ئىگىسى: gulahma

چىرا يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت كۇرسى ئېچىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-11 18:42:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرا ئەدىبلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تەربىيەلەش پائالىيىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-13 11:49:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن ئاۋال <<تارىم>> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ياسىن زىلال، تەكلىپ بىلەن ژۇرنال تەھرىراتىدىكى مۇھەررىرلەرنى باشلاپ كېلىپ چىرا يازغۇچىلىرىغا ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە دەرىس ئۆتتى ھەم ئىجادىيەت ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى.

_Y7A5725.JPG

_Y7A5832.JPG

_Y7A5855.JPG

_Y7A5709.JPG

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-13 12:16:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، چىرا يازغۇچىلىرى ئۈرۈمچى تۇمارىس مېھمانسارىيىدا <<جۇڭگو مىللەتلىرى>> ژۇرنىلى تەھرىراتىدىكى مۇھەررىرلەر بىلەن ئەدەبىي ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى ھەم ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، پىشقەدەم رەھبىرىمىز ئىسمايىل ئەھمەد ئاكىنىڭ سەمىمى قوبۇل قىلىشىغا نائىل بولدى.

_Y7A1.JPG

_Y7A3.JPG

_Y7A2.JPG


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulahma تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-13 12:18  


ۋاقتى: 2015-11-13 12:24:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
_Y7A44.jpg

_Y7A5.JPG

_Y7A6022.JPG

_Y7A6055.JPG

ۋاقتى: 2015-11-13 12:38:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن ئاۋال يازغۇچى ئەخەت تۇردى تەكلىپ بىلەن كېلىپ چىرا يازغۇچىلىرىغا پىروزا ئىجادىيىتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ بەردى.

2Y7A6821.JPG

2Y7A6892.JPG

2Y7A6900.JPG

2Y7A6905.JPG


ۋاقتى: 2015-11-13 15:00:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر تەكلىپ بىلەن كېلىپ، چىرا يازغۇچىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تەجىربىلىرى ئاساسىدا دەرىس سۆزلەپ بەردى ۋە چىرا يازغۇچىلىرىنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

2Y7A6931.JPG

2Y7A7126.JPG

2Y7A7151.JPG

ۋاقتى: 2015-11-14 11:45:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشىكىڭنى ئاچ بولۇتلار

گۇلنىسا ئىمىن گۈلخان

دۆپۈر -دۆپۈر ئاتلار  كەلدى،
تارام -تارام سۇلار كەلدى،
نەمخۇش چاچلار كىمنىڭ ئسىدە،
تۇردۇم سېغىنىشنىڭ كۆكسىدە.
ئىشىكىڭنى ئاچ بولۇتلار
ئىشىكىڭنى ئاچ ئەي خىياللار.
تەكلىماكاندىن كەلدى بىر تال شاخ،
كەل قونغىن كۈلرەڭ قۇچقاچلار،
تەكلىماكاندىن كەلدى بىر يىگانە قەلب،
گۈلساي ھېچنىمە دېمەي ئۇنى قۇچاقلا.
بىر ئادەم ئۆتۈپ كېتىدۇ ئالدىراش ،
ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرار قوياش.
غېرىپلىق ئارىلاش ياتسىراش ھىدى
تارقىلىدۇ قورغاق ھاۋادا
ئەتكىنىچە قىشنى چىڭ باغاش.
ئەي ئىگىزلەۋاتقان ئاسمان
ئەي يالىڭاچلىنىۋاتقان دەرەخلەر
ئىشىكىڭنى ئاچ.
بۇ تىنىقلار كىملەرگە ماكان.
بۇ كۈنلەر ناتۇنۇش يوللاردەك ياتقان.
مەن مۇزدەك قولۇمنى تۇتۇپ  ئولتۇرۇپ،
ئاقۇش جمىجىىتلىق بىلەن قۇملۇققا قايتقان.
نەمخۇش تۇيغۇلار جېنىمغا پاتقان.
كەچ كىرەي دەيدۇ، بۇ كېچە يوق شەھەر.
ئەي شەھەر!
ئىشىكىڭنى ئاچ.....

2015.11.9 ئۈرۈمچى

ۋاقتى: 2015-11-14 21:06:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، چىرا يازغۇچىلىرىغا ئوتلۇق سالام!

ۋاقتى: 2015-11-17 05:52:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، <<تەڭرىتاغ>> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى پولات ھېۋىزۇللا، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەركىن نۇر ۋە ئىمىر ھەسەن ماخمۇت، ئەكپەر سالىھ، مۇسا ئەھەت قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن چىرا يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت كۇرسىغا كېلىپ، چىرىلىق ئەدىبلەر بىلەن ئىجادىيەت ھەققىدە سۆھبەتتە بولۇپ، ژۇرنالغا كېلىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ ئەھۋالى، ئەسەرلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ھەم ئەسەرلەرگە قويىلىدىغان تەلەپلەر ھەققىدە قىزغىن پىكىرلەشتى.

2Y7A72710.jpg

2Y7A7418 拷贝.jpg

2Y7A7395.JPG

2Y7A7390.JPG

2Y7A7328.JPG

2Y7A7271.JPG

2Y7A7217.JPG

ۋاقتى: 2015-11-17 06:00:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئابلىكىم ھەسەن، تەكلىپ بىلەن چىرا يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت كۇرسىغا كېلىپ، چىرىلىق ئەدىبلەرگە نۆۋەتتىكى نەشرياتچىلىق ۋە بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە چىرىلىق ئەدىبلەرگە لېكسىيە سۆزلەپ بەردى.


2Y7A7516.JPG

2Y7A7580.JPG

2Y7A7592.JPG



ۋاقتى: 2015-11-19 12:04:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەت كۇرسى تۈگەپ خۇلاسىلىغان كۈنى، بىر ھەپتە ۋاقىتنىڭ قانداقلارچە شۇنچە تىز ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئىشىنەلمەي قالدۇق. قىسقىسى، لىكسىيە داۋامىدا بىز ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجراتقان ئەدىبلەرگە، مۇشۇنداق ياخشى سورۇننى ھازىرلاپ بەرگەن رەھبەرلەرگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. خەيرىلىك ئىشلار داۋاملاشقاي.

ۋاقتى: 2015-11-23 21:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرىدىكى بارلىق ھۆرمەت ساھىبىلىرىگە سالامەتلىك يار بولسۇن!ئىشلىرى خەيرلىك ۋە بەركەتلىك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-11-26 18:04:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  ئىش  بوپتۇ .

ۋاقتى: 2015-11-26 22:24:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش،تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئەجىر قىلغان رەھبەرلەر، ھارمىغايسىلەر! بۇ يىل ھەقىقەتەن ياخشى يىل بولدى.  چىرىدىكى بارلىق ئەدىپ ۋە ئەدىبەلەرگە مېھرىگۈل ۋە گۇلنىسا ھەممەيلەنگە ئوتلۇق سالام!

ۋاقتى: 2015-11-30 23:14:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشات مەتنىياز،مىھرىگۈل ،ئەخمەتجان بەگتۈرۈك،ئالىمجان قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئۆگىنىشى مۇۋاپىقىيەتلىك ،كېيىنكى ئىزلىنىشلىرى مول-ھوسۇللۇق بولغاي!ناھىيىمىزنىڭ ئەدەبىيات -سەنئەت ئىشلىرى تېخىمۇ روناق تاپقاي!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش