151
بولمىدىم ياكى مۇيەسسەر كۆرگىلى «لوقمان»نىمۇ،
ئىچمىدىم تەڭ يا، ئىبنى سىنا بىلەن بىر جامنىمۇ‹12›،
شۇ ئېزىز شەمشى-چىراققا تەلپۈنۈپ پەرۋانىدەك،
كاج كېلىپ شۇم تەلىيىم سالدى رەقىپ ھىجراننىمۇ.
152
«بۇدىگە خۇرسەن بولۇپ، غەم قىلمىغىن نابۇدىگە،
كىم تەلەپتىن قالمىدى، ئاخىر يېتەر مەخسۇدىگە»‹13›
ئۇنتۇما زاھىت خالايىقتىن ئۈمىت كۈت ھەر زامان،
بەخشېتىپ ئۆتكۈزمە گۆھەر ئۆمرىنى مەبۇدىگە.
153
كۆيمىسەم مەلئۇن دېمە، كۆيسەم ساڭا مەجنۇن دېمە،
كۆيمىگىم ئۆمرۈمچىدۇر، ھەرگىز ئۇنى بىر كۈن دېمە.
تەلىيىمنىڭ يوقىدىن كۆيدۈم، سېنى بىر سۆيمۈدۈم،
گەر نېسىپ بولسا نىگار سۆيسەم لېۋىڭنى «ئىم» دېمە.
154
بىر گۈزەل كەلمەكتە باغى بىرلە نازى ھۆسنىدە،
قوزغىتىپ زوق دولقۇنى، كۆرگەن جىمى كۆز ئۈستىدە،
مەۋج ئۇرۇپ تۇرسا گۈزەللىك ئۈلگىسى گۈل كۆكسىدە،
ئەكسىتەر يۈكسەك زەپەرنىڭ شاتلىقى كۈلكىسىدە.
155
ئاق يۈزۈڭنى ئاي دېسەم، ئاي نە قىلۇر يول ئۈستىدە،
ئاي ۋىسالىڭ بەرق ئۇرۇپتۇ لالە رەڭ گۈل ئۈستىدە،
لالە گۈل دەپ قونسا بۇلبۇل، كۆيدى ئۇ، پەرۋانىدەك،
بولمىساڭ ئوت نە قىلۇر يالقۇنى بۇلبۇل ئۈستىدە؟
156
كۆرۈنەر تۈن تەسۋىرى رەيھانۇ-سۇمبۇل چېچىدە،
گۈل يۈزى گوياكى ئاي تۇرغان يېنىپ تۈن كېچىدە،
تىلسىمى قۇدرەت ماكان ئوخشار ئۇنىڭ ئاھۇ كۆزى،
سەبر ئېتەر ئالەمنى كۈندەك قىپ-قىزىل رەڭ ئىچىدە.
157
گايى تىمساق، گايى ھۇقۇش، گايى ئەژدار رەڭگىگە،
ئۆزگىرىپ ناكەس بۇلۇت، كۆپ قۇترىدى ئۆز مەيلىگە.
ئاي بىلەن چولپاننى نابۇت ئەتمىگى مۇمكىنمىدى!؟
نۇر چېچىپ تۇرسا قۇياش چەكسىز ئۇپۇقنىڭ كەينىگە!؟
158
ئۆتتى بىر قەرنە چېلىش بىرلە كۈرەش... جەڭ ئۈستىدە،
بولدى مەلۇم دوست ۋە دۈشمەن ھەر كىشىنىڭ قەلبىگە.
زوق بىلەن سالساق نەزەر كەلگۈنچى ئۇ زور قەرنىگە،
قانچە ئۆرنەك دىلدا گۈللەر قوشقىنى يەر ھۆسنىگە.
159
گۈل ئېچىلماس بولمىسا، گۈل بەرگىنىڭ ھېمايىسى،
ھۆل يېغىن بولماس مادار، سۇنغاندا گۈلنىڭ پايىسى.
گۈل گۈزەل بولغان بىلەن موھتاج يوپۇرماققا دېسەم،
دېدى بۇلبۇل: پىكرىڭىز ئىككى جاھان سەرمايىسى...
160
گەر خىيال قىلسام مۇشەققەت ئىچرە راھەت نازىنى،
ئەۋجى شاتلىقتىن سېزەرمەن قايغۇنىڭ ئاۋازىنى...
مەيلى راھەت، مەيلى كۈلپەت بولمىغاي مىزان ماڭا،
ئەلگە شەيدالىق چالۇر چىن ئىپتىخارىم سازىنى.
|