يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 9672|ئىنكاس: 51

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى(37)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-12 09:36:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇر شائىرى مازۇچاڭ ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر

مازۇچاڭ (1279-1338) نىڭ ئەسلى ئىسمى مويۇن بولۇپ، تۇرپاندىن گەنسۇدىكى دىغار ئايمىقىغا كۆچۈپ كەلگەن شىركەش ناملىق ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكنىڭ ئەۋلادى. شىركەش ئالتۇن خاقانلىقى ۋاختىدا دىۋان بەگلىكىنىڭ تەرجىمان ئەمەلدارى، كەيفىڭ شەھرىنىڭ قانۇن ئەمەلدارى، كېيىنچە ھەبى سوت ئەمەلدارى بولغان. شۇ چاغدا خەنزۇ تىلىدا ھەربى خىزمەت «بىڭ ما» دەپ ئاتالغاچقا، «ما» ئىبارىسى ئۇنىڭغا فامىلە بولۇپ سىڭىپ قالغان. بوۋىلىرى بۇقىناي ماشىچاڭ، دادىسى مارۇڭسى قاتارلىقلار ئىزچىل تۈردە يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىدا يۇقۇرى مەنسەپلەردە بولغان. مازۇچاڭ قۇبلايخان جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلغان يىلى تۇغۇلغان.
مازۇچاڭنىڭ بوۋىلىرى خەنزۇ تىل-يېزىقىغا ماھىر ئىدى. دادىسى شائىر مارۇڭسى «جاۋلىن» ناملىق دىۋاننىڭ ئاپتۇرى ئىدى. مازۇچاڭ كىچىكىدىن شېئىرىيەتكە ھەۋەس باغلىغان. ئۇ، 800 پارچىغا يېقىن لىرىك شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تاشلىق دىيار» ناملىق توپلامنىڭ ئاپتۇرى. توپلامدىكى شېئىرلار بۇ مەشھۇر ئۇيغۇر لىرىك شائىرى مويۈن (مازۇچاڭ)نىڭ لىرىك شېئىرىي ماھارىتىنى نامايەن قىلىدۇ. تۆۋەندىكى بىرقانچە شېئىر –نەزمىلەر ئۇيغۇر شائىرى مويۇن ياڭغى- مازۇچاڭنىڭ «تاشلىق دىيار» توپلىمىدىكى ئاجايىپ گۈزەل بەدىئىي چەشمىدىن بىر قانچە قەترە، خالاس. موڭغۇل، يۈەن دەۋرىدە خەنزۇ ئەدەبىي تىلىدا شېئىر يازغان ۋە جۇڭگۇ كىلاسسك ئەدەبىياتىنىڭ شۇ بىر دەۋرىدىكى شېئىرىيەت گۈلزارىغا ھۆسۈن قوشقان لىيەن شىشەن، گۈەن يۈنشى (سەۋنچ قايا)، جىياۋشىيەن، مازۇچاڭ، سەي جەن، يەنزۇڭدا قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزنىڭ موھىم بىر ساھەسى بولغۇسى.
ئەمدى، مويۇن ياڭغى- مازۇچاڭ شېئىرلىرىدىن بىر قانچە نەمۇنىلەرنى مۇشتەرىلەرگە سۇنىمىز.

1
لىڭجۇدا
مەن مۇشۇ خېشى دىيارىغا قەدەم قويغان زامان،
ياكى چۈش ياكى خىيالدەك يول ئېلىپ مەن يۇرت تامان:
ئۇندا ئۈزۈم مەيلىرى قىلغاي كۆڭۈلنى خۇش كەيىپ،
بېدىلىكلەر ئورنىنى ئالغان بۇدەم ئاشلىق ماكان.
قىزلىرى ماھىر ئۇ يۇرتنىڭ ئاتتا جەۋلان قىلغىلى،
ياشىنىپ قالغانلىرىدا يوق ساۋاتسىز بىگۇمان.
ئوردىمىز دېھقانچىلىقنى ئەتىۋار بىلگەچ بۇ چاغ،
تاڭ سەھەر ئېتىز بېشىدا كۆرىنەر سۆرەم، ساپان.

2
خېشى دىيارىدىكى نەزمە
تۇرىدۇ تىلمەن تېغى ئاستىدا خېشى مەۋج ئۇرۇپ،
يېشى ئون سەككىزدە قىزلار چېچىنى ئالغان ئۆرۈپ،
لالىدەك كۆركەم ئېگىنلەر يالتىرار گويا شەپەق،
جۈپ تاپار بۇددىست يىگىتلەر كەينىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ.
يول ئالار غەرپ تامان تۆگىگە دۇردۇن بېسىپ،
قايتىشار بايلىقتا ھەتتا تاقىغا زەر چەكتۈرۈپ.
ئالدىغا مومدىنمۇ ئاپئاق قوي يېغىنى قويۇۋېلىپ،
ئىچىشەر مەيزابنى ئۇندا كاسىنى لىق تولدۇرۇپ.

3
ئىران سودىگىرى
سودىگەر ئىرانلىقلار دەشتى-چۆللۈكتىن كېلەر،
تۈندە كولدۇرما ئۈنى يول يىراقتىن ئەسلىتەر.
قارىقاش دەريا لىۋىدىن ئېپ كېلەر تاشنى تېرىپ،
شەرق ئېلىدە ئۇنى كەندىر ھەم يىپەككە تېگىشەر.

4
شىن ۋېنخاڭنىڭ «خالتا قۇم دىۋانى»غا مەدھىيە

ئاشۇ خالتا قۇمدا زادى قانچە ئالتۇن بار دېسەم،
ھەممىسى ئالتۇن بولۇپ چاقناتتى كۆزۈمنى بۇ دەم.
سىز قەدىمدىن زەر بىلەن بوپسىز ئۇدا مەشغۇل مانا،
قىسقا-قىسقا نەزمىلەر قىممەت ئىكەن زەردىنمۇ ھەم.
بەزىسى جەڭچىگە تولغان قەھرىتان جەڭگاھ يەنە
بەزىسىدە يۈز ئاچار پەدەزدە كۈلگەن قىز-سەنەم.
باشقا ئاق چۈشكۈنچە دىلدىن يازدىڭىز شۇنچە شېئىر،
نەزمىڭىزدە ئاشۇ يىن جەن بىرلە خې سۇڭ بوپتۇ جەم.

        5
چىڭياڭدا
بېدىلەر كۆكلەر باھار، ئاتلارمۇ سەمرىيدۇ بۇئان،
بۇ ئۈچۈنچى ئاي چېغى تاللار ھۆسۈن قۇچقاي ھامان.
بۇ سەپەر ئۆتسەم بۇ يەردىن چۆلسىرەپ قاپتۇ راۋاق،
لەۋھەگە سالسام نەزەر، ئۈچتى ياۋا قۇشلار شۇئان.

6
سەيۋىنجى رەسىمىگە
غۇز دىيارىدا بەئەينى خەن يېرىدەك ئاي تولار،
ئەجدىھا قۇملۇقتا سۇ مۇڭ تارىسىدەك ئاڭلىنار.
ئەگمە بوز ئۆيدە يېتىپ ۋېنچى كۆرۈپتۇ چۈش بۇ دەم،
قاي باھار ئۆز ئەينىكى ئالدىدا ئۇ پەرداز قىلار.

7
ۋاڭ جاۋجۈن
مەپىلىك يۈز ھارۋا ماڭدى تەڭرىقۇت دىيارىغا،
يوق ئورۇن رەسسامغا پارا بەرمىگەنلىك زارىغا.
ئوخشىدىم تاغ قىزىغا قىسىپ قۇلاققا گۈل چىمەن،
يان تەرەپتە بار ئىدى بىر ئائىلە دىھقان يەنە.

8
تانشى سادۇل ھەزرەتكە
ئايدا ئۈچ مىڭ تۈپ ئاشۇ گۇيشۇ دەرىخى بار ئىمىش،
ھەممىسىنى شۇ گۈزەل چاڭ ئې ئۆزى تىككەن ئىمىش.
كىممۇ ئۈندىن بىرسىنى ئۈزۈپ تىكەر بۇ ۋادىغا،
ئۇندىكى خىسلەت تومۇزنىڭ تەپتىسىمۇ گۈل چېكىش.

مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى: م.قادىر (ھۇما)

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 09:39:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (2)
مەنسۇر ھەللاجىنىڭ كلاسسك ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەكس ساداسى
1
ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر كلاسسك ئەدەبىياتىنىڭ تەپەككۇر دولقۇنى بىلەن سىمانتىك خەزىنىسىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئىسلام سوپىزمىنىڭ ئۇنىڭغا سالماقلىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرىمىز.
شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، سوپىستىك پىكىر ئېقىمىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ۋە روشەن ئىپادىسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيە تارىخى بىلەن ئۇيغۇر كلاسسك ئەدەبىياتىنى ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس.
گەرچە سوپىستىك پىكىر ئېقىمى بىلەن كىيىنكى زامان ئىشانكەشلىكىدە تارىخى باشلىنىش بولسىمۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنى ئاشكارا قىلغان كلاسسك سوپىزىم بىلەن پىرقىچىلىق ۋە سىياسى ئىغۋا تەرغىباتىنى دەستەك قىلغان ئىشانكەشلىكنى كەسكىن پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
مەنسۇر ھەللاجى (858-922) ئىسلام سوپىزىمىنىڭ روشەن گۇمانىستىك سېستىمىسى ۋە سالماق ئىسيانكارلىق دولقۇنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇلۇغۋار مۇتىپەككۇر، جەسۇر تەرغىباتچى شۇنداقلا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئەزىمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەم پەررىدىن ئەتتار، جالالىدىن رۇمى، باھاۋىددىن نەقشى بەندى، خۇجا ئەخمەت يەسەۋى قاتارلىق ۋارىسلىرى ئارقىلىق ئىسلام شەرقىي گۇمانىزىمىنىڭ راۋاجلىنىشىغا، ياۋرۇپا مەرىپەتچىلىكى، گۇمانىزىمى، ئانتروپولوگىزمنىڭ شەكىللىنىشىگە كۆرىنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن تەپەككۇر تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ سىما.
2
مەنسۇر ھەللاجى ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈستىدىكى تىراگېدىيىسى سۈپىتىدە قەتىل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىدىيىلىرى تىزلەكتە يالقۇنغا ئايلاندى. مەنسۇر ئىدىيىلىرىنى پەقەت ئۇنى قامال قىلىش، قارىلاش، ھەتتا ئۇنىڭدىن سۈيئىستىمال سۈپىتىدە بۇرمىلاپ پايدىلىنىش ئارقىلىق «قەتىل» قىلىشتىن باشقا يول يوق ئىدى. ئۆتمۈشنىڭ فېئودال ھاكىممۇتلەقلىرى ئۇنىڭغا نىسبەتەن شۇنداق مۇئامىلە قىلدى. مەنسۇرنىڭ ئىدىيىلىرىنى كىيىنكى زامان مىتافىزىكلىرى، سولچىل ھاكىممۇتلەقلىرى قانداقتۇر نوقۇل روھانىيەتچىلىك نوقتىسىدىن قارىلاپ، ئۇنى ئۆز زامانىدا مەنسۇرنى دارغا ئاسقان فېئودال-ھاكىممۇتلەق كۈچلەر بىلەن بىر كاتېگورىيىگە كىرگۈزۈپ بەنت قىلىپ قويدى. بۇ ئىككى خىل ئەھۋال مەنسۇر ھەللاجىنىڭ ھەقىقى ئىدىيىۋى ماھىيىتى ئىنسان ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇشبۇ تەپەككۇر پرومىتىسىنىك پاجىئەلىك تەقدىرى ھاكىممۇتلەقلىق بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئۆتكۈر زىددىيەتلىرىگە مەرگەزلەشكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
تارىخ، جۈملىدىن تەپەككۇر تارىخى ئۆتمۈشنىڭ بىردىن بىر، ئورىگىنال رېئاللىقى بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ خايىشىمىز ۋە ئىرادىمىزدىن خالىي، ئۇنىڭغا بېقىنمايدىغان تارىخى ھادىسىدىن ئىبارەت. بىزنىڭ ئۇنى تەتقىق قىلىش ۋە ئەينەن ئىزاھلاش مەجبۇرىيىتىمىز باركى، ھەرگىزمۇ ئۇنى قايتا قۇراشتۇرۇپ تەسۋىرلەش ھوقۇقىمىز يوق. تارىخنىڭ ئەڭ ئاچچىق مەسخىرىسى ئۆز ئۆتمۈشىنى بۇرمىلاشقا ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ يۈرۈشكە نېسىپ قىلىنغان!
3
مەنسۇر ھەللاجى نوقۇل تار مەننىدىكى تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ 10-ئەسىردىكى ۋارىسى بولماستىن، كەڭ مەنىدىكى ئىنسانشۇناسلىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ- ياكى پرومىتى، ئاتلاستىن باشلاپ، مۇتەئتەزىلىم، «سادىق دوستلار»، مانىزىم مەزداك تەلىماتى ۋە بابىك قوزغىلىڭىنىڭ تەڭ تەخسىماتلىق ۋە ھۇررەم (ئەركىنلىك) قاراشلىرىنىڭ ئىسلام خەلىپىلىكىدىكى يېڭى مۇجەسسەم ئىپادىچىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ «ئەنەلھەق» ئىدىيىسى ئىنساننى تەبىئەت بىلەن ئىلاھىيەتنىڭ بىرلەشكەن گەۋدىسى، ماددا بىلەن روھنىڭ بىر گەۋدىدىكى ئىپادىسى، مۇقەررەرلىك بىلەن ئەركىنلىكنىڭ بىلىش ۋە قىلىشتىكى بىرلىكى دەرىجىسىگە كۆتۈردى.
تەڭرىنى ئادەم قىياپەتلىك ئالەم ياراتقۇچى ۋە ئۇنى ھالاك قىلغۇچى ئوبيېكت مۇقەددەس روھ دەپ قاراش سىۋائىزىم، براخمانىزم، گرېك ۋە يەھۇدى دىنلىرىدا تەرغىپ قىلىنغانىدى. تەڭرىنى يەردىكى پادىشاھ ۋە ئىمپىراتۇرنىڭ ئاسماندىكى ئوبرازى شەكلىدە تەسۋىرلەش يىراق شەرق ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دىنىي قاراشلىرىدا گەۋدىلەنگەن؛ تەڭرىنى ئىنساننى مەقسەت ۋە ئەڭ ئالى ئىجادىي مۆجىزە سۈپىتىدە ياراتقۇچى، ئىنساننى داۋاملىق زالالەتتىن، شەيتانى نەپسى ئاداشتۇرۇشلىرىدىن قۇتقۇزۇپ نۇسرەتكە يېتەكلىگۈچى، ئارقا-ئارقىدىن ئەلچى-پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ، ئىنساننى ئىزگۈ، ئەقىل، كامالەتكە تەرغىپ قىلغۇچى قىلىپ ئىزاھلاش ئىسلام قائىدىلىرىدە نوقتىلىق ئىپادىلەنگەن؛ پانتىزىملىق ئىدىيەلەر تەبىئەتنى تەڭرى ئاساسىدا، تەڭرىنى تەبىئەت ئاساسىدا تەرىپلەشتى. پەقەت مەنسۇر ھەللاجىلا ئۆزىگە ئىلھام بەرگەن ئىدىيىلەر ياردىمىدە تەڭرىنى- ئىنسان، ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزى، ئىنساندا گەۋدىلەنگەن تەبىئەت ۋە ئەركىن روھىيەت دەپ يەشتى.
ئالەمنى ئىنساننىڭ تەبىئەتكە بولغان مۇناسىۋىتى نوقتىسىدىن ئىزاھلاشتىن دىمۇكرىت، ئارىستوتىل، گۇلباخ ۋە فېيېرباخ ئانتروپولوگىزمى مەيدانىغا چىقتى؛ ئالەمنى ئىنساننىڭ پادىشاھ ھوقۇقدارغا بولغان مۇناسىۋىتى نوقتىسىدىن ئىزاھلاشتىن كۇڭفۇزى ۋە شەرق ھوقۇق-كىشىلىك قاراشلىرى، رىجە ۋە روھىيىتى مەيدانغا چىقتى. ئالەمنى ئىنساننىڭ تەڭرىگە بولغان مۇناسىۋىتى نوقتىسىدىن ئىزاھلاشتىن كۆكتەڭرى- شامانىزىم، زارائاسترىزىم، ئىسلامىيەت ۋە پانتېئىزىم پەلسەپىلىرى مەيدانغا كەلدى. ئالەمنى- جۈملىدىن تەڭرىنى ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىگە، ئىنساننىڭ ئىنسانغا بولغان مۇناسىۋىتى نوقتىسىدىن ئىزاھلاش- ئىنساننىڭ تەڭرىگە بولغان مۇناسىۋىتى نوقتىسىدىن ئىزاھلاش ئاساسىدا، مەنسۇر ھەللاجى كىشىلىك قاراشلىرىدا بەرق ئۇرۇپ چىققان يېڭىچە گۇمانىستىك نۇر بولۇپ قالدى. ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىنسان بىلەن پادىشاھ- ھوقۇقچىلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان مەدەنىيەت تىپلىرىدىن توغرىدىن- توغرا، بىۋاستە مۇنداق مەنسۇرانە قاراشنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
4
مەنسۇر ھەللاجىنىڭ ئاجايىپ كامىل گۇمانىستىك ئىدىيىلىرى ئۆز مۇھىتى ۋە ئۆز تارىخىي سەۋەبلىرى بىلەن سوپىستىك تۇس ئالدى، تەسەۋۋۇپ تونى بىلەن ئورالدى. ئەمما ئۇ ماھىيەتتە ئىنساننىڭ ئىلاھنى ئىزدىشى، ئىلاھقا بولغان ئىشقى، ئىنساننىڭ ئىلاھ بىلەن قوشۇلۇپ كېتىشىنى، ئىلاھىيەتچىل ئەقىدىلىرىدىن خالاس قىلىپ، ئىنساننىڭ ئىلاھلىق كامالىتىنى، ئىنساندا «مەن» ۋە «ئۇ» دېگەننىڭ پەقەت بىرلا «مەن» ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ ئىلاھقا بولغان ئىشقى ماھىيەتتە ئىنسانلار ئارىسىدىكى باراۋەرلىك، ئىززەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك رىشتىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ ئىلاھ بىلەن قوشۇلىشى ماھىيەتتە ئىنساننىڭ تۇرمۇش قىستاڭچىلىقى ۋە ھايۋانىي نەپسانىيەتنى يېڭىپ، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس پاكلىق ۋە ئالىجاناپلىق ماھىيەتلىرىنى تېپىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ ئىنساننى ئىنسانپەرۋەرلىك پىرىنسىپلىرىغا يېتەكلەش ئىدى.
كىلاسسك ئەدەبىياتىمىزدا توغرىدىن- توغرا مەنسۇر نامى بىلەن باغلانغان پەلسەپىۋى دۇردانىلەرنىڭ پېشقەدىمى خۇجا ئەھمەت يەسەۋۋىدىن ئىبارەت. ئۆتمۈشتە ئەھمەت يەسسەۋى (1105-1166) يالغۇز خەلق تىلىغا يېقىن ئۇيغۇر تىلى بىلەن ھېكمەت قوشاقلىرى يازغانلىقى تىلغا ئېلىنغانىدى. گەرچە يەسسەۋى مەنسۇردىن پەرقلەنسىمۇ، ئەمما ئۇ مەنسۇر ئۆلۈمىگە ئاتاپ ئالتە مۇرەببە، 13 مىسرا نەزىم پۈتكەن.
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ ئىنسان- شەيتان ئازدۇرغان تەڭرىدۇر، ئۆز- ئۆزى بىلەن كۆرەش قىلىپ، شەيتانى نەپسىنى يېڭىش- ئىنساننىڭ ئەسلىدىكى ئىلاھىي ماھىيەتلىرىگە قايتىشتىكى ئاساسىي مەشىق ۋە پائالىيەت، دېگەن قاراشلىرى مەنسۇر ھەللاجى ئىدىيىلىرىنىڭ داۋامى ئىدى.
ئەھمەد يەسسەۋىدىن كېيىن مەنسۇر ھەللاجى نامىنى غايىبى موتىفدا تىلغا ئالغان مۇتىپەككۇر شائىر ئەلشىر ناۋائى بولدى. نەۋائى (1441-1501) «نەسائىمۇل مۇھەببەت» ناملىق ئەسىرىنىڭ جالالىدىن رۇمىغا ئاتىغان قىسمىدا: «جالالىدىن رۇمىي سۆزلىرىدە مەزكۇردۇركى، شەيخ مەنسۇر ھەللاجىنىڭ نۇرى يۈزئەللىك يىلدىن كېيىن شەيخ پەرىددىن ئەتتارنىڭ روھىغا تەجەللى قىلدى ۋە ئۇنىڭ مۇرەببى بولۇپتۇر» دەپ يازدى. ئۇ «چاھار دىۋان»نىڭ 2-قىسمىدىكى تەركى بەندىدە:
«گە يەقىن ئەھلىنى مەنسۇر كەبى قەتىل ئەتمەس، نىدىندۇر شەجەرۇ سۇنبۇلى دارۇ رەسەنى ؟» دەپ يازىدۇ. ناۋائىنىڭ سوپىستىك ئىدىيىلىرىدە ئىنساننىڭ ئىستىقامىتى يەنىلا ئۆز-ئۆزىنى بىلىش ۋە ئىزدەش ھەققىدىكى ئىدىيىلەر كۆپلەپ ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، ئۇ تەڭرى بىلەن ئىنساننى ئىككى كاتىگورىيىگە ئايرىغان ۋە تەڭرىنى ئىنسانپەرۋەر ئىلاھ سۈپىتىدە ئىزاھلىغان. ئۇنىڭ:
«پارچىدىن غەرەزگە پارچە ئىنسان ئىدى،
ئاڭا داغى مەقسۇد ئىرفادە ئىدى».
دېگەن مىسراسى بۇ جەھەتتە ئورىگىنال ئەھمىيەتكە ئىگە.
5
بابارەھىم مەشرەپ (1659-1711) مەنسۇر ھەللاجى ئىدىيىلىرىنىڭ نەۋائىدىن كېيىنكى 17-ئەسىردىكى يەنە بىر يالقۇنلۇق ۋەكىلى بولدى. ئۇ:
«يېشى يەتمىشكە يېتىپ ساتتۇردى ئۆزىنى بايەزىد» دەپ باشلىنىدىغان غەزىلىدە بايەزىد، شەيخ شىبلى، شەيخ ئەتتار، مەنسۇر ھەللاجى، نەسىمى، شەيخ سەنئان قاتارلىق گۇمانىستىك- سوپىستىك تەپەككۇر ساھىبلىرىنىڭ غايە ۋە پاجىئەلىرىنى تىلغا ئالىدۇ.
مەشرەپ مەنسۇر «ئەنەلھەق» ئىدىيىلىرى توغرىسىدا ھەممىدىن كۆپ يازدى، ئاخىرى بەلخ ھاكىمى مەھمۇد قۇتاغان تەرىپىدىن دارغا ئېسىلىش ئالدىدا:
«مىڭ شۈكرى خۇدايىمغا مەنسۇرگە قوشۇلدۇممەن،
ئول روھى قارالار كىم مەنسۇرنىمۇ ئۆلتۈرگەن»
دەپ يازدى، مەشرەپ ئۆز غەزەللىرىدە:
«ھەركىشىنىڭ دەردى گەر بولسا ئانىڭ قۇربانى مەن»
تەرەھھۇم ئەيلەبان كۆرگىل جاراھەتخانە مەشرەبمەن»
«تەۋابى ئادەمى دىل قىل، جاھاندا ھەر بەشەردىن سەن،
ئەگەر بىر دىلنى سەن بۇزساڭ يۈزەر كەپە بۇزۇلماسمۇ»
دەپ ئىنساننى ئىتىقاد ئوبيېكتى ۋە ئىتىقاد سوبيېكتى قىلدى. ئۇ مەنسۇر نامىغا ئاتاپ:
«ئەنەلھەق گۇئى ئەجادەم، تەجەللى، پەرۋەرى ئىشقەم،
مۇدام ئەزخۇنى مەنسۇرەم، زى دۇرى ساغارى ئىتتەم».
(مەنىسى: ئىنەلھەق خۇددى مېنىڭمۇ ئىجادىم، خۇددى مەنسۇردەك ئادەملەرگە بولغان ئىشقىم تۈننى يورىتار) دەپ يازدى.
خۇجا نەزەر ھۇۋەيدا مەشرەپنىڭ زاماندىشى سۈپىتىدە:
«ئەي ھۇۋەيدا قىلمىغىل مەنسۇرىدەك سىڭرىنى پاش،
ئەيلىسەڭ ھۇي ئەنەلھەق، دارىدىن ئەندىشە قىل» دەپ گۇمانىزىمنى ئەندىشىدە قالغان يوشۇرۇن ئىدىيە سۈپىتىدە تەسۋىرلىدى.
مەنسۇر ھەللاجى ۋە «ئەنەلھەق» ئىدىيىلىرى مۇھەممەت سىدىق زەلىلى ئەسەرلىرىدە ئىزچىل ياڭراق ئەكس سادا دولقۇنى ھاسىل قىلدى. ئۇ مۇنداق يازدى:
«تەفەررۇج قىل دىلۇ-جانىنى بەرباد ئەيلەدى مەنسۇر،
ئەنەلھەق رەمزىنى بىر قەترەئى مەيدىن ئەيان ئەيلەپ»
«مەي مەنسۇرى تۇقىل ساقىيا، سىر ئاشكارا ئەيلە،
ئەگەرچە لالە يەڭلىغ خۇن ھەسرەتتىن ئاياغىم بار»
«مەنسۇر ئەنەلھەق سىرىنى ئەيلەدى زاھىر،
ئولى قافىلەر دىنى ئىلگىرى يولىن تۈگۈتۈپتۇر»
ئاروزۇي سۆھبەتىن مەنسۇرى ھەللاج ئەيلەسەڭ،
ئۈستىخانىڭدىن سەراپا نەردىبانى دار بول»
«زەنجىرى جۇنۇن لايىق مەنسۇرىگە مۇھەببەت، دا ئۈستىدە جەران»
قەدەھ مەنسۇر ئاتىغا تولدۇرۇپ كەلتۈر ئەي ساقى،
تەنىمدە ھەم رەگۇ، ئۈستىخاندا ھەم رەسەت كەلدىم»
«دادۇگىر ئىشقىنىڭ تاراجىدىن مەنسۇرى ۋار،
نەغمەئى جۇشى ئەنەلھەق چەككىلى مەردانە يوق»
«بىر قەترەئى ئىشىق رەھدەئى ئەنەلھەق ئەيتۇر،
ئەي قەۋمەئى پارسايان پەرھىز ئېتىڭ بىغا يەتى».
زەلىلى ئەنەلھەق ئىدىيىلىرى بىلەن يىتىلگەن ئىنساننى تەڭرى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ:
«باقىبان ئەل سارى جانا يۈزۈڭدىن گەر نىقاپ ئالساڭ،
روھىڭنى چۈن ھاھى ئەنۋەر، تەجەللىئى خۇدا دەرلەر»
دەيدۇ.ئۇ:  
«قايدا ئىيسا كەبى مەسىھا،
كۆرگەي ئەسرارى ھەقنى مەريەمدە»
دېگەن مىسراسى بىلەن تىرىلدۈرۈش قۇدرىتى بىلەن ئىلاھىيەت سىرلىرىنى ئىنسان- ئىيسا ۋە مەريەمگە جۇغلايدۇ.
زەلىلى ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي ئازاپ- ئوقۇبەتلىرى ئۈستىگە جۇڭغار بېقىندۇرغۇچىلىرىنىڭ مىللى زۇلمى قوشۇلغان موھىتتا «يوقالغان غەزنە»- ئىنساننىڭ ئىلاھىي ماھىيەتلىرىنى ئىزدەپ- سوراقلاپ يۈرگەن 17- ئەسىر ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئىدى.
ئابدۇللا خەراباتى (1638- 1730) ئۆزىنىڭ «مەسنەۋى خەراباتى» ناملىق ئەسىرىنى خۇددى جالالىددىن رۇمىنىڭ «مەسنەۋى رۇمى» ناملىق مەشھۇر ھېكمەتنامىسى تەرىزدە يازدى. ئۇ ئەينى زامان ئىللەتلىرىنى تەنقىتلەشتىن زور دەرجىدە ھالقىپ ئىنسانغا قارىتا «ئىنسانشۇناس» بولۇشنى ئوتتۇرغا قويدۇ. بۇ گۇمانىستىك ئىدىيىنىڭ 17- 18 ئەسىر ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى يەنە بىر سىمانتىك ئۆركىشى ئىدى.
6
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئەدەبىيات شەكلىدىكى بىلىش ھەركىتىدىن، نەزىم- نەسىر شەكلىدىكى تەپەككۇر ھەركىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى كىشىلىك ئىلمى ھېساپلانغان ئەدەبىيات ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىش جاھاننامەسى، ئۆز يولىنى يورۇتۇشنىڭ مەشئەل چىرىغى، ئۆز- ئۆزىنى ئۆيغىتىش، قايتا ئويلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۇيقۇ ئۈچۈن ئەللەي ناخشىسى، بىخۇدلۇق مەي سۆھبىتى، ھاماقەتلىك مەدھىيىسى ۋە ئەدەپلىك شۆھرىتىنىڭ تەنتەنىسى ئەمەس.
مەنسۇر ھەللاجىنىڭ ئەنەلھەق ئىدىيىلىرى بىر قىسىم يۈكسەك ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە جانلىق ئىپادىلەنگەنلىكى ئەينى زامان خەلق خارلىنىشىنىڭ پاجىئە دەرىجىسىنى ئەكس ئېتىشتىن تاشقىرى، يەنە ئەينى زامان ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ تەپەككۇر گىرادۇسلىرىنى كۆرسەتتى. بۇ يۈكسەك دەرىجىگە ھەممە كلاسسىكلىرىمىز ئوخشاش كۆتۈرۈلگەن ئەمەس، ئەلۋەتتە.
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەپەككۇرى ۋە يازما ئىجادىيىتىدىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن موزېي كۆرگەزمىسى ئەمەس! بىز تارىخ، جۈملىدىن ھاياتلىق يولىدىكى كۆرەش تارىخىمىز 3000 يىللىق ئىرانىڭ بىرىنچى ئەسىرىگە- 21- ئەسىرگە ئۆتۈشكە يېرىم مۆچەل قالغان بۈگۈنكى كۈندە، ئون يېرىم ئەسىر ئىلگىرى جىسمانىي پاجىئە ۋە ئىدىيىۋى تەنتەنە زىلزىلىسى پەيدا قىلغان مەنسۇر ھەللاجى گۇمانىزىمىنىڭ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئەكس ساداسىغا نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، تەبىئىي يۇسۇندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز ئۈستىدە بىر دەقىقە بولسىمۇ قايتا ئويلانماي تۇرالمايمىز. «ئەدەبىياتىمىز ئاشۇ كلاسسىك تەپەككۇردىن ئىلگىرىلىدىمۇ ياكى ئىلگىرلىيەلمىدى»، ھەتتا بۇ ھەقتە ئويلاپ قويماي نوقۇل تەبىئەت لىرىكىلىرى، مۇھەببەت قوشاقلىرى، كالىندار مەدھىلىرى بىلەن ئاداۋەت روھىيىتىگە چۆكۈپ قالدىمۇ؟ «يىگىرمىنچى ئەسىردە بىزدە رومان، دىراما، سىنارىيە ۋە ھەرخىل ئارۇز، بارماق ۋەزىندىكى نۇرغۇنلىغان بەدىئىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، مۇشۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تەپەككۇر قىممىتى قايسى كاتىگورىيىدىن قايسى كاتىگورىيىگە كۆتۈرۈلدى. بىرەر مىسرا ياكى جۈملىدە بولسىمۇ ئەڭ يۈكسەك ئىلھام بەخش تەپەككۇر دۇردانىسى دەپ نىمىلەرنى كۆرسىتەلەيمىز؟» ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خامىنىدىن ھەقىقى ئېلىنغان ھوسۇل زادى نېمە؟ مانا بۇلار ھەقىقەتەن تەپەككۇر دۇردانىلىرىلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن پۈتۈن كىشىلىك، دۇنياۋى- تارىخى باھا بېغىشلايدىغان سىمانتىك قىممەتتىن ئىبارەت. يازما ئىجادىيەت دېڭىز- ئوكياندەك ئۆركەشلەۋاتقان ھازىرقى زاماندا، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تارىخى ئۇتۇقلىرىنى پەقەت ئۇنىڭ ئۆتكەن ئەسىردىن ھالقىغان تەپەككۇر جاۋاھىراتلىرى بىلەنلا ئۆلچەش مۇمكىن. بۇ بىر ئاڭنى ئاڭلىق تۇرغۇزۇشتا مەنسۇر ھەللاجى گۇمانىستىك ئىدىيىلىرىنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەكس ساداسىنى تىلغا ئېلىش ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەلۋەتتە.
1993-يىلى ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى
مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى: م.قادىر (ھۇما)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 09:40:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (3)
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەھمەد يەسسەۋى ۋە يەسسەۋىچىلىك

ئەھمەد يەسسەۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە- ئىدىيە تارىخىدىكى موھىم شەخس. ئەھمەد يەسسەۋى سوپىزمنىڭ روھانىيەتچىل تەركىدۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان يەسەۋىيە- جەھرىيە- قادىرىيە ئېقىمىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ئىران ۋە ئىسلام شەرقىدىكى تەئەسسۇپ پىكىر ئېقىمى تارىخىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئورۇن تۇتقان.
ئەھمەد يەسسەۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ قوشاق شەكلى بىلەن يەسسەۋىزملىق سوپىزم ئىدىيىلىرىنى تۇنجى بولۇپ بايان قىلىپ، دىنىي روھانىيەتچىل ئەدەبىياتنىڭ موھىم بىر ئۆلگىسىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ساپ ئۇيغۇر جانلىق خەلق تىلىدا يېزىلغان شېئىرىلىرى قارىخانىلار دەۋرىدىكى تۇغدار «خاقانىيە تىلى» بىلەن «چاغىتاي ئەدەبىياتى»نى تۇتاشتۇرىدىغان موھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە مۇئەييەن تارىخى قىممەت ياراتتى.

1.ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ ھايات پائالىيىتى
ئەھمەد يەسسەۋى تەخمىنەن 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراخانىلار سولالىسىگە قاراشلىق يەتتە سۇ ۋىلايەتلىرىنىڭ بىرى بولغان تۈركستان- يەسسەۋى دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ بوۋىسى مەھمۇد بولۇپ، دادىسى سايرام شەھرىنىڭ شەيخلىرىدىن ئىبرايىم يەسسەۋى دىگەن كىشى، ئانىسى قاراچاچ ئانا دېگەن ئايال ئىدى.
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ بالىلىق چاغلىرى سايرامدا ئۆتكەن. ئۇنىڭ دادىسى ئىبراھىم شەيخ ۋاپات قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئارىسلان بابا ئىسىملىك ئىشاننىڭ قولىدا داۋاملىق تەربىيەلەندى. ئۇ كىشى قازا تاپقاندىن كېيىن، ئۇ، سايرام شەھرىدىن بۇخارا شەھىرىگ كېلىپ، مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى شەيخ يۈسۈپ ھەمەدانىنىڭ تەربىيىسىدە بولدى. يۈسۈپ ھەمەدانى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ مەشھۇر ئىشاننىڭ ئورنىدا ئەھمەد يەسسەۋى خەلىپىلىك قىلىپ، داڭق چىقاردى. بۇ جەرياندا، ئەھمەد يەسسەۋى تولىمۇ تەركىدۇنيالىق بىلەن تولغان كۆزقاراشلىرىنىڭ- يەسسەۋىچىلىك ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئەھمەد يەسسەۋى مەشھۇر تەسسەۋۋۇپچى ئىشان سۈپىتىدە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، شەيخلىق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، شۇنچىلىك زور شۆھرەت قازاندىكى، ھەتتا «مەدىنىدە مۇھەممەد، تۈركىستاندا خوجا ئەھمەد» دېگەن سۆزلەر تارالغان.
ئەھمەد يەسسەۋى ئۆز يۇرتىدا- يەسسىدە (تۈركستاندا) 1166-يىلى ۋاپات قىلغان. ئۇنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرگەنلىكى سىرلىق رىۋايەتلەر بىلەن يوشۇرۇنغان. ئېيتىشلارغا قېرىغاندا، ئۇ گەرچە مۇھەممەد پەيغەمبەردىن ئارتۇق ياشىماسلىقنى ئارزۇلاپ، 63 يېشىدا شامگۆرگە كىرىپ، روزا تۇتۇپ، ئىستىقامەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىككى پەيغەمبەر يېشى- 130 يىل ئۆمۈر كۆرگەن.
تۈركستان شەھىرى ئەتراپىدا ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ قېرىنداشلىرى لاتىپ ئاتا، مۇستاپاقۇل ئاتا ۋە دادىسى ئىبراھىم شەيخ، ئانىسى قاراچاچ ئانىنىڭ، قىزلىرى جامال خانىم، گۆھەر خۇشتار خانىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان. ئەلشىر ناۋائىنىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس»، «نەسائىمۇل مۇھەببەت» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇچۇر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەدەبىيات كلاسسىكلىرىدىن شەيخزادە ئاتايى ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ ئىنىسىنىڭ ئوغلى ئىسمايىل ئاتىنىڭ ئوغلى ھېساپلانغان.
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ قەبرىسى ۋە يەسسەۋىلەرگە ئائىت مول مال-مۈلۈكلەر ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ (جۇجىخان ئولۇسىنىڭ) خانلىرىدىن توختامىشخان تەرىپىدىن بۇلاپ تالانغانىدى. تۆمۈرلەڭ توختامىشخان ئۈستىدىن جەڭدە غەلىبە قازانغاندىن كېيىن 1397- 1395- يىللىرى بۇ نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، يەسسەۋىلەر قەبرىلىرىنى كېڭەيتىپ، نەقىشلەپ ياساتقۇزدى. ئەھمەد يەسسەۋى قەبرىستانلىقى 1980- يىللاردا يەنە قايتا رېمونت قىلىنىپ، خالقئارا سەيلى- ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.

2.ئەھمەد يەسسەۋى ئىدىيىسىنىڭ مەنبەلىرى
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ سوپىزىملىق قاراشلىرى مەنبەسىز ھالدا تاسادىپى شەكىللەنگەن ئەمەس.
ئەھمەد يەسسەۋى ئىدىيىلىرىگە خاراكتېرلىك مەنبە بولغان نەرسە ئىسلام شەرقىدىكى روھانىيەتچىل سوپىزىم ۋە بۇددىزىملىق (سونياتاچىلىق- تەركىدۇنياچىلىق) پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىدىن ئىبارەت.
مەلۇمكى، سوپىزىملىق قاراشنىڭ رەسمىي مەنبەلەردىكى ئەڭ دەسلەپكى نامايەندىسى ئايال روپاش لەبىر ئەدىۋىيە (801- 717) دېيىلمەكتە. ئۇ چۈشىدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنى كۆرگەنلىكى ۋە مەنىۋى ياقتىن تەڭرى بىلەن قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان.
سوپىزىم تارىخىدا، ئەبۇل مۇخس ئەل ھۆسەيىن ئىبىن مەنسۇر ئىبىن مۇھەممەد ئەل بەيدەۋى ئەل ھەللاجى (858- 922) ئالاھىدە تەسىرلىك ئورۇن تۇتقان. لەبىر ئەدىۋىيەدىن ھەللاجىغىچە ئىبىن ئەل ئەرەبى، ئىبرايىم ئەدھەم، جۇنەيدىل باغدادى قاتارلىق مەشھۇر سوپىزىم ۋەكىللىرى ئۆتكەن. مەنسۇر ھەللاجى ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىكى كىشىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 873- 897- يىللىرى جۇنەيدىل باغدادىدىن سوپىزىملىق تەلىم ئالغان. ئۇ ئىران، ھىندىستان، خوراسان، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئايلىنىپ، 908-يىلى باغداتقا كەلگەن ۋە 922-يىلى 26- مارتتا خەلىپە مۇقتەدىر تەرىپىدىن دارغا ئېسىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، باباكوھى (1050-؟) ئابدۇللا ئەنسارى (1088- 1002)، ئابدۇلمەجىد سەنائى (1190-؟) مۇھەممەد غەززامى (1111-1058) قاتارلىق مەشھۇر روھانىيەتچىل سوپىلار مەيدانغا كەلدى.
يۈسۈپ ھەمەدانى موزدۇز ئىدى. ئۇ بۇخارا- سەمەرقەند مۇداپىئە جەڭلىرىگە قاتناشقان. ئۇ، خەلققە ۋە ئۆز يۇرتىغا يېقىن ھىسىياتتا ئىدى. ئۇ، ھۈنەر ئەمگەكنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئۇنىڭ شاگرتلىرىدىن ئابدۇخالىق غىژدىۋانى (بۇخارا يېنىدىكى ھازىرقى غىژدىۋانى) يۈسۈپ ھەمەدانىنىڭ بۇ خىل رىياللىقنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلمىغان قاراشلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى. ئەھمەد يەسسەۋىي بولسا ئۇچىغا چىققان تەركىدۇنياچىلىق يولىنى بويلاپ ماڭدى.
بۇددىزىم تەركىدۇنياچىلىق ئاساسىغا قۇرۇلغانىدى. ئۇ رىيال دۇنيا «چەكسىز ئازاپ» دېگەن قاراشنى چىقىش قىلىپ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش نىجادىيىتىنى ئىزدەش ئاساسىدا ئۆز تەلىماتىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ پەقەت نىرۋانا دۇنياسىدىلا ئازاپتىن قۇتۇلۇش مۇمكىن، دەپ قارىغان. بۇ دۇنيانى «قۇرۇق» ئەرزىمەس، ھەقىقى دۇنيا پەقەت نېرۋانا دېگەن قاراش بۇددىزىم پەلسەپىسىنىڭ نېگىزلىرىدىن ھېساپلىناتتى.
بۇددىزىمنىڭ تەركى دۇنياچىلىق ئەنئەنىسى ئوتتۇرا ئاسىيا- شىنجاڭ رايونىدا كەڭ تارقالغان، ھەتتا «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى زاھىد ئۇدغۇرمىش ئوبرازىدا مۇنداق بۇددىزىمچە تەركىدۇنياچىلىق ئىسلام سوپىزىمى شەكلىنى ئالغانىدى.
ئەھمەد يەسسەۋى ۋە ئۇنىڭ سۇلايمان بەقىراغانى، سەئىد ئاتا، باباماچىن قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ روھانىيەتچىل سوپىستىك قاراشلىرىنى چىڭگىزخان ئىستىلاچىلىقى كۈچەيگەن ۋە ئىقتىسادى خانىۋەيرانلىق ئېغىرلاشقان، فېئودالىزىمنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچى ئېغىر بۆھرانىغا تولغان زاماندا تېخىمۇ ئۈمىدسىزلىك تۈتەكلىرى بىلەن تولۇقلاپ، رەسمىي يەسەۋىچىلىك ئېقىمى ئىزىغا سالدى: يەسەۋىچىلىك بىر مەزگىل رەسمىي ئىسلام ئەقىدىلىرى بىلەن بىللە ھۆكۈمران دىنىي ئىدىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.

3.يەسسەۋىچىلىك دەستۇرى- «دىۋان ھېكمەت»
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ سوپىزىملىق ئىدىيىسى ئۇنىڭ «دىۋان ھېكمەت» (پەلسەپىلىك شېئىرلار) ناملىق ئەسىرىدە مەرگەزلىك ئىپادىلەنگەن.
«دىۋان ھېكمەت» جانلىق، ئاھاڭدار ئۇيغۇر شېئىرىيىتى بويىچە يېزىلغان تەسەۋۋۇپ دەستۇرى بولۇپ، ئۇنىڭ سوپىزىملىق ئىدىيە ۋە ئۇيغۇر شېئىرىي شەكلى ئىككى گەۋدىلىك قىممەت ياراتقان. ئۇنى ھەم ئەدەبىيات ھەم پەلسەپە- ئىدىيە نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىش مۇمكىن.
ئەھمەت يەسسەۋى دۇنيانىڭ ماھىيىتى ئىنساننىڭ ماھىيىتىدۇر. ئىنساننىڭ ماھىيىتى دۇنيانىڭ ماھىيىتىدۇر، ئىنساننىڭ ياشاشتىن مەخسىدى، مۇشۇ ماھىيەتنى بىلىش-ھەقىقەتكە ئېرىشمەك دەيدۇ.
ئەھمەد يەسسەۋى ھەقىقى يول- سوپىزىملىق يولىدۇر، ھەقىقى سوپى- دانا بولۇش ئۈچۈن، تۆت باسقۇچلۇق ھېكمەت (پەلسەپە)دىن خەۋەردار بولۇش لازىم، دەپ قارىغان. بۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1.ئىسلام قائىدە- نىزامى بولغان شەرىئەتنى بىلمەكلىك؛
2.سوپىزىم تەسسەۋۋۇپ پىكرىنىڭ ئاساسى بولغان تەرىقەتنى بىلمەكلىك؛
3.ئىشقى ئىلاھىيە (تەڭرىگە مۇھەببەت) بولغان مەرىپەتنى بىلمەكلىك؛
4.تەڭرى بىلەن قوشۇلۇش كۇرسى (دەرىجىسى) بولغان ھەقىقەتنى بىلمەكلىك.
ئەھمەد يەسسەۋىچە بۇ تۆت باسقۇچ سوپىلىققا كۆتۈرۈلۈشنڭ تۆت دەرىجىسى بولۇپ، بىرىنجىسى بولمىسا ئىككىنچىسى بولمايدۇ.
روشەنكى، بۇ نوقتىدا ئەھمەد يەسسەۋى ئىسلام سوپىزىمىنى ئىدېئالىستىك جەھەتتە كامالىغا يەتكۈزدى.
ئەھمەد يەسسەۋى خۇددى بۇددىزىم ئەقىدىلىرىدىكىدەك رېئال دۇنيانى «ئازاپ دېڭىزى» دەپ قارايدۇ. ئۇ، بۇ دۇنيانى خۇنۇك، زۇلمەتلىك، ۋاپاسىز، ئۆتكۈنچى، جىنايى دۇنيا، دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. ئۇ ئۆز نەزمىلىرىدە، ئىنسان ئۈچۈن ھەقىقەت يولى پەقەت سوپىزىملىق شەرتلىرىنى ئادا قلىپ، يالقۇنلۇق ئىشقى ئىلاھىيە ئىچىدە تەڭرى بىلەن بىرلىشىشتىن ئىبارەت. ئىلاھى روھ ۋە ئىنسان روھى ھەر ئىككىلىسى ئېسىل روھلار، ئۇلارنىڭ قوشۇلىشى ئەڭ ئالى بەخت، قالغان ھەممە نەرسە- مەۋجۇت نەرسىلەر، مال- مۈلۈكلەر... ھەۋەس قىلارلىق ئەمەس، بەلكى «قاباھەتلىك»، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن قاباھەتلىككى، ئۇ كىشىنى ئىشقى ئىلاھىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە ھېرىس قىلىدۇ. دەپ تەرغىپ قىلىدۇ.
ئەھمەد يەسسەۋىچە، مۇنداق سوپىزىملىق ئىستىقامەت يولى تەركىدۇنياچىلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ «قاباھەتلىك» بۇ رېئال دۇنيادا «ئۆلمەستىن بۇرۇن ئۆلگەن (مەۋقۇ قەبلە ئەنتەمەۋتۇ) دەك ئۆتۈش»نى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ «دىۋان ھېكمەت» ناملىق شېئىرى ئەسىرى ۋە ھەرقايسى «باياز» توپلاملىرىغا كىرگەن شېئىرلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ رېئال دۇنيانى پەلسەپىۋى نوقتىدىن ئەرزىمەس دەپ كەمستكەنلىكىدىن باشقا، ئەينى زامان موھىتىنى ئىجتىمائىي نوقتىدىن تەنقىتلەيدىغان؛ زالىملار، زوراۋانلىق قىلغۇچىلار، پارىخور ئەمەلدارلار، مال- دۇنيا غېمىدا قالغان، ئاقنى قارىغا ئايلاندۇرىدىغان قارا كۆڭۈل دىنىي كەسىپ ئەھلىلىرىنى سۆكۈدىغان پاش قىلغۇچى، رەت قىلغۇچى ئامىللار يېتەرلىك ئىپادىلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇ، دېھقانلار، ھۈنەرۋەنلەر، خورلانغان ئەمگەكچى خەلق ھەققىدە قىزغىن ھېسداشلىق بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن مىسرالار تۈزگەن. بۇنى ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

4.«دىۋان ھېكمەت»نىڭ بەدىئىي قىممىتى
«دىۋان ھېكمەت» شەكلەن شېئىر ژانىرىدىكى بەدىئىي ئەسەردۇر؛ ئۇنىڭ مۇئەييەن شېئىرىي قىممىتى، شېئىرىي تارىخ قىممىتىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ «دىۋان ھېكمەت» ناملىق ئەسىرى يالغۇز ئازاپ ئىچىدە ئىجادىيەتكە تەلپۈنگەن تۆۋەن قاتلام جامائەتچىلىكنى ئۆزىنىڭ شېرىن كەيىپ قىلغۇچى دىنىي- سوپىستىك مەزمۇنى بىلەن ئارقىسىغا ئەگەشتۈرگەنلىكى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ رېئال جەمئىيەتتىكى يۇقۇرى قاتلام ھۆكۈمران تەبىقىلەرنى مەلۇم جەھەتتىن ئوچۇق- ئاشكارا پاش قىلىپ تەنقىتلەنگەنلىكى تۈپەيلى تىز تارقىلىپ، قاتتىق تەسىر پەيدا قلىپ قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ شېئىرىي رېتىمى، شەكلى ۋە تىلى تۈپەيلىدىنمۇ ئەنە شۇنداق زىلزىلە پەيدا قىلدى.
ئەھمەد يەسسەۋى سوپىستىك پىكىرنى پەررىددىن ئەتتار، جالالىدىن رۇمى، شەيخ سەئىدىدىن ئىلگىرى شېئىرىي شەكىلگە سالدى. ئۇ پەررىددىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇتتەيىر» (قۇشلار تىلى)، جالالىدىن رۇمىنىڭ «مەسنەۋى رۇمى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن كۆرۈنەرلىك، پەرقلىق ھالدا ئۆز ھېكمەتلىرىنى ئاھاڭدار خەلق شېئىرىيىتى ئاساسىدا، دەرۋىشلىك، قەلەندەرلىك، خانىقا موقاملىرى رېتىمىدا ئىشلەندى. ئۇنى ئوقۇپ ساماغا ئېلىش، ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىش ناھايىتى ئاسان بولۇپ، مىلودىيىلىكى كۈچلۈك ئىدى.
شۇنىسى روشەنكى، ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ شېئىرلىرى سوپىزىملىق ھېكمەت بىلەن تولغان، تولىمۇ خىتابەتلىك (رىتورىك)، ۋەزىنلىك ۋە رېتىملىك بولغان؛ ھەتتا سوپىزىم ئىدىيىسىگە قارشى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ شېئىرىي ئاھاڭدارلىقىدىن تەسىرلەنمەي قالمايتتى. بۇ ھال ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبى تىلى مۇمكىنلىكلىرىدىكى بۇ بىر خەزىنىنى ئۇستىلىق بىلەن ئاچقانلىقى ئاساسىدا يۈز بەردى. بۇ يەنىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپتىخارى ھېساپلىنىشى كېرەك.
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ «دىۋان ھېكمەت» ناملىق ئەسىرىدە ئەڭ گۈزەل ۋە بىر قەدەر ئىلغار تېماتىك شېئىرىي مىسرالار ئۇنىڭ ئەينى زامان ھۆكۈمران تەبىقىسىنى ئىجتىمائىي جەھەتتىن پاش قىلىپ، دىنىي جەھەتتىن «جازالىغان». تۆۋەندىكى شېئىرلىرىدا روشەن گەۋدىلەنگەن:
«دۇنيا مېنىڭ دېگەنلەر،
جاھان مېلىن ئالغانلار.
كەركەس قۇشتەك بولۇبان،
ئول ھارامغا پاتمىشلەر.
موللا، مۇپتى بولغانلار،
يالغان دەۋا سورغانلار،
ئاقنى قارا قىلغانلار،
ئول تامۇغقا كىرمىشلەر.
قازى-ئىمام بولغانلار،
ناھەق دەۋا سورغانلار،
ھىممار يەڭلىغ بولۇبان،
يۈك ئاستىدا قالمىشلار.
ھارام يېگەن ھاكىملار،
رىشۋە ئېلىپ يېگەنلەر،
ئۆز بارمىقىن تىشلىبان،
قورقۇپ تۇرۇپ قالمىشلەر.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ جۈملىلەر ئۇلۇغ ئىتالىيان شائىرى دانتى ئالگېرى يازغان «تەڭرى كومېدىيىسى»نىڭ «جاھاننامە» داستانىدىكى بۇ دۇنيادا يامانلىق بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنىڭ دوزاختىكى «جازالىنىش» كۆرۈنۈشلىرىنى ئەسلىتىدۇ. مەلۇم مەنىدە بۇ، «دۈم كۆمتۈرۈلگەن» رېئالىزىملىق تەنقىت قىممىتىگە ئېگە ئىدى.
بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش لازىمكى، «قۇتادغۇبىلىك» زامانىسىدىن «چاغىتاي» ئەدەبىياتى باشلانغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، جۈملىدىن يەتتەسۇ ۋە كەڭ قىپچاق دالاسىدىكى «ئۇيغۇرىزىم» ھادىسىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە «دىۋان ھېكمەت» نوپۇزلۇق كونا ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېساپلانغانلىقى تۈپەيلىدىن ئايرىمچە ئەدەبىيات تارىخى قىممىتىگە ئېگە.

5.يەسسەۋىچىلىكنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەقدىرى
شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، دىنىي- مىستىك ئىدىيە سۈپىتىدە يەسسەۋىچىلىك 16-ئەسىرگىچە داۋام قىلدى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىر قىسىم سوپى، ئىشانلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئۆز تەسىرىنى تەدرىجى يوقاتتى.
16-ئەسىردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەسىرلىكرەك سوپىستىك پىكىر ئېقىمى سۈپىتىدە نەقشىبەندىچىلىك مەيدانغا كەلدى. مۇھەممەد ئىبىن مۇھەممەد فەزىل بۇخارى- باھاۋىدىن نەقشىبەندى (1314-يىلى بۇخارادا تۇغۇلغان) تەركىدۇنياچىلىق، تەڭرى بىلەن قوشۇلۇش قاتارلىق قاراشلارنى ياقىلاپ چىقماستىن، ئىچكى دۇنيادا تەڭرى بىلەن، تاشقى دۇنيادا خەلق بىلەن بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي قائىدىسى «خىلۋەت دەز ئەنجۈمەن» (ئىنسانلار ئارىسىدا ياشاش كېرەك)، «نەزەر دەرقە-دەم» (ھەربىر قەدەمنى قەدىرسىز، ئىتىياتسىز، نەزەرسىز باسماسلىق كېرەك)، «خۇش دەرھەم» (ھاياتنى لەززەتلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش كېرەك) دېگەنلەردىن ئىبارەت.  باھاۋىدىن نەقشىبەندى ئىنسان ئۈچۈن جەمئىيەت خەيرىيەتلىك، جاھان ساياھەتكە لايىق، ھايات خۇشۋاق ئۆتمىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئۈمىدۋار، رېئالىستىك سەنئەتكە ئىلھام بېغىشلىدى.
نەقشىبەندىنىڭ بۇ قاراشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا، شىنجاڭدا، ئوتتۇرا شەرقتە كەڭ تارقالدى ۋە ئىسلام شەرقىدىكى «كەنجى» (ئاخىرقى) مەدەنىيەت ئۆركىشى دەپ ئاتالغان، 15-16 ئەسىر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى ئۈچۈن ئىدىيىۋى مەنبەلەرنىڭ بىرى بولدى. ھاپىز شىرازى («دىۋان ھاپىز تۈركى» ناملىق ئەسەرنىڭ نامەلۇم ئاپتۇرى)، ئابدۇراخمان جامى ۋە ئەلشىر ناۋائى بۇ خىل قاراشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
سەددىدىن قەشقەرى باھاۋىدىن نەقشىبەندىدىن كېيىنكى مۇشۇخىل پىكىر ئېقىمىنىڭ خۇراساندىكى ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى ئىدى. ئۇنىڭ كىيوغلى ۋە شاگىرت-مۇرىدى ئابدۇراخمان جامى بۇ تەسىرنى سەددىدىن قەشقەرىدىن ناۋائىگە يەتكۈزۈشتە موھىم رول ئوينىدى. نەۋائىي مۇشۇ تەسىر ئاساسىدا پەررىددىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇتتەيىر» ناملىق سوپىزىملىق داستانىنى ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزگەرتكەن ھالدا ئۆزىنىڭ «لىسانۇتتەيىر» (قۇشلار تىلى) ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى.
باھاۋىدىن نەقشىبەندى ئىدىيىلىرى بابارەھىم مەشرەپ، مۇھەممەد سىدىق زەلىلى شېئىرىيىتىدىكى مەجازىي مەزمۇنلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن.
قىسقىسى، ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ «دىۋان ھېكمەت» ناملىق ئەسىرىدە ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇر ئەدىبىي تىلى، شېئىرىي ۋەزنى، بىيىت شەكلى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاق بايلىقى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلىك ھاياتى كۈچىنى يوقاتقىنى يوق.
1987-يىل فېۋرال، ئۈرۈمچى
مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى:م.قادىر( ھۇما)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 09:43:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (4)
خوجا باھائىددىن نەقىشبەندى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتى

تەرىقى نەقشىبەندى زىبا رەۋىشلىكدۇر،
كۆڭۈل مەستى ئىلاھى ئەل كۆزىدە پارسا بولماق.
زەلىلى يار ئىلە خوبلاشقانىدا تۇرفە يىغلايدۇ،
نە قاتتىق كۈن ئىكەن بىر ياخشىدىن ئۆلمەي جۇدا بولماق.
           ـــ مۇھەممەت سىدىق زەلىلى

1.سوپىزىملىق پىكىر ئېقىمى ۋە خوجا باھائىددىن نەقىشىبەندى
سوپىزىم (تەسەۋۋۇپ) بىر خىل پىكىر ئېقىمى سۈپىتىدە قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى قەدىمكى گرېتسىيە بىلەن ھىندىستاندا شەكىللەنگەن، بۇدىدىزىم ئىدىيىلىرىدە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئۈندۈرمىلىرىنى ئىپادىلىگەن. بىز پىلاتون ئىدېئالىزىمى، خۇسۇسەن يېڭى پىلاتونىزىم نامايەندىلىرىنىڭ «ئىدېئال چۈشەنچە»، «مۇتلەق ئالەم روھى»، «رېئال دۇنيانىڭ ئىدېئال دۇنيادىن جۇش ئۇرۇپ (تەجەللى) چىققانلىقى» توغرىسىدىكى روھانىيەتچىل مونىستىك قاراشلىرىدىن، ئارىستوتىلنىڭ (گەرچە ئۇ قەدىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ موتەپەككۇرى بولسىمۇ) ئالەم ئەقلى ۋە ئىنتىلىش («ئېنتىلخىيە») قاراشلىرىدىن، بولۇپمۇ بۇددىزىملىق «ئادەم» (يوقلۇق)- سۇنياتا قاراشلىرىدىن سوپىزىملىق پىكىر ئېقىمىغا مۇجەسسەملەنگەن دۇئالىزملىق (ئىككى مەۋجۇدىيەت، ئىككى دۇنيا، ئىككى ھەقىقەت)، تەركىدۇنياچىلىق، روھىيەتكە سېغىنىش ئالامەتلىرىنى تولىمۇ روشەن سېزىمىز.
قەدىمكى كۈسەننىڭ مەشھۇر بۇددا موتىپەككۇرى كومراجىۋا (344-314) ئۆزىنىڭ «ئون تەمسىل) ناملىق شېئىرىدا بۇ خىل «قۇرۇق-يوقلۇق» (سونياتا) سوتىزمىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن:
«تۇنجى تەمسىلنى قۇرۇقتىن ئەيلەدىم مەن ئىپتىدا،
تەبىرى ئالەم ئۈچۈن تەمسىل قۇرۇقلۇق جايىدا،
سۆز بىلەن ھەر مەنىنى قىلساممۇ ئىزھار قانچىلىك،
مەنمۇ چەكسىز ئەمەس، ئۇمۇ تۈگەر بىر ۋاقتىدا.
ئەۋلىيالىق تون كېيىپ، دەرۋىش بولۇپ باسساڭ قەدەم،
كۆرۈنۈپ تۇرغان قونالغۇ بولمىغاي دەرگاھ ساڭا.
جىلۋىلىك تۇرغان جاھاننىڭ تەكتىگە سالساڭ نەزەر،
ھادىسى ئالەمدە يوق بەربات ۋەيا بولماق بىنا.»
قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا زاھىد ئۇدغۇرمىشنىڭ تەسەۋۋۇپ قاراشلىرىنى 3341-، 3344-، 3380-، 3386-، 3394-، 3520-، 3521-، 3522-، 3525-، 3540-، 3586-، 3793-، 4739-، 4839-، 5189- بېيىتلار ئارقىلىق تىلغا ئالىدۇ ۋە 3417-، 3419-، 3793-، 4739-، 4839-، 5189- بايىتلار ئارقىلىق مۇنداق بايان قىلىدۇ:
4839:
«ئىشەنچىسىز ئىرۇر بۇ جاپاچى جاھان،
ۋاپاسىز ۋە گۇستاخ ۋە پەيلى يامان.»
5189:
«ئۇ دۇنيانى بىلگىن بىر مەكگۈ ماكان،
يۈزۈڭنى ئاڭاقىل قويۇپ بۇ جاھان.»
4190:
قويۇپ ئارزۇ، ھوزۇر تىلە مەڭگۈلۈك،
بۇ مەڭگۈ ھوزۇر چۈن جاپا چەككۈلۈك.»
سوپىزىم ئىسلامىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە 11- 12 ئەسىرلەردە رەسمىي ئىدىيىۋى ئېقىم بولۇپ مەيدانغا چىقتى ۋە ئۆزىنىڭ بىر قاتار نامايەندىلىرىنى ياراتتى.
سوپىزىم ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشى تۆت ئاساسىي پاكىتنى، يەنى شەرق-غەرپ روھانىيەتچىل ئىدىيىلىرىنىڭ سېنكىرىتىك- ئارىلاشما ھالەتكە كەلگەنلىكىنى، ئىسلام كالامىزىمىنىڭ دەسلەپكى پارچىلىنىشى، مۇتەززىلىم ۋە بىر قەدەر ئەركىن پىكىر ئىنتىلىشلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى؛ فېئودالىزىمغا قارشى دېموگراتىك ۋە گۇمانىستىك پىكىر ئېقىملىرىنىڭ، ئىلغار تەبىئەت پەلسەپىسى كۆزقاراشلىرىنىڭ ئۆزىنى تەسەۋۋۇپ نىقابىغا يوشۇرۇپ، ئىش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى؛ ئىسلام ئىتىقادىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش، ئۇنى مەنتىقىلەشتۈرۈش، پەلسەپىلەشتۈرۈش ۋە مۇتلەقلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنى ئىپادىلىدى. بۇ ھال سوپىزىمنىڭ رەڭگارەڭ تەلىماتلار ۋە كۆز قاراشلاردىن تەركىپ تاپقانلىقىدىن ئىبارەت تولىمۇ مۇرەككەپ، زىدىيەتچان راۋاجلىنىش مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى. ئەگەر نوقۇل «سوپىزىم» ئاتالمىسى بىلەن ئۇنىڭ مۇرەككەپ تارىخىي مەزمۇنىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىكەنمىز، سوپىزىمدىن ئىبارەت مۇرەككەپ مەنىۋى ھادىسىنى توغرا چۈشەندۈرەلمەيمىز.
دەرۋەقە، «سوپىزىم» ئاتالمىسى «سوپى» سۆزىنى ئۈزەك قىلغان بولۇپ، مەيلى «ئۆچكە» تېرىسى دېگەن ئەرەپچە سۆزگە، مەيلى دەسلەپكى سوپىلار قوي تېرىسى ياكى تېۋىتىدا ئىشلەنگەن تون كېيىشنى رەسىم قىلغان بولىشىغا قارىماي، بىرىنچى نۆۋەتتە كرېك تىلىدىكى «سفىيە»- (ئەقىل) دېگەن ئىبارىگە ئاساسلانغانلىقى شۈبھىسىز.
بىز سوپىزىملىق پىكىر ئېقىمى «سوپى»، «سوپىزىم» ئاتالغۇسىدىن كېيىن شەكىللەنگەن دەپ قارىمايمىز. شۇنداقتىمۇ «سوپى» ئىبارىسى «ئاللا»، «خۇدا»، «يازدان»، «بايات»، «تەكرى» ئاتالمىسىغا قارىغاندا «ئالەم ئەقلى» ۋە ئىنسان ئەقلىنىڭ ئۇنىڭغا ئىنتىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنسان بىلەن ئىلاھ، كونكىرت دۇنيا بىلەن ئابىستىراكت دۇنيا»نىڭ زىددىيەتلىك قۇتۇپلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، ئىسلام كالامىزمىغا پەلسەپىلىك سېھرى تۈس كىرگۈزدى. ئۇ ئىسلام كالامىزمىنىڭ شۇنداق كاتتا بىرلىك سېپىنى شەكىللەندۈردىكى، بىر تەرەپتىن ئۇ تېخىمۇ كىشىنى ئۆزىگە رام قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن كالامىزملىق رەسمىي ئېقىمغا مۇخالىپ كۆپلىگەن مۇتەپەككۇر ۋە ئەدىبلەر ئۇنى مۇدھىش ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىدا ئۇنىڭغا قارشى يالقۇنلۇق پىكىرنىڭ نىقابى قىلىپ ئېلىشتى. سوپىزىملىق پىكىر ئېقىمىنىڭ مۇندىن باشقا راۋاجلىنىش يولى يوق ئىدى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سوپىزىملىق قاراشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نامايەندىسى ئايال روپاش رابىيە- لەبىر ئەدۋىيە (717-801) بولۇپ، ئۇ چۈشىدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنى كۆرگەن ۋە مەنىۋى ياقتىن ئاللا بىلەن «ئەل ۋىسال» (قوشۇلۇش) ھالىتىدە بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىبرايىم ئىبىن ئەدھەم بىلەن جۇنەيد ئەل- باغدادى سوپىزىمنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى بولۇپ تونۇلغان.
سوپىزىم تارىخىدا ئەبۇل موخس ئەل ھۆسەيىن ئىبىن مەنسۇر ئىبىن مۇھەممەد ئەل بەيدەۋى ئەل ھەللاجى (858-922) ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان. ئىسيانكار مۇتەپەككۇر- تەسەۋۋۇپچى مەنسۇر ھەللاجى ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىكى كىشىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 873- 789- يىللىرى باغداتتا جۇنەيد ئەل- باغدادىنىڭ سوپىلىق گوروھىغا قاتناشقان. ئۇ كېيىن دەرۋىش- جاھانكەش سۈپىتىدە ئىران، ھىندىستان، خۇراسان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئايلىنىپ، ئاخىرى مەككە ئارقىلىق 908-يىلى باغداتقا قايتقان. ئۇ ھىندىستاندا مەشھۇر پەيلاسوپ ئەررازى بىلەن كۆرۈشۈپ گرېك پەلسەپىسى بىلەن تونۇشقان. ئۇ خەلىپە مۇقتەدىر (908-932) زامانىدا باغداتتا ئۆزىنىڭ ئىنسان بىلەن تەڭرىنىڭ بىرلىكى تەلىماتىنى سۆزلەپ، غايەت زور نوپۇز تىكلىگەن. ئۇ دىنسىزلىقتا ئەيىپلىنىپ 922-يىلى 26-مارت خەلىپە مۇختەدىرنىڭ ئەمرى بىلەن باغدات چوڭ مەيدانىدا دارغا ئېسىلىپ، ئۆلۈكى كۆيدۈرۈلۈپ، كۈلى توزىتىۋېتىلگەن. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، مۇنداق قىسمەت سوپىزىم تەرەپدارلىرىدىن بايەزىد، تەيخۇر ئەل بەستانى، بابارەھىم مەشرەپ قاتارلىقلارنىڭمۇ بېشىغا چۈشكەن، ئىمادىدىن نەسىمنىڭ تېرىسى سويۇپ ئېلىنغان.
مەنسۇر ھەللاجى ئىسلام شەرقىدە ئىسكيانكار سوپىزىملىق پىكىرنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇنىڭ نامى ھەتتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ تەكرارلىنىپ ئەسلىدىكى ھەللاجى قاراشلىرىدىن يارقىن ئوبراز ۋە ياڭراق ئەكس سادا پەيدا قىلدى. مەنسۇر ھەللاجىدىن كېيىن بابا كۇھى (1050-؟) ئابدۇللا ئەنسارى (1022- 1088)، زەينىددىن مۇھەممەد غەززالى (1058- 1111)، ئابۇلمەجىد سانائى (1150-؟)، خوجا ئەھمەد يەسسەۋى (؟- 1166)، پەرىددىن ئەتتار (1148-1222)، ئىبىن ئەل ئەرەبى (1165- 1240)، شەمسىددىن تەبرىزى، جالالىدىن رۇمى (1207-1273)، شەيخ سەئىدى (1202- 1291) قاتارلىق سوپىزىم پىكىر ئېقىمى ۋە سوپىزىم ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان مايىللىققا ۋە خاراكتېرگە ئىگە بولۇشتى.
مەنسۇر ھەللاجىنىڭ بىردەكلىك (ۋەھدەت) قاراشلىرى بويىچە بارلىقىنى، تەبىئەت ۋە ئىلاھىيەت، پانى دۇنيا ۋە باقىي دۇنيا دەپ ئىككىگە بۆلمەسلىك ئەكسى ھالدا ئۇنى تەڭرى ئاساسىدا بىر پۈتۈن دەپ قاراش ھەقىقەت ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرى پەرىددىن ئەتتار، جالالىدىن رۇمى، شەيخ سەئىدى، خوجا ھاپىز شىرازى قاتارلىقلار تەرىپىدىن راۋاجلاندۇرۇلدى. بۇ ئېقىمغا رۇمىنىڭ سوپىزىملىق قامۇسى ھېساپلانغان «مەسنەۋى رۇمى» دىۋانى ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئېقىم شەرىئەت، تەرىقەت، مەرىپەت، ۋەھدەت قاراشلىرىدا ئۆزىنىڭ تەڭرى بىلەن بىر پۈتۈنلىكىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرىشىدۇ. ئۇنىڭچە، ئۆزىنىڭ تەڭرى بىلەن بىر ماھىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىش مەرىپەت بولۇپ، مۇنداق مەرىپەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن تەرىقەت- تەركىدۇنياچىلىق ياكى خىلۋەت ياشاش بىلەن شۇغۇللىنىپ جاپا چېكىش لازىمىدى. جالالىدىن رۇمى «ئىنجىل ۋە قۇرئان مەنمەن»، «ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراق مەنمەن»، «مەن شاھنىڭ قۇلى ۋە دۇنيانىڭ شاھى»، «مەن بىرلىكمەن ۋە كۆپلىكمەن»، «مەن چۈشەنگۈچى (سوبيېكت) ۋە چۈشىنىلىۋاتقان (ئوبيېكت) نەرسە»، «مېنىڭ بەلگەم نىشانسىز، مېنىڭ جايىم ماكانسىز»، «ئىككى دۇنيا بىردۇر» دېگەن قاراش بىلەن ئىدېئالىستىك، ئېنىقراقى ئوبيېكتىپ ئىدېئالىستىك ئالەم بىر پۈتۈنلىكى قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەنسۇر ھەللاجىنىڭ «ئەنەلھەق» تەلىماتىنى كونكىرتنىلاشتۇرىدۇ. ئۇ «تەڭرى مەرگەز» قاراشلىرى بىلەن «ئىنسان مەرگەز» قاراشلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىلاھىيەتچىل، دۈم كۆمتۈرۈلگەن ئانتروپولوگىزىملىق پىكىرنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇ ئىنساننى خارلاشنى نوقتا قىلغان دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك ۋە فىئودال ھاكىممۇتلەقچىلىق قاراشلىرىغا نىسبەتەن، ئىنساننى ئىلاھ سايىسى ۋە ئالەم بىرلىكى قاراشلىرى ئاساسىدا قوغدىغانلىق بولۇپ، مۇئەييەن ئىلغار ئامىلغا ئىگە ئىدى. ئەمما، ئۇ ئېقىمدىكىلەر تەركىدۇنياچىلىقنى، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ خىلۋەتتە ئىستىقامەت قىلىشنى تەكىتلەپ، ئىنساننى ئىلاھىي شەرىئەتنىڭ قۇربانى قىلىۋەتكەنىدى.
زەينىددىن مۇھەممەد ئىمام غەززالى سوپىزىم بىلەن كالامىزىمنى بىرلەشتۈرۈش، سوپىزىمنى كالامىزىمغا خىزمەت قىلدۇرۇش يولىدا كۈچەپ ئۇرۇنغان يەنە بىر خىل ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلدى. غەززالى ئالەمنىڭ مونىستىك-پانتېستىك بىردەكلىكى ھەققىدىكى قاراشقا قارشى ھالدا تەڭرى بىلەن تەبىئەتنى، جان بىلەن بەدەننى، بۇ دۇنيا بىلەن ئۇ دۇنيانى بىر-بىرىدىن ئايرىپ، بىر-بىرىگە زىت قلىپ ئىزاھلىدى. ئۇ خۇددى «ۋاجىبۇل ۋۇجۇد» (مۇتلەق مەۋجۇدىيەت) جان تەڭرىدىن قىسقا ۋاقىت ئايرىلىپ چىققان مۇتلەق تەركىپ بولۇپ، بەدەن جاننىڭ قەپىزى، قۇللۇق زەنجىرى دەپ تەرغىپ قىلدى. غەززالى جان روھىيەتكە مەڭگۈلۈك بىرلەشكەندىلا ئالەم ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن دىن يولىغا بېرىلىش، «ئىلمىي زاھىر» (تەبىئەت ئىلىملىرى»نى مەرىپەتنىڭ دۈشمىنى، تەسەۋۋۇپنىڭ تۇرالغۇسى دەپ بىلىش، «تىرىكلىكتە ئۆلۈپ»، مەڭگۈ ئۆلمەسلىكنىڭ يولىنى تېپىش لازىم دەپ قارايدۇ. غەززالىنىڭ ئۇچىغا چىققان سۇنياتا-ماھايانا بۇددىزىمىغا ئوخشاپ كەتكەن بۇ خىل قاراشلىرىدا ئىنسان ھاقارەتلەنگەن ۋە كەمسىتىلگەن، ئىلاھىيەتچىلىك ۋە دەرۋىشلىك (ئاسكىتىزىم) دەۋەت قىلىنغان.
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ جەھرىيە- قادىرىيە دەپ ئاتالغان يەسسەۋىچىلىك سوپىزىمى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ۋە شېئىرى شەكىلگە ئېگە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا غەززالى سوپىزىمىغا ئوخشاش رېئال دۇنيا خۇنۇكلاشتۈرۈلۈپ، كەلگۈسى- باقى دۇنيا گۈزەللەشتۈرىلىدۇ. ئۇ خۇنۇك زۇلمەتلىك، ۋاپاسىز، ئۈتكۈنچى، جىنايى دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ھەقىقى نىجاد يولى شەرىئەت، تەرىقەت، مەرىپەت ۋە تەڭرى بىلەن قوشۇلۇش كۇرسى بولغان ھەقىقەتتىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭچە رېئال دۇنيادىكى گۈزەللىك ۋە بەخت-سائادەت كىشىنى «ئىشقى ئىلاھىيە»دىن ئازدۇرىدىغان قاباھەتتىن ئىبارەت. ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ غەززالىغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەركىيدۇنياچىلىق، ئىلاھىيەتچىلىك سوپىزىملىق قاراشلىرى ئۇنىڭ رىياللىققا قارشى ئەسەبىيلىكلىرىنى قوزغىغان، ئۇ مۇنداق يازغان:
«دۇنياپەرەس ناجىنىسلاردىن بويۇن تاۋلا،
بويۇن تاۋلاپ دەريا بولۇپ تاشتىم مانا.»
ئەلۋەتتە، خۇجا ئەھمەد يەسسەۋى ھۆكۈمران تەبىقىنىڭ ۋە دىنىي تون كىيىنىۋالغان تەييار تاپلارنىڭ بىر قىسمىنى پاش قىلغانلىقى، بەزىدە ئۆزىنى مەنسۇر ھەللاجىنىڭ مۇرتى دەپ جاكارلىغانلىقى، راۋان ئۇيغۇر تىلىدا يالقۇنلۇق سوپىزىملىق ھۆكمەت يازغانلىقى بىلەن غەززالىدىن قىسمەنلىك جەھەتتە ئاجرىلىپ تۇراتتى. يەسسەۋى سوپىزمنى ئۇنىڭ شاگرتلىرى- سۇلايمان بەقىرغانى، سەئىد ئاتا، باباماچىن قاتارلىقلار ئىزچىللاشتۇردى.
سوپىزىملىق پىكىر ئېقىمى تەرەققىياتىغا يېڭى تۈس كىرگۈزگەن روھانىيەتچىل مۇتۇپەككۇر- خوجا باھائىددىن نەقشىبەندى (1314-1388) دىن ئىبارەت. «نەقشىبەندى» (نەقىش سالغۇچى) نامى بىلەن شۆھرەتلەنگەن بۇ مۇتەپەككۇرنىڭ ئەسلى ئىسمى سەئىد مۇھەممەد ئىبىن جالالىدىن مۇھەممەد فازىل بۇخارى بولۇپ، بۇخارا يېنىدىكى قەسرى ئارىغان دېگەن جايدا تۇغۇلغان ۋە شۇ جايدا قازا قىلغان. خوجا باھائىددىن نەقشىبەندى مەشھۇر سوپى مىرسەئىد ئەمىر كۇلالىدىن تەلىم ئالغان.
خوجا باھائىددىن نەقشىبەندى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى- كېپەكخان (1318- 1326)، تارمار شېرىنخان (1326- 1334)، ئەمىر خازاغان خان (1346- 1358) دەۋرىدە، تۆمۈرلەڭ، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ماۋرائوننەھىردىكى ئەمىر بولغان ۋە تۆمۈر ئىمپېرىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن ۋاقىتلىرىدا ياشىدى، بۇ ئۆزگىرىشچان يىللار بولۇپ، كېپەك خان غايەت زور مەمۇرى ۋە مالىيە-پۇل ئىسلاھاتچىسى سۈپىتىدە تونۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ماۋرائوننەھىرنى ھاكىمەيت تالاشلىرى قاپلاپ كەتكەنىدى. نەتىجىدە تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇدىن قوشۇن باشلاپ 1360-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانى تىنجىتىپ قەشقەر دەريا ۋادىسىغىچە يېتىپ بېرىپ، خوجا بارلاس ئورنىغا تۆمۈرلەڭنى (1336- 1405) ئەمىرلىككە كۆتۈرگەن. تۆمۈرلەڭ 1369- يىلى ھاكىمەتنى تارتىۋالغان چاغلاردا باھائىددىن نەقشىبەندى 50 ياشتىن ھالقىغانىدى.
خوجا باھائىددىن نەقشىبەندى زاماندىشى خوجا ھاپىز شىرازى (1320- 1389) بىلەن بىللە ئەينى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا- يېقىن شەرقتە مەيدانغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئاخىرقى فېئوداللىق مەدەنىيەت گۈللىنىشى- كەنجى رېنسسانىس ھادىسىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقانىدى. باھائىددىن نەقشىبەندىنىڭ تەرەققىپەرۋەر قاراشلىرى پۈتۈن چاغىتاي ئەدەبىياتىغا ئىجابى تەسىر كۆرسەتتى.

2.نەقىشبەندىيە سوپىزمىنىڭ ئاساسىي ئالامەتلىرى
خوجا باھائىددىن نەقشىبەندىنىڭ سوپىزملىق قاراشلىرى نوقۇل سوپىزملىق پىكىر تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى بولماستىن، ئىجتىمائىي- تارىخىي ئەمەلىيەت، پانتېزىملىق ئىدېئولوگىيە، بىرقاتار گۇمانىستىك پىكىرلەر ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بىز نەقشىبەندى قاراشلىرىدىن ئىبىن سىنانىڭ پانتېزىملىق ۋە تىبابەتچىلىك قاراشلىرى تەسىرىنى، «قۇتادغۇبىلىك»تە سۆزلەنگەن ئۆگدۆلمىش ئوبرازىدىكى رېئال دۇنيا ۋە ئىجتىمائىي بەخت- سائادەت قاراشلىرى تەسىرىنى ئوبۇل قاسىم فىردەۋى (940- 1020)، ئۆمەر ھەييام (1040- 1120)، نىزامى گەنجىۋى (1141- 1203)، شەيخ سەئىدى (1202- 1291) قاتارلىق گۇمانىزىم نامايەندىلىرىنىڭ پانتېزىملىق قاراشلىرى تەسىرىنى، ئەينى زاماندىكى ئىسلاھات، ئەمگەك تەرەققىياتىغا بولغان ئىجتىمائىي ئىنتىلىشلەر تەسىرىنى كۆرۈۋالالايمىز.
خۇجا باھائىددىن نەقشىبەندى ئالدى بىلەن سوپىزمنىڭ مەنسۇر ھەللاجى ۋە جالالىدىن رۇمى تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدېئالىستىك مونىزملىق- روھانىيەتچىل پانتېزملىق پىرىنسىپلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تەڭرىنىڭ – تەبىئەتنىڭ بىردەكلىنى، تەڭرىنىڭ تەبىئەت ۋە كۆرۈنىدىغان نەرسىلەرگە يوشۇرۇنغانلىقىنى، دۇنيانىڭ بىرلا رېئال دۇنيا ئىكەنلىكىنى، دۇنيادا بىرلا ھايات بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
خوجا باھئىددىن نەقشىبەندى ئۆز پىشىۋالىرىدىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەركىدۇنياچىلىقنى، رىيازەت چېكىش ۋە خىلۋەتتە سۈلۈك تۇتۇش ۋاستىلىرىنى ئىنساننىڭ تەڭرى بىلەن «ۋەسلى ئىلاھىيە» كۇرسىغا يېتىشنىڭ بىردىن بىر ۋاستىسى ھەتتا ئاساسلىق ۋاستىسى دەپ قارىمايدۇ. ئۇ خۇددى ناۋائىي «نەسائىمۇل مۇھەببەت» ناملىق سوپىزىم تەزكىرىسىگە بېغىشلانغان كىتابىدا تىلغا ئالغىنىدەك، ئادەم سىلسىلە (ئىزچىل ئىستىقامەت) بىلەن ھېچ يەرگە بارالمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
خوجا باھائىددىن نەقشىبەندى سوپىزم قائىدىلىرىنى ئىنسانىيەتكە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە (ئەنجۈمەن)، رېئال دۇنيادىكى ئىنسانىي ھاياتقا يۆتكەپ، گۇمانىستىك ۋە رېئالىستىك (دۇنياۋى) پىكىرنىڭ نوپۇزىنى تىكلەشكە تىرىشىدۇ. ئۇ خۇددى ئابدۇراخمان جامىنىڭ «نەفەھاتۇل ئۇنىس»، نەۋائىنىڭ «نەسائىمۇل مۇھەببەت» ناملىق ئەسەرلىرىدە قەيت قىلىنغاندەك «باتىنىدا (ئىچكى كۆڭۈلدە) ھەق (تەڭرى) بىلەن»، «زاھىردا (سىرتقى جەھەتتە، ئەمەلىيەتتە) خەلق بىلەن» بولماقنى شەرت قىلىدۇ.
خوجا باھائىددىن نەقشىبەندىنىڭ سوپىزملىق تەشەببۇسلىرى يۇقۇرقى پەلسەپىۋى- پانتېزملىق قاراش ئاساسىدا تۆۋەندىكى تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن:
ئۇنىڭ بىرىنچى پىرىنسىپى، «خىلۋەت دەر ئەنجۈمەن» (جەمئىيەتتە، ئادەملەر ئارىسىدا خىلۋەت سۈرمەك).
باھائىددىن نەقشىبەندىچە، جەمئىيەت- خەيرىيەتلىكتۇر، ئۇ، ئىنسانلار بىلەن بىللە ياشاشنى، ئىنسانلارنى تەرك قىلىپ، تەركى دۇنيادا خىلۋەت سۈرمەككە قارشى قويىدۇ. ئۇ بۇ نوقتىدا «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى ئۆگدۆلمىشنىڭ ئۇدغۇرمىشقا قىلغان نەسىھەتلىرىنى تەكىتلەيدۇ.
باھائىددىن نەقشىبەندىچە، كىشى، بولۇپمۇ سوپى ھالال ئەمگەك مىۋىسىگە يۆلىنىپ ياشىمىقى لازىم. ئۇ خۇددى ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەد باقىر بىننى مۇھەممەد ئەلىنىڭ «مەقاماتى نەقىشبەندى» ناملىق ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ئىبادەتنىڭ توققۇزى ئۆز ئەمگىگى بىلەن  ھالال ھايات كەچۈرۈش دېگەنىدى. ئۇ «دىلى بەيارۇ، دەست بەكار» (كۆڭۈل يار بىلەن، قول ئىش بىلەن بولسۇن) دېگەن. ئۇ يەر تېرىپ، مېتالغا نەقىش چېكىش (چىكانكا) بىلەن شۇغۇللانغان، ھېكايە قىلىنىشىچە، ھىرات پادىشاھى مالىك ھۈسەيىن ئۇنى ئۆيىگە زىياپەتكە چاقىرغاندا، ئىلاجىسىز بارغان بولسىمۇ، ھېچنەرسە يېمىگەنمىش. پادىشا بۇ ھەقتە سورىغىنىدا، بۇ يەردىكى يېمەكلىكەر ھەقسىزلىق بىلەن كەلتۈرۈلگەچكە، ھالال ئەمگەك مىۋىسى ئەمەس دەپ جاۋاپ بەرگەن. بۇ پەقەت مۇختاجلارغىلا ياردەم بېرىش. ساخاۋەت قىلىشنى يوللۇق بىلگەن، دېھقانچىلىقتىكى ھالال ھەمكارلىق، لاپقۇتلاشماقنى تەشەببۇس قىلغان.
ئۇنىڭ ئىككىنچى پىرىنسىپى، سەفەر دەرۋەتەن» (ۋەتەننى زىيارەت قىلماق).
باھائىددىن نەقشىبەندىچە، بىر يەرنى خىلۋەتگاھ قىلىۋېلىپ، ئۆزلەت (كىشىلەردىن چەتنەپ ئىستىقامەت قىلماق)تا ئولتۇرىۋېلىش پايدىسىز بولۇپ، ساياھەت قىلىش، ھايات ئالىمىگە كەڭ ۋە پىكرەن چۆكۈپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش لازىم. ئۇ، تەبىئەت گۈزەل، ئۇندا كىشى لەززەتلىنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار؛ دۇنيا غۇربەتخانا، غەمخانا ئەمەس؛ گۈزەل دۇنيادا پەقەت غەمدە، خىلۋەت – يالغۇزلۇقتا، بىرلا ئۆزلەتتە ياشاش خۇدا ئالدىدا نانكورلۇق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. نەقشىبەندىچە پەقەت سەپەر- زىيارەت بىلەن دۇنيادىن خەۋەردار بولغاندىلا، دۇنيانىڭ قەدرىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈچىنچى پىرىنسىپى «نەزەر دەرقەم» (ھەر بىر قەدەم، ھەربىر ئىشنى تەپەككۇر بىلەن ئورۇندىماق).
باھائىددىن نەقشىبەندىچە، دۇنيا پۈتۈنلەي ئازاپ دېڭىزى ئەمەس، ھەرخىل سەۋەن، يېڭىلىش بەختسىزلىكتىن خالى بولۇش ئۈچۈن ھەربىر قەدەمنى پۇختا ئويلاپ باسماق لازىم. ئۇ، ئومۇمەن ئىنسانغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خۇشاللىق يەتكۈزىدىغان قەدەمنى توغرا قەدەم، ئەكسى نەتىجە بېرىدىغان قەدەمنى ناتوغرا قەدەم دەپ، ئىنساننىڭ ئەمەلىي مەنپەئەتىنى ئۆلچەم قىلغان. ئۇ ھەرقانداق مەنپەئەتلىك قەدەم مۇمكىنلىكلىرىنى غەنىمەتلىك دەپ قارىغان. ئۇ تەجىربە قىلىپ كۆرۈشنىڭ موھىملىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ تۆتىنچى پىرىنسىپى «خۇش دەر دەم) (ھاياتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزمەكلىك).
باھائىددىن نەقشىبەندىچە، تەبىئەت ۋە رېئال دۇنيا نازۇ- نېمەت، گۈزەللىك ۋە لەززەت ماكانى بولۇش بىلەن بىللە، ھەربىر شەخسنىڭ بۇندىكى ھاياتى ۋاقىتلىق، چەكلىك. ئىنسان ئۇنىڭدىن بەھىرلىنىش ھوقۇقىغا ئېگە ۋە شۇ سەۋەپلىك يارىتىلغان. نەۋائى سۆزى بىلەن ئىپادىلەنگەندە «تەڭرى جەزبەسىدىن بىر جەزبە ئىنسان ئول سائادەتكە مۇشەررەفتۇر».
باھائىددىن نەقشىبەندىچە، نەبىئەت نازقىلىدۇ، چاقچاق قىلىدۇ، قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئىنسان بۇنىڭغا ئۆز قانىتىنى سۇندۇرماي، كۈچ سەرپ قىلىپ (كۆرەش قىلىپ-ئاپتۇر) ئۇنىڭدىن بەھىرلىنىش كېرەك. نەقشىبەندى، ھەر نەپەس غەنىمەتلىك، ئۇنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزمەسلىك، غەمكىن قىلىۋېتىش نادانلىق، ئۆزىنى ۋە دۇنيانى چۈشەنمەسلىك، ھەرقانداق ھاياتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە قارشى سۆزگە قۇلاق سالماسلىق لازىم.
باھائىددىن نەقشىبەندى بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشنى، ھەرخىل زەئىپلەندۈرىدىغان ھەركەتتىن چەتلىشىشنى ۋە ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشنى ھاياتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشتىكى ئالدىنقى شەرت دەپ كۆرسەتكەن.
خوجا باھائىددىن ئۆزىنىڭ يۇقۇرقى تۆت پىرىنسىپى بىلەن سوپىزمنى گۇمانىزملىق ۋە راتسېئونالىزىملىق قاراشلارغا يېقىنلاشتۇرۇپ، دۇنياغا ۋە رېئال ھاياتقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراپ، ھاياتنى پاك نېيەت، ھالال ئەمگەك، مۇۋاپىق روزىغار بىلەن ئۆتكۈزۈش، ئادىل بولۇش، خەلقنى سۆيۈش قاتارلىق ئىلغار ئىدىيىلەرنى ئىلگىرى دۈردى. نەقشىبەندى روھانىلار تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنىپ، يۇرتىدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ھەتتا ئۇ ھەقتە تۆھمەتلەر (مەسىلەن، قايسى پادىشاھ سارىيىدا جاللاتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپتۇ، دېگەندەك) تارقالدى.
باھائىددىن نەقشىبەندى روھانىيەتچىلىكنىڭ مونستىك، سوپىزىملىق ئىدېئالىزمدىن سوپىلىق قائىدىلىرىدىن خالاس بولغان ئەمەس. ئۇ يەنىلا ئىلاھىيەت ئىرپانچىلىقى، ئىشقى ئىلاھىيە ۋە مۇرىتچىلىك قاراشلىرىنى ئىزچىللاشتۇرغان. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئىدىيىلىرى مۇھەممەت غەززالى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان يەسسەۋىچىلىك سوپىزمغا خاتىمە بېرىپ، ئەركىن پىكىر ۋە دۇنياۋى- رېئالىستىك ئەدەبىياتنىڭ راۋاجلىنىشىغا كۆرىنەرلىك ھەسسە قوشتى.

3.نەقشىبەندىچىلىكنىڭ چاغاتاي ئەدەبىياتىغا تەسىرى
نەقشىبەندىچىلىك سوپىزمى تىز ئارىدا كەڭ تارقالدى ۋە قوبۇل قىلىندى. ئۇ ئەينى زامان روھىيىتىدە كالامىزم ۋە يەسسەۋىچىلىك كىشەنلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە بۇزۇپ تاشلاشقا پايدىلىق بولغان. بولۇپمۇ تۆمۈرىلەر ئىمپېريىسى دەۋرىدە يېڭىدىن ھاسىل قىلىنغان ئارىلاشما مەدەنىيەت تەسىرىدە شەكىللەنگەن ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت گۈللىنىشى موھىتىدا بۇ خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ مۇخلىسلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى. ھەتتا خوجا باھائىددىن ئۇلۇغ ئەۋلىيا دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ مازىرىنى تاۋاپ قىلىش ھەج ساۋابى بىلەن باراۋەر دېگەن قاراش شەكىللەندى. كەمبىغەل ئاھالە ئارىسىدا نەقشىبەندىنى پىر تۇتۇش ئۇدۇمى مەيدانغا چىقتى.
شۇنى ئىزاھلاش ھاجەتكى، نەقشىبەندىچىلىك ئوتتۇرا ئاسىيانى، ئېنىقراقى سەمەرقەند، ھىرات، ئەنجان ۋە يەركەننى مەرگەز قىلغان كەنجى فېئوداللىق رېنسسانىس ھادىسىنى، ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگىنى يوق، بەلكى بۇ ھادىسە ۋە ئۇتۇقلارغا رېئالىزملىق، گۇمانىزملىق ھۆسۈن قوشتى، خالاس.
ئۇ ئىنساننىڭ خارلانغان ئورنى، تەرىقەت جەبىرۇ- جاپاسىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، ئىشقنى تەڭرىگە (ئىشقى ئىلاھىيە) ۋە ئىنسانغا (ئىشقى مەجازى) بېغىشلىدى. زاھىد- خۇدبىنلىك نامىدا مەسخىرە ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. مەرىپەت- ھەم ئىلاھىيەتلىك ھەم بىلىش خاراكتىرلىك مەنىگە ئېرىشتى.
خوجا باھائىددىن نەقشىبەندىنىڭ مەۋلانە نىزامىدىن، سەددىدىن قەشقەرى، مەۋلانە نۇرىددىن، ئابدۇراخمان جامى قاتارلىق سوپىزملىق ئالىپتا مۇرىت- ۋارىسلىرى بولغان. ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەد ئەلىنىڭ «ھەقاماتى نەقىشبەندى»، ئابدۇراخمان جامىنىڭ «نەفەھاتۇل ئۇنىس»، نەۋائىنىڭ «نەسىمۇل مۇھەببەت» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى يېزىلدى.
چاغاتاي ئۇيغۇر (كېيىنچە ئۇيغۇر ئۆزبېك) ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى مۇھەممەد خارەزمىنىڭ «نامە» ژانىرىدىكى «مۇھەببەتنامە» ناملىق داستانى يەسسەۋىچىلىك تەسىرىنى يېڭىپ، نەقشىبەندى قاراشلىرىغا مۇۋاپىق ئىنسانىي كۈزەللىك ۋە ئىنسانى مۇھەببەتنى كۈيلىگەن موھىم سەمىرە بولدى. ئۇنىڭ:
«ئايانا مېھرىبان، ئەھلى ۋاپاسىز،
جاھان يەلدەك، ئۆمۈر گۈلدەك باقاسىز.»
«تالىم گۈلچېھرە نەرگىس كۆزلىرىڭ بار،
شەكەر دۇرداغى شېرىن سۆزلىرى بار.»
«قەدەم دەرنىھ، كى دەر ئىشقى مەجازى،
بە مەقسۇدى رەسى، گەر پاكبازى.»
(مەجازى مۇھاببەتكە قەدەم قوي! پاك ۋە سادىق بولساڭ بۇ يولدا مەقسەتكە يېتىسەن.)
دېگەن مىسرالىرى يېڭى دۇنياۋى يۈزلىنىشنى گەۋدىلەندۈرگەن چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ گۈيىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەبەيدۇللا لۇتپىنىڭ:
«ئابىھايات دۇنيادا بار ئولسا، لەلىڭ ئول.»
«بۇرقەنى() كۆتەر، تەڭرى ئۈچۈن، ئەل سېنى كۆرسۇن،
بۇ ھۆسنى مالاھەت () يەنە قايسى كۈن ئۈچۈندۇر.»
() بۇرقە ـ پەردە نىقاب.
() مالاھەت- گۈزەللىك

ئاتائىنىڭ:
«ئول سەنەمكىم، سۇ ياقاسىدا پەرىدەك ئولتۇرۇر،
غايەتى نازۇكلىقىدىن سۇ بىلەن يۇتسە بولۇر.»
سەككاكىنىڭ:
«ئىشىق ئىشىن سەككاكى ئەۋزەل بىلمەدى ئاسان كۆرۈپ،
ئاخىرى ئۆز جانىنىڭ ئىشىنى دىشۋارى ئەيلەدى.»
دېگەن مىسرالىرى مۇشۇ يېڭى يۈزلىنىشنىڭ مىسال قەترىسىدۇر، خالاس.
ئەبدۇراخمان جامى مەۋلانە سەددىدىن مۇھەممەد قەشقەرى تەسىرىدە نەقشىبەندىچىلىك قاراشلىرىنى تىكلىدى. ئۇ ھەتتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە سەددىدىن قەشقەرىنىڭ مەشھەتتىكى قەبرىسىگە شەيخلىق قىلىپ، ئاخىرى ئۆزىمۇ شۇ جايغا دەپىن قىلىندى.
ئەلشىر ناۋائى ياشلىقىدا پەرىددىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇتتەيىر» داستانى تەسىرىدە سوپىزىملىق كۆزقاراشقا ئېگە بولغانىدى. ئۇ ئابدۇراخمان جامىنىڭ تەسىرىدە تىزلا نەقشىبەندى قاراشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۈچرىدى.
خوجا باھائىددىن نەقشىبەندى قاراشلىرى ئەلشىر ناۋائى قاراشلىرى بىلەن تەڭداش ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنداقتىمۇ، نەقشىبەندىچىلىك سوپىزىمنىڭ نەۋائى لىرىكىسىغا كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ:
«مۇساپىر بول، ئەمما ۋەتەن ئىچرە بول،
تىلە خىلۋەتۇ، ئەنجۈمەن ئىچرە بول.»
دەپ يازغانىدى.
بىز سۇلتان سەئىدخان، ئابدۇرىشىتخان غەزەللىرىدىن، بابارەھىم مەشرەپ، بولۇپمۇ مۇھەممەد سىدىق زەلىلى شېئىرىيىتىدىكى مەجازى مەزمۇنلاردىن مەزمۇنلاردىن نەقشىبەندىچىلىك تەسىرىنى، ھەتتا نەقشىبەندى نامىغا بېغىشلانغان جۈملىلەرنى كۆرەلەيمىز. مەلۇم مەنىدە بۇ خىل تەسىر تاكى چاغاتاي –ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىللىرىگىچە داۋام قىلغان دېيىش مۇمكىن. زەلىلى مۇنداق يازغانىدى:
«گۆھنەلەنگەرى ئالەم، كارۋان ئېرۇر ئادەم.
دەم ئېلىپ ئۆتەر بىردەم، سەن بۇدەم غەنىمەت تۇت.»
«سەن ئۆزۈڭگە بۈگۈن تاماشا قىل،
ھەر ئەجايىپكى باردۇر ئادەمدە،
ئەقلى كامىل تەنىڭدە جەيھۇندۇر،
نە تىلەر سەن سۇ قەترەئى نەمدە.
ئەر غۇنۇننىڭ سەداسىدىن كۆيدۈم،
شۇ ئىلە تاشلايدۇ زىر ئىلە بومدە.
قايدا ئېيسا كەبى مەسىھايى،
كۆر ئەي ئەسرارى ھەقنى مەريەمدە...»
خوجا باھائىددىن نەقشىبەندى سوپىزمى ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە ئىدىيە تارىخى، ئەدەبىياتى تارىخىغا سالماقلىق تەسىر قىلغان. ئۇنى ھەر تەرەپلىمە مۇلاھىزە قىلماي تۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ئىجادىيەت تارىخىنىڭ مۇرەككەپ مەنزىرىسىنى روشەنلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.
1988-يىل، ئۈرۈمچى
مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى: م.قادىر(ھۇما)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 09:45:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (5)
زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم تەئرىپىدە

زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر دىنىي ئالىملىرىدىن زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم كۆرىنەرلىك ئورۇن ۋە شۆھرەتكە ئىگە مۇدەررس.
زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم 1910-يىلى ئاستىن ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغ ئېرىق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى ھاشىم قازى قۇززات بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، دىن مىللەتنىڭ پىداكارى، ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، ھۆرىيەتپەرۋەر ،مۇتىپەككۇر ئابدۇقادىر ئابدۇۋارس ئەزىزنىڭ سىڭلىسى ھەلىمىخان ئۇنىڭ ئانىسى ئىدى.
زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى دامۇللام سۇلتانەم مەدرىسىدە باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ساۋادىنى ئاچقان تۇنجى ئۇستازلىرى ھابىل ھاجىم بىلەن ئابدۇراخمان خەلپىتىم ئىدى.
ئۇ 12 ياشقا كىرگەندە ئابدۇقادىر دامۇللام ئۇنى ئۆزى مۇدەررسلىك قىلىۋاتقان قەشقەر توغانخان مەدرىسىگە ئېلىپ بېرىپ، ئەرەپ تىلى گىرامماتكىسى بىلەن ناتىقلىق مەنتىقىسىنى ئۆگەتكەن. كېيىن ئاتۇشقا قايتىپ، سۇلتانەم مەدرىسىدە يەنە ھابىل ھاجىمدا ئىككى يىل ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەرگە يەنە بېرىپ، تۆركۆل قورغانبويىلىق ئالىم شەمسىددىن دامۇللام ھاجىمدا ئىككى يىل بالاغەت، پاساھەت، مەنتىقە ئىلىملىرىنى ئوقۇپ، 18 يېشىدا ھىندىستانغا ئوقۇشقا كەتكەن. ئۇ دەيبەندىكى مەشھۇر دارىلئۇلۇمغا ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن سارامپۇردىكى مازاھىرۇل ئۇلۇم تەييارلىق مەكتىپىدە بىر يىل ئوقۇغان. كېيىن زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى دامۇللام بومباي يېنىدىكى دابىل شەھرىدە قۇرۇلغان جامەئىي ئىسلامىيە ئىنىستىتوتىدا بىر يىل يەنە بىلىم ئاشۇرغان. بەدىرۇل ئالەم، شىببىي رەھمەت ئۇسانىي، ئەنۋەر شاھ قاتارلىق مۇدەررسلەر ئۇنىڭغا مەنتىقە، پەلسەپە، پەلەكىيان، «تەسرىخ» (ئالەم سىرلىرى) بويىچە بىلىم بەرگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن دەيبەن دارىلئۇلۇمغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، سەككىز يىل بىلىم ئالغان. بۇ، بىر يېرىم مىڭ ئوقۇغۇچىلىق خەلقارا ئىسلام ئالىي مەكتىپى ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغان دەرسلىرى: تەپسىر، پەلسەپە، مەنتىقە، ئاقائىد، ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىقلار. ئۇستازلىرى ئەللامە شىببىي رەھمەت ئوسمانىي، ھۆسەيىن ئەھمەد مەدەنىي بولغان. زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى دامۇللام مەكتەپنى «مەۋلەۋى»لىك ئۇنۋانى بىلەن تاماملاپ، كېيىنكى مۇدەررسلىكتە «فازىل»لىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ، «ئەللامە» لىكتىن بىر دەرجە تۆۋەن ئۇنۋان ئىدى.
ئۇ 38 يېشىدا دېھلىدىكى جامەئىي ئەئىزەم مەدرىسىدە «ئۈچ-تۆت يىل فىقھ (دىنىي قانۇن) ئىلمى بويىچە مۇدەررس ۋە بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بولغان.
1942-، 1943-يىللىرى ھىندىستاندا پاكىستان مۇستەقىللىقى ھەركىتى كۈچەيگەن تىنىچسىز كۈنلەردە دادىسى ھاشىم قازى كالاندىن كەلگەن چاقىرىق خېتى بويىچە ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە سۇلتانەم مەدرىسىدە تۆت يىل تالىپلارغا دەرس بەرگەن. سۇ ئاپىتى خانەۋەيران قىلىش ئالدىدىكى سۇلتانەم مازىرى توققۇز مۇنارلىق گۈزەل مەقبەرە بولۇپ، ئۇ يەردە كۆپ ھوجرىلىق مەدرىسە بوغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى يەر ئىسلاھاتىدا دىنىي بىلىم يۇرتلىرى تاقىۋىتىلگىچە قەشقەر دۆڭ مەسچىتتىكى مەدرىستە مۇدەررس ھەم مەسچىت ئىمامى بولغان. بۇ مەكتەپتە 100دىن ئارتۇق تالىپ بولۇپ، يېتىپ ئوقۇغانلار ئىچىدە سەلەي داموللا ھاجىم ئوغلى مۇھەممەد سەلەي ھاجىم، ئۈرۈمچى نەنمىڭ مەسچىت ئىمامى مەھمۇد داموللا، قارا شەھەردىن بارات داموللاھاجى، بۈگۈردىن ئەبەيدۇللا داموللاھاجىملار بار ئىدى.
ئۇ، سۆلچىل ئىدىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللاردا كۆرەشكە تارتىلغان ۋە ئىككى يىل دىنىي ئوڭچى بولۇپ قامالغان. كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ ئائىلە دىھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۇ، غۇلجا، ئارا تۆپە قاتارلىق جايلاردا تۇغقان ۋە تالىپلىرى ئارىسىدا تەركىي ماكان بولۇپ يۈرگەن.
پارتىيە 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىن ئۇ يېڭى ھايات پەسلىگە قەدەم قويۇپ، قايتىدىن مۇدەررسلىك ھاياتىنى باشلىدى.
1982-يىلى ئۇ لىۋىيىدە ئېچىلغان «مۇئىتەمەر ئالەمى ئىسلامى» (دۇنيا ئىسلام يىغىنى)غا ئىلىمىز ۋەكىللىرى ئىچىدىكى تۆت ۋەكىلنىڭ ئىچىدە بىردىن-بىر ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىپ، كازافىنىڭ قوبۇل كۆرىشىگە نائىل بولۇپ، بىللە رەسىمگە چۈشكەن. پاكىستان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىفىلىگى، يۇگۇسلاۋىيە، شىۋىتسارىيە، غەربى گىرمانىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئەللەردە بولغان. 1984-يىلى ھەج قىلغان.
1989-يىل①، ئاتۇش- باغئېرىق
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھات①: ئالىم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن بۇ ماقالىنى 1989-يىلى ئانا يۇرتى ئاتۇشقا بارغاندا زەينۇل ئابىدىن مەۋلەۋى دامۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەتلىشىپ يازغان. ھەم «قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى جورنىلى»نىڭ 1993-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلدۇرغان. بۇ ئىككى ئالىمنىڭ شۇ قېتىمقى سۆھبىتى شۇنداق خاسىيەتلىك بولغانكى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ 30، 40 يىللىق دۇنيا قارىشىغا قايتا نەزەر سالغان.
مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى:م.قادىر( ھۇما)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 09:47:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (6)
فارابى شېئىرلىرىدىن نەمۇنە

ئۇيغۇر ئالىمى، ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇنەۋۋەر نامايەندىسى، بىر پۈتۈن ناتۇرالىستىك پانتېئىزىملىق پەلسەپىۋى سېستىمىنىڭ ئاساسچىسى، ئاتاقلىق لوگىك، ماتېماتىك، مۇزىكاشۇناس ــ ئەبۇناسىر فارابى مەشھۇر ئەرەپ تارىخچىسى ئىبىن خەللىكاننىڭ «ۋەقىياتۇل ئەئيان ۋە ئەنبەئەبنەئۇززامان» ناملىق ئەسىرىدە، سەيد مۇھەممەد باقىرنىڭ «رەۋزەتۇل جىنان» ناملىق ئەسىرىدە، ئەخمەت ئەيسانىڭ «ئەل مەئىسۇرمىن كالامۇل ئەتىبىبە» ناملىق ئەسىرىدە ۋە مۇھەممەد فەردنىڭ «دائىرەتۇل مۇئارىف» ناملىق ئەسەرلىرىدە بىردەك قەيت قىلىنىشىچە «مۈلكى چىن (خاقانىيە دۆلىتى نەزەردە تۇتۇلغان) كاشغەرگە قاراشلىق بالاساغۇن يېنىدىكى فرابدا» 870-يىلى تۇغۇلغانىدى. فارابى 30 يېشىدىن ھالقىغاندا، 10-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەينى زاماندىكى ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ مەدەنىيەت ئوچۇقى ھېساپلانغان باغداتقا كەتكەن. مەۋلانە لۇتپى ئۆزىنىڭ «ھاشىيەتى مەتالىئۇل ئەنۋەر (نۇر مەنبەلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە)» ناملىق ئەسىرىدە، تاشكۇبرى زادە ئۆزىنىڭ «مىفتاھۇسسى ئادەت (بەخت ئاچقۇچى)» ناملىق ئەسىرىدە، ھاجى خەلىپە ئۆزىنىڭ «كەشفۇززۇنۇن» ناملىق ئەسىرىدە، جۇرجى زەيدان «ئەرەپ ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە فارابىنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە بىر قېتىم قايتقانلىقىنى ۋە سامانى شاھى مەنسۇر ئىبنى نوھنىڭ تەكلىپى بىلەن «ئەتتە ئىلمىسانى (ئارىستوتىلدىن كېيىنكى ‹ئىككىنچى تەلىمات›)» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمىنى يېزىپ قالدۇرغىنىنى موقۇملاشتۇرىدۇ. تۈركىيە تىبابەتچىلىك تارىخچىسى سۇھەيىل ئەنۋەر ئۆزىنىڭ «تىبابەتچىلىك تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە ئىسپىھاندىكى «سۇۋانۇل ھىكمە» كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان فارابى قول يازمىسىنى ئۇنىڭ ئۆز يۇرتىغا يازغان ئەسىرى، دەپ كۆرسىتىدۇ. فارابى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك تۈپەيلىدىن يەنىلا ئۆز يۇرتىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ يېتىشكەن ئېنسكلوپېدىك ئالىم، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ۋە ئىنسانپەرۋەر سۈپىتىدە 160 پارچىغا يېقىن ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان. فارابى ئىستېتىكا ۋە شېئىرىيەت توغرىسىدا قىممەتلىك ئەسەر يازغان. ئۇ چۇڭقۇر پەلسەپىۋى مەزمۇنغا، ئاھاڭدار شېئىرىي ۋەزىنگە، كۈچلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ئېگە كۆپلىگەن شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپى ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئالىمنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ۋە دۇنيا قارىشىنىڭ تولىمۇ ئىخچام ۋە تولىمۇ گۈزەل شېئىرىي تەسۋىرى سۈپىتىدە مەنىۋى ئىپادىلەش ۋە بەدىئىي مەھلىيا قىلىش كۈچىگە ئېگە ئىكەنلىكى بىلەن كۆزگە تاشلىنىدۇ. فارابى 80 ياشقا كىرگەن يىلى، 950-يىلى دەمەشىقتە ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىتى شەھەر سېپىلىنىڭ بابۇس سەغىر دەرۋازىسى يېنىغا دەپىن قىلىنغانىدى.
تۆۋەندە فارابىنىڭ ئەرەپ تىلىدىكى توققۇز پارچە شېئىرى، ئەرەپچە ۋە قىسمەن رۇسچە نۇسخىلىرىدىن تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلدى.

1
(فارابىنىڭ قاراخانىلار دۆلىتىگە قايتقاندا ئانا دىيارى تەكلىماكاننىڭ قۇم ئاستىغا غەرق بولىشىغا ئېچىنىپ يازغان شېئىرى)

ھەم چېكىنگەن ھەمدە تەتۈر بۇ زامان دەۋرانىغا،
سەن قىلىپ سۆھبەت يېتەلمەيسەن كۆڭۈل ئارمانىغا.
بارچە ئەل باشلىقلىرىنىڭ باشلىرى قاتقان تۈگەل،
ھەممە باشقا دەرت يېتىپ ئايلاندىمۇ سەۋدايىغا.
ھاجىتىم بىلسەم ئۆزەمنىڭ جانىغا راھەت كېرەك،
نۇر چۈشۈپ تۇرماق ئۈچۈن مەندەك پېقىر ئالقانىغا،
بىر نىدا كەلدى ماڭا ئىلكىمدىكى نۇر بەرقىدىن،
زوق-ھوزۇرى ئوخشىغان مىسلى ساما جەۋلانىغا.
يۇرتلىرى چۆللۈككە غەرق بولغان قەدىم ئەلللەر ئارا،
مىۋە تەرگەندەك قەدەم قويدۇم جاۋاھىر كانىغا.

2
(فارابىنىڭ قاراخانىلار دۆلىتىدىكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ بۈيۈك بىرلىكى ھەققىدىكى ئىلھامى)

يەتتە يۇلتۇز كائىناتتا مەنبەئى نۇر رەببىنا،
مىسلى كۆكتە يەتتە دەريا تىزمىسىدەك دائىما.
ھەربىرى سەييارىنىڭ سىمائى بىر ئامىل ئۇنىڭ،
ماددا ـ جەۋھەر خىسلىتى بىر ئەسلى ھەم جەمدۇر ئاڭا.
ئەي زۇھەل ھەم ئاتارۇپ ھەم مۇشتەرى شەيئىلىرى،
مەن قىلۇرمەن ياخشىلىق ئىزلەپ ھامان سۆھبەت ساڭا.

3
(فارابىنىڭ ئۆز ئانا دىيارى ۋە ئۆز ۋەتىنىنى ئۇلۇغلىشى)

چەكسىز زەخمەت-مۇلاقەت سىز تەرەپتىن تەندە جان،
سىنە-قەلبىم سىز تەرەپكە تەلپۈنۈپ شەيدا ھامان.
ئولتۇرالماسمەن ئىزىمدا قوزغىتىپ تۇرغاچ مېنى،
زوق، ئۈمىد ئىككى سەۋەپ دەل سىز تەرەپكە دائىمان.
قوزغىلىپ چىقسام ئىزىمدىن سىزدىن ئۆزگە يوق ۋەتەن،
يا ئىزىم قويغىلى يوق بىر بەدەل مەن ئوخشىغان.
سىزدىن ئەبزەلرەك دىيار-ئەل گەر تەئەزرىز قىلسىمۇ،
ئىلكىگە قەلبىمنى ئالماق ئىشقا ئاشماس ھېچقاچان.

4
(فارابىنىڭ دۆلەت ئىپتىخار ئىلھامى. «بىر تۆۋەنلەشنىڭ ‹تۆۋەنلەش ـ ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يېمىرىلىشى› بولۇر ئەۋجى ھامان ‹ئەۋجى- قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى›)

بىر تۆۋەنلەشنىڭ بولۇر ئەۋجى ھامان،
يوقۇتۇش بولغاي سوقۇشتا دائىمان.
ئۆز خانامنىڭ راھىتى ھاجەت ماڭا،
مەن غۇرۇر ئۆز ئىززىتىدىمدىن دائىمان.
ئىچكىنىم ئىلكىمدىكى شەربەت مېنىڭ،
راھىتىمنىڭ شولىدا بەرقى ئايان.
نۇر جۇلا شېشەمدە ئەكس ئەتكەن نىدا،
خوپ ھوزۇرلۇق ساز-ساماغا ئوخشىغان.

5
(فارابىنىڭ يات ئەلدىكى ئىلىم تەھسىلى بىلەن يۇرت سېغىنچىسى)

ئىككى شىشە جام بىلەن بولدى مېنىڭ ئۆمرۈم ئادا،
ھەممىلا مەشغۇللىقىمنى تولدۇرۇپ قۇيغان ئاڭا.
بىر قەدەھتە قاپقارا تۇرسا سىيايىم لىپمۇلىق،
ئۆزگىدە پەيۋەند بولۇپ تۇرغان شارابىمدۇر يانا.
بىرسىگە تولدۇرغىنىم گەر بولسا ھېكمەت گەۋھىرى،
بىرسىدىن غەم-قايغۇنى يۇدۇم پۈتۈن قەلبىم ئارا.

6
شەيئىلەر مەۋجۇتلىقىدىن ھەم سەۋەپلىك كائىنات،
ھەم سەۋەپلىكنىڭ تۈپەيلى ياخشىلىق ئۇندىن نىجات.
يەر بىلەن بەھرى- دېڭىزلار تۇرىدۇ ھەمرا بولۇپ،
رەببىنا، ئاسمان-ساما مەرگەزلىرىمۇ قاتمۇ قات.
قايدا سەن بولدى ماڭا نۇخسان-گۇناھ ئۈلپەت بۈگۈن،
پەيز-رەھمەت بەخشى ئېتىپ قىلغىن گۇناھىمدىن ئازات.
رەببى-شەيئىم پاكلىغىن بولسا مەگەر مۇمكىن مېنى،
كى ئاناسىر-ئونسۇرىدىن قالمىسۇن جىسمىمدە دات.

7
پىشمايىن سىرى-ۋۇجۇد خام قالدى ئالەم ئۆز پېتى،
يا تېشىلمەي گۆھىرى ھەم قالدى ئالەم ئۆز پېتى.
گەر ئەقىل يورۇق چېچىپ ھەركىم ئاڭا مەنە ئېيتسىمۇ،
ئەسلى چىن تەسۋىرىدىن كەم قالدى ئالەم ئۆز پېتى.

8
ئەي قېرىنداش، خالى تۇر ھەمرا ئەمەس ناھەق ساڭا.
ھەق-ئادالەتنىڭ قېشىدا سەن ماكان تۇت دائىما.
بۇ جاھان ساڭا تۇرار مەڭگۈ مەقام-جايمۇ ئەمەس،
زەربە قىسمەتتىن خالاس بولمايدۇ ھېكىممۇ يانا.
قالغۇسى مۆجىز بولۇپ ئىخچام تەۋەررۈك سۆزلىرىڭ،
بەخش ئېتىپ تۇرغاچ تىرەن مەزمۇن پاراسەتلىك ئاڭا.
بىپايان ئالەم ھامان مەشغۇلى ھەركەت ئۈستىدە،
تۇرىمىز ئوخشاپ پەقەت تامچە ۋەياكى نوقتىغا.

9
قەسەم بىللا ھاياتلىقتىن بىزارمەن كۆڭۈلسىز ئەمدى،
بەئەينى ئوق كەبى تەندىن چىقار جان ۋاقتى تىز ئەمدى.
بەخت باشلانسا يەتكەيلەر زاۋاللىققا بەختسىزلىك،
تەبىئەت جىنسى بىز، ئۆز جىسمىمىزغا قايتقۇمىز ئەمدى.
مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى:م.قادىر( ھۇما)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 09:51:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (7)
قاتالام نەزىريىسى ۋە ئۇنىڭ مېتودولوگىيىلىك قىممىتى

ماركس مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ئۆزىمۇ ھەقىقەتكە مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. ھەقىقەتكە مۇۋاپىق بولغان ئىزدىنىش كېڭەيتىلگەن ھەقىقەت بولۇپ، مۇنداق ھەقىقەت چېچىلىپ كەتكەن ھەممە ھالقىلارنى ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزئارا بىرلەشتۈرىدۇ.» («ماركىس؛ پىروسىيىنىڭ يېقىنقى كىتاپ- ژورناللارنى تەكشۈرۈش پەرمانىغا باھا»، «ماركىس ئېنگىلىس ئەسەرلىرى»، خنزۇچە نەشرى 1-توم 8-بەت)
ئېنگېلىس مۇنداق دەيدۇ: «ماتىريازىملىق دۇنيا قاراش تەبىئەتنى سىرىتتىن تەركىپ قوشماي ئۇنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتى بويىچە چۈشىنىشتۇر.» (ئېنگېلىس: «تەبىئەت دىئالېكتىكىسى»، خەنزۇچە نەشرى، 163-بەت) فېيىرباخ «كەلگۈسى پەلسەپە قائىدىلىرى» ناملىق ئەسىرىدە: «دۇنيا ئوچۇق مېڭىلىك كىشىلەرگە ئۆز ئىشىكىنى ئېچىپ قويغان» دېگەنىدى.
دەرۋەقە، مېتودولوگىيىنىڭ توغرا ياكى ناتوغرىلىقى، توغرىلىق دەرىجىسى ئوبيېكتنى كۆزىتىشتە، ئۇنىڭ ھادىسلىرىنى ۋە ماھىيەتلىرىنى، ئۇنىڭدىكى بىرقانچە قاتلاملىق قانۇنىيەتلەرنى بىلىشتە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مېتودولوگىيە مەسىلىسى تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، سوبيېكتنىڭ ئوبيېكتنى قانداق پوزىتسىيەدە، قانداق ئۇسۇلدا بىلىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت.
توغرا مېتودولوگىينى قوللانماي ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ نوقتىدىن تەتقىقات مەسىلىسىدە مېتودولوگىيىلىك پىرىنسىپلارنىڭ يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىم.
قاتلام – كەڭ چۈشەنچىدىن ئىبارەت. بۇ چۈشەنچىنى يۈزەكى قارىغاندا بىز كۆرىۋاتقان بىر قاتار شەيئىلەرنىڭ قاتلاملىقى مەۋجۇتلىقىنى بىلىمىز. ئەگەر تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ نەزەر سالساق بارلىق ماددى دۇنيانىڭ، زەررىدىن قوياشقىچە، ھۆجەيرىدىن ئىنسان مېڭىسىگىچە؛ بارلىق روھى ھادىسلارنىڭ ھېسسى بىلىشتىن تەپەككۇرغىچە، ئىدېئولوگىيىدىن مەنىۋى مەدەنىيەت ھادىسلىرىگىچە ھەم قۇرۇلمىلىق ھەم راۋاجلىنىش جەريانىلىق جەھەتتە كۆپ قاتلاملىق ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئالەمنىڭ رەڭگارەڭلىكى، ئۇنىڭ تۈزۈلمە جەھەتتىكى كۆپ قاتلاملىقى ۋە راۋاجلىنىش جەريانىدىكى كۆپ قاتلاملىقىدىن خالى ئەمەس. قاتلاملىق ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى ۋە بىزنىڭ بىلىش روھىيىتىمىزدىكى ئومۇمىي مەۋجۇتلۇققا ئىگە چىنلىقتىن ئىبارەت. بىز بۇنىڭغا كۆز يۇمالمايمىز. قاتلاملىق قارىشى ماتىريالىزىملىق قاراش. قاتلامسىز ھېچقانداق قۇرۇلمىنى، ھېچقانداق تەدرىجى تەرەققىياتنى (ئىۋۇلوتسىيىنى)، ھېچقانداق تارىخنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
دۇنيا بىر پۈتۈن ماددى دۇنيادىن ئىبارەت. بىر پۈتۈن ماددى دۇنيانىڭ سىرىتىدا ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا پاراللېل تۇرغۇچى ئىككىنچى دۇنيا، روھى دۇنيا، ئىلاھىي دۇنيا مەۋجۇت ئەمەس (روھى دۇنيا ۋە ئىلاھى دۇنيامۇ مۇشۇ چەكسىز ماددى دۇنيانىڭ يەنى چەكسىز ئالەمنىڭ سىرتىدا ئەمەس). جەمئىيەت ۋە روھىيەت دۇنياسى (ئىنساننىڭ روھىيەت دۇنياسى) ماددىي دۇنيانىڭ راۋاجلىنىش مەھسۇلىدىن، ئۇنىڭ تاكاممۇللاشقان بىر شەكلى ۋە بىر ھالىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەڭ ئېلېمېنتار ماددى تۈزۈلمىنى ئىنكار قىلىپ، بۇنداق تاكاممۇللاشقان شەكىل ۋە ھالەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. قەدىمكى گرېك مۇتەپەككۇرى ئارىستوتىل ماددا بىلەن شەكىل، مۇناسىۋەت قاتارلىق كاتېگورىيىلەر ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئەسىر مۇتەپەككۇرى ئەلفارابى ئەتتۈركى «جەۋھەر» (سوبىستانسىيە- ئەسلى زات)، «ئەئىراز» (ئاكسىدېنىيە-ھالەت) قاتارلىق كاتېگورىيىلەر ئارقىلىق ئالەمنىڭ ماددىلىقى ۋە ئۇنىڭ رەڭگارەڭلىكى- قاتلاملىقىنى ئىزاھلاشقا ئۇرۇنغانىدى. فارابى ئالەمنى مىنېراللار، ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئىنسانىيەتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە – تۆت قاتلامغا بۆلۈپ ئالدىنقى قاتلامنىڭ يۇقىرى باسقۇچى كىيىنكى قاتلامنىڭ ئىپتىدائىي باسقۇچىغا تۇتىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. فارابى مۇشۇ قاراش ئاساسىدا ئىنساننىڭ ھايۋاندىن كىيىن پەيدا بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى ــ يادروفىزىكىسىدىن ئاسترونومىيىگىچە، جانسىز تەبىئەتتىن بىئولوگىيىگىچە، پىسخولوگىيىدىن لوگىكىغىچە، ئانتروپولوگىيىدىن ئېتنولوگىيىگىچە بارلىق ماددى، روھى، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي راۋاجلىنىشنىڭ قاتلامدىن ئايرىلمىغانلىقىنى بارغانسىرى ئىسپاتلىدى. بىز بىلىش تارىخىدىكى موھىم كاتېگورىيىلىك مۇۋەپپەقيەت بولغان  «ماددا»، «روھ»، «شەكىل»، «مەزمۇن»، «مىقدار»، «سۈپەت»، «ماھىيەت»، «ھادىسە»، «يەككە»، «كومپلېكس»، «تەبىئىي»، «ئىجتىمائىي»، «جانسىز»، «جانلىق»، «سوبيېكت»، «ئوبيېكت» قاتارلىقلارنىڭ كۆپ ھاللاردا مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بەزىلىرى مەزمۇن ماددا دېسە، بەزىلىرى مەزمۇن روھ دەيدۇ، بەزىلىرى گۈزەللىك ماھىيەت دېسە، گۈزەللىك ھادىسە، ھالەت دەيدۇ. مۇنداق تالاش-تارتىش ھېلىغىچە ساقلانغان.
قاتلاملىق- تەبىئەت، جەمئىيەت، تەپەككۇر دۇنيادىكى بارلىق قۇرۇلمىلىققا، مۇناسىۋەتكە، سەۋەبىياتقا، تەرەققىياتقا تۇتاشقان ئومۇمى ھادىسە. مۇنداق قاتلاملىق قۇرۇلما، قاتلاملىق تەرەققىيات بىزگە قاتلاملىق بىلىش مۇمكىنچىلىكىنى بېرىدۇ. بىز ئۆزىمىز تەكشۈرىدىغان ئوبيېكتنى قاتلاملىق تەھلىل قىلىشىمىز، قاتلاملىق ئومۇملاشتۇرىشىمىز، قاتلاملىق مۇھاكىمە قىلىشىمىز مۇمكىن. مۇنداق بىلىش ئۇسۇلىنى قاتلام نەزىريىسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. قاتلام نەزىريىسى بىرخىل ئىلمىي مېتودولوگىيە سۈپىتىدە ماكان خاراكتىرلىك ئالدىن- كېيىنلىك، سەۋەپ نەتىجىلىك، ئانا- بالىلىق تەرەققىيات قاتلام مۇناسىۋەتلىرىنى، كومپلېكسلىق، ئارىلاشمىلىق (سېنكىرتىك)، قايتا ئېرىشىلمىلىك، ئىۋۇلوتسىيىلىك، ئۆزگىرىشلىك ھالەتلەرنى بىلىشتە غايەت زور ئىقتىدار ۋە قىممەت بېغىشلايدۇ.
ئەلۋەتتە قاتلام نەزىريىسى تۇرغۇزىلىشى لازىم. ئۇ مېنىڭچە ئىنفورماتسىيە، گېرنىتكا (تىزگىنلەش) نەزىريىلىرىگە نىسبەتەن تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تىرەن، تېخىمۇ يىراق، تېخىمۇ ئومۇمىي ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغان مېتودولوگىيە. ئۇ تۈگۈنلەرنى يېشىش، سىرلارنى ئېچىش، ھەقىقەتنى تېپىش يولىدىكى يېڭى مېتودولوگىيىلىك تەپەككۇر قۇرالىدىن ئىبارەت.
قاتلام نەزىريىسى تەبىئىي پەنلەر ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ۋە تارىخى پەنلەر ئۈچۈن، تىل ۋە تەپەككۇر پەنلىرى ئۈچۈن، تۇرمۇش ۋە سەنئەت ئۈچۈن، كېسەللىك ۋە جىنايى ئىشلار تەتقىقاتى ئۈچۈن، قىسقىسى بىلىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ ھەممە ساھەسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مېتودولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۆرسىتىدۇ.
بىز پەلسەپىدە «ماتىريالىزىم» ياكى «ئىدېئالىزم» دېگىنىمىزدە، بۇ قاراشلارنىڭ قەدىمكى زامان ۋە ھازىرقى زامان قاتلاملىرىنى، مەسىلەن: پىلاتون ئوبيېكتىپ ئىدېئالىزمى بىلەن گېگىل ئوبيېكتىپ ئىدېئالىزمىنى قانداق پەرقلەندۈرىشىمىز مۇمكىن؟ بىز يەنە «تەپەككۇر» دېگىنىمىزدە قەدىمكى زامان ۋە ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە خاس «تەپەككۇرنىڭ تارىخى شەكلى»نى قانداق پەرقلەندۈرۈشىمىز لازىم؟ بىز مەدەنىيەت تارىخىدا ھەرقايسى قەبىلىلەر، مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ دۇنياغا يۈزلەنمىگەن مەھەللىۋى ــ مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن ئۇنىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەن، ئارىلاشما ــ سېنكرتىك ئالەمشۇمۇل، تارىخى ئەھمىيەتلىك مەدەنىيەت تىپلىرىنى تارىخى قاتلامسىز قانداق ھەل قىلىشىمىز مۇمكىن؟ ئۇيغۇر مىللىتىنى مىسال قىلساق ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار گەرچە ئىزچىل تۈردە «ئۇيغۇر» ئاتالمىسى بىلەن ئالامەتلەندۈرۈلسىمۇ، ئۇلار ئېتنولوگىيىلىك قاتلام، ئىجتىمائىي- تارىخى قاتلام، مەنىۋى مەدەنىيەت قاتلىمى جەھەتتە داۋاملىق ئۆزگۈرۈشكە ئۈچراپ ئۇيغۇرلار بىلەن 1989- يىلقى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت ۋە ئىدولوگىيىلىك تۈزۈلمە جەھەتتە ئوخشىمىغان قاتلام ھاسىل قىلدى ۋە قىلىدۇ.
ئېستېتىكا جەھەتتىمۇ گۈزەللىك ۋە گۈزەللىك ھادىسلىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنى پۈتكۈل گۈزەللىك ھادىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «قاتلاملىق ئېستېتىكا» سېستىمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش لازىملىقىنى كۆرىمىز.
تارىخى تەرەققىيات نوقتىنەزىرى بويىچە ھەربىر يېڭى ئىجتىمائىي فورماتسىيىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تارىخىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەندە، ياكى ئۇنى تارىخى تەرەققىياتتىن ئۈزىۋېلىپ قارىغاندا، شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۆز تەرەققىياتىدىمۇ كۆپ باسقۇچلۇق ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ بىرنچى باسقۇچى بولغان ئىپتىدائىي باسقۇچىنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەندە قانچىلىك نەزىريە ۋە تاكتىكىلىق ئادىشىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز لازىم.
مۇھەببەت- نەپرەت، جىنايەت- جازا، تەلىم –تەرىبىيە قاتارلىق ساھەلەرمۇ قاتلاملىق تۈزۈلمە ۋە قاتلاملىق راۋاجلىنىشتىن ئايرىلمايدۇ. قاتلام نەزىريىسى  بۇ ساھەلەر ئۈچۈنمۇ ئىلمىي مېتودولوگىيىلىك قۇرال. ئۇ، جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىققا ئىگە.
1989-يىل ماي، ئۈرۈمچى
مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى:م.قادىر( ھۇما)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 09:52:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (8)
تارىخ تەتقىقاتىدىكى يېڭى مېتود- ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى
1
تارىخ ــ ۋاقىت (زامان) كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ كەڭ مەنىدە خاتىرىگە ئايلانغان ئۆتمۈش بىلەن ئۆتمۈشكە ئايلىنىۋاتقان پائالىيەتتىكى رېئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تارىخ ــ ئىنسانىيەت پائالىيىتىنىڭ ئۆتمۈشىگە ئايلىنىۋاتقان رېئال ۋە راۋان ئېقىمى بولۇپ، توختىغان تارىخ ۋە ئۆتمۈشكە ئايلانمايدىغان رېئال پائالىيەت مەۋجۇت ئەمەس.
تارىخ ــ ئىنسانىيەتنىڭ جىسمانى، ئىجتىمائىي، ئەقلىي كامالىتىنىڭ راۋاجلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت. تارىخنى ئارقىغا، جاھالەتكە بۇراش مۇمكىن ئەمەس. چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنىڭ ساختىلىق، قەبىھلىك، خۇنۈكلۈك ئۈستىدىن، نۇرانىلىقنىڭ قاراڭغۇلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنى توشۇپ قالالايدىغان ھەرقانداق كۈچنىڭ مەيدانغا كېلىشى مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس.
2
تارىخنىڭ ئۆتمۈشكە ئايلىنىشى تارىخنىڭ تامامەن ئۆز كۈچىدىن قالغانلىقى ئەمەس، ئەلۋەتتە. تارىخ ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ پائالىيىتى ۋە ئىنسانىيەت ياراتقان ئۆلمەس مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن جەرياننىڭ ئىككىگە ئايرىلىشى بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇ قىسمەن ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ ۋە قىسمەن يېڭى تارىخىي رېئاللىق بىلەن ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگە ئۆتىدۇ. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تارىخنىڭ ئۆلمەس مەنىۋى خەزىنىسى سۈپىتىدە داۋاملىق جەمغىرلىنىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ. قەدىمكى مىسىر پىرئەۋىنلىرى زامانىدىكى رېئاللىق ۋە ئۇنىڭ پېرسوناژلىرى ئۆتمۈشكە ئايلانغان قىسمەنلىك سۈپىتىدە تارىخنىڭ ئەلئېھراملىرى بىلەن ۋاقىتنىڭ مومىيالىرىغا ئايلانغان بولسىمۇ، ئۇ زامانلاردا يارىتىلغان مەدەنىيەت «روھى» داۋاملىق بابىلىئون، گرېتسىيە مەدەنىيەتلىرىگە سىڭىپ كەتتى، ئۇ ئۆلمىدى، راۋاجلاندى.
3
تارىخ ــ بىزنىڭ بارلىقىمىز. بارلىق بىلىملەر ــ تەبىئەت پەنلىرى، جەمئىيەت پەنلىرى، پەلسەپە پەنلىرى، سەنئەت دۇردانىلىرى تارىخنىڭ پەرزەنتىدىن ئىبارەت. تارىخنى بىلىش ھەربىر تارىخى ئەۋلاتنىڭ ئۇلۇغ مەجبۇرىيىتى. تارىخنى بىلمەي تۇرۇپ ھەرقايسى پەنلەرنى بىلىش، تۇرمۇش ۋە ھايات يولىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس.
تارىخنى بىلىش ــ ئەۋلاتنىڭ ئەجدادتىن خەۋەر تېپىشى ۋە تارىخنى ئۈزۈلۈپ قالمىغان جانلىق ئېقىم سۈپىتىدە كۆزىتىشى بولۇپ، تولىمۇ يىراق تارىخىي ھادىسىلەرنى پەقەت ۋاستىلىك يوسۇندا بىلىش مۇمكىن.
4
تارىخنى قانداق بىلىش مۇمكىنلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە ئاز بولمىغان قائىدە ۋە مېتودولوگىيىلەر تەۋسىيە قىلىنغان.
تارىخنى ئىزاھلاش، بايان قىلىش ھەققىدىمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەر، دەرسلىكلەر ۋە تارىخى ھېكايىلەر نەشىر قىلىنغان.
ھېرىدوت بىلەن سىماچىيەننى تارىخ ئىلمىنىڭ ئىككى ئۇلۇغ پىر ئۇستازى دەپ ھېساپلايمىز. غەرپ تارىخى بىلەن جۇڭگۇنىڭ مەشھۇر «24 تارىخ»ى ئۇلاردىن باشلانغان، ئۇلار ئىنسانىيەتكە تارىخنى يېزىقتا يېزىپ بايان قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. بىز ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇقراق تارىخىي ھادىسىلەرنى يېزىق ۋاستىسى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان سانسىز تارىخچىلارنىڭ تۆھپىرىنى تەقدىرلەيمىز. ئۇلار تارىخنى ئۇنتۇلۇش خەۋىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىشتى.
بۇ ھازىرغىچە كەڭ تارقالغان، ھەتتا بىردىنبىر دەپ قارالغان تارىخنى بىلىش ۋە تارىخنى بايان قىلىش ئۇسۇلىدۇر.
5
ھېرىدوت بىلەن سىماچەندىن باشلانغان تارىخنى يېزىق ئارقىلىق بايان قىلىش ئۇسۇلى 20 نەچچە ئەسىردىن بېرى داۋام قىلىپ، ھازىرقى ئۈچۈر (ئىنفورماتسىيە) دەۋرى بوسۇغىسىغا يېتىپ كەلدى. تارىخ، جۈملىدىن تارىخنى بايان قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئۈچۈر دەۋرىگە يۈزلەنمەكتە.
دەرۋەقە، ئۇچۇر ــ ئۇ ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىدىمۇ، كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردىمۇ ئىزچىل مەيدانغا كەلگەن ۋە ساقلانغان. ئەمما، تاكى ئۇچۇر دۇنيانى بىلىش، دۇنيانى ئىزاھلاش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشنىڭ قۇرالى قىلىنغان ئاڭلىق نەزىريە ۋە مېتودولوگىيە شەكىللەنگىچە، «مۇقەررەرلىك» دۇنياسىدا قامىلىپ تۇرغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە ھەرقانداق ئوبيېكتنىڭ ئۈچۈر ئالامەتلىرى ــ بىلدۈرۈش مۇمكىنلىكى، بىلدۈرۈش يوللىرى، ئۆزگەرتىلىش تايانچىلىرى، ئۈچۈر قىممىتى بولىدۇ، دېگەن قاراش ئۇچۇر دەۋرىگە خاس بىلىش نەزىريىسى قائىدىسى ھېساپلانماقتا. ئىلگىرى بىلىش نەزىيىسى، دوبيېكتنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى تەكىتلەش بىلەن چەكلەنگەن بولسا، ئەمدى بىلىش نەزىريىسى، ئوبيېكتنىڭ ئۇچۇر بېرىش ئالامەتلىرىنى سوبيېكتنىڭ بىلىش پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قاراشقا يۈزلەنمەكتە.
6
مېنىڭچە، ئەمدىلىكتە تارىخنى يېزىق بىلەن تەسۋىرلەپ بايان قىلىش ئۇسۇلىدىن باشقا يېڭى شەكىلدىكى تەتقىقات مېتودى ــ «ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقات ئۇسۇلى»نى ئوتتۇرغا قويۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش دەۋرى يېتىپ كەلدى! بۇ ئۇشبۇ ساھەدە دەۋر بۆلگۈچ يېڭى تەشەببۇس بولۇپ سەۋەپ تەپسىلاتى تۆۋەندىىچە:
بىرىنچىدىن، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ تۈزۈلمىسى، ھەركىتى ۋە جەريانى مەۋجۇتلۇق قىممىتىگە، جۈملىدىن ئۇچۇر قىممىتىگە ئىگە. ئۇچۇرسىزلىق مەۋجۇتسىزلىقتۇر.
ئىككىنچىدىن، ئىنسانىيەت پائالىيىتى ئۇچۇرلۇق پائالىيەت بولۇپ، ئىنساننىڭ ماددى ئىشلەپچىقىرىش، مەنىۋى مەدەنىيىتى ئۇچۇر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقى ياكى مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، تىل ـ يېزىق بىر خىل ئۇچۇر بولۇپ، پۈتكۈل ئۇچۇر تىل- يېزىق بىلەن چەكلەنمەيدۇ. تىل- يېزىق ئارقىلىق قىلىنغان ئۇچۇر بىۋاستىلىك، روشەنلىك سالاھىيىتىدىن باشقا، ۋاستىلىك (ھەتتا كۆپ تەكرارلانغان ۋاستىلىك)، قىياسى ياكى تەخمىنلىك ئالامەتلىرىگە ئېگە بولىدۇ.
تۆتىنچىدىن، مەلۇم ئىنسان تۈركۈمى، مەلۇم ئېتنىك مەدەنىيەتنىڭ ھەربىر قىسمەنلىكى، شاخچىسى، تەركىبىي قىسمىدا، شۇ ئىنسان تۈكۈمى، شۇ ئېتنىك مەدەنىيەتنىڭ مۇجەسسەملىكىنى كۆرسەتكۈچى ئۇچۇر قىممىتى بولىدۇ. بۇ قىسمەنلىك قىسمەنلىكنى ئەمەس، بەلكى ئومۇمىيلىقنى قىسمەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇچۇر قىلىدۇ، دېگەن سۆز.
بەشىنچىدىن، يېزىق بىلەن بايان قىلىنىدىغان تارىخ تارىخنى ئۆتمۈشكە ئايلانغان، مۇتلەق ئۆتكەن زامان قاينىمىغا چۆككەن، «ئۆلۈك تارىخ» دەپ قارايدۇ، ئۇ ئەڭ تەشەببۇسكار ھالەتتىمۇ ئۆتمۇشنى ئىبرەت ئەينىكى دەپ قارايدۇ. ۋەھالەنكى، «ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى» تارىخنى قىسمەن «ئۆلگەن» قىسمەن ھازىرقى رېئاللىق ئىچىدە يۇقىرىراق سېنتىز بىلەن داۋام قىلىۋاتقان «ئۆلمەس مەدەنىيەت فوندى» دەپ قارايدۇ. ئۇ قەدىمكى بويۇملار بىلەن ھازىرقى بويۇملار، قەدىمكى موزىكىلار بىلەن ھازىرقى موزىكىلار، قەدىمكى مەدەنىيەت بىلەن ھازىرقى مەدەنىيەت ئارىسىدا «ئۆتۈشمە» مەۋجۇتلۇقنى جاكارلايدۇ، چۈشەندۈرىدۇ، تەن ئالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇچۇر قانىلىدا تىرىك تارىخ ھەركىتى ھەركەتتە بولۇپ، كىشىنى مەيلى ماكان ۋە زاماننىڭ پۈتۈنلىكى، بىللىلىكى بىلەن يېڭىچە تارىخىي قاراشقا، خۇددى ئېينىشتىيىننىڭ «نىسبىلىك نەزىريىسى» ماكان قارىشىغا يېڭى مۇمكىنلىك بېغىشلىغىنىدەك زامان قارىشىغىمۇ «نىسبىي ئۆتمۈش» قارىشى پەللىسىنى بېغىشلايدۇ.
7
بىز ھازىرغىچە داۋام قىلغان نوقۇل تىل- يېزىقنى ئۇچۇر ۋاستىسى قىلغان تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلىنىڭ ئۇچۇر دەۋرىدىن ئىلگىرىكى قانۇنىي نوپۇزىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. قەدىمكى كىشىلەر دۇنيانىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە مەڭگۈلىكىگە قارىغاندا، ئىككىنچى قاتاردىكى كاتېگورىيە ـ ھايات ۋە ماماتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ قاراشقانىدى. بىزمۇ، كائىنات ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىك ھەركىتى مەڭگۈ مەۋجۇت، دېگەن چۈشەنچىگە قارىغاندا، تولاراق «ئۆلدى، كەتتى» دېگەننى ئالدىنقى ياكى موھىم ئورۇنغا قويۇپ قارايمىز. دىنىي قاراشلارمۇ «تەڭرى»نى نوقۇل ئىنسان بىلەن ھەتتا ئىنساننىڭ ھاياتى ياكى ئۆلۈمى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دەپ قاراشقا كۆنگەن. بۇ ھال كونا تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلىنىڭ نوقۇل «ئۆتمۈش ھادىسىچىلىك»، نوقۇل «جەسەتشۇناسلىق» قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە زىمىن ھازىرلىغان. بۇ نوقۇل تىل- يېزىقنى ئۇچۇر ۋاستىسى قىلغان تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلىنىڭ سۇبيېكتىپ جەھەتتىكى تارىخىي چەكلىمىسىدۇر.
ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى تارىخىي چەكلىمىسى بولغاندىمۇ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. بىر تەرەپتىن، ئۇ زامانلاردا قەغەزگە يېزىش، مەتبۇئاتچىلىق تېخنىكىسى، فۇتۇ سۈرەتنى سېنكىلاپ ماقالە- كىتاپقا كىرگۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان ياكى تولىمۇ ئاجىز بولغان. ھېرىدوت ۋە سىماچەنلەر تېخى قەغەزنى كۆرۈشمىگەن، تابارى ۋە جۈۋەينىلەر تېخى ھازىرقى زامان مەتبۇئاتىدىن خەۋەرسىز ئىدى. كۆپلەپ ئەسلى بويۇملارنىڭ سۆرەتلىرىنى كىتاپخانغا تەقدىم قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، تارىخى ئاسارەئەتىقىلەر ھازىرقىدەك كۆپلەپ تېپىلمىغان، مىڭلارچە موزىيلارنى تولدۇرمىغان، نۇرغۇن ئالبۇم شەكلىدە نەشىر قىلىنمىغانىدى.
ھازىر يەنە نۇرغۇن بۇيۇملار ئىلىم دۇنياسىغا نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما ھەر جەھەتلىمە بىر سىزىق سېستىما ھاسىل قىلالىغۇدەك مىقدارغا ئىگە بولۇشتى. بۇ جەھەتتە ئۆتمۈشتىكى تارىخچىلارنى توغرا چۈشۈنىشكە توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.
8
يېڭى ئوبيېكتىپ ئىمكانىيەتلەر بىلەن يېڭى تارىخىي قاراشنىڭ بىردەكلىكى ئاساسىدا ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان نوقۇل تىل- يېزىق بىلەن تارىخ يېزىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنىڭ بىر قاتار نۇقسانلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ چىقىش مۇمكىنلىكى تۇغۇلدى.
بىرىنچى، «تارىخىي نەرسە» ئورنىغا «مەنتىقى نەرسە» ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان.
ئېيتىش كېرەككى، مۇتلەق كۆپچىلىك تارىخچىلار بىۋاستە كۈزەتكۈچىلەر بولۇشى مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھال، ئالدىنقىلارنىڭ تىل- يېزىق ئۇچۇرىغا ئاساسلىنىش، تىل- يېزىق شەكلىدىكى ئۇچۇردىن ئۇچۇر تۇغدۇرۇش يولى بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشقا ئېلىپ كېلىدۇ. نەتىجىدە، مەنتىقىي مۇھاكىمىلەر ھەرقايسى يېڭى ئەۋلاد تارىخچىلار تەرىپىدىن ھەربىر بوغۇندا قايتا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان بىرلا يول شەكىللەنگەن. بۇ ھال تارىخنى «ئۆلۈك»كە چىقىرىش ئۈستىگە ئۇنى مەنتىقى، ئابىستراكت مۇھاكىمە رامكىسىغا سېلىپ قويغان. بۇ بىر بۆلۈك «يېزىق»، «خەت»، «ئابرە» زىددىيەتلىرى ياكى ئوخشاشلىقىنى تەكشۈرگۈچى «تېكىستولوگ تارىخچىلار»نى مەيدانغا كەلتۈرگەن. بۇ يەنە تارىخنىڭ ئەسلى چىنلىق نوپۇزى ئورنىغا، نوپۇزلۇق تارىخچىلارنىڭ مۇھاكىمە ۋە ھۆكۈم نوپۇزۇىنى دەسسىتىشكە ئېلىپ كەلگەن.
9
ئىككىنچىدىن، تارىخ ئۆز جەريانىنىڭ بىرلىكىدىن، ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ كۆپ خىللىقىغا قاراپ ھەرخىل تەسۋىرلەنگەن.
ئېيتىش كېرەككى، ھەرقايسى تارىخى ھادىسىلەر ئۆز ۋەقەلىكى بويىچە بىر خىللا رېئاللىق بولغان. ئەمما، بۇ رېئال، خاس، يېگانە ۋەقەلىك ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى تارىخچىلار تەرىپىدىن ھەرخىل ئىزاھلىنىشقا دۇچ كەلگەن. بۇ يەنىلا تىل- يېزىقنىڭ ئوخشىمىغان مۇئەللىپلەرنىڭ ئوخشىمىغان سوبيېكتى ۋە قەلىمى تۈپەيلى يۈزبەرگەن غەلىتە ئەھۋالدۇر.
بۇ مەۋجۇت ئەمما كۆنگەن ھادىسىلەر بولۇپ، بۇ نۇقسان تارىخ ئىلمىنىڭ ھەقىقەتلىك قىممىتىگە داغ چۈشىرىدۇ. بۇ نۇقسان «ماھىيەت» كاتېگورىيىسى چۈشەنچىلىرى بىلەن، «ۋەقەلىك»نى تېپىش بىلەن ئەمەس بەلكى «ۋەقەلىك» ئارقىلىق «ماھىيەت»نى تېپىش بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەك.
تىل- يېزىق ھەرخىل چۈشەندۈرۈشكە، ھەرخىل چۈشىنىپ قېلىشقا، ھەركىم ئۆز خاتالىقىنى كۈچەيتىشكە، «تارىخ» بىلەن «تارىخ»نى بىربىرىگە زىت قىلىپ قويۇشقا، ھەقىقى تارىخنى پاراڭ دېڭىزىغا، جەڭگاھقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ئېلىپ بېرىدۇ.
10
ئۈچىنچىدىن، رۇستەمنىڭ دادىسى زالنى ئىزدەپ چىققىنى ۋە ئۇنى تونۇيالماي كۆكسىگە خەنجەر قويغانلىقىدەك نۇقسان.
ئېيتىش كېرەككى، بىر بۆلۈك تارىخچىلار مەيدانغا چىقىدۇ، ئۇلار تارىخنى سۇدەك سۆزلەيدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى سۆزلىگەن تارىخىي بويۇملارنى كۆرگەندە پەرق ئېتەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار پەرىق ئېتەلمىگەن تارىخىي بويۇملار ئىچىگە ھەقىقى، ئەمەلىي، بىۋاستە تارىخ يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇلار نىل دەرياسىنى پەقەت ھەرخىل چوڭ- كىچىك خەرىتىلەردىلا پەرىق ئېتەلەيدىغان، ئەمما تۇيۇقسىز بۇ دەريانى كۆرسە پەقەت پەرق ئېتەلمەيدىغان «مەدرىس پەيلاسوپلىرى» بولۇپ قالىدۇ.
11
مەلۇمكى، ئۆتمۈشكە ئايلانغان تارىخ چۆكمە ھالەتتىكى ماددى ئۇچۇردىن ئىبارەت. تارىخ ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن ئەمەلىي پائالىيەتنى ئۆز ئىزنالىرى، بەلگە تامغىلىرى، سىگنال- سىمۋوللىرى، ئوبراز- يالدامىلىرى، بويۇم ۋە مەنىۋى ئالامەتلىرى بىلەن يادىكار قىلىپ ماڭغان زامان خاراكتېرلىك ماددىيلاشقان ئۇچۇر موزىيىدۇر. بىز تارىخقا ھۆرمەت قىلىش كېرەك دېگىنىمىزدە، ئالدى بىلەن بۇ خىل ھەقىقى يۈز بەرگەن تارىخنىڭ ئۆزى ئىختىرا ياكى ئىجرا قىلغان، ماددىيلاشقان، ئۇچۇر قىممىتىگە ئىگە بولغان بويۇملار سېستىمىسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى نەزەردە تۇتىمىز. ئۇ بىز ئۈچۈن مەلۇم قاراشلىرىنى ئىسپاتلايدىغان «دېدەك» ياكى ياسالما «قورچاق» بولماسلىقى، ئەكسىچە، ھەقىقەتنى تېپىش خەزىنىسى بولۇش لازىم.
12
مەلۇمكى، تىل-يېزىق ئالدى بىلەن بىۋاستە نەرسىنىڭ ئەمەس، بەلكى سوبيېكتىپ تەپەككۇرنىڭ سىرتلاشقان سىگناللىق ئۇچۇردىن ئىبارەت. بۇ يەردە «ئەسلى بويۇم ئۇچۇرى» بىلەن «كىشى تەپەككۇرىنىڭ ئۇچۇرى»دىن ئىبارەت ئىككى قاتلام ئېنىق سالاھىيەتلىرى بىلەن پەرقلەندۈرىلىشى لازىم.
ئېيتىش كېرەككى، يېزىق- ئابىستراكت مۇھاكىمە خاراكتېرلىك تەپەككۇرنى ئابىستراكت بەلگە خاراكتېرلىك ھەرىپلەر بىلەن، ئابستراكت چاتقۇچى خاراتىردىكى گرامماتىكىلىق جۈملە تۈزۈش ئارقىلىق ئىككىنچى كىشىگە يەتكۈزۈپ، ئابستراكت چۈشەنچە ھەتتا ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى ئوبراز پەيدا قىلىدىغان ئالاقە ۋاستىسىدىن ئىبارەت. بۇ بىۋاستىلىكتىن خالىي بولغان «تۆت ئابستراكت»تا لېنىن ئېيتقاندەك، ئىدېئالىزمنىڭ بىلىش نەزىريىسى جەھەتتىكى يىلتىز ساقلانغان بولىدۇ.
13
ف. ئېنگېلسنىڭ : «ماتېريالىزم دۇنيانى ئۇ قانداق بولسا، ھېچقانداق يات قوشۇمچىسىز ئەينەن ئىزاھلاش دېمەكتۇر» دېگەن مەشھۇر بىر جۈملە سۆزى بار. تارىخ تەتقىقاتىنى بۇ مەشھۇر سۆز بويىچە قايتا ئىزىغا سېلىش لازىم. ئۇ داغىستان شائىرى رەسۇل ھەمزاتۇۋ ئېيتقاندەك ئۇرۇشقاق خوتۇنلاردىكى ۋالاقتەككۈرلۈككە ئوخشاپ قالمىسۇن. قۇدرەت ۋالاقتەككۈرلۈك ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتتە.
تارىخنى بىرىنچى نۆۋەتتە ئۇنىڭ ھېچقانداق ھازىرقى زامان سوبىكىتلىرىنى ئارىلاشتۇرمىغان ھالدا بىردىنبىر ھەقىقىي نوپۇز سالاھىيىتىگە ئىگە ماددىي بويۇملار ئۇچۇرى بىلەن «يېزىش» كېرەك. بۇ ماھىيەتتە تارىخنىڭ «ئۆز-ئۆزىنى» بايان قىلىشى بولۇپ، بۇ تارىخ تەتقىقاتىدىكى ئەڭ نۇرانە ئىستىقباللىق غايەت زور يېڭى ھادىسە. بۇ بىر تەرەپتىن، ھېرىدوت ۋە سىماچەندىن باشلانغان تارىخ تەتقىقاتىنى بىر پۈتۈن ئىرا سۈپىتىدە ئاخىرلاشتۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تارىخنى يېزىق مۇھاكىمىلەر بىلەن يېزىشنى ئۇنىڭ نۇقسانلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنى «تارىخىي نەرسە»گە ئاساسلانغان «مەنتىقىي نەرسە» قىلىپ، ئۆز ئورنىغا قويۇدۇ. بۇ يېزىق بىلەن ئىپادىلەش ئۈچۈنمۇ ھەقىقى ھاياتىي كۈچ ۋە نوپۇز بېغىشلايدۇ. مېنىڭچە، ئېنفورماتسىيە دەۋرىنى قاغاپ توسقىلى بولمىغاندەك «ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى»نىمۇ قاغاپ توسقىلى بولمايدۇ.
14
«ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى» تارىخ تەتقىقاتىغا يېڭى ئىزدىنىش، يېڭى جانلىنىش ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ ھەقىقەتلىك قىممىتى ئېلىپ كېلىشتىن تاشقىرى، يەنە مۇنداق جانلىنىش قوزغىشى مۇمكىن:
بىرىنچىدىن، تارىخچىلار ۋە ئۇلارنىڭ كىتاپخانىلىرىدا تارىخىي بويۇملارغا قىزىقىش ۋە ئېتىبار بېرىش تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ. بۇ ھال مۇقەررەر يوسۇندا ئارخېئولوگىيە ۋە موزېيچىلىق ئىشلىرىغا ېيڭى جانلىنىش ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىككىنچىدىن، تارىخ تەتقىقاتى ھازىرقى ئومۇملاشقان بىر قەدەر قاتمال ھۆكۈم، ئومۇمىي بايان قاتارلىق ماكرولۇق تەتقىقات بوشلۇقىدىن كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق، خاش تېماتىك مىكرولۇق تەتقىقات بوشلۇقىغا قاراپ ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ تەپەككۇر بوشلىقىنى ئېچىشنى تارىخ ساھەسىدىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ھال تارىخنى بىر قەدەر روشەن بىلىشنىڭ  يولىنى ئاچىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، تارىخىي خاتىرلىرى يېزىلمىغان رايۇن ياكى دەۋرلەرنىڭ يازما تارىخىدىكى بوشلۇقنى تولۇقلاشقا مۇمكىنلىك تۇغۇلىدۇ. ئېيتىش مۇمكىنكى، ھەتتا ھازىرغىچە مەيلى يېزىق ياكى بۇيۇملۇق ئۇچۇرى بولمىغان ماكان ياكى زامان بوشلۇقلىرىنى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ماكان ۋە ئۇنىڭ ئالدى- كەينىدىكى زامان مەنبەلىرى ئارقىلىق ئىزاھلاپ تۇرۇش يوللىرىغا ئاساس يارىتىلىدۇ.
تۆتىنچىدىن، تارىخ تەتقىقاتىدىكى سېلىشتۇما تەتقىقات، كېلىپ چىقىش يېقىن خەلقلەر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى، قاتلاملىق ــ سېنكرىتىك مەدەنىيەت تەتقىقاتى جانلىنىدۇ.
بەشىنچىدىن، ئەڭ موھىمى، تارىخ باشقا كىشىلەر ئۆز سوبيېكت شەرتلىرى بويىچە سۆزلەپ تونۇشتۇرىلىدىغان «گاچا» ئوبيېكت بولمايدۇ؛ تارىخ تەتقىقاتى بىر قاتار ئادەتلەنگەن قاراش، ھۆكۈملەرنىڭ توغرا- خاتالىقىنى كۆرسەتكۈچى سترېلكىغا ئىگە بولىدۇ. تارىخ تەتقىقاتىدىكى مۇنازىرىلەر نوپۇزلۇق ئىبارىلەردىن كۆرە، سىستېمىلىق بىرىنچى قول ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ھېسابىغا ھەل قىلىنىدۇ. بىرەر پارچە ئەمەس، بىر پۈتۈن سېستىما ھاسىل قىلغۇچى بويۇملارسىز مەلۇم قاراشنى رەت قىلىش مۇمكىن بولمايد قالىدۇ. بۇنداق سېستىمىلىق ئۇچۇر بويۇملىرى بارلىق تارقاق، ساختا ياسالمىلارنى يېتىم ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. نەتىجىدە، تارىخ ئاشكارا ھالەتكە ئېرىشىدۇ، بۇرمىلانغان ھادىسىلەرمۇ ئۆز ئۇچۇرى بىلەن مەيدانغا تاشلىنىدۇ.
15
كۆز ئالدىمىزدا «ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى» تۇرۇپتۇ. بۇ ئۇچۇر دەۋرى تارىخ ئىلمى ماڭماسلىقى مۇمكىن بولمايدىغان رېلىس.
تارىخچىلار، تارىخ تەتقىقات ئورۇنلىرى، تارىخ ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى، تەھرىر ۋە باسمىخانىلار، تارىخ كىتاپخانىلىرى بۇ يېڭى ئۇسۇلنىڭ بىلىش ۋە مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر سەكرەش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، بۇ ئۇسۇلنى قوللىشى، بۇ جەھەتتىكى ماتېرياللارنى يىغىشى، نەشىرقىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، سۈرەتكە ئېلىشى، نەشىر قىلىشتىكى بەزى قىيىنچىلىقلارنى ېيڭىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى، ئۆز تارىخىنى بىلىش يولىدىكى تەقەززالىرىنى قانائەتلەندۈرىشنى تەۋسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
«ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقات ئۇسۇلى»نى ئاساس، يېزىق بىلەن بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوشۇمچە قىلغان يېڭى تەتقىقات مەنزىرىسى پەرق ئۇرماقتا. ئۇنى كۆرمەسلىك بىر مەھەللىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كورلۇق نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى:م.قادىر( ھۇما)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 09:54:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى  (9)
ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقى تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى
       (مەمتىمىن يۈسۈپ يازمىلىرىغا يېزىلغان ئوبزور)

___ پەلسەپە_ ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىمىزدىكى ناچار ئىللەتكە سوغاق نەزەر
1. مۇئەللىپنىڭ سۆزى
ھەممە غالىبىيەت ئۆزى ئۈستىدىن قازانغان غەلىبىدىن باشلىنىدۇ.
                                             ____ ل.م. لېئونوۋف
      مەن «شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 1988-يىللىق 2-سانىدا سەي دېگۈي ئىسىملىك ناتۇنۇش ئاپتۇرنىڭ فارابى تەتقىقاتىدىكى مەنتىقىلىق زىددىيەتلەرنى تەنقىتلەيدىغان بىر ماقالە ئېلان قىلغىنىمدىن باشقا تەنقىدى ماقالە يازمىغانىدىم. دەرۋەقە، سەي دېگۈينىڭ فارابى تەتقىقاتىدىكى خاتا قاراشلىرى جىددى خاراتېرلىك مەسىلە بولۇپ، ئۇنى تەنقىتلەشكە، قائىدە بىلەن ئىزاھلاشقا ئەرزىيتتى.
      ۋاھالەنكى، بۇ ئىككىنچى تەنقىدىي ماقالىنى يېزىش-يازماسلىق ھەققىدە ئون يىل مابەينىدە كۆپ قېتىم ئىككىلەندىم. بۇنىڭ سەۋەبى، ئاپتۇرنىڭ مەن نەزەردە تۇتقان بىر قانچە ماقالىسىدىكى غەلىتە قاراشلار ئىلمىي تەنقىتكە ئەرزىپ كەتمەيتتى، قائىدە بىلەن ئىزاھلاپ چىقىشقا «گۇڭ كۆتۈرگىدەك» ئەمەس ئىدى، كۆڭۈلدىلا كۈلۈپ قويۇشقا لايىق ئىدى. پەمىمچە، ئۇنىڭ ماقالىلىرىدىن ئىلمىي ھوزۇر ئېلىۋاتقانلار يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئەكسى ھالدا، مەلۇم سەۋەپ ھەتتا بىر مەھەللىك سۇكۇنات تۈپەيلى، «قولىدا چاۋاك چېلىپ قويۇپ، مېيىغىدا كۈلۈپ قويىدىغانلار» خېلىلا نۇرغۇن بولسا كېرەك.
      دەرۋەقە، بىر قارىماققا ئەخلەت ئەرزىمەس بىر نەرسە. ئەمما، ئەخلەتمۇ ئەگەر توپلىنىپ كەتسە، نورمال مۇھىتنى بولغايدۇ. كومىدىيىلىك ھادىسىلەر ئەۋجىرەپ كەتسە، پاجىئەلەر پەيدا قىلىدۇ. ئىلىم ۋە ھەقىقەت نامى بىلەن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن ئەخمىقانە ئىدىيە، قاراش، ھۆكۈملەرنىڭ ئىلىم-پەن نامىنى، ئىلىم-پەن خادىملىرى ئوبرازىنى بولغىشى، ياش ئەۋلاتلارنى قايمۇقتۇرىشى تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ. بۇنداق بولمىغۇر ساختا «ئىلىم» ھادىسىسى، ئۆز تەبىئىتى بىلەن، يالغان نىقاپ، تار مەزھەپ، يۇقۇرى-تۆۋەننى ئالداش ۋاستىلىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. نەتىجىدە «ئىلىم» نامىدا ئىلىم دەپسەندە قىلىنىپ، مىللەتنىڭ ساغلام، بىر پۈتۈن ئىلىم-پەن تۈزۈلمىسى پارچىلىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئىچكى ئەخلاقىي ئۇيۇشۇشچانلىقى بىلەن تاشقى ئىززەت-نۇمۇسى يەكسان بولۇشقا يۈزلىنىدۇ. روشەنكى، ھەقىقەتنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى ساختىلىق ۋە نادانلىق، تەنتەكلىك، جاھىللىق ۋە قەبىھلىكنىڭ ھەقىقەت ھەتتا تەنتەنىلىك ھەقىقەت قىياپىتىدە پىكىر يوللىرىنى قامال قىلىۋېلىشدىن ئىبارەت.
      راستىن ئېيتقاندا، مەن تەنقىدىي ماقالە يېزىشنى ئەزەلدىن ئانچە خالاپ كەتمەيمەن. چۈنكى، بۇ خىل پائالىيەت يېڭى ئىجادىي ئەمگەككە قارىغاندا كۆڭۈللۈك تۇيغۇ، سەمىمىي ئىلھام، بىۋاستە ئىلمىي-بەدىئىي نەتىجە بېغىشلىمايدۇ. كىشى قانداقتۇر ئاز-تولا ئەسەبىلىيلىشىدۇ، ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ، بىر ياكى بىر قاتار كىشىگە ئازار بېرىدۇ. سەن ھەقىقەت ئۈچۈن قولغا قەلەم ئالساڭمۇ، ھەقىقەت يولىدىكى باشقا پائالىيەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، قانداقتۇر پوكان-تاجىلىرى ئوتتەك قىزىرىپ كەتكەن دەرغەزەپ خورازغا ئوخشاپ قالىسەن، بەلكى مېنىڭ خاتادۇر، بۇ قىياپەت ھەرھالدا «تاڭنى چىللىغان» خوراز ئوبرازىدەك نۇرانە بولمىسا كېرەك.
      مەن ئىلىم ۋە بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى شەكىل ھالەتلىرى___ قايسى خىل ئىلمىي ياكى بەدىئىي ئېقىمدا يېزىلغانلىقى، قايسى خىل ئىستىل- ئۇسلوب ئىشلىتىلگەنلىكى، تىل- جۈملە ئىشلىتىش خاھىشى ___ تەنقىددىن مۇستەسنا دەپ قارايمەن، ئۇ خىل ئېقىم ۋە ئۇسلوبتا تۇرۇپ، بۇ خىل ئېقىم ۋە ئۇسلوبنىڭ «ئۆلچەم ئىدارىسى» بولۇش ئادالەتسىزلىك. بۇ، مىللەتنىڭ مىڭبىر مۈشكۈلدە ئېرىشكەن تەپەككۇر گۈلشىنىنى نابۇت قىلىش ھېساپلىنىدۇ.
گەپ مەزمۇنغا تاقاشقاندا، ھەقىقەتكە تاقاشقاندا، ھەقىقەتنى ھەقىقەتكە لايىق نىيەت ۋە ئۇسۇلدا ھىمايە قىلماسلىق مىللەتنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى قوياشى بولغان ئىلمىي تەپەككۇرغا قىلىنغان ئاسىي- خائىنلىق بولۇپ قالمامدۇ؟! بىلىش لازىمكى بىر قىسىم ئادەملەر بار، ئۇلار ھەقىقەتنى سۇيى-ئىستىمال قىلىپ يورۇق توچكىلارغا خىرە چۈشۈرۈش بەدىلىگىلا ھايات كەچۈرەلەيدۇ گىيوتى ئېيتقاندەك «ھەقىقەتنى تەن ئېلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىزسىز يوقۇلۇپ كېتىش دېمەكتۇر.»
     مېنىڭ بۇ ماقالەمگە تۆۋەندىكى بۇ ھېكمەتلەرنىڭ ئىلھام بەرگەنلىكىنى كىتابخانلارغا تاپشۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ ھېكمەتلەر ھەممىمىزنىڭ تەپەككۇر ۋە ھسىياتىمىزنى يورۇتقۇچى ئورتاق پىكىر بولۇپ قالسۇن:
«پەن ئىنسانىيەتنىڭ ئالى ئەقلىدۇر. بۇ ئىنسان ئۆزجىسمى ۋە قېنىدىن ياراتقان قوياشتۇر.» (م. گوركىي)
___ «ئالىمنىڭ ئەمگىكى __ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مۈلكى. شۇ سەۋەپتىن ئىلىم-پەن ئەڭ غەرەزسىز سەپ ھېساپلىنىدۇ.» (م. گوركىي)
___ «كىمكى ئىلىم-پەننى ئۆزىنىڭ سغىن كالىسى دەپ قارىسا ئۇ ھالال بولمىغان ئادەم، ئۇ ئىلىم-پەننىڭ مۇقەددەس نامىنى سودا-سېتىققا ئايلاندۇرىۋالغان ھۈنەرپەز.» ()
___ «ئەقىلنىڭ تىلى __ تەپەككۇرنىڭ تەرجىمانىي، تەلۋىنىڭ تىلى بولسا گەپ قوشۇش ۋە غەيۋەت قىلىش قۇرالىدۇر.» ()
___ «بىلمەسلىكتىن ئەمەس ساختا بىلەرمەنلەردىن ھەزەر قىلىڭ. دۇنيادىكى ھەممە كۈلپەتلەر شۇلاردىن كېلىدۇ.» (ل. تولستوي)
___ «خاتالىقنى تۈزەش ئورنىغا تەلۋىلىك قىلىش، ئابروي تۆكۈشتۇر.» (فىرانكىلىن)
___ «باشقىلاردىن يادلىۋالغان نەرسىلەرنى سۇدا سۈيۈلدۈرۈپ ماقالە ۋە كىتاپ يازىدىغان ئالدامچى ۋە تەييارتاپلارنى بارلىق پەلسەپە ۋە ئىلىم لاگىرلىرىدا تاپقىلى بولىدۇ.» (پىسارېۋ)
___ «پەن بۇزۇق كىشىلەر قولىدا ئۆزگىلەرگە ياۋۇزلۇق قىلىش قۇرالى بولۇپ قالىدۇ.» (فونۋىزېن)
___ «دوزاقنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك جايلىرى ئۇلۇغ مەنىۋىلىكنى سىناش پەيتلىرىدە بىتەرەپ تۇرىۋالىدىغان ئادەملەرگە قالدۇرىلىدۇ.» (دانتى)

     مەن تەنقىدىي ماقالىنى يېزىشقا نىيەت باغلاش بىلەن بىرگە، يەنە ئىككى ئىلمىي ئىنسانىي پەزىلەت ئۈستىدە «پاكلىنىش» ئېلىپ باردىم. ئۇنىڭ بىرى، پاكىتلار ئېنىق، سالماقلىق ۋە تەكرارلانغان ماھىيەتلىك پاكىت بولىشى، تەھرىرلىك ياكى مەنبە خاتالىقى، ئەرزىمەس پاكىتلار بولماسلىقى شەرتى. ئۇنىڭ يەنە بىرى، ئەخلاق-پەزىلەت شەرتى. مەن، ئومۇمەن، تەنقىد ئوبيېكتىمنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىدىن تاشقىرى، ئۇنىڭ باشقا پائالىيەتلىرىنىڭ مەندە پەيدا قىلغان سەلبى تەسىراتلىرىنى بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنىدىغان پاكىتلارغا يۆتكەپ ئىشلەتمەسلىكنى شەرت قىلدىم. مېنىڭچە، پاكلىق ____ سەمىمىلىكتۇر. تەنقىد __ ئىلىم، تەنقىد __ ئەخلاق، تەنقىدچىلىكتە غەلىبە قازانغان بىرەر تەنتەكنى تېخى تەنقىتچىلىك تارىخى بىلمەيدۇ! خاتالىقنى تازىلايمەن دەپ خاتاغا يولغا قويۇش تەنتەكلىكتىنمۇ بەتتەر تەلۋىلىك بولىدۇ. مەن ئۆز ماقالەمدە تەنقىد ئوبيېكتىمنى ئۇنىڭ ئەسلى ھالىتىدىن ئاجىزلاشتۇرۇپ، سۇسلاشتۇرۇپ، ھاي بېرىپ تىلغا ئالغانلىقىمنى ئاشكارا ئىتىراپ قىلىپ ئۆتىمەن.
2. نوقتا قىلىنغان ماقالىلەر
مەرتلىك ئادالەتنى بىلىش بىلەن ئۆزىنى تىزگىنلەشنى بىلىشتۇر.
                                  ____ سەئىدى شىرازى
مەن تەنقىدى ئوبيېكتىمنىڭ ئىسمىنى ئۇنىڭ ئىككى پەيغەمبەر نامىغا تەقلىد قىلىنغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە شەخسى نامىنىڭ ئىززىتى ئۈچۈنمۇ بۇ ماقالىدە تىلغا ئالماسلىقنى تاللىدىم. ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈچ تۈرگە بۆلۈپ كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇنداق تۈرگە ئىخچاملاش ئۇنىڭ بىر ماقالىنى نامىنى يۆتكەپ بىرقانچە قېتىم ئېلان قىلىش نوقسانلىرىدىن خالىي ئەمەسلىكىنىمۇ كىتاپخانلارغا يىغىنچاقلاپ ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.
پەلسەپىگە ئائىت ماقالىلىرى:
1. «11- ئەسىردىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى توغرىسىدا قىسقىچە مۇھاكىمە» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1982-يىللىق 1-سان).
2. «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇبىلىك> داستانى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسى توغرىسىدا» («شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1983-يىللىق 4-سان.)
3. « <قۇتادغۇبىلىك> ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى توغرىسىدا دەسلەپكى پىكىرلىرىم» (« <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە بايان»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 2-توپلام، 1986-يىل).
4. «مەملىكەتلىك تۇنجى قېتىملىق <قۇتادغۇبىلىك> تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز» (« <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە بايان» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 3-توپلام، 1987-يىل).
5. «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىملىق ئىزدىنىش» (« <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە بايان»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 4-توپلام، 1988-يىل).
6. «ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنىڭ پەلسەپە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدا» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەقىقاتى»، 1984-يىللىق، 1-سان).
موقام سەنئىتىگە ئائىت ماقالىلىرى:
1. «ئون ئىككى مۇقام توغرىسىدا دەسلەپكى مۇھاكىمىلەر» («تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 1988-يىل نەشرى).
2. «ئون ئىككى موقام سىنىپىلىكى ئېنىق بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقات قۇرالى» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، 1990-يىللىق 4-سان).
3. «ئون ئىككى موقام تەتقىقاتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرىتىدىكى تسىرىگە دائىر بىرقانچە مەسىلە» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى خەۋىرى»، 1989-يىللىق 3-سان).
4. «ئون ئىككى موقام تەتقىقاتى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەقىقاتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر» («ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1992-يىل نەشرى).
ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتىغا ئائىت ماقالىلىرى:
1. «ئۇيغۇرلارنىڭ 18-ئەسىردىكى لىرىك شائىرى ئىبراھىم مەشھۇرى» («دىۋان مەشھۇرى»غا سۆز بېشى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 1985-يىل نەشرى).
2. « <دىۋان مەشھۇرى> توغرىسىدا دەسلەپكى تەتقىقات» (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1985-يىللىق 4-سان).
3. « <دىۋان مەشھۇرى> توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش» («تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن» توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن).
4. «دىۋان قىدىرى (سۆز بېشى) » (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى، 1986-يىل نەشرى).
5. «16-ئەسىردىكى ئۇيغۇر شائىرى قېدىرخان يەركەندى توغرىسىدا» («تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن» توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن).
6. «كىلاسسك ئەدەبىيات توغرىسىدا قىسقىچە بايان» («تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن» توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن).
7. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ غەرپ ۋە شەرق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، 1992-يىللىق 1-سان).
بۇ تىزىملىككە ئۇنىڭ «لۇتۇپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەت» ناملىق ماقالىسىنى كىرگۈزمىدىم. چۈنكى، بۇ ماقالە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەي «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىدا، پۈتۈنلەي ماكسىم گوركىينىڭ «لېنىن بىلەن سۆھبەت» ناملىق ئەسىرىنى سۆزمۇ سۆز دىتالمۇ دىتال كۆچۈرۈپ، يالغاندىن ياسالغان دەپ تەنقىتلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتۇرنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى نەشىر قىلغان، بارلىق شېئىر، دىراما، ماقالىلىرى توپلانغان «تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن» دېگەن كىتابىغا بۇ ماقالىسىنى كىرگۈزمىگەنلىكىنىمۇ ئىتىبارغا ئالدىم.
يۇقۇرقى 17 پارچە ماقالىنى تەكرار ئوقۇپ چىقىش ئارقىلىق، ئۇلاردىن «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى»، «ئون ئىككى مۇقامنىڭ سىنىپى كۆرەش قۇرالى ئىكەنلىكى»، «ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ تېمىنى ماقالە شەكلىدە قايتا-قايتا بايان قىلىشتىن مۇئەييەنلەشتۈردۈم.
3.پەلسەپىگە ئائىت تېماتىك خاتالىقلار
___ دۇنيا ھەركىم ئۆز قىياپىتىنى كۆرسىتىدىغان ئەينەكتىن ئىبارەت.
                                                 ____ تېككېري
ئاپتۇر پەلسەپە ئىلمىنى ئۇنىڭ ئەقلىي ۋە ئىلمىي ھكمەتلىرى ئۈچۈن قېتىرقىنىپ ئۆگەنمىگەن، بەلكى ئۆزىگە شۆھرەت دەبدەبىسى تېپىش ئۈچۈن بۇ ناتونۇش قەسىرگە كىرىپ قالغان! ئۇ ئۆزى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدىغان ھەقىقىي ۋە كەسپى پەيلاسوپ فارابىنىڭ: «كىم ئىلىم تەتقىقاتىغا كىرىشنى خالىسا، ئۇ ئۆز تەبىئىتى بىلەن نەزىريەۋى بىلىمگە قىزىقىدىغان بولۇشى، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا ناھايىتى ياخشى ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەرگە ئېگە بولغان بولۇشى، ئىلىم ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا تەمكىن ۋە ئۆزىنى تۇتقان بولۇشى»، «ئۆز ھەۋەسلىرىگە نىسبەتەن خالىغىنىنى قىلىدىغان سەخسىيەتچى بولماسلىقى» دېگەن نەسىھىتىگە قۇلاق سالمىغان.
ئۇنىڭ پەلسەپە جەھەتتىكى خاتا ۋە غەلىتە ھۆكۈملىرىنى «12 بۇرچ» قارىشى، پەلسەپىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى قارىشى، بىلىش نەزىريىسى جەھەتتىكى قارىشى، كاتېگورىيىلەر جەھەتتىكى قالايمىقان ھۆكۈملىرى، پەلسەپە تارىخىغا ئائىت تاققا-تۇققا سۆزلىرىدىن ئىبارەت بەش تارماققا ئىخچاملاپ كۆرسىتىمەن.
1) «12 بۇرچ» ھەققىدىكى كۈلكىلىك تەپسىلات
    ئۇ «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ يەشمىسىنى يەنىمۇ يېشىپ بېرىشنى «پەلسەپە تەتقىقاتى» دەپ يەڭگىل چۈشەنگەن ھالدا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئېلېمېنتار ئاستورنومىيىلىك «12 بۇرچ (ئۆگەك)» قارىشىنى بۇزۇپ سىخىمىلاشتۇرغان. بۇ، باشلانغۇچ ياكى تولقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە دەرسلىكىدىكى يەرشارىنىڭ قوياش ئوربېتىسىدىكى ئايلىنىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تۆت پەسىلنى چۈشەندۈرىدىغان ئاددى سىخىمىنى يەرشارىنىڭ قوياشنى بىر يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش جەريانىدا شۇ ئوربىتا ئىچىدە بېسىپ ئۆتىدىغان 12 قونالغۇ ياكى يۇلتۇزنىڭ جايلىشىش سىخېمىسى قىلىپ قويغان (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى نەشىرقىلغان « <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە بايان» <2-توپلام> بىلەن «شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى» 1983-يىللىق 4-سانىدىكى ماقالىسىغا قاراڭ). ئېيتىش كېرەككى، 12 ئۆگەك قۇياش سېستىمىسىغا تەۋە بولغان، شۇنداقلا يەرشارىنىڭ قوياشنى ئايلىنىش ئوربېتىسىگە جايلاشمىغان يۇلتۇز تۈركۈملىرىدىن ئىبارەت. بۇ يۇلتۇز سېستىمىلىرى يەرشارىدا تۆت پەسىل ۋە 12 ئاينىڭ بۆلۈنىشىگە سەۋەپچىمۇ ئەمەس، پەقەت يەرشارىنىڭ ئۆز ئوربىتىسىنى بويلاپ قۇياشنى بىر يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش جەريانىدا، بۇ يىراقتىكى ئاسمان جىسىملىرى شىمالىي يېرىم شار ئوربىتىسىدا ھەرقايسى ئايلاردا كىشىلەر كۆزگە كۆرۈنۈپ، شۇ ئايدىكى شىمالى يېرىم شار ئاسمىنىدا گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ، كىشىلەر بۇ ھادىسىنى ئاي- پەسىل بۆلگۈچى ئالامەت سۈپىتىدىلا قوبۇل قىلغان، خالاس.
ئۇ يەنە تۆت تادۇ (تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ئوت)نى تۆت پەسىلگە تەقسىم قىلىپ، كۆزنى تۇپراق، قىشنى سۇ، باھارنى ھاۋا، يازنى ئوت دەۋالغان («شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1983-يىللىق 4-سان). شۇنىسى قىزىقكى، بۇنداق بىر پەسىلدە بىرلا تادۇ بولىدىغان مېتافىزىك ھۆكۈم بويىچە بولغاندا، قالغان ئۈچ تادۇ قەيەرگە توپلىشىپ نۆۋەت كۈتۈپ تۇرىدۇ؟ ھەرقايسى ئايلارنى بۇ تۆت تادۇغا يەنە قانداق تەخسىملەيمىز؟ روشەنكى، 12 ئۆگەكنى قوياشنى مەرگەز قىلغان يەر ئوربىتىسىدىكى 12 ۋاقىتنى كۆرسەتكۈچى 12 توچكىلىق سائەت شەكلىدە تەسۋىرلەش ئىپتىدائىي مەلۇماتقىمۇ زىتتۇر.
2) پەلسەپىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى غەلىتە قاراش  
ئۇ پەلسەپىنىڭ بىرخىل پەن سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشىنى دىندىن ئايرىلىپ چىققان ۋە دىن بىلەن كۆرەش قىلىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن دېگەن (« <قۇتادغۇبلىك> ھەققىدە بايان» 4-توپلام، 7-بەت.) ھۆكۈمنى چىقارغان. بۇ خىل مۇھاكىمە پەن سۈپىتىدىكى پەلسەپىنىڭ ئەمەس، بەلكى پەلسەپىۋى قاراشلارنىڭ دىنىي قاراشلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكى، ماتىريالىستىك پەلسەپىنىڭ دىنىي پەلسەپە بىلەن كۆرەش قىلىش جەريانىدا راۋاجلانغانلىقى مەنىسىدىلا توغرا بولغان بولىدۇ. ئېيتىش كېرەككى، دىن ۋە پەلسەپە ئاڭ سېستىمىسىغا كىرىدۇ، بىرى يەنە بىرىنىڭ مەنبەسى بولالمايدۇ. يەنە ئېيتىش كېرەككى، پەلسەپىلەرمۇ ھەرخىل. دىنىي پەلسەپە ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەن دىن بىلەن كۆرەش ئېلىپ بېرىپ بارلىققا كەلمەيدۇ.
3) بىلىش نەزىريىسى جەھەتتىكى ئىلىمغا زىت مۇھاكىمىلەر
ئۇ بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۆزى بىلگەنچە بىر قاتار كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويغان.
مەلۇمكى، بىلىش نەزىريىسى تارىخىدا دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى پائالىيەتچانلىق بىلەن ئۆزگەرتىش مەسىلىسىنى تۇنجى بولۇپ كارىل ماركس ئوتتۇرغا قويغان. بۇ ماھىيەتتە بىلىش نەزىريىسىدىكى ئىنقىلابىي ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇنى ماركىسىزىمدىن ئىلگىرىكى ھەرقانداق مۇتۇپەككۇرنىڭ ياكى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۆھپىسى دېگىلى بولمايدۇ («يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇبىلىك> داستانى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسى توغرىسىدا» __ «شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1983-يىللىق 4-سان).
يەنە ئۇنىڭ «بىلىش ئەمەلىيەتتۇر، ئەمەلىيەت بىلىشتۇر» («يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇبىلىك> داستانى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسى توغرىسىدا» __ «شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1983-يىللىق 4-سان) دېگەن قارىشى، بىر تەرەپتىن، ئەمەلىيەتنىڭ بىلىشنىڭ ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغانلىق؛ يەنە بىرتەرەپتىن، بىلىش بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ پەلسەپىۋى سۈپەت ئېنىقلىمىسىنى بىلمىگەنلىك.
يەنە ئۇنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىنسان تەسەۋۋۇرىدا تەپەككۇر قىلالىغان («يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇبىلىك> داستانى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسى توغرىسىدا» __ «شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1983-يىللىق 4-سان) دېگەنلىكى ئۇنىڭ بىلىش نەزىريەسىنى ھەتتا بىلىش جەريانىدىكى تەسەۋۋۇر، تەپەككۇر ھالقىلىرىنى زادى چۈشەنمەستىنلا سۆزلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يۇقۇرىقى جۈملە قانداقتۇ «تەسەۋۋۇرلۇق تەپەككۇر» بىلەن «تەسەۋۋۇرسىز تەپەككۇر»، «ئىنسانى تەسەۋۋۇر» بىلەن «غەيرى ئىنسانى تەسەۋۋۇر»دېگەن نائېنىق چۈشەنچىلەردىن دېرەك بېرىدۇ.
يەنە ئۇ تىلغا ئالغان «ھېس __ روھ، ئەقىل __ ئەمەلىيەت» («يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇبىلىك> داستانى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسى توغرىسىدا» __ «شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1983-يىللىق 4-سان) دېگەن قاراش پىسخولوگىيە ۋە ماتىريالىستىك پەلسەپىدىن خەۋەرسىز ھالدا قارىسىغىلا قىلىنغان مۇھاكىمە بولۇپ، ئۇ ھېس، روھ، ئەقىل، ئەمەلىيەتنىڭ ئىلمىي ئۇقۇمىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇلارنى بىر-بىرىنىڭ ماھىيىتى، يەشمىسى تەبىرى قىلىپ قويغان. بۇ تۆت ئىبارىنى ھازىرقى زامان كىتاپخانلىرى ئۆزلىرى ئىلمىي ئاساستا ئىزاھلىيالايدۇ ياكى ئىزدىنىپ بىلەلەيدۇ.

يەنە «ھېس ئىدېئالىزىمغا، ئەقىل ماتىريالىزىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ» («يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇبىلىك> داستانى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسى توغرىسىدا» __ «شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1983-يىللىق 4-سان) دېگەن قاراش ئەقەللىي پەلسەپىۋى ساۋاتنى بىلمەي تۇرۇپ، پەلسەپىدە ئىختىرا قىلىنغا «يېڭىلىق»! ئېيتىش كېرەككى، ئىنساندا بولىدىغان روھ، ھېس، ئەقىل، ئەمەلىيەتتىن ئىبارەت خاسىيەتلەر بىلەن پەلسەپىۋى دۇنيا قاراش ھېساپلانغان ئىدېئالىزىم ياكى ماتىريالىزىم پۈتۈنلەي باشقا-باشقا مەسىلىلەر ھېساپلىنىدۇ. ۋاھالەنكى، ماتىريالىستىك ياكى ئىدىئالىستىك دۇنيا قاراش ئىگىلىرىدىمۇ ئۇلارغا خاس روھ، ھېس، ئەقىل ۋە ئەمەلىيەت بولىدۇ.
يەنە «ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى ئادالەت» («يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇبىلىك> داستانى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسى توغرىسىدا» __ «شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1983-يىللىق 4-سان) دېگەن قاراش كۆرۈنۈشتە داغدۇغىلىق بولسىمۇ، ماھىيەتتە، بىلىش نەزىريىسىدىكى ئەمەلىيەت كاتېگورىيىسىنىڭ ئورنىغا ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتەك ماتىريالىستىك پەلسەپىۋى كاتېگورىيە ئورنىغا قانۇنشۇناسلىقتىكى ئادالەت ئىبارىسىنى دەسسىتىش، ياكى نادانلىق ئۈستىگە قوشۇلغان تەنتەكلىك، ياكى ماتىريالىستىك بىلىش نەزىريەسىنى بۇرمىلاش بولىدۇ.
4) كاتېگورىيىلەر نەزىريىسىدىكى قالايمىقان ھۆكۈملەر
ئۇ كاتېگورىيىلەر نەزىريىسى ۋە ھەرقايسى كاتېگورىيىلىك چۈشەنچىلەرنىڭ خاراكتېر پەرقلىرىنى ئاڭقىرماي، «رىيال مۇمكىنلىك»، «ئابىستىراكت مۇمكىنلىك»، «سەۋەپ»، «نەتىجە»، «تارىخىي نەرسە»، «لوگىكىلىك نەرسە»، «ئوبيېكتىپ چىنلىق»قاتارلىق ئىبارىلەرنى تاققا-تۇققۇ تىلغا ئالغان («يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇبىلىك> داستانى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسى توغرىسىدا» __ «شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1983-يىللىق 4-سان).
ئۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ زىدىيەتنىڭ بىرلىكى ھەققىدىكى قارىشىنى ئۇنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكى ھەققىدىكى قارىشى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەتكەن ۋە ئالدىنقىسىنى كېيىنكىسىنىڭ ئاساسى قىلىپ قويغان («يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇبىلىك> داستانى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسى توغرىسىدا» __ «شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1983-يىللىق 4-سان).
ئۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنى «رېيالىست مۇتۇپەككۇر»، «قۇتادغۇبىلىك»نى «رېئال پروگرامما»، قارىخانىلار دەۋرىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدىغان پروگراممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان «رېئال مۇمكىنلىك» دەپ ئىزاھلىغان.
ئۇ دەلىل سۈپىتىدە، سۇڭ سولالىسى دەۋرىدىكى «ئۈچ ئەركام، بەش ئەھكام» قاتارلىق پەلسەپىۋى ئىدىليىلەر بەزى ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ قۇللۇق دەۋرىدىن فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئۆتۈش قەدىمىنى تىزلىتىشتە مەلۇم رول ئوينىدى (« <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە بايان»، 4-توپلام) دەپ يازغان. ئۇ بۇ بىر جۈملە سۆز بىلەن، بىرخىل تۈزۈمدىكى جەمئىيەتتىن يەنە بىرخىل تۈزۈمدىكى جەمئىيەتكە ئۆتۈشتە دىنىي پەلسەپىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىنى تەكىتلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئاساسسىز ھۆكۈمى ئۈچۈن «قايسى مىللەتنى»، «قانداقچە تىزلەتتى» دېگەن مەسىلىگە پاكىت كۆرسەتمەيدۇ.
ئۇ «ئەخلاق ئەقىلنىڭ ئىجتىمائىي فورمىسى» (« <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە بايان»، 2-توپلام) دېگەن ھۆكۈم بىلەن ئەخلاق ۋە ئەقىل كاتىگورىيىلىرىنى تەڭلەشتۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەقىلنى غەيرى ئىجتىمائىي __ تەبىئىي ئەسلى زات قىلىپ قويىدۇ.
5) پەلسەپە تارىخى مەسىلىلىرىگە ياتىدىغان بىر قاتار بىلجىرلاشلار
ئۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرىنىڭ تارىخى قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرمەك بولۇپ، بۇ ئەسەر تەتقىقاتى بويىچە قەشقەردە ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئاللىقانداقتۇر مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 3500 يىلدىن تاكى 1778-يىلغىچە ئۆتكەن ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھېچقايسىسى «قۇتادغۇبىلىك»كە يەتمەيدىغانلىقىنى خەلقارادىكى تەتقىقاتچىلار ئىسپاتلىدى دېگەننى ئېلان قىلغان! ئۇ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژورنىلىنىڭ 1992-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتىنىڭ شەرق ۋە غەرپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» ناملىق ماۋزۇسىلا مەنتىقىگە چۈشمىگەن ماقالىسىدە (شۇ ژورنالنىڭ 117-بىتىگە قاراڭ) يەنە بىر قېتىم بۇ سۆزنى جاكارلايدۇ.

ھەيرانمەن ئاپتۇرىمىز نېمە ئۈچۈندۇر مىلادىيىدىن 3500 يىل ئىگىرى كىشىلەر يېڭى تاشقۇرال دەۋرىدە تۇرىۋاتقان مەزگىلدە، ئالىم ۋە ئەسەر توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھەتتا كۇڭزى بىلەن سوقراتنىڭمۇ مىلادىيىدىن پەقەت 5، 6 ئەسىر ئىلگىرى ئۆتكەنلىكىنى بىلمىگەن! ھەتتا ئۇ ئەيمەنمەي، خۇددى ئاندېرسوننىڭ «يالىڭاچ پادىشاھ» چۆچىكىدىكى كىيىمسىز كارۇلدەك ياپيالىڭاچ نادانلىق ۋە تەنتەنلىك بىلەن بۇ «ئاجايىپ» سۆزنى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى مۇنبىرىدە، ئىلىم رەھبىرى سالاھىيىتى بىلەن جاكارلىغان! بۇ، مىللەتكە، ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى تەتقىقات ساھەسىنىڭ شان-شۆھرىتىگە مەسخىرە ئېلىپ كېلىدىغان نۇمۇسلۇق ئىش ئىش ئەمەسمۇ؟! قايسى تەتقىقاتچى شۇنداق ئىسپاتلىدى؟ نېمە ئۈچۈن ئاخىرقى چەك 1778-يىل بولۇپ قالدى؟ بۇنىڭغا ئاپتۇر مەڭگۈ دەلىل ۋە سەۋەپ كۆرسىتەلمەيدۇ! چۈنكى بۇ ئويدۇرمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۇ يەنە «قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇپ چىقىش ئۈچۈن 18 پارچە كىتاپنى ئوقۇپ چىقىشنى جېكىلەيدۇ (« <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە بايان» 4-توپلام). بۇلار پلاتون، تۇماس مور، كامپانىلا قاتارلىق كىشلەرنىڭ  ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۇنى ئوقۇپ چىقىپ تەۋسىيە قىلغان باشقا ئاپتۇردىن، ئوقۇپ چىقمىغان بۇ ئاپتۇرىمىز پەقەت «ئاجايىپ-غارايىپ» ئۈچۈنلا كۆچۈرىۋالغان ۋە كىتاپخانلارنىڭ ئوقۇپ چىقىشىغا ھاۋالە قىلغان! ئاپتۇرىمىز ئۆز-ئۆزىنى تولۇق نامايەن قىلىپ تۇرسا، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى يەنە كىتاپخانلارغا چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز بولسا كېرەك.
ئۇ يەنە، پەلسەپە تارىخىمىزغىمۇ بىر قاتار «مۇناسىۋەت زىدىيىتى» سېلىپ كەلدى. فارابدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپقا، «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتىغا قارشى قىلىپ قويدى. ئۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىدىيىلىرىنىڭ پەلسەپىۋى مەنبەلىرىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا، ئەنئەنىۋى كۈچ ۋە خەلق قوشاقلىرى دەۋالدى («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 1982-يىللىق 1-سان). ئۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ پەلسەپە ئىدىيىلىرى دېگەن باھانىدا، بەزى غەلىتە، بىر-بىرىگە زىت قاراشلارنى بۇ پىشىۋايىمىزنىڭ نامىغا تاڭدى. ئۇ «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىملىق ئىزدىنىش» نامىدا تەكرار ئېلان قىلغان ماقالىسىدا، ئۆزى بىلگەنچە «28 نوقتا» تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيىۋى نوقتى نەزەرلىرى دەۋالدى. بۇ «28 نوقتا»نى بىر-بىرلەپ سانىمىساقمۇ ئۇنىڭدىن ئۈچىنى مىسالغا كەلتۈرەيلى:
ئۇنىڭ بىرى، «پلاتون ۋە فارابى قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغىنى ئىلىم» دېگەن نوقتا بولۇپ، ئۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆزى بولماي، ئاپتۇرىمىزنىڭ ئىلىمنى ئالىمغا زىت قىلىپ قويىدىغان توقۇناق سۆزى!
ئۇنىڭ يەنە بىرى، «قەدىرلىك ئىنسان بار، ئۇلار: بىرى ئالىم، بىرى بەگ، ئۈچىنچىسى ھايۋاندۇر» دېگەن نوقتا بولۇپ، ئۇ بۇنداق بەگ ۋە ھايۋاننى قەدىرلىك ئىنسان قاتارىدا تىلغا ئېلىشنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نوقتى نەزىرى قىلىپ يازغان.
ئۇنىڭ ئۈچىنچىسى، «ئۈچ نەرسىدىن يىراق بول. بىرى بەگدىن، بىرى يالغانچىدىن، بىرى بىخىلدىن» دېگەن نوقتىنىمۇ ئاپتۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپقا تاڭغان. بۇ يەردە «بەگ» قەدىرلىك ئىنسان بولماي، يىراقلىشىدىغان ئوبيېكتىپ قىلىنغان (« <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە بايان»، 4-توپلام).
ئۇ يەنە، كارىل ماركس «ئىنسان ئىلمىي»نى ياراتقۇچى، ماركس 1844-يىلى يازغان «ئىقتىسات ئىلمى پەلسەپىسى» ناملىق كىتابىدا بۇ ئىلىمنى ئوتتۇرغا قويغان («تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن»، 97-بەت) دەيدۇ. بۇ بىر جۈملە سۆزدىن ئاپتۇرنىڭ ماركىسنىڭ تېخى ئۇيغۇرچە قىلىنمىغان «1844-يىلقى پەلسەپە- ئىقتىساتشۇناسلىق قوليازمىلىرى»ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇمايلا، ئۇ ھەقتە سۆز ئېچىشقا بولىدۇ دەپ قارايدىغان ئىلمىي ئەخلاقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇ يەنە، «شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 1983-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، ماركسىزىمنىڭ پەلسەپە، سىياسىي ئىقتىساد، ئىلمىي سوتىسيالىزىمدىن ئىبارەت ئۈچ تەركىبىي قىسمىنى ياخشى بىلمەي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغان پەلسەپىنىڭ ئۈچ تەركىبى قىلىپ قويغان.
ئۇ يەنە، شۇ ژورنالنىڭ 116-بېتىدە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ئىچىدىكى ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ بىر پارلاق نامايەندىسى دىيىش بىلەن كلاسسك ئەدەبىياتنى پەلسەپە تارىخىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى قىلىپ قويغان.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلار پەلسەپىنىڭ ئەڭ ئىتىدائىي ساۋات مەسىلىلىرىدە ئۇشبۇ تەتقىقاتچىمىزنىڭ ئۆز- ئۆزىنى سۆرەتلىشى بولۇپ، بۇ بىزنىڭ ئۇنى خاتا تەسۋىرلەش ئۈچۈن چاپلىغان يالامىز ئەمەس.
4. مۇقام مەسىلىسىدىكى چاكىنا قاراشلار
كىشىنى ئەخمەق قىلىپ قويىدىغان نەرسە ئۆزىگە تەمەننا قويۇش بىلەن مەنمەنلىكتۇر.
                                                        ___ لېبكنېخت
ئاپتۇرنىڭ ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتىغا قىزىقىش سەۋەپلىرى ماڭا نامەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ يۇقىرىدا نامى ئاتالغان بىر-بىرىگە ۋارىيانت بولۇپ كىتاب ۋە ژورنال سەھىپىسىگە چىققان تۆت پارچە ماقالىسى پۈتكۈل مۇقام تەتقىقاتى تارىخىدىكى ئەڭ سول، ئەڭ چاكىنا (ۋولگار) مۇھاكىمە بولۇپ، مەدەنىيەت تارىخىمىزدا ئەسلىنىپ تۇرىدىغان خاس ئۈلگە بولۇپ قالدى. بۇ ماقالىلەردىكى پۈتۈن كۆز قاراش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» موھىتىدىن پايدىلىنىپ «قەددىنى تىكلىۋېلىش» پىلانى بويىچە باش قاتۇرۇپ ئىشلەنگەن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ھەربىر ۋارىيانتىنىڭ سىياسىي مۇھىت كەسكىنلەشكەندە قايتا ئېلان قىلىنىپ تۇرغىنىمۇ تاسادىپى ئەمەس.
ئاپتۇر «ئون ئىككى مۇقام»نى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى روشەن سىنىپىي مەقسەتتارلىق بىلەن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى ئىجات قىلغان دېگەن «مەقسەت نەزىريىسى»نى ئاتايىن كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ، كەڭ مەنىدە، سەنئەت ئىزچىل سىياسىي مەقسەتتە پەيدا بولغان دېگەن قاراشقا ياندىشىدۇ. بۇ يەردە مەن سىياسىي مەقسەت بىلەن ھەرخىل پائالىيەتنى شەكىللەندۈرگەن «ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى»مۇ، ياكى ئاپتۇرىمىزنىڭ دەل ئۆزىمۇ زادى كىم؟ دەپ دۇئال قويماقچىمەن. بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى كەڭ كىتابخانلارغا ھاۋالە قىلىش يېتەرلىك.
ئېيتىش كېرەككى، «ئون ئىككى مۇقام» دەك ئۇزاق تارىخىي راۋاجلىنىش ئىچىدە پەيدىنپەي ھازىرقى ھالەتكە يەتكەن سەنئەتنى ھېچقايسى كومپوزىتورنىڭ بىرەر سىياسى مەقسەتتارلىق بىلەن مەيدانغا چىقىش مۇمكىن ئەمەس، ئاپتۇرىمىز تارىخىي مىراسلىرىمىزنىڭ نەتىجىلىرى ئۈستىدە نورمال تەتقىقات قائىدىسى بويىچە ئىزدىنىش ئورنىغا، قانداقتۇر غەيرىي تارىخىي كۈچ بىلەن بىر تاقلاپلا بۇ مىراسلارنىڭ بىرقانچە مىڭ يىلدىن بېرى ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان ئىجادىيەت سوبيېكتلىرىنىڭ مەقسەتتارلىقىنى بىلىۋالغان؟!
ئېيتىش كېرەككى، سىنىپىي جەمئىيەتتە ھەرخىل ئىدىيىلەرگە سىنىپى تامغا بېسىلغانلىقى بىلەن ھەرقانداق مەنىۋى ئىجادىيەتنىڭ سىياسىي مەقسەتتارلىق بىلەن يارىتىلىدىغانلىقى ئوخشاش بولمىغان ئىككى چۈشەنچە! بۇنى ياكى سوفستىكا، ياكى چاكىنىلىق بىلەن قارىسىغا سۆزلەش ئارىلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
ئاپتۇرىمىز سىياسىي مەقسەتتارلىقنى ئالدىن بايقىۋېلىشتەك بىلەرمەنلىكى بىلەن، مۇقاملارنىڭ ناملىرىغا يۇشۇرۇنغان سىنىپىي- سىياسىي مەنىدارلىقنى «ئىختىرا» قىلغان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ مۇقام تەتقىقاتىنىڭ ئەمدىلا باشلىنىۋاتقان يېڭى ئىش بولماي، ئەڭ كەم دېگەندىمۇ فارابىدىن نەۋائىغىچە ھەتتا يېقىنقى زاماندا دەرۋىش ئەلىگىچە ئىزاھلانغان «ئېچىۋېتىلگەن ساھە» ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ھالدىلا، «سىفىنكس تېپىشمىقى»نى تۇنجى بولۇپ يېشىۋەتمەك بولغان! قىزىقى شۇكى، ھەم قەدىمكى تۈرك تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە، ھەم «قۇتادغۇبىلىك»نى نەزمىي يەشمە ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئۇنۋان ئالغان بۇ تەتقىقاتچىمىز ھەممە مۇقام ناملىرىنى ئۇنىڭدىكى بىرەر ھەرپ بويىچە تىغمۇتىغ ھالەتتە ئۆت پۈركەپ تۇرىدىغان سىنىپىي-سىياسىي كۆرەش بىلەن رەڭدار بوياپ راسا جىلۋىلەندۈرىۋەتكەن؛ مۇزىكا نەزىريىسىدىن، جۈملىدىن مۇزىكا تارىخىدىن خەۋىرى بولمىغان، ئەمما نۇمۇس بىلەن ئۆزىنى باشقۇرۇشتىن خەۋىرى بولغان ھەرقانداق ئادەم بۇنداق ھاماقەتلىككە تەۋەككۇل قىلمايدۇ! مەن مەشھۇر مۇزىكا ئالىملىرى رەجەپوف، كارامەتوفلارنىڭ مۇقام مەسىلىسىگە ئائىت كىتابلىرىنى ئوقۇپ بىزنىڭ بۇ قەيسەر ئاپتۇرىمىزنىڭ مۇقام مۇنبىرىدە كۆزى ئوچۇق كىشىلەرگە جاكارلاۋاتقان غەلىتە مۇھاكىمىلىرىدىن خورلىنىش ھېس قىلدىم. چۈنكى، ئۇ ھېچ بولمىغاندا زاماندىشىم ھەم ۋەتەندىشىم ئەمەسمۇ؟!
ئاپتۇرىمىز ھەر مۇقامنى ئۇنىڭ نامىغا ئىزاھات بېرىش ئارقىلىق سىنىپى كۆرەش قۇرالى، سىياسىي ۋاستە دېگەن ئۆزىگە خاس غەلىتە ھۆكۈمگە مەجبۇرى تاڭىدۇ. ئۇ بۇ جەھەتتە يەنە ئۆزىگە خاس ئېتىمولوگ قىياپىتىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. «راك» ئىبارىسىنى «راھاۋى» ئىبارىسىگە سۇندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن «راھەت»، «ئازادلىق» دېگەن ئۇقۇملارنى پۈۋدەپ چىقىرىپ، «راك مۇقامى»نى ئىزىلگۈچى خەلقنىڭ ئازادلىق كۆرەشلىرى مەقسەت قىلىنىپ يارىتىلغان ئازادلىق مۇقامى قىلىپ تەرىپلەيدۇ.
ۋاھالەنكى، مەشھۇر مۇزىكا ئالىمى ئىسھاق رەجەپوف «مۇقاملار مەسىلىسىگە دائىر» ناملىق كاتتا كىتابىدا (تاشكەنت، 1963-يىل نەشرى): «راك سۆزى ھىندىچە بولۇپ، مۇقام مەنىسىگە توغرا كېلىدۇ»، ئەمما «راكنىڭ مېلودىك ماتېريالى ھىندى مۇزىكىسىدىن ئېلىنغان دەپ ئويلاش خاتا» (240-بەت) دەيدۇ ۋە «قەشقەرچە راك» (241-بەت)نىڭ نامىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ، كەۋكەۋى يازغان مەنبە ئاساسىدا، «راھاۋى» ئىبارىسىنىڭ رۇم شەھەرلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى بولغانلىقىنى (45-بەت)، ئەل ھۈسەينى يازغان مەنبە ئاساسىدا بۇ ئىبارىنىڭ ئاتلىقلار يۈرىشى كۈيى ئىكەنلىكىنى (46-بەت) تىلغا ئالغان.
ئاپتۇرىمىز «چەبىيات» مۇقامىنى مەنبەسىز ھالدا «ھۈسەينى» موقامى دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ چەبىيات مۇقامى خورلۇققا قارشى تۇرۇش، زالىملارنى ئاغدۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆز كۆڭلىنى خۇشال قىلىش مەقسىدىدە ئىجاد قىلىنغان دەيدۇ.
«بايات» مۇقامى ئاپتۇرىمىز تەرىپىدىن گۈزەللىكنى ئەسلەش، ھۆسىن جامال مەنىسىدە ئىزاھلىنىدۇ. ئۇ يەنە بۇ ئىبارىنىڭ ئەسلى توغرا ئېيتىلىشى «ھەببىيات» بولۇپ، بۇنىڭدا «بايات» نامى توغرا تەلەپپۇز قىلىنمىغان دەيدۇ. ئۇ «ھەببىيات» ئىبارىسىنى زىرائەت ئۇرۇقلىرى ۋە مۇھەببەت» دېگەن مەنىدە دەيدۇ. قانداق بولۇپ زىرائەت ئۇرۇقلىرىغا مۇھەببەتنىڭ ياكى مۇھەببەتكە زىرائەت ئۇرۇقلىرىنىڭ كىرىپ قالغانلىقىنى دېمەيدۇ.
ۋاھالەنكى، «بايات» ئىبارىسىنىڭ تەڭرى ۋە ئوغۇزلارنىڭ بىر قەبىلىسنىڭ نامى ئىكەنلىكىنى «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۇ نام خاتا تەلەپپۇرز قىلىنغان بولماستىن، بەلكى «ھەببىيات» ئىبارىسى ياساپ چىقىلغان. دەرۋەقە، ئاپتۇرىمىز ئەرەپچە «ھەببەزا» (نېمە دېگەن گۈزەل ھە!)، «ھەببە» (دان، ئالتۇن ئۆلچەش تارازىسىنىڭ تېشى) دېگەن سۆزلەرنى تاپقان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆز ئىقتىدارى بويىچە «ەببىيات» ئاتالغۇسىنى كەشىپ قىلغان. كىشىنى ھەيران قىلىدىغىنى شۇكى، تىلچىمىز «بايات»نىڭ ناتوغرا «ھەببىيات»نىڭ توغرىلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىللە، يەنە ئېغىزدا چوڭ «ھ» كىچىك «ھ» بىلەن تەلەپپۇز قىلىنسا «بايات»، كىچىك «ھ» بىلەن تەلەپپۇز قىلىنسا «ھەببىيات» دېگەن ئاۋاز پەيدا بولىدۇ دەيدۇ. تاۋۇشتا چوڭ «ھ» دېگەن نەەرسە بولىدۇ دېگەننى ئاڭلىمىغان، پەقەت يېزىقتا «باش»، «ئوتتۇرا»، «ئاياغ»دا كېلىدىغان ھەرپلەر بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىكەنمەن.
ئاپتۇرىمىز «مۇشاۋىرەك» مۇقامىنى «راست» مۇقامى دەپمۇ ئىزاھلايدۇ ۋە بۇ مۇقامنى تومتاق ھالدىلا ئەزگۈچى، تەييارتاپ، مۇتىھەملەرنىڭ يالغانچىلىق، كاززاپلىقلىرىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە شۇ نام بىلەن ئىجاد قلىنغان دەيدۇ. بۇ يەردە ئاپتۇرىمىز بىرىنچى قەدەمدە «مۇشاۋىرەك» ئىبارىسىنى «راست» ئىبارىسىگە كۆچۈرىدۇ، ئىككىنچى قەدەمدە ئۇنى دۈم كۆمتۈرۈپ، «يالغان»، «كاززاپ» دېگەن ئۇقۇمنى قېقىپ چىقىرىدۇ.
ۋاھالەنكى، ئىسھاق رەجەپوف ئۆز كىتابىنىڭ 44-بىتىدە، «راست مۇقامى»نى كۆپچىلىك مۇقاملارنىڭ كۈيلىرىگە ماس كېلىدىغان 43 دائىرىنى تەشكىل قىلغان ئاھاڭ شەكلى بولۇپ، «ئۇممۇل ئەدۋار» ___ ھەممە كۈيلەرنىڭ ئانىسى دېگەن تەرىپكە ئېگە دەپ ئىزاھلايدۇ. رەجەپوفنىڭ پىكرىچە، «راست» ___ «رۇس»، «ماس»، «لايىق» مەنىسىنى بېرىدۇ.
ئاپتۇرىمىز «چارىگاھ» مۇقامىنى «ھىجاز» مۇقامى دەپ تىلغا ئېلىش بىلەن بىللە، يەنە قانداقتۇر «چارىگاھ» مۇقامىنى تارىم، قىزىل، دولان قاتارلىق تۆت دەريا ئارلىقىدا (شىنجاڭدا بۇ تۆت دەريا كىسىشىدىغان جايمۇ بارمۇ؟ بۇبۇللار سايرىغاندا، كەمبىغەل خەلق ئۆز خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلىش مەقسىدىدە ئىجاد قىلغان دەيدۇ. ئۇنداقتا قانداقسىگە بۇ مۇقامنىڭ يەنە بىر نامى ئەرەبىستاننىڭ مەككە -مەدىنە شەھەرلىرى جايلاشقان ۋىلايەت نامى «ھىجاز»نىڭ نامى بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنى ئىزاھلىمايدۇ.
دەرۋەقە، «چارىگاھ» مۇقامىنىڭ نامى ئىسھاق رەجەپوفنىڭ كىتابىنىڭ 56- بېتىدە، «تۆت پەدىدىن ھاسىل قىلىنغان ئاۋاز قاتارى بولۇپ، دىئاپازۇنى كۋادرات شەكلىدە بولغانلىقى ئۈچۈن «زۇلئەربە» (كۋادرات دىئاپونلۇق كۈي) دېيىلگەن دەپ يېزىلغان.
ئاپتۇرىمىز «پەنجىگاھ» مۇقامىنى ھېچ ئاساسسىز ھالدا «بۈزۈرۈك مۇقامى» دەيدۇ. ئۇ «پەنجىگاھ» مۇقامى فېئودال روھانىلارنىڭ كەمبىغەللەرنى پەس، ئەقىلسىز كۆرىدىغان ۋە بۇنى تەڭرى شۇنداق ياراتقان قاراشلىرىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ، كەمبىغەللەرنىڭ ئىسىل پەزىلەتلىرىنى ئىپادىلەش مەجسىدىدە ئىجاد قىلىنغان دەيدۇ. ئۇ قارىماققا «پەنجىگاھ»تىن «پەس» مەنىسىنى، «بۈزۈرۈك»تىن ئۇلۇغ-ئېسىل مەنىسىنى ئويلاپ تېپىپ، بۇ مۇقامنى ئىزاھلىغان.
ۋاھالەنكى، ئىسھاق رەجەپوف ئۆز كىتابىنىڭ 56-بېتىدە، «پەنجىگاھ» مۇقامىنى «بەش پاغانە- بەش پەردە»لىك ___ بەش پاغانىلىق كىۋىنتا دىئاپۇزۇندىكى تاۋۇش قاتارىغا ئاساسلانغان ئاھاڭ شەكلى دەپ ئىزاھلايدۇ. ئۇ «بۇزۇرۇك» (ئۇلۇغ) مۇماقى توغرىسىدا ئۆز كىتابىنىڭ 49- بېتىدە، بۇ مۇقامنىڭ باشقا مۇقاملاردىن كۆپ كۈيلۈك زور مۇقاملىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئاپتۇرىمىز «ئۆزھال» مۇقامىنى «كۆچەك» مۇقامى دېگەندە ھېچقانداق مەنبە كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ بۇ مۇقام ئىزىلگۈچى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەزگۈچى فېئوداللارغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلەش، مىليۇنلىغان خەلقنىڭ «ھالىنى» جاراڭلىق سادا بىلەن ئىپادىلەش مەقسىدىدە يارىتىلغان دەيدۇ.
ۋاھالەنكى، ئىسھاق رەجەپوف ئۆز كىتابىنىڭ 159-بېتىدە، «ئۆزھال» ئىبارىسى «پەسكە توشۇش»، «سەكرەش» مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭدا كۈي ئۆزى باشلانغان ۋاقىتتىكى كۇۋارتادرىجىسىدىن بىردىنلا پەسلكە قاراپ سەكرەيدۇ، بۇ ھال نوتىدا ھەم سترېلكىدا كۆرۈنىدۇ دەپ چۈشۈندۈرىدۇ. ئىسھاق رەجەپوف كىتابىنىڭ 104-بېتىدە، «كۆچەك مۇقامى» تۈرك خەلقلىرىگە خاس بىر مۇقام بولۇپ، «راست مۇقامى»غا يېقىن تۇرىدۇ دەپ تىلغا ئالىدۇ.
ئاپتۇرىمىز «ئىراق» مۇقامى ھەققىدە ئۆزىچە مەنە بەرسىمۇ، ئۇ بۇ مۇقام ئەمگەكچى خەلقنىڭ فىئوداللارغا قارشى كۈچلۈك قان -تەر ۋە غەزەپ دولقۇنىنى ئىپادىلەش مەقسىدىدە يارىتىلغان دەيدۇ. نەتىجىدە، بۇ «غەزەپ دولقۇنى» مۇقامى بولۇپ چىقىدۇ. ۋاھالەنكى، ئىسھاق رەجەپوف ئۆز كىتابىنىڭ 47- بېتىدە، بۇ مۇقامنى ھەممىگە مەلۇم مەنىدە ___ «ئىراق» مەملىكىتى نامىغا نىسبەت قىلىنغان دەپ ئىزاھلايدۇ.
ئاپتۇرىمىز «ناۋا» مۇقامىغىمۇ سىنىپى تۈس بېرىدۇ. ئۇ «ناۋا» مۇقامى ئەمگەكچىلەرنىڭ قۇدرەتلىك، بايلارنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش مەقسىدىدە يارىتىلغان دەيدۇ، ۋەھالەنكى، «ناۋا» ئىبارىسى «كۈيلەش»، «كۈي» مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىشى ئاز بولسا كېرەك.
ئاپتۇرىمىز «ئۇششاق» موقامىنىڭ «ئاشىق»، «مۇھەببەت» ئىبارىسىنىڭ كۆپلۈك كېلىشى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمىغان بولسىمۇ، ئۇنى يەنە كەسپى سىياسەتۋازلىقى بويىچە، ھەقىقى مۇھەببەت ئەمگەكچى خەلقتە بولۇپ، يۇقىرى تەبىقىنىڭ مۇھەببىتى ساختا ئىكەنلىكىنىبىلدۈرش مەقسىدىدە يارىتىلغان دەيدۇ.
ئۇ يەنە، «ئەجەم» مۇقامىنى سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭغا كىرىپ، ئىسلام دىنىنى تارقاتقۇچىلار خەلقنى كەمسىتىپ، سىلەر «ئەجەم» دېگەندە، خەلق «ھەئە، بىزئەجەم» دەپ ئۆز ئىپتىخارىنى كۆرسىتىش مەقسىدىدە ئىجاد قىلغان دەيدۇ.
ئاپتۇرىمىز «سىگاھ» مۇقامىنى «بۇسلىك» دەپ ئىزاھلاش بىلەن بىللە، ئۇنى خەلقنىڭ كۆرەشچان روھىغا مەدھىيە ئوقۇش مەقسىدىدە يارىتىلغان دەيدۇ. ئۇ بۇ مۇقامنىڭ «بۇسلىك» دېگەن نامى «ئارىسلاننى ھەيران قالدۇرۇش» مەقسىتىدە يارىتىلغان دېگەننى قوشۇپ قويىدۇ.
ۋاھالەنكى، ئىسھاق رەجەپوف ئۆز كىتابىنىڭ 165-بېتىدە، «سىگاھ»نىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى (نەمۇنى) ئۈستىدە توختىلىدۇ. ئۇ يەنىلا ئىككىنچى پەدىدىكى ئاۋاز قاتارى ئاساسىدىكى كۈيلەر مۇجەسسىمىنىڭ نامى بولۇپ، ئۇنىڭ «بۇسلىك» مۇقامى بىلەن بىرلىكى ئاپتۇرىمىزنىڭ خۇسۇسىي ھۆكۈمىدۇر. ئىسھاق رەجەپوف كىتابىنىڭ 43-بېتىدە، «بۇسلىك» ئىبارىسى «ئاتاقلىق ئات ___ ئەبۇ سالىكتىن ئېلىنغان» دېيىلگەن ۋە بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىلمىگەن.
مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەركى، يۇقۇرىدىكى غەلىتە ھۆكۈملەرنى بىزنىڭ ئاپتۇرىمىز ئۆزىدە ھازىر بولمىغان تىلشۇناس، ئېتمولوگ، مۇقامشۇناس «سالاھىيىتى» بىلەن بىزگە تەقدىم قىلغان! بۇ يەردە كىشىنى تەئەجۈپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، مۇقاملار خۇددى ئاپتۇرىمىزدەك كۈرەشچان، مەقسىدى روشەن بىرەر رېجسسور قۇماندانلىقىدا بىر-بىرلەپ مەيدانغا كەلگەنكەن!  روشەنكى، ئاپتۇرىمىز مۇقاملارنىڭ مۇزىكىلىق تۈزۈلمىسى، لاد ۋە ئاۋاز قاتارىغا ئىتىبار بەرمىگەن، بۇ جەھەتتە ئۆزى بىلگەنچە جەڭگىۋار «تەپسىر» قىلغان. بۇنداق مەسئۇلىيەتسىلىكتىن كۈلۈشكە فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرى، ئەلشىر ناۋائى مۇيەسسەر بولالمىغان بولسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ ئەۋلاتلىرى، مۇقام ئەۋلاتلىرى داۋاملىق ئۈلگىرىدۇ! مەشھۇر دەستۇر ___ «قابۇسنامە»دە مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: «ئۆزىنى بىلىملىك ھېساپلايدىغان ناداندىن قاچ!» ھەئە، شۇنداق، ئاپتۇرىمىز بۇ يىل يەنى، 1992-يىل 8-ئاينىڭ 5- كۈنى يەكەندە ئۆتكۈزۈلگەن 2- قېتىملىق «ئون ئىككى مۇقام» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى باشلىنىش ئالدىدىكى مىنۇتلاردا، رەھبەرلەر، ئالىملار ۋە جامائەت يىغىن زالىغا كىرىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچىدە تەييارلىۋالغان «ئون ئىككى قۇمان سىنىپىلىكى ئېنىق بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقات قۇرالى» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئۇنئالغۇ لىنتىسىنى كارناي ئارقىلىق پۇتۇن زالغا قويۇپ بەردى. ئۇ نېمىدىن يۈرىكى پوكۇلدىدىكى، ماقالىنى ئوقۇغان ئايال دېكتور ئاپتورىمىزنىڭ نام-شەرىپىنى ئېيتىدىغان چاغدا چاققانلىق بىلەن ئۇنئالغۇنى بېسىۋەتتى!
بۇ كىچىككىنە كومېدىيىلىك ئپىزوت ئۇنىڭ ئۆز قاراشلىرىنى پۈتۈن جەمىيەتكە تېڭىش يولىدا قارام تەنتەك ۋە نادان تەرسالىقتا خېلىلا خاراكتېر ئالغان شەخس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. دەرھەقىقەت، ئەخلاق، پىسخولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي پروتوتىپلار تەتقىقاتى نوقتىسىدىن ئاپتۇرىمىزنىڭ ئۆزى تەقتىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان «باش تەتقىقاتچى»دۇر!
ئاپتۇرىمىزنىڭ موقاملار توغرىسىدىكى ماقالىلىرىدە، يەنە تۆۋەندىكى بىر قاتار قارىسىغا قىلىنغان  خاتا ھۆكۈملەر بار:
ئۇ، «تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن» دېگەن كىتابىنىڭ 4- بېتىدە «تىلى ۋادىسى»نى «ئېلى ۋادىسى» قىلىۋالغان.
ئۇ شۇ كىتابنىڭ 4-بېتىدە، خەلق قوشىقى تېكست تەرىقىسىدە (شىنجاڭدىن) ئىچكى ئۆلكىلەرگە تارقالغان دېگەن.
ئو «ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەسىرىگە دائىر بىرقانچە مەسىلە» ناملىق («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى خەۋەرلىرى»، 1989-يىل 3-سان) ماقالىسىدە، ھېچقانداق مەنبەسىزلا، ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى قەدىمكى خەنزۇ ئالىملىرىشەرھلىگەن دېگەن سۆزنى يازغان.
ئۇ «تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن» دېگەن كىتابىنىڭ 5-بېتىدە ھېچقانداق ئىسپاتسىزلا سۈي دەۋرىدە كۇچادا ئىككى مۇقام ئىجاد قىلىنغان دېگەن.
ئۇ شۇ سەھىپىدە، «ئەجەم مۇقامى» ئەڭ دەسلەپ ئىجاد قىلىنغان، نامى «زەنگۇلە»، «ئەسىللىك» ئىدى، دېسە، «ئون ئىككى مۇقام سىنىپىلىكى ئېنىق بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقات قۇرالى» دېگەن ماقالىسىدە، ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن ئۇيغۇرلار ئەجەم دەپ ئاتالغان دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، سۇي دەۋرىدە كۇچادا ئىجاد قىلىنغان ئىككى مۇقامنىڭ بىرى ئەجەم ئىكەنلىكى ياكى ئۇلار قايسى مۇقاملار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمايدۇ.
ئۇ «تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن» دېگەن  كىتابىنىڭ 9-بېتىدە، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر چىن سېننىڭ «بەشبالىق شېئىرى»نى قارىسىغىلا ئەجەم مۇقامىنى مەدھىلەشكە يازغان دەيدۇ. ۋاھالەنكى، بۇ شېئىرنىڭ ئەسلى ماۋزۇسى «ئايماق باشلىقى تيەن مىرېننىڭ شىمالنىڭ پىقىرىما ئۇسسۇلىنى نىلۇپەردە ئوينىشى» بولۇپ، چىن سېن ئۆزى بۇ شېئىرنى بىتۇڭ شەھرىدە (ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ ئېخجۇ ئايمىقى)دا يازغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەنىدى. بۇ شائىردا شىمالىي قۇملۇق پىقىرىما ئۇسسۇلى بىلەن غەربى يۇرت پىقىرىما ئۇسسۇلىنىڭ بىردەكلىكى ئۇچۇر قىلىنغان. ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى بۇ شېئىرىي خاتىرە بىزنىڭ ئاپتۇرىمىز قارىسىغىلا دېگەندەك «ئەجەم مۇقامى» ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەيدۇ («پېڭ چېڭشىڭ قاتارلىقلار تۈزگەن: «تاڭ دەۋرىدىكى مۇزىكا، ئۇسسۇل، رەسىم، خەتتاتلىق توغرىسىدىكى نەزمىلەردىن تاللانما»، 1988-يىلى خەنزۇچە نەشرى 187-بەت).
ئۇ «ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرىتىدىكى تەسىرىگە دائىر بىرقانچە مەسىلە» دېگەن ماقالىسىدە، «ئون ئىككى مۇقام» ھەققىدە شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرىتىدا پەيدا قىلغان تەسىرى ئۈستىدە توختىلىدىغاندەك ئەلپازى بىلەن ماۋزۇ قويسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، بىزدە تېخى ئەمدىلەتىن باشلىنىۋاتقان مۇنداق ئىلمىي تەتقىقات ئۈستىدە، ئۇنىڭ پەيدا بولمىغان تەسىرىدىن دەبدەبە قوزغىماق بولىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ماۋزۇ، بىرىنچىدىن، چەتئەللىكلەر تەتقىقاتىنى؛ ئىككىنچىدىن، بىزنىڭ ئويۇن كۆرسىتىش جەھەتتە پەيدا قىلغان تەسىرىمىزنى نەزەردە تۇتماسلىقى لازىم ئىدى. ئاپتۇر بۇ ماقالىنى 1989-يىلى 19- مايدا سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا: «ئالىم، مۇتىخەسس، سەنئەتكارلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە كۈچنى مەرگەزلەشتۈرۈپ، ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتى توغرىسىدا 12 كىتاپ يېزىپ چىقىشنى، 12 ئوپىرا يېزىپ چىقىشنى ئۈمۈت قىلىمىز» دەيدۇ. مانا ئۈچ يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى. مېنىڭچە، ئاپتۇر ھەل قىلىدىغان مەلۇم نىيەتلەرگە ئىلھام بەخىس روھىي ۋاھا پەيدا قىلىۋېلىش ئۈچۈنلا بۇ تىز ھەم ئۇلۇغۋار تەسىرلىك پىلاننى تىلغا ئالغان.
5. ئاپتۇرىمىزنىڭ كىلاسسك ئەدەبىياتتا ئۆزىنى كۆرسىتىشى
ئاپتۇرىمىزنىڭ يۇقىرىدىكى ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتى»دىكى ئاپدىلىرى دىيىش مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ بۇ خاس ساھەدىكى ئورگىنال ئىپادىلىرىدىن ئاز-تولا كۆرسەتكۈم كېلىۋاتىدۇ.
1986-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى نەشىر قىلغان «دىۋان قىدىرى» ناملىق كىتاپتا ئاپتۇرىمىزنىڭ بىر پارچە مۇقەددىمە ماقالىسى بار. بۇ ماقالىدە: 1953-يىلى ئۈرۈمچىدە ئارخىپ رەتلەۋېتىپ، پارىسچە يېزىلغان ئىككى بەتلىك قىدىرخان شېئىرلىرىنى تېپىۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئارىدىن ئۈچ يىل ئۈتۈپ «تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن» ناملىق توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن «16-ئەسىردىكى ئۇيغۇر شائىرى قىدىرخان يەركەندى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە، 1953-يىلى قىدىرخاننىڭ ئاپتۇرىمىز تەرىپىدىن «تېپىۋېلىنغان» ھەربىرى بىر كوپلىتلىق ئۈچ پارچە شېئىرى ۋە «تېگىشىلگەن قان» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بىرلا كوپلىتلىق مۇسەددەس شەكىلدىكى شېئىرى يەنە كۆپۈيىپ، ئۇنىڭغا ئۇزۇن بىر روبائىي قوشۇلۇپ قالىدۇ.
ئارىدىن سەل ئۆتۈپ، 1989-يىلى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى خەۋەرلىرى»نىڭ 3-سانىغا بېسىلغان «ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرىتىدىكى تەسىرىگە دائىر بىرقانچە مەسىلە» دېگەن ماقالىسىدە، بۇ قىدىرخان نامىدا «تېپىۋېلىنغان» شېىرلار سان جەھەتتىن كۆپەيتىلمەي، بەلكى سۈپەت جەھەتتە ئىلگىرىكىدىن باشقىچە تىلغا ئېلىنىدۇ، 1953-يىلى ئارخىپتىن تېپىۋالغانلىقى ئىرغىتىپ تاشلىنىدۇ، بۇنى «16-ئەسىردە ئۆتكەن قىدىرخاننىڭ <دىۋان قىدىرى> ناملىق ئەسىرىگە يازغان مۇقەددىمىسىدىن كۆرۈۋالالايمىز» دەپ، بىردىنلا بۇ شېئىرلارنى قىدىرخاننىڭ ئۆزى يېزىپ دىۋانىغا كىرگۈزگەن مۇقەددىمە نەزمىسى قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. مېنىڭچە، قىدىرخاننىڭ ئۆز دىۋانىغا ئۆزى مۇقەددىمە يازغانلىقىمۇ، ئاپتۇرىمىزنىڭ بۇ پارچىلارنى 1953-يىلى تېپىۋالغانلىقىمۇ يالغان، پەقەت بۇ ئىككى خىل چۈشەندۈرۈشنىڭ بىر-بىرىگە زىتلىقى راست، خالاس!
بۇنىڭدىن باشقا، بۇ پارچىلارنىڭ مەزمۇنى ۋە تىلى ئاپتۇرىمىز ئېيتقاندەك «خەلقنىڭ 10-13 ئەسىردىكى روھى» («ئون ئىككى مۇقام سىنىپىلىكى ئېنىق بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقات قۇرالى» دېگەن ماقالىگە قاراڭ) ياكى قىدىرخاننىڭ دۇنيا قارىشى بولماستىن، بىزنىڭ ئاپتۇرىمىزنىڭ زۆرۈرىيەتچان ئىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. قېنى مىسال كەلتۈرەيلى:
كەمبىغەل كەيسە كۇلانى __
شەيخلىرىڭ ئادەم ئەمەس؛
ئۆلگىچە ئېيتسام مۇقامنى __
مەن ئۈچۈن ماتەم ئەمەس.
بۇ، بىرىنچىدىن، روبائىي ئۇسلۇبى ئەمەس! رۇبائىدا ھەربىر قۇر (ئىككى قۇر ئەمەس) بىر مەنىدار بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، بۇ «قوش قاپىيىلىك» ھازىرقى شېئىرىي كۇپلىتنىڭ 1-، 2-قۇرى باغلاشمايدۇ. «كەمبىغەل كەيسە كۇلانى شەيخلىرىڭ ئادەم ئەمەس» دېگەنلىك بىلەن قانداق جۈملە تۈزۈش مۇمكىن؟
ئۈچىنچىدىن، ئالدىنقى ئىككى قۇر كېيىنكى ئىككى قۇرغا (مىسرا دېگۈم يوق) ھېچ ئالاقىسىز!
تۆتىنچىدىن، 16-ئەسىر ئاپتۇرى بولغان قىدىرخان «كۆركى ئېرۇر سۈرىلەرنىڭ ئەۋۋەلى __ بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» دەپ يازىدۇكى، يۇقىرىقى ۋە تۆۋەنكى ياسالغان شېئىرلاردەك تىل ۋە مەزمۇندا شېئىر يازمايدۇ!
مۇقام جاھاندا تاڭنىڭ ساباسى،
جانانغا جانكى قالۇن ساداسى،
ھېچ تەڭ كېلەلمەس بۇلبۇل ناۋاسى،
ئالەمدە يوقكى ئۇنىڭ باھاسى.

كەچتىم مەن زامانىڭدىن،
ياخشىكىم يامانىڭدىن،
ئاق سەللە، يېشىل سەللە،
بىزارمەن تامامىڭدىن.
ئەسلى نۇسخىسى بولۇشى مۇمكىن بولمىغان بۇ شېئىر قىدىرخانغا تېڭىلغان ياسالما «كىلاسسك» نەزمىدىن ئىبارەت! قىدىرخان قاراقۇيۇقلا ياخشى- ياماندىن ۋاز كەچمەس، مەسىلىگە سەللىنىڭ رەڭگىگە قاراپلا ھۆكۈم قىلماس، دەپ ئويلايمەن. مەن ئاق سەللىنى كۆپ كۆرگەن، كىچىكىمدىمۇ ئورىغان، بىراق بىراق موللا بىلالنىڭ «يۈسۈپ چاڭموزا» داستانىدىكى پىرسۇناژنىڭ يېشىل سەللىلىك ئىكەنلىكىنى پەقەت كىتاپ يۈزىدىلا ئوقۇغانىكەنمەن.
قىلىچ-نەيزە ئۇرۇلماقتا تۈمەنمىڭ كەمبىغەل جانغا،
تۆكۈلگەن لەختە قانلارنى تېگىشتى بىر مۇسۇلمانغا.
بۇ قاننى تۆكۈپ بولۇپ، يەنە تىگىشىدىغان ھېلىقى بىر مۇسۇلمان كىم ئىدى؟
جاھاننى قەتلى قىلدى سېتىپ قۇللارنى سۇلتانغا،
دىيارىمنى خاراپ قىلدى چېچىپ دىشۋارنى ھەر يانغا.
قۇللارنى قەتىل قىلىپ بولۇپ، ئۆلۈكنىڭ نېمىسىنى، نېمە ئۈچۈن قايسى تۈركىي سۇلتانغا ساتىدۇ؟
تاجاۋۇز قەتلىئاملاردىن كۆمۈلسەكمۇ باياۋانغا،
ئېگىلمەسكە قەسەم قىلدۇق ئەرەپلەردەك شەھىدانغا.
بەللى، بەللى! قىدىرخان 16-ئەسىردە تۇرۇپ، 10-ئەسىردىكى غازاتتا كۆمۈلۈشتىن سۆز ئاچقىنى قىزىق! ئەرەپلەر ھەرگىزمۇ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئەمەس، ساتۇق بۇغراخان، يۈسۈپ قىدىرخانلار ھەم ئەرەپ ئەمەسقۇ!؟ «ئەرەپلەردەك شەھىدان» دېگىنى نىمىسى! شەھىدان ئىبارىسى ئاللا يولىدا قۇربان بولغان ئەرۋاھلارنى كۆرسىتىدىغان تۇرسا، 16-ئەسىردە بۇ ئەرۋاھلارنىڭ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىغا «تاجاۋۇز» قىلغانلىقىنى تارىخ ئالىملىرى بىلمەي قالارمۇ؟ ئەرۋاھتىن قورققىنى ياكى ئەرۋاھقا قەسەم قىلغىنى نىمىسى!؟
ھەشتارىمىز قىلسا خەندان دىيارىمنىڭ گۈلىستانىدا،
قۇزغۇن ئۆلۈپ، بۇلبۇل كۈلەر نەغمە، مەشرەپ داستانىدا.
ئون ئىككى چوڭ تۇلۇنئايدەك دىل رىشتىگە مەشئەل ياقار،
ئۇنىڭ ئەمەس، بۇنىڭ ئەمەس، دىل كەشتىلەر بوستانىدا.
ئاپرىن! قىدىرخان 16-ئەسىردىلا 20 -ئەسىر تىلىدا شېئىر يازغان! ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدا 20-ئەسىردە بولىۋاتقان گەپ-چۆچەكلەرگە ئالدىن توغرا ھۆكۈم قىلغان! ئون ئىككى مۇقامنىڭ 12 تۇلۇن ئايدەك، ھەربىرىنىڭ ئۈچ قىسىمدىن تەشكىل تاپقانلقىنى، مەزمۇنىنىڭ بۇلبۇل-قۇزغۇن زىدىيىتى ۋە كۆرىشى بىلەن تولغانلىقىنى بىزگە ئىخچام، تامغىدەك قىلپ يېزىپ قالدۇرغان!؟
ئېيتىش كېرەككى، بۇ قىدىرخان يازغان رۇبائىي ئەمەس! قىدىرخان بىر رۇبائىدا مەنىسى بىرخىل «گۈلىستان»، «بوستان» ئىبارىلىرىنى ئىشلەتمىسە كېرەك. ئۇ «دىل» ئىبارىسىنى بىرلا كوپلىتتا ھەم «مەشئەل» ھەم «كەشتە» دەپ ئىشلەتمەس! چۈنكى، بۇ كىلاسسك شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇرقى بەش بارچە شېئىر «جەڭگىۋارلىق» جەھەتتە بىزنىڭ ئاپتۇرىمىزغا راسا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ھەركىم ئۆز ئاۋازىدا سۆزلەيدۇ، ئۆز قەدىمىدە ماڭىدۇ، ئۆزىنى يازىدۇ، ئۆز ئوبرازىنى يارىتىدۇ-دە! ئاپتۇرىمىز 1953-يىلى تېپىۋالغان بۇ «قوليازما»نى قەدىمكى قوليازمىلار ئىشخانىسى، ئارخىپلار ئىدارىسى ياكى موزىيغا يوللاپ بېرەلەرمۇ؟
ۋاقتى كەلگەندە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، تارىخ ياسالماسلىقى لازىم. تارىخ ياساش تارىخنى بۇرمىلاشتىن ھەسسە-ھەسسىلەپ ئېغىر جىنايى ھادىسە! بولۇپمۇ مۇقەددەس كىتابلار سەھىپىلىرىگە ئويدۇرما پاكىتلار ياسىغۇچىلارنى تارىخ ۋە چەكسىز بىلىش ئىقتىدارىغا ئېگە كەلگۈسى ئەۋلاد كەچۈرمەيدۇ!
مەن ئاپتۇرىمىزنىڭ «لۇتۇپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىر قېتىملىق سۆھبەت» دېگەن ئويدۇرما ماقالىسى جەمئىيەتتە ئىسقىرت پەيدا قىلىغاندىن كېيىن، يەنە مۇنداق «تارىخ ياساش»تىن قول ئۆزمىگىنىگە ئەپسۇسلىنىمەن.
6. ھەقىقى ئادەمدىن ھەقىقى ئالىم چىقىدۇ
ھەربىر شەخس ئۆز ئەقلىي كامالىتى ئۈچۈن جامائەت ئالدىدا قەرزدار.
                                              ___ چېرنىشېۋسكىي
مەن ئاپتۇرىمىزنى «ئىچى كۈچلۈك»، بەزىدە «چوڭ سۆزلەشكە ئامراق» دەپ بىر تەرەپلىمە باھالىغانكەنمەن، ئۇنىڭ يەنە باشقا ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆچۈرىۋالىدىغان قىلىقى بارلىقىنى ئويلىمىغانكەنمەن! مىسال كەلتۈرەي:
ئاتۇرىمىز « <قۇتادغۇبىلىك> ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى توغرىسىدا دەسلەپكى پىكىرلىرىم» دېگەن ماقالىسىدا، تۈركىيىلىكمەشھۇر ئالىم مەرھۇم رېشت رەخمىتى ئاراتنىڭ ئەسىرىدىن تۈركىيىلىك يەنە بىر ئالىم كافەس ئوغلۇ ئاشكارا كۆرسەتكەن نەقىلنى خۇددى «قۇلىقىنى ئېتىپ قوڭغىراق ئوغرىلىغان»دەك ئۆز ماقالىسىگە ئۆز سۆزى قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئېلىۋالغان. كافەس ئوغلۇ ماقالىسىدە:
رەخمىتى ئاراتنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سالىدىغان بولساق، «قۇتادغۇبىلىك» ۋەقەلەرنى دەلىل كەلتۈرگۈچى تارىخمۇ ئەمەس، ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرنى تەسۋىرلىگەن شەجەرىمۇ ئەمەس، شۇنىڭدەك دىنىي زاتلارنىڭ ئىجتىھاتلىرىنى توپلىغان ئەسەر ياكى ھۆكۈمالارنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغان پەلسەپە، شەيخلەرنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىگە تايانغان بىر نەسىھەتنامىمۇ ئەمەستۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىشىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك ئەمەلدارلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن لىرىكىلىك  سۆزلەر بىلەن ئەخلاق دەرسى بېرىدىغان قۇرۇق نەسىھەتچى ئەمەس، بەلكى كەڭ مەنىدە ئېيتقاندا، ئىنسانلار ھاياتىنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلغان ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى بەلگىلىگەن بىر ھايات پەلسەپىسىنى قۇرغان ئالىمدۇر، «قۇتادغۇبىلىك» باشقا ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزىگە خاس بىر ئەسەردۇر («چەتئەل ئالىملىرى <قۇتادغۇبىلىك> توغرىسىدا» شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەت ئەەبىياتى ئىنىستىتوتى 1989-يىل باستۇرغان نۇسخا. 126-، 127-بەتلەر).
ئاپتۇرىمىز ماقالىسىدە:
«قۇتادغۇبىلىك» قانداقتۇر ۋەقەلەرنى نەقىل قىلغۇچى بىر تارىخ، نە رايۇن- جاي ۋە شەھەرلەرنى تەسۋىرلىگۈچى بىر جۇغراپىيە، قانداقتۇر دىنىي كىشىلەرنىڭ ئىجتىھاتلىرىنى توپلىغان بىر كىتاپ، نە ھېكمەتلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئاساس قىلغان پەلسەپە، شەيخلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىگە تايانغان نەسىھەتنامە ئەمەس. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بەزىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك مەنسەپ ئەھلىگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن بىھۇدە مەنىسىز ئەخلاق دەرسى بەرگۈچى قۇرۇق نەسىھەتچى ئەمەس، بەلكى ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلغان ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ كەڭ مەنىدىكى تەپەككۇر ئالىمىدۇر. ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرى ماۋزۇ ئېتىبارى بىلەن بىللە، باشقا جەھەتلەردە تامامەن بىر ئورىگىنال ئەسەردۇر (« <قۇتادغۇبىلىك> ھەققىدە بايان» 2-توپلام، 130-بەت).
7. خاتىمە
ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇشۇڭ مۇمكىن، بىراق بىرلا نەرسىنى __ سەن دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ، شۇنى ئۇنتىمىساڭ بولغىنى.
                                       ___ جالالىدىن رومى
مەن ئاپتۇرىمىزنى «بىلىمسىز» دەپ ئەيىپلىمەيمەن، بىلىمسىزلىك نىسبى نەرسە. بىزمۇ نۇرغۇنساھەدە، ھەتتا ئۆز ساھەمىزنىڭ بىرمۇنچە جەھەتلرىدە بىلىمسىزمىز. بىلىمسىزلىك تەنقىت ئوبيېكتى ئەمەس، تەلىم-تەربىيە ئوبيېكتى. ھازىرمۇ سېستىمىلىق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېگە بولمىغان نۇرغۇن- نۇرغۇن كىشىلەر ھەرخىل مەكتەپلەردە بىلىم ئاشۇرىدۇ. بۇ نۇمۇس ئەمەس، بەلكى چىندىن ئىلىمگە ئىنتىلىش ۋە مەرتلىك!
بىلمەي تۇرۇپ بىلەرمەن بولۇۋېلىش، ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىش ھەتتا باشقىلارغا ئىلمىي تەتقىقات پوزىتسىيىسى، مېتودى ھەققىدە ۋەزخان بولۇۋېلىش __ مانا بۇ باشقا گەپ. زورمۇ-زور ئالىم بولۇۋېلىش، بىر ماقالىنى تەكرار يېزىۋېرىش ئاپتۇرىمىزغا ھوزۇر ھالاۋەتمىكىنا؟! ئىنسان دۇنياغا تاشنى ياغاچقا تاڭغاندەك ئالىم بولۇۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، ھەقىقى ئادەم بولۇش ئۈچۈن كەلگەن، تارىخ- تولىمۇ نازۇك ۋە قايتا-قايتا تاسقاپ تۇرىدىغان ئەگلەك! مىلىيۇن تىللا ياكى مىلىيۇن قوشۇن بىلەنمۇ تارىخنى ئالدىغىلى ياكى قورقۇتقىلى بولمايدۇ!
مەن ئاپتۇرىمىزنى «ئەقىلسىز» دەپ ئەيىپلىمەكچى ئەمەسمەن.
ئەقىل ___ ئۇلۇغ بىلىش ئىقتىدارى. ھەقىقى ئەقىل يەنە ئۆزلۈكنى __ ھەركىم ئۆزىنى، ئۆزى بىلەن ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىش ۋاستىسى. ئەقىل پاك كۆڭۈل، مول بىلىم ئارقىلىق داۋاملىق ئۆ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ. ئەقىللىق كىشىلەرمۇ بەزىدە ئەقىلسىلارچە ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ. مەسىلە بۇنىڭدا ئەمەس، بەلكى، پەقەت ئۆزىنىلا ئەقىللىق ، جامائەتنى بولسا ئالدىغىلى، كولدۇرلاتقىلى بولىدىغان ئەخمەق دەپ قارايدىغان ئاتالمىش «ئەقىلدانلىق»تا. بۇ بىر زىندان، خۇددى جالالىدىن رۇمى ئېيتقاندەك: «دۇنيادىكى زىندانلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ دەھشەتلىكى ئادەم كاللىسىدىكى زىندان»، «ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىللەت __ غاپىل تۇرۇپ، ئۆزىنى ھەممدىن سەگەك دەپ بىلىدىغان» ئىللەت. بۇ خىل «ئەقىلدانلىق» خۇددى لېختېنبېرگ ئېيتقاندەك: «نىقابلىنىپ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەقىللىقلىق دەپ ساناۋېرىدىغان» ئەخمەقنىڭ «ئەقىلدانلىقى»! بالزاك توغرا ئېيتقان: ئەخمەقلىق شۇنداق تېگى يوق دوزاقكى، ئۇنى ئاخىرغىچە بىلىپ بولمايدۇ».
گيوگو: ئىزگۈلۈك ئىنساننىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىكى قوياشتۇر دېگەندى، بۇنداق قوياش نۇرىدا يۇرۇتۇلمىغان مەنىۋى دۇنيا ئۆز- ئۆزىگە ھەقىقىي ئىنسان بولۇشتىن ئىبارەت ئاددىي ھەم ئالىجاناپ ھاياتىي ئىستەكنى مەقسەت قىلمىغان كىشىلەرنىڭ قوياشسىز قەلىبدىن ئىبارەت. تارىخ مۇنداق قەلب بىلەن غەلىبە قازانغان ۋە ئەسەرلەر سەھىپىسىدە مەدھىيىلىنىدىغان بىرەر سەركەردىنى، مۇتەپەككۇرنى، سەنئەتكارنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئۆز- ئۆزىنى خازان قىلغان ۋە كىشىلەر خاتىرىسىگە مەسخىرە ئۆلگىلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن. خەلق توغرا ئېيتىدۇ: «سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى!» بۇ ئۇستاتلىق كەتمەيدىغان ئەبەدىيەتلىك قانۇنىيەت.
خۇلاسە ئىككى، ھەرئىككىسى ئپتۇرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىققان.
بىرىنچى خۇلاسە: «ئۆتمۈشتىكى ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ماركىسىزىملىق تارىخىي نوقتىنەزەر بويىچە، پاكىتلىق ماتىرياللارغا ئاساسلىنىپ، كونكىرت ۋە تارىخى رەۋىشتە تەھلىل ۋە تەتقىقات يۈزگۈزىشىمىز لازىم.»
ئىككىنچى خۇلاسە: «يامان ئىشلاردىن يىراق، ئاق كۆڭۈل بولساڭ، خەلق ئالدىدا يۈرىكىڭنى ئالقىنىڭغا ئېلىپ، مانا مېنىڭ يۈرىكىم دەپ خەلققە كۆرسىتەلىسەك، سېنى شۇ چاغدا ئەخلاقلىق، ھەقىقى ئادەم دېگىلى بولىدۇ.»
ئاپتورىمىز ئۆزى ئېيتقان مۇشۇ ئىككى خۇلاسە بويىچە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن دەسلىپىدە ئۆزىگە، ئۆز ۋىجدانىغا، ئۆز يۈرىكىگە مەرىپەت چىرىقى ياقالارمۇ؟ ياكى يەن ئەگىتمە، ئاسترتما، ياندىما، قايرىلما قىساسكارلىقىنى ئىشقا سالارمۇ؟ بۇنى تۇرمۇش ئاپتۇرنىڭ ئەتىكى ھېس پىكرى، سۆز- ھەركىتىدە قايتا كۆرسىتىدۇ. يېقىندا نەشىر قىلىنغان «جالىدىن رۇمى» دېگەن كىتابنىڭ 257- بېتىدە ئابدۇلھەسەن ھەرەكانى ناملىق زاتنىڭ ھەممىمىزگە مەرىپەت چاچىدىغان مۇنداق بىر جۈلە سۆزى ئېپىگراف قىلىنغان: «يەر ئۈستىدە يۈرگەن بەزى ئادەملەرنى بىز تىرىك ھېساپلىساقمۇ، ئەسلىدە ئۇلار ئۆلۈك. يەر ئاستىدا ياتقان بەزى زاتلارنى بىز ئۆلۈك بىز ئۆلۈك ھېساپلىساقمۇ ئەسلىدە ئۇلار تىرىك.» ئۆلمەس پاك روھنى ھەممە قەدىرلەيدۇ. «پەقەت دۇنيانىڭ سۆرىتىنىلا كۆرىدىغان» ھاياتىي قىممىتى يوق كىشلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە «تۆت تادۇ»مۇ زارلىنىدۇ!
ھۆرمەتلىك كىتاپخان! مەندە نېمە چارە، ماڭا «پەھلىۋان مۇھەممەد كۈشتۈڭگۈر» ھەققىدە مەدھىيە ياكى «ھىلالىيە قەسىدىسى» يېزىش (بۇ يەردە ئۇلۇغ شائىرىمىز مەۋلانە ئەلشىر ناۋائىنىڭ شۇ ناملىق ئىككى ئەسىرى كۆزدە تۇتۇلغان) نېسىپ بولماي، مۇشۇنداق ئوپراتسىيە ماقالىسى يېزىش پۈتۈلگەن بولسا كېرەك.
مەن ئىشنى پاكلىنىش بىلەن باشلىغاندىم. قولۇمدىكى قەلەمنى تاشلاش ئالدىدا ئۆزۈمنى كىتابخانغا تاپشۇرماقچىمەن. مەن بىر يۈكسەك قەلب ئېگىسىنى بىر مۇنەۋۋەر تەپەككۇر ساھىبىنى بولمىغۇر بوھتان تېشى بىلەن زەخمىلەندۈرگەن بولسام، مېنى جامائەتچىلىكنىڭ ئەيىپلەشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭدىن نەپ ئالغانلىقى تۇپەيلى قۇمۇش نەيچىدە پىچىرلايدىغانلارغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ھەقىقى، خەلق مەنپەئەتىنى، ۋىجدانىي بۇرچىنى ئەلا بىلىشلىرىنى تەكلىپ قىلىمەن. ئىلىم ۋە ئىنسانىي قەلبنىڭ، مەدەنىيەت قوشۇنى ۋە مەنىۋى موھىتنىڭ پاكلىقىنى ھەممىمىز بىرلىكتە مۇھاپىزەت قىلايلى.
مانا بۇ مۇددىئا ۋە بۇرچىمىز!

1992-يىل. ئۈرۈمچى
مەنبە: «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»
تورغا ئۇزاتقۇچى:م.قادىر( ھۇما)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 09:56:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ 37 پارچە ئەسىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.قادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-12 10:08  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 10:16:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (10)
يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش

مۇقەددىمە. بىباھا خەزىنە ۋە ھېكمەتلىك تېپىشماق

ئۆتمۈش ئادىللىق نۇرى بىلەن يورۇتۇلمىغان جايدا نۇرانە كەلگۈسىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
     ____خىيال دەپتىرىمدىن (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:
...
    كېلىۋاتقان يېڭى ئەسىر بوسۇغىسىدا كەلگۈسى ھەققىدە ئەمەس، يەنىلا خەلقىمىزگە نەچچە مىڭ يىل ئىنىكئانا بولغان ئۆتمۈش ھەققىدە قايتا ئويلانغانلىرىمنى سىزگە يەتكۈزگۈم كەلدى.
    دەرۋەقە، بىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ جەسۇرلىقىنى ئارسلان، پەرۋازىنى لاچىن قىلىپ، شۆھرىتىنى ئىپاردەك تاراتقان ۋە ئەزىز ۋەتىنىمىز باغرىدا خۇددى ئۈنچە- مارجانلىق دەريادەك نەچچە مىڭ يىل ئاققان قەدىمكى يىپەك يولىنى قۇم بارخانلىرى تەكتىگە كۆمۈپ قويۇپ، نېمىدىن ئايرىلىپ، نېمىگە دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭقىرالماي، مانا بەش ئەسىرنى ئۆتكۈزىۋەتتۇق. بۇ بەش ئەسىرنىڭ ۋاقىت تىزمىلىرىغا نەزەر سالساق، كۆڭلىمىزنىڭ غەشلىككە تولۇپ، كۆزىمىزگە ياش كېلىدۇ. بۇ يىللاردا بىزدىن كۆز يورۇتقان بابارەھىم مەشرەپ، مۇھەممەد سىدىق زەلىلى، مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خاراباتى، ئابدۇقادىر داموللام (ئەزىزى)، مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتىپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئىرپان بۇلاقلىرىمىزنىڭ ئاقىۋەتلىرى قان لەھەتلىرى بىلەن تۈگەللەندى. بۇ يىللاردا بىزنىڭ تۇرمۇش ھالاۋىتىمىز، بەخت- سائادىتىمىز خۇددى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى سادىر پالۋان، نوزۇگۇملارنىڭ قوشاقلىرىدا ئىپادىلەنگەندەك، نادامەت نالىشى ۋە زالالەت ئىڭرىشى بىلەن ئالماشتى. نىياز ھېكىمبەگ، مەھمۇد پوچى، يۈسۈپ جاڭموزا، تاز مەزىن ۋە ئابدۇغۇپۇر داموللا شاپتۇلدەك قاندا سەمرىگەن ئاسىي- مۇناپىقلار ئار- نومۇسىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇشقا بەجبۇر قىلدى. بىز قەدىمكى يىپەك يولىنى قايتا ئويلانماي، بىكىنمىچىلىك ھالىتىدە ئۆتكەن يېقىنقى بەش ئەسىرنى قايتا ئويلانماي، ئۇلارنى ئىلغىماي قارا- قويۇق بىر لەھەتكە كۆمۈپ قويۇپ، كەلگۈسى يېڭى ئەسىرگە، يېڭىدىن ھۆسۈن- جامالىنى تۈزەۋاتقان «يېڭى يىپەك يولى»غا قانداق قەدەم قويالايمىز؟!
    خەلقىمىز خۇددى «ساتكو» ناملىق ھېكايىدە سۆزلەنگىنىدەك ئۇيقۇ قۇشىنىڭ: «ئۇخلا! تىنىچ ئۇخلا! ئۇيقۇ- بەخت دېمەكتۇر» دېگەن ئەفسۇنكەش سۆزلىرىدىن خارامانلىشىپ، «ئەسھابۇلكەھەب»دەك غار ئۇيقۇسىدا ۋەھىمە ئاگاھلىقىنى يوقۇتۇپ قۇيدى. دەل مۇشۇ چاغدا مۇنداق بىر ۋەقە سادىر بولدى:
    1880-يىلى بۇخارادىن غۇلام مۇھەممەد قاتارلىق ئۈچ سودىگەر يولغا چىققان. ئۇلار قالقاساي تاغلىرىدا كىردو-كافۇر قەبىلىسىدىن چىققان قاراقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا، چەكسىز تاغلار ئىچىدە بىر ئۆڭكۈرگە ئۇچراشقان. قاراقچىلار ئۇلارنى ھەيدەپ بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرىشكەن. قاراقچىلار بۇ ئۆڭكۈردە ئالتۇن، كۆمۈش، ياقۇتتىن ئىشلەنگەن، كۆز قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغان نەچچە يۈزلىگەن نەپس-ئوبرازلىق بويۇملارنى كۆرۈپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ، بىر-بىرى بىلەن مال-دۇنيا تالىشىپ قانلىق جېدەللىشىۋاتقان پەيتتە قاچقان بۇ ئۈچ نەپەر سودىگەر ئامۇ دەرياسىنىڭ ئافغان چېگرىسىدىكى ئىقلاس زاستاۋكىسىغا كېلىپ ئەنگىلىيىلىك ف.ن. باتۇنغا خەۋەر قىلغان. كاپىتان قوشۇن باشلاپ كېلىپ قاراقچىلاردىن بۇ ئاسارە- ئەتىقىلەرنى قايتۇرىۋېلىپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرگەن ۋە ھازىرقى كۈندىمۇ برتانىيە مۇ زىيدا مەخسۇس پاۋلىئون بولۇپ تۇرغان بۇ «ئوكساس (ئامۇ دەريا) خەزىنىسى»، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين زامانىسىدىكى- بۇنىڭدىن 2400 يىل بۇرۇنقى ئىمپىرىيە خەزىنىلىرىدىن بىرى ئىدى.
     «ئوكساس (ئامۇ دەريا) خەزىنىسى»نىڭ تېپىلىشى ئەپسانىۋى «ئاتلانتا ئارىلى» چۆكمىسىنى تېپىش خىيالىدا يۈرگەن ياۋرۇپالىقلارنىڭ مەركىزى ئاسىيانى ئارخېئولوگىيىلىك قىدىرىش قىزغىنلىقىنى قوزغىۋەتتى. خۇددى ۋولقاندەك ئۆرلەپ چىققان بۇ شۆھرەتلىك قىدىرىش ئېقىمىغا ئىمپېراتۇر- كارۇللار، بانكىر- تەۋەككۇلچىلار، سەيياھ- مىسسىئونىرلار تاقەتسىزلىك بىلەن ئۆزىنى ئېتىشتى! ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىلا ئېچىلغان، مىلادىيىدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى پارتىلىغان ۋىزوۋېي يانار تېغى ۋەقەسىدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن پىلىنۇىڭ «تەبىئەت تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە «يىپەك ئېلى يولى» دەپ تىلغا ئېلىنغان بۇ قەدىمكى ياۋرۇپا-ئاسىيا كارۋان يولى بىردىنلا شۆھرەت كۆكىگە كۆتۈرۈلدى. نىمىس ئالىملىرى فېردىناد. ۋۇن. رېختوفىن (1833- 1905) بىلەن ئېبرت. ھېلمان پلىنونىڭ قەدىمكى ئىبارىسىگە يېڭى ھۆسۈن قوشۇپ « يىپەك يولى» دېگەن مەپتۇنكار نامىنى ئوتتۇرغا قويدى! گرونىۋىدېل، ستتەين، لىكوك، پىلليوت قاتارلىق «يىپەك يولى» قېدىرغۇچىلىرى خوتەن، لوپنۇر، شورچۇق، كۇچا-باي، توققۇز ساراي، تۇرپان، دۇنخۇاڭ مەدەنىيەت نوقتىلىرىدىكى جاۋاھىراتلارغا ئاچ كۆزلۈك بىلەن يوپۇرۇلدى. ئۇلار رىقابەت رەشكىدە بىر-بىرىگە قۇرال كۆتۈرۈپ چىقىشقىچە بېرىپ يېتىشتى! مەركىزى ئاسىيا زىمىنى ئاساسىي چەمبەر قىلىنغان بۇ قېدىرىش تاكى يېقىنقى يىللاردا ئامۇ ۋادىسىدىن ئىككىنچى «ئوكساس (ئامۇ دەريا) خەزىنىسى»- كۇشان-ئۇلۇغ تۇخار ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان تۈرك نەسىللىك پادىشاھ كۇچۇلا كادىپىسنىڭ ھەشەمەتلىك ئالتۇنلۇق- قەبرىگاھىنى تاپقانغا قەدەر ئۇرخۇن- بايقالدىن كوپت زەرەپشانغىچە، قاراقوتۇ- دۇنخۇاڭدىن ئېسكى قورغان- چىرچىققىچە كەڭ- كۇشادە ئېلىپ بېرىلدى.
مانا، يىپەك يولى باغرىدىكى بىباھا غەزىنە!
مانا، يىپەك يولى قىزغىنلىقىغا سەۋەپ بولغان ماددى مەنپەئەتدارلىق قىممىتى!
     يىپەك يولىدىكى بۇ بىۋاستە قىممەت ۋە ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھارارەتلىك، ئەسەبىيلەرچە قىزغىنلىق ئادەتتىكى تەپەككۇر ئۈچۈنمۇ چۈشىنىشلىكتۇر. ئەمدىكى گەپ، مۆجىزىدار، مەپتۇنكار، سېھىرلىك يىپەك يولىدىكى تەپەكۇر ھېمەتلىرىنىڭ خەزىنىسىنى ئېچىشتا قالدى. بىز ئەجداتلىرىمىز ياراتقان ئاجايىپ مۆجىزىنى- يىپەك يولىنى ئۈنتۇپ كەتكەندۇق. ئۇنىڭ قىسمەن بايقىلىشىدىن ئالەمشۇمۇل زىلزىلە قوزغىغانلىقىنى ھىس قىلساقمۇ، ئۇنىڭ تەكتى ئەسرادا قالغان تەپەككۇر ھېكمەتلىرى تېخى سىرلىق، ھەتتا بۇ جەھەتتا دادىل ئېغىز ئېچىشمۇ ۋەھىمىلىك بولغان تېپىشماق بولۇپ تۇرماقتا. بىلىش ھاجەتكى، نۇرانە كەلگۈسى ئامۇ، سىر، يەنسەي، تارىم تاش- تۇپراقلىرىدىن چىققان، چىقىدىغان جاۋاھىراتلار خەزىنىسىنى ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولى باغرىدىكى تەپەككۇر ھېكمەتلىرىنىڭ خەزىنىسىنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلىدۇ. ئۆتمۈشتىن قالغان ۋە ئۆتمۈشكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ قىممەت باھا جاۋاھىراتلار خەزىنىسىنىڭ تەكتىدە، ئۆتمۈشتە جۇغلانغان ۋە كەلگۈسىگە رەھنامالىق قىلىدىغان ئۆلمەس مەنىۋى خەزىنە يېتىپتۇ. ئۇنىڭ تېىشماقلىرىدا كەلگۈسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى ساقلانغان.

ئۈچ چوڭ ئىقتىدار ۋە ئۈچ ئۇلۇغ قىممەت
    ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتقان خەلق، ئۇنداق تارىخنى قايتا يارىتىشى مۇمكىن. ئەمما ئىجادىيەت ئىقتىدارىنىڭ ھەقىقى قىممىتى مۇمكىنلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدىكى ئىجادىيەت سەمەرىلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان قىممەتتۇر.
______ خىيال دەپتىرىمدىن (ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن)
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:
    يىپەك يولىنى «جاھاننامە» قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆز-ئۆزىنى كۆرۈش، يىپەك يولى ئۇلىغان كۆمۈلگەن تېپىشماقلارنى يېشىپ، ئۇنىڭدىن ئەقىل چىرىغىنى يېقىش ئۈچۈن خەلقىمىزگە ئىككى نەرسە كېرەك. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، تارىخى ئىپتىخار ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئىشەنچتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، تارىخى خاراكتىرلىك نۇمۇس تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭدىن يارالغان جاسارەتتىن ئىبارەت. قەدىمكى يىپەك يولىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ۋە يېڭى يىپەك يولى بوسۇغۇسىدا تەمتىرەپ تۇرغان خەلق ئۈچۈن بۇ ئىككى روھىي  زىلزىلىنىڭ ھېچبىرىمۇ كەم بولماسلىقى كېرەك. روشەنكى، ئىپتىخار تۇيغۇسى بولمىغان قەلىپتە نۇمۇس ئېڭى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ۋاھالەنكى، نۇمۇس ئېڭى ھەقىقى ئىنسانىي ئىپتىخارنىڭ بىرىنچى ئىستىھكامىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شەك- شۆھبىسىزكى، يىپەك يولىنى مەركىزىي ئاسىيادا «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى»نى ياراتقان ئەجداتلىرىمىز ئاچقان! ئۇلار دەسلىپىدە تۈپتۈز ۋادىلار ياكى دەشت- جەزىرىلەردىكى رەسمى كارۋان يوللىرى ئارقىلىق ئەمەس، تاغ - جىلغىلارنى تاغ- جىلغىلار بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان تاغ يوللىرى ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن كېيىن پايانسىز يېيىق- يايلاق يوللىرى ئارقىلىق، ئاخىرىدا بوستان يوللىرى ئارقىلىق قەدىمكى ئۇلۇغ كارۋان يولىنى ئېچىپ، قەدىمكى ئۈچ قىتئەنى بىر- بىرىگە تۇتاشتۇردى، تونۇتتى. قاراڭلار، ئالتاي- تارغاباتاي تاغلىرى، تەڭرىتاغلىرى، ئالتۇن تاغ، قاراقۇرۇم، كوئىنلۇن تاغلىرى پامىردا قوشۇلۇپ، ھېندىقۇش، كوپت، كاپكاز تاغلىرىغا قاراپ سوزۇلغان ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مىسلىسىز تاغ ئومۇرۇتقىسىدا ھېلىمۇ قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيالىق تۇرانلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ياشاپ تۇرۇپتۇ!
     مېنىڭ جانىجان خەلقىم- قەدىمكى رىۋايەتلەر بىلەن قوليازمىلاردا، ھازىرقى جانلىق تۇرمۇش بىلەن تەنتەنىلىك «ئۇيغۇر» نامى بىلەن شۆھرەتلەنگەن خەلق يىپەك يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر گىرەلەشكەن ئۆتكۈر رىقابەت جەڭگاھىدا  ياشاپ، يىپەك يولى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە ئۆزىنىڭ ئىرپان ھۆجەيرىلىرىنى قاتقان. ئۇلار «قۇت» ئىزگۈلۈكنى قەلبىگە پۈكۈپ، تاغ-جەزىرىلەردىن ئېشىپ، مەغرىپ- مەشرىق ئىستىھكاملىرىدىن ئۆتۈپ، يىراق زىمىننىڭ «سىم تانابى»نى تارتىپ، مۇساپىرەت مەنزىلگاھلىرىدىن بوستانلار مۇساپىرلىق سەرگۈزەشتىلىرىدىن داستانلار يارىتىپ، بىكىنمە ۋە يېرىم بېكىنمە ھالەتكە مايىل ناتونۇش خەلقلەر ۋە مەدەنىيەتلەرنى بىرى- بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، ھەقىقى يورۇق جاھان تارىخى ۋە كىشىلىك ئالاقىلىرىغا ئەبەدىيلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۇلار ئۆزلىرىدە ئۈچ چوڭ ئىقتىدارنى ھازىرلىغاندى. ئۇ بولسىمۇ: چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە  يىپەك يولى خەلقارا سودىسىدىكى پائالىيەتچانلىق ئىقتىدارى ئىدى. دوكتور ماساداخىسائو »قەدىمكى تەڭرىتاغ تارىخ- جۇغراپىيەسى» دېگەن كىتابىدا توغرا ئېيتقان: مەرگىزى ئاسىيادىكى كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرنىڭ نوقۇل پادىچى قوۋم بولماستىن، يەنە سودا ئالاقىلىرىنى قوزغىتىش خاراتىرىگە ئېگە ئىكەنلىكى؛ بوستان خەلقلىرىنىڭ نوقۇل ترىقچىلىقلا بولماستىن، يەنە سودىگەرلىك خاراكتىر ئالغانلىقى، ئۇلار قۇرغان چوڭ- كىچىك دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سودا- تىجارەت مەملىكىتى خاراكتېرى ئالغانلىقى، ئۇلاردا يىپەك يولى سودا ئالاقىلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇش ۋە سودا ئالاقە چەمبىرىنى كېڭەيتىش خايىشىنى كۈچلۈك ئىپادىلىدى. «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» دېگەندەك، يىپەك يولىنىڭ ئۇلىنىش ياكى ئۈزۈلۈش ھالقىسى بولغان ئوتتۇرا بەلۋاققا بىكىنمىچىلىكتىن خالى، ئۈچ چوڭ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان، مېھماندوست ۋە جاھانسىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جايلىشىپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى پۈتۈن يىپەك يولىنىڭ ئامىتى ۋە بەختى بولغاندى. نەتىجىدە يىپەك يولى ئۈچ ئۇلۇغ قىممەتكە ئېگە بولغان ئىدى.

ئۇنىڭ بىرىنچىسى، ئەنئەنىۋى يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ خەلقارا قىممىتىدىن ئىبارەت.
     ئېيتىش كېرەككى، يىپەك يولىنى ئاچقان ۋە تۇتاشتۇرغان، يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي ھالقىسىدا ئۆزىگە خاس يەرلىك مەدەنىيەت ياراتقان ئەجداتلىرىمىز مىلادىيىدىن ئىلگىرىلا ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىنى تاماشا قىلدى. ئۇلارنىڭ تۆت زات قارىشى ۋە ئىپتىدائىي تىبابەتچىلىك تەجىربىلىرى گىرىكلارنىڭ «تۆت قىزىس»، ھىندىلارنىڭ «چارۋاقا» قاراشلىرى بىلەن خەنزۇلارنىڭ «خۇاڭدى سۈۋىن» دەستۇرىدا ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇلارنىڭ ئاتچىلىقى، ئاتقا مىنىپ جەڭ قىلىشى سەنئەت ھۈنەرپەزلىكى، مەي ۋە تائام تېخنىكىسى، كېيىم- كېچەك مەدەنىيىتى، ناخشا ئۇسۇل سەنئىتى، كارۋانكەشلىك تىجارىتى يىراق- يېقىندىكى خەلقلەر ئەللەر تەرىپىدىن قىزغىن قوبۇل قىلىنغان. ئۆز ئەپسانىلىرىدا قوياش ئىلاھى ئاپىللونى ئات قوشقان پەيتۇن ھارۋىدا ئولتۇرۇپ، شەرىقتىن غەرىپكە چېپىپ چىقىدۇ، دەپ تەسۋىرلىگەن گرېكلار تاكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين زامانىسىغىچە ئات قوشقان ھارۋىدا جەڭ قىلىشاتتى. مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرى پادىشاھ جاۋئۇلىن «خور كىيىمى»نى كىيىپ، ئاتلىق قوشۇن تۈزۈش ھەركىتىنى قوزغىدى. چىن سىخۇاڭ ئاتلىق قوشۇن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ئۆز رەقىپلىرىدىن غالىپ چىقتى. خەنۋۇدىنىڭ پەرغانىگە قوشۇن ئەۋەتىشىمۇ، ھەرقايسى سۇلالىلارنىڭ ئات- دۇردۇن سودىلىرىمۇ يەنىلا «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» ياراتقان دۇنياۋى قىممەتنى پىشاڭ قىلغانىدى. ھون- ئاۋارلارنىڭ رىم ئىمپىرىيىسىنى ھالاك قىلىشى، سالجۇق تۈركلىرى، چىڭگىزخان ئارىلاشما قوشۇنلىرى، ئەمىر تۆمۈر ۋە بابۇر چەۋەندازلىرىنىڭ ھىندىقۇش- ئېلبۇرس ئېتەكلىرىدىكى تەنتەنىلىرى «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» ئەنئەنىلىرىنى ئۇل قىلغان. ھازىرقى جاھان خەرىتىسىنىڭ ئېتنىك تەركىبى، چىگرا سىزىقلىرى، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدىغان رەڭ- بوياقلارنىڭ تەكتىگە ئات تاقىسى كۆمۈلگەن! كېيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت، ناخشا- ئۇسۇل مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ دۇنياۋى شۆھرىتى سۈي- تاڭ پادىشاھلىرى، ئەرەپ خەلىپىلىرىنىڭ مەھلىيالىقلىرىنى قوزغاپ، ئوتتۇرا ئەسىر يىپەك يولى كۆكىدە چاقنىغان زەر ساليۇت فونتانلىرىغا ئايلانغان.

ئۇنىڭ ئىككىنچىسى يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلبېغىنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت كارىدورى بولۇش قىممىتىدىن ئىبارەت.
    ئېيتىش كېرەككى، يىپەك يولى كۈللەنگەن ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا غەربى يۇرت بوستانلىقلىرى يولغۇز چارۋىچىلىق- ئاتچىلىق، دېھقانچىلىق ھۈنەرسازلىق ئىچكى ۋە خەلقئارا سوا تىجارەتنى بىرگەۋدە قىلغان ئىگىلىك سېستىمىسى مىخانىزىمىنى ئىشق سېلىپ، گرېك- رىم، ئىران- ھىندىستان، تۇران ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيەت چەمبەرلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تەڭداشسىز كارىدورغا ئايلىنىپ قالماستىن، ئۇ يەنە ھىندى- ياۋروپا تىللىرى، ئورال- ئالتاي تىللىرى، خەن- زاڭ تىللىرى بىلەن بۇ تىللارنىڭ نۇرغۇن گۇرۇپپىلىرىغا مۇناسىپ يېزىقتىكى دەستۇرلار توپلانغان ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت مەركىزى ۋە تىل يېزىق پاۋلىئونىغا (كارىدورىغا) ئايلاندى. بۇ زىمىن يەنە ئەينى زاماندىكى مەدەنىيەتلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرگۈچى ھېكمەت سستىمىلىرى بولغان زورو ئاستېر، مانىي، بۇددا دىنلىرى بىلەن ئىسلام دىنىي تەشەببۇسلىرىنىڭ، شەرق- غەرپ تەبىئەت ۋە تىبابەت ئىلمى نەتىجىلىرىنىڭ جۇغلانما خەزىنىسىگە ئايلاندى. ئالەمدە ئىككىنچى بىر زىمىن بۇنداق جاۋاھىراتلار مۇجەسسەم دەرگاھ شاراپىتىگە نىسىپ بولمىغان بولسا كېرەك. ئويلاپ كۆرۈڭچۇ، بىر قاتار ئۆتمۈش تېپىشماقلىرىنىڭ يىشىلىشى ۋە كەلگۈسىنىڭ باشلىنىشى ھەقىقى قىممەت ئىتىبارى بىلەن بۇ مۇبارەك زىمىنغا تۇتىشىدىغانلىقى ھېچقانداق ئەجەپلىنەرلىك بولمىسا كېرەك.

    ئۇنىڭ ئۈچىنچىسى، غەربى يۇرتتا تاۋلىنىپ چىققان مەدەنىيەتتىكى قوشۇلما قىممەتتىن ئىبارەت.
    ئېيتىش كېرەككى، بىزنىڭ شۆھرەتلىك ئاتا- بوۋىلىرىمىز نوقۇل «كارۋانكەش» ياكى نوقۇل «سارايۋەن» بولغىنى يوق. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپى ئاساسىدا تۇرۇپ، شەرق- غەرپ مەدەنىيەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان قىسىملىرىنى قوبۇل قىلدى، ئۆزگەرتتى. ئۇنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ئىرسىيەت ئۈزىكى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈردى. نەتىجىدە پۈتۈنلەي يېڭى ئۇسلوب- «غەربى يۇرت ئۇسلوبى» شەكىللەندى. بىز بىناكارلىق، ھەيكەلتاراچلىق، رەسساملىق، تەرجىمەشۇناسلىق، ئەدەبىيات، دورىگەرلىك قاتارلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىمىزدىن مۇنداق قوبۇل قىلىپ، ئېشىپ كېتىش خاراكتىرلىك ئالاھىدە قىممەتنى بايقىۋالالايمىز.

يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى
    يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ تارىخى قىممىتى ئۆتمۈشكە تەنتەنە قىلىش ئىستىكى بولماستىن، بەلكى رېئاللىق قوينىدا يىتىلىۋاتقان كەلگۈسى تەقدىرنىڭ تەخىرسىز زۆرۈرىيەتلىرىدىن ئىبارەت. شۇ سەۋەپلىك ھەقىقى تارىخچى بىرىنچىدىن، مەدەنىيەتشۇناس، ئىككىنچىدىن، كەلگۈسىشۇناستۇر.
   ____ خىيال دەپتىرىمدىن (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:
    يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش ھالال ۋىجدان، تارىخىي جاۋاپكارلىق ۋە سەمىمى ھەمدەملىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان مەنىۋى ئەمگەكتۇر.
يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش- قەدىمكى يىپەك يولىدا جارى قىلىنغان ۋە يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نۇرانە جىۋىسىنى گەۋدىلەندۈرەلمىگەن ئىجادىيەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىمىز ھەققىدىكى ئومۇمىيۈزلۈك، تىرەن، ئىلھامبەخش قايتا ئويلىنىشنى مۇقەددىمە قىلىشى كېرەك! بەش ئەسىرلىك قاتتىق ئۇيقىدىن كېيىن، قېقىلىپ-سوقۇلۇپ، يېڭى يىپەك يولى ئالامەتلىرى ئالدىدا كىيىكتەك چۆچۈپ، ئېغىر خورلۇق ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش روھىيىتىدە قورۇنۇپ تۇرغان خەلقىمىزگە ئۇنىڭ ئەجداتلىرى ياراتقان تەڭداشسى مۆجىزىلەرنى تونۇتۇش ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ تۇنجى خىزمىتىدۇر. مەيداندا مەردانە ۋارقىراپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇلار بۇ شۆھرەتلىك تارىختىن خەۋەردار بولۇشقا ھوقۇقلۇق! ئىپتىخارلىق تارىخ - نۇمۇس ۋە ئىپتىخارنى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنى يوقاتمىغان مىللەت ئۈچۈن «ئابى ھايات» ۋە «ئىيسا دىمىدىسى» ھەتتا قەيسىرانە جاسارەت ئويغاتقۇچى نوپۇزلۇق ئاڭدۇر! ئۇنىڭغا تىلەكداشلىق ئىنسانىي قەلبنىڭ ئەقەللى بىشارىتى، ئەلۋەتتە.

      ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىنى قايتا بايقاشقا تۇتۇنغىنىغا 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى. ئەمما، بۇ ئاساسلىقى قېدىرىش تېپىلمىلىرى ئۈستىدىكى ئۇنداق ياكى مۇنداق تەتقىقات بىلەن چەكلەندى. يىپەك يولى ھەققىدىكى قايتا ئويلىنىش خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلدى. بىز بىلەن خەيرلىشىش ئالدىدا تۇرغان 20 ئەسىرنىڭ بېشىدا  خەلقىمىزدىن يىتىشىپ چىققان مەرىپەتچى زاتلار تەرەققى قىلغان غەرپ بىلەن غەپلەتتە ياتقان شەرقنى سېلىشتۇرۇپ يېڭىچە مائارىپ، يېڭىچە تەلىم -تەربىيە، يېڭىچە تۇرمۇش مەدەنىيىتى تەشەببۇسلىرى بىلەن تارىخ سەھنىسىگە چىقىشتى. ئۇلار گەرچە پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق تەشەببۇسلىرى مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ 30- يىللاردىن كېيىنكى يېڭى قاتلىمىنى بېزىدى. بىز شۇ قاتلام موھىتىدا يىتىلدۇق. ۋاھالەنكى، بۇ مەرىپەتچى زاتلار تېخى ئۆز- ئۆزىمىزنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىدا ياراتقان شانلىق تارىخىمىزنى قايتا ئويلاش، ئۇنىڭدىن يېڭى مەرىپەت قۇدرىتى ھاسىل قىلىشنى ئۆز تەشەببۇسلىرىغا تېماتىك سەرلەۋھە قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەنىدى. بۇ ھەرقايسىمىزنىڭ تارىخى نىسىۋىمىز بولۇپ قالدى!
     20-ئەسىر ئاخىرلىشىپ، يېڭى ئىرانىڭ بىرىنچى ئەسىرى بولغان 21- ئەسىر سائىتى سېكونت ساناشقا بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت قالغان مۇشۇ يىللاردا ئۆز ئەقىل- پاراسىتىنى يوقاتمىغان، بولىشىچە جان بېقىش كويىغا چۈشمىگەن زەكىلىرىمىز ئالدىدا پىكىر تىمىلىرى بىلەن تەپەككۇر ئوبىكىتلىرى ھەرقاچانقىدىنمۇ نۇرغۇن. بىز قەدىمكى يىپەك يولىغا كۆمۈلگەن تەپەككۇر- ھېكمەت خەزىنىسىنى ئاچقىنىمىز يوق. بىز يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىنكى زۇلمەتلىك بەش ئەسىر ۋە ئۇنىڭ روھىيىتىمىزگە ئۆزلەشكەن خۇنۇك ئىللەتلىرىنى ئوپراتسىيە قىلغىنىمىز يوق. بىز چىقىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ ئەسىرنى داغىدۇغلۇق پاراڭلار ۋە شېرىن تاماقلاردىن خالىي ھەقىقى تەپەككۇر ئەينىكىدە تەلقىن قىلىپ يەكۈنلەشكە تۇتۇنغىنىمىز يوق. شۇنداق بولىشىغا قارىماي تارىخنىڭ ۋاقىت تۇلپارى ئالدىمىزدا ئىككى ئالىپتە نەرسىنى قويدى: ئۇنىڭ بىرى، يېڭى يىپەك يولى («يىپەك يولى ئىقتىسات بەلبېغى»). ئۇنىڭ يەنە بىرى، يېڭى ئىرانىڭ بىرىنچى ئەسىرى! غەرپكە بۇرۇلۇپ قارىساق، غەرپ ئۇپۇقىدىن مۇشۇ ئەسىر بېشىدىكى مەرىپەتچى زاتلىرىمىزغا ئىلھام بېغىشلىغان ھېلىقى ئورنەكلەر جىلۋىلەنمىدى، شەرققە تىكىلىپ قارىساق، شەرق ئاسمىنىدا كۆرۈنگىنى پەقەت غايە بۆھرانلىرى، ئاقچا ساراسىملىقى بىلەن مەي سىمفونىيىسى بولدى. تەپەككۇرىمىزنىڭ يۈكلىرى كۆپەيدى، «توققۇز كېلىننىڭ تولغىقى تەڭ تۇتتى»!
     بۇ يەردە شۇنىمۇ قوشۇپ كېتەيكى، يېڭى ئەسىر- 21-ئەسىر بىزگە ئۆتكەنكى 17-، 18-، 19- ئەسىردەك دەخلىسىز تەبىئىي ئىگىلىك، ھەپتىلىك سەييارە بازار يەرمەنكىلىرى، ئەۋلات نەسەپ بويىچە ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق، باي- كەمبىغەللىكنىڭ ئادەتلەنگەن كۈنۈكمىلىرى، ئىتىقات ئىزچىللىقى، بولۇپمۇ 20- ئەسىردەك دۇنيانى قاپلىغان يېڭىچە مەسلەك، ئاممىۋى ئىنقىلاپ دولقۇنلىرى بىلەن كىرىپ كلىۋاتقىنى يوق. ئۇ ئىگىلىك قېلىپلىرى بىلەن تۇرمۇش ئۇسۇللىرىدا كۈتۈلمىگەن كاتتا ئۆزگىرىش بىلەن كىرىپ كەلمەكتە. بۇ خەلقىمىزنىڭ روھىيىتى ۋە پىكىر قېلىپلىرىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى. ئالدىمىزدا ئۈچ خىل پائالىيەت ئەھلى گەۋدىلىنىپ چىقتى:
     بىرىنچى خىل كىشىلەر، مىللەتنى قايتا ئويلاندۇرۇپ، ئۇنى قايتا ئويغىتىپ، مىللەت گەۋدىسىدىكى ئۈمدسىزلىك ۋە ئورۇنسىز مەغرۇرلۇق بېسىپ ياتقان بىر قاتار ئىللەت ۋە زەئىپلىكلەرنى يېڭىپ، مىللەتنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى مۇجەسسەملىكىنى كۈچەيتىپ، مىللەتنى قابىل ۋە قادىر ئېتنىك تۈركۈۈمگە ئايلاندۇرۇشنى نىيەت قىلغان مۇنەۋۋەر كىشىلەر ئەھلى. ئۇلار ھاقارەت ۋە خەتەر، بۆھتان ۋە سۈيقەست ئىچىدىمۇ ئۇيقۇ قۇشىنىڭ دۇرۇتلىرىغا دانكودەك ئۆز يۈرىكىنى مەشئەل قىلىپ ئىلگىرىلىمەكتە.
    ئىككىنچى خىل كىشىلەر، ئاللىقاچان ھازىرقى زامان سودا رىقابىتىنىڭ ئۇپقۇنلۇق قايناملىرىدا كۆكرەك كېرىپ چۈشكەن غەۋۋاس- ئويغۇر سودا-تىجارەتچىلىرىدىن ئىبارەت. ئۇلار قانچىلىك تەپەككۇر ھېكمىتىدىن بەھرىمەن ياكى ئەمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر، سومېرلار، كىمىر (سىمىلىيان)- سىكىتلايلار، ئارى-ھونلار، سوغدى- ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئاياغ باسقان قەدىمكى زىمىنلارغا ئۇرۇقتەك چېچىلدى. ئۇلار ھېچقانداق ھامىيلىق ۋە مەرھەمەتتىن بەھرىمەن بولمىغان، ئىستىخيىلىك ھەركەتلىنىۋاتقان، سەرمايىسى چەكلىك مۇساپىر سودىگەرلەر دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان ھەممە مۇشەققەت ۋە پېشكەللىكلەر ئىچىدە يىتىلمەكتە. ئۇلار مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەرنى سادىر قىلىپ مەسخىرىگە ئۇچراپ، خەلقىمىزدىكى پەزىلەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ كىشىلەرنىڭ زوقىنى قوزغاپ، تۇرمۇشتىن تەربىيە، تەجربىدىن تەلىم ئېلىپ، يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئاجايىپ سودا-تىجارەت، مالىيە- ئالاقە ماھىرلىرى بولۇپ چىققۇسى، ئۇلارنىڭ ئىزىغا يېڭى يىپەك يولىنىڭ بىر قاتار مۆجىزىلىرى تىزىلغان.
    ئۈچىنچى خىل كىشىلەر، بۇلار ئۈچ خىل ئىش بىلەن بارغانسىرى پائالىيەتچان بولىۋاتقان كىشىلەردۇر. بۇ ئۈچ خىل ئىش: ئەمەل- مەنسەپ ۋەسۋەسىسى، پىتنە-ئىغۋا ھەسەتچىلىكى، كەيپ- ساپاچۈشكۈنلىكىدىن ئىبارەت. ئۇلار ئېرىشكەن ھالاۋەتلىرى ئىچىدە ئەڭ بىباھا نەرسىنى- ئۆزىنىڭ يورۇق دۇنيا ۋە ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ھەقىقىي ئىنسانىي قىممىتى ۋە تارىخى ئىپتىخارىنى يوقۇتۇپ قويماقتا.
    شۇنداق قىلىپ، يېڭى يىپەك يولى («يىپەك يولى ئىقتىسات بەلبېغى»)نىڭ ئېچىلىشى، يېڭى ئەسرنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى، يېڭى رىقابەتچان بازار ئىگىلىكى تۈزۈمىنىڭ قەد كېرىپ چىقىشى ھەممىمىزنى قوزغىتىۋەتتى. قاغىدەك قارغاپمۇ، مۈشۈكياپىلاقتەك سۈرتەلەت كۆرسىتىپمۇ، تۆگە قۇشتەك بېشىمىزنى قۇمغا تىقىۋېلىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بۇ زامان زۆرۈرىيەتلىرى ئالدىدا نىمىلەرنى ئويلىشىمىز كېرەك؟
    ئەلۋەتتە ئويلىنىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى نۇرغۇن، شۇنداقتىمۇ ئەڭ يىلتىزلىقى مىللەتنىڭ رىيال قىياپىتى، ھەقىقى كىشىلىك قىممىتى، ئۇنىڭ ئونۋرسال رىقابەت ئىقتىدارى ھازىرقى زاماندىكى ئۈچ خىل مىللەت دەرىجىسىدىكى ئورنىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشتىن ئىبارەت.

ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت
ئار- نۇمۇس ۋە رىقابەت جاسارىتىدىكى يالقۇن قوزغاتمىغان مېڭىنىڭ قوزغىتىدىغىنى تەنتەكنىڭ تەمەننىسى بىلەن قورققاقنىڭ شۈركىنىپ تىترىشىدىن باشقا يەنە نېمە بولسۇن؟!
      ____ خىيال دەپتىرىمدىن (ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:

     بىز قەدىمكى يىپەك يولى خاراپلاشقاندىن كېيىنكى كەنجى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپ قىرلىق، كەسكىن رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى دۇنياغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىممىتى بىلەن، راۋاجلانغان مىللەتلەر قاتارىدا گۈللەپ راۋاجلىنىش قىممىتى ئۇنىڭ ئونۋىرسال (ئومۇملاشقان) ئەۋزەللىكىگە ئېگە بولغان رىقابەت ئىختىدارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. ۋاھالەنكى، پۈتۈن ھاياتى كۈچ- ئىقتىدارىنىڭ مەرگەزلىشىشى، مۇجەسسەملىشىشىدىن تەشكىل تاپىدىغان مۇنداق ئونۋىرسال رىقابەت قىممىتى ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن، ھەربىر مىللەت ئۈچۈن، ھەربىر مەملىكەت ئۈچۈنمۇ ئاساسلىق ھايات ۋە قابىلىيەت دەرىجىسىدۇر. ئادەمنىڭ ھاياتى كۈچى، ئىممونت ھالىتى، مىزاج -خىلىتلىرى ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا مۇجەسسەملىشىپ، بەدەننى ئوراپ تۇرغان نۇر چەمبىرىكى- «ئائۇرا»دا جىلۋىلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆتمۈش تارىخى ئەمەس، ھازىرقى ئائىلە- جەمئىيەت- مىللەت ئەھۋالى، مەنىۋى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار ھالىتى ئۇنىڭ ھاياتى سۈپەت ئىقتىدارىنى، رىقابەت ئىقتىدارىنى ۋە ئىجادىيەت كۈچلىرىنى قىسقىسى، ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئونۋىرسال رىقابەت ئىقتىدارىدىكى ئەۋزەللىك ياكى زەئىپلىكنى بەلگىلەيدۇ. پۈتۈن بىر مىللەتتىكى ھەرخىل ئىقتىدار ۋە سۈپەتنىڭ ئونۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارىغا مەرگەزلىشىشىدىكى سەۋەپ شۇكى، يەر يۈزىدىكى نەچچە مىڭلىغان مىللەتنى، تارىختا نامى ئۆچكەن ياكى ھاياتىي ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئۆلچەيدىغان، ئۇلارنىڭ كەگۈسى ھەققىدە «پال» ئاچىدىغان بىرلا مىزان بار، ئۇ بولسىمۇ ئونۋىرسال رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدۇر.

    ئېيتىش كېرەككى، ھەربىر ئادەمنىڭ، مەيلى ئۇ تۇغۇلما قابىل ياكى ساھىپجامال بولسۇن، مەيلى ئۇ ئىقتىساد ياكى ئىلىم- سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسۇن، مەيلى ئۇ يۇقۇرى دەرجىلىك سىياسىئون ياكى جامائەت ئەربابى بولسۇن، ئۇنىڭ كامالەت ياكى مەئىشەت دەرىجىسى، شەخسى ئىززىتى ۋە رىقابەت كۈچى، بەختى ۋە تەقدىر قىسمەتلىرى ئاخىرقى ھىساپتا ئۇنىڭ شەخسى ئىرادىسى ياكى مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ھالقىپ- قاڭقىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان، ئۇ تەۋە ئېتنىك تۈركىمىنىڭ ئومۇمىي ھالەت چەمبىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مانا بۇ شەخس تەقدىرىنىڭ مىللەت ھالىتىگە بېقىنىش قانۇنىدۇر.
    ھازىرقى دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۇلارنىڭ مەلىكە- كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچخىلغا بۆلۈش مۈمكىن. ئۇلار: «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»، «ئىجتىمائىي مىللەت» ۋە «سىياسى مىللەت»تىن ئىبارەت.
1. ئېتنولوگېيىلىك مىللەت دېگەندە، ئومۇمەن مىللەتشۇناسلىق شەرتلىرى بويىچە ئۆلچىگەندە، مىللەتلىك شەرتلىرى تولغان مىللەتنى نەزەردە تۇتىمىز. ئۇيغۇر خەلقى ئۆز مىللى تىل- يېزىقى، تارىخى، فولىكلور بايلىقى، مائارىپ سېستىمىسى، مۇقام- مەشرەپ خەزىنىسى، كىلاسسك ۋە يېڭى زامان ئەدەبىياتى، توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم- يىتىم يۇسۇنلىرى، مىللى مەدەنىيەت ئىرسىيىتى بولغان تىپىك ئېتنىلوگىيىلىك مىللەتلىكى سۆزسىز. ئۇلاردىكى كۆپلىگەن ئىپتىخارلىق خاسىيەتلەر بىلەن بىر قاتار ئىللەتلەر، دەل مۇشۇ ماقامغا يەتكەنلىك، ئەمما ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمىگەنلىك بىلەن توغرا تاناسىپتۇر. كۆپ ھاللاردا ئۇلار مىللەتنىڭ ئىپتىخارى ۋە ئارنۇمۇسىغا چېتىلىدىغان نەرسىلەرگە كۈچلۈك غەزەپ- نەپرەت ئىپادىلىسىمۇ ئۇنى ئاقىلانە تەھلىل قىلىش، راست- يالغىنىنى پەرقلەندۈرۈشتە ئاجىزلىق قىلىدۇ. مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن ئۇلارنى بىر- بىرىگە ھەتتا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە قارشى سۆز- چۆچەككە سېلىش مۇمكىن. مانا بۇ گۇماندا بولۇپ، ئىشەنچتە بولماسلىق، غەزەپتە بولۇپ، ئەقىلدە بولماسلىقتۇر.
2. ئىجتىمائىي مىللەت دېگەنلىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى «تەبىئىي مىللەت» دەپ قاراشقا سېلىشتۇرما قىلىنغان. ئۇ ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۆزىنىڭ بىر بالداق ئۈستۈنلىكى بىلەن خاراتىرلەنگەن مىللەتتۇر. ئەگەر بىز ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى ئومۇمىي تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللىي ھەمدەملىككە ئېرىشمىگەن مىللەت دەپ قارىساق، ئىجتىمائىي مىللەتنى ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۈستۈن قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز- ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭى، كۈچلۈك ئىچكى ئويۇشۇش كۈچى، ئاڭلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە بۇ ئۈچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئونۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلىكىدىن ئىبارەت. دەرۋەقە ئىجتىمائىي مىللەتنىڭمۇ بىر قاتار خۇنۇكلىكلىرى ۋە زەئىپلىكلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئۈستۈن بولىدۇ. ئۇلار بىكار تەلەپ، لايغەزەللىك، تەلۋىلەرچە ھەشىمەتخورلۇق، مىللەتنىڭ ھەمدەملىكىدىن ئېشىپ چۈشكەن يرتۋازلىق، ئۆز مەنپەئەتى ياكى گوروھ مەنپەئەتى ئۈچۈن مىللەت گەۋدىسىنى پېتىقلاپ دەپسەندە قىلىشتىن خېلىلا يىراقلاشقان بولۇپ، بىرياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا خەيرىخاھلىق- تىلەكداشلىق قىلىش ئۇلارنىڭ دائىمىي ئالامىتى.
3. سىياسى مىللەت دېگەن ئىبارە مىللەتلەرنىڭ كامالەت دەرىجىسىنى ئىجتىمائىي مىللەت كاتىگورىيىسىدىن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇپ، ئادەتتىكى سىياسى سەلتەنەت مەنىسىگە قارىتىلمىغان. سىياسى مىللەت ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقۇرى مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، مىللى ئاڭ ۋە بىرلىك- ھەمدەملىككە، رىقابەت ۋە ئىجادىيەت ئۈستۈنلىكىگە ئېگە بولۇش بىلەن  بىرگە ئۆزىنىڭ بىر قاتار ئۆزگىچە ئالامەتلىرى بىلەنمۇ كۆزگە تاشلىنىدۇ.
    ئۇلار يالغۇز پەن- تېخنىكا، توۋار ۋە سودىدا دۇنياۋى تەسىر قوزغاپ قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇشنى تەشكىللەش، تۇرمۇش مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ باشقا خەلقلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغان؛ ئۇلار ئۆز مىللىي تۈركۈمىنى ئەۋزەللىك بىلەن گۈللەندۈرۈپ قالماستىن، يەنە ئۆز- ئۆزىدىن ھالقىغان، ئۆز مىللىتىنىڭ «ئىجتىمائىي مىللەت»، «تەبىئىي مىللەت» چاغلىرىدىكى غەيرى ئىنسانپەرۋەر، غەيرى مەدەنىي ئىللەتلىرىنى ئاشكارا، سېستىمىلىق تەنقىت- مەسخىرە قىلىشقا تۇتۇنغان، بۇ ھەقتە ئەسەرلەر نەشىر قىلىنغان، كىنو- فىلىملەر ئىشلىگەن؛
ئۇلار نەزىريىۋى تەپەككۇر ۋە ئاساسىي نەزىريە تەتقىقاتىدا، ئىنسانىيەت تارىخىنى كەلگۈسى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىزدىنىشىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى.
    توپلىشىپ ياشايدىغان ياپۇنلار بىلەن تارقىلىپ ياشاش ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىلارغا نەزەر سالساقلا كۇپايە. ياپۇنلار كىچىككىنە ئۈنۈمسىز تاشلىق ئارالنى ماكان قىلغان، مەدەنىيەت تارىخىغا خېلىلا كېيىن قەدەم قويغان مىللەت. ئۇلاردىكى ياشاش- رىقابەت كۈچى تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللەتنىڭ قاتتىق ھەمدەملىكىگە شۇ قەدەر زىچ مەرگەزلەشكەنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆز زىمىنىدىكى ۋە چەتئەلدىكى ھەربىر قەدىمى، ھەربىر سۆزى، ھەربىر ھەركىتىگە مىللىي نۇمۇس- ئىپتىخارنى ئۆلچەم قىلغان. ئۇلار خەلق ئېگىلىكى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى يۇقۇچى ئۈنۈمدارلىق مۇمكىنلىكى ئۈستىگە ئويۇشتۇرغان. يەھۇدىلارمۇ ئازغىنە خەلق. ئۇلار تارىخى ھادىسلار سەۋەبىدىن چەتئەللەرگە چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، نەدە تۇرمۇش پاراۋان بولسا شۇ يەرگە ئۆزىنى ئاتماي يەنىلا كىچىككىنە بولسىمۇ، ئانا زىمىنى ئىسرائىلىيىگە تەخرسىز توپلىنىپ، تىز ئارىدا كۈچلۈك رىقابەت قۇدرىتىگە ئېرىشتى.
ئەلۋەتتە، بىرىنچىدىن، ھازىرقى بۇ ئۈچ خىل مىللەت كاتېگورىيىسى تۇغما ياكى ئۆزگەرمەس قېلىپتا قۇيۇلغان ئەمەس. ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ يېتىلىش تارىخىدا بۇ پەللىلەرنى بېسىپ ئۆتىشى ياكى چېكىنىپ تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدىكى يۇقۇرى كاتېگورىيىدە تۇرغان مىللەتمۇ تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ئاجىزلىقلار، بۆھران ۋە زىلزىلىدىن خالى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ يۇقۇرى كامالەتكە يۈزلىنىش مەسىلىسى مەۋجۇت.
     مانا، ھازىرقى جاھان مىللەتلىرىنىڭ قول ئىلكىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى، تۇرمۇش رىسقى، يۈز- ئابروھى، مەتبۇئات نوپۇزى، تونۇلۇش دەرىجىسى، تەسىر دائىرىسىنى بەلگىلەپ تۇرغان ئۈچ تامغا!
مانا ئەمدى ئۆزىمىزگە قايرىلىپ بىر قارايلىچۇ!
    ئىچكى قىسمىمىدىكى ئىززەت ھۆرمىتىمىزنى قىرقىيدىغان، بىرلىك- ھەمدەملىك قورغانلىرىمىزنى غۇلىتىدىغان، مەرىپەت چىنارلىرىمىزنى ئوتۇن قىلىپ كەسلەيدىغان، كىم نەتىجە قازانسا ئۇنى قەستلەيدىغان ئىلەتلىرىمىزنى ئاز دەپ، چەتئەللەرگە ھەج- ھەرەمگە بېرىپ، سۆزلىسە يۈزنى، قارىسا كۆزنى نۇمۇستىن ئۆلتۈرىدىغان ناچار سۈپەتلىرىمىز، ناباپ ئىللەتلىرىمىزنىڭ قايسى بىرىنى ئېيتايلى! دۇنيادا يەنە بىزنىڭ ھالىمىزدىنمۇ تۆۋەنرەك يەنە قانداق ئىنسان تۈركۈملىرى بولسۇن؟ ئەزمە- سۆرەلمىلىكىمىز بىلەن تەنتەك، تارقاقلىقىمىزدىننىمىلەرنى كۆرمىدۇق. يېقىنقى بەش ئەسىر مابەينىدە «ئەۋلىيا چەتتىن، مۇرت بىزدىن» بولۇپ، ئىچكى نىزا ۋە تەپرىقىچىلىكتە ئېرىشكىنىمىز زادى نېمە بولدى؟ بۇ روھى ئىللەت ۋۇجۇدىمىزنى ھېلىمۇ چىرماپ تۇرمامدۇ! تارىختا نام- شەرىپىدىن باشقا ھېچ نەرسىسى قالماي يوقىلىپ تۈگىگەن مىللەتلەرمۇ ئۆز دەۋرىگە يارىشا ئېتنولوگىيىلىك مىللەت ئىدىغۇ! ئۇيغۇرلار شۇ زامانلاردا ساكلار، تۇخارلار، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ، روسىيىلىك ئالىم مىلنۇرانىسكىينىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «ئۇيغۇرىزىم» ھادىسىسىنى، ئامرىكا ئالىمى گرسسارتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «چەتنىڭ قېلىپلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەيدىغان ئۇيغۇر سىستىمىسى»نى ياراتقانىدى. ئۇيغۇر سۆدىگەرلىرى ئىرانلىق رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ، چاڭئەن، كونىستانتىنپول سودا مۇساپىسىنى تىزگىنلەپ، لىياۋ، سۇڭ سۇلالىلىرى بىلەن بولىدىغان ھۆكۈمەت سۆدىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، لىياۋ، سۇڭ ھۆكۈمەتلىرىنى شەھەر سودا مەھكىمىسى ئورنىغا «ئۇيغۇر بارگاھى»نى دەسسىتىشكە مەجبۇر قىلغانىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلار نوقۇل «كەتمەن بىلەن ھوسۇل»، «ناماز بىلەن غۇسۇل»، «دۇتار بىلەن ئۇسۇل»دىن ئىبارەت بارى يوق ئۈچلا شادلىق پىقىرىما چاققا بەنت بولغان مىللەت ئەمەس ئىدى.
ئەمدىلىكتە، بۇ نۇسرەت سۇمۇرغى، بۇ ئىقتىدار بۈركۈتى، بۇ سائادەت ئەنقاسى قېنى؟!

تۈركۈم ئېڭى ۋە ئويۇشۇش كۈچى
ھەقىقى كىشىلىك پەلسەپىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئەقىدىلىك كىشىلەرنىلا ھازىرلاش ئەمەس، دەل ئەكسىچە ئىنساننىڭ ئۆز- ئۆزىنى بىلىشىگە ئەرك ۋە بوشلۇق كۆرسىتىشتۇر.
_____ خىيال دەپتىرىمدىن (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:
     بىز يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كيىن، ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەرنى يوقۇتۇپ قويدۇق. بۇ بىزنىڭ «يۇلتۇز»ىمىزنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولدى. ئۇلار: مىللەتنىڭ تۈركۈم ئېڭى ۋە ئىچكى ئويۇشۇش كۈچىدىن تۆرەلگەن بىرلىك- ھەمدەملىكى، مىللەتنىڭ ئۆز مىلىي مەدەنىيەت تىپىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئەنئەنە ئىزچىللىقى، ئەقىلنىڭ ھىسىياتتىن ئۈستۈنلىكى ۋە ئۇنىڭ يۇقۇرى شەكلى بولغان نەزىريىۋى تەپەككۇردىن ئىبارەت.
قەدىمكى يىپەك يولى ئۆزى داۋام قىلغان ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا خۇددى پەغپۇرچىننىڭ خەزىنىسىدىكى «ئائىنەئى جاھان»دەك، جەمشىد جامى» ۋە ياكى «ئىسكەندەر تىلسىمى» بىلەن «سۇلايمان ئۈزۈكىنىڭ كۆزى» دەك بىقىياس كاتتا، بىتەققاس ئىنچىكە نەرسىلەرنى بىزنىڭ نەزىرىمىزگە تاشلىدى. بىزنىڭ قەدىمكى ئەجاداتلىرىمىز بەدەنلىرىگە گۈل چېكىپ، باشلىرىغا ئۆكە قاداپ، ئۆز ئۇرۇق- قەبىلىلىرىگە توتېم قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئالەم ئەپسانىلىرى ۋە كىشىلىك مىزانلىرىنى بەلگىلەپ، شۇ خىل ئۆزىگە خاس ئەنئەنە ئىزچىللىقىدا شەكىللەندۈرگەن ئۇنداق ياكى مۇنداق «مەدەنىيەت تىپلىرى»نى كۆردۇق. ئۇلار بۇ خىل «توتېم» رىجىلىرى بىلەن مەدەنىيەت تىپلىرى»نى ئۆز- ئۆزىنى بىلىش ۋە پەرقلەندۈرۈش، ئۆز- ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۆز- ئۆزىگە ئېگە بولان ئاساستا باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ قىبلىنامىسى قىلغان. كۆرۈنىشىچە غەلىتە، سۆزلىنىشىچە تولىمۇ قەدىمىي بولغان بۇ نەرسىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقىدىكى ئىنتايىن مۇھىم نەرسە- تۈركۈم ئېڭى گەۋدىلەنگەن.
      ئېيتىش كېرەككى، زەررىدىن بەھەيۋەت كاتتا يۇلتۇزلارغىچە، ھۆجەيرىدىن ئىنسانغىچە تۈركۈملۈك ھالەت ساقلانغان. ھەربىر گۈلنىڭ ئۆز تۈرى، ھەربىر ھايۋاننىڭ ئۆز ئائىلىسى بار. بىرلا تامچە سۇ، بىرلا قەترە نېفت، بىرلا تېمىم يامغۇر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. تۈركۈمدە مەۋجۇتلۇق شەكلى، ھەركەت خاسلىقى، تەرەققىيات قانۇنىيىتى شەكىللىنىدۇ. ئىنسانىيەتمۇ باشتىن- ئاياغ ئۇنداق ياكى مۇنداق تۈركۈم بويىچە ياشايدۇ. مىللەتنىڭ تىل بىرلىكى، تېرتورىيە بىرلىكى، ئىقتىسادى تۇرمۇش بىرلىكى، مەدەنىيەت روھىيىتى قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ تۈركۈمنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقايسى ئىنسان تۈركۈملىرىدە پوتېنسىئال ھالەتتىكى تۈركۈم خايىشچانلىقى مەۋجۇت. ئۇنىڭدا رەسىمىي، ئۆز- ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭىنىڭ بولۇشى دەخلىسىزدۇر. تۈركۈمنىڭ ئىتىراپ قىلىنىشى، تۈركۈم ئېڭى ۋە تۈركۈم مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئالاھىدىلىكلىرى ئىتىراپ قىلىنىشى ۋە ئىتىبارغا ئېلىنىشى ئەقەللىي ئىلمىي ساۋات دائىرىسىدىكى جۈشەنچە، ئەلۋەتتە.
    تۈركۈم ئېڭى- ھەرقايسى ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك مەۋجۇتلىقى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپى، تارىخىي كەچمىشلىرىدىن جۇغلانغان شەرەپ ۋە نۇمۇس ئېڭى، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قاراتقان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئۆز- ئۆزىنى تۈزەش ۋە ئۆز- ئۆزىنى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش جاسارىتى قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان پائالىيەتچان ئاڭ سېستىمىسىدىن ئىبارەت. تۈركۈم ئېڭىنىڭ مەرگىزى ھالقىسى ئۆز مەدەنىيەت تىپىنى بىلىش ۋە ئۆز مەدەنىيەت تىپى بويىچە تەرەققىياتقا يۈزلىىش ئېڭىدۇر.

ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا ئېتنىك جەھەتتىن قېرىنداش بولغان مىللەتلەر مەدەنىيەت جۇغراپىيىسى جەھەتتىن ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت تىپىنىڭ ئىككىنچىسىگە تەۋە بولۇپ كەلدى.
     بىرىنچى مەدەنىيەت تىپى- ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كىشىلىك قارىشىنىڭ مەركىزى ئوقى قىلغان «پەرەڭچە» (ياۋرۇپاچە) مەدەنىيەت تىپى بولۇپ، تەبىئەتكە تەقلت قىلىش، ئىنسان تەبىئىتى قاراشلىرى، تەبىئىي ھوقۇق، تەبىئەت پەلسەپىسى ئەنە شۇ مەركىزىي ئوقنى دەۋر قىلغان. بىز ياۋرۇپا مىللەتلىرىنىڭ ئەپسانە ۋە ئىپتىدائىي ئىتىقاتلىرىغا نەزەر سالساقمۇ تەڭرىلەرنىڭ يېرىم ئىنسان، يېرىم ھايۋان خاراكتىرلىك تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز. ياۋرۇپا مەدەنىيەت تىپى، موزىكىلىق مىلودىيىلەر، رەسساملىق- ھەيكەلتاراچلىقتىكى يالىڭاچ ئوبرازلار، ئەدەبىياتتىكى تەبىئەت ۋە ئىنسان تەبىئىتى لىرىكىلىرى، ئەركىن مۇھەببەت ۋە دوئېل رىجىلىرى، تەبىئەتتە يەنى دېڭىز- ئوكيانلار، ئېگىز تاغلار، خەتەرلىك شارقىراتمىلار، ئىنسان ئايىغى يەتمىگەن ئىقلىملاردا قەھرىمانلىق كۆرسىتىش قاتارلىقلاردىمۇ ئۆز ئالامەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرغان.
ئىككىنچى مەدەنىيەت تىپى- ئىنسان بىلەن مۇقەددەس قۇدرەت (تەڭرى، قۇت)نىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كىشىلىك قارىشىنىڭ مەركىزى ئوقى قىلغان ئاسىيا يايلاق- جەزىرە خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت تىپى بولۇپ، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھادىسلىرىنى تەڭرى قۇدرىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت قانۇنلىرىنى تەڭرى ئىرادىسى ۋە قۇت قائىدىلىرىنىڭ گەۋدىلىنىشى دېگەن قاراشقا ئاساسلىنىدۇ. شەھەرلەرنىڭ مەركىزىيدە ھاكىمىيەت سارايلىرى ئەمەس، ئىبادەتخانىلار قەد كۆتۈرگەن. پادىشاھلار ئۆزلىرىنى تەڭرى ئىرادىسى، ئادالەت قۇتىنى بەجا قىلغۇچىلار دەپ قارايدۇ. پارا ئېلىش ئەمەس، مەلۇم ۋاقىتتا ئورا خەزىنىلىرى تەرتىپلىك «بۇلاڭ- تالاڭ»غا قويۇپ بېرىلىدۇ. چارۋىدارلار چۆللەرگە بۆرە ئوزۇقى ئۈچۈن قوي- كالا تاشلايدۇ. پانئىزىملىق (ۋەھدەت ۋۇجۇت) پەلسەپە، قىساسنى تەڭرىگە تاپشۇرۇش (ئەلقىساسۇل مىنەلھەق)، ئىككى دۇنيا قاراشلىرى بىلەن كەمتەر ياشاش روھىيىتى ئەخلاق ۋە ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى قىلىنىدۇ. ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ باراۋەرلىك مۇناسىۋىتى گۇمانىستىك، ئادالەتلىك پىكىر ئېقىمىدا گەۋدىلەنگەن بولىدۇ. كۆپ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان ۋە ياخشى- يامانلىقنى مىزان قىلغان ئەدەبىيات (مەسىلەن، «شاھنامە»، «مىڭبىر كېچە»، «چاھار دەرۋىش»، «خەمىسە») خەلق ئەدەبىياتى بىلەن كىلاسسك ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ھېساپلىنىدۇ.
ئۈچىنچى مەدەنىيەت تىپى- ئىنسان بىلەن پادىشاھ (ھاكىمىيەت)نىڭ مۇناسىۋىتىنى كىشىلىك قارىشى ۋە كىشىلىك قىممىتىنىڭ مەركىزىي ئوقى قىلغان شەرقى ئاسىياچە ئەنئىنىۋى مەدەنىيەت تىپىدۇر. «زىمىن پادىشاھنىڭ»، «پۇقرا پادىشاھنىڭ»، «كۈللى جاھان پادىشاھقا مەنسۈپتۇر» دېگەن قاراش مۇتلەقلەشتۈرۈلىپ، ئوردا ئەمىر- پەرمانلىرى مۇقەددەس سانىلىدۇ. شەھەر مەركىزىگە خانلىق- بەگلىك قەسىرلەر بىنا قىلىنىدۇ، ئەمەل- مەنسەپكە ئېرىشمەك شەخسنىڭ ئالى بەختى، ئىززىتى ۋە ئارزۇسى ھېساپلىنىدۇ. تەڭرى چۈشەنچىلىرى ئىلاھى ئوبرازلار بىلەن ئەمەس، سەركەردە- باتۇرلىرى بولغان ساماۋى ئىمپىراتۇرلار شەكلىدە زىمىندىن ئاسمانغا كۆچۈرۈلگەن بولىدۇ. پادىشاھقا قۇللۇق ۋە سادىقلىق ئەڭ ئالى پەزىلەت دەپ قارىلىدۇ ۋاھاكازا.
دەرۋەقە بۇ ئۈچ خىل مەدەنيەت تىپى بىر- بىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان تۆمۈر تاختا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆز تىپلىرى بويىچە، بىرىنىڭ يەنە بىرىنى چۈشۈنىپ يېتىشكە بولىدىغان مەنتىقىلىق، روھىيەتلىك، ئادەت- يوسۇنلۇق، مىجەز- خاراكتىرلىك چەكلىمىسى ئېغىر بولۇپ، بىرى بىرىگە غەلىتە تۇيۇلىدۇ. بۇ تەرجىمانمۇ ھەل قىلالمايدىغان دائىرىدۇر.
خەلقىمىز يېقىنقى بەش ئەسىر مابەينىدە ئىككى قېتىم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئېغىر بۆھرانىغا ئۇچرىدى.

ئۇنىڭ بىرى، ئاپپاق خوجا ئەۋجىگە كۆتۈرگەن خوجا- ئىشانچىلىقنىڭ مىللى مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقى بىلەن دالايلاما- جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ئالدىدىكى ساتقۇنلۇقلىرى تۈپەيلى يۈز بەرگەن مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قاششاقلىقىدىن ئىبارەت. بىز بابارەھىم مەشرەپ، مۇھەممەد سىدىق زەلىلى، مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خاراباتى، خوجا جاھان ئەرشى ۋە فۇتۇھىدەك گۇمانىستىك شائىرلارنىڭ سەرگەردانلىق دەشتىگە تاشلىنىشى ۋە قىتىل قىلىنىشى، كاللا مۇنارلىرىنىڭ تىكلىنىشى، كىتاپ- دەستۇرلارنىڭ كۆيدۈرىلىشى، مۇرت- قۇلچىلىقنىڭ ئەۋجەرەپ كېتىشىدىن ئۇنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى كۆرەلەيمىز.
ئۇنىڭ يەنە بىرى، ئۇچىغا چىققان سول ئىدىيىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى قىرقىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا نوقۇل «ياۋرۇپا مەدەنىيىتى»- ياۋرۇپا پەلسەپىسى، تارىخى، ئەدەبىياتىنى دەسسىتىشتە ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىدىن ئىبارەت. نەتىجىدە «ئۆلىمالىق ئەرەپچە»، «ئەپەندىلىك غەرپچە» دېگەندەك ھالەت بىلەن، «ئۆزىنى ئۇنتۇپ ئۆزگىنى بىلمەك»، «ھەقىقەت پەقەت چەتنىڭ دېمەك» دېگەندەك ھالەت شەكىللەندى. بىز پەقەت قەيسىرانە كۆرەش بىلەن 1980- يىللاردىن كېيىنلا ئۆزىمىزنىڭ پەلسەپە تارىخى، مەدەنىيەت تارىخى، سەنئەت تارىخى، كىلاسسك ئەدەبىيات تارىخىمىزنىڭ كۆمۈلۈپ تاشلانغان ۋە ئۇنتۇلغان تارىخى خەزىنىسىنى ئاچتۇق. شۇنداقتىمۇ مىللىتىمىز، ھەتتا ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىز تېخى مەدەنىيەت تىپىمىز ۋە خەزىنىمىزدىن يېتەرلىك خەۋەردار ئەمەس. ئۇلار ئىچكى ۋە سىرتقى تەرەپتىن كېلىدىغان ئىنكارچىلىق، سولچىللىق، قاتماللىق ئىدىيىۋى بېسىملىرى ئالدىدا لەقۋالىشىپ، پالەچلىشىپ، خۇددى خىروئىنغا ئۆگىنىپ قالغان ئادەمگە ئۆخشاش يەنە ھېلىقى «سول» خىروئىننى چەكمىسە تىترەپ- تاتىرىپ تۇرالمايدىغاندەك ئېغىر زەھەرلەنگەنلىكلىرىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ، خەلقىمىزنىڭ «ئىجتىمائىي مىللەت» لىككە كۆتۈرىلىشىگە زامىن بولماقتا.
قېنى ئويلاپ كۆرۈڭچۇ، مەنسەپ تاپسا ئۆيمۇ-ئۆي زىياپەت، پۇل تاپسا مەككە - مەدىنىگە زىيارەت، بۇ ئىككىسى بولمىغاندا كاللا- پاقالچاق، ئۆپكە- ھېسىپ چاغلىق تىجارەتتىن باشقىسىغا قۇربىتى يەتمىگەن خەلقنىڭ ئەسىر ئالماشقان بىلەن رىسقى- نېسىۋىسى ئالمىشارمۇ؟!
دەرۋەقە، مىللەتنىڭ ئويۇشۇش كۈچى ئۇنىڭ تۈركۈم ئېڭى ۋە ئۆز مىللى مەدەنىيەت تىپى تەرىپىدىن پەرۋىش قىلىنىدۇ. ئويۇشۇش كۈچىنى ئىنكار قىلىپ ھەرقانداق مىللىي تۈركۈمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئويۇشۇش كۈچىنى يوققا چىقىرىش مىللەتنى ھالاك قىلىش دېمەكتۇر. مىللەتنىڭ بىرقانچە مىڭ يىللىق تارىخى ئۇنىڭ ئويۇشۇش كۈچىنىڭ ئۇنى چېچىۋەتكۈچى كۈچتىن غەلىبە قىلىشى ئاساسىغا بەرقارار تاپقان تارىختۇر. يېقىنقى بەش ئەسىردىن بۇيان دىنىي مەزھەپچىلىك بىلەن مۇرت- مۇخلىسلىق، يۇرت- مەھەللىۋازلىق، موللام ياكى ئەپەندىلىرىمىزدىكى كىچىك گوروھۋازلىق، ئەل غېمىنى مۇز دەرياغا پىرقىرىتىپ چۆرىۋەتكەن مەنسەپ- بالداق ھېرىسمەنلىكى، تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللى مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىنىڭ تەلۋە دەبدەبىلىرى بىلەن دەل-دەرەخسىز جەزىرىدىكى قۇيۇنتازدەك مەسئۇلىيەتسىز پىتنە- ئىغۋا تۆھمەتخورلىقى قاتارلىق ئالتە زەھەر تۈپەيلىدىن «ئوغۇز سۈتىدەك ئۇيىماق» دېگەن مەنىدىكى «ئۇيغۇر»لار ئاخىرقى ھىساپتا ئۇيۇشۇش كۈچىنى «ئېچىغان سۈت»كە ئايلاندۇرۇپ قويدى. نەتىجىدە ئىسمىمىز ئۇيغۇر، ئىشىمىز ئۇرغۇي» بولۇپ چىقتى!
تارىخىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق سەھىپىلىرى بىر- بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەنسىمۇ، ئەمما بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇيۇشقاقلىق ئۇلىدا جىلۋىلەنگەنىدى. ئۇيغۇرلار دىغار، ھون، تېلى قەبىلىلىرى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنى بىرلەشتۈرۈپ جۇجان ۋە كۆك تۈرك خانلىقىنى غولىتىپ، تاڭ سۇلالىسى سەلتەنەتىنى ئۆڭلۈك- سۆيگۈن قوشۇنلىرى بىلەن تۈبۈتلارنىڭ تالاڭ قىلغۇچ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يىپەك يولىنى نەچچە قېتىم ئۈزۈپ قويغان كۈچلەردىن تازىلاپ، سامانىيلارنى مۇنقەرز قىلىپ، ئۆز تەسىرىنى ئەرەپ خەلىپىلىكىگە كېڭەيتىپ، ئۆز تىلىنى ئىمپېرىيە تىلى- ئەرەپ تىلى بىلەن «بەيگىدىكى ئاتتەك» مەرتىۋىگە كۆتۈرۈپ ئىچكى ئويۇشۇش ۋە سىرتقا قارىتا بىرلىك- ھەمدەملىكنىڭ شاراپىتىنى نامايىش قىلغانىدى. ۋەھالەنكى، ئىسكەندەر زۇلقەر نەيننى چېكىندۈرگەن، ساك، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرگەن، چىڭگىزخان سەلتەنىتىگە مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلىغان بۇ خەلق كېيىنچە ئەھمەتشاھ قارىقاشىنىڭ «ئات ھەققىدە مۇخەممەس» ناملىق ساتىراسىدىكى ئەبگا «ئات» ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى! بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مىللىي تۈركىمىنىڭ ئويۇشۇش كۈچى پەقەت مۇقام - مەشرەپ، تىل-ئەدەبىيات، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يىتىم، ھېيت- ئايەمنى ۋاستە قىلغان ئاددى- تەبىئىي ئېتنولوگىيىلىك ئالامەتلەردىلا قالدى.

ئەنئەنە ئىزچىللىقى ۋە يېڭىلىق قىزغىنلىقى
ئەنئەنە ئىزچىللىقى ئەنئەنە قاتماللىقى ئەمەس، ئەنئەنىنىڭ راۋاجلانغان تارىخىي قاتلاملىقىدىن ئىبارەت.
     _____ خىيال دەپتىرىمدىن (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:
يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغان يەنە بىر موھىم تېپىشماق، مىللەتنىڭ ئونۋېرسال ئەۋزەل رىقابەت ئىقتىدارى، باشقىچە ئېيتقاندا مىللەتنىڭ مىللىيەتلىك قىممىتىنىڭ مۇھىم بىر تارىخىي يىلتىزى ھېساپلانغان ئەنئەنە ئىچىللىقى مەسىلىسىدۇر.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەدەنىي ھاياتىمىزدا ھاكىممۇتلەقلىق دىكتاتۇرا بولۇپ، بارلىق جانلىق، مۇنەۋۋەر ئىدىيىلەرنى چەيلەپ كەلگەن ئىنتايىن «سول»چىل ئېقىملىرىنىڭ يىمىرىلىشى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچى ئېچىۋېتىش ۋە ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ، ئەگىشىپ، بىزگە ھەرخىل مەدەنىيەت تەشەببۇسلىرى كەلكۈندەك ئېقىپ كىردى. يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشى، بازار ئېگىلىكى سېستىمىسىنىڭ مەدەنىيەت تاۋارى ۋە مەدەنىيەت بازىرى بەرپا قىلىش تۈرۈتكىلىرى نەتىجىسىدە مىللىي مەدەنىيەت  ئەنئەنىسى بىلەن يېڭىلىققا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە كەسكىن سوقۇلۇشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى. خەلقىمىزگە قارىتىلغان «كونا ئەنئەنە ۋە مىراسلىرىدىن ئىپتىخارلىنىپ ئەس- ھوشىنى يوقۇتۇپ قويۇش»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىككى ئەسىرىنى قۇچاقلاپ يېتىۋېرىش» دېگەن سۆزلەرمۇ، «يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، تارىخقا، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز» دېگەن سۆزلەرمۇ مۇھاكىمە مۇنبىرىگە چىقتى.
ئېيتىش كېرەككى، ئەجداتلىرىمىزدا قەدىمكى يىپەك يولى گۈللەنگەن زامانلاردا، بىرى تەرەپتىن، چەتكە، يېڭىلىققا، غەيرى ۋە ئىجابى نەرسىلەرگە قىزىقىش روھى ئۈستۈن بولغان، بۇ روھىيەت تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت بېكىنمىچىلىكىنى يېڭىپ «غەربى يۇرت»قا خاس مەدەنىيەت ئۇسلوبى، مەدەنىيەت قوشۇلمىسىنى يارتىپ جاھان مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار ئۆز مەدەنىيەت تىپىنى ئۇنىڭدىكى يادرولۇق تىپىك ئىرسى ئەۋزەللىك ۋە خاسلىقنىڭ ئەنئەنىۋى خەزىنىسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىپ، بارلىق غەيرى خەلقلەر مەدەنىيەتلىرىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغان. بىز خوتەندىن قۇمۇلغىچە بولغان بۇددا- مانى رەسساملىق سەنئەت يادىكارلىقلىرىغا نەزەر سالساق گرېك- ئىران- ھىندىستان تەسۋىرى سەنئەت ئۇتۇقلىرىنى ھەزىم قىلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ قىياپەت- تۇرمىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەممە جەھەتتە ئۆزى ھەزىم قىلغان سەنئەت ئۇتۇقلىرىدىن ئېشىپ، ئۆز ئالدىغا خاس تەۋىرىي سەنئەت سېستىمىسى ۋە ئىجادىيەت ئىستىلى تىكلەپ، دۇنيا رەسساملىق سەنئىتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ، بىزگە «ئەنئەنىگە ۋارىسلىق» بىلەن «يېڭىلىق قوبۇل قىلىش»نىڭ مىللەتنىڭ تۈركۈم ئېڭى، مىللىيەتلىك قىممىتى ۋە مەدەنىيەت سۈپەتلىرىگە توغرا تاناسىپلىقنى، تۈپكى جەھەتتە گاڭگىراپ قالغان مىللەت جۈزئىلىك جەھەتلەردىمۇ گاڭگىراق قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
يېقىنقى بەش ئەسىردىن بېرى، مەدەنىيەت تارىخىمىزنى، ھەتتا ئىلگىرىكى ئىتىقادلاردىكى ئەجداتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشقا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزنى خانىۋەيران قىلىشقا، چەتئەللەرگە سېتىشقا بېرىلدۇق. تاكى مۇشۇ ئەسىر باشلانغىچە دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ غەرپنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە دېمۇگراتىك ئىدىيە ساھەسىدىكى يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەرسىز قالدۇق. بىر زامانلاردا فىئودال بېكىنمىچىلىك ئاسارىتىدە ياۋرۇپا ماللىرىنى «شەيتان تېرىسى»، «شەيتان ھارۋىسى» دەپ قارىدۇق. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز غەزەللىرىدە بۇ خىل روھىيەتنى راسا ياخشى سۆرەتلەپ بەردى. ئەمما بىز ئارىمىزدىن چىققان يېڭىلىق پەرۋەر دانالىرىمىزنىڭ بېشىغا چىقمىغۇچە تىنچىمىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن، بولۇپمۇ 30-، 40- يىللاردىن كېيىنكى زامانلاردا سېۋىت روسىيىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىلگەن شەكىلدە بىزگە يېتىپ كەلگەن يېڭى پەن-مائارىپ بىلەن تونۇشتۇق. بۇ ياخشى باشلىنىش بىر مورىسى يوق كاپىتاندەك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تارىخىمىز ۋە مەدەنىيەت تىپىمىزنى دىققەت- ئىتىبارىدىن چەتلەشتۈرۈپ قويدى. بارا- بارا بىز شەرقنى، ئۆز مەدەنىيەت تىپىمىزنى، ئۆز يىلتىزىمىزنى ئۇنتۇپ، غەرپنىڭ شەرقتىكى قوشۇمچىسىغا ئوخشاپراق قالدۇق! يېقىنقى يىللاردىن بېرىقى سىرىتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش بىلەن سېۋىت روسىيىسى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ ئوكيان ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆلكىلەر ئارقىلىق چايقىلىپ كەلگەن غەرپ مەدەنىيىتىگە دۇچ كەلدۇق. نەتىجىدە، گاڭگىراشتىن توختىماي تۇرۇپلا يەنە گاڭگىراشقا كىرىشتۇق. بىر مۇنچە كىشىلىرىمىز بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت تىپى ۋە مەدەنىيەت ئەۋزەللىكلىرىنى ئۇنتۇشقا كىرىشكەن قېرىنداشلىرىمىزنى دوراپ، يامغۇرنى كۆرۈپلا غۇلاپ چۈشۈپ پاتقاققا ئايلانغان كېسەك تامغا ئوخشاپ قالغىلى قوپتى. ھەرخىل چاچ بوياق- پاسۇنلىرى، غەرپلىكلەرمۇ تازا ياخشى قاراپ كەتمەيدىغان قۇرت- قوڭغۇز شەكىللىك كىيىملەر، مىللىي ئۇسۇللىرىمىزنىڭ لاتاپىتىگە زىر غەلىتە ھەركەتلەر، مۇھەببەت- نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى شەرمى-ھايا گۈزەللىكى ۋە مىللىي ئەخلاققا زىت ئوچۇق سورۇنلاردىكى غىلجىڭ- لالمىلىقلار خەلقنىڭ ھال- ئەھۋالىدىن چەتلەپ كەتكەن شېئىرىي ۋايساشلار «ئىچى غال-غال، تاشى پال-پال» پەرداش مەدەنىيىتىگە دۈم چۈشۈش، زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىش... قاتارلىقلار مەدەنىيەت بوسۇغىمىزنى بۆسۈ ئۆتۈپ، روھىيەت سارايىمىزنى بولغاشقا چۈشتى.
مېنىڭچە، مىللى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى دېگەندە تارىخىمىزنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا يۇقتۇرىۋالغان مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ كامالەتكە يۈزلىنىش روھى بىلەن ھەرقايسى دەۋرلەردە زامانىۋىلىشىش قەدەملىرىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان نەرسىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرمايدۇ. شۇنىڭدەك، مەدەنىيەت توقۇنىشى ھاسىل قىلغان چەتتىن كىرگەن غەيرى مەدەنىيەت تىپلىرى دېگەندە، بىز مىللەت ۋە دۆلەتتىن ھالقىغان پەن- تېخنىكا بىلەن ئىگىلىك باشقۇرۇش بىلىملىرىنى نەزەردە تۇتمايمىز. مېنىڭچە، يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى، مەدەنىيەت تىپى، مەدەنىيەت نەتىجىلىرى بىلەن ھەرقايسى مىلللەتلەر، دۆلەتلەر، رايۇنلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى، مەدەنىيەت تىپى، مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى بىلىش، تەتقىق قىلىش، «ئۆزىدىنمۇ، ئۆزگىلەردىنمۇ خەۋەردار بولۇش» ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىلىش ھادىسىسى ھېساپلىنىدۇ. مەسىلە، باشقا مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش، باشقا مەدەنىيەت بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن جىددى مەسىلە.
ئېيتىش كېرەككى، ھەربىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۆز زامانىسىنىڭ مەدەنىيەت موھىتىدىن ئوزۇقلىنىشىقا، ئۆز- ئۆزىنى جارى قىلىپ يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا مۇھتاج، مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئوزۇقلانمايدىغان ھەيكەل ياكى قاماپ قويۇلغان مەھبۇس ئەمەس.
ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتىنىڭ مەنىۋى ئۇلى، مىللەتنىڭ ئەۋزەل رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ھاياتى بولىقى، دۇنيا مىللەتلىرى مەدىنىيەتلىرى ئارىسىدا ئۆزىگە خاس قەد كېرىپ تۇرۇشنىڭ ئاساسىي. بۇنداق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، راۋاجلاندۇرۇپ، كەڭ- كۈشادە جارى قىلىش بىلەن ئۇنى يەنە باشقا مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ نابۇت قىلىۋېتىشىدىن ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ بۇ مۇرەككەپ مەسىلە.
بىز ھەرخىل مەدەنىيەتلەر ئۇچراشقاندا، بۇ مەدەنىيەتنىڭ سىياسىي ياكى باشقا جەھەتلەر بىلەن تەڭداش مەۋقەدە بولمىغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنىڭدەك بىز مەدەنىيەتلەر ئۇچراشقاندا بىر- بىرىنى چەتكە قېقىش، بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىش، تاللاپ قوبۇل قىلىش، ئۆزگەرتىپ ھەزىم قىلىش، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، ئەسلىدىكى مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كېتىش، دۇنياغا يۈزلەنگەن ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت نەتىجىلىرى يارىتىش جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. تارىخ ھاكىمىيەت قۇدرىتى ئۈستۈن مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتتە ئۈستۈن مىللەتلەر تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، مەدەنىيەت ئۈستۈنلىكى ھەممە ئۈستۈنلىكلەرىنمۇ قۇدرەتلىك، ھاياتىي كۈچكە ئېگە ئىكەنلىكىنى ھەردائىم ئىسپاتلىدى.
مەن غەيرى مەدەنىيەتلەرنىڭ تىپىك، خاسلىققا ئېگە يادرولۇق قىسىملىرىدىن باشقا، ئۆز مەدەنىيىتىگە يېقىن، ئۆز مەدەنىيىتىگە سىڭىشلىق ۋە يارىشىملىق قىسىملىرىنى تەدرىجى قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن غەيرى مەدەنىيەتلەرنىڭ تىپىك، يادرولۇق ئالامەتلىرىنى كەسكىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن. مىللىي ئۇسۇللىرىمىزغا زورلاپ كىرگۈزۈلگەن «پۈت كۆتۈرۈش»، «قىزنى كۆتۈرۈپ پىرقىرىتىش»، قاتارلىق ھەركەتلەرنىڭ سىڭىزلىق بولماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەپ، دەل ئۇنىڭ بالېت ئۇسۇللىرىنىڭ تىپىك- يادرولۇق ھەرىكىتى بولغانلىقىدۇر. ئەزەلدىن بىرخىل مەدەنىيەت  باشقا- باشقا ئىككى يادرولۇق تۈزۈلمە تۈزگەن ئەمەس. تەكىتلەش ھاجەتكى، غەيرىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان ھەرقانداق تەسىر ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپىنى كۈچەيتىش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، مۇنداقا راۋاجلاندۇرۇش ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۇنىڭ ئۆز يادروسى، تۈزۈلمىسى ۋە تىپى بويىچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مەقسەت ۋە ئۆلچەم قىلىشى كېرەك. شۇ چاغدىلا، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تۇراقلىق ئەنئەنىۋى سېستىمىسى ۋە راۋاجلىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

نەزەرىيىۋى تەپەككۇر- رىقابەت جەڭگاھىدىكى كۈچتۈڭگۈر
بىزنىڭ بارلىق پەزىلەت ياكى ئىللەتلىرىمىز بىلەن قۇدرەت ياكى زەئىپلىكلىرىمىز نەزىريىۋى تەپەككۇر دەرىجىمىز بىلەن تۇتاشقان.
____ خىيال دەپتىرىمدىن (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:
يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش تۈپ ماھايىتى جەھەتتىن يىپەك يولى ھادىسلىرى ئۈستىدىكى نەزەرىيىۋى تەپەككۇر پائالىيىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. تارىخ ئۆز ھادىسىلىرى، ۋەقەلىرى، يىلنامىلىرى جەھەتتىن ئۆتمۈشكە، تەكرارلانماس تارىخىي ئىزغا ئايلىنىدۇ. ئەمما تارىخىي ھادىسىلەر ئىچىگە يوشۇرۇنغان ماھىيەتلەر، قانۇنىيەتلەر، تارىخ مەنتىقىلىرى «ئۆلمەيدۇ»، رىياللىق قوينىدا تۇرۇپ، كەگۈسىنىڭ ئۇلىنى راسلايدۇ. نەزەريىۋى تەپەككۇر دەل ئۆلمەس تارىخنىڭ بىلىۋېلىنغان ئاڭ شەكلىدىن ئىبارەت. بۇنداق نەزىريىۋى تەپەككۇردىن مەھرۇم ھالەتتە مىللەتنىڭ كامالەت دەرىجىسىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈش، ئۇنىڭ قىممىتى ئىقتىدارى، نىسىۋىسىنى ياخشىلاش مۇمكىن ئەمەس. بىزنى ئەزەلدىنلا قايناق ھىسىيات تۈرتكىسىدە نەزەريىۋى تەپەككۇر، ئەقىل- پاراسەت تەمكىنلىكىدىن ئايرىلىپ، تەلۋىلەرچە قارىسىغا دەسسەپ كەلگەن خەلق دېيىش ئادالەتسىزلىك. خەلقىمىز ۋە قېرىداشلىرىمىزدىن خېلى نۇرغۇن تەبىئەتشۇناسلار، تىبابەتشۇناسلار، ماتېماتىكا، لوگىكا ۋە تىل ئالىملىرى، پەيلاسۇپ- مۇتۇپەككۇرلار، بىناكار سەنئەت شۇناسلار يىتىشىپ چىققانلىقى ھەممىگە روشەن، شەرقتە كومراجىۋا، غەرپتە ئەل فارابى، شىمالدا تاتۇڭا، جەنۇپتا ئەبۇ رەيھان بېرونى ئالەمشۇمۇل شۆھرەت قازانغان ئالىملار ئىدى. قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى، فىئوداللىق بېكىنمە ھالەت تۈپەيلى نەزەريىۋى تەپەككۇر ئەۋزەللىكىنى يوقاتتۇق. ئۇلۇغبېك ۋاپاتىدىن كېيىن، ئەدىپ- شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆرۈنگەن ئالەمشۇمۇل تەبىئەت ئالىملىرى چىقمىدى. مەنىۋى مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسى سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىنبىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسۇل دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى!  شۇ زامانلاردىكى ناخشا- غەزەللىرىمىزگە قاراپ كۆرەيلىچۇ، ئاساسلىقى «ۋاھ، دەرىخا» دېگەندەك نالەشتىن يىراقلاشمىدى.

بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتېگورىيىسىدىكى «ناخشا- ئۇسۇل مىللىتى»، «شېئىر مىللىتى» بولۇپ قېلىۋەردۇق. بوياقچىدىن ئارتۇقراق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇقراق فىزىكلىرىمىز بولمىدى...
سەنئەتتە داڭ چىقارغان، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت ماكانسىز جاھان كېزىپ، تىلەپ- تېرىپ ياشاشقا چۈشكەن لاماكانلىقى بىلەن، تارىخ بورانلىرىدا چېچىلىپ، جەڭ- جېدەللەردە قىرىلىپ ھالى قالمىغان يەھۇدىلارنىڭ ئىتىقاد، نەزەريىۋى تەپەككۇر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئىتىبارىدىن «ئالىملار مىللىتى»، «قۇردەتلىك، زامانىۋى مىللەت» كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمىدۇق.
«شېئىر مىللىتى» دېگەن نام بىلەن «تالانتلىق»، «ئاتاقلىق» ئىبارىلىرىگە مەست بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمىز نېمىشقا مىللىتىمىزنى «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»دىن ھېچ بولمىغاندا «ئىجتىمائىي مىللەت»لىك ماقامىغا كۆتۈرمىگەنلىكىنى ئويلاپمۇ كۆردۇقمۇ؟ ياكى ئۆز ھالىتىمىزدىن خەۋەرسىز دۇنياغا تونۇلىمىز دەپ يۈرۈپتىمىزمۇ؟! دەرۋەقە، بىر قاتار ئەدەبىيات توملىرىنى نەشىر قىلدۇق، ئەمما ئۇلار بىلەن  ھەقىقى رىياللىقىمىزنىڭ «ئۈچەي- باغرى»نى قانچىلىك سىزىپ بېرەلىدۇقكى؟! ھېچ بولمىغاندا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا  ياشىغان ئەدىپىمىز تەجەللىدىن كېيىنكى ئەدەبىيات ئىجادىيىتىمىزدە ئىلگىرىكى قەلەمكەشلىرىمىزدىن ھالقىغان ياكى پەرقلەنگەن قايسى تەپەككۇر يېڭىلىقىنى، قايسى ھېكمەت دۇردانىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئەقلى بىلىش تارىخىمىزغا تۆھپە قوشتۇق؟! ئەدەبى ئوبزورچىلىق مۇشۇ سۈزۈك مەسىلىلەرنى ئەينەك قىلىپ، ھەق- ناھەق نەرىسىنى ياڭرىتىپ ھالىمىزغا غەمگۇزار بولالىدىمۇ؟! بىلمىدىم، قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ قەلەملىرى بورىۋايدەك نېفىت قاتلاملىرىغا- ھەقىقىي ھال- ئەھۋالىمىزغا يەتمەي، قۇرۇق تاش- توپا قاتلاملىرىدا پىرقىراپ سۈرمەللىشىپ كەتتىمىكى؟!
مىللى مائارىپىمىز ھەممە سەپ بويلاپ كۈچەۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما، شەخسى تۇرمۇشنىڭ چىقىش يولى غېمىدە دىپلوم ۋە خىزمەتكە ئېرىشىۋېلىش ئاساسىي قىزغىنلىق بولۇپ تۇرغاچقا، ھەقىقى قېتىرقىنىپ ئوقۇش بىلەن قاتتىق پەنلەر ۋە كەسپلەرگە قاتتىق ئۇرۇنۇش، نەزەريىۋى پەنلەر بىلەن ئۆتكۈر تېخنولوگىيە پەنلىرى قورغىنىنى ئىگىلەش ھېلىمۇ مائارىپ ئەمەلىيىتىمىزنىڭ مەرگىزى نوقتىسى بولغىنى يوق. ئەكسى ھالدا ئوقۇغۇچىلىرىمىز ۋە ياشلىرىمىزنى ھاراقكەشلىك، زەھەرلىك چېكىملىك، قىمارۋازلىق ۋە بىكارتەلەپلىك قاتتىق قورشاشقا تۇتۇندى!
مىللەتنىڭ ئائىلە قاتلىمى خېلىلا بىسەرەمجان. ئاغزىدىن ئاق سۈت تېمىپ تۇرغان پەرزەنتلىرىمىز سەبى چاغلىرىدىن باشلاپ مىللەت گەۋدىسىدىكى ئىللەتلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ تۇرماقتا. مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىگە داغ چۈشۈرىدىغان تۇرقى- ھالەت، يۈرۈش- تۇرۇش، سۆز- ھەركەت، خۇلۇق- مىجەز قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىزىلەڭگۈلۈك، قوپاللىق... قاتارلىق خۇنۇكلىكلىرىمىز رىقابەت ئىقتىدارىمىزغا، قەدىر- قىممىتىمىزگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بۇ جەھەتتە مەكتەپ ۋە جامائەتچىلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارالىغىنىمىز يوق.
مىللەتنىڭ ئويۇشۇش كۈچى ۋە ھەمدەملىكىنى پارچىلاۋاتقان ئىللەتلەرنى، جۈملىدىن مۇنەۋۋەر كىشىلىرىمىزنىڭ جامائەت ئىچىدىكى يۈكسەك تەسىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنىڭ ئىلھامبەخش كۈچىدىن چۆچۈپ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان پىتنە- ئىغۋا تۈتەكلىرىنى پەرق ئېتىش- ئېتەلمەسلىكىمۇ نەزەريىۋى تەپەككۇر ئېگىزلىكىدىكى ئەقىل- پاراسەتكە باغلىق. بۇنداق ئەقىل- پاراسەت بولمىغاندا، ھابىلنى ئۆز قولى بىلەن ئۇرۇپ، ئۇنى باشقىلار تىلى بىلەن ئادىل ئۇردى دەپ غاپىل كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان جاھىل ئىغۋاچىلارنى تونۇپ يەتكىلى بولمايدۇ. كىيىنكى بەش ئەسىردىن بۇيان بۇ ئىشتا ھەسسىلەپ بەرگەن قۇربانلىرىمىز ئازمۇ؟! ئەلۋەتتە، ئېغىر ئەمەملىرىمىز تۈپەيلى، خەلقتە گۇمان، ئەندىشە، غەزەپنىڭ شۇ قەدەر كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئامما ئەقىل- پاراسەتسىز غەزەپ بىلەن ئۆز پۇتىمىزغا پالتا چاپىمىز، خالاس. سۇلتان ئابدۇرەشتخاننىڭ ئەنە شۇنداق ئىغۋاغا ئالدىنىپ سادىق دوستى مىرزا ھەيدەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى بىلەن، مەزەمزات سۇلتاننىڭ شۇ خىل بۆھتانغا ئىشىنىپ سەردار ئابدۇرۇسۇل بەگنى قەتىل قىلىپ، مەھمۇد پوچىنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ قالغانلىقى پەقەت بۇ جەھەتتىكى ئىككىلا مىسال. كالىندار سەھىپىلىرى تارىخنىڭ يەنە قانداق ئويۇنلىرىنى كۈتۈپ تۇرىشىدىن قەتئىي نەزەر، بىزدە يېتەرلىك تەپەككۇر قابىللىقى بولىسى كېرەك، ئەلۋەتتە!

خاتىمە. ئاچچىق ھەقىقەت، چەكسىز مۇھەببەت
ھەقىقەت تولىمۇ ئاچچىق نەرسە بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە پۈتكۈل شېرىنلىكلەرنى پەرۋىش قىلغۇچى ئۇلۇغ باغۋەندۇر.
     ____ خىيال دەپتىرىمدىن (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:
سىز بىلەن بۇ قېتىملىق سۆھبەتلىرىم ئاخىرلىشىش ئالدىدا سىزگە خۇددى تاھارەت بىلەن روكۇدا ئولتۇرغاندەك ۋىجدانىي ئەقىل- تەپەككۇر تىلەيمەن. سىزگە روشەنكى، يىپەك يولىدا  قايتا ئويلىنىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى نۇرغۇن ۋە كەسكىن. بۇ ھەقتە ئۆزىڭىز مەن كۆزىتەلمىگەنلەرنى كۆزىتىڭ، مەن ئويلاپ يېتەلمىگەنلەرنى ئويلاپ يېتىڭ...
يىپەك يولى قايتا ئېچىلدى. ئۇ ئاللاقانداقتۇر ئەتلەس- كىمخاپلار تاۋلانغان، پەرۋاز قىلساق قاناتلىرىمىزغا چاڭ-توزان قونمايدىغان، بىزگە چوقۇم يەنە بىرقېتىم دۇنياۋى شۆھرەت ئاتا قىلىشنى قارار قىلغان يول ئەمەس. ئۇ، ھازىرقى زاماندا يۈز بېرىشكە باشلاپ، كەگۈسىدە داۋام قىلىدىغان كەسكىن رىقابەت جەڭگاھى، غالىپنى گۈللەندۈرۈپ، مەغلۇبنى گۇمران قىلىدىغان قىسمەت دەرگاھىدۇر. بۇ يولدا سىزگە ئۆز ئەقىل- ئىدراكىڭىزدىن باشقا ھېچقانداق خىزىر رەھناما ئەمەس.
ئەلۋەتتە، ئۈمىدلىك بولۇڭ. بىلىڭكى، يېنىڭىزدا ئۈمىدتىن باشقا رۇستەمى پالۋان ھەمراھ ئەمەس. يېڭى يىپەك يولىمۇ ئەگرى- توقايلىقلار، ناتەكشى ئىلگىرلەشلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ تارىخى ھېكايىسىنى يازىدۇ. ئۇنىڭ تاسقاشلىرى قاتتىق، ئۇنىڭ ئەگلەكلىرى قويۇق. مەلۇمكى، ئۈمىد ئەزەلدىن بىخارامانلىق بىلەن چىقىشالىغان ئەمەس. ئامرېكا مۇھلنبرگ ئۇنۋىرستىتىنىڭ پرافېسورى ئىدگارد سۋائىن 1938-يىلى يۈز بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇرۇشىغا نەزەر تاشلاپ، ئۆزىنىڭ «دۇنيا مەرىپەت تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ خاتىمە قىسمىدا مۇنداق يازغانىدى: «بىز ياشاپ تۇران كائىنات ھەركەتچان كۈچكە تولغان كائىناتتۇر. ئۇنىڭدا بىرەر نەرسىنىڭ تۇرغۇنلىقى ئۇنىڭ چۈشكۈنلىكىنىڭ بىشارىتىدۇر. ئىرغىتىپ تاشلىنىدىغان نەرسە، دەل ئۆزگىرىشتىن توختىخان نەرسىدۇر». بىزمۇ يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش ھەركىتىنى باشلىۋەتكىنىمىزگە مانا ئالتە يىل بولدى. ئۇ چاغدا: «بۇ پاراڭلار بىر ئەسىر بالدۇر قوزغىلىپ قاپتۇ» دېگەن سوستلىرىمىزمۇ بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ پاراڭغا چۈشتى. ئۇلار:
سەۋرى قىلساڭ غورىدىن ئالما پىشۇر،
چەكتىن ئاشسا تاقىتىڭ قەدرىڭ چۈشۇر.
دېگەننى چۈشەندى. ئۇلار ھېس قىلدىكى، بىز تارىخىمىزنىڭقىممەتلىك يېڭى بىر مەرىپەتچىلىك دەۋرىدە تۇرۇپتىمىز.
شۇنداق، يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ تەمكىن ۋە قايناق، كەسكىن ۋە نۇرانە ئۇپۇق سىزىقى كۆرۈندى. بۇنداق ئويلىنىشنى كەلگۈسىگە روھىي ھازىرلىقلىرى بولمىغان يىپەك يولىدىكى ھەممە خەلقلەر باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن.
بىر پۈتۈن تارىخىي خاراكتىرلىك قىممەتنى قۇچاقلاپ تۇرغان يىپەك يولىدىكى قايتا ئويلىنىش ئاچچىق ھەقىقەت بىلەن چەكسىز مۇھەببەتنى، چۇڭقۇر پاراسەت بىلەن قاتتىق جاسارەتنى قوشقان ئىزگۈ ھادىسە. بۇ قېتىم توگە قۇشى بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىپمۇ ئامانلىق تاپالمىسا كېرەك. چۈنكى ئۇچقۇر زامان ئېقىمى قۇم بارخانلىرىنى ئۇچۇرۇپ، تۆگە قۇشىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا يالىڭاچلاپ قويىدۇ. ھېلىقى ئامرېكا ئالىمى ئىدگارد سۋائىن يەنە مۇنداق دېگەن: «گۇمان يوقكى، زامانىمىز خام خىياللار ھالاك بولىدىغان زامان... تۈنۈگۈن ماختانغان نەرسىلىرىمىز ئەمدىلىكتە مەسخىرىگە ئايلاندى»، بۈگۈنكى كۈندىمۇ قانائەتلىنىپ يۈرىۋاتقان كىشىلەر بەكمۇ پەخەس بولسۇنكى، بولمىسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ تولىمۇ چاكىنا ھەم ئەرزىمەسلىكى بىردىنلا بىلىشكە مەجبۇر بولىدۇ.»
خەير- خوش، ئوقۇرمەن!
ئاخىرىدا مەن، سىز بىلەن سۆھبەتلەشكەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىمايدىغان مېڭىلەر ۋە تەۋرەنمەيدىغان مەلەملەرگە ئېچىنىدىغانلىقىمنى ئېيتماقچىمەن. ئامان بولۇڭ، دوستۇم.
       1995- يىل 22- يانۋار، ئۈرۈمچى
مەنبە: «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»
تورغا ئۇزاتقۇچى:م.قادىر( ھۇما)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 10:19:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (11)
ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار

بۇ يىل (1989-يىل) 6-ئايدا مەن تەتقىقاتچى ئىشداشلىرىم بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي ئېتىگىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى بىر قەدەر سېستىمىلىق قايتا كۆزىتىش ئۈچۈن يولغا چىققانىدىم. تۇرپاندا بىر قاتار خارابىلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قەبرىگاھى ئالدىدا سۈكۈتتە بولدۇم. بىر قانچە يىل مۇقەددەم بۇ قەبرە بىر دۆۋە تۇپراق ۋە سارغىيىپ قالغان بىر توپ يانتاق ھالىتىدە زاھىر بولۇپ تۇرغاندا، مەن ئۇنىڭغا بېغىشلاپ «يېشىل ئابىدە» دېگەن قىسقىغىنە شېئىر يازغانىدىم. بۇ قېتىم تۆتلىكنى ئۇنىڭغا بېغىشلىدىم:
يىلسېرى بىلمەكتىمەن قەدرىڭنى خالق ئۇيغۇرى،
يادىكار ئەشئارلىرىڭدىن يورىدى قەلبىم نۇرى.
چاپسىمۇ جاللات سېنى، جاللاتقا يەم قىلغان سېنى،
سەن بىزار بولغان ئاشۇ ھەسەت-خۇسۇمەتنىڭ شورى!
بۇ شېئىرنى خېلىلا ئۈنلۈك ئوقۇساممۇ، لەھەتتىن چىققان سادانى ئاڭلىيالمىغانىدىم. شەھەرگە قايتقىنىمىزدا باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئىسرائىل بىزنى ئۆز خانىسىدا بىر پىيالە چاي ئىچىپ كېتىشكە شۇنچە قاتتىق تۇتتىكى، ھەممىدىن بۇرۇن مەن ئاڭا ماقۇل بولدۇم. ئۆي ئەسقەر ھاجى كارىز يېنىدا بولۇپ، ئالدى كەڭ پىشايۋانلىق سەينا ئىدى. باشقا ھەمرالىرىمىز ئۆرۈكلۈك باغقا كىرىپ كەتتى، مېنى پېشايۋان ئوتتۇرىسىدىكى سېمونت تۈۋرۈك ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالدى. بۇ بىر مېتىر كەڭلىكتىكى شۇنداق تۈۋرۈك ئىدىكى، ئۇنى «شېئىرى لەۋھە» دېگەن تۈزۈك ئىدى. تۈۋرۈكنىڭ بىر يۈزىگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «باردۇر» ناملىق شېئىرى، ئىككىنچى يۈزىگە باشقا شېئىرى مىسرالىرى ھۆسنىخەت بىلەن چېكىلگىنىدى. مېنى بىر ئىلاھىي كۈچ ئىلكىگە ئېلىۋالغاندەك بولدى. ئۈن-تىنسىز ياتقان لەھەت بۇ «شېئىرىي لەۋھە»دە ئاۋازغا كەلگەندەك تۇيغۇ بېغىشلىدى. «شېئىرىي لەۋھە»دىن كۆزۈمگە مۇنداق مىسرالار چاقناشقا باشلىدى:
جاھالەت سەمەرەسىدىن بىزگە كۈن كۆپ جاپا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.
تەئاۋۇنۇ-تاناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.
ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.
بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنى يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىدىن ئاچقانىمىز باردۇر.
خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستاسى ھەم يوقتۇر،
قۇۋلۇقى شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ-رەڭ يالغانىمىز باردۇر.
ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،
مىنىشكە يوق قوتۇر ئېشەك، ياياق قالغانىمىز باردۇر.
قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ باغلىسا بەلنى تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.
***
پەنگە قارشى كاپشىماق، خۇددى ئىتتەك ھاۋشىماق،
خارۇ-زەبۇن ياشىماق، تەرسا-تەتۈر ناداننىڭكى.
***
ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،
گاھ ئۆلۈپ، گاھ تېرىلىپ، كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
مەن مىسال يالاڭ ئاياغ، دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
كۆزۈمنى بىدىن «شېئىرىي لەۋھە»نىڭ بېشىغا يۆتكىسەم، شېئىر ماۋزۇلىرى ماڭا خۇددى «ئۇيغۇرۇم» بۇ ئىللەتلەر ھېلىمۇ بىزدە «باردۇر!» دېگەندەك كۆرۈنۈپ كەتتى... مەن بۇ «شېئىرىي لەۋھە» يېنىدا تۇرۇپ رەسىمگە چۈشتۈم.
2
ئىش بۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشمىدى! قۇمۇل، بارىكۆل، جىمىسار سەپىرىدە خىيالىمنى يېقىنقى يىللاردىكى پاجىئەلىك بىر قاتار ھادىسىلەر چۇلغۇۋالدى. ئاجايىپ- غارايىپ، باش-ئايىغى يوق چەكسىز پىتنە-بۆھتانلارنى ئويدۇرۇپ ئىلىم ۋە ئىجادىيەت بېغىمىزنىڭ ۋايىغا يېتىۋاتقان سەرخىل مىۋىلىرىگە شىۋېرغان ھەيۋىسىنى پىلانلاۋاتقان زادى قايسى قاباھەتلىك قارا سايە؟ بۇ زادى كىم ؟؟؟
چەكسىز دەشت-باياۋاندا، بەھەيۋەت تاغۇ-تاشلار ئارىسىدا خۇددى ۋابا ئالۋاستىلىرىغا قارشى ئاتلانغان قەھرىمان چىستانى ئىلىكبەگنىڭ ئاۋازىدەك «بۇ زادى كىم ؟؟؟» دېگەن نەرە، گۈلدۈرمامىغا ئايلىنىپ تەكرارلانغاندەك بولدى. كۆزۈمگە ھەرخىل ئوبرازلار كۆرۈندى! ئەمما بۇ ئوبرازلارنىڭمۇ ئۆز ئۆمۈرلىرىدە يەنىلا باشقا بىر پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە گىرىپتار بولغانلىقلىرىنى ئويلىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ نادانلىق ۋە ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت «ماخاۋ» كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. تولىمۇ دەبدەبە بىلەن ۋە توختىماي ۋايساش بىلەن باشلانغان بۇ كېسەللىك قانچە مىڭلىغان ھەسەتخورلارنى ۋە ئۇنىڭ بىگۇناھ قۇربانلىرىنى ئوخشاشمىغان ئاچچىق ئارمان بىلەن يورۇق دۇنيادىن قاراڭغۇ لەھەت دىيارىغا سۆرەپ كەتكەندۇ؟!
مۇشۇ ھەسرەتلىك خىياللار بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي قانىتىنى بىر ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ غەربى قانىتىنى بويلاپ قەدىمكى قاراخانىيلار خارابىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش ئۈچۈن قىزىلسۇ ۋە قەشقەر تەرەپكە يولغا چىقتىم. خىيالىم بىردىن قەدىمكى دۇنياغا يۆتكەلدى. ھەتتا ماڭا: «تەكلىماكان، ئۇ ئەسلى تەھتى ماكان» دېگەن شېئىرىمۇ، «قىزىل يۇلغۇن ئەجدادىمىز قانلىرى»دېگەندەك شېئىرلارمۇ ھەسرەتلىك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئاتۇش قۇمساڭىردىكى قارىخانىيلاردىن ئىلگىرى خانلار قەبرىگاھى جايلاشقان سالافلار يارلىقىدا قاتار ئېچىلىپ قالغان مىڭ يىلدىن ئىلگىرىكى جەسەت سۆڭەكلىرىمۇ نوقۇل ئارخېئولوگىيىلىك ئوبيېكت بولماستىن، يەنە مەنىۋى شەجەرىلىك ئوبيېكت بولۇپ كۆرۈندى. كارتون قەغەزدەك نېپىزلەپ كەتكەن بۇنچە نۇرغۇن كاللا سۆڭەكلىرىنىڭ قايسىلىرى ھەسەتخورلۇقنىڭ زەھەر كوزىسى، ئاتەشدانى ۋە قايسىلىرى ھەسەت ھەم پىتنە ئۇۋالى بىلەن ھەسرەتلەنگەن ئەقىل كاسىسى بولغان بولغىيتتى! قېنى «غالىپ»نىڭ ئەسىرلىك شۆھرەت لەۋھەسى؟ زادى قېنى؟!
مانا بىز بۈگۈن تېپىۋالغان ئاقچا بۇللار، سىلىق ئىشلەنگەن قىمار تۆت ھوشۇقى، زىبۇزىننەت پارچىلىرى... قانچە، قانچە رەشكى-ھەسەت، پىتنە-ئىغۋا پەيدا قىلغان ۋە «غالىپ» قولىدىمۇ تۇرمىغان!
بىز خالتا كوچىدەك بۇ ئۈستىخانلىق يارلىقتىن تولىمۇ تەسلىكتە چىقىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا، ئىككى مېتىر تۇپراق تېگىدە قاتار كەتكەن بوتكىلاردەك بېشىنى چىقىرىپ ياتقان ئاپئاق ئادەم سۆڭەكلىرى ھەسرەتلىك خور ئوقۇغاندەك قىلدى. ئۇلار ئاۋاز چىقارماي ياتاتتى، مېنىڭ قەلبىمدە بولسا مۇشۇ كۆرۈنۈشلەردىن خۇددى ئەكس سادادەك شەيخ سەئىدىنىڭ مۇنۇ شېئىرى جاراڭلاشقا باشلىدى:
ھەسەتخورغا ھاجەتسىز تىلىمەك بالا،
چۈنكى بۇ شۇم تەلەي ئۇنىڭ ئىلكىدە!
شەرت ئەمەس ئاداۋەت تۇتماقلىق ئاڭا،
ھەسەت ئۆز رەقىبى يۈرگەن كەينىدە!
بەزى سۆڭەكلەردىن: «ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىكتىن خالىي بولغانلىقىم ئۈچۈن، نەۋرەمنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە ياشىدىم!» دېگەن سۆزلەر ئاڭلانغاندەك بولدى.
3
قولۇمدىن ئۆستەڭگە دومىلاپ چۈشۈپ كەتكەن، ئوخشىمىغان ئىككى دەۋردە ئۈستىگە تامغا سوقۇپ ياسالغان ئىكى دانە مىس پۇلنى قۇملار ئارىسىدىن سۈزىۋېلىپ، قول ياغلىقىمدا ئېرتىۋېتىپ، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىلار خانلىقىنىڭ مۇنقەرز بولىشىدا رەشكى-ھەسەت، پىتنە-ئىغۋا ۋە ساتقۇنلۇقنىڭ ئوينىغان جىنايى رولى ھەققىدە ئويلاندىم. تۇرقى- سىياقى قىياسەن بولسىمۇ رەزىللىكى مۇئەييەن بولغان شەخسلەر كۆز ئالدىمغا كېلىشكە باشلىدى...
ئىركىن، بوسات، تۈمەن قاغانلاردىن باشلانغان، تەڭرى قاغان، مۇيۇنچۇر قاغان زامانىدا روناق تاپقان ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى (745- 840) ۋەزىر قاراقۇۋۇ بىلەن سانغۇن كۇلۇگ باغا ئوتتۇرىسىدىكى ھەسەتچىلىك تۈپەيلى، قاراقۇۋۇنىڭ قاغانلىققا كۆتۈرىلىشىگە چىدالمىغان سەركەردە كۇلۇگ باغانىڭ تەپتارتماستىن، تۈركەش قىزىدىن تۇغۇلغان ۋە تۈبۈت مەلىكىسىگە ئۆيلەنگەن سايان ئالتاي قىرغىز خانى ئاجۇسنىڭ يۈزمىڭ ئاتلىق قوشۇنىنى ئوردىغا باشلاپ كېلىشى بىلەن بىتجىت بولغانىدى!
ھېلىمۇ شۇ تارىخنى ئوقۇغان چېغىمدا خۇددى بىر پاجىئەلىك كۆپ قىسىملىق فىلىم كۆرگەندەك ھەسرەتلىنىمەن. ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرى باشلىغان قارشىلىق ۋە ئىسيان قاتتىق باستۇرۇلدى. ئاجۇسۇ قارابالغاسۇن ئالدىغا كېلىپ شەھەرنى تۇتقۇن قىلىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ئالدىدا مۇنداق غۇرۇرلاندى: «سېنىڭ تەقدىرىڭ پۈتتى! سېنىڭ ئالتۇن ئورداڭنى تېز ئىگىلەيمەن، ئۇنىڭ قاپقىسى ئالدىغا ئېتىمنى باغلايمەن، ئۈستىگە تۇغۇمنى سانچىيمەن! ئەگەر مەن بىلەن جەڭ قىلىشقا چىدىساڭ تىز كەل، چىدىمىساڭ تىز قاچ!» («قىرغىز س س ر تارىخى» 1973-يىلى فرونزى نەشرى، 132-بېتىگە، ياكى ل. گونىلىۋ يازغان «قەدىمكى تۈركلەر» ناملىق كىتاپنىڭ 1967-يىل، موسكىۋا نەشرى. 429-بەتكە قارالسۇن) غالىپ ئۆزىگە سېتىلغان سەركەردىنىڭ بېشىنى ئامان قويمىدى. قار-بوران، ۋابا ئاپىتى، ئاچارچىلىق بىلەن سەرسانلىق- سەرگەردانلىق دالاسىغا تاشلانغان بىر پۈتۈن ئەل- جامائەت ھەر تەرەپكە پىتراشتى. ئۆكەتېگىن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇمۇس، چىسسىن، ناسىچور، ئېنان قاتارلىقلار باشلىغان قەبىلىلەر مۇڭغۇل يايلىقى، ئوردۇس ۋادىسى، مانجۇرىيە دىيارىدا ھېچقانداق مەرھەمەت ۋە پاناھقا ئېرىشەلمەي جەڭ ۋە ئاپەت ئىچىدە يەتتە يىل تەمتىرەپ ھالاك بولۇشتى. سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخچىسى گونىلېۋ «قەدىمكى تۈركلەر» ناملىق كىتابىدا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مۇنقەرز بولۇش جەريانلىرىنى يازغاندا «تولىمۇ پاجىئەلىك، تولىمۇ ئېچىنىشلىق» بۇ تارىخىي ھادىسە «نوقۇل ھەربى- سىياسى سەۋەپلەردىن بولغان ئەمەس» دەپ تەكىتلىدى. ئۇ قارا بالغاسۇن پاجىئەسىنىڭ ئۆكەتېكىن قەبىلىلىرى بېسىپ ئۆتكەن يەتتە يىللىق خار-زارلىقتىكى نادامىتىنى قايتا ئەسلەتتى. مۇشۇ خىلدىكى ھەسەت ۋە نادانلىق توغرۇلۇق ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرىغا ھەسرەتلىك خىتابەتلەر چېكىلگنىدى.
كۆل بىلگە قېدىرخان، سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن باشلانغان ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئۇيغۇر قاراخانىلار خانلىقى (840- 1123) رەسكى-ھەسەت ۋە ئىچكى نىزا بىلەن خېلىلا ئاجىزلىدى. ھەسەت بەزىدە خانلىق تەۋەسىدىكى قەبىلىلەرنى پارچىلىنىشقا قىزىقتۇرسا، بەزىدە ئۆز ئورنىنى كۆتۈرۈش يولىدا ۋەتەن سېتىپ، چەتنىڭ قوشۇنىنى سەلتەنەتكە باشلاپ كىرىشكە ۋەسۋەسە سالدى. مەھمۇدخان سالجۇق سۇلتانىدن ياردەم سورىسا، قارلۇقلار ياغمىلارغا قارشى قارىقىتان شاھى گۆرخان قوشۇنلىرىنى خاندانلىققا باشلاپ كەلدى.
مۇشۇ خىلدىكى ھەسەت ۋە نادانلىق ھەققىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتاتغۇبىلىك»نىڭ 6601-، 5878-، 3416-، 3418-، 3422-بېيتلىرىدە ھەم ھەسرەتلىك، ھەم شىجائەتلىك پىكىر يۈرگۈزىدۇ:
چاياندەك چاقۇرلەر، چىۋىندەك شورارلەر،
ئىتتەك قاۋارلەر، قايسىسىنى ئۇراي مەن.
***
بۇ يالغانچى بىلەن بۇزۇلۇر ئاجۇن،
دۇرۇش چىن كىشى تۇت، ئى قولى ئۇزۇن.
***
كىم ئېسىل بولۇركەن پەزىل- نەسەپتە،
دۈشمىنى كۆپ بولۇر تەرەپ-تەرەپتە.
***
قايۇ ئەركە دۈشمەن يىغىلسا تولۇپ،
بىلىڭكىم، ئۇ ئەرنىڭ پەزىلىتى كۆپ.
***
كۆر، ئىتتىن قاچقان ئۇ بۆرى بولۇرمۇ،
ئاڭلانسا كەينىدىن مىڭ ئىتنىڭ ئۈنى.
بۇنداق رەشكى-ھەسەت يەكەن سەئىدىيە خانلىقى بىلەن ئەرشى سۇلتانلىقىنى پاجىئە دەرياسىغا غەرق قىلىۋەتتى.
سۇلتان سەئىدخاندىن باشلانغان ۋە ئابدۇرەشتخان ۋە ئابدۇكېرىمخان زامانىدا گۈللىنىش مەنسىزىرىسىگە قەدەم قويغان يەكەن سەئىدىيە خانلىقى (1510- 1687) نەمەنگانلىق ئىشان مەخدۇم ئەزەم ئەۋلاتلىرى باشلىغان غايەت زور مىللىي ئىجتىمائىي تەپرىقىچىلىق- «ئاقتاغلىق»، «قاراتاغلىق» ماجرالىرى ئىچىدە «ئاقتاغلىق» ھىدايىتۇللا ئىشان ئاپاق خوجا ساتقۇنلىقى بىلەن مۇنقەرز بولدى! غەلىتىلىكى شۇ ئىدىكى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىلىرىنى تەسەررۇپ قىلىدىغان تەييارتاپ «ئاقتاغلىق» شەيخلەر قەشقەردىكى ھىدايىتۇللا ئاپاق خوجا مازىرىنى تاۋاپ قىلاتتى. يەكەن يېڭىسار ئەتراپىدىكى «قاراتاغلىق» شەيخ ۋە مۇرتلار سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئەۋلاتلىرىدىن مەۋلانە سەئىد قەشقەرى قىزى بىبىچەدىن تۇغۇلغان ئىسھاق ۋەلى بۇ مەزھەپ باشلىقى بولغانلىقى تۈپەيلى، ئاتۇشتىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مازىرىنى تاۋاپ قىلاتتى.
ئاپاق خوجا ۋە خېنىم پاشا قاتارلىقلارنىڭ ئىشانچىلىق تۈسىگە كىرگەن ھەسەتچىلىك ئوتلىرى مىڭلىغان –ئون مىڭلىغان خەلق بېشىغا چىققان ھەم ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىىنمە ھالەتتىكى نادانلىق، ئىتتىپاقسىزلىق جاھالىتىنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى پەلەكە يەتكۈزگەن. «كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر پاجىئەسى» دەپ ئاتالغان بۇ بالا- قازادا ئۇيغۇر ھەسەتچىلىكى مىسلىسىز بەدبەشىرە «جاھالەت دېۋە- پىرلىرى» يارىتالايدىغان شورى قۇرىغان يېڭى مۇمكىنلىكلىرى بىلەن ئىلغار ئىنسانىيەتتىن بارغانسېرى ئايرىلىپ قالدى! يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى نادانلىق ۋە تەپرىقىچىلىققا تېخىمۇ ئەشەددى ۋە ئەسەبىي «كامالەت» شەرتى ھازىرلاپ بەردى.
دانىيال خوجا (؟- 1730) دىن باشلاپ خوجا ياقۇپ ئەرشى (1685- 1755) زامانىدىن «ھۆسەيىن بايقارا دەۋرىدەك گۈللەنگەن» (مۇھەممەد سادىق قەشقەرى سۆزى) ئالتە شەھەر سۇلتانلىقى (1700- 1755)نى ئاپاق خوجىنىڭ نەۋرىسى بۇرھانىدىن خوجا باشلىغان جۇڭغار قوشۇنلىرى «ئاداۋەت مىراسى» تۈپەيلى قانغا غەرق قىلدى! ئەرشىنى، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەم ھەمراھلىرىنى ساتقۇن قۇبات مىرزا قولى بىلەن ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈردى! ئۇيغۇر خەلقى تارىختىكى يېرىم ئەسىر داۋام قىلغان ئاخىرقى بىر ئاسايىشلىق خانلىقنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلدى!
بۇنداق رەشكى- ھەسەت ئۇچقۇنىدىن تارالغان پاجىئەلىك يانغىن ھەققىدە توختالغاندا، موللا مۇسا سايرامى «ئىككى تىللىق قەلەم ۋە ئەقىل ئاجىزلىق قىلىدۇ» دېسە، مۇھەمەد سادىق قەشقەرى چەكسىز غەزەپ بىلەن:
تائەتى ئانىڭ ئوغرىلىق ھەم قاراقچىلىق ھۈنەر،
ھەم ھارامخورلۇق پەزىلەت مۇخلىسى سۇلتانىغا.
ئاشىناسى دۈشمىنىدۇر، مېھرىبانى قاتىلى،
ھەممىنى تاراج ئېتىپ، زەخمەت بېرۇر سۇلتانىغا،
ھېچ قەۋمى، سادىقا، ئۇشبۇ سىفەتلىك بارمىدۇر،
دېۋە، ھايۋان ئار ئېتەر، بۇ شۇمنىكى ھەر كارىغا.
دەپ يازدى. بۇ پاجىئە بىلەن ھەسرەتتە جان ئۆزگەن لىرىك شائىر، دىيانەتلىك سۇلتان ئەرشى مۇنداق نىدا قىلغان؛
يەر يۈزىنى لالەزار ئەتكەي تۆكۈلگەن قانىمىز،
بارچە يارى مۇئتەقىدلەر كۈيلىگەي ئارمانىمىز!
زىيائىنىڭ «مەھزۇنىل ۋائىزىن» (قايغۇلۇق نۇتۇقلار)، ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ «نەسىھەتى ئاممە»، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «ئوقۇدى، ئاشتى»، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ «ئويغان»، «باردۇر» قاتارلىق ئەسەرلىرى مۇشۇ تۆكۈلگەن قان، مۇشۇ كۈيلىنىدىغان ئارماننى ئاقىللارچە دىت بىلەن تونۇپ يېتىش ئاساسىدا يېزىلغان!
ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى ھالاكەت دېڭىزىغا غەرق قىلغان ئاشۇ «ئەزىمەت»لەر ئۆز ئىشىنى «مىللەت» تۇغى ۋە «مېنىڭ بەرھەق» يېپىنچىسى بىلەن ئېلىپ بېرىشمىغانمىدى؟ لۇشۇن ئەپەندى «جۇڭگۇ تارىخىنى ئاختۇرۇپ ئىككى بەھەيۋەت خەتنى تاپتىم. ئۇ بولسىمۇ: ئادەم يېيىش!» دېگەنىدى. ئاڭلىق ھەم ئىجتىھاتلىق، جانلىق ھەم ھەسرەتلىك تەپەككۇر تۆرىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇر تارىخىغا نەزەر تاشلىنىمىزغا، بىزقايسى بەھەيۋەت خەتنى تېپىپ چىقىشىمىز مۇمكىن؟؟
4
قولۇمدىكى مىس ئاقچىلار ئەلۋەتتە ئۇيغۇر خانلىقلىرى دەۋرىنىڭ يادنامىسى. ئۇ خانلىقلار كەلمەسكە كەتكەن! ھازىر قالغىنى پەقەت پۇقرا- ئۇيغۇر خەلقى، بارى يوقى پەقەت مۇشۇ مىللىي ئىجتىمائىي گەۋدە. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مۇتۇپەككۇرلىرىنىڭ بىۋاستە ئەمەلىي تەپەككۇرىدا جاھالەت ۋە ھەسەت شۇنداق ئەندىشىلىك ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەنكى، «ئەگەر يوق بولسا ھازىرلىق بۇ مىللەت ھەم يوقالغايمۇ؟» دېگەن ئادا- جۇدالىق دەرىجىسىگە يەتكەن! بۇ ھازىرلىق- مىللەتنى ئەقلىي مىللەتكە، زامانىۋى ئاڭدىكى بىلىملىك مىللەتكە، جۈملىدىن مىلەتنى ھەسەتكە نەپرەت ۋە لەنەت ياغدۇرىدىغان مىللەتكە، ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىنى قىلچە زەخىملەندۈرىدىغان ھەرقانداق سۆز- ھەركەتكە شەرتسىز ھەم رەھىمسىز قارشى تۇرۇپ، ھەسەت ئالۋاستىلىرىنى مىللەت ئەمجۈمەنىدىن لەنەت جەزىرىسىگە ئىرغىتىپ تاشلايدىغان مىللەتكە ئايلاندۇرۇش ھازىرلىقىدىن ئىبارەت! چۈنكى، ئەمدىلىكتە مىللەتنى سۆيۈش قانداقتۇ ئۆتكەن خانلىقلار ھەققىدە خامۇش لاپ ئۇرۇش بىلەن ئەمەس ياكى قانداقتۇ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەيدىغان پىتنە- پاسات ۋە يالا- تۆھمەت بىلەن ئەمەس، قانداقتۇ مۈشۈكياپىلاقتەك جىمغۇر بولىۋېلىپ، سوغوق قول سېلىپ قىرقىپ تاشلاش بىلەن ئەمەس، دەل بۇلارنىڭ ئەكسىچە، بىلىم ۋە ئىناقلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى ھاياتىي كۈچ ئۈستىدە ۋىجدانىي باش قاتۇرۇش ۋە ئىشلەش بىلەن ئۆلچىنىدىغان بولدى! مۇشۇ نوقتىدىن ئەشەددىي ھەسەتخورلارنى مىللەتنى ھالاكەتكە ئىتتەرگۈچىلەر دەپ ئەيىپلىشىمىز مۇمكىن. ئۇلارنى تارىخىمىزنىڭ سەلتەنەت دۇردانىلىرىنى ھالاكەت دېڭىزىغا غەرق قىلىدىغان ئاشۇ ئەسەبىي جىنايەتكار ئەرۋاھنىڭ بۈگۈنكى ۋارسلىرى، دەپ ئاتاشقا ھەقلىق ئەمەسمىزمۇ؟
بەزىلەر: «ھەسەت شەخسكە قارىتىلغان، مىللەتكە، دۆلەتكە قارىتىلغان ھەسەت بولمايدۇ» دېيىشى مۇمكىن. بۇ دەل شەخسكە قاراتقان ھەسەتنىڭ «مىللەت» تۇغىنى كۆتۈرىۋېلىشىدىكى بىر باھانىسى، خالاس! ھەسەت شەخسكە قارىتىلغان شەكىلدە باشلىنىپ، مىللەتنىڭ ئويۇشۇش كۈچىنى پارچىلاپ، مىللەتنى، دۆلەتنى خانىۋەيران قىلىدىغانلىقىنى مەن «روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى» ناملىق ماقالەمنىڭ تۇنجى تېمىسى- «ھەسەتخورلۇق مىللەتنى خاراپلاشتۇرىدىغان خەتەرلىك روھى ئىللەت» تە بەش قاتلاملىق نوقتا بىلەن شەرھىلەپ ئۆتكەنىدىن. بۇ تارىخ تەكرار ئىسپاتلىغان ھەقىقەت! ئۇنى قايتا ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشتەك قىيامەت خورلىقىدىن خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!
خوجا مەھمۇد پوچى بايانداي جەڭلىرىدە ياغاچتىن «پو» ياساپ ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى قاتارىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغانىدى. ئۇ كېيىن مەزەمزات سۇلتاننىڭ قولتۇقىغا كىرىۋېلىپ، ئىلى سۇلتانلىقىدىكى باش سەركەردە ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈش پاجىئەسىنى پەيدا قىلدى. بۇ «شەخسكە قارىتىلغان ھەسەت» ئىدىغۇ؟
ئەلشىر ناۋائىنىڭ سۇلتان ھۈھەيىن بايقارا بىلەن بولغان بۇرادەرلىكى تۈپەيلى رەشك- ھەسەتكە چۆككەن مەجىددىن مۇھەممەد ئەينى زاماندا ۋەزىر نىزامۇل مۈلۈككە سۈيقەست ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋەزىر بولغانىدى. مەجىدىددىن مۇھەممەد ۋەزىرلىككە چىقىپ، گەرچە «دۆلەت خەزىنىسى مەنپەئەتى ئۈچۈن» نىزامۇل مۈلۈك ۋاقتىدىكى ئىككى تۈمەن پۇللۇق كىرىمنى بىردىنلا ئىككى مىڭ تۈمەن پۇللۇق غايەت زور كىرىمگە كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆز ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ ساددا مەنپەئەت تېشى بىلەن ئەقىل ۋە ئەخلاق دۇردانىلىرىنى سۇندۇرۇشقا باشلىغانىدى. ئۇنىڭ ئەلشىر ناۋائىنى پايتەختتىن چەتلەشتۈرىشى بەلخ ھاكىمى دەرۋىش ئەلى باشلىغان ئىسياننى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، مەجىدىددىن مۇھەممەد ئۆز ئورنىنى يەنە نىزامۇل مۈلۈككە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋە پايتەختتە تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋېلىنغان ئەلشىر ناۋائىنىڭ نەپرىتىگە دۇچار بولۇشقا مەجبۇ بولدى. بۇنداق ھەسەتخورلۇققا ئىبىنسىنا (رەقىبى تاجۇلمۈلۈك)، ئۇلۇغبېك (رەقىبى خۇجا ئەبەيدۇللا ئەھرار) ھەم دۇچ كەلگەن.
ئۇلۇغبېك ئۆزىنىڭ ئەقىلپەرۋەرلىكى، ئىلىم-پەن، شېئىرىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى تۈپەيلى خوجا ئەھرارنى روھى تىرەك قىلغان مۇتىئەسسىپ كۈچلەر تەرىپىدىن ھەسەت دېڭىزىغا تاشلاندى. مۇشۇ مۇتەئەسسىپ كۈچلەر «دىنىي ئەنئەنىنى قوغداش» نىقابىدا ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇلەتىپنى ھاياجانلاندۇرىۋەتتى. مۇتەئەسسىپ روھىيەت نوپۇزلۇقلىرى تەرىپىدىن ئالدانغان ئابدۇلەتىپ 1449-يىلى 27-ئەكتەبىر كۈنى دادىسى ئۇلۇغبەكنى قەتىل قىلىۋەتتى!
ھەممىگە مەلۇم، شائىرە ئاماننىسا خېنىمنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋە سەنئەتپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئوردا ئىچى ۋە سىرىتىدىكى رەشكچىلەرنىڭ پىتنە- بۆھتانلىرىدىن خالىي بولالمىغان، نەتىجىدە، ئاتالمىش «شەخسكە قارىتىلغان ھەسەت» ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ھالاكىتى قانۇنىيەتلىرى بويىچە مىللەتكە زەبۇنلۇق لاتقىلىرى تاشلىغان!
ئەلشىر ناۋائى نامەرد ھەسەتخورلۇققا مەردانە تاقابىللىق توغرىسىدا مۇنداق يازغان:
مەرد كىشىدۇر خىزمەتىدىن قايتۇرمىغان باش،
گەر ئاسماندىن باشىگە ياغسە ھەم تاش.
گەر ئول تاشلار بىلەن باشىڭ يارىلغاي،
سەئادەت بەلگۈسى ئول ئورنى قالغاي.
مۇھەممەد سىددىق زەلىلى ھەسەتخورلۇقنىڭ ئىجتىمائىي ئاقىۋىتى ئۈستىدە مۇنداق يازغان:
ئەگرىلىكتىن جەمەن ئىچرە تىكەن،
خار تۇرۇر گەر گۈل ئىچرە ۋەتەن.
***
بۇ پىشە سەر ھەدىدە ھەر تەرەف يۈز شىرۇ ئەجدەرھا،
خەلايىقنىڭ كۆزىدە پەردە غەفلەت، نۇر ئەيان بولماس.
مۇھەممەد ئابدۇللا خاراباتى پىتنە- ھەسەتنى مىللىي ئاپەتنىڭ ئۇرۇقى سۈپىتىدە مۇنداق ئەيىپلەبلەيدۇ:
فىتنى قىلماق خۇنى ناھەقتىن يامان،
فىتنىچى قالماس جەھەننەمدىن ئەمان.
***
خۇنى ناھەق فىتنەدىن پەيدا بولۇر،
فىتنەدىن ئالەمدە كۆپ غەۋغا بولۇر.
***
ئۇشبۇ ئالەم فىتنەدىن بولغاي خەراب،
فىتنەدىن كۆپرەك كىشى كۆرگەي ئەزاب.
مۇتۇپەككۇر ئەجداتلىرىمىز پىتنە-ھەسەتنىڭ ئىجتىمائىي ئاقىۋىتىنى قانداق روشەن كۆزەتكەن- ھە!
5
بالاساغۇن كونا خارابىسى ۋە يوقالغان قارا ئارچا ــ «ئارتۇچ» قالدۇقلىرىنى ئىزدەش جەريانىدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ جىيەنى، ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ سىڭلىسى ھەلىمىخاننىڭ ئوغلى مەشھۇر ئۆلىما زەينۇل ئابىددىن مەۋلەۋى دامۇللا ھاجىم بىلەن ئۇچراشتىم، بىز بىلەن مەھەللىداش بۇ كىشى ماڭا خوجا- ئىشان ئەۋلاتلىرىدىن ئاتۇشتىكى بىردىنبىر خانىقا ئىگىسى بولمىش () بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بىر قېتىملىق سۆھبىتىنى سۆزلەپ بەردى.
ئىشان: «ئىبلىسنىڭ بەدبەشىرە سەيتانغا ئايلىنىشىدىكى سەۋەپ نېمىدىن؟» دەپ سۇئال قويغان.
داموللام: ئاللاھ ياراتقان ۋە ھەممىنى بىلەرلىكى بىلەن مالائىكىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرغان ئادەمگە كېبىر- ھەسەت تۇتقانلىقى، شۇنىڭدەك مالائىكىلەر ئارىسىدا تەپرىق پەيدا قىلىدىغان بۆھتان بىلەن شۇغۇللانغىنى ۋەجىدىن» دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئىشان: «شۇ شەيتاننىڭ بىشارىتى نىمە بولغاي؟» دەپ سۇئال قويغان.
داموللام: «نادانلىقتا ياتقان خەلقتىن چىققان نادان ئىشاننىڭ نادانلىقىنى تەرغىپ قىلىشىدىن ئىبارەت» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئىشان دۇدۇقلىغىنىچە بۇ سورۇندىن چىقىپ كەتكەن.
ئابدۇقادىر داموللام بىننى ئابدۇۋارىس 20- ئەسىر مۇقەددىمىسىدىكى مەشۇر ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ئالىم، جەدىتىزىمچى مۇتەپەككۇر ۋە تالانتلىق شائىر ئىدى. ئۇنى رەشىكچى بايلار بىلەن ھەسەتخور ئۆلىما- زىيالىلار شېۋىت مىسسىئونېرلىرى ۋە نادان ئەمەلدارلار بىلەن تىل بىركتۈرۈپ 1924-يىلى ھېلىم (تاز) مەزىننىڭ قولىدا قولىدا قەتىل قىلىۋېتىشتى. بۇ سۈيقەستكە ئەينى زامان ۋە ئىلگىرىكى زاماننىڭ بەدنىيەت جاسۇسلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇھ ــ «مىللەتپەرۋەر ئۆلىما» قىياپىتىگە كىرىۋالغان كەسپىي تۆھمەتخورلارمۇ پائال قاتناشتى. بۇ رەشىك- ھەسەت پاجىئەسىدىن زارلانغان خەلق:
داموللام شېھىت بولدى،
ياتار جايى بېھىش بولدى.
داموللامغا قەشقەرلىق،
كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى.
دەپ قوشاق قاتتى. مانا بۇ ئەل قەلبىدىكى بېھىش ئىدى! ھۈسەيىنخان تەجەللى، مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق)، قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر شائىرلار مەرىسىيە يېزىپ، ئۇنى ھىدايەت كانى، ئالى ھىممەتلىك ئۇستاز، كەرەملىك دېڭىز، خەلق غەمگۇزارى، ئالىي تەپەككۇر ئىگىسى، ھەقىقى ئىسلاھاتچى ئالىم دەپ تەرپلەپ، ئۇنىڭ كۆز يۇمغانلىقىغا نادامەت قىلىشتى
ئۇنىڭ سۆزلىرى مىللەتنىڭ روناق تېپىشى بىلەن نادانلىق ۋە ھەسەتخورلۇقنىڭ ئوت بىلەن سۇدەك زىددىيىتىنى ئېچىپ بەردى. ئۇ ئەقايىد زەرۈرىيە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغانىدى:
ــ ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا سەۋەپ نېمەدۇر؟
ــ ئىككى نەرسىدۇر: بىرى جاھىللىق ۋە نادانلىق، ئىككىنچىسى، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر.
ــ ئىززەت- ھۆرمەت، كۈچ- قۇۋۋەت نىمە بىلەن ھاسىل بولۇر؟
ــ ئىلىم- مەرىپەت ھەم ئىتتىپاقلىق بىلەن ھاسىل بولۇر.
ئابدۇقادىر داموللام «قۇتادغۇبىلىك»، «ھىببەتۇل ھەقايىق» داستانلىرىدا تەكىتلەنگەن «بىلىگ» ــ ئىلىم-پەن قاراشلىرىغا يەنە مىللەتنىڭ ئويۇشقاق كۈچى ــ بىرلىك، ھەمدەملىكتېماتىكىسىنى قوشتى! ئۇ شۇنداق قىلىپ پولاتتەك مۇستەھكەم ئەقىدىگە ئىگە مەدەنىيەتلىك مىلەت غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قانۇنىيەتلىك زۆرۈرىيەتلىرىنى روشەنلەشتۈرۈپ بەردى. ئۇنىڭ قاتىلى تېگى –تەكتىدىن ئالغاندا، نادانلىق ۋە ھەسەتتىن ئىبارەت رېئال ئەللەتنىڭ پاجىئەلىك راۋاجلانغانلىقى بولدى!
ئابدۇقادىر داموللام «مۇخەممەس» ناملىق 120 كوپلېتتىن تەشكىل تاپقان مەشھۇر داستانىدا نادانلىق ۋە ھەسەتنىڭ ئەينى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتلام ۋە ساھەلىرىدىكى ئىپادىلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى. بولۇپمۇ ئۇ قەلەم ۋە تىل بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شائىر، ئەدىپ، تەرجىمان، مىرزىلار ئۈستىدە توختالغاندا ئۇلارنى يارىماس قىلىق ۋە جىنايى پىتنە- بۆھتاندىن يىراق بولۇپ، خەلقنى ئىلىمگە ۋە بىرلىك –ئىتتىپاقلىققا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى نىشان خاراكتىرلىك خزمەتنى ئاڭلىق ئىشلەشكە دەۋەت قىلدى. ئۇ:
قارانى ئاق ئەيلىمەك، ئاقنى قارا كارى قەلەم،
بۇ سەبەبدىن دائىما ئەكسەرلەگە يەتمىش ئەلەم.
***
ھەممىدىن بەتتەر قەلەمگىر بولسا گەر ئەھلى شەرەر،
ئەل ھەزەر، سۇممەل ھەزەر، سۇممەل ھەزەر، سۇممەل ھەزەر.
دەپ يازدى. ئۇ شائىر، ئەدىبلەرنىڭ ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان مەسخىرىۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئورنىغا دوستانىلىقنى ئۆستۈرىدىغان ۋەسىفى بايان بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە نەپسى شەيتان كەينىگە كىرمەي، ئەقىل بىلەن ئىش تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئابدۇقادىر داموللام «مىۋىلەر مۇنازىرىسى» ناملىق يەنە بىر داستانىدا ئۆلىما- زىيالىلار ئارىسىدىكى بىر-بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىش ۋە رەشكى-ھەسەتچىلىكنى پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ روھىيەت باغچىسىدا ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن تۇتىشى، بىر-بىرىن قوللىشى لازىملىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭچە، بۇ باغ ھەرخىل مىۋىگە مۇختاج. ئابدۇقادىر داموللام بىرمىللەتتە سۇلتان بولمىغاندىمۇ دانا پىر- ئۇستاز بولۇش لازىم، ئۇ قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى دەپ قارايتتى. بۇ خوجىلار دەۋردە ياشىغان ئابدۇللا خاراباتىنىڭ «مەسنەۋى خاراباتى»ناملىق ئەسىرىدە ئوخشاش رەۋىشتە مۇنداق تىلغا ئېلىنغان:
ئەھلى دانا مەشئەلى روھى زەمىن،
كىمدە مەشئەل بولسا تۈن خەۋفتىن ئەمىن.
ئەي بەرادەر، بولما داناسىز بۇ كۈن،
بولماغىل ھەرگىزمۇ مەشئەلسىز بۇ كۈن.
ھەر دىيارىنىڭ چىراغى ئالىمى،
ھەر قارا تۈننىڭكى ماھى ئالىمى.
زەينۇل ئابىددىن مەۋلەۋى دامۇللا ھاجىم بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كېيىن مەن ئۆيگە قايتتىم. نادانلىق ۋە رەشكى ھەسەتنىڭ يېقىنقى ۋە قەدىمكى پاجىئەلىرى ئۈستىدىكى ھەسرەتلىك ئەسلىمىلىرىمنى تەپەككۇر تەلقىنلىرىگە سېلىپ، تۈن نىسبىگىچە ئۇيقۇ ئارامىغا كىرەلمىدىم. كۆزۈمگە ھېلىمۇ تاز مەزىنلىكنى راۋا كۆرگۈچى تائىپە بىلەن ھەسەت پاجىئەسىنى پىلانلىغۇچى ئاتامانلارنىڭ خۇنۇك تەلەتى كۆرۈنگەندەك بولدى. ھەسرەتلىكى شۇكى، بۇ خىل پىرسوناجلار ئەينى زامانلاردا كىشىلەر كۆزىگە ئەسلى قىياپەتلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە كۈزەل ۋە نەپىس قىياپەتلىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ. پەقەت مۇقەددەس ۋاقىتلا ئۇلارنى كىيىنكى ئاۋلاتلار ئالدىغا ئەسلى قىياپىتى بويىچە يالىڭاچلاپ قويۇدۇ. ۋاھالەنكى، بۇنداق يالىڭاچلاپ قويۇش ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر بەدىلىگە ئورۇندىلىدۇ. خالاس!
6
بۇ يىل «خەلق تىياتىرى»دا كەچلىك كونسېرتقا قاتناشتىم. مەن ئويۇن باشلىنىپ قالغاندا زالغا كىرىپ ئورنۇمنى ېپىۋالغانىدىم. سەھنىدە ئاتاقلىق بىر ئايال ئۇسۇلچى ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۇسۇلى مېنى خېلىلا مەھلىيا قىلغانىدى. ئارقامدىكى قاتاردا ئولتۇرغان يەنە بىر ئاتاقلىق ئەر ئۇسسۇلچى يېنىدىكى ھەمراھلىرىغا قاراپ: «ئۇ قېرىنى سەھنىدىن چۈشۈرىۋەتسۇن، بېلى قېتىپ ئىگىلەلمەي قاپتۇ...» دەپ سۆزلەپ كەتتى. بىز تونۇشاتتۇق، ئەمما قاراڭغۇدا ئۇ مېنى ئارقا تەرىپىمدىن تونالماي قالدى. مەن ھەيران بولدۇم، ئۇلار بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن ئىدى. تەرلەپ كەتتىم، تامچىغان تەرمۇنچاقلىرى بىلەن بۇ ھەسەتنىڭ ھۆرمىتى ئىلگىرىكى ئېگىزلىكتىن پەسكە دۇمىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. يادىمغا يەنىلا سەئىدىنىڭ مۇنۇ بېيىتى كەلدى:
رەھىمسىز ھەي ھەرە سۆزۈمنى ئاڭلا:
ھەسەل بەرمىسەڭمۇ، نەشتەر سانجىما!
كۆز ئالدىمدىن ھەسەتنىڭ ھەرخىل شەكىل نۇسخىلىرى ئۆتۈشكە باشلىدى. سايلام ھەسەتلىرى، مۇكاپات ھەسەتلىرى، ئەسەر نەشىر قىلىش ھەسەتلىرى، ئىلمىي مۇۋەپپەقيەت ھەسەتلىرى، ئۇنۋان باھالاش ھەسەتلىرى، ئەمەل- دەرىجە ئۈستۈرۈش ھەسەتلىرى، توي-تۆكۈن ھەسەتلىرى، ئۈلپەت ۋە مەشرەپ ھەسەتلرى، يۇرتۋازلىق ھەسەتلىرى، قەددى- قامەت ھەسەتلىرى، بەختۇ-ئامەت ھەسەتلىرى... قارىماققا، بۇ خۇنۇك ئىللەتنىڭ رەڭگا رەڭ شەكلىگە خېلىلا قېنىقارلىق دەرىجىدە باي ئىكەنمىز.
ھەيران بولىمەن. ئومۇمەن خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىنى بېيىتىش ۋە جانلاندۇرۇش، ئۇزاق داۋام قىلغان مەدىنىي تارىخىمىزنى ئۈزۈلدۈرمەي راۋاجلاندۇرۇش يولىنى بويلاپ ھالال ئەجرى ئەمگىگى بىلەن نەتىجە قازانغانلارنى قوللاش بىر پۈتۈن مىللەت، مىللىي مەدەنىيەتنى سۆيۈدىغان ھەرقانداق ئاڭلىق كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ئىپتىخار، ئەقەللىي ۋىجدان بولۇشى كېرەك ئىدى. ۋەھالەنكى، بۇنىڭ ئەكسىچە، خەلقىمىز، مىللىتىمىزدىن ئۆسۈپ چىققان مۇنداق نۇرانە ئۆلگىلەرنى نابۇت قىلىش يولىدىكى پىكىر ۋە پائالىيەتتە يۈرگۈچىلەرنىڭ قىلمىش ۋە ئەتمىشلىرىدىن ئۇلارنى خەلقىمىزنىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرى دىيىشكە كىمنىڭ رايى باردۇ؟ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مانا مۇشۇ خىل ئىنسان قىياپىتىدىكى ئالۋاستى ۋە يالماۋۇزلار تۈپەيلى خەلقىمىز نۇرغۇنلىغان مەدىنىيەت مەلەكەلىرى ۋە مۇمكىنلىكلىرىدىن مەھرۇم قالغان ئەمەسمىدى؟!
بەزى ساددا پىكىرلىك كىشىلەر: «قەلەم ئەھلى ئەزەلدىن شۇنداق، بىر-بىرىنىڭ پىيىدا يۈرىشىدۇ» دەيدۇ. مەن مۇنداق قارىمايمەن.
دەرۋەقە، قەلەم ئۇ بىر كۆپ باسقۇچ، كۆپ قاتلاملىق مەلەكە-دەرىجە، ئەگەر تەپەككۇر ئالىمىنىڭ بىر قەدەر يۈكسەك پەللىسىگە كۆتۈرۈلگەن قەلەم ئېگىسى بولىدىكەن، ئۇ مۇنداق بولمىغۇر پىكىر توزانلىرى بىلەن ئۆز قەلبىنى خۇنۇكلەشتۈرمىگەن بولاتتى. چۈنكى ئالەم، قەلبى يورۇق كىشىلەر ئۈچۈن، تەپەككۇر ئەھلى ئۈچۈن تەپەككۇر پاكلىقى ۋە تەپەككۇر بايلىقىدىن قىممەتلىكرەك خەزىنە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
ئىلىم- سەنئەت تارىخى شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى، خۇنۈك ۋە ناپاك پىكىرنىڭ ئەخلەت توزانلىرى ئۇنىڭ ئىگىلىرىنى مەنىۋى مەدىنىيەت كۆكىدە يۇقۇرى ئۆرلەش، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يۈزلىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلغان. ئۇ خۇددى ئېغىر تاشتەك ئۇنىڭ پارلاق چوققىسىغا چىقىشىغا ھامان توسقۇنلۇق قىلىدۇ. روشەنكى، پاكلىق ۋە ئۇلۇغۋارلىق روھىيەت پەرۋازىدىكى ھەقىقى قاناتتىن ئىبارەت. ئۇنداق بولمايدىكەن «موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە» بولۇپ قالىدۇ!
يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغانلىرىدىن باشقا بىزدە يەنە غايىۋانە ھەسەتخورلۇق، ۋاكالىتەن (ھاۋالە خاراكتىرلىك) ھەسەتخورلۇق، ئۆزىنى نەس باسقانلىقنىڭ ئۈچىنى چىقىرىۋېلىش خاراكتىرىدىكى ھەسەتخورلۇق، ئۆزىدىن بىر –ئىككى زامان كېيىنكىلەرگە قارىتىلغان ھەسەتخورلۇق قاتارلىق تېخىمۇ غەلىتە، ئاجايىپ، غارايىپ رەشك-ھەسەت تىپلىرى بار. بۇلارنى ئويلىسام «چىستانى ئىلىكبەگ» داستانىدا تەسۋىرلەنگەن قارا ياغاچلار توقايلىقىغا مۆكۈنىۋالغان ھەرخىل «يەك» (ئالۋاستى) ئوبرازلىرىنى قىياس قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھەقىقى سۈرىتىنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ سىزىپ چىقىشقا ئۇستا رەسساممۇ ئاجىزلىق قىلسا كېرەك!
بەزىدە ئاڭلايمەن: «خەلق ئارىسىدا كۆمۈلۈپ ياتقان ئاجايىپ قەبىلىيەتلىك كىشىلەر بار، ھازىرقىلار نېمە، ئۇ !». بەزىدە ئاڭلايمەن: «كەلگۈسىدە ئاجايىپ تالانتلىقلار پەيدا بولىدۇ. ھازىرقىلار نېمىگە ئەرزىيتتى!»... دەرۋەقە، خەلق ئۇلۇغ، ئۈمىد كەلگۈسىدە، بۇ گۈزەل ئىبارە ۋە گۈزەل ھەقىقەتكە ھەرخىل ئاڭ تۈزۈلمىسىدىكى كىشىلەر ھەرخىل مۇئامىلە قىلىدۇ. قاراڭلار، ھەسەتخور كىشىلەرمۇ بۇ سۆزدىن  ئۆز تەپەككۇرى بويىچە ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشقان!
ھەسەتخورلۇقنىڭ جىمىغۇر بىر شەكلىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىش شەكلىدىكى ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت. ئۇ ئۆز قېرىندىشىنى، ھاقارەتلىنىۋاتقان، چەتكە قېقىلىۋاتقان بىگۇناھ كىشىنى مەلۇم بىر ئېغىز- بۇرۇن يالىشىش لەززىتى ۋە تاپاۋەتكە دەپسەندە قىلىدىغان، خار قىلىدىغان، ساتىدىغان كىشىلەرنىڭ دەل ئۆز ئەينى ئەمەسمۇ؟
7
ھەسەتخورلۇق ھەققىدىكى ھەسرەتلىك تارىخىي ۋە رېئال ئەسلەشلەردىن يەكۈن چىقىرىشقا قىزىقىپ قالدىم. چۈنكى مۇھاكىمە يەكۈنلىرى ھادىسىلەردىن قانۇنىيەتلىك ماھىيەتلەرنى ئاچىدىغان ئەقلىي بىلىش بولۇپ، ئۇنىڭسىز روشەن، بەرقارار ئاڭلىق نوقتىنەزەرنىڭ شەكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭ ئۆز يەكۈنلىرىمنى چىقىرىش جەريانىم بى قاتار مۈجىمەل قاراشلارغا، ئېنىقراق ئېيتقاندا ھەسەتخورلۇقنىڭ تۈرلۈك نىقابلىرىغا داۋاملىق تەھلىل يۈرگۈزۈش جەريانىم بىلەن بىرلىشىپ كەتتى.
ــ رەشك- ھەسەت روھى ئازادىلىك، ئەركىن-دېموگراتىك روھمۇ؟
ــ رەشك-ھەسەت ئىلمىي مۇھاكىمە، ئىقتىدار رىقابىتى، نوپۇزغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشمۇ؟
ــ رەشك-ھەسەت مىللىي قەھرىمانلىق روھىنىڭ جۇشقۇنلۇق پارتىلىشىمۇ؟
ــ نېمە سەۋەپتىن كىشى ئالگەندىن كېيىنلا قەدىر- ئىتىبارىنى تاپىدۇ؟
مۇشۇ سۇئاللار ئۈستىدە ئويلاندىم.
مەلۇمكى، رەشك-ھەسەت روھىي ئازادىلىك، ئەركىن- دېموگراتىك روھنىڭ دەل ئەكسىچە، مىللەت روھىيىتىدىكى،جۈملىدىن ھەسەتخور ۋۇجۇدىدىكى ئەسەبىي ئىللەت. رەشك- ھەسەت ئەپسانىۋى چۆچەك شەلىدىكى دوزاخ بولماستىن، دەل رېئال، ھەقىقى جەھەننەم، ئۇنىڭ ئوتلىرى نەپسانىيەت ۋەسۋەسىسى بىلەن يانغان، ئۇنىڭ ئاپەتلىك يالقۇنلىرى ئۆزىنىڭ ناقابىللىقى ۋە بەختسىزلىكى بىلەن باشقىلارنىڭ ئىتىدارى ۋە سائادەتمەنلىكىنى دۈم يېتىپ سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ خىل ھەسەت يالقۇنلىرى ئۇنىڭ ئىقتىدارغا ۋە بەختكە ئېرىشىش مۇمكىنلىكلىرىنىڭ باش كوزۇرى بولغان ئەقىل جەۋھىرىنى كۈل قىلىپ، ئۇنى تەپەككۇر، روھىيەت، خۇلۇق-مېجەز ۋە جىسمانى جەھەتتىن خورىتىپ، خارابلىق توپىسىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ تىرىكلەر ئارىسىدىكى پائالىيەتلىرى ھەسرەتتە ئۆلگەن ھەسەتخور ئەرۋاھنىڭ قىساسكار تەلۋىلىكلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ھەسەتخور باشقىلارنىڭ سۈرىتىنى تامغا ئېسىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىگە چاڭگال سېلىپ، گۆشىنى تىتىپ يېگەندەك خىيالى كۆرۈنۈشتىن ئۆزىنى ئۆزىنى بەزلەپ، ئەمەلىيەتتە ھەر دەقىقە ئۆزىگە چاڭگال سېلىپ، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈچىدۇر. ئاتالمىش «روھى ئازادىلىك» دېگەندە، ئۇ دەل تەلۋە- جۇنۇننىڭ ئۆزىنى ئالداش ۋە ھالاك قىلىش «ئەركىن-ئازادىلىكى»ن خالاس!
ھەسەتخورلۇق بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە، ئىقتىدار رىقابىتى ۋە نوپۇزغا قارشى ئىسيان دېگەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئالۋاستىلىق ماھىيەت بىلەن ئادەملىك قىياپەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ.
ئىلمىي مۇھاكىمىدە ئىلمىي مۇنازىرە بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى، ئىتتىپاقلىقنى، مىللەت ۋە دۆلەتنى كۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان، ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىپ، خاتالىقنى تۈزىتىدىغان، يالغان –ياۋداق، پىتنە-بۆھتاندىن خالىي بولغان ئەقلىي ئاپائىيەت. ئىلمىي مۇنازىرىدە تېما مۇخالىپ بولىدۇ، پىرسۇناجلاپ رەقىپ بولمايدۇ!
ئىقتىدار رىقابىتى ئۆز رىقابەتدىشىنىڭ بىلىم ۋە قابىلىيىەت قاتلاملىرىنى ئىتىراپ قىلغان، ھۆرمەتلىگەن ھالدا، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا يىتىشىۋېلىشى ياكى تەڭداشلىق سەۋىيىدىن چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاقىلانە، ھالال ۋە مەردانە تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت. ئىقتىدار رىقابىتى مىللەتتە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى مىقدار جەھەتتە كۆپەيتىدىغان، سۈپەت جەھەتتە تاكاممۇلاشتۇرىدىغان، جەمئىيەت راۋاجىغا مەنپەتلىك بەيگە! ئۇ مەنىۋى قاتىللىق، روھى قاراقچىلىق ھېساپلانغان پەسكەش ھەسەت بىلەن چىقىشالمايدۇ.
نوپۇز ئىجتىمائىي ھادىسە، يالغان نوپۇز بولمىسىلا، ئەكسىيەتچى نوپۇز بولمىسىلا، ئارقىغا سۆرەيدىغان نوپۇز بولمىسىلا، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئەقلى، ۋىجدانى، شان-شەرىپىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىپتىخار مۆجىزىسى ھېساپلىنىدۇ. ھەقىقى، ھالال ۋە ئىلغار تەپەككۇر نوپۇزى مىللەتنىڭ نۇرانە چىراغلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بولغانلىقى بىلەن بولمىغانلىقىنىڭ پەرقى چوڭ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ: سۇلتان بولمىسىمۇ دانا پىر-ئۇستاز بولسۇن، دېگىنى مۇشۇ پەرقنى چۈشەنگەنلىكىنىڭ ياڭراق نىداسى. مۇنداق روھىيەت مەشئەللىرى كۆپ بولۇشى، ئىسمى- جىسمىغا لايىق بولۇشى، ئۇ يول چىرىغى بولۇشى، گەندە قاچىسى بولۇپ قالماسلىقى لازىم، بۇنداق يول چىراغلىرىنى ئاقىللار ئاسرايدۇ. تەلۋىلەر ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ، «جاھالەت پىرلىرى»نى چاقىرىشقا ئالدىرايدۇ.
ئەگەر زالىم، پۈچەك، ھارامخور، تەرسا بىرسى تىكلىۋالغانىكەن، ئۇنىڭ بۇ ئىللەتلىرى ئۇنى پەسلەشتۈرىدۇ، «سۇپرىسى قۇرۇق»نىڭ «ئېتى ئۇلۇغ»لىقتىن قالىدۇ. بۇنىڭغا ھېچقانداق پىتنە-ھەسەت ھاجەتسىز.
رەشك-ھەسەت مىللەتنىڭ نۇمۇسلۇق ئىللىتى، ھەرگىزمۇ «ھەقرىمانلىق روھىنىڭ پارتىلىشى» ئەمەس! تارىخ ئۆزىنىڭ ھەسرەتلىك ئۆتمۈشى بىلەن ھەسەتخورلۇقنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر، ئەڭ باھالىق، ئەڭ قىزغىن، ئەڭ مودىلىق دەۋر تېمىلىرى، پىكىر ئېقىملىرىنى نىقاپ قىلىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. خەلق چۆچەكلەردە ئۆكۈز، يىلان، قارا مۆشۈك، قېرى تېكە، يالماۋۇز كەمپىر قىياپىتى بىلەن سورۇنغا كىرگەن ئالۋاستىلارغا قارىغاندا، پەرىزات سىياقىغا كىرىۋالغان ئالۋاستىلارنىڭ كۆپرەك، تىزرەك، ئۇزۇن مۇددەترەك، ئاۋاتراق بازارغا، خېرىدارلىققا ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. مىللەت تارىخىغا داغ تەككۈزگەن پۇرسەتپەرەسلەر، مىللەت يېڭى ئويغۇنىشىغا يۈزلەنگەنسېرى مىللەتنىڭ مىسلىسىز غەمگۇزارلىرى ھەتتا بۇ خىل پىكىر مەيدانىنىڭ سەرتسىز «شەيخۇل رەئىسى» بولۇۋېلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇلار پوكۇلداپ تۇرغان خاۋاتىرلىك روھىيىتىنى ئەمىن قىلىش ئۈچۈن پاك، ھالال ئەقىل چىراغلىرىنى بىر-بىرلەپ چېقىۋېتىش كويىدا سەھنە ئارقىسىدا ھەركەتلىنىدۇ. مانا بۇ، تارىخنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەقىقىتى. بىر قاتار ھەسەت-پىتنە كومبىناتلىرى ئۇلارنىڭ بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلمايدىغانلىقىدىن بېرىلگەن بىلىش ئۇچۇرى! ئېچىنىشلىقى شۇكى، بىرمۇنچە تتەييارلىقى ئاجىز، ھادىسىلەرگە قايمۇققۇچى تېيىز پىكىر ئىگىلىرى ئۇلارنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن مەزھەپ مۇخلىسى قىلىۋېلىنغان بولىدۇ.
8
ئۆلگەندىن كېيىن قەدىر- ئىتىبارىنى تېپىش دېگەن نېمىنى ئۇقتۇرىدۇ؟
دەر ھەقىقەت، بىرمۇنچە كىشىلەر ئۆزى باقى ئالەمگە سەپەر قىلغاندىن كېيىن، ھەتتا بىرەر دەۋر ئۆتۈپ قەھرىمان بولىدۇ، ئۆز قەدىر قىممىتىگە ئېرىشىپ، تىللاردا داستان قىلىنىدۇ، ئەسەرلىرى تۈجۈپىلەپ بېسىلىپ، ئۇ ھەقتە ئەسلىمىلەر، رۇمانلار يېزىلىدۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟
سىياسى سەۋەپلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۇ ئەرۋاھنىڭ تەكەببۇرلىقى مەۋجۇدىيەت مۇقەددەسلىكىدىنمۇ؟ ئەجىبا، بۇ ئەرۋاھ لەھەت دەرگاھىدا ھېچقانداق يېڭى ئۇلۇغلۇق مۆجىسى يارىتىش ئىمكانىيىتىدىن مەڭگۈ مەھرۇمغۇ؟
گەپنىڭ قىسقىسى، بۇ ھەسەت خورلۇقنىڭ تولىمۇ قويۇقلىقى ۋە كۈچ- بېسىمىدىن بولغان. بۇ قويۇقلۇقنى چاڭ تۈتەككە، تەكلىماكاندىكى بوران توزانلىرىغا، بۇ كۈچ- بېسىمنى ئاتمۇسفېرا بېسىمى، دېڭىز- ئوكيانلاردىكى سۇ بېسىمىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. ئۆلۈم ئۆلگۈچىنىڭ بۇ جەھەتتىكى توسقۇنلۇقلىرىنى تەدرىجى كېمەيتىدۇ. زامانلار ئۆتۈپ زامانداش ھەسەتخور نۇقسانچىلارمۇ تارىخ سەھنىسىدىن ئىزسىز يوقۇلىدۇ. يېڭى بوغۇن ھەسەتچى ئەرۋاھلار بىلەن «ئۇماچ» تالىشىپ ئولتۇرمايدۇ...
مۇشۇلارنى ئويلاپ، ئۆلگەندىن كېيىن ئەسلى ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئۆتمۈشدارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ھەسەتخورلارنىڭ ھەسەت چەمبىرىكىگە مەھبۇس بولغان قۇربانلار!
ئالىملار، ئىختىراچىلار، ئەدىبلەرنىڭ يېرىمىنى كېسەل ئازابى، كۆپرەكىنى ھەسەتخورلۇق ئوقۇبەتلىرى خەلقىمىزنىڭ مەرىپەت بېغىدىن ۋاقىتسىز يولۇپ كەتكەنىكەندە! كېيىنكى بۇ شۇم كېسەلگە قارشى بىرەر تىببى پەن، بىرەر تىببى ھەكىم، بىرەر شىپاخانا بارمىدۇ؟
مانا قاراڭ، ئەبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ «پۈتۈن ئىران تارىخىنى قۇتقۇزىۋالغان» «يىپەك يولىدىكى ئەڭ زور ئەدەبىي ئەسەر» ھېساپلانغان 120 مىڭ مىسرالىق «شاھنامە» داستانىنى يېزىپ بولۇپ، بۇنى پۈتكۈزۈش ئۈچۈن كەتكەن 35 يىل جەريانىدا ئۇچرىغان ھەسەت زەخمەتلىرى ئۈستىدە قىلغان شىكايىتىگە:
ئۇلار روشەن دىلىمنى خەستە قىلىشتى،
ھەسەتنىڭ تىغىدا باغرىم تىلىشتى.
ئاتمىش بەش ياشتىن ھەم ئاشقاندا ئۆمرۈم،
دەرد، رەنجىدىن مۈكچەيگەن ھالىمنى كۆردۈم.
ئەمدى مەن ئۆلمەسمەن، مەڭگۈ ياشارمەن،
ھەر ئېيتقان پىكىرىمدە قايتا ياشنارمەن.
دەر ھەقىقەت، فىردەۋسىگە ھەسەت تىغى ۋە تەنە- تاپا ئىغۋاسى بىلەن يوپۇرۇلغان زامانە ئاكابىرلىرىنىڭ نام –دېرىگى قالمىدى! مانا بۇ تارىخنىڭ نۇرانىلىقنى تاللاش قانۇنىيىتى!!
گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، قەلەم ئەھلىنىڭ شان –شەرىپى، مەردلىك ۋە ئەركەكلىكى ھەسەتخورلۇقتىن مۇتلەق خالىي بولۇشتا دېگەن پىكرىگە كەلدىم. بۇنىڭدىكى «مۇتلەق» دېگەن ئىبارىنى مەن غايىۋى ئۈمىدىم بويىچە زورمىزور ئىشلەتتىم. بۇنىڭدا ئىككى نەرسىنى نەزەردە تۇتتۇم.
ئۇنىڭ بىرى، ھەرقانداق ئەھۋالدىمۇ بىر ساھە، بىر كەسىپتىكى ئىلىم- مەدەنىيەت ئەھلى بىرى يەنە بىرى ئۈستىدە ھەرقانداق سورۇندا ھەسەت تۈپەيلى پىتنە- ئىغۋا قىلىش سالاھىيىتىگە مۇتلەق ئىگە ئەمەسلىكىنى ئۆز –ئۆزىدىن جەزىملەشتۈرىۋېلىشى لازىم. پەۋقۇلاددە جىددىي «قانۇنى» بولمىغان ئەھۋالدا ئۆز كەسىپدىشى ئۈستىدە ۋايساش ۋايسىغۇچىنىڭ نادان، شۆھرەتسىز خۇنۈك قىياپىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، خالاس! بۇ مەسىلىدە جان چىقىش ئالدىدا ئىمان ئېيتىشقا ئالدىرىغاندەك ئۆز- ئۆزىنى پاقلاشقا ھېچقانداق تەمەنناسىز، كىبىرسىز، ئەستايىدىل ئالدىراش لازىم! مانا بۇ ئاقىلانە ۋىجداننىڭ دەۋىتى!
ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، ھەسەتخورلۇق ئىللىتى ئېغىر كىشىلەر ۋە بۇ جەھەتتە روشەن سۆز- ھەركىتى ۋە پائالىيەت ئادىتى بار قەلەمكەشلەر يەنە بەھوزۇر ھالەتتە ھېچ نېمىنى ئۇقمىغاندەك قىياپەتكە كىۋېلىپ، ھەسەتخورلۇقنى سۆكىدىغان شېئىر ۋە غەزەل –ھىكايىلەر بىلەن كىشىلەرنى ئالداپ، ئۆز روھىنى بەزلەشكە كۈچەپ ئۇرۇنمىغىنى ياخشىراق. بولمىسا، بۇ خۇددى «ئوغرىنىڭ ساقچى فورمىسىدا كىيىنگەنلىكى»گە ئوخشاپ قالىدۇ. ھەسەتخورلۇقنى ئەمەلىيەتتە سۆكۈش، ئەمەلىيەتتە ئېرىغداش، پەزىلەت مەسىلىسىنى پەزىلەت بىلەن ھەل قىلىش لازىم. جاھالەت قاراڭغۇلىقىدا قارا لىباس، نىجادىيەت كۈندىزىدە ئاق يەكتەك كىيىۋالىدىغان كىشىلەرگە تارىخنىڭ قوينى كەڭ بولۇش بىلەن بىللە مەسخىرە شەمشىرىمۇ يېتەرلىك ئۆتكۈر.
ئەينەككە قاراش ئىككى خىل بولىدۇ: ئۇنىڭ بىرى، يۇيۇپ تارانغاندىن كېيىن، تاشقى قىياپەتنى كۆزۈتۈش ئۈچۈن قاراش. يەنە بىرى، ئەينەككە تىلىپ قاراپ، ئۆز كۆزىگە سىنچىلاپ قاراپ، ئۆزىنىڭ ئىچكى قىياپىتىنى ئۆزى كۆرۈش ئۈچۈن قاراش. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تاشقى قىياپىتىنى ئوبداق بىلسىمۇ، ئۆزىنىڭ كۆزىنىڭ زادى قانداقلىقىنى راسا دېگەندەك بىلمەيدۇ. ئۆز كۆزىگە «ئەۋرەتتىكىسى كۆڭۈلگە تايىن» دېگەن سەمىمىيلىك بىلەن قاراش ئاسان ئەمەس. ۋاھالەنكى، مۇنداق ئەينەككە قاراشقا جۈرئەت قىلىش ۋە مۇنداق ئەينەككە قاراشتىن تەربىيەت ئېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ بولۇش- بولماسلىقىدا پەرق تولىمۇ كاتتا! ھەسەتخورلۇقتا تەلۋە- تەرسا دەرىجىگە يەتكەن بىمارلارنىڭ ئىككىچى خىل ئەينەككە قارىشى تولىمۇ، مۇشكۈل.
باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقيەتلىرىگە ساغلام ئىستېتىك زوقلىنىش پىسخىكىسىغا زىت ھالدا ئىللەت خاراكتېرىدىكى ھەسەتخورلۇق روھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان كىشىلەرنىڭ مۇنداق پاكلىنىش جەريانىنى ئۆتكۈزىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. زوقلىنىش- ئۇلۇغۋار ئىنسانىي روھىيەت، ساغلام ھېسسىياتچان ھېسداشلىق قۇۋانچى! مۇشۇنداق مەنىۋى مەلەكە ۋە روھىي سائادەتتىن مەھرۇم بولۇش نېمە دېگەن شورى قۇرىغانلىق- ھە!
تىكەندىن قورۇققان ئەتىرگۈل بولماس، ئىتتىن قورۇققان جاھانكەزدى! ھەسەتكە يولۇقۇش نۇمۇس ئەمەس! ئۇ غەربى ياۋرۇپا خرىستىيان مۇئەللىپلىرى ئېيتقاندەك: تەڭرىنىڭ غايە ۋە ئىجتىھات چېنىقتۇرىدىغان، ھەسەتسىز پاك قەلب يېتىشتۈرىدىغان ئالاھىدە بىر خەيرخاھلىقى! سەئد شىرازى توغرا ئېيتىدۇ:
پارە قىلسا ئەسكى تاش زەر قەدرىنى،
زەر تۆۋەنلەپ، ئۆرلىمەس تاش قىممىتى.
مەسىلە ناھىيىتى روشەن، مىللەتنىڭ روناق تېپىشى، ھەتتا رىقابەتچان دۇنيادا ساقلىنىپ تۇرىشى ئۈچۈن ئىلىم- پەن ئارقىلىق ناندانلىقنى تازىلاش، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، ھەمجەھەتلىك ئارقىلىق ھەسەتخورلۇقنى تازىلاشتىن باشقا يول يوق! بۇ نوقتىدا ھەسەتخورلۇق مىللەتنىڭ تەقدىرىگە ئالاقىدار چوڭ مەسىلە.
ئائىلە، مەكتەپ، دوستلار تۈركىمىي (مەشرەپ) ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتتە بۇ جەھەتتە تەربىيە ئېلىپ بېرىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە. بۇ جەھەتتە كۆپرەك سۆزلىنىشى، يېزىلىشى، ئويلىنىشى لازىم. نەشىريات ئورۇنلىرى ئاڭلىق ئىتىبارىنى قەدىمكى ۋە ھازىرقى مىللىي ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەلىرىنى يەردە قالدۇرماي ئاۋۋال نەشىر قىلىشقا قارتىشى، مىللىي يېڭى مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى تەخىرسىز تولۇقلاشقا قارىتىشى، چەتنىڭ نەتىجىلىرى تونۇشتۇرىلىدىغان نەشىرياتچىلىق مەلۇم قىسمەنلىك سالمىقىدىن ئارتىپ كەتمەسلىكى لازىم. بۇ جەھەتتە «چەتكە ھەسەت يوق، مەرھەمەت»، «ئۆز ئىچىگە يول توسۇپ تۇرغاي ھەسەت» ياكى قارىغۇ ئۆلچەم، گاچا ئۆلچەم پۇل پەقەت» بولۇپ قالماسلىقى لازىم! نەشىريات خادىملىرى ـ ئاڭلىق ۋە ئومۇمىيلىق قارىشىدىكى نەشىريات خادىملىرى ئۈچۈن ئۆز خەلقى ياراتقان ئىلمىي ۋە بىدىئىي ئەسەرنى ئۇنىڭدا ئېلان قىلىش قىممىتى (ھەتتا كېيىنكى كاتېگورىيىلىك قىممىتى) بولسىلا، ئېلان قىلىشتىنمۇ شەرەپلىك تارىخىي ئىش يوق! قەدىمكى كىشىلەر ئەگەر دائىم، ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق، يەردە قويماي بىزگە يەتكۈزمىگەن بولسا، بىز ھېلىغىچە ئىزوپ مەسەللىرى، ئەرەپ جەڭنامىلىرى، ھىندىستان چۆچەكلىرى ۋە ياۋرۇپا لىرىكىلىرىدىن باشقا ئۆزى ھەققىدە خەۋەرسىز مىللەت بولۇپ قالماسمىدۇق؟! بۇ جەھەتتىكى ھەسەت ۋە ھەسەت گوروھۋازلىقى مىللەتنى نابۇت قىلىدۇ! كۆپلەپ ئىلمىي ئەسەر نەشىر قىلالمىغان نەشىريات يوپۇرماق چىقىرىپ مېۋە بەرمىگەن دەرەخكە ئوخشايدۇ.
تەخىرسىزلىك شۇكى، ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئۈستىدىكى قىرغىنچىلىق تارىخىمىزنىڭ بەزى پەسىللىرىدىكى ئاق تېرورلۇقتىنمۇ يامان. ئانىلىرىمىز ئاق تېرورلۇقتا قامالغان، قەتلى قىلىنغان مىقداردىكى بالىلارنى قايتا تۇغۇپ نوپۇسىمىزنى تولۇقلاشقا قادىر بولسىمۇ، قىرقىلغان مەدەنىيەت گۈلزارىمىزنى، ئۇنىڭ كىتاپ كامالىتىگە يەتكەن مىۋىلىرىنى تولۇلاشقا قادىر ئەمەس. ئىككى بۈيۈك ئەسەر ــ «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى» قايتا-قايتا كۆچۈرۈلمىگەن بولسا، ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىمىز چىراغسىز كېچە بولۇپ قالماسمىدى. ۋەھالەنكى، قاسساپلىق قۇشخانىغا مەرگەزلەشكەندەك، مەدەنىيەت ھەسەتچىلىكىمۇ نەشر- ئەپكار گۈلزارىدىن ئورۇن تۇتۇپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ يۈكسەك گۈلزارنىڭ بۇلغىنىشى ئۈمىد شامىنىڭ بۆھرانىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەن ماقالەمنى كىشىلەر دىققەت قىلمىغان بىر شېئىرىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن. بۇ شېئىر مىللەت توغرىسىدىكى ئەندىشىلىك تەسەۋۋۇردىن تۇغۇلغانىدى:
بىر كونا گۈمبەزدە قاقىلدار قاغا،
ئېلىنى يوقاتقان شائىرغا قىياس.
ئەرۋاھتەك يېقىمسىز ئۇندىكى سادا،
ئۈستىدە ئۆمۈرلۈك ھازىردار لىباس.

ئانا ئەل ئامانسەن، ئىلكىڭدە غۇرۇر،
ھازىدار كۈنلەردىن ساقلىسۇن خۇدا.
نىزالار كۆزۈڭدىن گەر ئۆچۈرسە نۇر،
شائىرلىق-بۇ نەسەپ قاغىدۇر گويا.

ۋەيرانە ئۈستىدە قاغا مۇڭلىنار،
سەبىلەر ئاتسىمۇ ئاڭا تىنماي تاش.
ھېكمەت شۇ: ياشاشنى خالىساڭ ئەگەر،
ئىناقلىق ئىچىدىن ئىزدىگىن قاياش.

1989-يىلى، 10 ئاۋغۇست
مەنبە: «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»
تورغا ئۇزاتقۇچى: م.قادىر(ھۇما)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 11:01:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (12)
مائارىپ ۋە مائارىپ تارىخىمىزدىن بىر ئۇچۇر

مۇقەددىمە
«مائارىپ» ئىبارىسى يېقىنقى كۈنلەرگىچە يېڭى ئەۋلاتلارغا تەلىم بېرىش خىزمىتى، دەپ قارىلىپ كەلگنىدى. بۇگۈنكى كۈندە ياشانغانلار مائارىپى، چوڭلار مائارىپى، ئىشتىن سىرتقى مائارىپ، ھەرخىل كىتاپ- ژورنال ۋە رودىئو- تېلېۋىزىيىنى ۋاستە قىلغان مائارىپ شەكىللىرى مەيدانغا چىققاندىن كېيىن، بۇ ئىبارە ئومۇمىي خەلق بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ئەقلى ئىقتىدارى، ئاھالىنىڭ مەنىۋى قىياپىتىگە ئائىت ئۇلۇغ مەبلەغ سېلىش ۋە تارىخىي خاراكتېرلىك بىناكارلىق دېگەندەك كەڭ مەنىلەرگە ئىگە بولدى. بىز ئەمدىلەتىن «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ داڭق قازانغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر- تۈرك ئالىمى فارابىنىڭ مائارىپ ئاددىي ئاۋامدىن سەلتەنەتلىك پادىشاھقىچە ھەممە شۇغۇللىنىدىغان كامالەتكە ئىنتىلىش پائالىيىتى دېگەن ئىدىيىسىنى بىر قەدەر ھەزىم قىلالايدىغان بولدۇق.
«مائارىپ» ئىبارىسى ئومۇمەن ئۈچ قاتلاملىق مەنىدە چۈشىنىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ بىرى، مۇئەييەن دەرىجىدە قېلىپلاشقان نوپۇزلۇق ئاڭنى، سىياسىي، ئەخلاقىي ئىدىيىنى ئۆز ئوبيېكتلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئۇنى ئۇلارنىڭ سوبيېكتىپ قاراشلار تىزمىسىغا ئايلاندۇرۇش. بۇ خىل مەنىدە، تەلىم مەزمۇنى قىلىنغان ئاڭ- پىكىر مۇكەممەل ئۇقۇم قۇرۇلمىسى مودىلى سۈپىتىدە، تەلىم بەرگۈچىدىن تەلىم ئالغۇچىغا كۆچۈرۈلۈش مەقسەت قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە بىرى، تاشقى دۇنيا ھادىسلىرى ۋە قانۇنىيەتلىرىدىن ئېلىنغان بىلىش تىزمىلىرى بولغان بىلىمنى مەلۇم جۈزئىي قىسىملار بويىچە، «بىر لوقما، بىرلوقما»دىن تەربىيەلەنگۈچىلەرگە يەتكۈزۈش، ئۇنىڭ ئەقىل غەزىنىسىنى بىلىم غەزىنىسىگە ئايلاندۇرۇش. بۇ خىل تەلىم ئۆز ئوبيېكتلىرىنى نەزىريە ۋە ئەمەلىي ماھارەتتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە يېتەكلەپ، ئۆز سەۋىيىگە دەرىجىسىگە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭ يەنە بىرى، ئومۇمەن ئىنساننى ئويغىتىش، ئىنساندىن ئىبارەت ئۇلۇغ بىلىش ۋە پائالىيەت ئوبيېكتىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى، ئۆزى «بىلدىم» دېگەن ئىلىملەرنى، ھازىرى ۋە ئۆتمىشىنى، دۇنيا ۋە ماھىيەتلەرنى قايتىۋاشتىن بىلىپ، باھالاشقا يېتەكلەيدىغان «ئارىف» (ئويغاق)لىققا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇنداق مائارىپنىڭ مەقسىدى ئىنساننى ئۆزىنىڭ ھېس- خايىشلىرى توزىقىدىن، ئىنسان تۈركىمىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەت كۈچلىرى توزىقىدىن، زامان ئەپسانىلىرى ۋە ماكان چەكلىمىلىرى توزىقىدىن، ھادىسە –كۆرۈنۈش، ۋەقە – ھېكايىلەر توزىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىنساننى بىۋاستە ۋە روشەن ھالدا ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدىغان، تاشقى ئالەم بىلەن بولغان بىلىش پائالىيىتىدە ماھىيەتلەرنى كۆرۈدىغان ۋە ئېگىلەيدىغان قىلىش. شۇ نەرسە ئايان بولسۇنكى، بۇنداق بىلىش مەدرىس پەلسەپىسى، دوگماتىزىم، سەپسەتىۋازلىق، ساختا شۆھرەتپەرەسلىك، «زاھىد»لىق بىلەن سىغىشالمايدۇ.
تەلىم- تەربىيە سېتكىلىرىنى تاماملىغان، چوڭ- كىچىك مەكتەپلەرنى كېزىپ چىققان، توم-توم كىتاپ –قامۇسلارنى ئوقۇپ چىققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا بىردەك «ئارىف» بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، مېنىڭچە ئۇلارنىڭ قانداق مەنىدە، قايسى دەرىجىدە تەلىم- تەربىيىگە ئېرىشكەنلىكىدە بولسا كېرەك. بۇلاردىن مۇنداق ئۈچ يەكۈن چىقىرىش مۇمكىن: بىرىنچى، تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى «ئارىف» بولۇپ چىقمايدۇ. ئىككىنچى، «ئارىف»لىق مائارىپنىڭ ئەڭ ئالى نىشانى ۋە مىزانى. ئۈچۈنچى، قايسى پەن ساھەسىدە بولسۇن، «ئارىف»لىق مۇتەپەككۇرانە پىكىر ئىقتىدارىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەيلى ئۇلارنىڭ قىسمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز بولسۇن، پەن تارىخى ئۇلارنىڭ ئابىدىگاھى بولۇپ قالىدۇ.
سىر
غەربى يۇرت مەدەنىيىتى ۋە يىپەك يولى مەدىنىيىتى توغرۇلۇق ئالاھىزەل 1980-يىلدىن باشلاپ ئون نەچچە يىل تىرىشاچانلىق كۆرسىتىپ، كىشىلەر ئېڭىدا ئەجداتلىرىمىز تارىختا يۈكسەك سەلتەنەت قۇرغان ۋە شەۋكەتلىك مەدەنىيەتكە ئېرىشكەن ئىكەن، دېگەن تونۇشنى تىكلىۋالدۇق. ئەمما، بۇ شەۋكەتلىك غەربى يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ كەۋدىلىك ئىپادىسى نېمە؟ دېگەن مەسىلىسىدە قاراشلار ھەرخىل.
ـ «ناخشا ئۇسۇل!» دەيدۇ بىر قىسىم كىشىلەر. ئۇلار بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تالاي پاكىتلارنى كۆرسىتەلەيدۇ.
ـ «كېيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت!» دېيىشىدۇ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر. ئۇلار قېزىلمىلار تاش كېمىر تام رەسىملىرىدىن، 18-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇلنەپخارنىڭ «قىياپەتنامە» ناملىق ئەسىرىدىن دەلىللەرنى كۆرسىتەلەيدۇ.
ـ «سودىگەرچىلىك!» دېيىشىدۇ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر. ئۇلار خور- ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ خانبالىقتىن تاكى رىمغىچە بولغان ئۇزۇن لىنىيىدىكى ئىش- ئىزلىرى بىلەن غەربى يۇرت ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ تارىخىي يالدامىلىرىدىن يېتەرلىك پاكىتلارنى تىلغا ئېلىشىپ كۆرسىتەلەيدۇ. ھەتتا تارىختا ئۇرخۇن ۋادىسىدىن مەرگىزى ئاسىياغا تۇتىشىدىغان يولنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلىرى سەۋەبىدىن «ئۇيغۇرىيە يولى» دەپ شۆھرەت قازانغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇ.
ـ «ۋاستىچىلىك!» دىيىشىدۇ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر. ئۇلار غەربى يۇرتلۇقلارنىڭ غەرپ- شەرق مەدەنىيەتلىرىنى توپلاش، قوشۇش، تەجرىبە قىلىش، سۈزۈش، يەتكۈزۈشتىكى خەلقئارا مەدەنىيەتپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدىن مىساللارنى كۆرسىتەلەيدۇ.
بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى توغرا ئېيتسىمۇ، بىران تولۇ ئېيتمىدى!
نىمە ئۈچۈن غەربى يۇرتتىن شەرققە كومراجىۋا، پى خۇيلان، سۇجۇپ قاتارلىق پەن ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر، يۈەن سۇلالىسى زامانىسىدىكى خەنلىن ئاكادېمىيىسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى ھېساپلانغان مەشھۇر ئالىملار بېرىپ بۇ جايلاردا تارىخىي ئەھمىيەتلىك ئىلمىي، بەدىئىي ئىشلارنى قىلالىدى؟
نىمە ئۈچۈن غەربى يۇرتتىن غەربكە ئەل خارەزمى، ئەلفەرغانى، ئەل فارابى، ئىبىن سىنا، مەھمۇت قاشقەرى، جالالىدىن رۇمى قاتارلىق ئالىملار بېرىپ، ئۇ جايلاردا ئىلىم مەشئەلچىلىرى بولۇپ قالالىدى؟
نىمە ئۈچۈن غەربى يۇرتتىن چىققان ئەن روشەن، ئاسىناشىر ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كېنېرال- ئادمېراللار شەرقتە، تۇلۇنخان، ئىچشىد سۇلتان قاتارلىق سەركەردىلەر غەرپتە مىسلىسىز ھەربى ھەركەتلەرگە يېتەكچىلىق قىلالىدى؟
نىمە ئۈچۈن مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا سىزىپ كىرگۈزگەن خەرىتىسىدە باغداتنى ياكى مەككە –مەدىنىنى ئەمەس، بەلكى بالاساغۇن ۋە قەشقەرنى زىمىن سەتھىنىڭ مەرگىزى قىلىپ سىزدى ھەم تۈركىي تىلىنى ئۆگىنىشنى موھىم ئورۇنغا قويدى؟
نېمە ئۈچۈن غەربى يۇرتتىن ئېۋروپىدىس تراگېدىيىلىرى، «ئالۇب» «ۋاكىخ قىزلىرى»، «ئاكىستىد» درامىلىرىنىڭ سەھنە كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرى، ئىزوپ مەسەللىرى، قەدىمكى بىراخمان يېزىقى، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، كوڭ فۇزىنىڭ «موھاكىمە ۋە بايان» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەڭ كونا ھېساپلانغان كۆچۈرمە نۇسخىلىرى ۋە مانى سىزمىلىرى تېپىلدى؟! ئۆز يۇرتىدا كوپىيىسى بولمىغان بۇ مەدەنىيەت ئەۋرىشكىلىرىنىڭ بۇ يەردىن تېپىلىشى تاسادىپىلىقمۇ؟
بىز بۇ بىر قاتار تارىخىي سىرلاردىن چەتنەپ ئۆتەلمەيمىز، شۇنىڭدەك بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ: غەربى يۇرت جۇغراپىيىسىنىڭ نوقۇل «تەبىئەت ئانىسى قېلىپى» غەربى يۇرتلۇقلارنى ئەقلى- نەزىريىۋى تەپەككۇردىن تۇغما خالىي (يىراق)، مەڭگۈ ھېس- روھىيەت بويىچە ئىش تۇتىدىغان ئاھالە قىلىپ ياراتقان، دېگىنىدەك بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىغا شۈبھىلىك نەزەر تاشلىماي تۇرالمايمىز.
ئۇچۇر
غەربى يۇرت مەدەنىيىتى ھەقىقەتەن ئۆز زامانىسىدا باشقا ئەللەرگە نىسبەتەن يۇقۇرى پەللىدە تۇرغانىدى. مەشھۇر ئالىم جەففار ئەل ئەھمەدنىڭ «ئۇيغۇرلاردا قانۇن ۋە مالىيە ئاتالمىلىرى» دېگەن ماقالىسىدا («شەرقى ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى مەجمۇئەسى» 4-توم، 510-بەت) مۇنداق دېيىلگەن: «12- ۋە 14- ئەسىرلەردىكى بېشبالىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى مۇندىن 50 ــ 60 يىل ئىلگىرىكى، يەنى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىكى شۇ جاينىڭ تۇرمۇشىدىن كۆپ ئۈستۈن ئىدى... ئۇلار شۇ ئەسىرلەردە غەربىي ياپرۇپا زىمىندارلىرى، رېتسارلىرى، ھەتتا ئىېرۇسالېمغا يۈرۈش قىلغان ئەھلى سەلىب ئارمىيىسىگە قاتناشقان خىرىستىيانلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخنىكا ۋە تەربىيە كۆرۈشتە يەنىلا ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى... ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئەلۋەتتە مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىم».
ماقالە ئاپتۇرى بېشبالىقلارنى غەربىي غەربى ياۋرۇپالىقلارغا سېلىشتۇرغان بۇ جۈملىلەرنى قۇجۇ خارابىلىرى بىلەن كۈسەن تاشكېمىرلىرىنى قىدىرغان ياۋرۇپالىق ئېكسپېدىېتسىيىچى لىكوكنىڭ ئەسەرلىرىدىن نەقىل ئالغان. بىزگە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىدىن روشەن دالالەت بېرىدىغان، تۇرپان رايونىدىن تېپىلغان بۇ رەسىمنىمۇ لىكوك ئېلان قىلغان.
(رەسىم ئورنى)
لىكوكمۇ خۇددى غەربى يۇرتنىڭ بىپايان قۇچىقىنى نەچچە قېتىم كېزىپ چىققان ياۋرۇپالىق ئېكسپېدىتسىيىچى ستەيندەك دەسلىپىدە، ھە دېسىلا تارىم مەدەنىيىتى ئىزلىرىنى «كرېك- رىم مەدىنىيىتىنىڭ تەقلىدى» دەپ يۈردى. بارغانسېرى ئۆزىنىڭ ئۆزگىچىلىككە باي، مۆجىزىلىك مەدەنىيەت ۋە مائارىپ قەىرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ يەردىكى تەڭدىشى يوق مەدەنىيەت جاۋاھىراتلىرىغا توختىماي تەسەننا ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى.
لىكوك ئېلان قىلغان بۇ رەسىم پارچىسى پارچىسى ئالتە كىشىنىڭ يېزىق ئۈستىلىدە «تەلىم ئېلىش» ياكى ئىمتىھان بېرىشكە ۋە ياكى دىسېرتاتسىيە ياقلاشقا تەييار تۇرغان ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر پۈتۈن تەسۋىرى رەسىمنىڭ  ساق قالغان يېرىمى بولۇپ، بۇ رەسىم «ناخشا- ئۇسۇل»، «زىبۇزىننەت» ياكى سودىگەرچىلىك»كە ئائىت رەسىم بولماستىن، بەلكى نوقۇل مائارىپقا ئائىت رەسىم ھېساپلىنىدۇ. رەسىمدە رەسمىي يوسۇندا يۇقۇرى تەلىم ئورنى پورمىسىدا كىيىنگەن، بۇرۇتى خەت تارتقان خەت تارتقان، كېلىشكەن ئۈچ ئەركەك داستىرخان- ياپقۇ سېلىنغان ۋە بىر كىشىگە خاس قىلىپ ياسالغان يېزىق شىرەسىدە يېزىشقا تەييار تۇرغان ھالەتتە تەسۋىرلەنگەن. بۇ كۆرۈنۈش شەرقتىكى بۇددا مۇخلىسلىرىنىڭ ھېكمەت ئاڭلىشى تەسۋىرلەنگەن ياكى غەرپتە سىزىلغان ئىبىن سىنانىڭ ھەمەدان شەھرىدە شاگىرتلىرىغا دەرس سۆزلەۋاتقان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەردىن ئالاھىدە پەرقلىق ھالدا، ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈك ھاسىل قىلغان. مانا بۇ، ئەينى زاماندىكى غەربىي يۇرتنىڭ مۇنتىزىم ئالىي مائارىپىدىن بىر ئۇچۇر.
مانا مۇشۇنداق بىرلەمچى پاكىتقا ئاساسەن شۇنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى، شەۋكەتلىك غەربى يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ ئالەمشۇمۇل تەسىرىگە ئىگە بولۇشىدىكى ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىمىزنى لال قىلىشىدىكى سىر، مېنىڭچە، دەل ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەرەققى تاپقان مائارىپىدا بولسا كېرەك. بۇ نوقتىنى بىلمەي تۇرۇپ، غەربى يۇرتنىڭ پەلسەپە، ئەخلاق، مەدەنىيەت، سەنئەت تارىخىنى ئۆز ۋاقتىدا قىياس قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مائارىپتىن مۇستەسنا قارالغان غەربى يۇرت پەقەت «يىپەك يولى»دىكى بىر ئۆتەڭ- قونالغۇ بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا بىر جۇغراپىيىلىك ماكان چۈشەنچىسى بولۇپ قالىدۇ.
خاتىمە
ئوتتۇرا ئەسىردىن بىزگە يېتىپ كەلگەن بۇ ئۇچۇرغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىقنىڭ مائارىپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئائىت مۇھىم بىر بىزارەتكە ئىگە بولىمىز. ئۇ بولسىمۇ: «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «ئۆگرەت ئانىڭ بىلىگىن»، «قۇت قۇلىغىن تاپىنغىل» دېگەن نەسىھەت بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدىكى «جىن سەكرىسە سەكرىسۇن، مەن سەكرىمەي ئوقۇيمەن» دېگەن قەتئىي مائارىپ ئىدىيىسىدىن ئىبارەت.
شۇنداق، مائارىپ ئەتىۋارلىق ئورۇنغا قويۇلۇپ تېپىلغان بايلىق بىلەن مائارىپ «پەگا»غا سۈرۈپ قويۇلۇپ تېپىلغان بايلىق پەرقلىقتۇر؛ مائارىپ ئەتىۋارلىنىپ ئىستىمال قىلىنغان لەززەت بىلەن مائارىپ چەتكە قايرىپ قويۇلۇپ كۆرۈلگەن ھوزۇر- ھالاۋەت ئوخشىمايدۇ.
ئەلۋەتتە، مائارىپ بايلىق يارىتىدۇ. ئەمما، مۇنداق ئىككى خىل قاراش ئۈستۈنلىكنى ئالغان چاغدا كرزىسقا دۇچ كېلىدۇ. بىرى، يىراق كەلگۈسىدە مۇھىم ئىلمىي قىممەت يارىتىدىغان ئەمەس، بەلكى تىز ئارىدا تاۋار قىممىتى يارتىدىغان مائارىپ ئەۋجىرەپ كەتكەندە؛ يەنە بىرى، مەنىۋى بايلىق يارىتىشنى ئاساس قىلماي، ماددىي بايلىق يارىتىشنى ئاساس قىلغان مائارىپ ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن چاغدا. بىلىش لازىمكى، مائارىپ – بىر ئىككى يىل كۆڭۈل بۆلىنىدىغان «سېغىن كالا» بولماي، بىرقانچە ئەسىر نىشانلىنىدىغان ئىجتىمائىي بىناكارلىق!
مائارىپ ئاھالىنىڭ رېئال مەنىۋى قىياپىتى بولۇپ ئۆزىنى، تەبىئەتنى تىزگىنلەش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىقتىدارى تەرىپىدىن ئۆلچىنىدۇ، مائارىپنى تار كاتاڭغا، قىسقا مۇساپىلىق يۈگۈرۈشكە، خەير- ساخاۋەت تىلەش يولىغا باشلىغان مائارىپچى تەپەككۇرانە ئاڭ- پىكىرگە ئىگە بولمىغان كالتا پەم مائارىپچىدۇر، مائارىپ سېپى ئەمدارلىق نوپۇزىنىڭ قارا سايىسىدا قالمىغان، يۈزەكى دەبدەبىلەر ئۈچۈن تارىخىي بەدەل تۆلىمەيدىغان بىردىن بىر سەپ بولۇشى كېرەك. مائارىپ مۇئەككىلىنىڭ كۆزى خىرەلەشكەندە، تىبابەت دەرگاھى پاكلىق ۋە ئالىجاناپلىق خسلىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئېنگىلىس توغرا ئېيتىدۇ: «زىمىننى سېتىش  ئىنسان بەدىنى سىرتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سېتىشتۇر». ئىنسان ئۆز ئىپپىتىنىمۇ ساتقاندىن ياكى بۇلغىغاندىن كېيىن كۈتۈپ تۇرغان ئىككىنچى قەدەم ئوچۇق بۇلاڭ- تالاڭدىن ئىبارەت. مانا بۇ دەھشەتلىك ھادىسىلەر بايلىق بىلەن مائارىپنىڭ مۇناسىۋىتى، مائارىپسىز بايلىقنىڭ پاجىئەلىك قىسسىسىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ.
مائارىپ ئۇلۇغلىنىشى ۋە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشىشى كېرەك! ھەشەمەتلىك شەھەر- بىنالارغا، چىرايلىق كوچا –رەستىلەرگە مەبلەغ سالغاندا پايدا –زىيان، بەدەل- تاپاۋەت نوقتىسىدىن قاراش كېرەك. ئەمما، مائارىپقا مەبلەغ سالغاندا زىيان- بەدەل نوقتىسىدىن نوقتىسىدىن قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى ئىجتىمائىي بەخت- سائادەت ۋە كىشىلىك كامالىتىنىڭ ھەقىقىي ئوق يىلتىزى، ئۇلى ۋە پىشىڭى مائارىپتۇر.
ماقالەمنى ئەلشىر ناۋائىنىڭ فانىي تەخەللۇسىدا پارسچە يازغان، تەپەككۇر ئۇلۇغلانغان «تەپەككۇر تۆھپىسى» دېگەن قەسىدىسىدىن بىرقانچە بېيىتنى نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
نۇرلى پىكرى-باغى جەننەت، ھەرگىياھنىڭ بەرگىدە،
ئەكس ئېتەر رۇخسار قوياشى بەرق ئۇرۇپ گويا چېچەك.
تەبىئىي يۈكسەك چىمەن، ھەرگۈل بەئەينى كۆڭلىكى،
كۆڭلىكىنىڭ تۈگمىسى شۆھرەتتە ئاسمانۇ-پەلەك.
چەرخ تەپەككۇر ئىلمىدىن چەتكە ئۆزىن قانداق ئالۇر،
جامى ئىچرە ھەر كۆپۈك دېڭىزغا قاپقاق بولغۇدەك،
بىلكى ھېكمەت شەمئى يوقلۇق ئۆيىدە غەمگە شىپا،
تۈندە ئۆزگەن كېمىگە ئۇ، رەھناما يۇلتۇز دېمەك.

1993-يىل 8-ئاي
مەنبە: «يىپەك يولدىكى توققۇز ھېكمەت»
تورغا ئۇزاتقۇچى:م.قادىر( ھۇما)





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 11:08:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى قىممىتىئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (13)

«يىپەك يولىدىكى كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان شەھەر ـ كۇچا بولسا كېرەك»
                            ـــ مائىجىما شىنجى
1
بىلىش ھادىسلىرىنىڭمۇ قىزىقارلىق تەقدىر- قىسمەتلىرى بولىدۇ. پارلاق مەدەنىيەت ھەققىدىكى
تارىخىي بىلىشنىڭ ئۇنتۇلۇشى بىلەن بۇ ھەقتىكى قايتا ئويغىنىش شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ياۋرۇپادىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەركىتى ئۇنتۇلغان قەدىمكى كرېك- رىم مەدەنىيىتى ئۈچۈن شۇنداق تارىخىي خاراكتىرلىك قايتا ئويغىنىش بولغانىدى. تېخى يېقىندىلا ئۆتكۈزۈلگەن «كۈسەن مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى» مەلۇم مەنىدە ئۇنتۇلغان قەدىمكى كۈسەن مەدەنىيىتى توغرىسىدا قايتا ئويغۇنۇشتىن تۇغۇلغان ئىپتىخارلىق ئېڭىنىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتى شەكلىدىكى ئىپادىسىدىن ئىبارەت، خالاس.
ئۇنتۇلۇش بىلەن ئويغىنىش تارىخنىڭ چۆكۈش ۋە ئۆرلەش قانۇنىيىت ئاساسىدا يۈز بېرىدىغان ئومۇمىي ھادىسە. ئۇ سەۋەپسىز بولماستىن، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئېقىملىرىنىڭ ئورۇن يۆتكىشى بىلەن بىۋاستە تۇتاشقان. ئاسىيادىن ئەڭ دەسلەپ ئات چېپىپ بارغان سىمىلىيان ۋە سىكتاي قەبىلىلىرى قەدىمكى كرېكلارنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتىنى ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت تۈسىگە كىرگۈزگەنىدى، بۇ مەدەنىيەتنىڭ رىمدىكى داۋامى ئىمپېرىيە شەكلىدە ئۆركەشلىگەندە، ئاسىيادىن ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن ھون –ئاۋارلار بىلەن يەرلىك گۇت قەبىلىلىرى ئۇنىڭغا ھالاكەت بېغىشلىدى. نەتىجىدە گرېك- رىم مەدەنىيىتى ئۇنتۇلدى. بۇ مەدەنىيەت مىڭ يىلدىن كېيىن ئەرەپ مەدەنىيىتى ۋە «يىپەك يولى» مەدەنىيىتى تەسىرىدە قايتا ئويغاندى. مانا بۇ ياۋرۇپادا ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىنىڭ ھەقىقى سىرى!
كۈسەن ــ تەكلىماكان قۇم دېڭىزى بويىدا خۇددى ئېگەي دېڭىزى قىرغىقىدىكى ئافىنا شەھىرىدەك قەدىم- قەدىم زامانلاردىكى «شەھەر –قەلئە دۆلىتى» سۈپىتىدە قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، كۈسەننىڭ شەھەر نامى مىلادىدىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرىكى خەن سۇلالىسى تارىخىدا، مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرىكى ھېندىستاننىڭ ئاسۇكا خانلىقى مەنبەلىرىدە مەۋجۇت ئىدى. بۇ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 356-323- يىللاردىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان ۋاختىدا كۈسەن دۆلىتى مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىدۇ ۋە مەلۇم مەنىدە كۈسەن شەھرىنىڭ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى شەھەر- قەلئەلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى دەىلىللەيدۇ.
كۈسەن ئاجايىپ پارلاق ۋە مەڭگۈ ئىپتىخارلىق كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ ئاپىرىدىگاھى. كۈسەن- ئاجايىپ چىۋەر ۋە جۇشقۇن كۇچا ئاھالىلىرىنى يېتىشتۈرگەن مەدەنىيەت ۋە مەرىپەت بۆشىگى! مانا مۇشۇنداق قەدىمكى مەدەنىيەت ئاستانىسى «يىپەك يولى»نىڭ خاراپلىشىشى بىلەن خۇددى بۇلاق ياكى ئېقىن سۇدىن ئايرىلىپ، يامغۇر سۈيى بىلەن ئاندا- ساندا كۆكىرىپ تۇرغان توغراقتەك ئۆز ئۆتمىشىنى بىلىشكە ماجالسىز قالغاندا، «يىپەك يولى» قايتا ئېچىلدى.
2
كۈسەن مەدەنىيىتى كاتتا ئىلمىي تېما. ئۇ ھەقتە بىر قانچە كىتاپ تىزمىسىدىن ھاسىل قىلىنغان قامۇس يېزىش مۇمكىن. كۈسەننىڭ يازما تارىخىنى ئىلگىرىكى تاش قۇرال مەدەنىيىتى ۋە ئىپتىدائىي ئاڭ شەكىللىرى، كۈسەننىڭ شەھەر –قەلئە دۆلىتى بولغاندىن كېيىنكى شەھەر سېپىل- ئوردا ۋە تاشكېمىر بىناكارلىق سەنئىتى، كۈسەننىڭ كېيىنىش- مېھماندوستلۇق مەدەنىيىتى، كۈسەننىڭ بۇددا تارجىمە- تەربىيە مەدەنىيىتى، كۈسەنىڭ ھەيكەلتاراشلىق- رەسساملىق مەدەنىيىتى، كۈسەننىڭ مۇزىكا – ئۇسۇل –تىياتىر سەنئىتى، كۈسەننىڭ خەلقئارا سودا مەدەنىيىتى، كۈسەننىڭ باغۋەنچىلىك- ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيىتى قاتارلىق تېمىلار بويىچە توم-توم كىتاپلارنى يېزىپ يورۇتۇش مۇمكىن.
كۈسەن «يىپەك يولى» ئومۇمىي مەدەنىيەت قانىلىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق شەھەر ئىدى. ئۇنىڭ دەسلىپىدە كۇشان خانلىقى، ئالدىنقى چىن، غەربى لياڭ، شىمالى ۋېي، سىمالى جۇ، شىمالى چى، سۈي ۋە تاڭ پادىشاھلىرىنى ھەيرەتتە قالدۇرغان مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى، ئۇنىڭ ئاتام زامانلاردىلا يەرلىك مەدەنىيەت ئوچىقى كاتېگورىيىسىدىن ھالقىپ، خەلقلەر، شەھەرلەر زەنجىرىدىكى ئالتۇن ھالقىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، ئەينى زاماندا «سەرمەرقەند سەيقەلى رويى زېمىنەس» («سەمەرقەند روھىيەت دۇنياسىنىڭ ئۈزۈك كۆزى») ئەمەس بەلكى:
«كۈسەندۇر ئول زامان سۇمرۇغ ماكانى،
ئۇنىڭسىز توختىغان ئېرپان راۋانى»
بولۇپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. فېئوداللىق ئىللەت يىلتىزلىرىدىن ئۆسۈپ چىققان خەستە تۇيغۇلار تۈپەيلى، بۇ باھا بۇ باھانى «ئاشۇرۇۋەتكەنلىك» دەپ تونۇيدىغان، كۆنگەن قېلىپتىكى قاراشنىڭ ئېتىرازىغا ئۇچرىشى كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ قەدىمكى «يىپەك يولى»دا كۈسەننىڭ تۇتقان تارىخىي ئورنىنىڭ ھەقىقى يەكۈنىدىن ئىبارەت. بۇنداق نارازىلىقلارغا خاتىمە بېرىدىغان سائەت يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، دەۋران يېتىپ كەلدى! مانا بۇ «كۈسەن مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى»نىڭ ئاددىي تەقلىدىيەتچىلىكتىن ۋە تېتىقسىز مەمۇرىيەتچىلىك دەبدەبىلىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھەقىقىي ئەھمىيىتى.
3
كۈسەندە خانلىق سەلتەنىتىنى سۈرگەن شەھرىيارلارنىڭ تولۇق تەزكىرىسى ئىشلەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنياۋى ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت تىپىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتكەن پارلاق كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ ئالەمشۇمۇل تارىخىي قىممىتى جاھان ئەھلىگە ئايان بولۇپ تۇرماقتا. بىز گرېك- رىم مەدەنىيىتىگە كۈسەن مەدەنىيىتى كۆرىنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن دېيەلمەيمىز. ئەمما كۇشان –كۈسەن مەدەنىيەت تىپىگە كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ كۆرسەتكەن تارىخىي تەسىرىنى ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇددىزىم بىرخىل دىنىي تەلىمات سۈپىتىدە ھىندىستاندا مەھەللىۋى ئېتىقاد بولۇپ، كېيىنچە ئاسۇكانىڭ زور كۈچ بىلەن تەرغىپ قىلىشى بىلەن كېڭەيتىلگەن بولسىمۇ، ئۇ پەقەت كۇشان خانلىقى دەۋرىدە، ئېنىقراقى كانىشكا زامانىدىلا ھىندىستان ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە تەدرىجىي جۇڭگۇغا تارقالغان. بۇددىزىم نوملىرى تەرجىمە- تەفسىرچىلىكى، بۇددىزىم ھەيكەلتاراشلىقى ۋە رەسساملىقى ئارقىلىق كۆپ مىللەت، كۆپ تىل ۋە خىل مەدەنىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان خەلقئارا دىنىي مەدەنىيەت تىپىگە ئايلىنالىغان. بۇددىزىم سەنئىتى كۈسەندە «كۈسەن ئۇسلوبى» ھاسىل قىلغان. كۈسەنچە تەرجىمە (كومراجىۋا بۇ جەھەتتىكى نوپۇزلۇق شەخس) تىپى، كۈسەنچە بۇددىزىم مائارىپى تىپى شەكىللەندۈرگەن. كۈسەنچە بۇددا ھەيكەلتاراچلىقى ۋە رەسساملىق ئۇسلوبى قايتىپ يەنە كۇشان- قەندىھار، ھىندىستان- باميان بۇددا سەنئىتى ۋە ھەيكەلتىراشلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن. كۈسەندىن ھىندىستاندا نۇسخىسى بولمىغان كونا برامان يېزىقى قوليازمىلىرى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان بۇددا دەستۇرلىرىنىڭ تېپىلىشى كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ كۇشان- كۈسەن مەدەنىيەت سېستىمىسىدا تۇتقان غايەت زور ئورنى ۋە تەسىرىنى كۆرسەتتى. بۇ مەنىدىن ئېيتىش مۇمكىنكى، كۈسەن بۇددا سەنئىتى يالغۇز پۈتۈن بۇددا سەنئىتىدىكى ئەڭ نەپىس نەمۇنە بولۇپ قالماستىن، يەنە ئۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، كورىيە، ياپۇنىيە، كېيىنكى ھىندىستان بۇددا سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈنمۇ ئىلھام ۋە بېشارەت بېغىشلىغان.
ئىنسانىيەتنىڭ خەلقئارالىق مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ گرېك- رىم مەدەنىيەت تىپى، كۇشان-كۈسەن مەدەنىيەت تىپىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى چوڭ مەدەنىيەت تىپى ـ سۈي تاڭ مەدەنىيەت تىپىگە كۈسەن مەدەنىيىتى سالماقلىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئومۇم ئېتىراپ قىلغان تارىخىي پاكىت ۋە تارىخىي قىممەتتىن ئىبارەت. كۈسەن بۇددا تاشكېمىر سەنئىتى، ھەيكەلتىراشلىقى، رەسساملىقى، موزىكا –ئۇسۇل- تىياتىر سەنئىتى، قىياپەت سەنئىتى (كېيىنىش، زىبۇ- زىننەت، پەرداز قىلىش)، ئوردىلارنىڭ جاھازلىنىشلىرى بىلەن بۇددا تەرجىمە، تەفسىر ۋە مائاتىپ ئالدىنقى چىن پادىشاھى خوجيەن (365ـ385) بىلەن غەربى لياڭ پادىشاسى لۈي گۇاڭ (382ـ397)نىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈسەنگە يۈرۈش قىلىش ھەۋىسىنى قوزغىغان. نەتىجىدە لۇي گۇاڭ كومراجىۋانى ھەم 20 مىڭ تۇياق ئات- خېچىردا كۈسەن سەنئىتى ۋە مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى غەربى لىياڭنىڭ پايتەختىگە (ھازىرقى ئوۋېي) يۆتكەپ كەتكەن. بۇنىڭدىن كومراجىۋا باشلىغان يېڭىچە بۇددا تەرجىمانشۇناسلىقى، مائارىپى ۋە ماھايانا مەزھىپىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى، دۇنخۇاڭ بۇددا تاشكېمىر سەنئىتى، غەربى لياڭ موزىكا- ئۇسسۇل سەنئىتى شەكىللەنگەن. كېيىنچە شىمالىي ۋېي، شىمالى چىن ۋە شىمالى جۇ پادىشاھلىرى داتۇڭ، لوياڭ، چاڭئەنلەردە كۈسەنچە تاشكېمىر سەنئىتى بىناكارلىقىنى باشلىغان، مەلىكە ئاسىنا، سۇجۇپ، بەيجىتۇڭ، ئاققارى ماندا باشچىلىقىدا كۈسەن كۈيشۇنسلىق نەزىريىسى، مۇزىكا-ئۇسۇل –تىياتىرسەنئىتى، كېيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت، ئات مىنىش، يىمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئېقىپ كىرگەن. سۇي، تاڭ سولالىرى دەۋرىدە بۇ كۈچلۈك مەدەنىيەت قىزغىنلىقى قوزغاپ دەبدەبىلىك ھالدا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق داۋاملاشقان، روشەنكى، جۇڭگۇ تارىخىنىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەن ئالتۇن دەۋرى- سۈي ـ تاڭ زامانىدا كۈسەن مەدەنىيىتى نوپۇزلۇق تارىخىي قىممەت ياراتقان.
دۇنياۋى تارىخىي خاراكتىر ئالغان مەدەنىيەت كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىمۇ سېزىلەرلىكتۇر. بۇ تەسىر مۇھىمى سۇجۇپنىڭ 12 تېمپېراتسىيىلىك كۈيشۇناسلىقى ئاساسىدىكى فارابىنىڭ مۇزىكا تەلىماتى، كۈسەن –ئىدىقۇت ئاھالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىڭگىزخان قوشۇنلىرى ۋە باخشى- زىيالىلارنىڭ غەربى ئاسىيادىكى مەدەنىيىەت پائالىيىتى، كۈسەندىكى چالغۇلار، كۈسەنچە تۈركىي مۇزىكىلارنىڭ ئەرەپ خەلىپىلىكلىرىدىكى موزىكا ۋە موقاملارنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئىجابىي ئەھمىيىتى قاتارلىقلاردا نوقتۇلۇق ئىپادىلىنىدۇ. مەلۇم مەنىدە ۋاستىلىك شەكىلدە بۇ تەسىر ئەرەپ مەدەنىيەت جۇغلانمىسى ئارقىلىق ياۋرۇپا ئەدەبىيات- سەنئەت قايتا گۈللىنىش ھەركىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيتتى.
4
كۈسەن مەدەنىيىتىنى ئادەتتىكى يەرلىك مەدەنىيەت ھالىتىدىن خەلقئارا مەدەنىيەت تىپلىرىغا سالماقلىق تەسىر كۆرسەتكەن، ئۆز ئالدىغا ئۇسلوپ ھاسىل قىلىش سەۋىيىسىەە كۆتۈرگەن. كۈسەننى يىپەك يولىدىكى ئەڭ جەلىپكار شەھەر قىلىپ تونۇتقان نەرسە نېمە؟ مېنىڭچە ئۇ ئىككى مۆجىزىدىن ئىبارەت.
ئۇنىڭ بىرى، كۈسەن مائارىپى، كۈسەن ئەينى زاماندا بۇددا دىنىي، تىل، سەنئەت، تەبىئىي پەن، ئىجتىساد، قانۇن ۋە تىبابەتچىلىك مائارىپىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغاچقا ئۇنىڭغا توققۇز چاۋۇپ، سوغدى، كەشمىردىن ۋە جۇڭگۇدىن ئوقۇغۇچىلار، بىكسون- بىكسونى (ئەر- ئايال دىنىي كۇرسانتلار) كېلىپ ئوقۇغان، «قۇت»، «نىلىفەر»، «بۇساۋارناتخان»، «جام»، «تام»، «شىمالى تاغ»، «ئون سۇ»، «ھال (قىزىل)»، «شوركەنت» (شورچۇق)»، «يونما»، «چولتاغ (جاۋاغۇل) ناملىق بىھمارلار (ئوقۇش يۇرتلىرى) بىلەن جانبازلىقنى بىرلەشتۈرگەن «ئالىپ» (باتۇرلۇق) بىھاراسى كۈسەن دىيارىغا يۇلتۇزدەك چېچىلغان. بۇ تۇشما، باي، فاچىن، بۇيان، كومىراجىۋا، كوبىرالاربۇ، ۋاسۇ مىترا، سامگاراكا قاتارلىق مەشھۇر ئەللامىلەر بىلەن ۋىدۇساكا، سۇجۇپ ۋە ئۇنىڭ دادىلىرى بۇ يەردە تەلىم- تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان. كومراجىۋا لېكسىيە ئوقۇغاندا ئالتۇن شىر تەختىدە ئولتۇرىدىغانلىقى، پادىشاھ- ئەمەلدارلارنىڭمۇ دەرسكە داخىل بولىدىغانلىقى ئەينى زامادا مائارىپنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەۋزەل ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن مائارىپ، نوقۇل دىنىي ئەپسانىۋى خانىقا مائارىپى بولغاندا ئىدى، ئەينى زامان كۈسەن ئونۋېرسال مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ خەلقئارا تەسىرىنى قىياس قىلىش مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.
بۇ مۆجىزىنىڭ يەنە بىرى، جەلقئارا سودا- تىجارەتتىن ئىبارەت. ئېيتىش كېرەككى، كۈسەن «يىپەك يولى» گۈللەنگەن تارىخىي موھىتتا روناق تاپقان. كۈسەن ئىقتىسادىي ئادەتتىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ھۈنەرۋەنلىك ۋە ئايلانما ئىچكى بازار ئىگىلىكىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ يېزا ئېگىلىكى، چارۋىچىلىقى، باغۋەنچىلىكى خەلقئارا سودا تەلەپلىرىگە ماسلاشقاندىن تاشقىرى، ئۇنىڭ ھۈنەرۋەنچىلىكى- كىمخاپ، تەتىللا، زىبۇزىننەت، كىيىم-كېچەك، ھاراق –شاراپ تاماكا، دورا ۋە دورا ماتىرياللىرى، يۇڭ- تېرە، ساراي- قونالغۇ مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىقتىسادىي تارماقلىرىمۇ «يىپەك يولى» تۈسىنى ئالغان. كۈسەنلىكلەر كارۋان سودىسى قىلىش ۋە باج ئېلىشتىن تاشقىرى، تۈركۈم- تۈركۈم ماھىر تىجارەتچىلەرنى، بۇددا مانىي ئۆلىمالىرىنى، سەنئەتچىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن يىراق-يىراق جايلارغا ئەۋەتىپ «يىپەك يولى» لېنىيىسىدىن نۇرغۇن ئىقتىسادىي قىممەت يىغىپ ئالاتتى. كۈسەننىڭ شۆھرىتىئاشقانسېرى، ئۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا سودا مەرگەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالماي، يەنە مائارىپ ۋە سەنئەت ئاستانىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدىمۇ نۇرغۇن تاپاۋەتكە ئىگە بولدى. لۈي گۇاڭ، فاخۇي، شۇەنجاڭلار كۈسەن شەھەر مەدەنىيىتى، خانلىق ئوردىلىرىدىكى ئېسىل بويۇملاردىن ئۆز ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەشكەن. مەلىكە ئاسىنامۇ توي جابدۇقلىرىنى ئاساسەن كۈسەنگە زاكاز قىلدۇرغان. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى پەقەت بىر قانچە تاشكېمىر بىنا قىلىشتا خەزىنە قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغان بولسا، كۈسەندە بىرقانچە يۈزلىگەن تاشكېمىرلار ئارقا-ئارقىدىن بىنا قىلىنغان. قەدىمكى كۈسەنلىكلەر چىۋەر ۋە ئەقىللىق ئىدى. ئۇلار بىر قولدا مائارىپنى، بىر قولىدا خەلقئارا سودىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ ئىككى قانات بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئالتۇن سۇمۇرغاقا ئايلانغان ۋە «يىپەك يولى»دا بىر مەزگىل پەرۋاز قىلغان. ئۇلار مائارىپسىز بايلىقنىڭ ئاپەتلىكىنى، بايلىقسىز مائارىپنىڭ كۈلپەتلىكىنى چۈشەنمەيدىغان خامۇشلاردىن ئەمەس ئىدى. ئېھتىمال، ئۇلار ئۆتمۈشتىكى تارىخىي ساۋاقلار بىلەن «يىپەك يولى»دا جاھاندارچىلىق قىلىش تەجرىبىلىرىدىن مائارىپ ۋە مائارىپ ئەۋزەللىكى ئاساسىدىكى خەلقئارا ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئەڭگۈشتەرگە ئىگە بولغان بولۇشى مۇمكىن.
5
«يىپەك يولى»نىڭ خاراپلىشىشى كۈسەنگە تارىخىي خاراكتىرلىك پاجىئە ئېلىپ كەلدى. ئۇ راۋان خەلقئارا قاتناش ۋە سودىدىن مەھرۇم بولدى. تەبىئىي ئىگىلىك جەمبىرىكىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. بېكىنمىچىلىككە بەنت بولدى. ئۇنىڭ مائارىپ ئورنىغا نادانلىق، مەدەنىيىتى ئورنىغا جاھىللىق دەسسىدى. ئۇ قۇم ۋە سۇ ئاپىتىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدىغان مەجرۇھقا ئايلاندى. ئۇنىڭ تاغ باغرىدىكى سەنئەت جاۋاھىراتلىرىنى يەر تەۋرەش، سۇ يالاش ۋە ئەسەبىي نادانلىق ۋەيران قىلىدى. ئۇنىڭ تەكلىماكان ياقىسىدىكى شەھىرى كېتىكتەك بىر قانچە شەھەرلەرنى كۆچمە قۇم يالماپ كەتتى. ئۇ ئۆز –ئۆزىنى تولىمۇ تەسلىكتە تەمىلەيدىغان، كۆڭۈلنى ئەلنەغمە- ئۇسۇللار بىلەن بەزلەپ تۇرىدىغان بىچارە قىياپەتكە مۇپتىلا بولدى. بۇلار يەنە ئۇنىڭ «يىپەك يولى»دىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، مائارىپ ۋە خەلقئارا ئىقتىساد سېستىمىسىدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەنلىكىدىن بولدى. مانا بۈگۈن «يىپەك يولى» قايتا ئېچىلدى. خەلق كۆزىدىكى غەپلەت دىۋىلىرى كۆتۈرۈلدى. كۈسەنلىكلەر ئۇيقۇدىن قوپقان سۈبھىلىك ھېس- تۇيغۇلىرى بىلەن ئۆز- ئۆزىنى بىلىش، ئۆز بەخت- سائادىتىنى ئىزدەش يولىدا «كۈسەن مەدەنىيەت –سەنئەت بايرىمى»نى ئۆتكۈزۈشكە تۇتۇندى.
«كۈسەن مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى» مىۋە قېقىش سەيلىسى ئەمەس، بەلكى يېڭى ئويغۇنۇش ئابىدىسى بولۇپ قالغۇسى. مائارىپ ئېڭىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى تىكلەش يولىدىكى،  مائارىپنى ئومۇمىي خەلقنىڭ تەقدىر تارازىسى قىلىش يولىدىكى يېڭى باشلىنىش بولۇپ قالغۇسى!
1993-يىل 10- ئاي
مەنبە: «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»
تورغا ئۇزاتقۇچى:م.قادىر( ھۇما)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-12 11:09:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

        ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (14)
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى توغرىسىدا

ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق، يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتۇنۇمىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت، ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە، جۇڭگۇنىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدىن باشقا، قازىقىستان، تۈرۈكمەنىستان، ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئاۋستىرالىيە، گېرمانىيە، روسىيە، ئامرېكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈنەرلىك نوپۇستا، مۇئەييەن جامائەت تۈركىمىي شەكلىدە ياشايدۇ.
ئۇيغۇرلار ھازىر دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا –سېتىق، مەدەنىيەت –مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھازىر بازار ئېگىلىگىنى مەرگەز ۋە تەڭشىگۈچ قىلغان ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا بارغانسېرى ئۆزلەشمەكتە. ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قاتلىمىنى ھاسىل قىلماقتا.
ئۇيغۇرلار مەرگىزىي ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان. جۇڭگۇ ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى. ئۇلار مىلادىدىن 2000 ــ 3000 يىل ئىلگىرى شىمالىي ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ ـ مىنوسېنىك رايونلىرىدا ياشىغان ئارى (ئارىيان) قەبىلىلىرى، سىكتاي- ساك خەلقلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنىسلىق (ئاق تەنلىك) ئەجداتلىرى دەپ قاراشماقتا. قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭەك ئانالىزى، قان تىپى، قەدىمكى ئارىيان- سىكتاي- ساك ئەپسانە فولكلورى، كىيىنىش ۋە موزىكا، ئۇسسۇل، بايرام، سەيلە- مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى. ئەينى زاماندىكى «ئات مەدەنىيىتى» بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگۇنىڭ رەسمىي يىلنامىلىرىدا «ئۇلۇغخور (大胡)» دەپ ئاتالغان ئارىيان ـ سىكتاي ـ ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرىلىشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئارىيان ـ سىكتاي ـ ساك قەبىلىلىرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2000- يىللاردىن تاكى 5-، 6- ئەسىرلەرگىچە غەرپ، جەنۇپ ۋە شەرىققە يۆتكىلىپ، ئىران ئېگىزلىكى، ھىندىستان زىمىنى ۋە چىلەن تاغلىرى ئەتراپىغا كېڭەيدى ۋە ئىرانى خەلقلەر، ھىندىستان ئارىيان ـ ساكلىرى، تارىم ساكلىرى ۋە تۇخار قەبىلىىرىنىڭ مىللەت تەركىبىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىلا ساكلارنىڭ ئاسىنا قەبىلىلىرى بىلەن مۇڭغۇللوئىد (مۇڭغۇل ئىرقى) تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسىنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قوشۇلدى. نەتىجىدە مەرگىزىي ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ 2- تۈركۈمى ـ تۈركلەر مەيدانغا چىقتى. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان ـ سىكتاي ـ ساك خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى، تۈركىي تۈركىمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھېساپلىنىدۇ.
جۇڭگۇ يىلنامىلىرىدە غەربى جۇ سۇلالىسى زامانىدىكى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭساي) ۋە ئوردۇس ئوتلىقى ئەتراپىدا ياشىغان گۇيفاڭ (鬼方)، دى- زەي (狄翟) قەبىلىلىرىنى، كېيىنچە بايقال كۆلى ئەتراپىدا ياشىغان دىڭلىڭ (دەنلەن) خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. ئۇلار دىڭلارنى شەرقىي ۋە غەربى دىڭلىڭلارغا ئايرىپ، بايقالدىن يېنسەيگىچە، يىنسەيدىن يەتتە سۇ ۋە سىر دەرياسى ساھىللىرىغىچە ياشىغان دەپ قارايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىڭلىڭلاردىن باشقا، قەدىمكى تۇرپان، كىروران ئاھالىلىرى بولغان ئۇجيې (乌结)، ئۇخۇ (乌护) ۋە قوش قاڭقىل (姑师) قەبىلىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى دېگەن قاراشلارمۇ مەيدانغا چىقتى.
ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت، ئارىيان ـ سىكتاي ـ ساك ـ تۈركىي خەلقلەر تۈركىمىدىكى مەدىنىيەتلىك خەلق. ئۇلارنىڭ جىسمانىي خۇسۇسىيىتى ۋە قان ئالاھىدىلىكى، تىل ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئېتنوگرافىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى يىراق تارىخىي قاتلاملىرىنى، تارقىلىش ماسىشتابىنى، مىللەت مەنبەسى ۋە ھەرخىل تەركىبلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى، ئەجداتلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئوتلاق مەدەنىيىتى، ئاتلىق كۆچۈش قىسمەتلىرى، بوستان مەدەنىيىتى، يىپەك يولى ئالاقىلىرى كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈردى.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى، نوقۇل ھالدا 840-يىلى ئۇرخۇن ۋادىسىدىن تارىم ۋادىسىغا كۆچكەن ۋە بۇ يەردىكى ساك، تۇخار، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈۈپ مەيدانغا كەلگەن دېگەندە، يەنىلا ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى ساك، تۇخار، سوغدىلارنىڭ قايسى تارىخىي قاتلامدا قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكىدىن قەتئىي نەزەر، ئورتاق ھالدا مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرى بولغان ئارىيان تۈركۈمى ۋە تۈركىي تۈركىمگە بولغان تېرەن يىلدىزداشلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك. بۇ خەلقلەر كۆچمە چارۋىچىلىق ۋە «ئات مەدەنىيىتى» تۈپەيلىدىن مەركىزىي ئاسىيا رايونىغا ـ مۇھىمى تارىم ۋە سىر دەريا ۋادىلىرىغا، بايقال ۋە مۇڭغۇل ئوتلاقلىرىغا كەڭ تارقىلىپ ياشىدى. ئۇلار جۇڭگۇ ۋە ئىران (ئاخمانى) ئىمپېرىيىلىرىگە ېيقىن جايلاردا ھاكىمىيەت مەركەزلىرىنى بەرپا قىلغان ھون ۋە ساك ئەنئەنىلىرىەە دېيەرلىك ۋارىسلىق قىلدى. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلار غەرپكە كۆچكەندىن كېيىنمۇ خان ئۇرۇقى بولغان ياغلاقارلار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغاندىن باشقا، ئادىزلار باشچىلىقىدىكى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قۇچۇ، كۈسەن، قەشقەر، سۇياپ ـ سىر دەرياسى ۋادىسىغا يۆتكىلىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىلار ھاكىمىيەتلىرىنى بەرپا قىلدى. خوتەن ياغلاقار قالقالۇخانى داۋاملىق گەنجۇ ياغلاقار ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىدى. بۇ ئۇرخۇن ۋە گەنجۇ، خوتەن ياغلىقارلىرىنىڭ قەبىلىۋى يېقىنلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خۇددى ئۇيغۇرلار قەدىمكى سەمەرقەنت ھاكىمى ئاپراسىياپنى ئۆزىنىڭ قەھرىمان پادىشاھى دەپ ئىزچىل ھۆرمەتلەپ كەلگىنىگە ئوخشاش ئەھۋال.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنونىمى (مىللەت نامى) قاچان كېلىپ چىققانلىقى نامەلۇم. بىرىنچىدىن، بۇ ئېتنونىمنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئېتنىك تۈركىمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى قىلىپ بېكىتىۋالغىلى بولمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان قەبىلە دەسلەپ ياغلاقار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان بىر قەبىلىنىڭ نامى بولۇپ، بۇ خاسىيەتلىك نام پۈتۈن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ قوبۇل قىلىنغان، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يېمىرىلگەندىن كېيىنمۇ گەنجۇ، ئىدىقۇت، كۈسەن خانلىرى ئۆز سەلتەنەت ناملىرىغا ئۇيغۇر نامىنى قوشۇپ ئىشلەتكەن. ھازىرقى يۇگۇ ـ سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نامىنى ياغلاقار ياكى باشقا قەبىلە نامىدا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر نامىدا ئىشلەتتى.
«ئۇيغۇر» ئىبارىسى ئومۇمىي مەنىدە «ئويۇشۇش، ئويۇشماق» دېگەن مەنىدە ئىزاھلانماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەىنىيىتى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىش ۋە سىياسى ھاكىمىيەت ئورنىتىشىدىن خېلى بۇرۇنلا تەدرىجى شەكىللەندى ۋە ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەرقايسى تارىخى قاتلاملىرىدا داۋاملىق راۋاجلىنىپ، تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئىزچىللىقى بىلەن تارىخى قاتلاملىقى زەنجىر ھالقىسىنى ھاسىل قىلدى. بىز ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل ئېتنولوگىيىلىك تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە ئىگە ئېتنىك مىللەت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىمىز.
ئۇيغۇر تارىخىدا جەڭگىۋار ئاياللار، ھاكىمىيەتكە قاتناشقان تۈركەن خاتۇندەك ئاياللار، شائىرە ۋە مائارىپچىلار خېلى كۆپ بولغان. تۇغۇت مۇناسىۋىتى بىلەن ئانا- بالىلار مەبۇدىسى ئۇماي ئانىغا (ئىسلامىيەتتىن كېيىن پۈۋى پاتىمەگە) سېغىنىش، بالىنىڭ قىرىق سۈيى، ئات قويۇش مۇراسىمى، بۆشۈك تويى، ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا توشقاندا خەتنە قىلدۇرۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ياكى ھۈنەرگە بېرىش ئادەتلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى.
ئۇيغۇرلاردا نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن چاي ئىچكۈزۈش، توي ئالدىدىكى مەسلىھەت چايلىرى، نىكاھ ئوقۇپ قىز- يىگىتنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش، توي مۇراسىمى، يىگىت – قىزلار ئولتۇرىشى، قۇدىلار چىللاقلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى. ئۇيغۇرلاردا دەپنە مۇراسىمى ھەرقايسى دىنىي مەدەنىيەتلەر تەسىرىدە ھەرخىل بولسىمۇ، ئەمما مېيىتنى پاكىزە يۇيۇپ كېپەنلەش، ھازىدارلار ئاق رومال سېلىپ، ئاق بەلۋاغ باغلاپ يىغا زارە قىلىش، مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش، جىنازىنى ئالمىشىپ، تالىشىپ كۆتۈرۈش قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىش، لەھەتتە مېيىتنىڭ يۈزىنى قىبلە (غەرپ) تەرەپكە قىلىپ ياتقۇزۇش، ئىچ كۆرنىڭ ئاغزىنى كېسەك بىلەن ئېتىپ، تاش كۆرنى توپا بىلەن كۆمۈش، قەبرە بېشىدا مېيتنىڭ ئىجابى تەرىپىگە گۇۋاھلىق بېرىش، قەبرە تېشى- گۈمبەز ئورنىتىش، مېيىتنىڭ يەتتە، قىرىق، يىل نەزرىلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرى بىردەك ئىزچىل بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى مېيىت سۆڭىكىنى كاھىش (ساپال) ساندۇققا سېلىپ يەرلىككە قويۇش، مېيىتنى تاش كۆرگە كۆمۇش، مىيىتنى ئاستىغا ياغاچ شادا قويۇلغان گۆرگە ياتقۇزۇپ، ئۈستىگە قىزىل توپراق ۋە قۇم تۆكۈپ كۆمۈش، شام گۆرگە قويۇش، مېيىتنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى قۇتىغا سېلىپ بۇددا مۇنارلىرىغا تىزىپ قويۇش قاتارلىق دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرىنىمۇ قوللاندى.
ئۇيغۇرلاردا ھېيت- ئايەملەر قەدىمكى تەقۋىم (كالىندار) قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. «نەۋرۇز» (نورۇز) بايرىمى، «كۆك مەشرىپى»، «سۇ- مۈلەك» ئايەملىرى باھار- نورۇز بايرىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ بايرام يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار يەنە «قىزىلگۈل سەيلىسى»، «قوغۇن سەيلىسى» قاتارلىق يازلىق –كۈزلۈك بايراملارنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇددىزىم مەزگىلىدە بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «بۇرھان (بۇت) يۆتكەش» مۇراسىملىرى بولغانىدى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن، قۇربان ھېيىت، روزا ھېيىت ئايەملىرى نورۇز بايرىمى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق بايراملىرى بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇرلاردا يېقىنقى يىللارغىچە (يېزىلاردا ھېلىمۇ بار) قورۇ ئىگىلىكى ھەربىر چوڭ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ھۆجەيرىسى بولۇپ كەلدى. چۆللۈكلەر بىلەن قورشالغان ھەرقايسى بوستانلىقلار قويۇق دەرەخلەر، ئېقىن سۇلار، ئۆم ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر بىلەن قاپلىنىپ قالماستىن، بەلكى ھەرقايسى قورۇلارمۇ مېۋىلىك باغ، ئۈزۈم باراڭلىرى بىلەن قاپلىنىدۇ، ئۇيغۇر قورۇلىرى نەقىشلىك دەرۋازا، پىشايۋان، ئايۋان- ساراي، ئوغۇل- قىزلار ئۆيلىرى، قازناقلار بىلەن بىر يۈرۈش قىلىنىدۇ. بەزى قورۇلار بالىخانا ئۆيلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپۈنچە ئۆيلەر گەجلەنگەن ۋاسا بىلەن «ۋاساجۇپ» قىلىپ يېپىلىدۇ. ھەرخىل نەقىشلىك مېھراپ (مەرەپ) تەكچە ۋە مورىلار بىلەن بېزىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ناخشا- ئۇسۇل، موزىكىغا ئەزەلدىن ھېرىسمەن مىللەت. ئۇلار قەدىمكى مۇراسىملار، مىلىس- مەشرەپلەر ئاساسىدا يەرلىك خەلق مۇقام- مەشرەپ –سەنەملەرنى شەكىللەندۈردى. مىلىس- مەشرەپلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتنىگوراپىيە مەكتىپى، ئاخلاق- ئەقىل مەكتىپى، ناخشا- ئۇسۇل مەكتىپى بولۇپ كەلدى. شۇ ئاساستا ئۇيغۇر كىلاسسك موزىكىسى «ئون ئىككى موقام» شەكىللەندى.
ئۇيغۇرلار خەلق قوكلورى- ئېغىز ئەدەبىياتىغا باي خەلق. ئەڭ يىراق شامانىزىم ئەپسانىلىرىدىن بۇددىزىم دەۋرى ھېكايىلىرىگىچە، قەدىمكى قەھرىمانلىق رىۋايەتلىرى، ئەجداد سېغىنىش رىۋايەتلىرى بولغان «بۆرە ھېكايىسى»، «ئوغۇزنامە»، «ئاپراسىياپ رىۋايىتى»، «جىستانى ئىلىگبەك رىۋايىتى»، «دەدە قورقۇت»، «تۇمارىس»، «غېرىپ- سەنەم» قاتارلىقلار بىلەن مىڭلىغان تارىخىي قوشاقلار، لەتىپە ۋە ئەقلىيە سۆزلەر ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلىنى سالدى. ئۇيغۇرلار خەلق ئەدەبىياتى ئاساسىدا يازما ئەدەبىيات ۋە كىلاسسك ئەدەبىيات دۇردانىلىرىنى ياراتتى. ئۇنىڭ  ئەڭ بۈيۈك سەمەرىسى «قۇتادغۇبىلىك»تىن ئىبارەت. ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلاردىكى پەلسەپىۋى، دىنىي، ئەخلاقىي، تارىخىي، ھوقۇقىي كۆز قاراشلارنى شېئىرىي تۈستە ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر روھىيەت تارىخىي ۋە تەپەككۇر تارىخىنىڭ باي، رەڭدار خەزىنىسىنى ھاسىل قىلدى.
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ تەسۋىرىي سەنئەت ھېرىسمەنلىرى ئىدى، ئۇلار قىيالارغا تۇرمۇش ئوبرازلىرىنى چېكىپ، بالباللار ۋە تاشپۈتۈك (ئابىدە)لەرنى ئورنىتىپ، ئالتۇن، مىس- كۆمۈشلەردىن زىبۇ- زىننەتلەرنى ياساپ، كاھىش، قاش (قاشتېشى)تىن گۈزەل تۇرمۇش بويۇملىرى ياساپ، تاشكېمىر سەنئىتى ـ بىناكارلىق، ھەيكەلتاراشلىق، تام رەسساملىقى، ياغاچ ئويما، تاختا سىزما، مىتال ۋە توقۇلمىلارغا رەسىم ئىشلەشتە ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتتى. شىنجاڭدىن تېپىلغان زوروئاستېر (ئاتەشپەرەستلىك)، بۇددا ۋە مانى دىنىغا ئائىت تەسۋىرىي سەنئەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ھېلىمۇ جاھان تەتقىقاتچىلىرىنى مەپتۇن قىلماقتا.
ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تاماق مەدەنىيىتىدە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسا ئالدىنقى شۆھرەتكە ئىگە. تاماق مەدەنىيىتى بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ يىراق تارىخىي قاتلاملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئېرىشكەن كامالەت دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى بىر تەتقىقاتچى: ئۈزۈپ تاشلاپ ياكى پىچاقتا كېسىپ ئىتىلىدىغان سۇيۇقئاش بىلەن ئىنچىكە سوزۇلغان ئەشمە (لەغمەن) ئارىسىدا بىر مىڭ يىللىق مۇساپە ياتىدۇ، دەپ توغرا ئېيتقانىدى. تونۇردا ھازىرلىنىدىغان ھەرخىل تائاملار، ئۆپكە- ھېسىپ، پېتىرمانتا ۋە مۇراببا قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئاپىرىن ئېيتمايدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىشلەپ چىقارغان ھەرخىل مەيزاپ ۋە ھاراقلار ھەتتا تاڭ تەيزوڭنىمۇ ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۇيغۇر تائاملىرى يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلۋىغىغا جايلاشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىداكارانە مېھماندوستلۇق ئەنئەنىسىگە ھەسسە قوشتى. ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۆز نۆۋىتىدە ئوزۇقلۇق ۋە تىبابەت قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەن يەنە شەرىق- غەرپ خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئىشتىھا تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش مەدەنىيىتى يىراق تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ كەلدى. بىز بازىرىق، قاراسۇق، ئەسكى قەلئە، كونا كىروران، قەدىمكى قۇمۇل قارا دۆۋە قاتارلىق قەبرىستانلىقلار بىلەن سىكتاي- ساك سىزما يادىكارلىقلىرى، بۇددا تاشكېمىرلىرىدىكى تام رەسىملىرى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەتئەل ئېتنوگرافلىرى سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ كىيىنىشلىرىدىن ئۇيغۇر كىيىم مەدەنىيىتىنىڭ تۇرمۇش، ئاتلىق يۈرۈش، جەڭ ئىھتىياجىغا لايىق بولۇشتىن تاشقىرى، يەنە غايەت زور ئېستتتىك ئالامەتلەرگە، ھەتتا ماننىرىزملىق (زىننەتۋازلىق) ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ھال مىلادىدىن ئىلگىرىكى جاۋلىن ۋاڭنىڭ، مىلادىنىڭ بېشىدىكى شەرقى خەن سولالىسىنىڭ، شىمالى سولالىلەرنىڭ، ئوتتۇرا تاڭ زامانىنىڭ «خور كىيىمى» قىزىقىش دولقۇنىنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇرچە كېيىنىش، زىبۇ- زىننەت، ئاتقا مىنىش ۋە ساز- ئۇسسۇل، ھەتتا مەي مەدەنىيىتى نۇرغۇن شائىرلارنىڭ شېئىرىي مىسرالىرىغا ئىلھام بەردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە ئويغۇر سودا- تىجارىتى كۆرىنەرلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يىراق ئەجدادلىرىدىن سىكتايلارنىڭ ئاتاقلىق- تۆگىلىك جاھانكەشتىلىك ئەنئەنىسىنى ئۆزلەشتۈردى. ئۇلار قاشتېشى ۋە ئالتۇن سودىسى، يىپەك يولى سودا تىجارىتىدە ئۆتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئىران، ۋىزانتىيە ئارىسىدىكى سودىنى تىزگىنلىدى. مەشھۇر سودا ئاھالىسى دەپ ئاتالغان سوغدىلارنى ئۆز مىللىي تەركىپگە سىڭدۈرۈپ، ئىران سودىگەرلىرىنى سۇندۇردى ۋە سۇڭ سولالىسىنىڭ بازار سودا ۋازارىتىنى بىكار قىلىپ، ئۇيغۇر سودا سارىيى قۇرۇشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم كۆرسەتتى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ياسىداق سودا دۇكانلىرى، مەخانا ئېچىپ، ئۆز زىمىنىدا مال سېتىش ۋە يەرمەنكە بىلەن شۇغۇللانغۇچى «ھەتتار«لاردىن پەرقلىق ھالدا، دۆلەت، رايون ھالقىپ، يېنىك ۋە قىممەت باھالىق بويۇملارنى ئېلىپ يۈرىيدىغان خەلقئارالىق سودا كارۋانلىرى تۈزدى ۋە دۆلەت – رايۇنلار ئېتىراپ قىلغان ئالتۇن ئاقچا بىرلىكىنى ياراتتى.
ئۇيغۇر تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە تەنتەربىيە ۋە مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ. ئوقيانى ئات ئۈستىدە ئارقىغا ئېتىپ نىشانغا تەككۈزۈش، چېلىشىش، ئات ئويۇنى، ئات توپ (چەۋكەن توپ)، ئوغلاق تارتىشىش، ساغاردى ئويناش، دارۋازلىق، سېھرىگەرلىك، موللاقچىلىق، ساقا ئويناش، شاھماتۋازلىق، گاگا- توقماق، لەگلەك ئۇچۇرۇش ۋە نۇرغۇنلىغان بالىلار ئويۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادە چېنىقتۇرۇش، ماارەت يىتىلدۈرۈش تىپىدىكى تەنتەربىيە مەدەنىيىتى سېستىمىسىنى شەكىللەندۈردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن، ھەممە شەرتلىرى مۇكەممەل ئېتنىلوگىيىلىك مىللەت ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى بۇ ھۆكۈمنى ھەرتەرەپلىمە ئىسپاتلايدۇ. ئۇيغۇرلار تېخى ئىجتىمائىي مىللەت ۋە سىياسى مىللەت كاتېگورىيىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئەمەس.
ئۇيغۇر روھىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆرپ- ئادەت قاتارلىق تۇرمۇش مەدەنىيىتىدىكى ئىپادىلىرى ئۇلارنىڭ ياۋرۇپا مىللەتلىرىدەك ئۆز روھىيىتىنى ئىنساننىڭ تەبىئەتكە بولغان مۇناسىۋىتىنى ئوق قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان تەبىئەت تەقلىدچىلىكى ۋە تەبىئەت پەلسەپىسى تىپىدىكى مەدەنىيەتكە تەۋە ئەمەسلىكىنى، يىراق شەرق مىللەتلىرىدەك ئۆز روھىيىتىنى ئىسنساننىڭ پادىشاھ ۋە ھوقۇقدارغا بولغان مۇناسىۋىتىنى ئوق قىلىپ ئويۇشتۇرغان ھوقۇق مۇقەددەسلىكى ۋە ھوقۇق كىشىلىك قاراشلىرى تىپىدىكى مەدەنىيەتكىمۇ تەۋە ئەمەسلىكىنى ، ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيا جەنۇبى سىبىريە ۋە غەربىي ئاسىيا مىللەتلىردەك ئۆز روھىيىتىنى ئىنساننىڭ ئىلاھىيەتكە، ئىنساننىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان مۇناسىۋىتىنى ئوق قىلىپ ئويۇشتۇرغان پانتېزم- تەبىئەت- ئىلاھىيەت – ئىنسانىيەت بىردەكلىكى قاراشلىرى تىپىدىكى مەدەنىيەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمكى كۆك تەڭرى ئىتىقادى، شامانىزىم، ئىسلامىيەت ۋە كىلاسسك سوپىزىم قاراشلىرى ئۆزىنىڭ ئىنسان بىلەن ئىلاھىيەت مۇناسىتى تىپىدىكى ئورتاقلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك ئىتىقاد قىزقىنلىقىغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر روھىيىتى ئاللىقاچان ھۆكۈمران ئەقىدە نوپۇزىدىن قالغان بۇ ئىتىقاد قالدۇقلىرىنى ھېلىمۇ ئۆز قاراشلىرى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا، تۈرلۈك ئۆرپ- ئادەت ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭغا ھۆرمەت –ئېتىبار قىلىش دېگەن تاشقى، ھادىسىۋى شەكىلۋازلىقتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پەلسەپىۋى مەدەنىيەت تىپىگە ھۆرمەت- ئىتىبار قىلىشقا كۆتۈرىلىشى لازىم.

1994-يىلى، ئۈرۈمچى
مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى: م.قادىر(ھۇما)

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش