يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: م.قادىر

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى(37)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-14 11:16:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش، تەتقىق قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش يولىدا تاشلانغان مۇبارەك قەدەملەرگە قۇت بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-12-14 12:20:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.قادىر (ھۇما) ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر ئېيتىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-14 16:40:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكىز ئەقىدە يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئەمگەككە تەشەككۈرلەر ياغسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-19 10:41:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI  ئەپەندى تەشەككۇرىڭىزگە رەھمەت.  بۇ يىل ئالىم ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى بولغاچقا، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقتىمنى چىقىرىپ، يۇقىرىقى 37 پارچە ئەسەرنى كۆپەيتىپ تورغا ئۇزاتتىم... ماڭا پۈچەك تەرمەچلىرىمنى تورغا يوللىغاندىن كۆرە بۇ ئىش ئەھمىيەتلىكرەك بىلىندى...

ۋاقتى: 2015-12-21 01:29:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-9 21:16:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شۈكۈرۈم»

ئىزگۈلۈك مالائىكىسى
ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن

تەقدىر كارامىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن بىشارىتىنى يەتكۈزسە كېرەك. 1955-يىلى يىگىرمە ئىككى ياشقا تولغانلىقىمنى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شىئەن شەھرىنىڭ غول (ئاۋات) رەستىسى «شەرقى چوڭ بازار» (دۇڭ داجې)دىكى بىر سۈرەتخانىغا كىردىم. كىم بىلسۇن، چاپلاپ قويۇلغان نۇسخا سۈرەتلەر ئارىسىدا مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ شەھەرگە 1950-يىلى ئون يەتتە يېشىمدا غەربىي شىمال بەش ئۆلكە ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىغا كەلگەن چېغىمدا چۈشكەن سۈرىتىم كۆزۈمگە چۈشتى. سۈرەتكە مەن قەشقەرنىڭ سىپتا ئىشلەنگەن بادام دوپپىسىنى كېيىپ چۈشكەنىدىم.
كۆزۈم مېنىڭ سۈرىتىمگە يانمۇيان قىلىپ قويۇلغان بىر قىزنىڭ سۈرىتىگە چۈشتى. بۇ ئون ئۈچ ياشلاردىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ سۈرىتى ئىدى. مەن بۇ چاغدا غەربىي شىمال ئونۋېرستېتىنىڭ پەلسەپە ئاسپىرانتى بولۇپ، ئوقۇشنى تاماملاشقا بىر قانچە ئايلا قالغانىدى. بېشىغا شەپكە كىيىپ، بوينىغا پىئونېر گالستۇكى تاقىغان بۇ نارىسىدە قىزنىڭ كىملىكىنى، قەيەردىلىكىنى، بۇ سۈرەتكە قاچان چۈشكەنلىكىنى سۈرەتخانىدىكىلەردىن سوراش ئەپسىز ئىدى. قىزىقى، شۇنچە كۆپ مەنزىرىلەر ئارىسىدا ھەر ئىككىمىز سوزۇق رومبا شەكىللىك دەرىزە مەنزىرىسى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشكەنىكەنمىز.
شۇ يىلى مەن ئوقۇشنى تاماملاپ، ئانا مەكتىپىم شىنجاڭ ئونىۋېرستېتىغا (ئۇ چاغدا «شىنجاڭ ئىنىستىتوتى» دەپ ئاتىلاتتى) قايتتىم.
ئاجايىپ تەقدىر مۆجىزىلىك بىشارىتىنى يەنە كۆرسەتتى. 1955-يىلىنىڭ كۈز پەسلى. ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى باراقسان ئۇلانباي سايلىقى شەرقىي تۆپىلىككە جايلاشقان «قىزىل تۇرنا» (خۇڭيەنچى) كۆلىدە چۈمۈلىۋاتاتتىم. بىر قىزنىڭ پۇتى تارتىشىپ قالدىمۇ، ئېھتىمال، ئىلگىرىكى ئەركىن سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ، سۇغا بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەپ ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنى مەندىن بۇرۇن قىرغاقتىكى بىرقانچە يىگىت كۆرگەن ۋە سۇغا سەكرەشكەنىدى. مەن ئۇلاردىن بۇ قىزغا خېلىلا يېقىن ئارىلىقتا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ، قىرغاققا ئېلىپ چىقتىم. ئۇ ئۈستىگە غۇژمەك- غۇجمەك قىلىپ تۈرۈپ تىكىلگەن قىزىل ئايالچە سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيگەن، چېچىنى ئارقىسىغا چىلگىدەك تۈگۈۋالغان بولسىمۇ، خەتەرلىك جىددىيلىكتە چېچى ئات يايلىدەك چۇۋۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇر قىزى ئىدى. ئۇ تېخى سۇغا چۆكۈپ تۇنجۇقۇپ قالمىغاچقا تىزلا ھوشىنى يىغىپ، نېمىنىدۇر قورۇنۇپ، تىزلا قۇچىقىمدىن تۇرۇپ: ـ سىزگە رەھمەت، ئاۋارە قىلدىم، ـ دەپلا يىراقلاپ كېتىپ قالدى. مەن ئۇنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلدىم. ئۇ كىمدۇر، ئۈرۈمچىگە يېقىندا كەلگەندەك قىلغانلىقىغا قارىغاندا، مەن ئۇنى قەيەردە ئۇچراتتىم، دەپ ئويلىدىم. ئۇ كۆرۈنگىدەك ئارىلىقتا كىيىملىرىنى كىيىپ شەھەر تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ يىراقتىكى شولىسىنى ئۇ كۆزۈمدىن غايىپ بولغىچە كۆزىتىپ تۇردۇم. ئۇ غايىپ بولغاندا، ئۇنى شىئەندىكى شۈرەتخانىدا مېنىڭ سۈرىتىم يېنىدا غايىبانە سۈرەت ئارقىلىق كۆرگەنلىكىم بىردىنلا ئېسىمگە چۈشتى. تىزىمغا بىر شاپىلاق ئۇردۇم: «ئەتتەڭ، نېمىشقا مەن سىزنى كۆرگەن» دېمىگەندىمەن! دەرۋەقە ئارقىسىدىن سوكۇلداپ بېرىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. يېنىمدىكىلەر ماڭا ئولىشىپ ياشلاردا بولىدىغان چاقچاقلىرىنى قىلىشتى.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى. دۆلەت ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئۆزگىرىش يۈز بەردى. 1957-يىلى يازلىق تەتىلدىن يىغىلغاندىن كىيىن مەكتىپىمىزدە ھەممە ئىدارە- كارخانىلارغا ئوخشاش «ئىستىل تۈزەش» نامىدا ئاتالغان «ئوڭچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەركىتى» باشلاندى. ھەركەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا «ماتىريال ئۆگىنىش» ئېلىپ باردۇق. فاكۇلتېتلار بىرقانچە تۈركۈملەرگە بۆلۈنگەنىدى. قايسىدۇر خاسىيەتلىك بىركۈن تەقدىر ئۆزىنىڭ بىشارىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى. بىزنىڭ گۇرۇپپىمىزغا يېڭىدىن بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنىستىتوتى ئاسپىرانتلار سىنىپىنى تاماملاپ كەلگەن ياش مۇئەللىمەنى تونۇشتۇرۇپ ئۆگىنىش باشقۇرىدىغان كادىر كىرىپ كەلدى. نېمىسىنى ئېيتاي: دۇنيادا گۈزەللىك ئاجايىپ تەمتىرەتكۈچى جەزىبە ۋە شەرتسىز تەسلىم قىلغۇچى قۇدرەت- ھە! ئەمما، گۈزەللىكلەر ئىچىدە يەنە گۈزەللىك بولىدۇ. ئۇ خۇددى ئالدىمدىن دىدار پەردىسىنى سىيرىپ چىققان مۇشۇ ساھىبجامالدەك كىشىنى ئەقلىي مۇھاكىمە ۋە زېھنىي كۆزىتىش ھوقۇقىدىن بىردىنلا مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ ياش مۇئەللىمە قولۇمدا يەر يېرىلىپ، زەمبىرەكلەر ئېتىلىپ كەتكەندىمۇ چۈشمەس جاھىل قەلەمنى ئىختىيارسىز چۈشۈرۈۋەتتى. مەن ئۇنىڭ، ئۇنىڭ جامالىدا تاۋلىنىپ تۇرغان ياراتقۇچى ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ كامال ھۈنەر ماھارىتىگە سىنچىلاپ قاراشقا جارىسىزلا قالدىم. ئۇنىڭغا قاراش مۇمكىن ئەمەس، پەقەت بىر قېتىملا ۋە بىرىنچى قېتىمدىلا تۇيۇقسىز قاراپ، گۈزەللىك سېخىيلىقنىڭ ئۇنىڭدىكى ئەپسۇنكار گۈلشىنىدىن ھەيرانلىق ۋە بىئاراملىققا چۈمۈشتىن باشقا يولۇم يوق ئىدى...
ئۇ بېشىغا ئالما ئۇرۇقى رەڭدار دۇخاۋىغا ئاق سېرىق زەر باسقان دوپپا كىيگەن، ئۈستىگە توق كەرەشنىۋاي كاستۇم- يوپكا كىيگەن، پۇتىغا قارا ئارا پاشنىلىق توپلەي كىيگەن، ئىككى ئۆرۈم ئۇزۇن قۇندۇر چېچى ئۇشۇقىغا چۈشكەن گۈل يۈز، ئاھۇ كۆز، ئۆزىنى تۇتقان، خۇش پىچىم قىز ئىدى. مەن ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ بىر ھازادىن كېيىنلا ئۇنى تونۇۋالدىم. ئۇنىڭ ئويۇلۇپ تۇرغان ئويناق قارا قۇمچاق كۆزىدە ئۇنىڭمۇ مېنى باشقىلارغا قارىغاندا پەرق قىلغانلىقىنى ئىپادىلەنيدىغان ساددا، ئەمما راستچىل تۇيغۇ تەبەسسۇم جىلۋىسىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئارىمىزغا كىرىشى بىلەن ئىنىستىتوتىمىزنىڭ سەنئەت فاكولتېتى ئۇسسۇل كافىدىراسى پۈتۈن تەركىبىي بىلەن بىزگە قوشۇلۇپ كەتتى.
مەن شۇكۈنى پەقەت ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ رەنا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىدىن ئىلگىرى شىئەندە غەربىي شىمال سەنئەت مەكتىپىنى تاماملىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇ شىئەندىكى سۈرىتى بىلەن ئىككى يىلدىن ئىلگىرىكى كۆل بويىدىكى ھالىتىدىن تولغان بولۇپ، يېشى ئون يەتتىگە كىرگەنىدى.
ئۇزۇن قىلىپ، قاتار قويۇلغان ئۈستەلدە ئۇ مەن بىلەن ئۇدۇل ئولتۇرۇپ توختىماي خەت يازاتتى. بۇ چاغدا ئۇ ئۈستىدىكى كاستۇمىنى يېشىۋەتكەن بولۇپ، بەدىنىنى نەقىشلەنگەن ھالرەڭ كوپتا يېپىپ تۇراتتى. تەقدىر يەنە چاقچىقىنى قىلدى. دەم ئېلىش ۋاقتى شۇنچە قىسقا بولسىمۇ، يېنىمدىكى كەسىپداشلىرىم ئۇنى چۆرىدىۋالدى. قازاق يىگىتى بايتۇرسۇن ئۇنىڭ بېشىدىكى زەر باسقان دوپپىسىنى ئېلىپ مېنىڭ بېشىمغا كىيدۈرۈپ قويدى. قىيا-چىيا كۆتۈرۈلدى. مەن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدىم. رەنانىڭ كەسىپداشلىرى بىلەن مېنىڭ دوستلىرىم: - ياراشتى!  ـ ساڭلا لايىق ئىكەن! – سېنىڭلا ئىكەن! – دېيىشىپ كېتىشتى. بەزىلىرى دوپپىنى بېشىمدىن ئېلىپ كىيىپ باقماقچى بولۈشقىنىدا، رەنانىڭ زەينەپ ئىسىملىك ياش ئوقۇتقۇچىسى، ھازىرقى ھەدە دېمەتلىك كەسىپدىشى: - لايىقى تېپىلدى، ھەركىم كىيىۋەرسە بولمايدۇ، - دەپ بېشىمدىكى دوپپىنى ئېلىپ رەنانىڭ ئۆسكىلەڭ قۇندۇز چېچى ئۈستىگە قوندۇرۇپ قويدى.
بىشارەت بەرگۈسى تەقدىرى- قىسمەت،
ئۇنى بۇنياد قىلۇر ھىممەت- جاسارەت.
سۆيگۈ پەرىشتىسى ئاتقاي ساداق- ئوق،
ئىزىدىن غۇنچە بوپ كۆكلەر مۇھەببەت.

يول باشقانسېرى ئېچىلىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ. سۆيگۈ يولىمۇ خۇددى شۇنداق. رەنا بىر قانچە كۈن ئىچىدە بىتاب بولۇپ يېتىپ قالدى. بىلمەيمەن، نېمە ئۈچۈندۇر ئۇنى ئىككى كۈندىن بېرى كۆرەلمىگەنلىكىمگە بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئاخىر ئارىمىزدىكى يېشى چوڭراق گۇرۇپپا باشلىقى ئابدۇلھېلىم ئاكىنى ئېلىپ رەنانىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ كېسىلىنى يوقلىغىلى باردۇق. ئۇ ئاتىسى قاۋۇل ئاخۇن، ئانىسى توختىخان ئاچا بىلەن  بىر ئائىلىدە تۇراتتى.
قاۋۇل ئاخۇن ئاتا ئۆرە بوي، كېلىشكەن، ئاق كۆڭۈل، بەش ۋاق ناماز كىشى بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا رەنانىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ كىچىكىدە «شۆتاڭ» دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ، كېيىنچە سوۋېت- شىنجاڭ سودا شىركىتى «ساۋ- سىن تورىك»دە بىرىنچى ئەۋلاد تېرە- موي ئىشچىسى بولغان ۋە مويكا قۇرۇلغاندا پرىيۇمچىك بولۇپ ئىشلىگەن. سالاپەتلىك، شەپقەتچان، مەرد بۇ كىشى رەنانىڭ ئوقۇمۇشلۇق بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن تولىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن، توختىخان ئاچا قاۋۇل ئاخۇن ئاتىدىن خېلىلا ياش بولۇپ، ئىللىق چىراي، خۇش پىچىم، مېھماندوست ۋە مېھرىبان ئاياللىقى بىر قاراشتىلا كىشىنى سۆيۈندۈرەتتى. ئۇلار سىرتقى ئۆيىدە، كاڭ- سۇپا ئۈستىدە ئولتۇرغان يەرلىرىدىن قوزغۇلۇپ بىزنى كۈتۈۋېلىشتى. بىز بىرئاز پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئابدۇلھېلىم ئاكىنىڭ ئىشارىتى بىلەن مەن ئىلگىرىرەك ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. بۇ رەنانىڭ خاس ئۆيى بولۇپ، ئاتا- ئانىسى بويىغا يېتىپ قالغان بۇ يىگانە پەرزەنتىگە بۇ ئۆينى چىرايلىق گىلەم ۋە جاھازلار بىلەن ياسىداقلاپ بەرگەن. ئۆيگە تىزىپ قويۇلغان چىرايلىق قىزىل قونچاقلار بىلەن بالىلار تېلفونى، گۈل سېۋىتى قاتارلىق ئويۇنچۇقلار رەنانىڭ تېخى ئۆسمۈرلۈك روھىيىتىدىن ئايرىلىپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن رەنانىڭ كارۋىتى يېنىغا كەلدىم. ئۇ بەدىنىنى قىزىل دۇردۇن يوتقاندا ياپقان ھالەتتە كارىۋاتتا ياتاتتى:
ئاتاڭ كۈنمۇ، ئاناڭ ئايمۇ،
ياراتقان غۇنچە جىسمىڭنى.
قويۇپتۇ ئۇستا قۇرئانداز،
ئاتاپ «رەنا»يى ئىسمىڭنى.
بىتاپلىقتا بىسەرەمجان ياتقان كىشىلەردىن تۈپتىن پەرقلىق بولغان بۇ خۇش چىرايلىق يېتىش ماڭا ئۇنىڭ ئۆز- ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ يېنىدا زۇكام دورىلىرى تۇراتتى. رەنا كۆزىنى ئېچىپ ئورنىدىن قوزغالماقچى بولغانىدى، مەن ئۇنىمىدىم. ئىككى ئېغىز ھال سوراش گېپىنى تولىمۇ ئوڭايسىزلىقتا ئېيتتىم- دە سىرتقى ئۆيگە چىقتىم.
- دېمىدىممۇ ئۇيقۇدا، دەپ، -دېدى ئابدۇلھېلىم ئاكا.
- مەن ئويغىتاي، ـ دەپ قوزغالدى توختىخان ئاچا.
بىز ئۇنىمىدۇق ۋە خوشلىشىپ چىقىپ كەتتۇق.
رەنا تىزلا ساقىيىپ كەتتى. مەن ئۇنى ئۇلارنىڭ ئۇسسۇل دەرسخانىسىدىن تاپتىم. دەرسخانا «قىزىل بىنا»نىڭ غەرپ تەرىپىدىكى بىرىنچى قەۋەتتە ئىدى. ئۇدۇل تام پۈتۈنلەي ئەينەك بىلەن شولىلاندۇرۇلغان، ئاستى تاختايلىق بۇ سىنىپتا رەنا ئۆزى يالغۇز خەت يېزىۋاتاتتى. ئىشىكتىن كىرىشىم بىلەن ئۇ تۇنجى قېتىم دوستانە ئىلتىماس قىلدى:
قېرىنداش قەلەم ئۇچى سۇنۇپ كەتتى، ئۇچلىيالمىدىم، - دېدى. مەن ئۇنىڭ قولىدىكى قېرىنداش قەلەمنى قەلەمتىراچ بىلەن ئۇچلاپ بەردىم.
ـ ئەجەپ ياخشى ئەينەك ئىكەن بۇ، قېنى بىللە «سۈرەتكە» چۈشۈۋالايلى، -دېدىم مەن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەينەكتە كۆرۈنۈش ئۈچۈن. ئۇ ئۈستىگە نېپىز ئاق ناۋاترەڭ كۆڭلەك كىيگەن، بېشىغا ئەينى يىللارنىڭ ئادىتى بويىچە ئاق چىمەن دوپپا كىيگەنىدى. مېنىڭ ئۈستۈمدە ئاق كۆڭلەك، كەرەشنىۋاي شىم، ئۆزۈم يالاڭ باش ئىدىم. راستچىل ئەينەك ئىككىمىزنى ئىككىمىزگە ئەينەن كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بويى مەندىن زىلۋا ۋە يىگىرمە سانتىمېتىرچە پاكارراق بولۇپ، ئىككىمىز غايىدىكىدەك يىگىت-قىز ئىدۇق.
- ئۆمرۈمدە بۇنداق چوڭ، بۇنداق كۆڭۈللۈك ۋە ئۇنتۇلغۇسىز سۈرەتنى كۆرمىگەنىدىم، - دېدىم مەن. ئۇ:
ـ شۇغىنىسى بۇ سۈرەتنى سۈرەتخانىدىن ئېلىپ كەتكىلى بولمايدۇ، - دېدى.
مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئۇزۇن تۇرۇشنى بېزەڭلىك دەپ ھېساپلىدىمئېھتىمالىم، ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ئالدىدا:
- ئۇنداقتا بۇ سۈرەتخانىغا پات-پات كېلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ تۇرسام بولغۇدەك- دېدىم.
- مەرھەمەت! – دېدى ئۇ سىنىپ ئىشىكى بوسۇغىسىدا مېنى ئۇزىتىپ.
...
قايسى قوياشنىڭ نۇرى ئۇ،
قەلبىمگە بەخش ئەتكەن باھار.
قايسى باھارنىڭ گۈلى ئۇ،
تۆككەن مۇھەببەتتىن ئىپار.

دوستلىرىم بىلەن رەنانىڭ دوستلىرى بىزگە خەيرخاھلىق قىلىدىغان بولۇشۇپ قالدى. ئۇلاردىن بىرقانچىسى يىگىت- قىز بولۇشۇپ مەن بىلەن رەنانى ئېلىپ ئەينى يىللاردىكى بۈك –باراقسان ئۇلانباي ئورمانلىقىغا سەيلىگە چىقتۇق. ئۇ چاغلاردا ئۈنئالغۇ (ماگېنتافۇن) بولمىغاچقا، تەمبۇ ئېلىۋالدۇق. يېتەرلىك سامسا، ئىچىملىك ۋە دالىدا پىشۇرۇش ئۈچۈن كاۋاپقا لازىملىق نەرسىلەر ۋە فۇتۇ ئاپرات ئېلىۋالغانىدۇق. سەيلىمىز سايىلىق دەرەخلەر تېگىدە، چىملىق ئارىسىدىكى سۈزۈك بۇلاق بويىدا كۆڭۈللۈك بولاتتى. مەن بىلەن رەنا تۇغما ئادىتىمىز بويىچە ئوچۇق، ئەمما كەم سۆز ئىدۇق. مەن يىگىتلىكىمگە ئېلىپ تولىمۇ ئېچىلىپ يېيىلىپ كېتىشنى، گەپ بىلەن ماختىنىپ سورۇننى ئىگىلىۋېلىشنى، كۆز ئالدىمدا تۇرغان ماختاپ كۆكلەرگە ئۇچۇرۇشنى ۋە بىرەر ئىلمەك ياكى مەنىسىدە ئىشقىي ئىبارىلەر يوشۇرۇنغان تەكەللۇپ گەپلىرىنى قىلىشنى ئەرلىك قەدىر- قىممىتى ۋە كىشىلىك پەزىلىتىگە لايىق بولمىغان چاكىنىلىق دەپ قارايتتىم. ئۇ چاغلاردا «يامانتاغ» باغرىدا تېخى تۆمۈر يول يوق ئىدى. بىز تاغ باغرىغا چىقتۇق، تاشلار ئارىسىدا مۇكۈشمەك ئويناشتۇق. بىر چاغلاردا بىئولوگىيە فاكولتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا پالىئانتولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىزنى پروفېسسور جۇبۇ تاغلىققا ئېلىپ چىققانىدى. مەن ئارىلاپ قىياق، ئادراسمانلار ئۆسكەن بۇ تاشلىق تاغدىن ئۆتۈۋېتىپ، رەنانى تۆۋەندىن تارتىۋالدىم ۋە قولۇمنى تاش تىلىۋەتتى. رەنا «ۋىيەي» دەپ ئەيمىنىپ كەتتى ۋە كىچىك ئاپئاق قولياغلىقىدا قاناپ قالغان قولۇمنى چىڭ تېڭىپ قويدى. بۇ كىچىككىنە قۇربانلىق» بىلەن «كىچىككىنە پىداكارلىق» ئۆزىنىڭ تۇنجى ئىپادىسىدە قان بىلەن باشلاندى ۋە پاكلىق بەلگىسى بولغان ئاپئاق قولياغلىقى بىلەن تامغىلاندى. شۇنىسى خاتىرە قىممىتىگە ئىگە، رەنانىڭ ئاق ياغلىقىدا، ئۇ بىخەۋەت بىر رىشتە- ئۇنىڭ قۇندۇزدەك بىر تال چېچى ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەدىيە بولۇپ قالغانىدى.
ئولانبايدىن قايتىشىمىزدا ئۇدۇل يول بىلەن كېتىشنى ئويلاپ يولغا چىقتۇق. ئۇ چاغلاردا ئۈرۈمچى دەرياسى تېخى ساقلانغان بولۇپ، ئادەتتە ئۇ يەر- بۇ يەردە تارقاق سۇلار ئاقاتتى، كەلگۈن كەلگەندە ھەتتا ماشىنا، ئات- ھارۋىلارمۇ ئۆتەلمەي، كۆۋرۈكلەرنى سۇ يالاپ، قاتناش قىيىنچىلىقى ھاسىل بولاتتى. قىش كۈنلىرى ھازىرقى جەنۇبىي شىنخۇا يولى ۋە ئۈرۈمچى دەرياسى بويى مۇز بىلەن قاپلىناتتى، مەكتەپ ئۇدۇلىدا مۇز ئۈستىدە كانكى تېيىلىپ چوڭ كۆۋرۈككىچە مۇز تېيىلىپ ئوينايتتىم. شېئىرىلىرىم ئارىسىدا شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى كۆلى ئۈستىدە قىشتا كانكى ئويناۋاتقان بالىلار ۋە ياشلارنى كۆرۈپ، ياشلىق چاغلىرىمدا كانكى ئوينىغانلىقىمنى ئەسلەپ يازغان بىر شېئىرىم بارلىقى ئېسىمدە.
بىز تارىلىپ ئېقىۋاتقان ئۈرۈمچى دەرياسىدىن ئۆتكەندە ئوغۇللار قىزلارنى يۈدۈشكە توغرا كەلدى. نېمە ئۈچۈندۇر ھەممىسى ئىككىمىزنى تاشلاپ قويۇپ سۇغا كىرىپ كېتىشتى. مەن شىمىمنى ئېگىز تۈرۈپ، رەنانى ھاپاش قىلىپ ئۆتۈشۈمگە توغرا كەلگەنىدى. ئەمما، رەنا ئۆز غۇرۇرىغا ئېلىپ مەن بىلەن يانمۇيان سۇ كېچىپ ئۆتتى. نېمە ئۈچۈندۇر، قىرغاقتىكى دوستلىرىمىز سۇغا تاش ئېتىپ، يۈرىشىمىزنى قىيىنلاشتۇراتتى. مەن سۇغا يىقىلىپ چۈشمەسلىككە ھەركەتلىنەتتىم. ئاخىر قىرغاققا چىقتۇق، بىراق بالىلار بىزنى شۇ ھالەتتە ئىككى گۈلخان ئارىسىدىن ئۆتمىگۈچە قويۇپ بېرىشمىدى.
...
ۋىسال گۈلىنى كۆرسەتتى تەقدىر،
تىنچ قەلبىمگە يېقىپ مۇھەببەت.
ھىجران يولىنى ئۇ ئاچتى ئاخىر،
سۆيگۈ ئوتىنى كۈچەيتىپ ھەيۋەت.

تاڭدىكى تۇمان ۋەياكى سەھەر ئۇيقۇلۇقىدىكى شېرىن چۈشتەك ۋىسال كۈنلىرى ئۇزۇن بولمىدى. «ئىستىل تۈزەش» دەپ ئاتالغان ھەرىكەت دولقۇنى بىلەن تەڭلا شىنجاڭ يېزىلىرىدا تۆۋەن كوپراتىپلارنى ئومۇميۈزلۈك ئالىي كوپراتىپلارغا كۆتۈرۈش ھەركىتى باشلاندى. مېنى مائارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئىستىل تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەكتىپىمىزدىكى «نوقتىغا چۈشكەن ۋەكىلى» سالاھىيىتى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا بېرىشىمنى ئۇقتۇردى. ئۇ ماڭا مېنىڭ يېزا خىزمىتى تەجىربەنىڭ يوقلۇقى، بۇ موھىم چېنىقىش پۇرسىتى ئىكەلىكىنى ئالاھىدە جىكىلىدى. شۇنداق قىلىپ مېنى دوستلىرىم قەشقەرگە ئۇزاتتى. ئۇلارنىڭ «يوللۇق سوۋغا»لىرى ئارىسىدا رەنانىڭ ئۈستىگە خەنزۇچە «چىڭنىيەن» (ياشلىق) دېگەن خەت يېزىلغان قېلىن خاتىرە دەپتىرى بار ئىدى. مەن بۇ سوۋغىدىن ھېچقانداق غەيرىي مەنە تاپالمىدىم. تاپقىنىم، پەقەت رەنانىڭ پاكلىقى ۋە دوستانە ھېسسىياتى ئىدى، خالاس. بۇ دانالىق ئىدى!
يولغا چىقتۇق. ئەينى يىللاردىكى جەنۇبى شىنجاڭ تاشيولى تولىسى توپىلىق يول ئىدى. مەن قارا يۈك ماشىنىسى – زىس ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ ئارقىسىدىكى بۇلۇڭدىن ئورۇن ئالدىم. بۇ قۇيۇنتاز ئىچىدە پۈكلىنىپ ئولتۇرۇش دېگەنلىك ئىدى. بۈگۈرنىڭ «كەمبىغەللەر مەھەللىسى» دېگەن يېرىدىكى دەڭدە بىرىنچى قېتىم پارتىيە- ئىتتىپاق ئەزالىرى يىغىنى ئېچىلدى. ھەممىمىز قايتا تىزىملاندۇق. قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن تاغام ئابدۇكېرىم ئىبراھىمنىڭ خانان كوچىسىدىكى تارغىنە ئۆيىگە كىرىپ، ئاران بىر كۈن قونالىدىم. ئاتا- ئانىلىرىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ فرونزى (بېشكەك) شەھىرىگە چىققاندا مەسلىھەت بويىچە قويۇپ كەتكەن بىر كىشىلىك پاسپورت تاغامدا ئىدى. مەن بىر قانچە كىشى بىلەن مارالبېشىغا تەقسىم قىلىندىم. ئۇ يەردىن مەخمۇتجان ئاكا ئىسىملىك كىشى باشچىلىقىدا مەن، قۇربان مەمتىلى، ئىككى خەنزۇ كادىر جەمئىي بەشىمىز سېرىقبۇيا رايونىغا تەقسىم قىلىندۇق. ئىش ئورنىمىز شاكال ئاۋات بازار- كەنتى بولدى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي مەخمۇتجان ئاكا كېسەل سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ، يېشىم باشقىلاردىن كىچىك بولسىمۇ، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىغا مېنى مەسئۇل قىلىپ قويدى. مەن چېچىمنى چۈشۈرىۋېتىپ پۈتۈنلەي قەشقەر –دولان يېزىلىرىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر يىگىتى قىياپىتىگە كىرىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتىم. بۇ ئىشلار ئۆز يولىدا. قولۇمغا ھەر كۈنى رەنانىڭ خاتىرە سوۋغىسىنى –ياشلىق دەپتىرىنى ئالاتتىم. تۇنجى ئىللىق بىشارەتلەر تىزمىسى، يىراقلىق ۋە ۋاقىت، ھىجران ئازابى، سېغىنىش تۇيغۇلىرى مېنىڭ تېخى ھېچقانداق سۆيگۈ- مۇھەببەتتىن سۇ ئىچمىگەن بوز قەلبىمگە كۈچلۈك لەززەت سېلىشقا باشلىدى. كۆزۈمگە قىزلارنىڭ قولياغلىققا چېگىلگەن غورىلىرى، ئۆرۈكلىرى، چوكانلارنىڭ قىزىل بوياپ دېرىگە قويۇپ قويغان تۇخۇملىرى كۆرۈنمەيتتى. بەزىدە ئاتلىق ئورمانلىق- توغراقلىق يەكەن ۋادىسىدا، بەزىدە شور توپىلىق يولدا، بەزىدە چەكسىز كەتكەن بۇيىزارلىقتا، قىسقىسى ئادەم يوق جاڭگالدا «رەنا» دەپ ۋارقىرايدىغان، مەجلىس ئۈستىلى ئۈستىدە بولسا سالاپەتلىك مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان بولدۇم. دەرۋەقە، مېنى مانا مۇشۇنداق ئىككى پارچىغا  تىلىپ تاشلىغانلىقىنى رەنانىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.
رەنانىڭ خاتىرە دەپتىرىگە تېخى رەسمىي مۇھەببەت ئىزھار قىلمىغان ھالەتتىكى قەلبىمنى يېزىشقا كىرىشتىم. خاتىرە دەپتەرنىڭ بىرىنچى بېتىدە رەنانىڭ زەينەپ سابىت بىلەن چۈشكەن سۈرىتى چاپلانغانىدى. مەن ئۈچۈن بۇ دائىمىي ۋىسال پېشايۋىنى ۋە نىگار جاھاننامىسى ئىدى. مەن بۇ ئاجايىپ مەپتۇنكار سۈرەتكە قاراپ قانچىلاپ ئەپسۇنكار تىلەكلەر بىلەن رەناغا سالامەتلىك ۋە بەخت تىلىگەنلىكىمنى ئۇنتالمايمەن. مەن خاتىرە دەپتەرنىڭ ئىككىنچى بېتىگە بىر دانە ئاق ئەتىرگۈلنى ۋە رەنانىڭ مەن ئۇنىڭ بىلەن يامانتاغ ئېتىگىگە چىققاندا قولۇم قاناپ رەنا تېڭىپ قويغان قولياغلىقىدا قېلىپ قالغان بىر تال چاچنى قەغەزگە ئاۋايلاپ ئوراپ چاپلاپ قويغانىدىم. ھازىر ئويلىسام، بۇ بىر ئەپسۇنكار دەستۇر بولۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭ قەلبىمدىمۇ مەن توغرىلىق ئويلانمىسا بولمايدىغان ئىللىق ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى چېلىقتۇرغان بولسام كېرەك. مەن دوستلارغا بېغىشلاپ بىرقانچە قېتىم خەت يازدىم. بۇ خەتتە ئۇلارنىڭ ناملىرىنى، بولۇپمۇ رەنانىڭ مۇبارەك ئىسمىنى ئاتايىن ئوتلۇق نەپەستە تىلغا ئالدىم، ئۇنتۇلماس كۆڭۈللۈك كۈنلەرنى قەيت قىلدىم. ئەمما، رەناغا ئاتاپ مۇھەببەت خېتى يېزىشقا يۈكلەنگەن ھىسىياتىم ئامالسىز ئىدى...
مەن سېرىق بويىدە ئىككى يىل تۇرۇپ قالدىم. بۇ مەزگىلدە رەنانىڭ مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇتىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللىرىنى ئەسكە ئالدىم.
رەنا ئۆزىنىڭ ئالتە ئايلىق چېغىدا ئاتا –ئانىسى بىلەن بىلللە كۇچادىن ئۈرۈمچىگە يۆتكۈلۈپ كەلگەن. «ياڭخاڭ» مەھەللىسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان. بۇ ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، رۇسلار توپلاشقان مەدەنىيەتلىك رايون ئىدى. رەنا ئارىلىقتا ئاتىسى كۇچاغا مويكا تەسىس قىلىپ بېرىش خىزمىتىگە بارغاندا كۇچادا ئوقۇش يېشىغا تولۇپ بىر يىل ئوقۇغان، كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۈرۈمچىدە داۋاملاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئازاتلىقتىن كېيىن، ئۇ غەربىي شىمال سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ شىنجاڭ فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا تاللانغان. بۇ فاكۇلتېت شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ سەنئەت فاكولتېتى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندە «جۇڭگو ئوقۇغۇچىلار- ياشلار ۋەكىللەر ئۆمىكى» تەركىبىگە تاللىنىپ ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار- ستۇدېنتلار فېستىۋالىغا قاتناشقان. ئۇ مانجۇ- ئامورىسكى ئارقىلىق تۆمۈر يول بىلەن كەڭ سىبىرۇىيە ئورمانلىق رايونى ۋە ئورال تاغلىرىنىڭ شەرقى- غەربىي قاناتلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ موسكۋا- لېنىنگراد شەھەرلىرىدە بولغان. موسكىۋا ئونۋېرستېتى ۋە جۇڭگو كونسۇلخانىسىدا دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك سەنئەت نۇمۇرلىرىدا «داپ ئۇسسۇلى»نى ئويناپ، ئەينى زاماندىكى مولوتوپ، مالىنكوف قاتارلىق سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. فېستىۋال تاماملىنىپ ۋەكىللەر قايتقاندىن كېيىن، «جۇڭگو ئېكسكۇرسىيە ئۆمىگى» تەركىبىگە لى شىخەن (جۇڭگو سەنئەت ئاكادېمىيىسى رەئىسى، پوبلىست)، زەينەپ سابىتلار بىلەن تاللىنىپ، دانىيە، ئىسلاندىيە دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغان. ئاندىىسون مۇزېيى، ئاتلانتىك ئوكيان، ئىسلاندىيە ۋولقان تېغى، ئارشاڭ بۇلاقلىرىنى زىيارەت قىلغان. دانىيە پادىشاھى، خانىشى ۋە ھازىرقى ئايال پادىشاھ مەلىكە قىزى بىلەن بالېت ئويۇنىنى تاماشا قىلغان. ئۇ كوپىنھاگېن ۋادىسىدىكى «ساھىبجامال بېلىقىز» ھەيكىلى ئالدىدا بۇ رىۋايەتتىكى پاك قىزنىڭ غۇرۇرلۇق- ۋىجدانلىق ئوبرازىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ۋە بۇ ھەيكەل ئالدىدا سۆرەتكە چۈشكەن. كېيىنچە ئۇ بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتىدا، ھازىرقى شۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى، پروفېسسورى لۇي يىشىڭ قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇغان. ئۇ چەتئەل ئاسپىرانتلىرى بىلەن بىر سىنىپتا تەلىم ئالغانىدى. مەن ئۇنىڭ بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىنى تاماملاپ قايتقاندىن كېيىن رەسمىي تونۇسقانىدۇق.
مارالبېشىدىن قايتتۇق. پۈتۈن جەنۇبى شىنجاڭدىكى خىزمەت قوشۇنى دەرھال تەلتۆكۈس تەركىپ بويىچە ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆز ئورۇنلىرىمىزغا تىزىملاتتۇق، دوستلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق. ئەمما، نېمىشقىدۇر ئۇلارنىڭ روھىيەتلىرى جىددى، گەپ- سۆزلىرى ئېھتىياتچان ئىدى. مەن رەنا بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدىمۇ، مەكتەپ بىناسىدىمۇ ئۇچرىشالمىدىم. ئەھۋالنى مىرزائەخمەت بىلەن مۇھەممەت نىزامىدىندىن خالىي ئورماندا ئىگىلىگەنىدىم.

كەچكۈزگە يېقىنلىسىمۇ، ھاۋا ئىسسىق تەپتىدىن يانمىغانىدى. مەن چۈشتىن كېيىن رۇس كۇلۇبى (ھازىرقى دوستلۇق دوختۇرخانىسى)دىكى كىنو ئېلانىغا يېقىنلاپ كەلدىم. يېزىدا كىنو كۆرمىگىنىمگە يېرىم يىلدىن ئاشقانىدى. تەنھا بىلەت سېتىۋالدىم-دە زالنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. ئەتراپىمدا ئادەم  تازا زىچ بولمىغاچقا، ئالدىنقى قاتاردا، ئوتتۇرا قاتارلاردا بوش ئورۇن يوق دىيەرلىك ئىدى. ئۇ زامانلاردا ئائىلە تېلېۋىزورلىرى بولمىغاچقا ئادەملەر كىنوخانىغا باس- باس كىرىشەتتى.
بىرچاغدا يېنىمغا رەنانىڭ تۇرسۇنخان دېگەن دوستى كېلىپ:
- سىزنى چاقىرىدۇ، يېنىدا بىر كىشىلىك ئورۇن بوش، - دېدى.
مەن دەرھال سەزدىم. كىم چاقىرىدۇ، دېيىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. تۇرسۇنخانغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا قاتارنىڭ ئەڭ تەرىپىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان رەناغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇ ئۈستىگە قارا تور، كالتە يەڭ ئېسىل كوپتا كىيگەن بولۇپ، چېچىنى كەينىگە يېرىم ھالقا قىلىپ ئورۇۋالغانىدى. ئادەم لىق تولغان بۇ ھېيىقىشلىق مەيداندا ئۇ مەن بىلەن قىسقا، ئەمما مەزمۇنلۇق دىدارلاشتى.
- مۇشۇ يەردە ئۇچرىشىدىغان بولدۇق- دە، ھەممىسىدىن خەۋەر تاپتىم،- دېدى ئۇ. مەن ئۇنىڭ ئۇنى ئىزدەپ ئىزدەپ يۈرگىنىمنى ئۇققانلىقىنى بىلدىم. دەرھال سەھنە قاراڭغۇلىشىپ، كىنو باشلىنىپ كەتكەچكە ئارتۇق پاراڭلىشىشقا بولمىدى.
ئۇ مېنىڭ ئوڭ تەرىپىمدە، تۇرسۇنخان سول تەرىپىمدە ئىدى. مەن ئىلاجى بار، ئۇنىڭ نېپىز كىيىملىرى، يالىڭاچ يۇمران بىلەكلىرىگە تېگىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشاتتىم. ئۇ قانداقتۇر نازۇك ئۇچقۇر تۇيغۇ رىتىمىغا قارشى ئەخلاقىي ئاڭ ھەركىتى ئىدى. ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە ئۆزىنى خېلىلا ئەركىن، مەغرۇر، سالاپەتلىك تۇتاتتى. ئۇ ئارىلاپ- ئارىلاپ مەندىن كىنودىكى بەزىبىر ۋەقەلىككە ئىزاھات، ناخشىلارغا ئىزاھات سورايتتى. تەسىرلىنىپ كەتكەندە بىلىكىنى قىمىرلىتىپ، ئۆز ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەيتتى. بۇ ھىندىستاننىڭ «سەرگەردان» ناملىق مەشھۇر كىنو فىلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئېيتىپ بېرىشىگە قارىغاندا، ئۇ بۇ فىلىمنى ئون نەچچە قېتىم كۆرگەن. ئۇ بۇ كىنودىكى لازىنىڭ يامغۇرلۇق كوچىدا تۇغۇلغىنى، نەسەب جەھەتتىكى قانداشلىق قاراشلىرى ئاسارىتىدىن بولغان پاجىئەلەر، ئىجتىمائىي خارلىق- ھاقارەت قاتارلىق كۆرۈنۈشلەردىن يىغلايتتى. مەن رەنانىڭ مۇھەببەت كىنولىرىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇش نوقتىسىدىن كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدىم.
ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگىنىمدىن كېيىن، بۇ شەھەردە سىياسى ھاۋا پۈتۈنلەي جىددىلىشىپ كەكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتالمىش «چوڭ خەتلىك گېزىت» (دازىباۋ) «كەشپىيات» مەيدانغا چىقتى. ئىسمى- جىسمى نامەلۇم «ئاتۇمات»، «بىگىز»، «كىرپە» دېگەندەك قەلەم ئىگىلىرى ئۆزى خالىغان ئادەملەر ئۈستىدىن دازىباۋ، كارىكاتۇرىلارنى سىزىپ چاپلىغىلى تۇردى. رەنا بىلەن ئىككىمىزمۇ ئاتايىن چېتىشتۇرۇلۇپ يېزىلغان بىر پارچە چوڭ قىزىل قەغەز بىنا ئىشىكى ئالدىغا چاپلاندى. بۇ مېنى كۆرەلمىگەنلەر بىلەن رەناغا كۆز تاشلاپ يۈرگەنلەرگە بولۇپ بەردى. دوستلىرىم ئۈستىدىمۇ دازىباۋلار چىقتى.
مەن رەنانىڭ بۇ چاپلانمىنى كۆرۈپلا يىغلاپ ئۆيىگە قايتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىچىم ئېتىلدۇرغان قوماچتەك بولۇپ كەتتى. ئىختىيارسىز ئۇنىڭ قورۇسىغا بېرىپ قالغانىدىم. ئۇ چاغدا ئۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى كۆلى ئايىغىدىكى بىر قەۋەتلىك ئائىلە قورۇسىدا تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم ۋە ئۇنى شۇ قورۇدىكى باشقا بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيىگە چاقىرتتىم. ئۇ مېنى كۆرۈشى بىلەنلا ئۆز دوستىنى كۆرگەندەكلا يىغلاپ كەتتى.
ئۇنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرۇپ، چوڭ پاكىت سۆزلەپ ئۇنى تىنىچلاندۇرماقچى بولدۇم. ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، تېنىمسىز كۆز يېشى تۆكۈپ يىغلايتتى. ئۇنىڭ قۇندۇز چاچلىرى سىيلىق تارالغان، قاتتىق ئۆرۈلۈپ، دولىسىغا ئېشىپ تۈگۈنچەكلەنگەچكە، ئۇنىڭدىن ئون سەككىز ياشلىق بۇ ئاجايىپ ساھىبجامالنىڭ خۇش پۇرىقى گۈپۈلدەپ دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.  يالتىراق چاچلار ئۆز سېھرىي بىلەن كۆڭلۈمنى غىدىغلايتتى. ئەمما، مەن ئۆز تۇيغۇلىرىمنى، ئۇ ھەتتا ئوتلۇق گۇلخان ھارارىتى ھاسىل قىلغاندىمۇ، بولمىغۇر ئۇششاق ھەركەتلەر بىلەن پەسلەشتۇرۇشنى نۇمۇس كۆرەتتىم.
مەن قانچە چوڭ پاكىتلار سۆزلىگىنىم بىلەن رەنانىڭ قىزلىق مەسۇمە تۇيغۇلىرىدىن يامراپ چىققان تۇنجى ھاقارەتلىنىشكە قاراتقان پىغانلىق كۆز ياشلىرىنى توختىتالمايتتى. بۇ، ئاق ئەتىرگۈلنىڭ تۇنجى يامغۇر- يېشىنغا يولۇقۇشى، ئۇنىڭ قارا قۇمچاق كۆز گۆھەرلىرىنىڭ تۇنجى ئەلەم ياشلىرىدا چايقىلىشى ئىدى.

سۆيگۈ يولىدا بىر جۈپ چېچەك،
جەننەت مىسالى بەزىدە
ئامەت قۇشى كۈلگەن چېغى،
گۆھەر ئاقار كۆز ياشىدە.

گەرچە بۇ قېتىملىق كۆز يېشى ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپچى بولغان ھاقارەتنامە ئىككىمىزنىڭ تېخى شەرتلەشمىگەن سۆيگۈ ھىسىياتلىرىمىزنى كۈچەيتكەن ۋە ئۇنى جامائەت ئالدىدا ئېلان قىلىش رولىنى ئۆتىگەن بولسىمۇ، مەن ھازىرغىچە بۇ مەنزىرىدىن لەرزىگە كېلىپ تىترەيمەن.
ھازىر ئويلىغىنىمدا، مەن رەنانىڭ كۆز يېشى بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ يېشىم ئاتمىشقا كىرگۈچە كۆپ قېتىم كۈلۈپ تۇرغان، چەكچىيىپ تۇرغان قىياپەتتە ئاچچىق- ئاچچىق ھەسرەتلىنىپ يىغلىدىم. «ئەرلىك يىغىسى- شىرنىڭ نالىسى، كۆرۈنمەيدۇ ياش تامچىسى، ساقايمايدۇ ئۇنىڭ يارىسى» دېگەن سۆز بار. ئەمما، ماڭا نىسبەتەن رەنا تېخىمۇ كۆپ يىغلىدى. ئۇ مەن ئۈچۈن ھەممىدىن كۆپ، ھەممىدىن ئاچچىق، ھەممىدىن كۆيۈنۈپ لەختە- لەختە يىغلىدى. مەن كۇھىقاپ ئاغزىدا ياكى جەھەننەم ئىشىكى ئالدىدا تاش يۈرەك بولىۋالساممۇ، رەنانىڭ كۆز يېشى ئالدىدا تېرىقتەك تىترەپ، سىماپتەك قۇيۇلىمەن! مېنى ھاقارەتلىك سۆزلەر، ھېچقانداق كۈچ ئىككىلەندۈرەلمەس ئىدى. ئەمما، رەنانىڭ يىغىسى مېنى تەسلىم قىلدۇرىدۇ. مەن ئۆزۈمنى يىغا –زارىسىز مۇھىتقا ئېرىشتۈرەلمىدىم. ئەكس ھالدا، مەن رەناغا كىشىلىك كۆز ياشلىرىنىڭ نورمىسىدىن ھالقىپ ئاجايىپ ئېغىر كۆز ياشلىرى ئېلىپ كەلدىم! مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئالدىدا تۇپان سۈيىدە تەڭرىدىن ئىنايەت تىلىگەن نوھتەك، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايمەن. ھەيدەر خارەزمى:
«نېچۈندۇر ئىزگۈلۈكنىڭ، كۆزلىرى نەم يارالغاندۇر».
دەپ يازغانىدى. پاكلىق، ۋىجدان، غۇرۇر تۈپەيلى «ئىزگۈ مالائىكە»نىڭ قەلبى ھەققانىيەت ۋە ئار-نۇمۇس جەۋھەرلىرى بىلەن چايقالغان كۆز ياشلىرىغا پەيۋەس ئىدى.
بۇ قېتىمقى ھاقارەتنامىگە ئۇلىنىپ رەنانىڭ نامىغا دازىباۋ ياكى كارىكاتۇرا چىقمىدى. مېنىڭ ئۈستۈمدە ئاندا- ساندا چىققان دازىباۋلار بارغانسېرى پۈتۈن مەكتەپ بويلاپ، مەخسۇس ماڭا قارىتىلغان بىر يۈرۈش دازىباۋلار تىزمىسىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. مەن رەنالارنىڭ ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىن ئېيرىلىپ «مەسىلىسى بارلار» گۇرۇپپىسىدا ئۆگىنىدىغان بولدۇم.
مەن رەنانى ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە، مېنىڭ ئاشخانىغا قاتنايدىغان يولىمىزدىكى سېمونت ئىستولبا يېنىدا ئۇچرىتاتتىم. ئۇنىڭمۇ دەل شۇ پەيتكە توغرىلاپ يولغا چىقىشىنى بىلمەيمەن. ئەمما، مەن ئىچىمگە بىر ئوچۇم چۈمۈلە سېلىۋالغاندەكلا، ئورنۇمدا تۇرالمايتتىم. ئالەمنىڭ مالەم بولۇشى ماڭا مۇھىم ئەمەستەك قىلاتتى. موھىمى، ئۇنى ھەر كۈنى بىر قېتىم كۆرۈپ، خۇش تەبەسسۇم سالاملىشىش ئىدى.

ماڭا قارىتا كۆرەش باشلاندى.
قىزىل بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى زال، تاملارغا، قىزىل قەغەزلەرگە ئەڭ ئاخىرقى قەھرى- قاباھەتلىك شۇئارلار- «يوقالسۇن!» دېگەن سۆزلەر يېزىپ چاپلانغانىدى. دەل پىتنە- ئىغۋا رومانتىكىسى تەسەۋۋۇر چۇلۋۇرىنى قويۇۋەتكەن جايدا ھەممىسىنىڭ مەنتىقىغا ئىسيان قىلىشىنى كۆرۈشكە بولاتتى.
مەكتەپ پارتىكومىنىڭ سېكىرتارىنىئۇ يەردە كۈرەش قىلىۋاتاتتى. ئارقىدىن مېنىڭ سەھنىگە چىقىشىم تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن سېكىرتار سادىرنىڭ ئورنىغا مەن چىقتىم.
تېخى يىگىرمە بەش ياشقا كىرمىگەنىدىم. ماڭا ئىككى نەرسە كۈچ ئاتا قىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىرى، ھەققانىيەت بولۇپ، مەن ئۇششاق- چۈششەككە ئىتىبار قىلماسلىق، نادانلىققا سۈكۈنات قىلىش، تۆھمەتنى كەسكىن رەت قىلىش پوزىتسىيىسىنى تاللىغانىدىم. بۇ ھەققانىي روھ مەندىن سەۋر- تاقەتنى، تەھلىل مەنتىقىنى تەلەپ قىلاتتى. يەنە بىرى، رەنانىڭ مۇشۇ مەيداندا بارلىقى، ئۇنىڭ مېنى تۇنجى قېتىم دۈشمەنلىك نەزىرىمدىكى قورشاپ ھوجۇم قىلىش شارائىتىدا كۆزىتىش ئىدى. بۇ بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە ئار –نۇمۇسلۇق سىناق ئىدى. مەن قانداقتۇر سوراقچىلارنىڭ «سىناق»لىرىغا ئەمەس، بەلكى رەنانىڭ سىناقلىرىغا جاۋاپ بېرىشىم كېرەك ئىدى. بۇ ئەرلىك بۇرتلىرىنى كۆرسىتىدىغان، ئىششىق لىرىكىلىرىغا تايىنىدىغان پۇلپەزلىك ياكى قارا كۈچ كۈچىنى كۆز –كۆز قىلىدىغان سىناق ئەمەس، ئۆزىنىڭ خەلق ۋە ھەققانىيەت بىلەن بولغان ۋىجدانىي ئالاقىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئەرلىك سىنىقى ئىدى. بۇ دەل رەنانىڭ غۇرۇرى كۆزىتىپ تۇرغان گىر چېكىتى ئىدى. رەنانىڭ مۇشۇ مەيداندا بارلىقىنى دەسلەپ ناتوغرا ھېس قىلدىم. ھالىم يامان قالغاندا، ئۇ مەندىن «مەندىن چەتنەپ كېتەر، ئوتى يوق ئوچاققا كىم قاراپ ئولتۇرىدۇ» دەپ ئايلىغانىدىم. كىم بىلسۇن، كۆرەش جەريانى ئۇنىڭ مېنى چۈشىنىش، ماڭا ھېسداشلىق، دىلكەشلىك ھەتتا روشەن ۋە كەسكىن ھامىيلىق جەريانى بولدى. مەن بۇنى سەزكىنىمدىن كېيىن، رەنانىڭ بو مەيداندا بارلىقى ماڭا ئەقىل- ھىسىيات ئارىلاشقان بىر مەدەت بولدى. مەن ھاياتىمدا نۇرغۇن قېتىم مۇنداق سىياسى- ئىجتىمائىي بۆھرانغا سۇنئىي، زورمۇزور يوسۇندا دۇچ كەلدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە رەنا ماڭا دائىمىي ئىلھامچى ۋە روھىي تىرەك بولدى. بۇ ئىزگۈ مالائىكىسى بولمىغاندا، مېنىڭ نوھ كېمەم تۇپان كەلكۈنلىرىدە غەرىق بولۇپ كېتىشى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىش ئىدى.
مۇشۇ كۈنلەردە مەن بۇ ھەركەتكە ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا پۈتۈنلەي شۈبھى بىلەن قاراشقا باشلىدىم. ئۇلار مېنى ئەمەس، ئۆزلىرىنى ئاشكارا پاش قىلىشقا تۇتۇنغانىدى. بىراق بۇنداق ئەسەبىيلىك رەنانىڭ تاقىتىنى تاق قىلدى. ئۇ باشتىلا مېنىڭ مەيداندىكى ھامىيلىق ۋە ئىزاھات سۆزلىرىمنى باشقىلارنىڭ يالغان- ياۋىداقلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «ئۇنىڭ سۆزىنىڭ يولى بار، ئۇ ئېيتقان پاكىتلارنىڭ قايسى بىرى خاتا؟» دەپ چىقتى. ئۇ دەرھال ھەققانىي ئاڭ ئىگىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئەمما، چۈشكۈرسىلا تىترەپ كېتىدىغان بەزى مېخانىزىمچىلار «ئەرىز» قىلدى. مەسئۇل خادىم بۇ قىزنىڭ سۆزى ۋە جاسارىتىدىن ئىككىلىنىپ تۇرغان ياش مۇئەللىملەر بىلەن كۆرەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوشۇلغان ئوقۇغۇچىلارغا كۆچلۈك تەسىر پەيدا قىلىپ قويمىسۇن، دەپ ئويلىدى ۋە ھېلىقى «ئەرزىيەتچىلەرگە:
- يولداش رەنا كىچىك، شىنجاڭدىكى سىنىپىي كۈرەشتىن خەۋەرسىز. ئۇنىڭ كاللىسىدا تېخى ياۋرۇپا تەسىرى قۇرۇغىنى يوق. يولداش رەنا ئىشچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بىز ئۇنى باشقا يول بىلەن تەربىيىلىۋالىمىز –دەپ ئۇلارنى قايتۇردى ۋە رەنا بىلەن سۆزلىشىپ كۆرەش ئالدىدا بىر كارىكاتۇرا چىقارغۇزدى.
كارىكاتۇرا رەنانىڭ ئۈستىگە ئالما ئۇرۇقى رەڭلىك بىلەن چېكىم- چېكىم كۈللۈك كوپتا كىيدۈرۈلگەن، ئىككى ئۆرۈم چېچى بىلەن يوپكىسىنىڭ پېشى ئۇچۇپ تۇرغان بولۇپ، ئوڭ قولى ئالىقانلىرى ئېچىلغان پېتى ئالدىغا سوزۇلغان كۆرۈنۈشتە سىزدۇرۇلغان. كارىكاتۇرىغا: «ئابدۇشۈكۈردە مەسىلە يوق!» دېگەن خەت يېزىلغانىدى. مەن رەنادىن تەسىرلەندىم. يىغلاڭغۇ ھالدا مەسىلە تاپشۇرغانلار بىلەن دوستلۇقتىن بىر دومىلاپلا «ئاكتىپ» بولىۋالغان ئادەملەرگە قارىغاندا بۇ كىچىككىنە تومۇچۇق ئاڭلىق، جاسارەتلىك، ناھەققە ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەس غەيۇر تەبىئەت ئىنسان ئىدى.
بۇ ئارىدا سوۋېتتىن ئاتا- ئانام كەلدى. ئۇلار مەندەك يالغۇز ئوغلىنى ئېلىپ كېتىش ياكى ئۆزلىرى يۆتكىلىپ كېلېش ئۈچۈن ئايرۇپىلاندا مەن بىلەن ئۈچ كىشىلىك كېلىپ- كېتىش بېلىتىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇلارنى سەيپىدىن ئەزىزى، ئابدۇللا زاكىروف قاتارلىقلار ئۇلار چۈشكەن ئۆيگە كېلىپ يوقلاشتى. مەن ئۇ چاغلاردا رەنانى باشلاپ كېلىپ، ماختىنىپ ئۇلارغا كۆرسەتكۈم كەلدى. ئەمما، نېمە چارە؟ تېخى بىر- بىرىمىزگە رەسمىي ئېغىز ئېچىپ رازىلىق بىلدۈرۈشمىگەن تۇرساق، بۇ يولسىزلىق بولماسمىدى! ئۇلار مېنى ئېلىپ كېتەلمىدى. مەن ئۇنىمىدىم. مەن بۇنداق ھالەتتە سىرىتقا چىقىپ كېتىشنى نامەرتلىك ھېساپلىدىم. ئىچكى روھىيىتىمدە رەنانى ناگان- ناگاندا، يىراق- يېقىندا كۆرۈپ تۇرۇش شاراپىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتىم. ئاتا- ئانام ئەينى زاماندا باياشات ھېساپلانغان ئەلگە قايتتى. مەن رەنانىڭ قەدەم ئىزلىرىغا تەلپۈنۈپ، بوينىغا تاقاق سېلىنغان مەھبۇستەك ئوت قايناۋاتقان زېمىندا قالدىم.
پۈتۈن ئەلدە يامرىغان «پولات تاۋلاش» ھەركىتى. مەكتىپىمىز ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ شىسەن (غەربى تاغ)دە دۇڭسەن (شەرقى تاغ)گە ماكانلاشتى. مەن دۇڭسەننىڭ «شوربۇلاق جىلغا» (چەنچۈەنگۇ) دېگەن يېرىدىكى بىر گەمىدىن- سېكرېتار سادىرنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدىم. دەسلەپتە گەمە قازدىم، رودا كولىدىم، كېيىنچە ئۈچ مېتىر تىرەنلىكتىكى «پىچ» دەپ ئاتىلىدىغان توساقلىق ئازگال كولىدىم.
رەنا قىز-ئايال ئوقۇتقۇچىلار قاتارىدا ئەمگەك قىلاتتى. ئەتىگەنلىك گىمناستىكا، شورلۇق سۇدا يۈز يۇيۇش، ئۇماچ ناشتىلىق، پاختىلىق چاپان ياكى يىرتىق جۇۋىلار كىيىپ، زەمبىل، جوتۇ، گۈرجەك بىلەن ئىشقا چىقىش، كەچلىك تەربىيە ياكى «مەسىلە سادىر قىلغانلار»نى كۆرەشكە تارتىش... مەشغۇلات شۇ ئىدى.
مەن ناگان- ناگاندا رەنانىڭ تاغ باغرىدا جوتۇ چېپىۋاتقان ياكى زەمبىل توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. نېمىسىنى دېسەم بولار: ئۇ ئەركىن شېرىن بولالمىغىنىدەك، مەنمۇ تاغنى تالقان قىلىۋېتىدىغان پەرھات ئەمە ئىدىم. ناھايەت، باھار مەزگىلىدە ھەممىمىز قەھرىتان سوغۇقتا پىيادە مېڭىپ مەكتەپكە قايتتۇق. شۇنچە ئەمگەكتىن رەنامۇ يۈك- تاقلىرىنى يۈدۈپ پىيادە قايتتى. بىر قازان قىلغۇدەك چۈيۈن چىقمىدى، ئەمما بۇ گۈزەل جىلغا بۇلىغان كەپىدەك ۋەيرانە سىياققا چۈمۈپ قالدى.
كۈنلەرنىڭ بىرى قىزىل بىنا كارىدورىنى رەنا يۇيۇۋاتاتتى. ئۇ بارغانسېرى ماڭا يېقىنلاپ سۈرۈلۈپ كېلەتتى. مەن ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتىم، باشقا دوستلىرىمدەك ئۇنىڭغا سۆزلىگۈم يوق ئىدى. ئۇ يەنىلا يېقىنلىدى. مەن ئۇنىڭ ھال سوراش ئىستىكىنى ھېس قىلدىم ۋە بۇ يەردىن يىراقلاپ كەتتىم.
1959-يىلىنىڭ ماي ئېيى. ماڭا چارە ئېلان قىلىندى. چارە: «ئوڭچى قالپىقى كىيگۈزۈش، پارتىيىدىن چىقىرىش، خىزمەت سىتاژىنى ساقلاپ قېلىش، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىش» دېگەنلەر ئىدى. بەزى لوقمىچىلار چىقىشتى ۋە « ‹ئەشەددى› دېگەن سۆز قوشۇلماپتۇغۇ؟» دېيىشتى.
مېنى بىر مۇڭغۇل كادىر يۈك- تاقلىرىمنى ئۆزۈمگە ئارتقۇزۇپ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە ئېلىپ بارماقچى بولدى. مەن كىتاب ئىشكابىمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇ يەردىكى تىزىلغان كىتابلارغا بىر قۇر قارىدىم- دە، كۈلدۈم. يۈك-تاقلىرىمنى يۈدۈپ، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا مېنى قارشى ئالغان، پىئونېرلار گالستۇكى تاقىغانلىقىمغا گۇۋاھ بولغان بۇ قىزىل بىنادىن چىقىۋېتىپ ئۇنىڭغا يېنىشلاپ قارىدىم.

تۇرۇپ مەن ئوت ئارا تەنھا ئېچىپ ھەر يانۇ بارىمنى،
بىئارلار ياغ چېچىپ داغلار كامالەت ئىختىيارىمنى.
ئوقۇپ ئەپسۇن توزاق كومدى ئەسەبىي روھى ئەبگالار،
مالامەتتە ئېتەلمەي غەرق لەھەڭلەر قەد- قىيارىمنى.
قىزىل كۆزلەر تىكىلگەنكى توقۇپ پىنھاندا مىڭ ئىغۋا،
غۇچۇرلاپ چىشلىرى ھەتتا غاجار سەرۋى-چىنارىمنى.

مېنى باشلاپ ماڭغان موڭغۇل كىشى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە ئېلىپ باردى. ئارقىدىنلا «يېڭى ھايات ماشىنىسازلىق زاۋۇتى»غا ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە بوينۇمغا نومۇر يېزىلغان تاختا ئېسىپ ئۇدۇل ۋە ياندىن مەھبۇسلۇق سۈرىتىگە تارتتى. كىنودىكى قىسمەتلەر بېشىمغا چۈشتى. شۇ كۈنىلا بۇ يىغىۋېلىش لاگېرى يۈزلىگەن «ئوڭچى» نامىدا ھاقارەتلەنگەن يۇقۇرى قاتلام زىيالىلار بىلەن تولغانىدى.
شۇنىسى يەڭگىل چۈشتىكى، بۇ كۈنلەردە رەنا مەكتەپتە يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ مەكتىپىمىزدىكى سەنئەت فاكۇلتېتى «شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى» بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدىكى «سەنپەنگۇ» جىلغىسىغا- تۆمۈريول بويىغا كۆچۈپ كەتكەنىدى.

تاغلار تەۋرەپ يۇتتىمۇ زېمىن،
يا ئاسمانغا چىقتىمۇ غايىپ؟
جان- جەھلىگە سوقۇنغان ئېقىن-
بولۇر ئاخىر شۇ سۆيگۈ غالىب!

مەن شۇنىڭدىن باشلاپ يىگىرمە ئىككى يىل بۇ قالپاقتىن خالىي بولالماي ئەمگەك قىلدىم.

دوستلىرىم قېلىپقالغان مىراسلىرىم- كىتابلىرىم، نەرسە –كېرەكلىرىمگە ئىگە بولۇشقاندەك، رەناغىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن بەس- بەسكە چۈشكەنىدى. ئېلىشىپ قالغان، قازا قىلغان، ئۆي- ئوچاقلىق بولۇپ بۈگۈنكى كۈندە نەۋرە كۆرۈشكەن بۇ «شاھ»، «ماتكا»، «چىللىك»لار ئۈستىدە بۇنىڭدىن ئارتۇق توختىلىش ھاجەتسىز بولسا كېرەك. بۇ رەنانىڭ ساھىبجاماللىقىنىلا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ گۈزەللىككە تەلپۈنۈش روھىيىتىنىلا ئەمەس، يەنە دوستلۇقنىڭ ئۇلۇغۋار تۇغى ئاستىدىكى قەلبلەرنىڭ ھەرخىللىقىنى كۆرسەتتى. ھەيرانمەن، تەقدىر ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ ئاشىق ئاتا قىلدى، ئەمما زامان دەھشەتلىرىنىڭ پاناھسىز دەشتىدە يۈرگەن، ھاقارەتلەنگەن مەن مىسكىنگە بىر تەڭداشسىز مۆجىزىنى مەشۇق قىلغانىدى. بۇ رەنانىڭ ئۆزىگە تېخى سۆيگۈ ئىزھار قىلمىغان ئاددىي ئىنسانغا بولغان پاك مايىلدارلىقى ۋە سەمىمىي خەيرخاھلىقى ئىدى! تەقدىر زارلانغۇچىلارغا ئۆز سوۋغىسىنى ساقلايدىغانلىقىغا ئىشەندىم. مەن مەۋجۇتلۇقى بىلەن يوقلۇقى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولدۇم. ئەمما، ئۆمۈر دولقۇنلىرىدا ماڭا نۇر ياغدۇرۇپ تۇرىدىغان گۆھەرگە مۇيەسسەر بولدۇم!
رەنا ئۆزىگە يۇيۇپ تارىنىپ كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئالدىرىغان، ئۆزىگە شېرىن ئىشقىي مەكتۇپلىرى سۇنغان، ئۆزىنى كىنو- تانسىلارغا تەكلىپ قىلغان كامىران يىگىتلەر ھەققىدە بار قاتۇرمىدى. ئۇنىڭ كۆزىدە زېمىن تەھدىتىگە چۆككەن كىمدۇر بىرىنى ئىز- دېرەك قىلىدىغان پانۇس چىراغ بىر دەقىقىمۇ ئۆچۈپ قالمىدى. ئاجايىپ دۇنيا، رەڭگارەڭ ئىنسانلار...
بىز «يېڭى ھايات ماشىنىسازلىق زاۋۇتى»دا بىر ئاي تۇرۇپ قالدۇق. بۇ زاۋۇتنىڭ «سەنپەنگۇ» يولىدا ياۋا قارىياغاچلىق ئارىسىدا تېرىلغۇ يەر بار بولۇپ، بىزنى گۇرۇپپىلار بويىچە ئېتىزدا ئىشلەشكە ئېلىپ چىققانىدى. مەن يول ياقىسىدا ئىشلەۋاتاتتىم. بۇ يەنە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قاتنايدىغان يول ئىدى. قايسى ئىزغىرىن شامال ئۇچۇر قىلدى، بىلمىدىم. يۇقۇرىدىن رەنا چۈشۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ شەھەرگە كېتىۋاتسا كېرەك. مەن ئالدىراپ قالدىم. يېنىمدىكى باراقسان ۋە بىر- بىرىگە غول تاشلىشىپ تۇرغان ئۈچ تۈپ قارىياغاچنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدىم. رەنا ئۈستىگە ھاۋارەڭ گۈللۈك كۆڭلەك كىيگەن ۋە قۇندۇز چاچلىرىنى گەجگىسىگە تۈرۈۋالغان، بېشىغا ئاياللارچە چىمەن دوپپا كىيگەنىدى. ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئېگىز پاشنىلىق توپلەي شېغىللىق يولدا تاقىلداپ تۇراتتى. ئۇ دەرەخ تۈۋىگە كېلىپ توختىدى. ئېتىزدا ئىشلەۋاتقانلارغا بىر- بىرلەپ كۆز سېلىپ چىقتى. ئۇ مېنىڭمۇ ئەتراپتىكى «ئوڭچى»لار ئارىسىدا بولۇشۇم مۇمىنلىكىنى كوچا پاراڭلىرى، مەھبۇسلارنىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرىدىن ئاڭلىغانىدى، مەن ئۇنى ئېنىق، ھەتتا يالتىراپ تۇرغان چاچلىرىغا قادىغان چاچ قىسقۇچلىرىغىچە ئېنىق كۆرۈۋالالىدىم. ئۇ يولدىن يەنە بىر قىسىم مەكتەپداشلىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يولغا چۈشۈپ شەھەرگە راۋان بولدى. ئۇ يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن مەن دەرەختىن چۈشتۈم.
نىمىشقىدۇر دەرەخكە چىقىش ۋاقتىدىكى چاققانلىقى يوق، ئۆزۈم خېلىلا ئېغىرلاپ قالغانىدىم. دىلىمغا شېئىر ياماشتى:
سابا سىيلار مېنىڭ ھەققىم ئۈچۈن گۈل غۇنچە زىبانى،
ۋاپادار مېھرىچۈن تەڭرىم ھەمىشە ئاسرا رەنانى.
نىتەي باشىمدا مىڭ كۈلپەت، ۋەيا ئەل كۈلپىتى ئول ھەم،
مۇكاپات مەخسۇدى قىلغىل دىلدا ئىشقى شەيدانى.

تەقدىر مېنى بۇ ناھەق ئوقۇبەت بىلەن تاۋلىماق بولۇپ، قايناملىق مەكتەپتىن ئايرىشتىن ئىلگىرى، رەنانى پۈتۈن فاكولتېت ۋە ئۇنىڭغا خېرىدار بولىۋاتقانلار تۈركۈمىدىن ئايرىۋەتتى. ئارقىدىنلار ئۇ «بوستانلىقتىكى تەنتەنە» فىلىمىدە باش باش رول ئېلىش ئۈچۈن شاڭخەيگە كەتتى. ئۇ قايتىپ كېلىپلا غۇلجىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەرگە تۇرمۇش ئۆگىنىش ۋە خەلق سەنئەتچىلىرىدىن ئەنئەنىۋى مىللىي ئۇسسۇل مىراسلىرىنى توپلاش ئۈچۈن كېتىپ قالدى. ئۇلار «شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى»دىن «شىنجاڭ ئۇسسۇل تىياتىر مەكتىپى» بولۇپ ئايرىلىپ، ئايرودوروم يېنىدىكى يىراق «ئەرگۇڭ» كوچىسىغا كۆچۈپ كەتتى. بۇ ھادىسىلەر تاكى مەن جازا لاگىرىدىن بوشاپ چىققۇچە ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتى. يەنە شۇ تەقدىر مەن بوشىنىپ چىقىش ھارپىسىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنى «ئەرگۇڭ»غا يۆتكىدى. بۇ مەكتەپ رەنانىڭ مەكتىپى بىلەن بىر چوڭ قورۇدا ئىدى. بىزنى تېز ئارىدا ئالتايغا، شىگۇبى- غەربىي دەشتى چۆلگە يۆتكىدى. مەن غەربىي دەشتى چۆلگە تەقسىم قىلىنغانىدىم. بۇ يەردە بىر ياز، بىر قىشنى ئۆستەڭ چېپىش بىلەن ئۆتكۈزدۇق.
بۇ ئاچارچىلىق ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن، ئاھالە قارىياغاچ تەڭگىسىنى يەيدىغان، ئاھالە تۇرمۇشى ئۇماچ- بوتقا سەۋىيىسىدىنمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن ئاپەتلىك يىللار ئىدى. بىز بۇ يەردىن ئىلىغا – كۈنەس قارا بۇغراغا يۆتكەلدۇق. ماشىنىمىز يانغا دومىلاپ كەتتى، تەقدىر مېنى شۇ پېتى ساقلىدى. ئۆستەڭ چاپتۇق. ئاجىز بەدەنلىرىم قىران يىگىتلىك يېشىغا لايىق زورايغانىدى. بىر قېتىمدا بۇ قۇمساق زېمىندىن يىگىرمە بىر كۇپ مېتىر تۇپراق قازغانىم ئېسىمدە. ئەمگەك- ھالاللىق مەكتىپى، سالامەتلىك خەزىنىسى نېمە ئۈچۈندۇر ماڭا بۇنداق شەكىلدە ئاتا قىلىندى.
رەنادىن خەت تاپشۇرىۋالدىم. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى خېتى بولۇپ، سىم توساقلىرى ئېچىپ تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ماڭا تەگدى. رەنانىڭ كىيىنكى ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ قەشقەردە خەلق سەنئەتچىلىرىدىن ئۆگىنىۋاتقاندا بىر ياشانغان ئايال ئايال رەنانىڭ بىر خىزمەتدىشىغا قاراپ:
- بۇ بالام، ئەجەپ، شۇكرىللاغا ئوخشايدىكەن، ۋاي بىچارە شۇكرىللا... – دەپتۇ. رەنا دەرھال ئۇ ئايالغا يېقىنلىشىپ:
- ئۆزلىرى كىم بولىدىلا؟ ئابدۈشۈكۈرنى قانداق بىلىلا؟ -دەپ سوراپتۇ. ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئانام ھەمراخاننىڭ قەدىناس دوستى ئىكەنلىكىنى، يالغۇز ئوغلى مېنىڭ ئەھۋالىمنى، يېقىندا چەتئەلدىكى ئانامدىن ئۇنىڭغا مېنى يوقلاپ قويۇش توغرىسىدا خەت ۋە مېنىڭ ھازىرقى ئادرىسىمنى ئالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ؛ ئۆيگە ئېلىپ بېرىپ ئائىلەمنىڭ سۈرەت ئالبۇملىرىنى كۆرسىتىپ مېھمان قىلىپتۇ. مەن بۇ ئايال- نىياز خېنىمنى كىيىنكى چاغلاردا قەشقەرگە بارغىنىمدا زىيارەت قىلدىم. رەنا بارغان چاغدا ئۇ كىشى ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن. رەنانىڭ خېتىنى ئېلىپ ھاڭ- تاڭ بولۇپ كەتتىم. قويۇن دەپتىرىمگە دەپتىرىمگە چاپلىۋالغان ئۇنىڭ سۈرىتىنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۇزاق قارىدىم، خارلىق- ھاقارەتكە تولغان روھىيىتىم كۆزۈمگە ياش تۇمانلىرى تىزغاندا ئاۋايلاپ كونۋېترنى ئاچتىم. كۆز ئالدىمدا دانە- دانە تىزىلغان ئالتۇن قەلەم ئىزلىرى جىلۋىلەندى.
خەتتە ئۇزۇنغىچە ئادرېسىمنى بىلمىگەنلىك، ئاخىر نىيازخېنىم ئارقىلىق ئادرىسىمنى تاپقانلىق تىلغا ئېلىنغانىدىن كېيىن، مەندىن قىزغىن ھال سورىغان ۋە ئۆز ئادرېسىنى- يېڭىدىن يۆتكەلگەن «ئەرگۇڭ» ئۇسسۇل مەكتىپىنى ماڭا مەلۇم قىلغان. رەنانىڭ تۇنجى خېتىدىن سۇ يالاپ تۇرغان بۇ ئالماس قىيانىڭ بەر قۇۋۋەتتەك تۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆز ئورنۇمنى سەزدىم. بۇ خەت مەن ئۈچۈن يېڭى بىر قىتئەنىڭ تېپىلىشىدىنمۇ زور خۇشاللىق ئىدى.
رەنانىڭ خېتى ماڭا ئىلھام بېغىشلىدى. مەن ئۇنىڭ ئادرىسىغا خەت يازدىم. خەت مىننەتدارلىق ئىبارىلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭ خېتىدىن سۈبھىلىك تاڭ يورۇقىنى كۆرگەنلىكىم، بۇ ھاقارەتلىك كۈنلەردە سۆيۈملۈك بىر قېرىندىشىم، سىڭلىمنىڭ بارلىقىدىن ئۆزۈمنى يەڭگىل ھېس قىلىشقا باشلىغانلىقىمنى ئىزھار قىلغانىدىم. ئەلۋەتتە، خەتتە قەلبىمدىكى ھىسىياتلىرىمنى:

تونۇردىن قىسقۇچتا چوغلار ئالغاندەك،
گۈخانچى قەلبىمدىن جۈملىلەر تىزدىم.
بەتلەرنى قوقاسلار كۆيدۇرمىسۇن، دەپ،
مىسرالار ئۈستىگە ياشلار تېمىتتىم.
دەپ يازغۇم بار ئىدى. ئۇنداق قىلالمىدىم.
رەناغا خەتنى سېلىپ بولۇپ، ئاپامدىن خەت تاپشۇرىۋالدىم. بۇ مۇسىبەتلىك قان ياشلىرى بىلەن تولغان خەت ئىدى. خەتتە 1961-يىلى 11-ئايدا دادامنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە ئاپامنىڭ مەرسىيە غەزىلى يېزىلغانىدى. كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى. گېلىم سىقىلىپ، جاھان تارىيىپ كەتتى. ھۆڭرەپ يىغلاشنىڭ يولى يوق. ئۆزۈمنىڭ قۇدۇق گۇمباق ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىمنى بىلمەي قالدىم.
قەدىرلىك دادام، ئۇنىڭ شېڭ سېسەي تۈرمىسىدە ئۆتكەن كۈنلىرى، ئۇنىڭ ياۋاش- رايىش قىياپىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالغانىدى. ئۇنى قەشقەردە مەنسەپدار بولغان دوستلىرى سىغدۇرۇشمىدى. ئۇ چەت ئەلدە سېتىۋالغان قورۇسىدا ئوغرىلىق- بۇلاڭچىلىققا يولۇقتى. ئۇ ئەگىپ ئۇچقان بۈركۈتتەك ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، رەقىبلىرى ئۇنىڭ پۇت تىرىگۈدەك ئورۇن قويمىدى، ئۇ ئەللىك ياشتىن ھالقا- ھالقىماي كۆز يۇمدى. ئاپامنىڭ تەزىيە شېئرى مۇنداق يېزىلغان:

«بۇ ئىسيان چۆلىدە قالدىم، نە قىلارىمنى بىلەلمەسمەن،
تۆكۈپ ياشىم ئۇنىڭ ئەنھارىغا بوي بويلىتالماسمەن.
پەلەكنىڭ زۇلمى ۋەيران ئەيلىدى تۇرمۇش باھارىمنى،
بۇ يالغۇزلۇقتا نە ئىمكان قىلارنى ئەسلىيەلمەسمەن.
پۈكۈلدى قامىتىم- قەددىم، بېشىمغا چۈشتى مۈشكۈل تاغ،
قولۇمنى كۆككە كۆتۈرسەممۇ تۇتارغا قول تاپالماسمەن.
چۇجۇدۇم دۇتىدىن يەتسە جاھان ئايۋانىغا ئاھىم،
ئۆلۈم ھىجرانىدىن ئۆزگە ۋىسالنى ياد ئېتەلمەسمەن.
ئىلاجنىڭ شۇنچە ھەمراھى، ساڭا يوق ۋەسلىنىڭ رايى،
كۆرۈنگەن مەنزىلىمگە بىر ئۆمۈر ماڭسام يېتەلمەسمەن.»

ئانچە كېچىكمەي بوشاندۇق. خۇشاللىقتىن پىيادە مېڭىپ قارا بۇغرا دەرياسىنى كېزىپ توققۇزتاراغا كەلدۇق. بۇ دۇنيالىقىمىز ئۆشنىمىزدىلا ئىدى. بىز بىللە بوشانغان ۋە ھازىرغىچە ئىخلاسمەنلىك جاينامىزىدا ساداقەت بىلەن ئولتۇرغان دوستۇم، غەمگۇزارىم ئابدۇكېرىمنىڭ توققۇز تارا ئاشلىق ئامبىرىدىكى بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇق. ئەتىسى مەھبۇسلۇق لاگىرىدىكى ئىككى ئۇيغۇر، بىر قازاق ئەترەت باشلىقى- ساقچى كادىرى بىزنى بىرسىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار: «ئىككى يىلدىن ئاشقان مەزگىلدە بىرقانچىڭلارنىڭ بۇ گازارمىغا لايىق ئەمەس، بىزگە ئۇستاز بولغۇدەك پاك، ئۈمىدۋار، ھەقىقىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىپ يەتتۇق. سالاھىيەت پەرقى تۈپەيلى بۇ ھەقىقىي سۆزلىرىمىزنى ئېيتىشقا ئامالسىز قالدۇق. ئاخىر بار مەسلىھەت ئارقاڭلاردىن يېتىپ كەلدۇق» دېيىشتى.
بىز ئاشلىق توشۇيدىغان ماشىنىلارغا چىقىۋېلىپ، ئىلى دەرياسى- ياماتۇ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، غۇلجا شەھرىگە يېتىپ كەلدۇق. مېنىڭ قولۇمدا سوۋېتقا- ئاتا- ئانام قېشىغا كېتىش تۇنۇشتۇرۇشۇم بار ئىدى. نېمە ئۈچۈندۇر كۆزۈم ئۈرۈمچى تەرەپتە ئىدى. سوۋېتقا كېتىش تونۇشتۇرۇشىنى ساقچىغا كۆرسەتكىنىم يوق. ئەكس ھالدا ئۇنىڭ ئارقىسىغا بۇ شېئىرنى يېزىپ قويدۇم:
چەكسەم جاپا چەككەندىمەن يولۇڭدا ئەزىز جانان،
چەكمىدىممەن پۇشايمان بىلەن ئاچچىق ھەسرەتنى.
چىن سۆيگۈنىڭ ئەسلى سىرى ماڭا ئالقاندەك ئايان،
ئۆمۈر تارازىسىدا ئۆلچىگەچ مۇھەببەتنى.

مانا، قايغۇ- شادلىققا بىپەرۋا ئاۋات ئاستانە!
مەن بىر يىل ئىلگىرى چۆچەكتىن ياڭخاڭ مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەن چوڭ تاغام- دادامنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتىم. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي دوستۇم ئابدۇكېرىم مەن ساقلاپ كەلگەن، مارالبېشى، كۈنەسلەردە يېنىمدىن ئايرىمىغان رەنانىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ ئۇنىڭ مەكتىپىگە چىقتى ۋە ئۆزى كۆرمىگەن بۇ قىزنى ئۇچرىغان بىرى ئاقىلىق تاپتۇرۇپ، بۇ سۈرەتنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ:
سىزگە مۇشۇ خاتىرە دەپتەرنىڭ ئىگىسى مېنى ئەۋەتتى، -دەپتۇ. سۈرەت چاپلانغان خاتىرە دەپتەرگە مېنىڭ رەناغا يازغان خۇپىيانە بىر تالاي شېئىرىلىرىم كۆچۈرۈلگەنىدى.
ئابدۇكېرىم ئۈرۈمچى «شەنشىجاڭزا» بىلەن «نەنمېن» مەھەللىلىرى ئارىسىدىكى ئۆيگە رەنانى باشلاپ كەلدى. ئۇنىڭ ياش ئايالى تاماققا تەمشەلگەنىدى. رەنا بۇ يېڭى ئائىلىگە مۇناسىپ سوۋغاتلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ ئۈستىگە يېشىل پەلتۇ كىيگەن بولۇپ، ياغاچ پەلەمپەي بىلەن چىقىدىغان ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بۇ ئىككى ئېغىزلىق ئۆيگە خۇددى باھار توزىدەك ئۇچۇپلا كىردى. ئۇ زامانلاردا قىزلاردا ئۇپا- ئەڭلىك سۈرۈش ئادىتى يوق ئىدى. تەققاسسىز گۈزەللىك بىلەن قوشۇلغان ئاتەشىن سېغىنىش تۈپەيلى ئۇنىڭ ۋىسالى ماڭا ھەرقانداق بېھىش بېغى ۋە جەننەت پەرىزاتلىرىدىن بىقىياس قىممەتلىك كۆرۈندى. مەن ئۇنى ئىچكىرىكى ياسىداق ئۆي ئىشىكىدە كۈتىۋالدىم. ئابدۇكېرىمنىڭ ئاق دىل، كۆيۈمچان ئايالى ئۇنىڭ يېشىنگەن پەلتۇسىنى قولىغا ئالدى.
- شۇنداق قىلىپ يەنە ئۇچراشتۇق، مانا،- دېدىم مەن چايقىلىپ تۇرغان ھېسسىياتلىرىمنى ئەدەپ بىلەن تىزگىنلەپ.

ۋىسال ئەييامى دەپ ھىجران چېكەر جان،
ۋىسال جەننەت، جەھەننەم مىسلى ھىجران.
نە قىلسۇن رىشتىسىز سۆيگۈ جاھاندا،
نە پۈتسۇن رىشتىسىز تەقدىرى ئىنسان.

-مەنمۇ بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇدۇللا ئۇچۇپ كەلدىم، -دېدى رەنا سەل ھالسىراپ. مەن مەمنۇنلۇق ئىلكىدە ئىككىنچى سۆزنى تاپالماي قالدىم ۋە ئۇنىڭ نىگارىغا يېنىپ- يېنىپ قاراشقا جۈرئەت قىلالماي بېشىمنى ئېگىپ ئولتۇردۇم...
ئابدۇكېرىم تۇغما پىداكار ۋە سۆزىمەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ رەنانىڭ مەكتىپىگە قانداق چىققانلىقىنى، ئۇ دەرستىن چىققۇچە قانداق ساقلاپ تۇرغانلىقىنى، رەنا ئۇنى كۆرۈپ: «مېنى ئىزدەمسىز، مېنى» دەپ ھەيران بولغانلىقى، سۈرەتلىك خاتىرە دەپتەرنى قولىغا ئېلىپ ئالدىراپ قالغانلىقىنى، بىردەمدىلا ئۆيىگە كىرىپ دەرۋازا ئالدىىدا ئۇنىڭ يېتىشكەنلىكىنى، ئاپتۇبۇستىكى پاراڭلارنى ئاشكارىلاپ، رەنانىڭ يۈزىنى ئاناردەك قىزارتىۋەتتى. ئەگەر ئابدۇكېرىم بولمىسا، بىز خېلىغىچە پاراڭ تېمىسى تاپالمىغان ياكى «خېتىمنى ئالدىڭىزمۇ؟»، «ئۆي ئىچى قانداق؟» دېگەن «ئېلىپ، بە، تە، سە»لىك ئىبارىلەردىن چىقالمىغان بولاتتۇق.
بىرىنچى ۋىسال شۇنداق ئۆتتى.
مەن تاغامنىڭ ئادرېسىغا كەلگەن رەنانىڭ بىرپارچە مەكتۇپىنى تاپشۇرىۋالدىم. مەتۇپتا رەنا مېنىڭ دادامنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە مېنىڭ ئاپام يېنىغا – سوۋېتقا چىقىپ كېتىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆيىدە ئېيتقانلىرىمنى بىرقۇر تىلغا ئېلىپ، «بۇ سىزنىڭ ئانا قەلبىنى قەدىرلىنىڭىز، مەن ئەرزىمەس قەلب ئىگىسى بولساممۇ، سىزگە بەخت تىلەيمەن، ئۆز يۈرىكىمنى دەپ مېھرىبان ئانىمىزنىڭ يۈرىكىنى ئازابقا سالغۇن يوق» دەپ يازغانىدى. بۇ چاقماق- سېھىرلىك ئىشارەت ئەينى يىللاردا مەندەك ماكانسىز، زەلىل (خار) كىشى ئۈچۈن سۇلايمان تەختىدىن ئۇلۇغ بىر سىما ئىدى. رەنا ئۆز خېتىدە يەنە مۇشۇ جۇمە كۈنى چۈشتە ئابدۇكېرىمنىڭ كىچىك پەرزەنتىگە ئاتاپ توقۇغان پۇپايكىنى ئۇنىڭكىگە ئېلىپ كىرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مەن ئۈچۈن يولمۇ، ئىشىكمۇ ئوچۇق ئىدى، يول سوراش، ئىشىك چېكىش ھاجەتسىز ئىدى.
قېرىشقاندەك تاغام مېنى يالغۇز قىز نەۋرىسى بىلەن چېتىپ قويۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ «سەندىن ئىنىمنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ» دەيتتى. نەۋرە سىڭىل بىلەن بىللە كىنو كۆرۈشكە بىلەت ئېلىپ كېلەتتى. دوستلىرىمنى مېھمان قىلىپ ماڭا نەسىھەت قىلىشنى جېكىلەيتتى، ئاخىر مەست ھالەتتە قولىغا پىچاق ئېلىپ، ئارقىدىن مېنى قۇچاقلاپ، قانداشلىق ھەققى دەپ يىغلاپ كەتكەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ساقال چۈشۈرسەم، سىرتقا چىقسام، مەن بىلەن كۆرۈشكىلى قىزلار كەلسە رەنجىپ كېتىدىغان بولدى.
رەنا ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغان جۈمە كۈنى. يانچۇقۇمغا ساقال ئالغۇچنى سېلىپ، يولدا قۇرۇق غىداپ مېڭىشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. ئاخىر رەنا ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىپ كەلدىم. بۇ قېتىم ئابدۇكېرىم بىلەن نۇرنىساخان بىزنى مېھمان قىلىپ بولۇپ، سىرتقى ئۆيگە بىر باھانە بىلەن چىقىپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئابدۇكېرىمنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى.
- بۇ خەتنى شۇنداق يازدىڭىزمۇ؟ -دېدىم مەن.
- ئون ھەسسە ئارتۇق يېزىشىم مۇمكىن ئىدى، - دېدى رەنا يەرگە قاراپ. ئۇ بۇ قېتىم ئۇزۇن قارا چاچلىرىنى ئىككى ئۆرۈۋالغان بولغاچقام ئۇنىڭ يوتىسىدا جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
- نېمىشقا ئون ھەسسە ئارتۇق يازمىدىڭىز؟ - دېدىم مەن گەپ كوچىلاپ.
- سىزنى دانا ھېساپلاپ...  –دېدى ئۇ.
ئىككىمىز يانمۇيان ئولتۇرۇشقانىدۇق.
- ئۇنداقتا مەن قالىمەن، چەتئەلگە كەتمەيمەن، ئاپامنى ئېلىپ كېلىپ بىللە ياشايمىز، بۇ قارارىم بولامدۇ؟ -دېدىم مەن. ئۇ چىراغدەك يورۇپ كەتتى ۋە:
- راستىنلىما؟ - دەپ كۆزۈمگە تىكىلدى.
- ئەر سۆزىدىن، شىر ئىزىدىن يانماس! –دېدىم-دە، ئۇنىڭ ئالقىنىنى تۇتتۇم. بۇ ئۇنىڭ تېنىگە تۇنجى قول تەككۈزۈشۈم ئىدى. مېنىڭ ئالقىنىمنىڭ يېرىمىدەك كىچىك بۇ يۇمران ئالىقان ئۆمۈرلۈك ئېرىشكەن بەختىمنىڭ بىرىنچى شاھىدىدەك ھاياجانلىق تىترىمەكتە ئىدى. بىز كۆرپىدە ئولتۇرغىنىمىزدا ئارقىمىزغا ئېگىز قىرلاپ تىزىلغان، ئۈستىگە ئەدىيال يېپىلغان يوتقان- كۆرپە، ياستۇق- تەكىيلەرنى ئەستىن چىقارغان بولساق كېرەك، تەقدىر كارامىتى بىلەن ئۇلار ئىككىمىزنىڭ ئۈستىگە غۇلاپ بىزنى كۆمۈپ تاشلىغانىدى.
- مۇشۇ تۇرقى يەر تەۋرەپ، قىيامەت قايىم بولۇپ كەتسىمۇ ئورنۇمدىن تۇرغۇم يوق، - دېدىم.
- ساراڭ! ئۇنداق قىلماڭ، سەت تۇرىدۇ، ئورۇننى يىغىۋېتەيلى، -دېدى رەنا. بىز ئورۇننى يىغىۋاتقاندا ئابدۇكېرىم كىرىپ كېلىپ:
- پەيزىڭلار بار! –دېدى.
- ئورۇن- كۆرپەڭلارنىڭ پەيزى باركەن، يۆلەنگەننى بېسىۋالىدىغان، -دېدىم مەن.
شۇنداق قىلىپ ۋىسال بېغىدا مۇھەببەت رىشتىسى تىكلەندى. مەن شۇ كۈنى كەچتە مۇنداق بىر شېئىر يازدىم.

«ساراڭ» دېدىڭ مۇھەببىتىڭ تاشقاندىن،
يۈرىكىڭدىن سۆيگۈ بىلەن سۆزلىدىڭ.
ساراڭ بولدۇم يالقۇنىڭ تۇتاشقاندىن،
مەنمۇ كۆيۈپ، ساڭا سۆيگۈم سۆزلىدىم.

«ساراڭ» دېدىڭ، كېسەل يۇقتى تىلىڭدىن،
ئامراق ھېسسىڭ ئۆتۈپ كەتتى تېنىمدىن.
قاچما، كەلگىن، مەجنۇنلۇقۇم، جىلىمدىن،
ئىشەن ساڭا ئوت ئاشىقمەن جېنىمدىن.

مەن ئاپامغا خەت يازدىم. ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىشكە تەرەددۇت قىلدى. مەن يەنە بىرقانچە قېتىم ئابدۇكېرىملارنىڭ ئۆيىدە رەنا بىلەن ئۇچراشتىم. بۇ چاغدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇنىڭغا خەت يازاتتىم. ھەربىر خەتلىرىمدە رەنا - «نازى»غا ئاتاپ شېئىرلار يازاتتىم. ئۇ كۆز ئالدىمدا كۆككە قانات كېرىپ كۆتۈرىلىۋاتقان، ئارقىدا قۇياش قۇياش نۇرانە چاقناۋاتقان ئالتۇن سۇمۇرغقا ئوخشايتتى. بىز شۇ يىلقى قىشلىقى شەھەر سىرتىدىكى ئېدىرلاردا ئاپئاق دالا قار ئۇچقۇنلىرى ئىچىدە تارتىشىپ، سۈرۈلۈشۈپ، قوغلىشىپ ئويناشتۇق.
ئاق قار ئەمەس چېچىلىپ تۇرغان،
ئۇ سامادىن تۆكۈلگەن غۇنچە.
دالا ئەمەس بىز دەسسەپ يۈرگەن،
ئۇ پەرىلەر قەسرى گۈل غۇنچە.

مالائىكە ئۆزۈڭ، ئەي دىلبەر،
نەجات بېرىپ سامادىن چۈشكەن.
قاناتلىرىنىڭ بىباھا گۆھەر،
مەن روھىڭدىن نەپەس سۈرگەن تەن.

بەلكىم شۇدۇر ئۆمۈر راھىتى،
ئۇندىن ئۆزگە جەبىرلىك ئالەم.
كۆرۈنمىگەي كۈلپەت ھەيۋىتى،
قۇدرەت بولغاي مۇھەببەتكە جەم.

مەن ئانا مەكتىپىمگە خىزمەتكە چۈشتۈم. ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش بىكار قىلىنغان «ئوڭچى» قالپىقى بىكار قىلىنمىغاچقا، ئوقۇتقۇچىلىق ئەمەس، كۈتۈپخانىدا كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش بىلەن شۇغۇللاندىم. مائاشىم برىلمەي، تۇرمۇش پۇلى تاكى 1979-يىلىغىچە ئون سەككىز يىل قىرىق يۈەن بولدى. رەنا بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئەتراپقا تارقالدى. بەزىلىرى رەناغا «قالپىقى بار كىشىگە تەگمە» دېسە، بەزىلىرى ماڭا «بۇ گۈزەل سەنئەتچى بىلەن ئوينىۋال، توي قىلما»، «ئوينىۋېلىپ، تاشلاپ سايۇزىغا چىقىپ كەت» دىيىشتى. بەزى قىزلار سوۋېت پاسپورتى گۆھەر بولغان بۇ يىللاردا ماڭا «ئاتا- ئانىلىرىمىز بىللە ئۆتكەن، رەنا سىزگە بىزدەك ۋاپا قىلامتى؟» دېيىشتى. ئەمما، بۇ خەۋەردىن روھلانغانلارمۇ كۆپ بولدى.
ئانچە كېچىكمەي ئاپام كەلدى. ئۇ پىشقەدەم دوستى رازىخان ئانىمىزنىڭ ئۆيىگە چۈشتى. ئۇ بۇ قېتىممۇ مېنى ئېلىپ كېتىشكە كەلگەنىدى.

مۇھەببەتسىز ئاتا- ئانا يوق،
ۋە ئۇلارسىز بولماس مۇھەببەت.
پەرزەنت زوقى ئەڭ سۆيۈملۈك زوق،
پەرزەنت- شادلىق، تۇرمۇش مۇشەققەت.

ئانام- مەن ئۇنى ئاپام دەپ ئۆسكەنمەن. ئانام كېلىشتىن بۇرۇن قەھرىتان قىشتا مېنى رەنانىڭ دوستى رەھبەر ئىسىملىك قىز ئۆيىگە چاقىرىۋالدى. بۇ قىزنىڭ ئاتا- ئانىلىرى رەاننىڭ ئاتا- ئانىلىرى بىلەن خۇددى تۇغقانلاردەك ئارىلىشىپ ياشايتتى. كەچكى پەيتتە باشلانغان مېھمانچىلىقىمىز ئۇيقۇ ۋاقتىغىچە داۋاملاشتى. رەنا ماڭا ئاتاپ ئەينى زاماندا ئومۇملاشقان ئۈستى ماشىنىدا سىرىلغان قارا قىشلىق، كۆڭلەك قاتارلىق كېيىملەرنى ئالغاچ كەلگەنىدى. مەن تاغاملار دەرۋازىنى تاقاپ سوراققا تارتىشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، بالدۇرراق ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم. رەنا مېنى ئۇزىتىپ قار قۇيۇلۇپ تۇرغان كوچىغا چىقتى. ئىككىمىز بىللە بىر ئاز ماڭدۇق.
- بولدى، قايتىپ كىرىپ كېتىڭ، - دېدىم مەن. ئۇ:
- زېرىكتىڭىزمۇ؟ - دېدى ئايرىلىشقا قىيماي.
- ياق، ھاۋا سوغۇق ئۆي يىراقلاپ قالدى، -دېدىم مەن.
- ھېچبىر ... - دېدى ئۇ. مەن ئۇنى ئارقىمىزغا يېنىپ رەھبەرنىڭ ئۆيىگىچە ئەكىلىپ قويۇپ قايتماقچى بولدۇم. تۇيۇقسىز ئۇ ماڭا ئېسىلىپ ئىككى مەڭزىمگە ئىككىنى سۆيۈپ قويۇپ، غايىپ بولدى. بۇ تۇنجى سۆيۈش ئىدى. ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قۇيۇشقا تاسلا قالدىم، ئۆمرۈمدە كۆرۈلمىگەن تۇيغۇ ئىچىدە خۇددى مەستتەك تار كوچىنىڭ گاھ ئۇ يېقىدا، گاھ بۇ يېقىدا دەلدەڭلەپ قالدىم. قۇلىقىمدا ئۇنىڭ «ھېچبىر» دېگەن سۆزى تەكرار- تەكرار شىۋىرلاپ تۇراتتى. شۇ كۈنى كەچتە بۇ شېئىرنى يازدىم:

شاتۇتىنىڭ تىلى چىققاندەك،
تاتلىق تىلىڭ ئاڭلاندى- «ھېچبىر»
«ھېچبىر» دېدىڭ ھېچ ئۇقمىغاندەك،
ھەر «ھېچبىر»دا بىر ئاپقۇر مېھىر.

ئاپام كېلىپ ئانىلىق مېھرى بىلەن مېنى ئېلىپ كېتىش ھەققىدە كۆپ نەسىھەتلەر قىلدى. دادامنىڭ ئۆلۈمى، ئۆزىنىڭ بىر مۈشۈكتىن باشقا ھېچنىمىسى يوق يالغۇزلۇق، ئەتە- كەچتىن قورقىدىغانلىقى، ماڭا بىر مىسىنىستىرنىڭ قىزىنى كېلىشىپ قويغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ، تۆت قىرىغا سېرىق يىپەكتە ئەلىشىر نەۋائىنىڭ بېيىتى نەقىش قىلىنغان ئۆزبېكچە ئەتلەس بەل رومىلىنى شۇ قىز ئەۋەتتى، دەپ كۆرسەتتى. مەن ھۆرمەت ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن  كېچىلەپ سۆزلىشىپ، ئاخىرى ئانىلىق شەپقىتىگە ئېرىشتىم. بىراق، ئاپام رەنانى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى. مەن رەنانى رازىخان ئانىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدىم. ئاپام رەنا بىلەن مېھرىبان ئانىدەك كۆرۈشتى، ئۇنىڭغا قىلچە «مېنى ئوغلۇمدىن ئايرىماقچى بولغان قىز» دېگەندەك سۆز- چىراي كۆرسەتمىدى. ئۇنىڭ چاچلىرىنى خۇددى ئۆز چېچىمۇ- ئەمەسمۇ دېگەندەك يەشتۈرۈپ تاراپ قويدى، كېچىسى قوندۇرۇپ قېلىپ يېنىغا ئېلىپ ياتتى. ئاپام دوختۇر، جەمئىيەتچى ۋە شائىر ئىدى. ئەتىسى ماڭا:
- رەنا بىرقانچە گۈزەلنىڭ بەدەن ۋە ھۆسنىنى بىر گەۋدە قىلغان چىرايلىق زىبا قىز ئىكەن. ئەقىل ۋە ئەدەپ، كىشىلىك پەزىلىتىدە كامىل ئىكەن. سىزنىڭ سۆزىڭىز، ئۇنىڭ يۈزى مېنى قايىل قىلدى. توي قىلايلى، مەنمۇ قايتىپ كېلىپ نەۋرىلىرىم كۆرەي، - دېدى. رازىخان ئانا ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى روھلىنىپ كەتتى.
- شۈكرىللانى ئۆز بالامدەك كۈتۈپ ئۆستۈرگەنىدىم، قاچان قەيەردە توي قىلاركىن، كۆرۈشكە نېسىپ بولارمۇ؟ دەپ ئويلايتتىم. ئىنشائاللا، بۇ كۈنگىمۇ نېسىپ بولىدىغان بولدۇم، - دېدى رازىخان ئانا.
رەنا بىلەن كونىراپ كەتكەن «ۋېلىس» ماركىلىق جىپ ماسىنىغا چىقىپ ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونى ئىشخانىسىغا بېرىپ نىكاھ قەغىزى كەستۈرىالغىنىمدا، قانچىلىك «زەپەر تەنتەنىسى»گە چۈمگەنلىكىمنى تەسىرلىيەلمەيمەن. بۇ ئامەت ماڭا خۇددى چۆچەكلەر ياكى قەدىم- قەدىم زامانلاردىكى ھېكايە داستانلاردىكىدەك تولىمۇ ئەپسۇنكار ئىدى. قولۇمدا قىزىل نىكاھ قەغىزى، قېرى شوپۇر ھەيدىگەن، ئۇ چاغلاردا رەنانىڭ مەكتىپىنىڭ بىردىنبىر پىكاپ ماسىنىسى بولغان كونا «ۋېلس»دا كېتىۋاتقىنىمنى مەن ئالەم كېمىسىدە يۇلتۇزلار ئارا ئۇچقان كوسماناخلاردىن  ھوزۇر سېزەتتىم. بۇ كۈنلەر يۈزلىگەن گۈللۈك پىكاپلار بىلەن توي مەرىكە كارۋىنى ھاسىل قىلغان بولۇشى يىگىتلەردە بولۇشى تەبىئىي بولسىمۇ، بۇ ئەقىل ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان شاد -ھۇزۇر كەيپىياتى ئۇ يىگىتلەردە بولۇشى ھېلىمۇ، كەلگۈسىدىمۇ ناتايىن!
رازىخان ئانام باشلىغان قىز سورىغۇچى ئەلچىلەر رەنانىڭ ئاتا- ئانىسىدىن رازىلىق ئالغاندىن كېيىن، مېنىڭ ۋە رەانىنىڭ يېقىنلىرى توي تەرەددۇتىغا كىرىشتى. ئادەم كۆكسىگە توشقان يۈرىكى ئورنىتىۋالغان بەزى ئادەملەر، خۇددى ئېقىن سۇدىكى لۆجىلەردەك سۆرىلىپ چىقىشتى.
- بىز ساڭا كۆيۈنىمىز، ئاداش. توينى ئەل قاتارى توي زالىدا ئۆتكۈزمەي، ئۆيدە ئۆتكۈزگىنىڭ ياخشى - دېدى ئۇلاردىن بىرى.
- بىز ئىنچىكە ئويلىدۇق. سېنى كۆپ كىشى تونۇيدۇ، تويغا كۆپ ئادەم توپلىشىپ كەتسە، بېشىدا قالپىقى يوق يولداشلارنىڭكىدىن كۆپرەك كىشى كەلسە، تەسىرى ياخشى بولماسمىكىن دەيمىز، - دېدى يەنە بىرى.
- بۇ مەن ئوڭچىنىڭ نىكاھ مۇراسىمىلا ئەمەس، يەنە رەنانىڭ تويى؛ ھەر ئىككىمىزنىڭ ئاتا- ئانىمىز ۋە تۇغقان، دوستلىرىمىزنىڭمۇ مۇھىم ئىشى. ئۇلارغا مەن خىزمەت ئىشلىيەلمەيمەن- دېدىم مەن. ئۇلار تويغا تەييارلىغان يېمەكلىكلەر بىلەن مېھمان بولۇپ چىقىپ كېتىشتى.

توي تەييارلىقى قانداق بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيمەن. توينى رەنا ئۆزى ۋە دوستلىرى تەييارلىدى، دېگىنىم تۈزۈك. توي زالىغا ئادەم لىق تولدى. ئۇلار ئۈچ يىلدىن ئىلگىرىكى كۈرەش يىغىنىغا قاتناشقۇچىلاردىن ھەسسە، ھەسسىلەپ كۆپ بولدى. ئۇلارنىڭ چاقىرىلغىنىدىن چاقىرىلمىغىنى، مەكتەپ ئىچىدىكىلەردىن مەكتەپ سىرتتىكىلىرى كۆپ بولدى. تويغا مۇئاۋىن رەئىس، گېنېرال مۇھەممەت ئىمىنوف، كۆپلىگەن يازغۇچى، شائىر، سەنئەت ئۇستازلىرى كېلىشتى. بىر تۈركۈم سەھنە سەنئەتچىلىرى ئۆزلىكىدىن كېلىشكەنىدى. ئابدۇگۈل ئاكامنىڭ سۇنىيى، ئەمەت ئۆمەر ئاكىنىڭ قىزىقچىلىقى، قەمبەرخانىم، مەريەم ناسىرنىڭ ئۇسسۇلى، رابىيە مۇھەممەتنىڭ ياخشىسى، ئابلا ھامۇتنىڭ ئاكاردىيونى، قۇربان ئىبراھىمنىڭ راۋابى بۇ توينى «خەلق تويى» پەللىسىگە كۆتۈرگەنىدى. ئاپەتتە تەڭ يىقىلغان يۈرەكلەرگە ھەممە نەرسە ئايان ئايان ئىدى. ئۇلار تاكى كەچكى سائەت تۆتكىچە مەشرەپ قىلىشتى. كەچتە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرى تونۇشلارنى تېپىپ قونۇشۇپ، ئەتسى ئۆيدە يەنە بەزمە ئويۇشتۇرۇپ بېرىشتى.
توي كېچىسى ئاپام، رازىخان ئانام، ئايشەم خېنىم قاتارلىق پېشقەدەملەر رەنانىڭ ئانىسى بىلەن بىللە قوندى. ئەتىسى ئاپام رازىمەنلىك بىلەن رەنانى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ قولىدىكى ئۈزۈكنى:
- توي ئۈزۈكىنى سوقتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدىم. مەن جانجېگەر يالغۇز ئوغلۇم شۈكۈرۈمنى يۇلۇپ ئېلىپ كېتىمەن دەپ يولغا چىققاچقا، توي تەرەددۇتىنى قىلالمىدىم. تويىڭىزغا بىر ئالتۇن ئۈزۈك، بىر پىكاپ مېنىڭ بوينۇمدا -دەپ سۆزلەپ تۇرۇپ رەنانىڭ سىنچىلىقىغا سېلىپ قويدى (دەرۋەقە، 1982-يىلى مەن رەنا بىلەن فىرونزى شەھرىگە بارغاندا، ئۇنىڭدىن سەككىز يىل ئىلگىرى- 1975-يىلى قاراقچى قولىدا قازا قىلغان ئاپام بۇلانغاندىن كېيىنمۇ تېلېۋىزور كەينىگە تىقىپ قويغان تويلۇق نۇسخىسىدا ئىشلەنگەن ئالتۇن ئۈزۈك ساقلىنىپ قالغانىدى. ئاپام يەنە بىر پىكاپ ئېلىشقا يېتىپ ئاشقۇدەك پۇلنى ئامانەت بانكىسىغا قويغان بولۇپ، بىز رەنا نامىغا كىچىك ماشىنا ئېلىپ ھەيدەپ قايتتۇق).
ئاپام تۇيۇقسىز كېتىدىغان بولۇپ قالدى. سوۋېت باش كونسۇلخانىسى پاسپورتلىقلارنى تىزدىن قايتىپ كېتىشكە تەۋسىيە قىلىپ مۇددەت بەلگىلەپ بەرگەن.
رەنا بىلەن ئىككىمىز ئۇنى جىپ ماشىنىدا ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا ئۇزاتتۇق. ئاپام رەنانى سۆيۈپ باغرىغا باسقاندا رەنا قولىدىكى بارلىق ئۈزۈكلىرىنى ئاپامغا سوۋغا يوللۇق تۇتتى. ئاپام ئۇنىمىغانغا قويمىدى. بۇ ئۈزۈكلەر ئاپام قازا قىلغاندىن كېيىن، قالغان ئۆي- بىساتلىرى قاتارىدا قولىمىزغا تەگدى. تەقدىر قولىدىكى ئۈزۈكلەرنى ئۇ ئىككىسىنىڭ قولىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھازىر نىكاھلانغان ئىككى ئوغلىمىزنىڭ ئاياللىرى - كېلىنلىرىمىز قولىغا رىشتە قىلدى.
ئاپام ئايروپىلانغا چىققاندا رەنا ئىككىمىز كۆز يېشى قىلدۇق. كېيىن بىر- بىرىمىزنىڭ يېشىنى سۈرتۈشىۋاتقاندا رەنا ئېسەدەپ تۇرۇپ ماڭا شۇنداق دېدى:
- ئانىڭىزنىڭ ھازىر ئايرىلىدىغان ۋاقتىدا مېنىڭ قۇلۇقۇمغا نېمە دەپ پىچىرلىغىنىنى پەزەر قىلىپ بېقىڭە؟- دېدى... (كېيىنچە، رەنانىڭمۇ ئۆز ئائىلىمىزدە ھەمىشە مېنى «شۈكۈرۈم» دەپ چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا، دۇنيادا ئانامغا ئوخشاش يەنە بىر مېھرىبان ئايال زاتىنىڭ يېنىمدا پەرۋانى ئىكەنلىكىدىن ئاجايىپ سۆيۈنۈپ كېتىمەن...).
كىم بىلسۇن ئانچە كېچىكمەي ئىككى دۆلەت مۇناسىىتى يىرىكلەشتى، چىگرا تاقالدى. ئاپامنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىش غايىسى خۇددى يالتىراپ يوقالغان ھەسەن- ھۆسەندەك غايىپ بولدى. ئۇ ئۆز مەكتۇپلىرى بىلەن ئاھۇ- زارغا تولغان شېئىرلىرىدا پەرياد چېكىپ قالدى. مەن «مەن چەتئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر» قاتارىدا تەكرار ھاقارەت، ئۆي- خەت ئاختۇرۇش ۋە تەرتىپكە ئۇچراپ تۇردۇم. شۇنداقتىمۇ ۋىسال ئۈمىدى قەلىبلىرىمىز كۆكىدە ئۆز جىلۋىسىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى. كىم بىلسۇن، ئايرودرومدا قۇچاقلىشىش ئاخىرقى ۋىسال بولۇپ قالغانىدى...
مەن ئاپامنى ئۇزىتىپ قايتىشتا بىر پارچە شېئىر ياغانىدىم، ئاپامنىڭ شېئىر مىراسلىرىدىن مۇنداق بىر پارچە غەزەل يازغانلىقى مەلۇم بولدى:

كۆزۈم ئارقىدا قالدى، كەتكەنىمدە ئۇشبۇ دەرگاھتىن،
چىدىيالماي داد ئېتىپ قەلبىم جۇدا بولغاندا بەرنادىن.
بېشىمدا جەبرىلىك كۈلپەت نەسىبى بولسىمۇ پۇرقەت،
يۈسۈپۈم قالدى كەنئاندا كۈلۈپ مەغرۇر تەمەننادىن.
ئۆزۈم يالغۇز دىلىم غەمناك، غەزەلدىن ئۆزگە يوق دىلبەر،
بەئەينى نۇر كەبى ئۆتمەكلىكىم قىسمەتمۇ دەريادىن.
سىياھ بىرلە كۆزۈم ياشى ماڭا ئۈلپەت مەلەك گويا،
ئاقار سىنەمدە بىر چەشمە ھېساپسىز دۇرى مەنادىن.
شۈكۈرۈم ياخشى قال ئەلدە، سېنى قەلبىڭگە تاپشۇردۇم،
ۋەتەننىڭ خاكى ھەمراھى شىپالىق ئىبن سىنادىن.   

تورغا ئۇزاتقۇچى: م.قادىر

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-12 21:26:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى (39)


گۈزەل سەنئەت ۋە گۈزەل پەزىلەت ئابىدىسى


ئاپتۇرلىرى: رەنا مەخسۇت

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن


«ئەزىز خەلقىم، سىلەرنى تەڭرىگە تاپشۇردۇم».

                            ــ قەمبەرخانىم


قەدىرلىك ئۇستازىمىز قەمبەرخانىم ئۆز ھايات پائالىيىتى بىلەن خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى كۆپ قىرلىق يەنە بىر تەۋەرۈك مەنىۋى سىما بولۇپ قالدى. ئۇ خەلقىمىزنىڭ مۇشۇ ئەسىردە ئىپتىخارلىنىدىغان كىشىلىرىنىڭ بىرى، ئەلۋەتتە.

قەمبەرخانىم تارىخ ئۆزى تاللىغان تارىخىي شەخس، يىپەك يولى كىندىكىدىكى «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى»دا، مۇشۇ ئەسىرىمىزدە مەيدانغا كەلگەن ئۇسسۇل شاھى!

قەمبەرخانىم ھەممىدىن ئىلگىرى بىر تۈپ شەرت سەۋەبىدىن، ئۆز خەلقى بىلەن بولغان مەنىۋى مۇناسىۋەتنىڭ پاك ۋە يالقۇنلىقى تۈپەيلى تارىخنىڭ تاللىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ھايات يولىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ قەلبىنى سېزىش بىر پەرق ئېتىش ئىقتىدارى مەسىلىسى بولۇپ، بۇنداق پەرق ئېتىش ھەربىر پەرق ئەتكۈچىنىڭ كىشىلىك قارىشى ۋە ئۆمۈر يولىغا قاراپ ھەرخىل بولۇشى تەبىئىي.

قەمبەرخانىم ئۆزىنىڭ ئۆمۈر يولى ئارقىلىق كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان، كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان باي ئۆمۈر پەلسەپىسى، ئۇسسۇل سەنئىتى تەشەببۇسى، كىشىلىك پەزىلىتى نەمۇنىسى قالدۇرۇپ كەتتى. بىر قاراشتا تولىمۇ ئاددىي كۆرۈنگەن بۇ مەنىۋى مىراس ھەممە كىشى ئېرىشىپ كېتەلمەيدىغان تولىمۇ باي مەزمۇنلار بىلەن تولغان!

خەلقىمىز مۆتىۋەر ئۇستاز قەمبەرخانىمدىن ئايرىلدى. بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتۈن جۇڭگو سەنئىتى ئۈچۈنمۇ ئورنىنى تولدۇرغۇسىز زور يوقىتىش. بىز ئۇنىڭ مىللىي ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە مائارىپ قاراشلىرىغا ھەقىقى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ ئۇسلوپ ھەم تۈسىنى قېزىپ چىقىشىمىز ۋە جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم. بىز يەنە ئۇنىڭ بىر خەلق سەنئەتچىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئالىجاناپ خىسلەت ۋە پەزىلەتلىرىنى ئۆگىنىپ، سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ ئىدىيىۋى قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي، كەسپىي ئەخلاق ۋە ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.


سەنئەت ئۇستازىنىڭ كىشىلىك يولى


قانداق كۈلشەن خازان بولدى،

قانداق ئىستەك ئارمان بولدى.

قانداق چېچەك يەرگە چۈشتى،

قانداق ئەدەپ شامى ئۆچتى!


بۇ يىل (1994-يىل) 13- يانۋار ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى نامدار نامايەندە، ئەسىرىمىزدىكى ئۇيغۇر مىللىي سەھنە ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە يېڭى زامان ئۇسسۇل سەنئەت مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى، مەشھۇر جامائەت ئەربابى قەمبەرخانىمنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن ئەبەدى توختىدى. خەلقىمىز كۆپ ئەسىرلىك مەدەنىيەت تارىخىدا ياراتقان گۈزەل ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ سادىق ۋارىسى، يالقۇنلۇق تەرغىباتچىسى ۋە پازىل ئۈلگىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. خەلقىمىز قەمبەرخانىمنىڭ ۋاپاتىدىن ئېغىر قايغۇغا چۈمدى. بۇ ئېغىر مۇسىبەت ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنييىتىگە بولغان تارىخى چۈشەنچىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ تولدۇرغۇسىز يوقىتىشلىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشى شۈبھىسىز!

بىز ئۇستاز قامبەرخانىمنىڭ ھايات يولىنى، سەھنە ۋە مائارىپ ھاياتىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان ھەقىقىي ئۇيغۇر پەرزەنتىگە لايىق، ئاينىمىغان ئەنئەنىۋى پاك ئەخلاقىي پەزىلىتى ۋە ياشاش غۇرۇرىنى ياشلىرىمىزغا ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقىچە تونۇشتۇرۇشقا قەرزدارمىز. ئۇ بىز ئۈچۈن خېلى- خېلى سالاھىيەت ئىگىلىرىمۇ بىجا كەلتۈرەلمەيدىغان ئالىيجاناپ مەنىۋى ئۆلگە.


يېڭى زامان ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مۆتىۋەر پىشىۋالىرىدىن بىرى


ئۇ «شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئىككى سەنئەت گۈلىنىڭ بىرى».

                                    ــ ئەخمەتجان قاسىمى


قەمبەرخانىم 1915-يىلى قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى مىۋىزار يېزا- بەشكېرەم ئاۋات كەنتىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئۇ ئۆز ئائىلىسىدە، ئۆز يۇرتىدا توپلىشىپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك، ھالاللىق ۋە ناخشا-ئۇسسۇلغا ھېرىسمەنلىك روھىيىتىدىن ئۆز قەلبىنىڭ تۇنجى مەنىۋى قاتلىمىنى ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئەمەت ئاكا ناخشا خۇمار، ئانىسى زورىخان ئاچا ئۇسسۇل خۇمار خەلق سەنئەتكارلىرىدىن ئىدى. قەمبەرخانىم بۇ ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ئۈچ قىزنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئاچىسى نىساخان، سىڭلىسى گۈلبەھرەملەر ئىدى.

قەمبەرخانىم ئائىلىسى بىلەن ئەينى زاماندىكى سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئاتىسى ئالمۇتىدا قازا قىلغاندىن كېيىن، ئانىسى يەنە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، قەمبەرخانىم غەربى شىمال سەنئەت ئىنىستىتوتى شىنجاڭ سەنئەت فاكۇلتىتىغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە، 1953-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.

قەمبەرخانىمنىڭ سىڭلىسى، ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئۇسسۇلشۇناس گۈلبەھرەم، ئالمۇتا ئۆسمۈرلەر موزىكا- ئۇسسۇل مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالمۇتا، تاشكەنتلەردىلا ئۆزىنىڭ ئۇسسۇل ماھارىتى بىلەن دىققەتكە سازاۋەر بولغانىدى. گۈلبەھرەم 1947- يىلى –ئىت يىلى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، خۇددى قامبەرخانىمغا ئوخشاشلا 13-يانۋار ئالەمدىن ئۆتكەن. كېسەك ھالەتتە ياتقان گۈلبەھرەمنى ئەخمەتجان قاسىمى يوقلىغان ۋە قەبرە بېشىغا چىقىپ ئۇنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلاپ قايغۇلۇق نوتۇق ئېلان قىلغانىدى.

قەمبەرخانىم ئائىلە ۋە ئەل- يۇرت تەسىرىدە ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىغا ئىشتىياق باغلىغانىدى. ئۇنىڭ مىللىي ئۇسسۇلغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ئۆزبېكىستان دۆلەت خروگرافىيە (ئۇسسۇل) مەكتىپىدە ئۇنىڭ كەسپىي ئۇسسۇل مۇتەخەسسىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا ئۇل سالغان. بۇ مەكتەپكە ئاتاغلىق ئۆزبېك ئۇسسۇل- مەدەنىيەت ئەربابى تاماراخانىم يىتەكچىلىك قىلاتتى. ئەينى زاماندىكى ئۆزبېكىستان ئۇسسۇل مۇنبىرى تاماراخانىم، ھەلىمە ناسىرىۋا، مۇكەررەمە تۇرغۇنبايىۋا، رازىيە كەرىمىۋا قاتارلىق ئالەمشۇمۇل ئۇسسۇل ماھىرلىرى شۆھرىتى بىلەن راسا جىلۋىلەنگەنىدى. قەمبەرخانىم يەنە مۇسكۋاغا بېرىپ مۇزىكا- ئۇسسۇل ئىنىستىتوتىدا تەلىم ئالدى ۋە ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى مۇسكۋا سەھنىسىدە ئوينىدى.

كىشىنى قايىل قىلىدىغىنى شۇكى، قەمبەرخانىم تۇنجى رەسمىي مەكتەپ- مائارىپ ئارقىلىق يېتىشىپ چىققان يېڭى زامان ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىسى سۈپىتىدە تارىخىمىزغا كىرىپ كەلدى. قەمبەرخانىم ئۆزبېك ئۇسسۇل ئوقۇش يۇرتىدا يەنىلا تىپىك، خاس ئۇسلوبقا ئىگە ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىسى بولۇپ يېتىشتى.

قەمبەرخانىم 1942-يىلى نويابىردا ئانىسى، سىڭلىسى بىلەن ئۆز يۇرتى شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى. بۇ چۆچەك، غۇلجا، ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەرلەرنى مەرگەز قىلغان ئۇيغۇر يېڭى مەدەنىيەت دولقۇنى داۋام قىلىۋاتقان چاغلار ئىدى.

قەمبەرخانىمنىڭ مۇشۇ مەدەنىيەت ئۆركىشىگە ئۈلگۈرۈپ كېلىشى تارىخنىڭ تاللىشى ئىدى. ئۇ، بۇ مەدەنىيەت دولقۇنىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا ئۆز ھەسسىسىنى قوشتى. ئۇ چۆچەكتە، كىيىنچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئويۇشمىسى قارمىقىدىكى سانايىنەپىسىدە سەھنە سەنئىتىگە قاتناشتى. بۇ دەل خەلق ئۇسسۇل، موزىكا، تىياتىر سەنئىتىنىڭ سەھنە سەنئىتىگە ئايلىنىش مەزگىلى ئىدى. شۇندىن باشلاپ، خۇددى قەدىرلىك ئەخمەتجان قاسىمى ئېيتقاندەك: «شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئىككى سەنئەت گۈلى»- قەمبەرخانىم بىلەن گۈلبەھرەمنىڭ ۋەتەن سەنئىتى ھاياتى باشلانغانىدى.

قەمبەرخانىم «نىمپەدە»، «دىلخاراج»، «ئۇششاق» قاتارلىق تىپىك ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى بىلەن ئۇيغۇر سەھنە سەنئىتىگە يېڭى ھۆسن قوشتى.

قەمبەرخانىمنىڭ نامى تېز ئارىدا پۈتكۈل شىنجاڭغا پۇركەتتى. خەلقىمىز ئۆز روھىيىتىنى ساغلام گەۋدىلەندۈرگەن بۇ سەنئەت ماھىرىنى قىزغىن سۆيدى. ئاڭا ھۆرمەت ۋە شۆھرەت بېغىشلىدى.

ئۇ 1947-يىلى 9-ئايدا نەنجىڭ، سۇجۇ، شاڭخەي ۋە تەيۋەنلەرگە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ئېلىپ باردى. بۇ چاغدا ئەمدىلەتىن ئەنگىلىيە پادىشاھلىق بالېت مەكتىپىنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتقان دەي ئەيلىن خانىم بىلەن ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى تۇنجى جۇڭگۇ كىنو چولپىنى خۇدې خانىم ۋوگزالغا چىقىپ گۈل تۇتۇپ قەمبەرخانىمنى قىزغىن كۈتىۋالدى. ئاتاقلىق سەنئەت پىشىۋاسى مېي لەنفاڭ ئەپەندى قەمبەرخانىمنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ مېھمان قىلدى. قەمبەرخانىمنىڭ شەرقى جۇڭگۇ سەھنىلىرىدە مىسلىسىز شۆھرەت قازانغان «ياشلىق كۈيى» قاتارلىق گۈزەل ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى كۆرگەن ئۇسسۇل مۇتەخەسسىسى دەي ئەيلىن خانىم قەمبەرخانىمنى ئۆزى قۇرغان شاڭخەي بالېت مەكتىپىدە دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ چاغدا كېزىت- ژورناللاردا قەمبەرخانىمنىڭ ئوينىغان ئۇسسۇللىرى توغرىسىدا سۈرەتلىك مەھھىيىلەر ئېلان قىلىندى. ئۇلارنىڭ بىرىدە مۇزىكىشۇناس ئەن يى: «ئۇنىڭ گۈزەللىك، ئىپتىخار ۋە تەمكىنلىك بىلەن تولغان ئۇسسۇللۇق قىياپەت ۋە قەدەملىرى شىنجاڭ مىللىي مەدەنىيىتى ئۈچۈن مىسلىسىز ئۇلۇغ تۆھپە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ» دەپ يازغان.

ئانچە ئۆتمەي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلدى. ئۇ ئۈرۈمچىدە خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنى ئۆزىنىڭ جۇشقۇن ئۇسسۇلى بىلەن كۈتىۋالدى. بۇ چاغدا قۇماندان ۋاڭ جىن سەھنىگە چىقىپ ئۇنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بەردى.

قەمبەرخانىم 1950-يىلى دۆلەت بايرىمىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭ ۋەكىللىرى تەركىبىدە بېيجىڭغا باردى. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ماۋزېدۇڭ، لىيۇ شاۋچى، جۇئېنلەي، جۇدې قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ماۋجۇشى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «مەن نامىڭىزنى بىلەتتىم» دېدى. ئەتىسى ئۇ تيەنئەنمىن مۇنبىرىدە بايرام تەنتەنىسىنى تاماشا قىلدى. شۇ كۈنى كەچتە خۇەيرىنتاڭ كۇلۇبىدا «ناغرا ئۇسسۇلى»، «تەخسە ئۇسسۇلى»، «ئازاد زامان» قاتارلىق قويۇق مىللىي ئۇسلوبتىكى ئۇسسۇللارنى ئويناپ يەنە ماۋجۇشى قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

قەمبەرخانىم 1950-يىلى 10-ئايدا بېيجىڭدىن شىئەنگە خىزمەتكە- غەربىي شىمال سەنئەت ئىنىستىتوتى شىنجاڭ سەنئەت فاكولتىتىغا مەسئۇل بولۇپ كەلدى. شۇندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇل مائارىپىدىن ئىبارەت يېڭى ھايات پائالىيەت دەۋرى باشلاندى.


يېڭى زامان ئۇيغۇر ئۇسسۇل مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى


«مائارىپسىز سەنئەت سۈزۈلدۈرمىگەن لاي سۇ دېمەكتۇر».

                                      ــ قەمبەرخانىم


قەدىرلىك ئۇستازىمىز قەمبەرخانىمنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىگە قوشقان تارىخىي تۆھپىلىرى ئۇنىڭ سەھنە ھاياتىدىكى جەزبىكار رەققاس پائالىيەتلىرىدىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ يېڭى زامان ئۇيغۇر ئۇسسۇل مائارىپى پائالىيىتىگە ئۇل قويغانلىقىدا گەۋدىلەنگەن.

ھەممىگە مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتى بىرقانچە مىڭ يىللىق، كۆپ باسقۇچلۇق، ئۇزاق تارىخنى بېشىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇسسۇل سەنئىتىنى پەقەت مەشرەپ-مۇراسىملار ئارقىلىق ئۆگىنىش، ئوردا- قەسىرلەر يېنىدىكى «ناغرىخانا»لار ئارقىلىق ئۆگىنىش، ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىشتىن باشقا، رەسمىي ئۇسسۇل مەكتەپ مائارىپىدىن ئىبارەت مەخسۇسلاشقان ئۆگىنىش سېستىمىسىنى بەرپا قىلمىغانىدى. ئەگەر بۇنداق مەخۇسۇسلاشقان ئۇسسۇل مائارىپى سېستىمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا سۆز بولىدىغان بولسا، بۇ شەرەپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن بېرى باشلانغان يېڭىچە مەكتەپ مائارىپى ئۆركىشى ئاساسىدا، 50-يىللىرى مەيدانغا كەلگەن شىنجاڭ ئۇسسۇل (جۈملىدىن باشقا ژانىرلاردىكى سەنئەتلەر) مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى قەمبەرخانىم نامىغا تەئەللۇقتۇر. بۇ بىناكارلىق خاراكتېردىكى تارىخىي باشلىنىش گەرچە 50-يىللاردىن 80-يىللىرىغىچە ئىزچىل داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئۇ قەمبەرخانىم چۆچەككە كەلگەن يىلىلا ئۆزىنى كۆرسەتكەنىدى. قەمبەرخانىم چۆچەكتە ئىككى قېتىم قىسقا مۇددەتلىك ئۇسسۇل كۇرژۇكى (كۇرسى) بىلەن ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئۇسسۇل مائارىپى پائالىيىتىنى باشلىغانىدى.

قەمبەرخانىمنىڭ نام –شەرىپى بىز تېخى گۈدەك چېغىمىزدىلا ئەل ئارىسىدا مەشھۇر ئىدى. 1951-يىلى غەربىي شىمال سەنئەت ئىنىستىتوتىدا شىنجاڭ سەنئەت فاكۇلتىتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قەمبەرخانىم ھەم رەھبەر، ھەم ئوقۇتقۇچى ئىدى. مەن ئۇ يەردە قەمبەرخانىمنىڭ ئۆز ئانىمىزدەك مېھرىبانلىقى ۋە قىزغىن تەربىيىسىگە ئېرىشتىم. تەقدىر مېنى قەمبەرخانىم بىلەن 30 يىل بىر مەكتەپ، بىر قورۇدا بىللە ياشاشقا نېسىپ قىلغانىدى. بۇ يىللار تولىمۇ ئەگرى- توقاي، بەزىدە خۇشاللىنارلىق، بەزىدە ئېچىنىشلىق ئۆتتى. بۇ يىللار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ غايىسى، ئىدارىسى، خاراكتېرى ۋە پەزىلەتلىرىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى قەلبىمىزگە ئەبەدىي سىزىپ چىقتى.

قەمبەرخانىم ئۆز خەلقىنىڭ سادىق پەرزەنتى، غايىلىك قىزى ئىدى. ئۇ ئۆز خەلقى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ۋە ئۈمىدىنى ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىغا سىڭدۈرۈۋەتكەنىدى. ئۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ نەپىسلىكى، ساپلىقى، ئەينەنلىكىنى بىر ئۆمۈر ساقلاپ، ئويناپ، كۆرسىتىپ كەلدى. ئۇ ئۇسسۇل ساھەسىدە ئۇيغۇر سەھنە ئۇسۇللىرىنىڭ مىللىي ئۇسلوبى ۋە ھەركەت تۈسىنى ئەينەن داۋاملاشتۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۇسسۇل مائارىپىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويغانىدى.

ئەينى يىللاردا ئۇنىڭ خۇسۇسىغا كۆيۈنۈش يۈزىسىدىن بەزىلەر ئۇنىڭغا: «شاگىرت بىۋاپا، كەسىپداشنىڭ كۆڭلى ئالا بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىقنى تاشلاپ، يەنىلا سەھنىدە ئۇسسۇل ئوينىغىنىڭىز تۈزۈك» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىمۇ ئۇ ئۇسسۇل مائارىپىغا بولغان ئوتتەك مېھرىدىن يانمىدى. ئۇ غەربىي شىمال شەنئەت ئىنىستىتوتىدىلا «ئۇيغۇر ئۇسسۇلى دەرسلىكى»نى تۈزدى. ھەرخىل ھەركەتلەر (جۈملىدىن سالام بېرىشنىڭ بەش خىل ھەركەت شەكلى)گە ئىسىم بېكىتتى. ئانچە ئۆتمەي بۇ دەرسلىك ئۇ ئالاھىدە ئۇستاز سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنىستىتوتىدىكى ئۇيغۇر ئۇسسۇل دەرسىنىڭ دەستۇرى قىلىندى.

بىز بۈگۈن، يېڭى زامان ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئەت مائارىپىنىڭ يېرىم ئەسىرگە يېقىن تارىخىي مۇساپىسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇستاز قەمبەرخانىمنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتى قاراشلىرىدىكى مۇنداق ئىككى روشەن ئىستېتىك نوقتىسىنى بايقايمىز. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۇسسۇل سەنئىتى مائارىپىنى سەھنە ئۇسسۇللىرىنىڭ ئالدىغا قويۇش، ئۇسسۇل مائارىپى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۇسسۇل –سەنئىتى ئېڭىنى تىكلەش ۋە ئۇرغۇتۇش، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ ھەركەت تىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە كەسپىي ئەخلاقىي پەزىلىتىنى يىتىلدۈرۈش، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى ھەرقايسى پەنلەرگە ئوخشاش كۆپ باسقۇچلۇق مائارىپ سېستىمىسى ۋە ئوقۇتۇش سېستىمىسىغا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ماھىيەتتە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كاتتا بىر غولى بولغان ئەنئەنىۋى ناخشا- ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ قەددىنى كۆتۈرۈش، ئۇنى زامانغا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈشتىكى تارىخىي خاراكتېرلىك ئاڭ ۋە ئەمەلىيەت ئىدى. ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىغا، مەيلى ئوقۇتۇش ياكى ئويۇن كۆرسىتىشتە بولسۇن، يەنىلا ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرنىڭ خاس مىللىي- بەدىئىي تامغا –ئالامەتلىرى، روھى- پىسخىكىسى، ھەركەت تىلى خەزىنىسى، ئۇسسۇللۇق قىياپىتى، ئۇسسۇللۇق كىيىم- گىرىملىرى، ئۇسسۇللۇق مۇزىكىسى، ئۇسسۇل تۈسى بويىچە ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى روشەن ۋە ئىزچىل تەشەببۇستىن ئىبارەت ئىدى. قەمبەرخانىم بۇ ھەقتە بىر ئۆمۈر تەكىتلەپ سۆزلىدى! 1957-يىلى بىز «ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى» دەرسلىكىنى تۈزۈشكە كىرىشكەندە، بەزى كەسپداشلار ياۋرۇپا بالېت ئۇسسۇللىرىنى ئاساس قىلىشنى تەكىتلىدى. بۇ ۋاقىتتا قەمبەرخانىم بىزنى باشلاپ قەشقەرنىڭ شەھەر- يېزىلىرى بىلەن مەكىت ناھىيىسىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىدىن بىۋاستە ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ تارتىپ چىقىرىلىپ ئاتالمىش «خەلق دۇشمىنى» قىلىپ قويۇلغان، ئۆزى كېسەللىك ئازابىدا قىينىلىۋاتقان چاغلىرىدىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرقايسى پەدىلەرگە ئوينىلىدىغان ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبى، تۈسى ۋە ئەنئەنىسىنى ئويناپ كۆرسىتىپ، ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقنى تەكىتلەيتتى. بۇ دەل ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنىڭ يارقىن دەلىلى ئەمەسمۇ؟!

قەمبەرخانىمنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ تىپىك مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش ئىدىيىسى چوڭقۇر ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئىدى. ئۇ، بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى تۈنۈگۈنكى ياكى بۈگۈنكى نەتىجە دەپ قارىماستىن، ئۇزاق تارىخنىڭ مەنىۋى مەھسۇلى، ئۇ ياكى بۇ ئۇسسۇلچىنىڭ بىرقانچە ئىجادىي كونسېرتى دەپ قارىماستىن، خەلقنىڭ، ئالدى بىلەن كەڭ ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنىڭ فولىكلورلىق بايلىقى دەپ قارايتتى. ئۇ مۇنداق تارىخى بايلىقنىڭ ئۆز خەزىنىسى، ئالاھىدە سىستېمىسى، خاس قانۇنىيەتلىرى، ئەنئەنىۋى ئىزچىللىقى مەسىلىسىدە ھەرقانداق نېگلىزملىق (ئىنكارچىلىق) بولمىغۇرلۇقلارنىڭ ناھايىتى زىيانلىقلىقىنى تەكىتلەيتتى.

ئۇ بىر تەرەپتىن، ھەربىر مىللەتنىڭ مىللىي ئۇسسۇللىرى ئۆزىنىڭ مىللىي خاسلىقى بىلەن باشقا مىللەت ئۇسسۇللىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. مۇشۇ خاسلىقنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتى ئۇنىڭ نوپۇزى ۋە ھۈرمىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي تۈستىن ئايرىلغان ئۇسسۇل ھەرقانچە قىزىقارلىق بولسىمۇ «قېتىشما ئەبجەش»دىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنى مىللىي ئۇسسۇل دېگىلى بولمايدۇ، دەيتتى.

ئۇ يەنە بىر جەھەتتىن، ھازىرقى دەۋر دۇچ كېلىۋاتقان ھەرخىل مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىپ، تقۇنۇشۇپ، رىقابەتلىشىپ تۇرغان زاماندا، مىللىي مەدەنىيەت (جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرى) تەرەققىياتىدا ۋارىسلىقنى ئاساس قىلىپ، ئەنئەنىگە ماسلاشقان ھالدا قوبۇل قىلىشنى ئىنچىگە ئاڭلىقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەكىتلەپ كەلدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ تىپىك خاسلىقى ۋە ھەركەت روھىيىتى (پىسخولوگىيىسى)گە زىت بالېتچە ھەركەتلەرنى ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلگەن. بەزى كىشىلەر ئۇ ئوتتۇرغا قويغان ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىنى مۇجەسسەم قاراشلىرىنى «كاڭپەي» (قەمبەرخانىم ئۇسسۇل ئېقىمى) دەپ ئاتىغاندا، ئۇ، بۇ ئاتالمىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئۇسسۇللىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئىپادىلەمدۇ ياكى بۇ ۋارىسلىقتا چىڭ تۇرۇشنى مېنىڭ شەخسى ئۇسلوبۇم، دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ، دەپ سۇئال قويۇپ، كېيىنكى مەنىدە بولسا رەت قىلىدىغانلىقىنى ئىيتقان. بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە، ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتى ئەنئەنىسىگە بولغان ھەممىنى ئۇنتار ئوتلۇق قەلبى ۋە پاك ساداقىتىنى گەۋدىلەندۈردى.

قەمبەرخانىم ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە مائارىپىغا ئۆلمەس تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ ئالاھىدە تىپىكلىككە ئىگە بولغان ئۇيغۇر ئۇسسۇل ئۇسلوبى باشقا مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى تونۇشى ۋە ئۆگىنىشىگە ئۆلگە كۆرسەتتى. ئۇ سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنىستىتوتىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلىەشكە تەكلىپ قىلىنىپ بۇ ئالىي ئوقۇتۇش يۇرتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۆھپە قوشتى. ئۇ غەربى شىمال سەنئەت ئىنىستىتوتى شىنجاڭ سەنئەت فاكۇلتېتى، شىنجاڭ ئىنىستىتوتى سەنئەت فاكولتېتى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا ھەقىقى ئەمەلىي ئاساس سالغۇچى بولۇپ قالدى.

قەمبەرخانىمنىڭ بىۋاستە تەربىيىلىگەن ساگىرتلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇسسۇل سەنئىتى سېپىدە جەۋلان قىلىپلا قالماستىن، قازىقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ھېلىمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇسسۇل ماھىرلىرى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. ئۇنىڭ نامى يىراق ئەللەرگىمۇ تارقالغان. 1991-يىلى ئىيۇندا ئۆزبېك خەلقىنىڭ داڭلىق ئۇسسۇل ئۇستازى تامارا خانىم سەھنە ھاياتىنىڭ 75 يىللىقى، تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش سەنئەت كېچىلىكىدە تاماراخانىم مېنى باغرىغا بېسىپ، ئۆز نامىدىن ئۇستازىمىز قەمبەرخانىمغا ئالاھىدە سالام يوللايدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلغانىدى.


كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابى


«ئەگەر خەلقىم بولمىغان بولسا، مەنمۇ، مېنىڭ قەدىر- قىممىتىممۇ بولمىغان بولاتتى».

                                                ــ قەمبەرخانىم


قەدىرلىك ئۇستازىمىز قەمبەرخانىم يېڭى زامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابى ئىدى.

ئۇ 1944-يىللىرىلا مەشھۇر يازغۇچى ماۋدۇن، مەشھۇر سەنئەتكار جاۋ دەن ئەپەندىلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ «يامغۇردىن كېيىنكى ئاپتاپ» دىرامىسىغا «باھار» ناملىق ئۇسسۇل تۈزۈپ چىقتى. ئەينى زاماندا «ياپۇنغا قارشى ئەسكەرلەرگە ياردەم بېرىش» ئۈچۈن ئوينىغان بۇ ئويۇنغا جاۋ دەننىڭ خانىمى پىئانىنو، مۇھەممەتجان ئىسمائىل ئاكا ساز چالغانىدى.

ئۇ ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىردىلا غەربى شىمال سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ سىئەن، تەييۈەن، شىجىياجۇاڭ، لوياڭ، شەنياڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى زاۋۇت، كان- كارخانا، قىسىملارغا بېرىپ ئويۇن قويۇپ، «ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، جاۋشەنگە ياردەم بېرىش»كە ئومۇم خەلق سەپەرۋەرلىكى پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن ۋە ئۆزى باشلاپ ئۇسسۇل ئويناپ، ئىئانە توپىغاندىن تاشقىرى، مۇساجان روزى ئاكا، ئبدۇرېشىت ئىمىن ئاكا، ئىبراھىمجان، قەمبەرنىسا ئۆمەر، ئەيسا قارىي، زەينەپ سابىت، ھاۋاخان مۇھەممەت، بۈبىتاي، مەلىكە دۇگامەت قاتارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلاردىن بەش تۈركۈمنى بەش نۆۋەت چاۋشەنگە بېرىپ جۇڭگۇ خەلق پىدائىي قىسىملىرىدىن ھال سوراشقا ئۇيۇشتۇرغانىدى.

ئۇ، 1956-يىلى جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار ئۆمىكى تەركىبىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە چىقىپ، مەشھۇر روس بالېت مۇتەخەسسىسى ئۇلانوۋ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ تاشكەنتتە تامارا خانىمنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، بىللە رەسىمگە چۈشتى.

ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ماۋزېدۇڭ، جۇئېنلەي، دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يەتتە قېتىم قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن ماۋجۇشىغا چىمەن دوپپا كىيدۈردى.

ئۇ، مەملىكەتلىك 4-قېتىملىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا مەملىكەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

ئۇ، 1980-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

ئۇ، 1980-يىلى 10-ئايدا، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكىگە قاتنىشىپ، ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، پىشقەدەم سۇنايچى ئابدۇگۈل ئاكا قاتارلىق مەشھۇر سەنئەتچىلەر بىلەن سەھنىگە چىقىپ ئويۇن كۆرسەتتى.

ئۇ، 1982-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا سەنئەت تەتقىقاتى مۇھاكىمە- يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەر قايسى ئەللەر سەنئەتشۇناسلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

ئۇ، 1992-يىلى يەكەندە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۇيغۇر 12 موقامى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋە ئاماننىساخاننىڭ ھەيكىلى، قەبرىگاھى پۈتۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ جەرياندا ئۇ ئىلمىي تەتقىقات خادىملىرى ۋە يەرلىك خەلق مۇقامچىلىرى بىلەن كەڭ –كۇشادە ئۇچراشتى.

ئۇ، 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مائاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلىنىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەپ كەلدى.

ئۇ، 1992-يىلى ئۆكتەبىردە سەنئەتكە بولغان تارىخىي جاۋاپكارلىقى بىلەن بىر فوند جەمئىيىتى قۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويدى. ئاپتونوم رايونلوق پارتكومنىڭ شۇجىسى سوڭ خەنلىياڭنىڭ تەستىقى، خەلق ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەنگە ئېلىشى بىلەن قەمبەرخانىم نامىدىكى سەنئەت قوند جەمئىيىتى شۇ يىلى 25-دىكابىردا رەسمىي قۇرۇلدى.

قەمبەرخانىم بىر ئۆمۈرلۈك سەنئەت ئەجرى شەرىپىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تونۇلغان مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەربابى سۈپىتىدە جاھان سەنئەت قامۇسىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالدى.


ئاجايىپ پەزىلەت


«سەنئەت- خەلقنىڭ سەنئىتى، سەنئەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن خەلقنى قەدىرلەش لازىم».

                                                 ــ قەمبەرخانىم


قەدىرلىك ئۇستاز قەمبەرخانىم يېڭى زامان ئۇيغۇر سەھنە ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ مەملىكەت ئىچى- سىرتىغا داڭقى يېيىلغان نادىر سەردارى، يېڭى زامان ئۇيغۇر ئۇسسۇل مائارىپىنىڭ مۇھەندىسى- ئىنژېنېرى بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ ئۇيغۇر ئەدەپ- ئەخلاقىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر پەزىلەتلىرى بىلەن ئۆز قەلبىنى، ئۆز خاراكتېرىنى، ئۆز ئادەتلىرىنى زىننەتلىگەن سۆيۈملۈك ئۇستاز ئىدى.

قەمبەرخانىم ھاياتىنىڭ قىسقا بىر مەزگىلىنى ھېساپلىمىغاندا، ئۆمرىنىڭ بىر قانچە دەۋرىلىرىنى ئېغىرچىلىق، جاپا- مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكۈزدى. يېتىملىك، مۇساپىرەت، كونا شىنجاڭ جەمئىيىتىدىكى فېئوداللىق ئاسارەت ۋە سەنئەتچىلەرنى خار كۆرۈشلەر؛ شەخسىي تۇرمۇش بەختسىزلىكى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى قالپاق كىيدۈرۈش، ئۆي بىساتلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، رەھبەرلىك خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاش، ھۆكۈمەت ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىش، «چوڭ تازىلاش»تا تۇتقۇن قىلىپ قاماش قاتارلىقلار تاكى 80- يىللارغىچە بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كەلدى، 80-يىللاردىن كېيىن ئۇ قايتا قەد كۆتۈرگەن بولسىمۇ، كېسەللىك ئازابى ئۇنى يىلاندەك چىرمىۋالغانىدى. قەمبەرخانىمنىڭ قەلبى، ئىرادىسى ۋە خاراكتېرى بۇ ئەگرى- توقاي تىپىك موھىتتا ئۆز نۇرانىلىقىنى كۆرسەتتى.

قەمبەرخانىم ئۆز ھاياتىدىن، كېچىۋاتقان مۈشكۈللۈكلىرىدىن زارلىمىدى. ئۇ ئۆي بىساتلىرى بۆلۈنۈپ، ئۈستىدىن يامغۇر تامچىپ تۇرىدىغان بىر ئېغىزلىق ئۆيگە كۆچۈرۈۋېتىلگەندىمۇ، يەنىلا ئۈمىدۋارلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ مىللىي تۈسى، ھەركەت شەكلى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ، بىزگە بىر ياندىن سۆزلەپ، بىر ياندىن ئۆزى ئويناپ كۆرسىتىپ تەربىيە بېرىپ تۇردى.

قەمبەرخانىم بىر ئۆمۈر بايلىق توپلاش غېمىدە بولمىدى. ئۇ سەھنە ئويۇنى ۋە جەمئىيەت ئالاقىلىرى سورۇنلىرىدا قاملاشتۇرۇپ كىيىنىشكە ماھىر بولۇش بىلەن بىللە، ھېچقانداق كۆز قاماشتۇرىدىغان زىبۇ- زىننەت، ئېشىپ- تېشىپ تۇرغان كىيىم- كېچەك، ئۆي روزىغارلىرى يىغىشقا بېرىلمىگەن. ئۇ مەنسەپدار بولغان چاغلىرىدىمۇ پاكلىقنى، ھالاللىقنى، ئادىللىقنى ئۇنتۇمىدى. ئۇ ھەر قانداق ھارامتاماقلىقنى كىشىلىك ئارىسىدىكى كەچۈرگۈسىز ئېغىر قىلمىش دەپ بىلەتتى.

قەمبەرخانىمنىڭ ھەقىقەتەن كۆكسى- قارنى كەڭ، پىكىر يولى ئادىل ئىدى.

ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، نىيىتى خالىس ۋە ھالال بولغاچقا، مەملىكەت ئىچى ھەتتا خالقئارا پېستىۋاللارغا نامزات كۆرسىتىش، ئادەم تاللاشتا، مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى ئېلىپ قېلىشتا باشتىن-ئاخىر پىرىنسىپتا چىڭ تۇردى، ئۆز نوپۇزى، ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، «قولى ئىچىگە ئېگىلىش»تەك بولمىغۇر ئىدىيە، ھەركەتتە بولمىدى. ئۇ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە، ھەرمىللەت مەدەنىيىتى ۋە سەنئەت مائارىپى مۇناسىۋىتىگە تولىمۇ خالىس، ھەممە مىللەت مەدەنىيىتىگە كۆيۈنگۈچى باغۋەن ئىدى. بۇ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان تولىمۇ مەردانە پەزىلەت.

قەمبەرخانىم ساختا شۆھرەتكە بېرىلمىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر سەنئىتىنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن سۆيسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئالىجاناپ كەسپى ئەخلاقىنى ئىزچىل قەدىرلىدى. قەمبەرخانىم كەسپىي ھەسەت، پۇت تېپىشىش، غەيۋەت- شىكايەتلەردىن بىر ئۆمۈر خالىي ئۆتكەنلىكى بىلەن پۈتۈن سەنئەتچىلەرگە نەمۇنە ياراتتى. ئۇ ئۆزىنى «تالانتلىق» دەپ جاكارلاندۇرۇشقا، خەلق ئۇسسۇللىرى ۋە ئوينىغان شۇنچە گۈزەل ئۇسسۇللارنى يۇقۇرى باھادا تاۋار قىلىپ پۇل ئۈندۈرىۋېلىشقا بېرىلمىگەن، ئەكسىچە، ئۇنداق قىلىشنى «خەلقتىن ئېلىپ خەلققە سېتىش»، «ئۆزىنى خەلق ئىجادىيىتىگە ئىگە قىلىۋېلىش» دەپ قارىلاپ كەلدى. ئەگەر بۇ ئېسىل پەزىلەت بولمىغاندا، ئۇ مۇشۇ ئەسىر بېشىدىن بۈگۈنگە ئۆتۈپ كەلگەن خەلق ئۇسسۇللىرىنىڭ خېلى بىر قىسمىنى ئۆز نامىغا ئاتىغان بولاتتى!

قەمبەرخانىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇق پەزىلىتىنى ئۈستىدىن يامغۇر تامچىپ تۇرغان بىر ئېغىزلىق ئۆيىدىكى غۇربەتچىلىك كۈنلىرىدىمۇ ئۈزۈلدۈرمەي كەلدى. ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ ھەرقايسى دەۋرىلىرىدىكى دوستلىرى، كەسپداشلىرى، ئوقۇغۇچىلىرىنى زادى ئۇنۇتمىدى، تاشلىمىدى. ھېچقانداق غەرەزسىز، پەك نىيەت، ئىنسانىي، باراۋەر مېھماندوستلۇق قەمبەرخانىمدا گەۋدىلەنگەن ئۇيغۇر مېھماندوستلۇق ئەنئەنىسىنىڭ بىر ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.

قەمبەرخانىم تولىمۇ چىقىشقاق، كەمتەرىن، كىشىلەرگە قولىدىن كېلىدىغانلىكى ياخشىلىقنى ئايىمايدىغان پەزىلەت ساھىبى ئىدى. ئۇ مەنسەپدار ياكى ئاۋام، كادىر ياكى پۇقرا، پىشقەدەم ياكى كىچىك بالىلار بولسۇن ھەممىسى بىلەن چىقىشىپ، ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كەلگەن. ئۇنىڭ قوشنىلىرى، ئائىلە ئاياللىرى ۋە پەرزەنتلەر بىلەن بولغان نۇرغۇن- نۇرغۇن قىزغىن سۆھبەتلىرى ھېلىمۇ كۆڭلىمىزنى ياشنىتىپ تۇرۇپتۇ. قەمبەرخانىم بىر زامانلاردا ئۆزىنى قارىلىغان، چەتكە قاققان كىشىلەرگىمۇ غۇم ساقلىماي، ئۇلار بىلەن چىقىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ھاياتى خەلق بىلەن ياشىغان ھايات ئىدى. ئۇ ئەمەل- ئۇنۋانلىق ئادەملەرنى پەرقلەندۈرىدىغان، يۇقىرى- تۆۋەنلىك پەلەمپەيلىرىنى كۆز- كۆز قىلىپ، ئىنسانلىق ئارىسىغا رېشاتكا- توساقلار پەيدا قىلىدىغان غەلىتە ناملاردا ئاتاشتەك خاھىشلارنى ياقتۇرمايتتى.


ئىزگۈ نىيەت، خاسىيەتلىك زىيارەت


«ئەسسالام ئەل-يۇرت، مەن بۇ يەرگە ماھارەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، سالام بېرىش ئۈچۈن كەلدىم».

                                                    ــ قەمبەرخانىم


1993-يىلى ئاۋغۇستتا يېشى 80 گە يېقىنلاپ قالغان قەمبەرخانىمنىڭ ھاياتىدا مەڭگۈ ئۇنتۇلماس تەشەببۇسكار، ئاجايىپ ئىزگۈ ئوبرازلىق پائالىيەت يۈز بەردى. بۇ ئۇنىڭ پىشقەدەم سەنئەتچىلەر بىلەن كەڭ ئۇيغۇر ئەمگەكچى خەلقى توپلىشىپ ياشايدىغان جەنۇبى شىنجاڭغا قىلغان ئويۇن كۆرسىتىش سەپىرى ئىدى.

قەمبەرخانىمنىڭ بۇ قېتىمقى جەنۇپ سەپىرىدە ئۆز ئالدىغا ئىزگۈ مەقسىدى بار ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى، دائىم دېگۈدەك كېسەل ئازابىدا تۇرغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتى خەلققە چەمبەرچاس باغلانغان ھايات ئىكەنلىكىنى، بوينىدا خەلقتىن ھېساپسىز قەرز ۋە پەرزى بارلىقىنى ھېس قىلغانىدى. قەمبەرخانىم ھەقىقەتەن ھەممە كىشى قىلىپ كېتەلمەيدىغان، ھەتتا «مەن- مەن» دەيدىغان كاتتا كىشىلەرمۇ ئويلاپ يېتەلمەيدىغان خەلققە مۇھەببەت، خەلققە جاۋاپكارلىق ۋە ئىنتايىن كەمتەرلىك روھىيىتى بىلەن دوختۇرخانىدىن قېچىپلا، كىسلارود قاچىسىنى كۆتۈرۈپ جەنۇپ سەپىرىگە ئاتلاندى.

ئۇ يەتتە مىڭ كىلومېتىر يول بېسىپ كۇچا، قەشقەر، يېڭىشەھەر، يەكەن ناھىيىلىرى بىلەن ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن شەھەرلىرىدە پىشقەدەم سەنئەتچىلەر بىلەن جۇددى ئۇسسۇل ئارتىسلىرىدەك كىيىنىپ، گىرىم قىلىپ سەھنىگە چىقىپ ھەرقايسى ئۇسسۇل پەدىلىرىگە لەرزان ئۇسسۇل ئوينىدى. ئۇ 30 مەيدان ئويۇن كۆرسىتىش جەريانىدا سەھنىدە تۇرۇپ تاماشىچىلار ئارقىلىق پۈتۈن ئۆز خەلقىگە ئاجايىپ مەنىدار، ئاجايىپ مۇھەببەتكە تولغان ئوتلۇق ۋە كەمتەرىن سۆزلەرنى سۆزلىدى.

ئۇ كۇچادا: «كۇچالىقلار سەنئەتخۇمار خەلق. مېنىڭ ئۇسسۇل ئۇستازىم كۇچا ئۇسسۇلچىلىرى، تۇنجى ئۇستازىم خەلچىخان ئاچا بولغان. مەن بۈگۈن بۇ ئۇستاز ئەلگە سالام بېرىشكە كەلدىم» دىدى.

ئۇ ئاتۇشتا: «سالام، ئېزىز خەلقىم، چىۋەر خەلقىم. مەن بۇ قېتىم دۇنياغا داڭقى كەتكەن ھەر قايسى پېشقەدەم سەنئەتچىلەرگە ئەگىشىپ، ئۇلارغا قوشۇلۇپ كەلدىم. مەقسىتىم ماھارەت كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى ھەرقايسىلىرىغا، ئەزىز خەلقىمگە سالام بېرىش ئۈچۈن» دېدى.

ئۇ قەشقەردە: «سالام، ئېزىزانە قەشقەر. قەشقەر خەلقى ئەقىللىق خەلق، ئەزىز خەلق، ھۆرمەتلىك خەلق، مېھماندوست خەلق، يەنە چىداملىق، سەۋر- تاقەتلىك خەلق. مەن ئەزىزانە قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر بۇ ماكانىنى ھەردائىم سېغىنىمەن» دېدى.

ئۇ، ئوپالغا بېرىپ مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلدى، يەكەنگە بېرىپ ئاماننىساخان ھەيكىلى ئالدىدا مەرۇزە سۆزلىدى سۆزلىدى. ئۇ: «مەھمۇد قەشقەرى ئۇلۇغ زات، ئۇلۇغ زاتنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلۇغ جاسارەت كېرەك» دېدى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، نورۇز بۇلاقتا يۈزىنى چايقىدى. ئۇ ئاماننىساخان ھەيكىلى ئالدىدا ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە ئاماننىساخاننىڭ ئۇنىڭغا قوشقان تارىخىي تۆپىسىنى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالدى.

ئۇ خوتەن سەھنىلىرىدىمۇ تاماشاچىلارنىڭ قەلبىنى ئۆزىنىڭ ھەم ئۇلۇغ، ھەم كەمتەر ئوبرازى بىلەن ئېرىتتى.

قەمبەرخانىمنى ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تۆھپىسى، ئۇنىڭ بىر تارىخىي شەخسكە لايىق پاك دىل، ئەقىللىق، كىچىك پېئىللىقى شاراپىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى تولىمۇ قەدىرلىدى. ئۇنى سۆيدى، قۇچاقلىدى، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشتى، گۈل ۋە شېئىرلار تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭ 40 –يىللاردىكى كەسپدىشى رابىيە زۇنۇن ھەدە ئۇنىڭغا كالوتون دوپپا تەقدىم قىلسا، ئەمدىلەتىن ئەرافاتتىن يانغان مۇبارەكخان ھاجىم ئۇنىڭغا قىزىل دۇخاۋىغا ئىشلەنگەن بادام دوپپا قىيدۈردى. بۇ ھەقتە قەمبەرخانىم: «ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى، قەشقەردە بىر مەيدان ئويۇن ئاخىرلاشقاندا چۈمبەل تارتىۋالغان بىر ھاجى ئايال سەھنىگە چىقىپ، ماڭا ئۆز قولى بىلەن تىككەن بىر دوپپىنى كىيدۈرۈپ قويدى. ئەلۋەتتە، ئۇ دوپپا تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ماڭا، شۇنداقلا مەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىگە تۆھپە قوشقان سەنئەتكارلارغا ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى. دېمەك، خەلقىمىز يەنىلا بىزنىڭ مىللىي سەنئىتىمىزنى قەدىرلەيدىكەن، ئۇلۇغلايدىكەن» دېدى. توققۇزاقتا بىر ئەما كىشى قەمبەرخانىمنىڭ زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئويۇن زالىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ، بۇ سەنئەت پىشىۋاسى، خەلق ئاشناسىنىڭ دىل سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىدىن ئىللىق ياش تۆكتى.

قەمبەرخانىم ئۆزى تەۋەللۇت قىلغان بەشكېرەم ئاۋات يېزىسىنى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن زىيارەت قىلدى. ئۇ كەمبەغەللەرگە، كىچىك بالىلارغا پۇل سوۋغا قىلدى.

قەمبەرخانىم شىمالىي شىنجاڭغا بارالمىغانلىقىغا ئارمان قىلىپ: «ئەپسۇس، سوغۇق چۈشۈپ قالغانلىقى ۋە سالامەتلىكىمنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك مەن شىمالىي شىنجاڭغا ئويۇن قويۇشقا قاتنىشالماي قالدىم. شىمالىي شىنجاڭدىكى ئامما ۋە سەنئەتكارلار بىلەن، بولۇپمۇ قاراماي، مايتاغدىكى ئىشچىلار بىلەن دىدار مۇلاقەت بولۇش، ئۇلاردىن ھال سوراش نىيىتىم بار ئىدى، ئۇسسۇلۇم بىلەن ئازراق بولسىمۇ ئۇلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرەلىگەن بولسام ناھايىتى ياخشى بولاتتى...» دېدى.

قەمبەرخانىم قەشقەر سەھنىسىدە تۇرۇپ: «سەنئەت- كۆرەشتىن ئىبارەت. بۇنداق سەنئەت روھى، بۇنداق كۆرەش روھى قېنىمدا بار. ئۇ ئەبەدىي ئۇرغۇيدۇ، ئەبەدىي توختىمايدۇ. خەلقنىڭ ئۇلۇغ روھىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىزنىڭ بۇرچىمىز» دېدى.

بۇ نېمەدېگەن خاسىيەتلىك زىيارەت ۋە ھېكمەتلىك سۆز!

قەمبەرخانىم ياشاشنى بىلدى. ئۇ بولسىمۇ، ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، ئەل بىلەن تەقدىرداش بولۇپ ياشاش ئىدى.

قەمبەرخانىم قېرىش سەنئىتىنىمۇ بىلدى. ئۇ ئاخىرقى ئۆمرىدە خۇددى ئۇلۇغ ئەدىپ ئەلشىر نەۋائىي ئېيتقاندەك، «تۇپراققا يېقىن»، «خەلققە يېقىن» ئۆتكەن ئۆمرىنى ئۆزىنىڭ جەنۇپ سەپىرى بىلەن يەنىمۇ نۇرلاندۇردى، بۇ ھەممىلا ئادەم مۇيەسسەر بولالمايدىغان ئاجايىپ قۇتلۇق پائالىيەت بولدى. ئۇ خەلققە نەسىھەت قىلمىدى، خەلتىن يۇلۇپ ئالمىدى، خەلق سەرپىياتى بىلەن ئويناپ- كۈلىۋالمىدى. ئەكسىچە ئۇ خەلق ئالدىدا ئورۇندىيالمىغان ئىشلىرىغا كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن، خەلققە سالام يوللاش ئۈچۈن، خەلقنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن ئۆز خەلقى ئارىسىغا چۆكتى، بۇ ئۇنىڭ بەختى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ ئالىي ئارامى، خۇشاللىقى بولدى! ئۇ ئېغىر كېسەل ئازابىغا قارىماي بۇ ئۇنتۇلماس، ئەھمىيەتلىك سەپەرنى تاماملىدى. ئۇ ئۆز ھاياتىنى، ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى ئەنە شۇنداق باشلىغانىدى. ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتۇردى.

قەدىرلىك ئۇستازىمىز قەمبەرخانىمنىڭ روھى خەلقىمىز بىلەن مەڭگۈ بىللە!


مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 1994يىل 4-،5-سان

تورغا ئۇزاتقۇچى: م.قادىر (ھۇما)

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش