ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (15)
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى
1
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىراق ئاتا- بوۋىلىرى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىكى بوستان ۋە يايلاقلارنى ئاساس قىلىپ، پەرغانە ۋە يەتتە سۇ، ئۇرخۇن ۋە سىلىنگا ئەتراپىدا ياشىغان. ئوغۇزخان، ئاپراسىياپ، بۆكۈخان ۋە بۇغراخان قەھرىمانلىق داستانلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشقان خانلىق جەمەتى ياغلاقار- ياغما قەبىلىلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئون ئۇيغۇر، شەرقى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەشكىل قىلغان ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى غۇلاپ، ياغلىقارلار گەنجۇ سېرىق ئۇيغۇرلىرىغا ئايلانغاندىن باشقا، ئادىز، ياغما قەبىلىلىرى خانلىق جەمەتىنى تەشكىل قىلغان توققۇز ئۇيغۇر ــ غەربى ئۇيغۇرلار بېشبالىق – ئىدىقۇت ئارسلانخانلىقى، قەشقەر- قۇزئوردا بۇغرا قاراخانلىقى بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىكخانلىقىنى تەشكىل قىلىپ شەرق بىلەن غەرپ ئارىسىدىكى مەشھۇر يىپەل يولى ئالاقىلىرى بىلەن ئالەمشۇمۇل تارىخىي شۆھرەتكە ئىگە بولغان ئىسلام مەدەنىيىتىگە كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ياشىغان تېرتورىيىلىرىنىڭ كەڭلىكى، ئولتۇراقلىشىش ۋە تېرىقچىلىققا ئەڭ دەسلەپ قويغانلىقى، كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ دېھقانچىلىق چۋە ھۈنەرسازلىق ئىشلىرى ئۇيغۇرلارنى جەلىپ قىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى، شەھەر- قەلئە ھاياتى ۋە مالىيە سودىغا بولغان ماھارىتى، يېزىق ۋە ئەدەبىي تىل جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى، ئىپتىدائىي ئانامىزم- توتېمىزم ۋە شامان ئەقىدىلىرىدىن ئاللابۇرۇن ئالاقىنى ئۈزۈپ، ئاتەشپەرەسلىك، مانىي ھەم بۇددىزم مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشقانلىقى، ئۆز تارىخىدا بىر قاتار شەھەر- قەلئە مەملىكەتلىرى ۋە بىرقانچە خاقانلىقلار بەرپا قىلغان كۈچلۈك سىياسىي تىپىك گەۋدە ھاسىل قىلغانلىقى، مەشھۇر سىياسىي ئەرباپلار، سەركەردىلەر، مۇتەپەككۇر ئالىم – شائىرلار، تەرجىمەشۇناسلار ۋە كۆرۈنگەن سودا –ئىقتىساد خوجىدارلىرىنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقى بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ بايلىقى، ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزىگە خاس تەرەققىپەرۋەر خاسىيەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. خۇددى قەدىمكى سۈرىيىلىكلەر ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنى بېيتقاندەك، ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئۆزىگە خاس مەھەللى مەدەنىيەتتىن تاشقىرى، ئوتتۇرا دىيار، گرېك-رىم، ئەرەپ –ئەجەم ۋە ھىندى مەدەنىيىتى تەسىرى بىلەن ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيتقان ۋە يۈكسەلدۈرگەن. بۇ ھال ئۇيغۇر خەلقىنى پۈتكۈل ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەتلىك سھلاھىيىتىگە مۇيەسسەر قىلدى.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى نوقۇل ئىسلام ئېتىقادى ۋە كالامىزىم چۈشەنچىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلەن چەكلەنمەستىن، بەلكى پۈتكۈل بىر پۈتۈن دۇنياۋى مەدەنىيەت تىپىنى- ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلەن خاراكتىرلەنگەن. بۇ ئىككى نوقتىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق بىرقەدەر يۇقۇرى مەدەنىيەت تىپىنى شەكلەن ئەمەس، بەلكى پائال ئۆزلەشتۈرۈش پەللىسىدە تۇرغان، مەدەنىيەت ئىقتىدارىنى، شۇنىڭدەك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت تىپلىرىدىن يۇقۇرىراق سېنكىرىتىك قاتلامدىكى دىنىي مەدەنىيەت شەكلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ئىران- تاجىك تىپىدىكى سامانىلار سولالىسىنى ھېساپقا ئالمىغاندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ دىننى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە ئۆلگىسىنى تىكلىدى. باشقا تۈركىي خەلقلەر بىلەن تۈركلەشكەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان.
ئىسلامىيەت- دىنىي شەكىلدە مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان مەدەنىيەت ھادىسىسىدىن ئىبارەت. ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش ۋە تەپەككۇر تارىخىنى، تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى دىن ۋە دىنىي مەدەنىيەت تارىخىدىن ئايرىۋېتىدىغان، دىنىي مەدەنىيەت تارىخىنى ياكى مەدەنىيەتنىڭ دىنىي تىپىنى قانداقتۇر غەيرى تارىخى، غەيرىي مەدەنىي ھادىسە سۈپۈتىدە ئىزاھلايدىغان قاراش ۋە ئۇسلوب ئىلىمغا زىت. تارىخى ھەقىقەتكە زىت قاراش ۋە ئۇسلوب. تارىخ ئىسپاتلىدىكى، دىن تارىخىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، دىنىي شەكىلدىكى مەدەنىيەت تارىخىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىنسانىيەت روھىنىڭ تارىخىنى ۋە روھىيەتتىكى ئىنسانىيەت تارىخىنى تولۇق چۈشنىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق تارىخ ئاخىرلاشقىنى يوق. ئۇ تىزدىن ئۇ تىزدىن تامامەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەقىقىي تارىخ خۇددى گرېك ئەپسانىلىرى گرېك سەنئىتىنىڭ ئاپىرىدەگاھى (ماكرس) بولغىنىغا ئوخشاش، دىنىي مەدەنىيەتنىڭ ئىلىم-پەن مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى، رىقابەتكار ئىلھامچىسى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا بىر-بىرىنى تولۇقلىغۇچىسى بولۇشلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. ھازىرقى ئېنفورماتسىيە ۋە يېڭىچە ئاڭ تەپەككۇر ئىزدىنىشى بىزدىن «دەھرىلىككە قارشى» ياكى «ئىلاھىيەتچىلىككە قارشى» جەڭگاھنى كۈچەيتىشنى ئەمەس بەلكى مىللەتنى كۈللەندۈرۈش ۋە ئىنسانىيەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش يولىدا، ھەقىقەت، ئىنسانىيەت ۋە بەخت- سائادەت ئۈچۈن بولغان كۆرەشتە ئۆزئارا گارمونىلىشىشنى تەلەپ قىلماقتا.
2
ئىسلام دىنىي دۇنياۋى دىنلار ئىچىدىكى ئەڭ كېيىنكىدىن، ياش دىن، ئەگەر بۇددىزم، خراستىئار دىنلىرى قۇل ئىگىلىكى دەرۋى مەدەنىيىتىنىڭ خاس شەكلى سۈپىتىدە شەكىللەنگەن ۋە ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتى تەلەپلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بولسا، ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىنىڭ ئورىگىنال بىر تۈرى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان. ئەگەر بۇددىزم ۋە خرستىيان دىنلىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى دىن ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كېلىپ بىر يۈرۈش بۇددىزملىق ۋە خرستىيانچىلىق مەدەنىيەت شەكىللىرىنى بەرپا قىلغان بولسا، ئىسلام دىنى ئۆزگىچە بولغان دىن ۋە مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنىڭ ئىسلامغا مۇۋاپىق ئامىللىرىدىن پايدىلىنىپ بىر پۈتۈن ئىسلام دىنى تەلىماتى، تۇرمۇش شەكلى ۋە مەدەنىيەت تىپىنى روياپقا چىقارغان. ئىسلام مەدەنىيىتى ياۋرۇپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىغانلىقى ئەمدى ھېچقانداق سىرئەمس.
ئىسلام دىنى گەرچە باشتىلا بىرخىل مەدەنىيەت شەكلى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئابباسىيە خەلىپىلىكى دەۋرىدە يۈز بەرگەن «شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى» ئارقىلىق 9 ـ 12- ئەسىرلەر ئىچىدە يىپيېڭى بىرخىل دۇنياۋى تارىخىي خاراكتېرلىك مەدەنىيەت تىپىنى «ئىسلام مەدەنىيىتى»نى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى. بۇنداق مەدەنىيەت نوقۇل ئىسلام ئىتىقادچىلىقى مەزمۇن قىلىنغان دىنىي مەدەنىيەتتىن تاشقىرى، يەنە ئىسلام قانۇنچىلىقى، ئىسلام ئەدەپ- ئەخلاقى، ئىسلام بىناكارلىقى، ئىسلام ئەدەبىياتى، ئەرەپ يېزىقى ۋە خەتتاتلىقى، ئىسلام مەدەنىيىتى تەركىبىدىكى پەلسەپە، تىبابەتچىلىك ۋە تەبىئەت ئىلىملىرى، كالىندارچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت سىستېمىسىدىن ئىبارەت بولدى. ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆزىگە خاس دىنىي ياكى تارىخىي ئالاھىدىلىكلەردىن تاشقىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئومۇمىي مۇۋەپپەقيەتلىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ دۇنياۋى قىممەت ياراتتى. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا ئىدى ئىسلام مەدەنىيىتى مىڭ يىللاردىن بېرى مىلياردلىغان كىشى قەلبىنى، تۇرمۇش يوسۇنلىرىنى ئۆزىگە مۇنداق جەلىپ قىلمىغان بولاتتى.
ئىسلام دىنى ئۆمەرىيە سۇلالىسى (661- 750) دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. خەلىپە ۋەلىد (705- 715) ۋاقتىدا سەركەردە قۇتايبە ئىبىن مۇسلىم باشچىلىقىدىكى ئەرەپ مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىش يۈرىشىنى باشلاپ كۆپ يىللىق جىددىي جەڭلەردىن كېيىن 712-يىلى بۇ ئىشنى مۇۋەپپەقيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ پەرغانە ۋە قەشقەر ۋادىسى، تالاس-يەتتەسۇ بوستانلىقلىرى ھەتتا بېشبالىقتا ئىسلام مۇخلىسلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، سامانىيلار بىلەن قاراخانىلار ئارىسىدىكى كەسكىن ھەربىي زىددىيەتلەر تۈپەيلى ئىسلام دىنى توققۇز ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا قاتتىق تەقىپ قىلىندى، پەقەت سۇلتان ساتۇق بۇغراخان 935-يىلى ئاتۇشتا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنى ئېگىلىگەندىن كېيىنلا ئىسلامىيەت قاراخانىلار ھۆكۈمرانلىقى يەتكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىدېئولوگىيىلىك مەدەنىيەتنىڭ ئۇيغۇرچە مىللىي تۈسكە كىرگەن ئالاھىدە ئېتنىك شەكلى بولپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سوغدى قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزلەشتۈرىشى، ئوتتۇرا ئاسىياغا بايقال، ئېرتىش ۋادىسىدىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەرەپ خەلىپىلىكىدە تۇقان ئورنىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىدا ئۇيغۇر تۈركىي شەكىلدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى ئالامەتلىرى شەكىللىنىپ چىقتى. بۇ ئەھۋال ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلامىيەت شەكلىدە يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ئېلىپ كەلدى. ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بېيىتتى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ ئىسلام مەدەنىيىتىگە توھپە قوشقان باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىدەك ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن بېيتتى.
3
ئالەم ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى، ئادەم ۋە ئۇنىڭ تەڭرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدىكى شامانىئېزملىق، ئاتەشپەرەسلىك، بۇددىزملىق ۋە مانىزملىق دىنىي تەسەۋۋۇر ۋە ئەقىدىلەر ئورنىغا «ئاللانىڭ بىرلىكى» ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى، ئادەمنىڭ يارىتىلغانلىقى ۋە مۇسۇلمانچىلىق مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدىكى يېڭى ئەقىدە ۋە قاراشلار ئورۇن ئالماشتۇردى. ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان مۇسۇلمانچىلىق پەرھىزلىرى – ئىمان، ناماز، روزا، ئۆشرە- زاكات، ھەج قىلىش شەرتلىرى ئۇيغۇر روھىيىتى ۋە ئىتىقاد تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تىرەن ئورنىشىپ غايەت زور ۋە دائىمىي ئېتنىك دىنىي پائالىيەت تۈسىنى ئالدى.
ئىسلامىيەتنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇن (شەرىئەت) قاراشلىرى ئىلگىرىكى ئىجابىي، ئەنئەنىۋى قاراشلار بىلەن قوشۇلۇپ تەڭرىگە ۋە ئىنسانغا ھالال مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ يېڭى ئۆلچەملىرىنى شەكىللەندۈردى. ۋىجدان نازارىتىدىن تاشقىرى پەزىلەت كۆزەتكۈچى، ياخشى –يامانلارنى ھېساپلاپ تۇرغۇچى غايىپ پەرىشتىلەر، نازارىتى ئىسلاملاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ نىيەت ۋە پائالىيەتلىرىنى تىزگىنلەيدىغان بولدى. ئىسلام قانۇنى جازالىرى، جامائەت پىكىر ئەيىبلەشلىرى، ۋىجدان ئازاپ ئۈستىگە يەنە قىيامەت سورۇقى بىلەن دوزاخ ئازابى تەشۋىشلىرى قوشۇلۇپ شەخسنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى ۋە تەسەۋۋۇرىنى كۈچەيتتى.
ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس دىنىي تەبىقە- شەيخۇلئىسلام، ھەردەرجىلىك قازى ۋە مۇپتىلار، ھەردەرجىلىك جامە –مەسچت ئىماملىرى، مەزنلەر، مازار- ماشايىق شەيخلىرى، دىنىي مەدرىس- مەكتەپ مۇددەرىس- ئۆلىمالىرى، دىنىي ئىلىم بويىچە ھەردەرجىلىك ئالىملىق مەرتىۋىلىرى مەيدانغا كەلدى.
ئىسلام مەدەنىيىتى ئائىلە، يۇرت- مەھەللە، شەھەر قۇرۇلۇشلىرىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە خاس بىناكارلىق ئۇسلوبى شەكىللەندۈردى. ئوردا- قەسىر، جامە- مەسچىت، مەقبەرە، قەبرە- گۈمبەزلىرىنىڭ ياسىلىشى ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ نەپىس شەكلى ۋە نۇسخىلىرىنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئەسلىدىمۇ ئىسلامىيەتكە ئۇيۇشقان ياكى تەسىر كۆرسەتكەن ھەرقايسى ئەللەر ۋە خەلقلەر بىناكارلىق تەجرىبىلىرىدىن جەۋھەرلەنگەنىدى. ئەرەپ يېزىقى تەدرىجى ئۇيغۇر يېزىقى شەكلى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئاساس بولغان نەرسە مەيلى ئۇرخۇن دەۋرىدىكى «رونىك» شەكلىدىكى يېزىق بولسۇن، مەيلى سوغدى يېزىقى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بولسۇن، يالغۇز ھەرپنى ئاساس قىلغان سېمىت يېزىقى سىستېمىسىغا تەۋە يېزىق بولغاچقا ئالماشتۇرۇش ئاسان ئىدى. ئەرەپ يېزىقى كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ ئۆيغۇر تىلى ئىملا قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى. ئەرەپ يېزىقى بىلەن بىللە بىر قىسىم ئەرەپچە سۆزلۈكلەر بىلەن مەلۇم سالماقتا پارس سۆزلۈكلىرى ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىگە كىرىپ كەلدى. ئاتالمىش «چاغاتاي» تىلى ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى بولدى. ئەرەپ يېزىقى شەكلىدە ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر يېزىقى خەتتاتلىق سەنئىتىنى يېڭىچە شەكىل ۋە نۇسخىلار بويىچە ئۆزگەرتتى.
ئىسلام مەدەنىيىتىدىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار باي ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە تەرجىمە ئەدەبىياتى ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىدى. يىپەك يولى مەدىنىي ئالاقىسى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا سودىگەر ۋە تەرجىمان مىللەت قىلىپ قويغانىدى. كلاسسىك ئەدەبىياتى پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلاردا بىخلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نادىر كلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى باشقا ئارۇز شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى نەۋائىلىرىنى شەكىللەندۈردى. ئىستېداتلىق ئۇيغۇر شائىرلىرى بۇ خىل بەھىر شەكىللەر ئارقىلىق ئارۇز شېئىرىيىتى ۋە شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتىغا يېڭى تېماتىك مەزمۇنلار ۋە بەدىئىي ئوبرازلار بېغىشلىدى.
ئەرەپ خەلىپىلىكلىرى توپلىغان كالېندارچىلىق، ماتېماتىكا ۋە تىبابەتچىلىك ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، مائارىپى ۋە ئىلىم- پېنىنى يېڭى ئۇچۇر ۋە سەۋىيە بىلەن بېزەندۈردى. ئۇيغۇرلار ئەرەپ مەدەنىيىتى ئارقىلىق كرېك-رىم، ئىسكەندىرىيە ۋە مىسىر، سۈرىيە، ئىران ۋە ھىندىستان ئىلىم- پەن نەتىجىلىرى بىلەن قايتا تونۇشتى. قەمەرىيە كالېندارى، ھەندەسە ۋە ئالجېبىر (گېئومېتىرىيە ۋە ئالگېبرا) ماتېماتىكىلىرى، خارس ئىبىن كەلىدا، ئەبۇبەكرى مۇھەممەد زەكارىيە ئەررازى قاتارلىق ئاپتۇرلارنىڭ تىبابەتچىلىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلار ئەرەپ مەدەنىيىتى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئارىستوتىل، ئەپىلاتۇن، بەقرات، ئوقدىلۇس قاتارلىق قەدىمكى كرېك مۇئەللىپلىرى بىلەن تونۇشتى. ئۇيغۇرلار ئىسكەندەرنىڭ شەرققە يۈرۈشى ۋە كرېك باكتىرېيە دۆلىتى داۋام قىلغان قەدىمكى زامانلاردىلا كرېك ئاپتۇرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشقانىدى.
ئىسلامىيەت مەدەنىي مۇناسىۋەتلىرىگە ئەگىشىپ ئەرەپ ساياھەتچىلىرىنىڭ توققۇز ئۇيغۇرلار ھاياتى توغرىسىدىكى يازما خاتىرلىرى ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا مەنپەئەتلىك مەنبە بولدى.
4
ئۇيغۇرلار ئىسلام مەدەنىيىتىگىمۇ كۆرىنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ئەرەپ مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ئارقىلىقمۇ، بىۋاستە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشقان.
جۇڭگۇ مەدەنىيىتىنىڭ ئۇتۇقى ھېساپلانغان قەغەزچىلىك ۋە يىپەكچىلىك تېخنىكىسى ئۇيغۇر زىمىنلىرى ئارقىلق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئابباسىيە خەلىپىلىكىگە تارقالغان. جۇڭگۇ تىبەتچىلىكى بىلەن ئەرەپ ۋە كرېك تىبابەتچىلىكىنىڭ ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇر ئارقىلىق ئىبىن سىنا ئەسەرلىرىگە ۋە ئەرەپ تىبابەتىچىلىكىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. پورۇخنىڭ ئەرەپ دۇنياسىدا كەڭ كۆلۈمدە ئىشلىتىلىشى ئاقساق تۆمۈردىن باشلانغانىدى. ئىسلامىيەت دۇنياسىدا توققۇز ئۇيغۇر پەيلاسوپى ۋە ئالىمىي ئەبۇ نەسىر فارابى ناتۇرال پانتېزىملىق پەلسەپىۋى سىستېمىسىغا ئاساس سېلىپ ئارىستوتىلدىن كېيىنكى «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ شۆھرەت قازانغان، فارابى ئەرەپ پەلسەپىسىگە ئەرەپلەرگە گرېك پەلسەپىسىنى تونۇشتۇرۇشقا، ئەرەپ پەلسەپىسىدىكى ئىلمىي ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشقا، ئەرەپ ماتېماتىكىسىغا، ئەرەپ موزىكىسىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا فرابى قاراشلىرى، بولۇپمۇ فارابىنىڭ «تۆت زات» قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ «تۆت تادۇ»، «تۆت ئاناسىر» ئاساسىدىكى تىبابەتچىلىك قاراشلىرىنى پۈتكۈل ئىسلام شەرقىگە، ھەتتا غەربىي ياۋرۇپاغا تارقاتقانىدى.
مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى تەقدىم قىلىپ ئەرەپ- ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىشىغا ھەسسە قوشقان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق چوڭ تىپتىكى ئەسىرى ئىسلام شەرقىدە خەلىپە ھارۇن رەشد ۋە خەلىپە مەمۇنىدىن باشلانغان مەدەنىيەت ئويغۇنىشى يېڭى باسقۇچىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ، ئەينى زامان تەپەككۇر مۇنبىرىدە يېڭى بىر ئېگىزلىك پەيدا قىلدى. ئەخمەد ئىبىن تولۇد ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خۇمارابا قاتارلىق توققۇز ئوغۇز سىياسىيۇنلىرى مىسىردا قۇرغان تۇلۇن خانلىقى (868- 905) مىسىر ئەرەپ مەدەنىيىتى ۋە خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشۇش بىلەن ھەربى فىلوت تەشكىللەپ ئاكا دېڭىز بازىسىنى بەرپا قىلغانىدى. غۇجا ئەھمەد يەسەۋى ۋە باھائىددىن نەقشىبەندى مۇخلىسلىرىدىن مەۋلانە سەدىدىن قەشقەرى (ئابدۇراخمان جامىنىڭ ئۇستازى) ئىسلام تەسەۋۋۇپچىلىقىنىڭ خىلمۇخىللىقىنى بېيتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلشىر ناۋائى ۋەكىللىگىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى روھىيەت ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلى ئىسلامىيەتنىڭ تۈركىي تۈردىكى كلاسسىك ئەدەبىياتىنى بېيتتى. قارابى مۇزىكا نەزىريىسى ۋە مۇزىكاشۇناسلىق پائالىيىتى ئىسلام موزىكا مەدەنىيىتى تەرەققىياتىغا نەزىريىۋى جەھەتتە كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشتى.
مىڭ يىللاپ داۋام قىلغان شەرق مۇزىكا سەنئىتى ئاجايىپ كاتتا بايلىق «ئون ئىككى مۇقام» ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى سالجۇقلارنىڭ غەرپكە كۆچۈشى ۋە تۆمۈرلەڭ ھەربى يۈرۈشلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا – يېقىن شەرقتە 14- ئەسىردىن كېيىنكى پەيدا بولغان «ماقام»، «مۇقام» ھاسىسىگە كۆرىنەرلىك تەسىر كۆرسەتتى.
5
ئىسلام مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئەسىر شەرقىدىكى ئالەمشۇمۇل تارىخىي مەدەنىيەت تىپى سۈپىتىدە ئىسپانىيە (ئاندالوسىيە)دىن جۇڭگۇغىچە، ئەزەربەيجاندىن سىمالى ئافرىقىغىچە كەڭ تېتورىيەدە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت ياۋرۇپا مەدەنىيەت ئويغۇنىشى (رېنسانىس) ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالدى.
ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيان ئون ئەسىردىن كۆپراق ئۆتتى. ھازىرقى كۈندە ئىسلام مەدەنىيىتى پەن- تېخنىكا ۋە سانائەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئۆزىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزىگە خاس ئىسلام دۇنياسى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىلىم چىندە بولسىمۇ ئۇنى ئىگىلەش لازىم»، «ئالىملارنىڭ سەھىپە بەتلىرىگە يازغان سىياھى سېھىدلارنىڭ قەبرە تاشلىرىغا ئويۇلغان يېزىقلار بىلەن ئوخشاشلا قەدىرلىنىدۇ»، «مۇسۇلمانلار مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشتا باشقا خەلقلەردىن ئارقىدا قالماسلىقى كېرەك» دېگەن سۆزلىرى ھېلىمۇ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭىچە ئاڭ –پىكىر، ئىلىم- پەن ۋە مەدەنىيەتنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتە ئىلھامبەخس كۈچىنى يوقاتقىنى يوق.
1989-يىلى 20-فېۋرال
مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى:م.قادىر( ھۇما)
|