يېڭى كىتاب ئۇچۇرى (33 ـ سان)
بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى بۇ يىل 3-ئايدا دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تولىمۇ تونۇش بولغان مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى، مەرھۇم چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان «تاغلار غۇلىغاندا» ناملىق رومانىنى تونۇلغان تىل ئۇستىسى نۇرمۇھەممەد دۆلەتىنىڭ تەرجىمە قىلىشى ئارقىلىق نەشر قىلىپ تارقاتتى. ئۇندىن باشقا يەنە شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشرىياتى شائىر ئابدۇللا سۇلايماننىڭ «توغراق يېشى ــ توغراق سۇلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى شائىر مۇھەممەد ئىمىن تەرجىمە قىلغان ئەنگلىيە يازغۇچىسى گىرىنۋودنىڭ «سەرگەردان بالا» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى. تۆۋەندە بۇ كىتابلارنىڭ مۇقاۋا سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ: