چىرا يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت كۇرسى ئېچىلدى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، چىرا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان چىرا يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت كۇرسى 2015-يىل 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى «كۆمۈركان مېھمانسارىي»دا ئېچىلدى.
كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھوشۇر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت - ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ، چىرا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىلشات مەتنىياز ۋە چىرا ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىن بۇ قېتىمقى كۇرۇسقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن يازغۇچى، شائىرلاردىن بولۇپ 21 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
كۇرۇسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا رەئىس ئازات سۇلتان مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە چىرا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۇ قېتىملىق كۇرۇسنى تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىپ، نۆۋەتتە يازغۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىلھام بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئاندىن مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدىكى فاڭجىن-سىياسەتلىرى، ئىجادىيەت مەسىلىلىرى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىقلار ھەققىدە كونكىرىت توختىلىپ ئۆتتى. شائىر،يازغۇچىلاردىن پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىجادىيەتتە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.