ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (29)
ئوقۇغۇچى توغرىسىدا
بىلىم- ئەقىل ئوزۇقى
«ئوقۇغۇچى» ــ نېمە دېگەن ئىپتىخارلىق، نېمىدېگەن گۈزەل ئىبارە ـ ھە! تەبىئەت دۇنياسىدا ئەتىرگۈل، كىشىلىك جەمئىيىتىدە ئوقۇغۇچى كىشى قەلبىنى سۆيۈندۈرىدىغان پاك- يۇمران ۋە ئۈمىدۋارلىققا تولغان بىر جۈپ مۆجىزە. تېخى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان سەبىيلەر ھەردائىم سومكىرىلىنى ئېسىپ ئوقۇغۇچى بولۇشقا تەلپۈنىدۇ. ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشنى ئۆزلىرىنىڭ زور خۇشاللىقى دەپ سۆيۈنىدۇ. ياشانغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق مەزگىللىرىنى ئاتەش كەبى تۇيغۇلار بىلەن ئەسلىشىدۇ... ۋەھالەنكى ئوقۇشسىز قالغان پەرزەنتلەر، ئاتا- ئانىلىرىنىڭ غەم –قايغۇلىرى بىلەن ياخشى ئوقۇمىغان ، مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلگەن، ھەتتا مەھبۇسلۇق كىيىمى كىيگەن سابىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەسرەتلىرى كىشىنى لەرزىگە سالىدۇ.
«ئوقۇغۇچى» بىلەن «ئوقۇتقۇچى» تەلىم- تەربىيەنىڭ ئىككى كاتېگورىيىسى بولۇپ، ئۇ «مەكتەپ»تىن ئىبارەت ئۈچىنچى كاتېگورىيە بىلەن بىرلىكتە مائارىپنىڭ ئاساسىي سېكىلىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەمما، ئوقۇش بىلىش سۈپىتىدە مەكتەپتىن ئىلگىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىقتىن تېخىمۇ كەڭ بولغان ھادىسىدىن ئىبارەت.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىنسانىيەت ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىلا تەلىم ـ تەربىيە پائالىيىتىنى جامائە مېخاينىزىمىنىڭ ئاساسلىق فونكىسيەسى سۈپىتىدە ئويۇشتۇرغان. جامائە ئاقساقاللىرى كېيىنچە شامان ۋە ھۈنەر- ماھارەت پىشىۋالىرى، ياشلارنىڭ تەربىيىچىلىرى بولۇشقان. يەككە ئائىلىلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئاتا- ئانىلار، دىن كاھىنلىرى، ھۈنەر –كەسىپ ئۈستىلىرى تەربىيىلەش، يېتەكلەش رولىنى ئۆتەشكەن. تەخمىنەن يېزىقنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن ئايرىم تەلىم –تەربىيە كەسپى بولغان مەكتەپ مائارىپى مەيدانغا كەلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، تەلىم- تەربىيە تۈرلىرى ۋە مەكتەپتىن ئىبارەت مائارىپ مۇئەسسەسى شۇ دەرىجىدە راۋاجلاندىكى ئۇنىڭسىز بۈگۈنكى دۇنيانى، ھەتتا ئۇنىڭ بىر قىسمى بولغان بىرەر يېزا ياكى شەھەرنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولماي قالدى.شۇنداق بولىشىغا قارىماي، تېخى كۆپلىگەن كىشىلەر، ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە مائارىپ خادىملىرى «ئوقۇغۇچى» دېگەن ئىبارىنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى، قىممىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئەمەس. ئۇلار ناھايىتى يۈزە ھالدا ئوقۇغۇچى ــ مەكتەپتە ئوقۇش تارىخىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ياش- ئۆسمۈرلەردىن ئىبارەت، دەپ چۈشىنىدۇ.
مۇتۇپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئومۇمەن كىشىلەرنى تەلىم بەرگۈچى ۋە تەربىيىلەنگۈچىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقىلىرى «يىلقا سانا» دەيدۇ. ئۇلۇغ ئالىم فارابى دۆلەت باشلىقىدىن تاكى بالىلارغىچە بولغان ھەممە ئاھالىنى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىدىن بولۇش لازىم، دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككى مۇتىپەككۇر مەدەنىيەتلىك، فازىل جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەل بىر مەكتەپ دەپ تەۋسىيە قىلغان. مېنىڭچە، مائارىپ، مەكتەپ، تەلىم –تەربىيە توغرىسىدا بۇنىڭدىن كەڭ ۋە يۈكسەك ئىزاھات بولمىسا كېرەك. ۋەھالەنكى، بىز تېخىچە ئوقۇغۇچىنى ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن، مائارىپنى جەمئىيەتكە نىسبەتەن قىسمەن نەرسە ۋە ھادىسە، دەپ قاراشقا ئادەتلىنىپ كەلدۇق!
ئىنسان ئەڭ ئالدى بىلەن بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە جانلىق ئىجتىمائىي گەۋدە. ئۇ سوبيېكت سۈپىتىدە تاشقى دۇنيا ھادىسلىرىنى سېزىدۇ ۋە ئۇنىڭ ماھىيەتلىرىنى بىلەلەيدۇ. بۇنداق بىلىش ئىقتىدارسىز بىلىمنى ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش پائالىيىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
بىلىم ئەقىل ئوزۇقى. ئىنسان كامالىتىنىڭ مەنىۋى شەرتى. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ھەرقانداق سوبيېكت ئىنسان ــ بىلگۈچى، ئۆگەنگۈچى، ئوقۇغۇچىدىن ئىبارەت. بۇ ئاساسىي قائىدىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلىق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ، ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ئۆتۈپ كېتىدىغان، ئوقۇمايدىغان «ئوقۇغۇچى»لار مەسىلىسىنى ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ.
ئوقۇغۇچى ــ مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى سەۋىيىسى. ئاساسىي بىنكارلىق ماتېريالى. ئىستىقبال كۆرسەتكۈچىسى. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرى ئىنسان ھاياتىنىڭ زامان تارىخىنى، ماكان قىممىتىنى ۋە قانۇنىيەتلەر قۇدرىتىنى بىلىش دەۋرى. سائىتى ئالتۇن بىلەن تەكرارلانماس شېرىن مەزگىلى. ئۇ، ئۈمىدۋارلىق چېچەكلىرىگە تولغان جەننەت پەسلى. ئەمما، ئۇنىڭ سوبيېكتىپ ياكى ئوبيېكتىپ پاجىئەلىرىمۇ ئېغىر.
ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدىكى ئون چوڭ مۇناسىۋەت
گۈزەل ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلى شەرتسىز، بەدەلسىز خىيالىي جەننەت پەسلى ئەمەس. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىن ياراملىق ياكى يارامسىز ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۇنىڭ بىر قاتار مۇناسىۋەتلەرنى قانداق سۈپەت ۋە دەرىجىدە بىر تەرەپ قىلغانلىقى بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار. ئۇلارنىڭ مۇھىملىرىنى تۆۋەندىكى ئون چوڭ مۇناسىۋەتكە ئىخچاملاش مۇمكىن.
1.مۇنتىزىم ئوقۇش بىلەن ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى. ئېيتىش لازىمكى كەلگۈسىدە ياراملىق، بىلىملىك كىشى بولۇپ چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر خۇسۇسىيىتى ئۇلارنىڭ مەكتەپ يار بەرگەن پۈتۈن شارائىتتىن بايدىلىنىپ، ۋاختىنى قاتتىق كونترۇل قىلىپ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن ئىبارەت. ئومۇمەن دەرسلەرنى ئاران- ئاران ئۆزلەشتۈرىدىغان، ھەتتا دېگەندەك ئۆزلەشتۈرەلمەيدىغان؛ ئۆتۈلگەن دەرستىن تاشقىرى كىتاپخانا، قىرائەتخانا فوندىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنالايدىغان ئۈچ خىل ئوقۇغۇچى بولىدۇ. شۇبھىسىزكى، ئۆزلىكىدىن، مۇستەقىل ئۆگىنىش ئادىتى ۋە ماھىيىتى ئۈستۈن بولمىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئالاھىدە بىلىم ۋە ئىجادىي قابىلىيەتكە ئىگە ياراملىق كىشىلەرنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىش قىيىن. بۇ ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي قىممەت ۋە تەقدىر ئېلىپ كېلىدۇ. ئوقۇغۇچى تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا ئۆزلىكىدىن بىلىم خەزىنىسىگە ئېرىشكۈچىدۇر.
2.ئاساس كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن ئالاقىدار پەنلەر ئۆگىنىشىنىڭ مۇناسىۋىتى. ئېيتىش كېرەككى، ئاساس كەسپى پەنلەر بىلەن ئالاقىدار پەنلەرنىڭ ئاساسلىق ۋە قوشۇمچىلىق مۇناسىۋىتى مۇئەييەن كەسىپ نوقتىسىدىن ئېيتىلغان بولۇپ، پۈتۈن پەنلەرنىڭ بىلىم سېستىمىسىدا تۇتقان ئورنى نوقتىسىدىن ئېيتىلغان ئەمەس. ئوقۇغۇچى بۇ مەسىلىنى ھەم كەسپى مۇتەخەسىسسلىك نوقتىسىدىن ھەم ئومۇمىي بىلىم سىستېمىسى نوقتىسىدىن بىر قىلىشنى بىلىشى لازىم.
3.مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىش بىلەن مەكتەپتە ئوقۇشتىكى مۇددىئا (مەقسەتدارلىق) مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىش لازىم. بۇ ھالقىلىق مەسىلە. ھازىرقى ئوقۇغۇچىلاردا، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئومۇمەن دىپلوم ئارقىلىق مائاشلىق خىزمەتكە ئىگە بولۇش، تىرىشىپمۇ كەتمەسلىك، لاياقەتلىك ئۆلچىمىدىن چۈشۈپمۇ قالماسلىق ئىدىيىسى بىر قەدەر ئېغىر. بۇنداق «ياللانما» ئىدىيە تەسىرىدە دىپلومغا ئىگە بولسىمۇ، بەرىبىر دەۋر دولقۇنلىرىدا چۈكۈپ قالىدىغان ناقابىل كىشىلەر كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنداق نىيەتتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشنى دىپلوم ئەمەس، بەلكى يۈكسىلىۋاتقان زامان قايناملىرىدىكى بىر پۈتۈن ئۆمۈر قىسمىتى ۋە كىشىلىك قىممىتى بىلەن ئۆلچەشنى بىلىش لازىم.
4.ھازىرقى مەزگىل بىلەن يېقىن كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بىر كىشى تىنچ ۋاقىتلاردا، داۋالغۇش ۋاقىتلىرىدا، ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا، ئىنقىلاپ ۋاقىتلىرىدا ۋە بىرتەرەپلىمە ئىجتىمائىي قىزغىنلىق ئەسەبىلەشكەن ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى ئۆتكۈزۈش مۇمكىن. ھەرقايسى دەۋرنىڭ ئۆز ھادىسىسى، داغىدۇغىسى، تۈتەك تۇمانلىرى بولىدۇ. ياشلار تولا ھاللاردا بۇ ھالەتنى مۇتلەقلەشتۈرىۋالىدۇ. ئالدىنى، يىراقنى، كەلگۈسىنى سەگەكلىك بىلەن تۈرىۋالىدۇ. ئالدىنى، يىراقنى كەلگۈسىنى سەگەكلىك بىلەن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ. نەتىجىدە ئۇلار خىزمەتكە چىقىپ يېڭى ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە نۇرغۇن ئەھمىيەتسىز قۇربانلارنى بەرگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلىدۇ. بىلىش لازىمكى، تارىخ پەقەت ساغلام، گارمونىك، ئەتراپلىق، نۇرانىلىقنىلا تەن ئالىدۇ. دەسلەپتە ئەمەس، ئاخىرىدا كۈلۈش ئۈچۈن دائىم يىراقنى كۆرۈش، يىراقنى ئۆلچەم قىلىشنى بىلىش لازىم.
5.ئوقۇش بىلەن ئەتراپلىق يېتىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچى سالامەتلىك، ئەخلاق، ئۆرپ- ئادەت، ئەمگەك تېخنىكىسى، چەتئەل تىلى، ئەدەبىيەت- سەنئەت بىلىملىرىنى ئىگىلەشكە ۋە يېزىقچىلىق، ناتىقلىق ماھىيىتى قاتارلىق بىر قاتار جەھەتلەرگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش بىلەن ئىدىيە، كۆڭۈل بايلىقىنى ئاۋۇندۇرۇشنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئەخلاق- دىيانەتنىڭ تۈپ نىزاملىق رولىنى تولۇق چۈشىنىش كېرەك. ئەگەر قەلب پاك، ئەخلاقى ئالىجاناب بولمايدىكەن، بەرىبىر ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر توقۇلمىسى تەرىپىدىن شاللاپ تاشلىنىدۇ.
6. مەكتەپ بىلەن ئالىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ھەر ئىككىسىنى ئىجابىي تەربىيە كۈلشىنى دەپ بىلىش كېرەك. ئائىلە تۇنجى تەلىم –تەربىيە ئورنى. شۇنىڭدەك، ئائىلىدە سەلبى ئىللەتلەر ساقلانغان بولشىمۇ مۇمكىن. ئوقۇغۇچى ئىمكان قەدەر ئەجدادلاردىن ئالىجانابلىق يېڭى ئەۋلاد بولۇپ يېتىشىشنى نىشان قىلىش، ئائىلىگە ئىزچىل مېھرىبان، كۆيۈمچان، ھۆرمەتچان بولۇشى، ئائىلىسىگە ئىقتىسادىي جەھەتتە ھاجەتسىز بېسىم پەيدا قىلماسلىقى لازىم.
7.ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىزچىل قەدىرلىشى، پىشقەدەم ئۇستازلارنى ئىلىم ۋە ئەخلاق نوقتىسىدىن ھۆرمەتلىشى، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي مائارىپ تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇستازلار ھەققىدە يېتەرلىك بىلىم ۋە ھۆرمەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇشى لازىم. ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشى، كىتابنى ئۆستاز بىلىشى، ئوقۇتقۇچىلاردىن يېتەكلەش ياردىمىي ئېلىشى، زىدىيەت ۋە ئۇقۇشماسلىقنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىققا پايدىسىز تەسىر يەتكۈزىدىغان سۆز –ھەركەتلەرنى قىلماسلىقى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شان- شۆھرىتىنى قوغدىشى كېرەك.
8.ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئوغۇل- قىز ئوقۇغۇچىلار، ھەريەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەرخىل خاراكتىر ۋە مېجەزدىكى ئوقۇغۇچىلار، ئوخشىمىغان كەسپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئاقىلانە، مەدەنىيەتلىك بولۇشىنى كوللىكتىۋىزىملىق روھىدىكى دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. يۇرتۋازلىق، چېكىملىكۋە ئىچىملىككە بېرىلىش، بىكار تەلەپلىك، ئويۇن تاماشاغا ھېرىسلىك، ئوغۇل- قىزلار ئارىسىدىكى غەيرى نورمال مۇناسىۋەتلەر ھېلىمۇ مەكتەپ مۇھىتىنى «يېتەرلىك» بولغاپ، مەكتەپلەرنىڭ تەلىم- تەربىيە فونكىسيىسىنى ئۈنۈمسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.
9. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ سىرتىدىكى جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە سەگەك بولىشى كېرەك. بولۇپمۇ سىياسىي كۆرەش جىددىلەشكەن ياكى پۇل مۇئامىلىسى ئۈستۈنلىكنى ئالغان زامانلاردا ياش ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتتىكى يامان كىشىلەر تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئىچىملىك، چېكىملىك، ئەخلاقىي چۈشكۈنلىك، پۇلغا چوقۇنۇش، ئوغرى- لۈكچەكلەر تۈركىمىگە قېتىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ نۆۋەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلىلەردۇر.
10.ئوقۇغان كەسپى بىلەن جەمئىيەتتە ئىشلەيدىغان خىزمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت. بۇ ئومۇمەن ئوقۇش تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا باغلىق بولمىغان ھادىسە بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئاساسىي بىلىمىي ۋە ماھارىتى كۆپ قىرلىق بولغاندا بۇ جەھەتتە ماسلاشقىلى بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئون چوڭ مۇناسىۋەت ھەققىدە ئوقۇغۇچى كۆزىتىش خاراتېرلىك تەھلىل يۈرگۈزۈشى، قايتا ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىشى لازىم.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشى ۋە ئۆز- ئۆزىنى قەدىرلىشى
ئوقۇغۇچىلار خەلقنىڭ ئۈمىد غۇنچىلىرى. كەلگۈسىنى كەلگۈسىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئۇلۇغ پىشاڭ!
شۇنى ئەپسۇس بىلەن تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، تارىخ ئۆزىنىڭ ھەربىر چوڭ قەدىمىدە كۆپلىگەن ياشلارنى، جۈملىدىن ئوقۇغۇچىلارنى بەدەل قىلىپ كەلگەن. ھەربىر سىياسى، دىنىي مەزھەپ، ئىرقىي كۈرەشلەر ئۆزىنىڭ ئالدامچى ھىيلىسى ياكى ھالاك قىلغۇچى تىغ ئۇچىنى ياشلارغا قارىتىپ كەلگەن. ئاچارچىلىق لاگېرلىرى، جەڭ مەيدانلىرى، مەھبۇسلۇق كامىرلىرى ياشلار، ئوقۇغۇچىلار بىلەن تولۇپ تېشىپ كەلدى. پۇلدىن ئىبارەت «سېرىق ئىبلىس» ياشلارنى سېھىرلىك تورىغا قارماپ ئېلىپ، ئۇلارنى چېكىملىك، ئىچىملىك، بىكار تەلەپلىك، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق، ئالدامچىلىق، ياللانمىلىق، پاھىشىۋازلىق، ساتقۇنلۇق كىردابىغا تاشلاپ كەلدى. تارىختا ھەر قېتىم ئىتىقاد- مەسلەك كىرىزىسىغا يولۇققان، غايە بۆھرانى يۈزبەرگەن، مەنىۋى نوپۇزلار ئاجىزلاپ كەتكەن، ئەخلاق ئورنىغا تاپاۋەت، ۋىجدان ئورنىغا پۇل ئۈستۈنلۈك ئالغان، ھەرخىل پوتېنسىئال ئاڭ ۋە خايىش يامراپ كەتكەن مەزگىللەردە بىر ئەۋلاد ياشلار ــ ئوقۇغۇچىلار كەسكىن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. ئەمما تېخىمۇ نۇرغۇن ياش غۇنچىلار چەيلىنىپ خازان بولىدۇ، بۇ تارىختا كۆپ قېتىم تەكرارلانغان ھەقىقەت، ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇش نامەردلىك، كاززاپلىق، ۋىجدانسىزلىق!
بىز 21- ئەسىرگە يۈزلىنىۋاتقىنىمىزدا كالىنداردا ئۆزگەرگەن يېڭى رەقەمگە ئەمەس بەلكى بىز يۈزلىنىۋاتقان يېقىنقى كەلگۈسىنىڭ مەنىۋى قىياپىتىگە نەزەر سېلىشىمىز لازىم. بۇنىڭدىن باشقا زاماننىڭ ئىلمىي ـ تېخنىكىۋى تەرەققىياتىنىڭ شەخسكە بولغان شاللىۋېتىش كۈچىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. تەلەپ ئېشىپ بارىدۇ. ئەگەر بىز جەمئىيەتنىڭ يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگەللىمەي ماھىيەت بىلەن ھادىسىنى، ئۆتكۈنچى نەرسىلەر بىلەن مۇقەررەر نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرىۋەتسەك ئاقىۋەتتە پۇشايمان يەپ قالىمىز. مەكتەپ تامالىغاندىن كېيىنمۇ تەنتەكلىكى ۋە ئەسەبىيلىكى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تۇيۇق يولغا سېلىۋالىدىغانلارمۇ ئۇچرايدۇ. بىرەر ياشانغان ئىلمىي خادىم ياكى مائارىپچى ئۆز ساۋاقداشلىرىنىڭ قىسمەتلىرىنى، ئاڭلىغان –كۆرگەنلىرىنى بىرقۇر ئەسلەپ چىقسۇنچۇ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا بىر زامانلاردىكى يۇمران، ئۈمىدۋار ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل قىسمەت بوللىرىنى كەزگەندىن كېيىنكى ھەرخىل ئوبرازلىرى كېلىدۇ.
ئوقۇغۇچى ئۇلۇغ ئىبارە، ئۇلار يىراقنى كۆرۈشى، ھەرخىل ئىھتىماللىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا قابىل بولىشى، ئۆزىنى قەدىرلىشى، كىشىلىك قىممىتىنى بارغانسېرى يۈكسەلدۈرۈپ تۇرىشى لازىم.
بۈگۈنگىچە ياشاپ ئۆتكەن ئىنسانىيەتنىڭ سانىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما، مۇشۇ جەرياندا مەيدانغا كەلگەن مۇتۇپەككۇر، ئالىم كەشپىياتچىلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش بەكمۇ ئاسان. ئەنە شۇ سانى ئاز قوشۇن ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆز قۇشۇنىن تولۇقلاشقا بەكمۇ مۇختاج!
1993-يىلى 3-ئاي، ئۈرۈمچى
مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
تورغا ئۇزاتقۇچى:م.قادىر( ھۇما)
|