ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر!
مۇھەممەد قادىر بارخان ئۇستاز مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىننىڭ ‹روبائىيات›ىنىڭ 1- قىسىمى ئۆزىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن 2- قىسىمىنى يوللىغانلىقى ئىزاھاتى بىلەن مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىننىڭ روبائىيلىرىنى مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان ئىدى، بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ كىتابنى تاپالمايۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزۈمدە بار ئەۋزەللىكتىن مۇنبەرداشلارنىمۇ بەھر ئالغۇزۇش مۇددىئاسىدا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇستاز مۇھەممەد قادىر بارخاننىڭ ساۋابلىق ئىشىدىنى ‹قىزغىنىپ› مەزكۇر ‹روبائىيات› نىڭ 1- قىسمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، ھەم شۇ باھانىدە مەنمۇ بىر قېتىم كۆچۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق ئۆزۈمنى كۈچلەندۈرۈشكىمۇ مەنپەئىتى يېتىپ قالار دېگەن ئۈمىدىممۇ يوق ئەمەس!
روبائىيدىنلا باشلىدىم:
1
ئارۇز ۋەزنىنىڭ بەھرى رەمەل شەكلىدە يېزىلغان روبائىيلار
1
مېھمىنىم! بۇ مەينى سۇندۇم سىز ئۈچۈن مەن ئىپتىدا،
زېھنىمىز ھەم قەلبىمىز قىلغاچقا بىر خل ئىقتىدا (1).
شۇنچە ھۆرمەت سىزگە ئىنئام، بۇ شاراب ساقىيسىدىن،
باغرىڭىزدا ئېرىگەن مەيدىن كېلۇر قالمىش سادا.
2
نەدىن ئالسۇن نەۋباھار زىننەتنى ئۇ گۈل بولمىسا،
كىم يېتەر گۈل قەدرىگە شەرھىيچى بۇلبۇل بولمىسا.
ئەشۇ بىر قەرنىدە(2) سىزگە كەلدى دۇچ ھەر خىل رەقىب،
شۇنچە ياۋنى كىم يېڭەر، قەلبىدە نۇر يول بولمىسا.
3
مەن گۈزەللىك ئاختۇرۇپ، رەسسام كەبى ئالەم ئارا،
ھەمدە شىرىنللىكنى ئىزلەپ، كېپىنەك بولدۇم يانا...
تەلپۈنۈپ كۈيلەشكە شادلىقنى بولۇپ شائىر گويا،
ئاقىۋەت بىلدىم بۇلار ئۆتكۈنچى، نىسپىي، بىۋاپا.
4
رۇمكىنى كۆزئەينىكى قىلدىم، ئېشىپ مەيخور ھاۋا،
چايقىلىپ تۇرغان قەدەھتىن ئاختۇرۇپ بىر مەھلىقا.(3)
غەرق ئىدىم زېھنىم ئارا...كۆزۈمدە پەرھاد ئەينىكى،
مەيدە كۆردۈم ئەنە شىرىن! كەلمىدى ئەمما سادا.
5
بولمىسا قەلبىڭدە شام، تۈندە قالۇرسەن بىزىيا، (4)
يانمىسا باغرىڭدا بىر ئوت، نەزمە بولمايدۇ سىيا...
ئەلنى سەن كۈيلەپ، سېنى ئەل كۈيلىسە ئۆلمەس ئىشىڭ،
بەرق ئۇرار ھەسەن-ھۈسەن گويا بولۇپ ئاسماندا يا.
6
بىر پەرى كۆردۈم سەھەر شەلپەر ئۇپۇقنىڭ قوينىدا،
سايىدىن زىننەت ياساپ، زۇمرەت ئېقىننىڭ بوينىدا.
ئاپىرىن ئالەم سېنىڭ زىبالىرىڭ چوغلۇق، بىراق،
سالما چاچى ئەركىلەر قايسى ئېزىزنىڭ بوينىدا.
7
شۇنچە كۆركەم تاغۇ -دەريا ئۈستىدە قۇتلۇق ھاۋا،
گۈل -گۈلىستان باغۇ -بوستان قوينىدا قايناق ناۋا.
بۇ ھاياتنىڭ رەڭگىگە مەردانىلەر زىننەت بېرەر...
بەختۇ-شەۋكەت تىز پۈكۈر دىللاردا يانسا ئوت لاۋا.
8
مۇنتەزىرمەن قۇي ماڭا، رۇخسار شارابى ساقىيا!
جامى ئەينەكتە كۆرۈنسۇن شۇ گۈزەل شىرىن قىيا...
بىر كۆرۈش بىرلە دىلىمنى قىلدى مەپتۇن جادۇ كۆز...
بەرمىدى تۈن ئۇيقۇسى ئۇ قىچقىرىپ بۇلبۇلگويا.(5)
9
گۈل ئەمەس گەر بەرگىدە جۇش ئۇرمىسا خۇش بۇي ھاۋا،
يوق ئىكەن بۇلبۇل ئەمەس، گەر لەۋزىدە كەيپى ناۋا.
باتۇر ئەرمەس تەقدىرى، گەر كەلمىسە مۈشكۈلگە دۇچ،
بولمىسا ئاي ۋە قۇياش، گۈمبەز بىلەن پەرقسىز ساما.(6)
10
ئەگىدىم مېھرىڭ شېخىنى زوق بىلەن تاڭ ۋاقتىدا،
تەلپۈنۈپ باقتىم چېچەككە خۇددىي كۈتكەندەك نىدا.(7)
مايسىلار ئۈستىدە قاپتۇ تۈنكى سۆھبەتتىن ماكان،
ئاقتى مەڭزىمگە يېشىم، سىماپ بولۇپ كۆزدىن جۇدا.
11
قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ ھەر بېتى قامۇس ماڭا؛
مەيلى قايغۇ، مەيلى شادلىق، كەلگىنى -ئامەت ماڭا.
بولسا گەر قەلبىڭدە ھىكمەت قىلغۇلۇق جۇتنى باھار،
بولمىسا قەلبىمدە ھىكمەن ئامىتىم ئاپەت ماڭا.
12
ئىنتىزارمەن قۇي ماڭا، لەۋ جامىدىن مەي ساقىيا!
ئوت بولۇپ كۆيگەن يۈرەككە شەربىتى لەۋدۇر شىپا.
بىر قەدەھ ئىچمەك بىلەن بولسام جۇنۇن (8) بىلمەڭ گۇنا،
نەئىلاج؟ تۈن ئۇيقۇدىن كەچكىن دېسە، بۇلبۇلگويا.
13
ئەرك ئۈچۈن جاندىن جۇدا بوماق شەرەپكە ئىپتىدا،
لەنىتى كۈندۇر ياشاش بولماي خالايىققا پىدا؛
ئۆز ئۆيىنىڭ راھىتى ئالدارمۇ مەردنىڭ قەلبىنى،
تېخى غۇربەت زەنجىرى تۇرسا غېرىبنىڭ بوينىدا.
14
خۇنپۇرۇش (9) بولدۇم ھامان، ئەي خۇنپەرەرس جانان ساڭا،
مەيپۇرۇش(10) بولدۇڭ ھامان، بۇ مەي پەرەس بولغان ماڭا.
گۈل يۈزۈڭ خۇشتارلىغى، خۇنسىزغازاڭ بولدى يۈزۈم،
قىلدىمۇ بەخشەندە ئالەم بىھېساب ئەپغان ماڭا؟
15
گۆھەرۇ زۇمرەت ۋەياقۇت جەم بولۇپ بىر قۇتىدا،
نۇر چېچىپ تۇرغان كەبى ئالماس پارىلداپ ئورتىدا...
جەم بولۇپ مەي ئىچمىكى دەنا ۋە رەنانىڭ ھوزۇر...
تۇرسادىل رىشتى نەھاجەت تاڭغىلى زەر پوتىدا.(11)
16
ئالمىلار شاخىدا كۆردۈم مەن سېنى ئاي ئورنىدا،
ئايدا يوق مۇنچە چىراي، شىرىن سۇخەن(12) شاتۇتىدا.
كېپىنەك ئاشىقلىقى، سەنچە ئەمەس گۈل ھۆسنىگە،
زەۋقمىدۇر ئۆرتەنمىكى پەرۋانىنىڭ ئىشق ئوتىدا؟
17
مىڭ تەشەككۇر، مەي قۇيۇپ سۇنغان ئېزىز ساقى ساڭا،
ئىشقىدىن مەندەك شېخى سۇنغان ئېزىز ساقى ساڭا.
روھىيەتتە قىلمىدى لوقمانمۇ ساقىچە پىكىر...
تۇرپە(13) جام-ئەسلىيۈرەك سۇنغان ئېزىز ساقى ساڭا.
18
تىغ تۇتۇپ سەن ئوۋغا چىقما، زۇلپىقارىڭ(14) بولمىسا،
قەستىكار سەيلىگە بارما، گەر تۇمارىڭ بولمىسا...
تۇت قولۇڭدا شەربىتى تولغان قەدەھنى ئەتىۋا،
مەيلى تۆك يەرگە ئىچىشكە دىلخۇمارىڭ بولمىسا.
19
ھۆرى-غۇلمانلار كېلىپ، بولدى ئۆيۈم جەننەت گويا،
ئۇندا بار لوقمان، سۇلايمان، بىلقىس ھەم بۇلبۇل گويا ‹1›
ھىكمىتى ــــ دەناغا ئۇستاز، ھۆسنى ــــ رەنا ئۈلگىسى،
بۇ ئېزىزلەرگە دىلىمدىن شەربىتى قۇتلۇق گىيا.
20
بىر قەدەھ شەربەتنى تۇتتۇم ئىككى لەبنىڭ جامىغا،
تەڭ كۈلۈپ قىلدى تەبەسسۇم، ساقىنىڭ ئىنئامىغا.
خۇش نەزەر سالسام بېغىمغا ھەممە گۈللەر مەئنىدار،
ئىچمىگەن لەۋلەرمۇ تولدى سۆيگۈنىڭ ئىلھامىغا.
داۋامى بار
|