ياش يازغۇچى، بالىلارنىڭ سۈيۈملۈك ئاكىسى، دىلكەش ئاغىنىمىز جاسارەت جاپپارنىڭ، بالىلارغا بېغىشلانغان ئىككىنچى رومانى «بۆرە قىز» نەشىردىن چىقتى. ئۇنىڭ «ياغاچ قۇلاق» رومانى نەشىردىن چىققاندىن كېيىن بۇ كىتاب تىلىنىڭ خاس بالىلار تىلى، ۋەقەلىكىنىڭ جانلىقلىقى بىلەن بالىلىرىمىزنىڭ ياخشى ئوقۇشلۇقىغا ئايلانغان ئىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئىككىنچى بالىلار رومانى «بۆرە قىز» مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ دەسلەپكى نۇسخىسى قولىمىزغا تەگدى. روماننىڭ مۇھەررىرى، رومان ھەققىدە گەپ قىلىشقا ئەڭ لاياقەتلىك دەپ بىلىدىغان تەلەپچان ئاغىنىمىز مۇھەممەدجان ھەسەن بۇ رومان توغرىسىدا «جاسارەت جاپپارنىڭ بۇ رومانى بالىلارنىڭ ياخشى بىر ئوقۇشلۇقى بولالايدۇ. چۈنكى بۇ روماننىڭ تىلى ساپ بالىلار تىلى، ۋەقەلىك، مەزمۇن جەھەتلەردىن بالىلار روھى دۇنياسىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرى ئېچىپ بېرىلگەن» دېدى.
رومان بەلكىم يەنە ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن بازارغا سېلىنىشى مۈمكىن.
روماننىڭ تېخرىرىداكتورى ۋە موقاۋا لايىھەلىگۇچىسى نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن.
جاسارەتتىن روماننىڭ قولىغا تەگكەنلىكىنى ئاخشام ئاڭلىغان ھامان، ئاغىنىلەر بىلەن قاراقاشتىن خوتەنگە ئات سېلىپ، كەچ بولسىمۇ كوردۇق ۋە تېلفۇندىلا رەسىمگە تارتقان ئىدۇق. ئوچۇق چىقمىغان بولسا ئەپۇ ئېتەرسىلەر.