ئاستىغا ئېڭىشىپ ئايىقىنى تېپىپ پۇتىغا كىيىپلا سىرىتقا مېڭىپتۇ، -نەگە بايىسىز؟-سوراپتۇ مۇقەددەس.
-مەن بى ئامال تاپتىم،-دەپلا ئۆيى تەرەپكە يۈگۈرەپتۇ شەمسىيەقىز. مۇقەددەس دەرھال كارۋاتنىڭ ئاستىغا ئېڭىشىپتۇ، ئاندىن ئىشكاپنى، ساندۇقنى...ھەممە يەرنى ئالا قويماي ئاختۇرۇپتۇ. سەلىمە ھەدەم قىزىنىڭ ئىشىغا ھەيران بولۇپ سوراپتۇ،- قىزىم نېمە ئىزدەۋاتىسىز؟
-ئامالنى! شەمىشىيە بىي ئامال تېپىپتۇ،لېكىن مەن قايىسام بىي، ئىككىمۇ ئامال يوق تۇيىدۇغۇ؟!....

باھا سۆز

ماۋۇ بەك كەپتۇ...(كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)  ۋاقتى: 2016-2-7 12:33 PM
ماۋۇ بەك كەپتۇ...(كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)  ۋاقتى: 2016-2-7 12:33 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-14 18:24:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيگە كىردىم ئوتقا ،
تالاغا چىقتىم چوتقا.
چاقچاق«يىگەنلەر»رەھمەت دېمىسەڭلار
ئەرىز قىلىمەن سوتقا.

خۇدا ھەققى جىڭ گەپيا ماۋۇ !!!!!!!!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-14 18:26:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرداخۇن ئاكام بىلەن مۇھەممەد باغراشتىن باشقىڭلار ھاياتقۇ مايەردە!

                                             
                                           ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!

ۋاقتى: 2016-1-16 19:58:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام سىڭلىم، چاقچاق-يومۇردىن ساۋادىمىز يوقلار ئوقۇپ ھوزۇرلۇنۇپ ئولتۇردۇق شۇ. داۋاملاشتۇرىۋىرىڭ.

ۋاقتى: 2016-1-16 20:28:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-14 18:26
تۇرداخۇن ئاكام بىلەن مۇھەممەد باغراشتىن باشقىڭلار ھاي ...

ۋائەلەيكۇم ئەسسىلام! ھەپتە ئاخىرى يۇمۇر-چاخچاقلارنىمۇ دەم ئېلىشقا قويىۋىتىدىكەنسىزدە...

ئىھسان بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2016-1-17 14:30:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-1-18 01:01:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاقلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

ۋاقتى: 2016-1-18 20:02:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىھسان يوللىغان ۋاقتى  2016-1-17 14:30
پاتىگۇل تۇغۇتتىن 1ئاي ئىلگىرى دوختۇرخانىغا تەكشۈرتىشك ...

پاتىگۈلنىڭ ئەۋلادى ئۆزىدەك ئەدەپ-قائىدىلىك  يارالغان ئىكەن.تۇنجىسى ئامان-ئېسەن  چۈشۈپتۇ.قالغان ئىككىسى بىر-بىرىگە:

--ئۆزلەدىن كەلسۇن!
--ياق،سىلى چوڭ،ئۆزلەدىن كەلسۇن!
--سىلى كىچىك،قىينىلىپ قاللا،ئۆزلەدىن كەلسۇن!
ئىككۇيلەن ئۆزئارا تۈزۈت قىلىشىپ،دوختۇرنى رەللە قىلىۋېتىپتۇ...

ۋاقتى: 2016-1-18 21:10:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاقلاردىن ئوت  چىقىپ كېتىپتىغۇ.

ۋاقتى: 2016-1-18 22:10:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىناۋا يوللىغان ۋاقتى  2016-1-18 20:02
پاتىگۈلنىڭ ئەۋلادى ئۆزىدەك ئەدەپ-قائىدىلىك  يارالغان ...

    ئۈچ گېزەك قېرىندىشىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن بەكلا خۇش بولغان  ‹‹ ھارۇنبەگ ›› بىلەن ‹‹بابۇربەگ ››  سۆيۈنچە ئېلىش ئۈچۈن  پوسمىسىنىڭ چۈشۈپ قالغېنىغا قارىماي ، مومىسىنىڭ
قېشىغا چېپىشىپتۇ. بوۋا- مومىسى  بۇ ڭىككى نەۋرىسىنىڭ  سوغۇكتىن پوتلىلىرى قېتىپ قالغان ، قىپقىزىل بۇرنىنى   چاڭگاللىشىپ  كىرىپ كەلگېنىنى كۆرۈپ ، سىلەرگە نېمە بولدى ؟  -دەپتۇ.بالىلار بىر بىرىگە گەپ بەرمەي :
                    
               -    تاھىر بەگ،  ماھىر بەگ،  زاھىر بەگلەر  دۇنياغا  كە ...كە  ...كەلدى، دىيىشىىپتۇ.

                                  سەل ئەزمە بولۇپ قالدىمۇ  قانداق؟

                                     [ بوپتۇ ، لەتىپە دەپ تۇرايلى ]



ۋاقتى: 2016-1-19 11:06:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتىگۈل قاسىم تۆرىبەگ قىزى يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يىراق بىر يېزىنىڭ يىراق بىر كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپتۇ. يىراق بولغاننىڭ ئۈستىگە قاتناش قولايسىز، يوللار بەك ئوسالكەن. بولۇپمۇ ئەتىيازدا توڭ ئىرىگەن مەزگىللەردە يول پاتقاقلىشىپ كېتىپ تېخىمۇ ماڭغىلى بولمايدىكەن. پاتىگۈل دۇجۈرنىلىك نۆۋىتى كېلىپ قالغان بىر كۈنى سەھەر تۇرۇپ مەكتەپكە ئالدىراپ مېڭىپتۇ. يول پاتقاق بولغاچقا ھەرقانچە ئالدىرىسىمۇ ۋېلسىپىت چاقلىرى يەرگە چاپلىشىۋېلىپ  يول ئاۋۇماپتۇ. پاتىگۈل شۇنداق ئالدىراپ كېتىۋاتقاندا تار يولدا توغرا تۇرۇۋالغان بىر كالا ھارۋىسىغا دۇچ كەپتۇ. ھارۋىنىڭ كەينى تەرىپى يولنىڭ سىرتىغا چىقىۋالغاچقا ئۇ تەرەپتىن ئۆتكىلى بولماپتۇ. كالا تارەپتىن ئۆتەي دېسە ئۈسسۈۋىتىشىدىن قورقۇپتۇ. ئەمما تۇرىۋەرسە كېچىكىپ قالىدىكەن.
ــــ بوۋا، كالا ئۈسسەمۇ يا؟
ھارۋىسىنى پاتقاقتىن چىقىرالمايۋاتقان بوۋاي پاتىگۈلگە دېققەت قىلماپتۇ.
ــــ بوۋا، كالا ئۈسسەمۇ يا؟
بوۋاي يەنە ئاڭلىماپتۇ. تىرىككەن پاتىگۈل بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپتۇ:
ــــ بوۋا، كالا ئۈسسەمۇ يا!!؟
ھارۋىسىنى چىقىرالماي خۇيلۇنۇپ قالغان بوۋايمۇ ۋارقىراپتۇ:
ـــ ئۇكىماۋا، جىڭلاپ باقمىسام قانداق بىلىمەن، بۇ كالا ئۈچسەرمۇ يا، تۆت سەرمۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-19 11:07  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-19 13:51:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئاكىغا:

ئابدۇرېھىم ئاكام تېلىفۇنغا پۇل تاپشۇرغىلى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە كىرىپتۇ. مۇلازىم قىز سوراپتۇ؛- شۇجىغا پۇل جالامسىز؟
ئەزەلدىن ئانا تىلنى توغرا، ساپ تەلەپپۇز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئابدۇرېھىم ئاكام دەرھال ؛-ياق، شۇجىغا ئەمەس، ئۆزەمنىڭ تېلىفۇنىغا
- نەچچە پۇل؟
ئابدۇرېھىم ئاكام 50يۈەننى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قىزغا ئىتتىرىپتۇ. قىز كونۇپكا تاختىسىنى بىر-ئىككىنى تاتىلاپ بېشىنى كۆتۈرمەي تۇرۇپلا؛- جالاپ بولدۇم،-دەپتۇ.
- نېمە، نېمە دېدىڭىز ،-دەپ سوراپتۇ ئابدۇرېھىم ئاكام چۆچۈپ.
-جالاپ بولدۇم دەۋاتىمەن.
ئابدۇرېھىم ئاكام قىزنى ئويغۇرچە سۆزلەۋاتىدۇ، دەپ بىلگەچكە كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قاپتۇ ۋە قايتا يېنىشلاپ سوراپتۇ،- نېمە دېدىڭىز؟
-جالاپ بولدۇم، جالاپ بولدۇم...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش