كۆرۈش: 3357|ئىنكاس: 45

چىرا يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت كۇرسى ئېچىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چىرا يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت كۇرسى ئېچىلدى

_Y7A5363.JPG

     شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، چىرا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان چىرا يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت كۇرسى 2015-يىل 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى  «كۆمۈركان مېھمانسارىي»دا ئېچىلدى.
      كۇرسىنىڭ  باشلىنىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھوشۇر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت - ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ، چىرا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىلشات مەتنىياز ۋە چىرا ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىن بۇ قېتىمقى كۇرۇسقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن يازغۇچى، شائىرلاردىن بولۇپ 21 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
   كۇرۇسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا رەئىس ئازات سۇلتان مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە چىرا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۇ قېتىملىق كۇرۇسنى تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىپ، نۆۋەتتە يازغۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىلھام بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئاندىن مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدىكى فاڭجىن-سىياسەتلىرى، ئىجادىيەت مەسىلىلىرى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىقلار ھەققىدە كونكىرىت توختىلىپ ئۆتتى. شائىر،يازغۇچىلاردىن پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىجادىيەتتە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

_Y7A5273.JPG

_Y7A5383.JPG

_Y7A5359.JPG



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-9 16:05:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرا يازغۇچىلىرى ئىجادىيەت كۇرسىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2015-11-9 16:11:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرا يازغۇچىلىرىغا سالام

ۋاقتى: 2015-11-9 16:18:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«... چىرا ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىن بۇ قېتىمقى كۇرۇسقا قاتنىشىش  ئۈچۈن كەلگەن يازغۇچى، شائىرلاردىن بولۇپ 21 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.» يەنە «...نۆۋەتتە يازغۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش...» مېنىڭ مۇنداق سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ «مەخسۇس چىرا ناھىيىسىدىكى يازغۇچىلار ئۈچۈن تەشكىللەنگەن بۇ كۇرسقا ىوتەننىڭ چىرىدىن باشقا ناھيىلىرىلىرىدىنمۇ يازغۇچى، شائىرلار قاتناشتىمۇ، قاتناشمىغان بولسا «قاتارلىق...»نى جۈملىگە سۆگەل قىلىۋېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟!» بۇ بىر قىسقا خەۋەردە
«قاتارلىق» دېگەن سۆز ئارتۇقچە بولۇپ قالغان، ئۇندىن باشقا «يازغۇچىلار قوشۇنى تەربىيىلەش...» نى «يازغۇچى، شائىرلارنى تەربىيىلەش...» دەپ ئالساقلا بولاتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەتتارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-9 16:22  


باھا سۆز

چىرىدىن باشقا ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرۈك، مۇختار سۈپۈرگى قاتارلىقلارمۇ بار  ۋاقتى: 2015-11-9 04:21 PM
ۋاقتى: 2015-11-9 16:25:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرىدىن باشقا جايلاردىن قاتناشقانلار بار بولسا ، ئايرىم-ئايرىم ئىزاھلاش كېرەكقۇ دەيمەن.بەك .ئىنچىكىلەپ كەتكەن بولسام كەچۈرگەيسىلەر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەتتارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-9 16:26  


ۋاقتى: 2015-11-9 16:54:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       بۇ پائالىيەتنىڭ ئۈنىمى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ ! ئىجادىيەتتە خامان ئالغايسىلەر، ئەزىزلەر!

ۋاقتى: 2015-11-9 17:39:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرىدىكى قەلەمكەش دوستلارنىڭ قۇتلۇق پائالىيەتلىرىگە مۇۋەقىيەتلەر يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-11-9 17:55:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرا ناھىيەسىدىن ئۆرۈمچىگە ئىجادىيەت كورسىغا بارغان قەلەمكەش دوستلارغا سالام.
ھەممىڭلارنىڭ مول ئىجادىيەت تەجرىبىسى يېغىپ كېلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-11-9 18:03:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  چىرا ئ‍ەدىبلىرىنىڭ ئ‍ۆگىنىش، ئ‍ىزدىنىش مەنزىلىگە قۇت يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-11-9 18:08:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھام ۋە مەدەتكە ئېرىشتۈرىدىغان پائالىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن بولۇۋاتىدۇ. دوستۇم گۈلنىسا  باشچىلىقىدىكى چىرا ناھىيىلىك يازغۇچىلار قوشۇنىدىكىلەرنىڭ بۇ قېېتىمقى ئالتۇن دەملەردىن تېىمۇ مول ھوسۇللۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2015-11-9 18:12:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشكىللەش، ئويۇشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ، قوللاش ئىشلىرىغا كۈچ چىقارغان، چىقىرىۋاتقان  ئەدەبىيات ئاشىنالىرى ئامان ، ئىشلىرى راۋان بولغاي.
   گۈلخانغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت يار بوپتۇ-دە؟ مۇبارەك!

ۋاقتى: 2015-11-9 20:20:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشات مەتنىياز،مىھرىگۈل ،ئەخمەتجان بەگتۈرۈك قاتارلىق دوستلارنىڭ ئۆگىنىشى مۇۋاپىقىيەتلىك ،كېيىنكى ئىزلىنىشلىرى مول-ھوسۇللۇق بولغاي!

ۋاقتى: 2015-11-9 21:05:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مۇبارەك بولسۇن .

ۋاقتى: 2015-11-9 21:35:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىگۈلنىڭ ئىجادىيەت قەدەملىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار يار بولغاي!!!!

ۋاقتى: 2015-11-9 21:46:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنىسا ئىمىن گۈلخانغا ئوتلۇق سالام يوللايمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش