يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: gulahma

چىرا يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت كۇرسى ئېچىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-9 21:51:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت سېپىدىكى سەبداشلىرىمنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىنىڭ يەنىمۇ ئوتۇقلۇق بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-11-9 22:23:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو كۇرسقا قاتناشقان بارلىق ئەزىزلەرگە ئوتلوق سالام

سالام دېدى ئامىنە ،
گۈزەل دىيار پامىردىن ،
ئۇرۇق تۇققان ، قېرى- ياش ،
گۈلەندەم ھەم ئامىردىن .

چىرىدىكى ئەدىپلە ،
گۈلزارلىققا جەم بوپتو .
ئىككى تۇرەم @ قېتلغاچ ،
ھەممە ئىشلار ھەل بوپتو .

تىرىشايلى تىرمىىشىپ ،
بەكمو كەڭرى سەھنە بار .
كەڭ سەھنىگەياراشقان ،
ئازاتكام دەك سەركە بار .

ئىككى تۇرەم @ - مۇختەر سۇپۇرگى موئەللىم  بىلەن ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۇرۇك .

2015-11-9-ئاقتۇ

ۋاقتى: 2015-11-9 22:37:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھىيەمىز ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقان دىلشات مەتنىياز قاتارلىق رەھبەرلەرگە چىن دىلىمدىن سالام يوللايمەن، ئۆگۈنۈش كۈنلىرىڭلار مەنىلىك ئۆتكەي، تۇرسۇنجان ئاكا پائالىيەتنىڭ يېڭى سۈرەتلىرىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز.

ۋاقتى: 2015-11-9 23:59:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرا يازغۇچىلىرى پائاىيەتلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ، مول ھوسۇللۇق بولۇشىغا ، قەلەملىرىگە بەرىكەتلەر يېغىشىغا تىلەكداشمەن .

ۋاقتى: 2015-11-10 10:38:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلرنىڭ پائالىيىتىڭلرنىڭ ئۇڭۇشلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن! كىرگەندىن كېيىن چىرىنىڭ ئانا ژورنىلى «ئانار چېچەكلىرى» ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭلرنى سەمىمى ئۈتۈنىمەن.

ۋاقتى: 2015-11-10 10:40:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇرۇسقا قاتناشقان چىرا قەلەمكەشلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
بۇ كۇرسقا تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەمتىمىن ئابدۇۋېلى، دولقۇن جاپپار، مەخمۇد سېدىق مۇئەللىم، ئەزىز سەيدەخمەت، زەيتۈنەم مەمتىمىن، ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)، ئەنۋەر مەڭلىك، ئابدۇغىنى قۇرباننىياز، ئابلەت ئابدۇقادىر، ئابدۇخەۋەر مەتسايىم قاتارلىقلار قاتنىشالماي قالدى. قاتناشقان قېرىنداشلارنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mungdax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-10 10:50  


ۋاقتى: 2015-11-10 11:26:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچىنىڭ سۇغۇق ھاۋاسىنى قىزغىنلىقىڭلار بىلەن ئىللىتىۋېتىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.ھەممىڭلارغا بەركەت يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-11-10 15:57:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mungdax يوللىغان ۋاقتى  2015-11-10 10:40
كۇرۇسقا قاتناشقان چىرا قەلەمكەشلىرىنى قىزغىن تەبرىكل ...

بۇ ئادەمنىڭ كوڭلىنى ئاچچىق قىلىدىغان ئەپسۇسلۇق ئىش بۇلاپتۇ. چىرىدىكى غوللۇق قەلەمكەشلەرنىڭ يېرىمى دىگۈدەك قاتنىشالماپتۇيا مانا. بەلكىم يىل ئاخىرىدىكى خىزمەت قاتىلاڭچىلىقى توسۇپ قويغان چاغۋا. ئۇلار بىر ئىلاج قىلىپ، رۇخسەت سوراپمىتۇ بولسىا بارغان بولسا بەك ياخشى ئىش بۇلۇتكەن ئەسلى.  

باھا سۆز

ئئەدەبىي تىلدا ئىنكاس يېزىشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىز...  ۋاقتى: 2015-11-10 04:15 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-10 23:55:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۈگۈن چۈشتىن ئىلگىرى قوش تىللىق يازغۇچى، شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەربىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن  رەئىسى، يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم مۇھىم سۆز قىلىپ، يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە ھېكايە ئىجادىيىتى ھەققىدە توختالدى. بۇ جەھەتتە زۇردۇن سابىرنىڭ" ئىھ، تۇپىلق يول' ، مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ '' قىرلىق ئىستاكان''  ، ۋاڭ مىڭنىڭ شىنجاڭ تېمىسىدىكى ئەسەرلىرى، نوبىل ئەدەبىياتى مۇكاپاتى ساھىبى مويەن، تۇركىيە يازغۇچىسى ئۇرخان پامۇك ئەسەرلىرى ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ  خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان '' ۋاقىتىنىڭ پىنھان يۈزى'' رۇمانى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتتى.

_Y7A5462.JPG

_Y7A5609.JPG

_Y7A5584.JPG

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulahma تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-11 10:19  


ۋاقتى: 2015-11-11 00:43:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملاغا دىققەت قىلايلى .

ۋاقتى: 2015-11-11 01:02:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرا يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت كۇرسى نى تەشكىللىگەن، بىۋاستە رەھبەرلىك قىلغان ۋە يىتەكلىگەن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھوشۇر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت - ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ مۇبارەك تىنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە ۋە تۇرمۇشىغا بەخىت، كۆڭلىگە خاتىرجەملىك، خىزمىتىگە ئۇتۇق، ئىجادىيەتلىرىگە نۇرانە پەللە تىلەيمەن!
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قىتىمقى كۇرسىنىڭ ياخشى باشلىنىپ مۇئاپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىشىغا تىلەكداشمەن!
بۇ قىتىمقى كۇرۇسقا بىۋاستە قاتناشقان ئەجىر-مىھنەت ساھىبىلىرى ۋە قەلەمكەشلەر، جۈملىدىن : مۇختەر سۇپۇرگى موئەللىم  ،ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۇرۇك، گۈلنىسا ئىمىن گۈلخان قاتارلىق ئەدىپلەرنىڭ ئىجادىيەت سەپىرىگە ئاق يول تىلەيمەن!
ھەممىڭلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىڭلار خەيرىلىك ۋە ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتكەي!.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-11 10:36:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    10-كۈنى چۈشتىن كىيىن، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت - ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت سۆھبەت يېغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۈگۈنىش،يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، سۈپىتى، يازغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشى،ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىقلار ھەققىدە خەنزۇ ئەدەبىياتى ۋە چەتئەل ئەدەبىياتىدىن كونكىرىت مىساللارنى ئېلىپ توختىلىپ ئۆتتى ۋە يازغۇچىلار تورى، تور ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەردى.

_Y7A5653.JPG

_Y7A5684.JPG

_Y7A5646.JPG بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulahma تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-11 10:43  


ۋاقتى: 2015-11-11 15:33:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرا ئەدىبلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تەربىيەلەش پائالىيىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن. تونۇش چىراي، تونۇش سىيمالارنى كۆرۈپ يۈز كۆرۈشكەندەك خۇشال بولدۇم. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرۇسىنىڭ كۇرسانتلارنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە مۇئەييەن يېتەكلەش رولىنى ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ۋاقتى: 2015-11-11 17:18:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ پائالىيەت بىلەن مۇشۇ ئەزىز ئۇستازلار بلەن  ھەمسۆھبەتتە بولالىغان  بولسان  نىمىدىگەن ياىشى بۇلاتتى ھە،  ئۇلار ئۈرۈمچىدە   بامىدۇ   ھازىر

باھا سۆز

با ، ئمكان بولسا كۇرۇشۇڭ ، بو بەك ياخشى پۇرسەت.  ۋاقتى: 2015-11-11 09:49 PM
ۋاقتى: 2015-11-11 18:16:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرا ۋە خوتەندىن بارغان مېھرى ئىسسىق قەلەمكەشلەرگە چوڭقۇر سالاملار بولسۇن! ھەممىڭلارنىڭ جۇشقۇن روھ، جۇشقۇن تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈشۈڭلارنى، شادىمان ۋە بەختىيار بولۇشۇڭلارنى،  يەنىمۇ سەرخىل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشىڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!  
  قەدىناس دوستلاردىن مۇختەر سۈپۈرگى مۇئەللىم، ئەخمەتجان بەگتۈرك، مېھرىگۈل ئابلىز نەزەرگە ئالاھىدە سالاملار بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش